يۈز ئىسرائىلىيە قۇرۇش

تەرجىمان بوزقىرنىڭ ئىلاۋىسى : يىلدا «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنىڭ ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى يىغىندىكى يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى تەكلىپ، يېڭى سېياسىي ئۇچۇرلارغا مەركەزلىشىدۇ. ئالدىنقى يىللاردا شىنجاڭلىق داڭلىق يازغۇچى جۇتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان «بېيجىڭدىكى ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يۆتكەپ، ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەپنە قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنياۋى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش» ھەققىدىكى تەكلىپى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك بەھىس-مۇنازىرە قوزغىغان بولسا، بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە دۆلەت ۋە شەھەر سىتراتېگىيە تەتقىقاتچىسى لو تىيەنخوڭنىڭ «ئىككى يىغىن»غا سۇنغان «غەربكە 100مىليون كۆچمەن يۆتكەپ، 100ئىسرائىلىيە قۇرۇش» ناملىق تەكلىپى «blog. ifeng. com» دا ئېلان قىلىنىپ، ئوخشاشلا قىزغىن بەھىس مۇنازىرە قوزغىغان. شۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش مەقسىدىدە قىسقىچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
▲▲▲

يۈز مىليون كۆچمەن يۆتكەپ، يۈز ئىسرائىلىيە قۇرۇش

لو تىيەنخوڭ

نامرات رايونلار تەرەققىياتىدا ئىسرائىلىيە پۈتكۈل يەر شارىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسرائىلىيە 20مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر زېمىندا 7مىليون ئادەمنى بېقىۋاتىدۇ. دۆلەت زېمىنىنىڭ ئ% 60ئى ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىغان قاقاسلىقتۇر. سۇ ئىنتايىن قىس، بايلىق كەمچىل بولغان بىر دۆلەتتە ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە قەيسەرلىكىگە تايىنىپ ئىقتىسادىي مۆجىزە يارىتالىدى. بولۇپمۇ ئۇلار ياراتقان قۇملۇق يېزا ئىگىلىكى پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئەڭ كاتتا مۆجىزە ھېساپلىنىدۇ.
جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا تەبىئىي شارائىت جەھەتتىن ئىسرائىلىيە بېلەن ئىنتايىن ئوخشاشلىققا ئىگە. شۇڭا ئىسرائىلىيىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئىلگىرىكى غەربىي شىمال ئاساسەن چېگرا رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي خەرىتىسىدە ئانچە كۆزگە چېلىقمايىتتى. بىراق ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئاسىيادىن پۈتكۈل يەر شارىغىچە بولغان سىتراتېگىيە نەزىدە تۇرۇپ قارىغاندا غەربىي شىمال ياۋرو-ئاسىيا كۆۋرۈكىگە ئايلىنىپ بۇ رايونلارنىڭ سىتراتېگىيەلىك قىممىتى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.
ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ نوپۇس ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتى ئاساسەن تويۇنۇپ قالدى. مەسىلەن ئاران 100مىڭ كۇۋادرات كلومېتىر زېمىنى بار جىياڭسۇ 70مىليون نوپۇسنى بېقىۋاتىدۇ، 100مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بارجېجىياڭ بولسا 50مىليون نوپۇسنى باقماقتا. «جۇڭگونىڭ زاۋۇدى» دەپ نام ئالغان گۇاڭدوڭنىڭ زېمىنى 200مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما نوپۇسى 100مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خېنەن، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇسىمۇ 100مىليونغا يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمما، شىنجاڭ، چىڭخەي، شىزاڭنىڭ بىر قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر قىسمىنى قوشقاندا ئومۇمىي يەر كۆلۈمى مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلۈمىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر كەلسىمۇ ئەمما نوپۇسى 30مىليونغىمۇ يەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا پەرىق بەك زور.
يەنە كېلىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى زور بولۇپ ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا تولىمۇ ماس كەلسىمۇ ئەمما، بايلىق مەنبەسى غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭكىدەك مول ئەمەس. بۇ جەھەتتە شەرىقىي قىسىم بېلەن غەربىي قىسىم نوپۇس ۋە بايلىق جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاشقا مۇھتاج.
يەرشارى تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ چوڭ دۆلەتلەر مەملىكەت بويىچە تەكشى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق كۈچەيگەن. ئامېرىكا بۇنىڭ تىپىك مىسالى. شىنجاڭ ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شىتاتىغا ئوخشايدۇ. ئامېرىكا 19-ئەسىردىن باشلاپ رۇسىيەدىن ئالياسكىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇنى قەدەممۇ قەدەم ئېچىپ، ئۇ يەردىن زور مىقداردىكى تۆمۈر كانلىرىنى تاپقان. ئالياسكىنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرى زاپىسىمۇ ئىنتايىن كۆپ، كان بايلىقلىرى مول. پۈتۈن مەمەلىكەت يەر مەيدانىنىڭ 6دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئالياسكا ئامېرىكىنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىدىكى موھىم بازىغا ئايلانغان.
ۋەھالەنكى، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمغا كۆچمەن يۆتكىشىنىڭ تەس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەب غەربىي قىسىمنىڭ شەرقىي قىسىمدىن قالاق بولۇپ قېلىشىدۇر. كەلگۈسىدە غەربىي قىسىم ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلا بولسا ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى سەرخىل نوپۇسنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدۇ.
يېقىن كەلگۈسىدە مەركەز شىنجاڭغا 10تىرلىيون مەبلەغ سالماقچى، شىنجاڭغا بۇنداق زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان. يەنە كېلىپ غەربىي قىسىمدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېلىنىۋاتقان مەبلەغ كۆلۈمىنىڭ زورلۇقىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. بۇنچە زور مەبلەغ چوقۇم كۆچمەنلەر بىلەن بىرگە يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭ تۈرىتكىسىدە غەرىبكە ئاققان نوپۇس بەلكىم «پاختا كۆچمەنلىرى» ۋە «يەر تەۋرەش كۆچمەنلىرى»گە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپىيىپ ئەڭ يۇقۇرى ھالەتكە يېتىشى مۇمكىن.
كەلگۈسىدە غەربىي قىسىم جەلىب قىلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ 100مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى ئېنىق. قايسى ئۆلكە، رايونلاردىن ئەڭ كۆپ كۆچمەن يۆتكۈلىدىغانلىقى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە سىتراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن بېكىتىلسە كېرەك.