ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى مۇستەقىللىققە تەييار تۇرۇشى لازىم ( 11 )

مىللىي ھەرىكىتىمىزگە خاس مۇستەقىل ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇشنۇڭ جىددىلىكى ( 1 )

ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى :
ئەزىز تورداشلار، ماقالەنمنىڭ بۇ قىسمى بىرئاز ئۇزۇراپ كەتكىنى ئۈچۈن، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزلارنى كۆزدە تۇتۇپ،   بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈپ ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر    _________________

بۇ يازمامنى  ئالدى بىلەن مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ بىۋاستە باشلامچىلىقى ۋە سەپەرۋەرلىكى نەتىجىسىدە، دۇنيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي مەركىزى ھېساپلانغان ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگتون ئەتراپىدا بەرپا قىلىنىدىغان « ئۇيغۇر سارىيى » ئۈچۈن مەخسۇس زىمىن سېتىۋەلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىماقچىمەن !
شۇ ئارقىلىق، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ بىۋاستە كونتروللىقىدا مۇستەقىل ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇشنىڭ ئەڭ زور ئاساسى ۋە ئۇلى بەرپا قىلىنغان بولدى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان مىللىي ھەرىكىتىمىزدە داۋام قىلىپ كەلگەن قول – ئىلكىمىزدە بارنى يەپ تۈگۈتۈش، بۇزۇپ – چېچىپ تۈگىتىش، بۆلۈشۈپ تۈگىتىش، خەلقىمىز تەرىپىدىن ئىنتايىن زور پىداكارلىقلار بىلەن بېرىلگەن ياردەملەرنىڭ ھېسابىنى بەرمەسلىك دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى . 60 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى پىداكار خەلقىمىز تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزگە بەرگەن ئىقتىسادى ياردىمىنىڭ مىۋىسىنى كۆرۈشكە باشلىدى . ھاردۇقى چىقتى. بۈگۈنكى مەۋجۇت لىدەرى سۆيۈملۈك رابىيە خانىمدىن ئىپتىخارلىنىشقا، غۇرۇرلىنىشقا، پەخىرلىنىشكە باشلىدى.  ئەجنەبىلەرنىڭ غالچىسىغا ئايلانغان، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تېزگىنىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدە بولۇشنى خالىمايدىغان، خەلقىمىزنىڭ قان – تەرىنى شوراش ۋە ئەجنەبىلەرنىڭ مىللىتىمىز ھېسابىغا بەرگەن ياردىمىنى بۇزۇپ – چېچىپ سورۇش بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى نەپسىنى قاندۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان ئاز ساندىكى مىتە قۇرۇتلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا،  ۋەتەن – ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل خەلقىمىز رابىيە خانىمنىڭ بۇ جەسۇرانە ھەرىكىتىدىن شاتلىنىپ بايرام تەن – تەنىسىگە چۆمدى . مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى، كۈرەش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى !
ئەلۋەتتىكى، رابىيە خانىمنىڭ بۇ تارىخىي تۆھپىسى مىللىي كۈرەش تارىخىمىزنىڭ شانلىق بەتلىرىدە ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يېزىپ قالدۇرۇلغۇسى !
يەنە شۇنداقلا ، ئامېرىكىدا بەرپا قىلىنىدىغان « ئۇيغۇر سارىيى » نىڭ ئۇلىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا ماس ھالدا، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان « شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى »  گېرمانىيەدىكى « ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى » … قاتارلىق تەشكىلاتلىرىمىزمۇ  ئۆزلىرىگە بىۋاستە تەۋە بولغان يەر – مۆلۈك سېتىۋېلىش ۋە ئىقتىسادى گەۋدە بەرپا قىلىش جەھەتلەردە ناھايىتى زور ئىجابى قەدەملەرنى تاشلىدى . ئۇلارنى تەبرىكلەش ۋە قۇتلۇقلاشمۇ ئەلۋەتتە پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ ۋىجدانى مەجبۇرىيىتىدىن ئىبارەت !
بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ  رايونىدا « شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى » نىڭ 4 قەۋەتلىك بىنا سېتىۋېلىپ مەخسۇس شۆبە ئاچقانلىقىمۇ، مىللىي ھەرىكىتىمىز تارىخىدىكى پارلاق ۋە شانلىق بىر سەھىپىدىن ئىبارەت . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن مىللىتىمنى يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن !

ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە گېرمانىيەلەردە بېسىلغان بۇ تارىخىي قەدەملەرنىڭ مۇرەككەپ ۋە مۇشەققەتلىك جەريانىدىن ئومومى خەلقىمىز چوڭقۇر ساۋاق ئېلىشى، ئەينى چاغدا ئەرەبىستاندىكى پىداكار، قەدىرشۇناس، تەقۋادار، دىيانەتلىك، ساخاۋەتلىك، ئىخلاسمەن، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتسۆيەر قەرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ پائالىيەت مەركىزى قىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلگەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكىتىمىزگە بىۋاستە تەۋە  بىردىن – بىر مۆلۈك ھېساپلانغان 3 – 4 ئېغىزلىق ئىشخانە ئۆيىنىمۇ شەخسى مىراس سۈپىتىدە بىر – بىرىنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلىپ، سېتىپ بۆلۈشۈۋالغان ئىنسانلىرىمىزنىڭ يۈزى قىزارسۇن !
ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزغا  بىر تىيىن تۇرماق، ھەتتا بىر ۋاراق قەغەز، بىر تال قەلەممۇ قالدۇرماي كەتكەن ئاتالمىش « رەھبەر » لىرىمىز پۈتۈن خەلقىمىزگە ئىبرەت ۋە ئاچچىق ساۋاق بولسۇن !
خۇددى رابىيە خانىمنىڭ بايان قىلغىنىدەك، ئىنشا ئاللاھ يېقىن كەلگۈسىدە مۇھاجىرەتتە ئومومى سانى 500 نەپەردىن ئاشىدىغان پۈتۈن ئەللەردە مەخسۇس ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان « ئۇيغۇر ئۆيى » بەرپا قىلىنغۇسى !
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۈگۈن بىز باسقان بۇ قەدەمنى تىبەتلىكلەر بۇندىن 40 نەچچە يىل بۇرۇنلا ھىندىستاننىڭ دارىم ىسالا رايونىدا بېسىپ بولغان . تىبەتلكىكلەر 40 نەچچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن ئىقتىسادى كۈچىنى دارىم سالاغا مەركەزلەشتۈرۈپ، غايەت زور ئىقتىداسى گەۋدىلەرنى بەرپا قىلىپ ، بۇ رايوننى مۇھاجىرەتتىكى كىچىك بىر « تىبەت دۆۋلىتى » گە ئايلاندۇرغان . بۇ رايوننى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، دىنىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمايى، مەدىئىيەت، مائارىپ … جەھەتلەردىكى پائالىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.
ناۋادا بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ پۈتۈن ئىقتىسادى كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، رابىيە خانىم تەرىپىدىن ئامېرىكىدا « ئۇيغۇر سارىيى »  بەرپا قىلىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان يەر – زىمىننىڭ ئىچىنى تولدۇرۇشقا سەپەرۋەر بولساق، يېقىن كەلگۈسىدە بىزنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى « ئۇيغۇر سارىيى » نى مەركەز قىلغان مۇھاجىرەتتىكى كىچىك بىر « ئۇيغۇر دۆۋلىتى »  نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز تامامەن مۇمكىن !
خۇددى ماقالەمنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك، ئىقتىسادى جەھەتتە تامامەن تاشقى كۈچلەرگە ۋە ئەجنەبىلەرگە بېقىنىپ قالغان بىر مىللىي ھەرىكەتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە ۋە غايە – مەقسەتلىرىگە تولۇق ۋەكىللىك قىلىشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !  بۇنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى 44 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلاۋىمىز جەريانىدا بىۋاستە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ناھايىتى بۈيۈك مۇقەددەس بىر داۋادىن ئىبارەت ! بۇ مۇقەددەس كۈرىشىمىز ئۈچۈن كۈنىگە مىليون دوللار سەرىپ قىلساقمۇ كۆپلۈك قىلمايدۇ.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىمۇ خۇددى تىبەت مىللىي ھەرىكىتىدەك ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىشنى ئاساس، ئەجنەبىلەرنىڭ ياردىمىنى قوشۇمچە قىلىدىغان، پىلان – پروگرامما ۋە خامچوتلىرىمىزنى ئاۋال ئەجنەبىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ خەلقىغە ۋە خەلقىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مىللىي رەھبىرىمىزگە  بېرىدىغان نورمال بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم.
بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ، ھازىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىمىزدىكى 4 تەشكىلاتىمىز ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ( ن ئې د ) تىن يىلىغا تەخمىنەن توپلام  بىر مىليون دوللارغا يېقىن ئىقتىسادى ياردەم ئېلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى ئامېرىكا خەلقىغە چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ !ئەمما، ھازىر قارايدىغان بولساق، د ئۇ ق نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ 4 تەشكىلاتىمىز ھەر بىر پەسىلدە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ پائالىيەت دوكلاتىنى، قىلماقچى بولغان پىلان – پروگراممىلىرىنى، بارلىق كىرىم – چىقىم خامچوتىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ۋە ئۇنىڭ لىدەرىگە ئەمەس، بەلكى بىۋاستە ن ئې د غا بېرىدۇ . ئاۋام خەلقىمىزنىڭ بولسا ئامېرىكىدىن بېرىلىۋاتقان بۇ ياردەملەرنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمۇ يوق، چۈنكى بۇ ياردەملەرنى ماناپول قىلىۋالغان سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا، « پۇلنى كىمدىن ئالسام ھېساپنى شۇنىڭغا بېرىمەن، ئامېرىكىلىقتىن باشقىسىغا ھېساپ بېرىش مەجبۇرىيىتىم يوق » دەيدىغان قاراش ھاكىم . ھەتتا ياردەم ئېلىۋاتقان بۇ 4 تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ناھايىتى يوچۇن بىر تەشكىلات باركى، بۇ تەشكىلات ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئەمەس،  بەلكى مىللىي رەھبىرىمىزگە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىۋالغان . ئىشەنمىسىڭىز بۇ تەشكىلاتنىڭ تور بېتىگە بىر قاراپ بېقىڭ . پۈتۈنلەي رابىيە خانىمغا قارشى تۆھمەت ۋە پىتنە – پاساتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن! ئامېرىكىلىقلار بۇ نائەھلىلەرگە ياردەمنى بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەرگەن ئىدى ؟!
كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بولسا كېرەك، ھازىر ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ( ن ئې د ) نىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى تەيۋەنلىك چاڭ  پەمىلىلىك بىر خىتايدىن ئىبارەت . مۇنداقچە ئېيتقاندا يوقۇرقى 4 تەشكىلاتىمىز ياردەمنى بۇ خىتاي ئەپەندىمنىڭ قولىدىن ئالىدۇ . پۈتۈن دوكلات ۋە ھېساپ – كىتاپنى يەنە بۇ خىتاي ئەپەندىگە بېرىدۇ …
ئۆتكەندە چاڭ پەمىلىلىك بۇ ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگىلى د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيەدىكى مەركىزىگە كېلىۋىدى ، مەركەزدىكى ھەممۆيلەن قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپ، ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى، ھەتتا ھاجەت خانىدا ئىشلەتكەن قەغەزنىڭ ھېساۋىغىچە بۇ خىتاي ئەپەندىمگە دوكلات بەردى.  بۇ خىتاي ئەپەندىممۇ پۇتىنى ئالماپ كېرىلىپ ئولتۇرۇپ، ھەتتا دئۇق نىڭ تەشكىلى ئىشلىرىغىمۇ چات كېرىپ، رابىيە خانىمنىڭ دئۇق غا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق رەئىس بولسا دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە پەندى – نەسىھەت قىلىپ ، بىر – ئىككى كۈن يەپ – ئىچىپ مېھمان بولۇپ كېتىپ قالدى . چىشىغا تېگىپ قويساق ئامېرىكا ياردەمنى كېسىپ قويامدىكىن _ دېگەن تەشۋىش بىلەن  « خوش – خوش » دەپ مېھمان قىلىپ ئۇزۇتۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى …
ئەلۋەتتىكى چاڭ پەمىلىلىك بۇ خىتايمۇ بىر ئامېرىكىلىق، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچ بىر ئۆچمەنلىكىم،  ۋە گۇمانىم يوق. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ مىللىتى خىتاي بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ۋەقە تەبىي ھالدا ھەممىمىزنىڭ نېرۋىسىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلدى . ئىختىيارسىز ھالدا خورلۇق ھېس قىلدۇق . ياردەمنى ئامېرىكىدىن ئەمەس، بىر خىتايدىن ئېلىۋاتقاندەك نورمالسىز بىر تۇيغۇغا كەلدۇق . ئۆزئارا قودۇڭشىدۇق – يۇ، ئەمما ئىچكى تۇيغۇلىرىمىزنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئاجىزلىق قىلدۇق . بۇ جەھەتتە بىزمۇ ھەقسىز ئەمەس، چۈنكى پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىلەر ئىسرائىل دۆۋلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، پۈتۈن ئەرمەنىلەر ئەرمەنىستاننىڭ مەنپە،ئەتى ئۈچۈن، پۈتۈن تۈركلەر تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە ئۆز مىللىتىنىڭ قېنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ …
بۇ ھادىسە ھەممىمىزنىڭ قاتتىق غۇرۇرىغا تەگدى، ئەمما ئامالىمىز قانچە ؟ ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، ئالغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ھېسابىنى بېرىدىغان گەپ !
ئەپسۇسكى، مېنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغىنى، بىر خىتايغا ھېساپ بېرىشنى ھەزىم قىلالىغان بەزى ئەرباپلىرىمىز، مىللىي ھەرىكىتىمىزگە، خەلقىمىزگە ۋە خەلقىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان لىدەرىمىزگە ھېساپ بېرىشنى ئىچىگە سىڭدۈرەلمەيدۇ !
دېمەك، مىللىي ھەرىكىتىمىزدە ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزىمىزگە تايىنىشنى ئاساس، ئەجنەبىلەرگە تايىنىشنى قوشۇمچە قىلىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەي تۇرۇپ يوقۇرقىدەك تىراگدىيەدىن مۇستەسنا بولالمايمىز. كەلگۈسىدىمۇ خۇددى ستالىن ماناستا تۇر_ دېسە تۇرۇپ قالىدىغان، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىل _ دېسە قوبۇل قىلىدىغان، ناۋادا قوبۇل قىلمىساق ئەخمەتجان قاسىمىدەك ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغان ئەھۋالغا قالىمىز !
ناۋادا مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم بۇ خەتەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتمىگەن بولسا ئىدى ۋە مىللىي ھەرىكىتىمىزگە نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇمۇ ئىلگىرىكى رەھبەرلىرىمىزدەك، « يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ھېچكىمنى رەنجىتمەي ئاخىرقى ئۆمرۈمنى تېچ – ئامان ئۆتكۈزەي » دەپ جىم ياتقان بولسا يېتىۋەرەتتى. چۈنكى ئامېرىكىدىكى « ئۇيغۇر سارىيى » نى رابىيە خانىم ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئىز باسارلىرى ئۈچۈن ھازىرلاۋاتىدۇ . رابىيە خانىم ھەرگىزمۇ « ئۇيغۇر سارىيى » نى دۈمبىسىگە ئارتىپ ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتمەيدۇ . ياكى باشقىلاردەك بالا – چاقىسىغا مىراس قالدۇرمايدۇ . ئامېرىكىدىكى « ئۇيغۇر سارىيى » بولسا خەلقىمىزنىڭ ئورتاق مىراسى، ئۇنىڭغا پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ئىگە چىقىشىمىز لازىم !
خوش، ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خۇددى تىبەتلىكلەرنىڭكىدەك چوڭقۇر ئىقتىسادى ئاساسىمىز بار ئىدى . ئەمما، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئاساسنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرىدىغان سىياسى ۋە تەشكىلى كۈچىمىز ئاجىز بولۇپ كەلدى . مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ بىۋاستە كونتروللىقىدا كۈچلۈك ئىقتىسادى گەۋدىلەرنى قۇرۇپ چىقىشنى 50 – 60 يىلدىن بۇيان پەقەت ئېغىزىمىزدىلا تەكىتلەپ كەلدۇق- يۇ، ئەپسۇسكى ھازىرغا قەدەر سودا شىركەتلىرى، زاۋۇت – كارخانىلارنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇش، بۇ ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ كىرىمى بىلەن يەر – زىمىن سېتىۋېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا جىگدە – قاق ساتىدىغان بىرەر باققال دۇكىنى ۋە بىرەر سامان كەپىمۇ سېتىۋالالمىدۇق.
مەرھۇم لىدەرىمىز ئەيسا ئەپەندىم 1995 – يىلى ۋاپات بولغاندا، پۈتۈن مۇھاجىرەتتە مىللىي ھەرىكىتىمىزگە بىۋاستە تەۋە بولغان بىردىن – بىر مۈلۈك پەقەتلا ئەرەبىستاندىكى ئەلسۆيەر قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ئىشخانە قىلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى ئاقساراي رايونىدىن سېتىۋەلىنغان 3 – 4 ئېغىزلىق ۋە ئومومى قىممىتى 100 مىڭ دوللار ئەتراپىدىكى بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ئىدى . لىدەرىمىز ئەيسا ئەپەندىم ۋاپات بولۇشى بىلەنلا، ئۇنىڭ مىراسچىلىرى بۇ ئۆينى تالىشىپ بىر – بىرىنى سوتقا بېرىشىپ قىلمىغان رەسۋاچىلىقلىرى قالمىدى . ئاخىرقى ھېساپتا بۇ مۈلكىمىزمۇ قولدىن كەتتى . بېتەلەي رابىيە خانىم ھىجرەت قىلىپ چىققان 2005 – يىلى مۇھاجىرەتتىكى كۆپۈنچە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىشخانىسىمۇ يوق، قالغانلىرى بولسا كىرالىق ئىشخانىلاردا ئىدى . مۇنداقچە ئېيتقاندا رابىيە خانىم ئەينى چاغدا قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولغان ئىدى . قىسقىغىنە 5 – 6 يىل جەريانىدا تىرنىقى بىلەن تاغ يېرىپ، بۇ قۇرۇق ئۆستەڭگە سۇ باشلاشقا تىرىشتى. بىز بولساق رابىيە خانىمغا ھە – ھۇ دېيىشىپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تاغنىڭ تۆپىدە پىت باققاچ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇق ۋە رابىيە خانىم ئۈستىدىن توقۇمىغان بەدنام ۋە تۆھمەتلىرىمىز قالمىدى . 50 – 60 مىليون دوللارلىق مال – مۈلكىدىن ۋە مېھرىبان پەرزەنتلىرىدىن كېچىپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا كۈرەش قىلىش غايىسى بىلەن چىققان بىر پىداكار ئانا، ئامېرىكىدا مانا بۈگۈن بەرپا قىلىنىشقا باشلىغان « ئۇيغۇر ئۆيى » ئۈچۈن ئازىراق ئىقتىسادى ياردەم توپلىۋىدى، نامىنى « خىيانەتچى » گە چىقىرىۋېتىشكە تاسلا قالدۇق !
دېمەك، خۇدايىممۇ بىزنى بىكارغا ھازىرغىچە مۇستەملىكە ئاستىدا ئازاپ چېكىشكە تاشلاپ قويمىغان ئىكەن، بەزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىنسانلىق بىلەن شەيتانلىق چىرمىشىپ كېتىپتۇ، قانچانكى ئىچىمىزدىكى رەزىل شەيتاندىن خالاس بولالىساق، ئاندىن شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا سازاۋەر بولالايدىغان ئوخشايمىز !
خۇددى پەيلاسوفلارنىڭ قەيىت قىلغىنىدەك، تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ، جانابى ئاللاھ مىللىتىمىزگە رابىيە خانىمدەك يېڭىلىق ياراتقۇچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە تارىخ ياراتقۇچى قەھرىمان بىر ئانىنى سوۋغا قىلغان ئىكەن . بىز بۇ ئېسىل سوۋغىنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز ۋە ئۇنى ئاسرىشىمىز لازىم ئىدى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئەينى چاغدا رابىيە خانىم ئۈرۈمچىدە « رابىيە سارىيى > نى سېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى خۇئاڭ باۋ جاڭغا ئىلتىماس سۇنغان، خۇڭ بائو جاڭ بولسا، رابىيە خانىمنىڭ تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپ، « كۈپ – كۈندۈزدە قۇرۇق چۈش كۆرمەي، بېرىپ ئۇمۇچىڭنى ئىچ ! » دەپ ئىشخانىسىدىن ھەيدەپ چىقارغان . بۇ ھەقتىكى رىۋايەت پۈتۈن ئۈرۈمچىگە تارالغان ئىدى .  ئەمما رابىيە خانىم ئاۋال ئاللاھنىڭ مەدىتى، خەلقىنىڭ دۇئاسى ۋە ئەنە شۇ خىتاينىڭ « بەرىكىتى » دە ئىچىپ چوڭ بولغان ئۇماچنىڭ كۈچى بىلەن ئاخىرقى ھېساپتا ئۈرۈمچىنىڭ كىندىكىدە « رابىيە قادىر سودا سارىيى » نى تىكلىگەن ئىدى.
ئەپسۇسكى، مۇھاجىرەتتىمۇ رابىيە خانىم يەنە ئوخشاش تىراگىدىيەنى بېشىدىن كەچۈردى. چۈنكى بۇندىن بىرقانچە يىل ئاۋال رابىيە خانىم، « ئامېرىكىدا مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ئايلىنىدىغان ئۇيغۇر ئويىنى بەرپا قىلىمەن » دەپ سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىۋىدى،  يەنە مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇنغان خۇئاڭ باۋ جاڭلار قايتا سەھنىگە چىقىپ، شەيتاننىڭمۇ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ھىلە – مىكىر، قۇۋلۇق – شۇملۇق، سۇيقەست ۋە پىتنە – پاساتلار بىلەن رابىيە ئانىمىزنىڭ داغدام ۋە شەرەپلىك يولىنى توسۇشقا ئۇرۇندى . يەنە رابىيە خانىمنى جىم يېتىپ ئۇمىچىنى ئىچىشكە دالالەت قىلدى . ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن يەر – زىمىن سېتىۋېلىندى . ئەمما نېجىس مۇناپىقلار خۇددى بوغۇزلۇنۇپ جان تالىشىۋاتقان چوشقىلاردەك يەنە خىرىلداشنى توختاتمىدى . ئىنشا ئاللاھ، مىللىتىمىز بۇ قانسىز مۇردىلاردىن يېقىن كەلگۈسىدە ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلغۇسى !!!!!
ئەزىز قېرىنداشلار، يوقۇرقىلارنى مەن ھەرگىزمۇ سوبىكتىپ ھېسسىياتىمغا، ياكى قۇرۇق خىيالىمغا تايىنىپلا تەسەۋۋۇر بىلەن قەلەمگە ئېلىۋاتقىنىم يوق . مۇھاجىرەتتىكى 20 يىللىق كۈرەش ھاياتىمدا بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ۋە كۆزۈم بىلەن كۆرگەن رىياللىقلار ئاساسىدا ئەقلى خۇلاسە چىقىرىشقا تىرىشىۋاتىمەن.
مەن ھېچ بىر زامان ئۆزەمنى بىر ئىدىلوگ، فىزىلوف ۋە نوقۇل سىياسەتچى قاتارىدا كۆرمىدىم.  ئۆزەم ئاددى بىر جورنالىستمەن . ھەر زامان مەسىلىلەرگە جورنالىستلىق نەزىرى بىلەن رىيال، ئادىل، تەڭپۇڭ باھا بېرىشكە تىرىشىپ كەلدىم . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈن مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ھېچ بىرىگە ياخشى كۆرۈنەلمىدىم . ئۇلارغا ياخشى كۆرۈنۈپ مەدھىيەگە ئېرىشىش ئارزۇيۇممۇ يوق . چۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمدا ھېچ بىر ۋاقىت ھوقۇق – مەنسەپ،  شان – شۆھرەت، ئابروي، مەرتىبە، پۇل – مالنىڭ كويىدا بولمۇدۇم . د ئۇ ق نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچ بىر تەشكىلاتتا ۋەزىپەممۇ يوق. ۋەزىپىگە تامايىممۇ يوق . يېشىم بىر يەرگە باردى . سالامەتلىكىممۇ ئۇنچىۋالا ئوبدان ئەمەس . پەقەتلا ھەقنى سۆزلەپ، خەلقىم بىلەن ۋىدالاشسام  ۋە رەخمەتلىك كۈرەش كۈسەندەك خەلقىمنىڭ سېغىنىشى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشسەم شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە !!!!!چۈنكى، ھەقىقەت ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرىۋېلىشنىڭ ئۆزى تىلسىز شەيتانلىقتۇر ! شەيتاننىڭ ئاخىرەتتە يېرى يوقتۇر !
يەنە ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مەن يوقۇرىدا، مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇشنىڭ نەقەدەر موھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتتۈم . ناۋادا ئىقتىسادى ئاساس ۋە ئىقتىسادى گەۋدە جەھەتتە ئۆزىمىزنى بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان تىبەت قېرىنداشلىرىمىز بىلەن شۇنداقلا بىر سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نەقەدەر بىچارە ۋە ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز !ئەڭ ئاددىسى، ئۆتكەندە مەن ئۆيۈمگە مۇۋاپىق گېلەم ئىزدەپ، مەن تۇرغان شەھەردىكى ناھايىتى چوڭ بىر گېلەم  دۇكىنىغا بارغان ئىدىم . قارىسام  ئايرىم بىر مۇنبەرگە ئېسىلغان يوغان ۋە ھەشەمەتلىك گېلەملەرنىڭ ئۈستىگە « تىبەت گېلىمى » دېگەن خەت يېزىلىپتۇ . چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپ كۆرسەم، ئەسلىدە بۇ دۇكاندىكى تىبەت گېلەملىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئەمەس، بەلكى ھىندىستاننىڭ دارمىسالا  رايونىدىكى تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىۋىدىكى گېلەم زاۋۇتلىرى تەرىپىدىن توقۇلۇپ ياۋروپاغا ئېكىسپورت قىلىنغان گېلەملەر ئىكەن. مەن ياشاۋاتقان دۆلەت بولسا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى تاپقان، مەھسۇلاتلىرىنى ياراتمايدىغان، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ 80 – 90 پىرسەنتىنى باشقا دۆلەتلەرگە ساتىدىغان بىر دۆلەت. دېمەك، تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر گېلەم زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى تاكى مۇشۇ يەرگىچە كەپتۇ !
ھەرگىزمۇ ئىرقىچىلىق قىلىۋاتقىنىم يوق . ئەسلىدە تارىخىي ئەن – ئەنىلىرىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، ئۇيغۇرلار پەقەت گېلەمچىلىكتىلا ئەمەس، سودا – سېتىق ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك جەھەتتىمۇ تىبەتلىكلەردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۈگۈن قارايدىغان بولساق، قۇياش بىلەن ئايدىن باشقا ھەممە جايدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى ئۇچرۇتالايمىز. ئەپسۇسكى، بۇ ئالاھىدىلىكىمىزنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىللىي ھەرىكىتىمىزدە جارى قىلدۇرالمىدۇق !بۇ جەھەتتە تىبەتلىكلەرنىڭ گېپى چىقسىلا بەزىلىرىمىز « دالاي لاما 1959 – يىلى ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ چىققاندا، تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ غېزىنىسىدىكى پۈتۈن ئالتۇن – كۈمۇش ۋە گۆھەر – ياقۇتلارنى 10 نەچچە قوتازغا يۈكلەپ قېچىپ چىققان . ئۇلار شۇنى دەسمايە قىلىپ ھازىرقىدەك كۈچلۈك ئىقتىسادى گەۋدىلەرنى بەرپا قىلدى . بىزنىڭ چوڭلىرىمىز ئەينى چاغدا ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ جېنىنى قۇتقۇزۇپ ئاران قېچىپ چىققان » دەپ ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇنداق بولسا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ 1933 – يىلى 7 – 8 خېچىرغا يۈكلەپ چىققان خوتەننىڭ غەزىنىسىدىكى ئالتۇن يامبۇ  نەگە كەتتى ؟ مەھمۇت مۇھىدىنىڭ 1937 – يىلى تۇرپان ۋە قەشقەرلەرنىڭ غەزىنىسىدىن 5 – 6 ئاتقا يۈكلەپ چىققان ئالتۇن – يامبۇلىرىچۇ ؟
تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز مەغلۇپ بولغان 1933 – يىلىدىن، تاكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز مەغلۇپ بولغان 1949 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ھىجرەت قىلىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ زەردار بەگ – غوجام ۋە تۆرىلىرى ئىدى .  ئۇلارنىڭ ئېلىپ چىققان ۋەج – دۇنيالىرىچۇ ؟
ئەڭ ئاددىسى، پەقەتلا مۇھاجىرەتتىكى، بولۇپمۇ ئەرەبىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن 1933 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن قىلغان خالىس ياردەملىرىنىڭ ئومومى مىقدارى ئەڭ كام بولغاندىمۇ 100 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ . بۇ پۇللار نەگە كەتتى ؟
نېمە ئۈچۈن بىز تاكى رابىيە خانىم ھىجرەت قىلىپ چىققان 2005 – يىلىغا قەدەر خۇددى تىبەتلىكلەردەك مۇستەقىل بىر ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇپ چىقىشنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمىدۇق ؟
(داۋامى بار )

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …