رابىيە قادىر خانىم ئەرەب تېلېۋىزورىدا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-08-01

ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، خۇسۇسەن دىنىغا مەھكەم مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنىڭ غېمىنى يېيىشنى ۋە ئۇلارغا قولىدىن كەلگەنچە ياردەم قىلىشنى دىنىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيىسىدە. 2010-يىلى.

ئەرەبلەرنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە پات-پات ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى تونۇشتۇرغان پروگراممىلار بېرىلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ قاتارنىڭ مەشھۇر تېلېۋىزىيە قانىلى «ئەل جەزىرە» ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

2012-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەندە قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تونۇشتۇرۇلدى. بۇ پروگراممىنىڭ ۋاقتى بىر سائەتتىن كۆپرەك بولۇپ، رابىيە خانىمنىڭ ياش ۋاقتى، ئۇنىڭ سودا ساھەسىگە كىرىشى، سىدىق ھاجى روزىغا ئۆيلىنىشى، بېيجىڭغا قۇرۇلتايغا بېرىشى، ئېلىپ بارغان خەلقچىل پائالىيەتلىرى، ئاخىرىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئەۋەتكەن دېگەن باھانە بىلەن تۈرمىگە ئېلىنىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش سەرگۈزەشتلىرى ناھايىتى تولۇق تەسۋىرلەنگەن. پروگراممىدا يەنە، رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىنكى مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

پروگراممىدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن سىدىق ھاجى روزى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇلار بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلىرىنى ناھايىتى تەسىرلىك ھالدا سۆزلەپ بەرگەن. مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغىمۇ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام جاۋاب بەرگەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-ereb-08012012153113.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …