Tag Archives: ostturkistan

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟

PHOTO-2018-06-28-21-11-24

ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتەمدۇ؟   « ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان… سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر، ھالىڭ خەتەر..»   ئىنقىلاۋى شائىر، پىداكار زىيالىي ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينىۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىتىنى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان شېئىرىدا، يۇقىرىقىدەك مىسرالارنى يازغان. ئۇ،  ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى ئىشلەتكەن. ھەم : ئەي ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىم يەنە غەپلەتتە قالساڭ، خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلمىساڭ، ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئېڭى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر

PHOTO-2018-06-06-21-58-55

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئېڭى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر   تېمىغا كىرىشتىن ئاۋۋال « ئاڭ » توغرىسىدا  ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. ئاڭ – ئوبيېكتىپ شەيئى، ئوبيېكتىپ ۋەقە ۋە  ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇم ئاساسىدا، ئادەم مېڭىسىدە شەكىللەنگەن ئىنكاسىدىن ئىبارەت سوبيېكتىپ چۈشەنچىدۇر. ئادەم مېڭىسىدە چۈشەنچە ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن  ئوبيېكتىپ شەيئى، ۋەقە، ھادىسە بولىشى ئالدىنقى شەرت. ئوبيېكتىپ شەيئى، ئوبيېكتىپ ۋەقە بولمىسا ئادەم مېڭىسىدە ئىنكاس ...

داۋامىنى كۆرۈش »

تارىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە

2018-05-11-PHOTO-00000024

تارىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە   تارىخ توغرىسىدا پەيلاسوپلارنىڭ ھۆكۈم تۈسىدە ئېيتقانلىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك تارىخ مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بايانلىرى، تارىخچى ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭ خۇلاسىلىك پىكىرلىرى بولىدۇ. مەيلى پەيلاسوپلارنىڭ ھۆكۈملىرى بولسۇن، تەتقىقاتچى، ئالىم- مۇتەپەككۇرلارنىڭ خۇلاسە ۋە بايانلىرى بولسۇن، ئۇ ھەرگىزمۇ تارىخقا نىسبەتەن چىقارغان ئاخىرقى ھۆكۈم ھېسابلانمايدۇ. تارىخ ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈم ۋە بايانلاردا ئوبيېكتىپلىق بىلەن، شۇ كىشىنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىياتى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىشى تامامەن مۇمكىن. شۇنىڭدەك بەزى يەكۈنلەر ...

داۋامىنى كۆرۈش »

شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەييارلىق كومىتېتى

2018-03-22-PHOTO-00002151

شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەييارلىق كومىتېتى 《19032018 نومۇرلۇق بايانات》 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلار. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە ئىنايىتى بىلەن، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمىدىن ئازات قىلىش، ئەزىز مىللىتىمىزنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەر قايسى ئەللەردە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، دەۋا يولىدىكى بىر تۈركۈم غوللۇق ۋەكىللەرنىڭ گوللاندىيەدە بىر ئارىغا جەم ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 3- نومۇرلۇق باياناتى

ec71b31cc07c019b15c4ffbbdbdc447a

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتى ( 3- نومۇرلۇق بايانات ) 25112017 مۇھاجىرەتتىكى ئەزىز ۋە مۆھتەرەم ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار. ھەر بىرىڭلار بىلەن جىددى ئورتاقلاشماقچى بولغان  قارارىمىزنى، تەشكىلاتىمىزنىڭ 3 .نومۇرلۇق باياناتى ئارقىلىق، دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تارىخىدا، دۈشمەنگە يېڭىلگەن ھەر قانداق بىر دەۋرىنى كۆزدىن كەچۈرسەك، دۆلەت تەختىدە ئولتۇرغان ھۆكۈمراننىڭ لاياقەتسىزلىكى،تەخت تالىشىش ماجىراسى، شۇنىڭدەك قەلئە ئىچىدە تۇرۇپ، تاشقى دۈشمەنگە ماسلىشىدىغان مۇناپىقلار مەغلۇبىيەتنىڭ، زاۋاللىقنىڭ سەۋەبى بولۇپ ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە باغلانغان 83 يىللىق كۈرىشى

fullsizerender

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە باغلانغان 83 يىللىق كۈرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ، ۋەتەن سىرتىغا باغلىنىش جەريانى، تەشكىلى شەكىلدە ھەم سىياسى مەقسەتتە ئاساسەن، ( شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ) 1934. يىلى 7 . ئايدا تولۇق باستۇرۇلغان «خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكى» ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى مۇھاممەت ئەمىن بۇغرا بىلەن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرلار سىياسەت بىلەمدۇ؟

IMG_5107

ئۇيغۇرلار سىياسەت بىلەمدۇ؟ تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، سىياسەت ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەيلى. سىياسەت – كوللېكتىپىنى ئىدارە قىلىدىغان باشقۇرۇش قائىدىسى دېمەكتۇر. سىياسەت ئەۋرىشىملىككە ئىگە يۇمشاق كۇچ بولۇش بىلەن بىرگە، باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش يادروسىنى ئۆزىگە جەملەشتۈرگەن، كۆپ قىرلىق ماھارەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئىنسانلار توپى كۈچلىنىپ، تەرەققى تېپىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە تۇپراقتا دۆلەت شەكىللەندۈرگەن بولسۇن، ياكى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان بولسۇن، شۇنىڭدەك مۇستەملىكىچى دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ، ئازات بولۇش ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئىلھام توختىغا 《ۋايىمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى》بېرىلىدۇ

Uiguren_Ilham-Tohti_Uyghur-American-Association

ئالىم، تەتقىقاتچى، سىياسى مەھبۇس ئىلھام توختى ئەپەندىگە، مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى، گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، 《ۋايمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى》 بېرىشنى  قارار قىلدى. 《ۋايمار ئىنساب ھەقلىرى مۇكاپاتى》 1995. يىلى تەسىس قىلىنغان ۋە شۇنىڭدىن بېرى ھەر يىلى تەقدىم قىلىنىپ كېلىۋاتقان مۇكاپات بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئاساسەن ئۇرۇش زەخمىدارلىرىغا، ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مىللى ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، جازاغا مەھكۇم بولغان پىداكارلارغا، پىكىر ئەركىنلىكى ...

داۋامىنى كۆرۈش »