شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ئۇختۇرۇش

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،
گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھەرىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى خەلقئارادا كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە كۈلتۈرەل پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە. فرانكفۇرت خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ مەتبەئەنى كەشىپ قىلغان ـ دەپ، قارالغان گېرمانىيەلىك يوھاننەس گۈتەنبەرگنىڭ نامى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ پائالىيەت 1949-يىلىدىن بېرى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.
بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن 3 مىڭدىن ئارتۇق مەتبۇئات ئورۇنلىرى شۇنداقلا 100 مىڭغا يېقىن زىيارەتچى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلىرىنى تەنتەنە قىلىشىدۇ. بۇنداق بىر ئەقىل ۋە پاراسەت نۇرى پارلايدىغان كاتتا سورۇنغا، مەتبەچىلىكنى ياۋروپالىقلاردىن مىڭ يىللار ئىلگىرى كەشىپ قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بويۇنتۇرۇقى سەۋەبىدىن رەسمىي شەكىلدە قاتنىشالمايدۇ.
خەلقئارادا مەتبەنىڭ شان-شۆھرىتى تەنتەنە قىلىنىۋاتقان، ئەقىل-پاراسەت مېۋىللىرى نامايان قىلىنىدىغان، بىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ قەدرى-قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنىڭ چەكلىنىشى، مىللىي مائارىپىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئېتنىك ۋە كۈلتۈرەل ئادەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى كىشىنى غەزەپلەندۈرمەي قالمايدۇ.
بۇ قېتىمقى فرانكفۇرت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا  خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېرقىي ۋە كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى فرانكفۇرت خەلقئارالىق كىتاپ يەرمەنكىسىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىقىمىزنى يوق قىلىدىغان ھاكىم-مۇتلەق سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدىغان بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.
شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە شەرقى تۈركىستانلىقلار دوستلىرىنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

پائالىيەت مۇشۇ ئاينىڭ 9- ۋە 10- كۈنلىرى (شەنبە ۋە يەكشەنبە) فرانكفۇرت خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈدۇ. ئەتتىگەن سائەت 09:00 دىن كەچ سائەت 20:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:
شەرقى تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى

ئالاقىلاشقۇچىلار:  كۆرەش ئاتاخان، ئابدۇرەھىمجان ئابدۇرەشىت ،ئوسمانجان تۇرسۇن

ئېل -خەت ئادېرىسى:
Uyghuren@hotmail.de
Uyguren@gmail.com
تېلېفون:   015775383806

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …