Tag Archives: Uyghur

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەرگە تەھدىت بولامدۇ؟ قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدىغان، ھېچ نەرسە قىلمىغان ۋە قىلالمايدىغان كىشىدىن، ھېچ كىمگە خەۋپ – خەتەر، تەھدىت كەلمەيدۇ. ئۇ ھېچ نەرسە قىلمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق خاتالىقىمۇ ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچ كىمگە پايدىسىمۇ بولمىغان  ھەم زىيىنىمۇ  بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى چەكلەشتە خىتاينىڭ باستۇرىشىغا ۋە  تۇتۇپ تۇرىشىغا، خورلىشىغا، ئاخىرىدا چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ، يەر يۈزىدىن يوقىتىشىغا تاشلاپ بېرىشنى …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟

شەرقى تۇركىستانمۇ، ئۇيغۇرىستانمۇ ؟ دوكتور نىمەتۇللاھ رەشىدى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئىلىدۇر. ئۇيغۇر ئىلى- ئۇيغۇرىيە- ئۇيغۇرىستان دىمەكتۇر. ئۇيغۇرىستان- تارىخى ھەقىقەتلەرگە كورە، شەرقى تۇركىستان- سىياسى غايەلەرگە كورە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا ئۇ مىللەت تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ . ئەسلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئۇيغۇرىستان ئىكەنلىكى دۇنياچە مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە تۈركولوگى ئا. زەكى …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇر نەگە بارىدۇ؟

دوكتور ئۇيغۇر ھەبىبى دەرۋەقە 20 ئەسىرنىڭ 30 يىللىردىن بىرى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بۇ سىياسى پائالىيىتىمىزدە گەرچە ئىككى قىتىم جۇمھۇرىيەت ئىلان قىلىپ تارىخ بىتىدە شانلىق ئىزلار باسقان بولساقمۇ ،ئەمما ئىنقىلاپ مىۋىلىرنى قوغداپ قىلىشقا قادىر بولالمىدوق. كىيىنكى زامانلاردا خەلقئارا سەھنىلەردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن شەرقى تۈركىستان داۋاسىدىنمۇ ھىچبىر نەتىجە ئالالمىدۇق … بۇخۇلاسنى داۋانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھپىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى پارىج خىتاپنامىسى

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى 30-سەنتەبىر كۇنى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدا رەسمى قۇرۇلدى. 20 دولەتتىن كەلگەن 200 نەپەر ۋەكىلنىڭ (شەرقى تۇركىستان جۇمھۇريىتى سۇرگۇندىكى ھوكۇمىتى ۋەكىللىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئىككى تەشكىلى ئورگان، شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ بىردىن بىر شەرتى ۋە كاپالىتى بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىدۇ. بىزنىڭ كۇرەش نىشانىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق …

تەپسىلاتى »

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى ئەسەر ئاپتۇرى:كۈرەش ئاتاخان -بۇ ئەسەر مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يولىدىكى سادىق دوستلىرىمىزغا، مىللىي مۇستەقىللىق سېپىمىزدىكى جەڭگىۋار قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە سىياسىي كۈرەشلەرىمىزدە مىللىي ئىرادەمىز بىلەن بىر بۇرۇندىن نەپەس ئېلىۋاتقان پىداكار سەبداشلارىمىزغا چىڭ يۈرەكدىن ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئارماغان قىلىندى! -ئاپتۇردىن بىرىنچى بۆلۈم: كىرىش شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى.شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇبارەك …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تېپىلامدۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تېپىلامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ ئانىدىن تۇغما، تەبىئى خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى باشقىلارنى دوراشتۇر. تىببى ۋە پىسخېك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئېيتقاندا، ھامىلە ئۈچ ئايلىقتىن باشلاپ سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى، خاپىچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى، قاتتىق چوقان- سۈرەن بار يەرگە يولىماسلىقى، كۆڭۈلنى كۆتىرىدىغان مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. غەرب ئەللىرىدە ھامىلە ئېغىرلاشقان ( بەش ئايلىقتىن) باشلاپ، ئۆسمۈرلەرگە لايىق …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدىكى يوقسۇللۇقلار

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدىكى يوقسۇللۇقلار   ئىنسانلار كىشىلىك ھاياتتا بىرەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ياكى بىرەر ئېغىرچىلىقنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ھامان يەنە بىر نەرسىگە ئېرىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نامراتچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كۈندىلىك زۆرۈرى تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئارتۇقراق پۇلغا ئېرىشىش لازىم. كۆڭۈلسىزلىكتىن، پاراكەندىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، خاتىرجەم مۇھىتقا ئېرىشىش كېرەك. نامراتچىلىقتىن جاق تويغان كىشى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلمىسا، ياكى تاپاۋېتىدە ئۆزگىرىش قىلماي، ياكى خىراجىتىدە ئۆزگىرىش قىلماي، ھەجەپ …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟   « ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان… سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر، ھالىڭ خەتەر..»   ئىنقىلاۋى شائىر، پىداكار زىيالىي ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينىۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىتىنى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان شېئىرىدا، يۇقىرىقىدەك مىسرالارنى يازغان. ئۇ،  ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى ئىشلەتكەن. ھەم : ئەي ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىم يەنە غەپلەتتە قالساڭ، خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلمىساڭ، …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئېڭى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئېڭى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر   تېمىغا كىرىشتىن ئاۋۋال « ئاڭ » توغرىسىدا  ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. ئاڭ – ئوبيېكتىپ شەيئى، ئوبيېكتىپ ۋەقە ۋە  ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇم ئاساسىدا، ئادەم مېڭىسىدە شەكىللەنگەن ئىنكاسىدىن ئىبارەت سوبيېكتىپ چۈشەنچىدۇر. ئادەم مېڭىسىدە چۈشەنچە ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن  ئوبيېكتىپ شەيئى، ۋەقە، ھادىسە بولىشى ئالدىنقى شەرت. ئوبيېكتىپ شەيئى، ئوبيېكتىپ ۋەقە بولمىسا ئادەم مېڭىسىدە ئىنكاس …

تەپسىلاتى »

تارىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە

تارىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە   تارىخ توغرىسىدا پەيلاسوپلارنىڭ ھۆكۈم تۈسىدە ئېيتقانلىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك تارىخ مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بايانلىرى، تارىخچى ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭ خۇلاسىلىك پىكىرلىرى بولىدۇ. مەيلى پەيلاسوپلارنىڭ ھۆكۈملىرى بولسۇن، تەتقىقاتچى، ئالىم- مۇتەپەككۇرلارنىڭ خۇلاسە ۋە بايانلىرى بولسۇن، ئۇ ھەرگىزمۇ تارىخقا نىسبەتەن چىقارغان ئاخىرقى ھۆكۈم ھېسابلانمايدۇ. تارىخ ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈم ۋە بايانلاردا ئوبيېكتىپلىق بىلەن، شۇ كىشىنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىياتى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىشى تامامەن مۇمكىن. شۇنىڭدەك بەزى يەكۈنلەر …

تەپسىلاتى »