ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى 2012 – يىللىق خىزمەت پىلانى ئۈستىدە توختالدى

20– نويابىر  مىيونخىندىكى ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى ھەيئەت ئەزالىرى يىغىن چاقىرىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى قىسقىچە كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە 2012 – يىلى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت پىلانى ئۈستىدە تەپسىلى مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
يىغىن كۈنتەرتىپ بويىچە  قۇرئان تىلاۋەتتىن كېيىن « ئازاتلىق مارشى» بىلەن باشلاندى.  ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن سۆز ئېلىپ بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا   تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى :

1 ) ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى 2007 – يىلى  17  – ماي  گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن  ۋىلايىتى فرانكفۇرت شەھرىدە ، شۇ چاغدىكى تۈرلۈك بېسىم، توسقۇنلۇق ۋە چۈشۈنۈشمەسلىكلەر تۈپەيلى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا « شەرقىتۈركىستان بىرلىكى»  نامىدا قۇرۇلغان بولۇپ،  بۇ يىل 12 – ئاپىرىل مىيونخىندا چاقىرىلغان تەشكىلاتنىڭ دائىمى كومىتېت يىغىنىدا مۇتلەق  كۆپ ئەۋاز بىلەن تەشكىلاتنىڭ نامى ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش مۇددىئاسىغا ئاساسەن « ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى » غا ئۆزگەرتىلدى.
2 ) ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسى رەسمى سوتىدا تەستىقتىن ئۆتكەن قانۇنلۇق تەشكىلات بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايلىرىدىن ئەزا قوبۇل قىلىدۇ ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
3 ) ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى،  ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىدە، 1- نومۇرلۇق باياناتىدا  تەكىتلەپ ئۆتۈلگىنىدەك،  مىللى رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا  دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دېپلۇماتىك ئۇسۇل ۋە مۇناسىۋەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ۋەتەن سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر سىياسى تەشكىلاتلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ…….

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېت رەئىسى تۇرغۇنجان ھاجىم  سۆزىدە : تەشكىلاتىمىز ئەزالىرىنىڭ  ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى  ۋەتەن سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە ئۆتۈش،  شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەردە ۋەزىپە ئېلىپ ئاكتىپچانلىق كۆرسۈتۈش باش تارتىپ بولمايدىغان مىللى ھەم دىنى مەجبۇرىيىتىمىز_ دېگەن نوقتىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن  رەئىسى ئابدۇرەھىمجان سۆز ئېلىپ  تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە بايرىقى توغرىسىدا  تەپسىلى ئىزاھات بېرىپ  مۇنۇلارنى بايان قىلدى : ئاي يولتۇزلۇق كۆك بايراق  ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت بايرىقىمىز بولۇپ، ھازىرقى  رولى ۋە  قىممىتى « مىللى بايراق » تىن ئىبارەتتۇر،  ئاشۇ مىللى بايراققا يانداش ھالدا  تولۇن ئاي ۋە سەككىز يولتۇزلۇق  يېرىمى كۆك، يېرىمى يېشىل بايراق بولسا  ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى قوبۇل قىلغان تەشكىلات بايرىقىدۇر، بۇ ھەقتە چۈشەنچە تەلەپ قىلغۇچىلار بولسا  تەشكىلاتىمىز ھەرزامان سۆھبەتكە تەييار……..

hamma1.jpg

بۇ قېتىمقى يىغىنغا  تەشكىلاتنىڭ فرانكفۇرتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى ئابدۇرەسۇل ۋە ئىقتىساد مۇدىرى  خەمىت قادىرلار، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن تارقاق يۇرتلاردىكى ئەزالار تېلېفون ئارقىلىق قاتناشتى. يىغىن جەريانى سىن فىلىمىگە ئېلىپ خاتىرلەندى.
ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى
گېرمانىيە _ مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …