Tag Archives: شەرقىي تۈركىستان

ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرى نېمىشقا ئالدىنىدۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرى  نېمىشقا ئالدىنىدۇ؟   « ئالدىماق ، ئالدانماق » – دېگەن سۆزلەر ، قارا نىيەت ساختىپەز بىلەن گۆل، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە خاس ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان، ئىجتىمائىيلىقى كۈچلۈك   سۆز تۈركۈملىرىدىن بولۇپ، بۇنداق سۆزلەرنى  ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر، سىياسى مەزمۇندا ئانچە قوللۇنۇپ كەتمەيدۇ . ئەمما بىز ياشاۋاتقان ئەللەردە : « سىياسەتچىلەر ئالدامچى » دېيىلگەن گەپنىڭ مەناسى بولسا، …

تەپسىلاتى »

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم بىر تۈگۈنى بولىدۇ . ئەنە شۇ باغلىنىش تۈگۈنى، مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەمكارلىق – دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ھەرقانداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭمۇ ئاجىز دۆلەتكە باغلىنىپ قالىدىغان بىر ئاجىزلىقى بولىدۇ. ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە باغلىنىپ ، بېقىنىپ تۇرىشى مۇتلەق مۇقەررەر تەرىقىدە بولسا، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئاجىز دۆلەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىشى، باغلىنىپ …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. « چەتئەل » دېگەن سۆزگە جۇغراپىيىلىك ئىزاھات بېرىلسە، مەقسەت تېخىمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولىشى مۇمكىن . مەيلى ئۇيغۇرىستان دەيلى، مەيلى شەرقى تۈركىستان دەيلى، بىلدۈرمەكچى بولغىنىمىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، پاكىستان، ھىندىستان ۋە خىتاي  ئۈستىمىزدىن ئېلان قىلغان ( گەرچە قانۇنسىز بولسىمۇ ) ۋە …

تەپسىلاتى »

مۇستەققىللىق ئىددىيىسىنىڭ چەتكە قېقىلىشى

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟ قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدىغان، ھېچ نەرسە قىلمىغان ۋە قىلالمايدىغان كىشىدىن، ھېچ كىمگە خەۋپ – خەتەر، تەھدىت كەلمەيدۇ. ئۇ ھېچ نەرسە قىلمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق خاتالىقىمۇ ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچ كىمگە پايدىسىمۇ بولمىغان  ھەم زىيىنىمۇ  بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى چەكلەشتە خىتاينىڭ باستۇرىشىغا ۋە  تۇتۇپ تۇرىشىغا، خورلىشىغا، ئاخىرىدا چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ، يەر يۈزىدىن يوقىتىشىغا تاشلاپ بېرىشنى …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟

شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟ دوكتور نىمەتۇللاھ رەشىدى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئىلىدۇر. ئۇيغۇر ئىلى- ئۇيغۇرىيە- ئۇيغۇرىستان دىمەكتۇر. ئۇيغۇرىستان- تارىخى ھەقىقەتلەرگە كورە، شەرقى تۇركىستان- سىياسى غايەلەرگە كورە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا ئۇ مىللەت تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ . ئەسلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئۇيغۇرىستان ئىكەنلىكى دۇنياچە مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە تۈركولوگى ئا. زەكى …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇر نەگە بارىدۇ؟

دوكتور ئۇيغۇر ھەبىبى دەرۋەقە 20 ئەسىرنىڭ 30 يىللىردىن بىرى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بۇ سىياسى پائالىيىتىمىزدە گەرچە ئىككى قىتىم جۇمھۇرىيەت ئىلان قىلىپ تارىخ بىتىدە شانلىق ئىزلار باسقان بولساقمۇ ،ئەمما ئىنقىلاپ مىۋىلىرنى قوغداپ قىلىشقا قادىر بولالمىدوق. كىيىنكى زامانلاردا خەلقئارا سەھنىلەردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن شەرقى تۈركىستان داۋاسىدىنمۇ ھىچبىر نەتىجە ئالالمىدۇق … بۇخۇلاسنى داۋانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھپىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى پارىج خىتاپنامىسى

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى 30-سەنتەبىر كۇنى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدا رەسمى قۇرۇلدى. 20 دولەتتىن كەلگەن 200 نەپەر ۋەكىلنىڭ (شەرقى تۇركىستان جۇمھۇريىتى سۇرگۇندىكى ھوكۇمىتى ۋەكىللىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئىككى تەشكىلى ئورگان، شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ بىردىن بىر شەرتى ۋە كاپالىتى بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىدۇ. بىزنىڭ كۇرەش نىشانىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدىكى يوقسۇللۇقلار

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدىكى يوقسۇللۇقلار   ئىنسانلار كىشىلىك ھاياتتا بىرەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ياكى بىرەر ئېغىرچىلىقنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ھامان يەنە بىر نەرسىگە ئېرىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نامراتچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كۈندىلىك زۆرۈرى تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئارتۇقراق پۇلغا ئېرىشىش لازىم. كۆڭۈلسىزلىكتىن، پاراكەندىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، خاتىرجەم مۇھىتقا ئېرىشىش كېرەك. نامراتچىلىقتىن جاق تويغان كىشى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلمىسا، ياكى تاپاۋېتىدە ئۆزگىرىش قىلماي، ياكى خىراجىتىدە ئۆزگىرىش قىلماي، ھەجەپ …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟   « ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان… سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر، ھالىڭ خەتەر..»   ئىنقىلاۋى شائىر، پىداكار زىيالىي ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينىۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىتىنى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان شېئىرىدا، يۇقىرىقىدەك مىسرالارنى يازغان. ئۇ،  ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى ئىشلەتكەن. ھەم : ئەي ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىم يەنە غەپلەتتە قالساڭ، خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلمىساڭ، …

تەپسىلاتى »