شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى دائىمىي كومېتىت ئەزالىرى يىغىنى چاقىردى

شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى دائىمى كومىتېت ئەزالىرى  6- ئاينىڭ  6 -كۈنى گېرمانىيىنىڭ مىيونخىن شەھرىدە  يىغىن چاقىردى. باشقا شەھەردە تۇرۇشلۇق دائىمى كومىتېت ئەزالىرى يىغىنغا تېلېفون ئارقىلىق قاتناشتى . دائىمى كومىتېت رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋەن رەئىسى ئابدۇرەھىمجان باشچىلىغىدا تەشكىلاتنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلىلەشتۈرىدىغان مۇھىم خىزمەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلى توختالدى.

شۇنىڭدەك، تەشكىلاتنىڭ 1- نومۇرلۇق باياناتىنىڭ روھىغا ئاساسەن  تەشكىلاتلار ئارا باراۋەلىك ، تەقدىرداشلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا  ھەمكارلىق ئورنۇتۇش ئۈچۈن نىزامنامىنىڭ 4 – باپ 2 – پاراگىراف 26 – ماددىسى كېڭەيتىلدى ۋە  ئەزا قوبۇل قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

ھەمدە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىغا قىزىقىۋاتقان كەڭ خەلقىمىزنىڭ تەشكىلاتنىڭ 1-نومۇرلۇق بايانات  ئۈستىدە قويغان سۇئاللىرىغا تەپسىلى جاۋاپ تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەشكىلات مالىيە بۆلىمى تەييارلاپ دائىمى كومېتىتقا سۇنغان 14 ماددىلىق مالىيە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى دائىمى كومېتىت رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن يېتەكچىلىگىدە قايتىدىن قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
سائەت 11 دە باشلانغان يىغىن جىددى مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق سائەت 14 دە مۇۋەپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى.
شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى
تەشۋىقات بۆلۈمى
08.06.2010

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …