ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمانمۇ؟

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن يېقىنقى بىر مەزگىلدە ھەقىقەتنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئىسلامى تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەل ۋە ساپ تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئەمما ئەتراپىمدا ئايلىنىپ يۈرگەن بەزى بىر ئىشلار كاللامدىن زادىلا ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى يىغىپ كىچىلەپ ماتېرىيال كۆردىغان. بەزىدە جەمئىيىتىمىزدىكى بولمىغۇر قاراشلار ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىغان بولۇپ قالدىم. بىزدىكى مەسلە زادى نەدە؟

ئىسلام – ئۇ ئاللاھ نىڭ گۈزەل نۇرى، ئۇ بىزگە ئەشۇ گۈزەل نۇرنى خالىغانچە ئېلىشقا ۋە خالىغانچە ھوزۇرلىنىشقا چاقىرىدۇ. بىراق جەمئىيىتىمىزدە بۇ گۈزەل نۇرنى سۇندۇردىغان، ئۆز خاھىشى بويىچە، ئۆزىنىڭ ھىسسىي تۇيغۇسى بويىچە تەبىر بىردىغان ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، بۇ ئىشلاردىن بىرى دەل بىزدىكى «ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمانمۇ» مەسلىسىدىن ئىبارەت. بۇ مەسلە ھەر قېتىم مۇشۇ ئىككى تائىپە ئارىسىدا تەمتىرەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا مېنى تولىمۇ قىينايدۇ. ئۇنداقتا مەن زادى نىمە؟

بۇ سوئال بەلكىم ماڭا ئوخشاش ئىككى ئارلىقتا تەمتىرەپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا دائىم ئەگىپ، مېنى قىينىغاندەك قىيناپ قويغان بولىشى مۇمكىن. ئۇزۇن زامان ئارلىشىش ئارقىلىق بۇ خىل ئايرىشنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر ئاتىۋالغان يالتىراق زىيالىلار بىلەن ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتىۋالغان دوقمۇش موللىلىرىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مېنىڭ بۇ يەردە ھەر ئىككى تائىپەگە دەيدىغان باشقا گىپىممۇ يوق. چۈنكى ھەر ئىككىسى ھىچ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماس، يارماس ۋە يارامسىز ( ئاللاھ، ياراتقانلىرىڭغا ئىھانەت ۋە ئاھانەت ئېتىشتىن ساقلىغىن. بۇ مىنىڭ ئىسيانكارلىقىم ئەمەس. سەن سۆيگەن بەندەڭنى سۆيۇش ۋە سەن نەپرەت ئەتكەن بەندەڭدىن نەپرەتلىنىش ئىمان جۇملىسىدىندۇر) تائىپەدىن خالاس. ئەمما مېنىڭ ماڭا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ قايسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغان ئىككى ئېغىزلا گىپىم بار.
بىرىنچىسى – بىز بىر ئۇيغۇر، بۇنى گەۋدىسىنىڭ ئۈستىدە بېشى بار ۋە شۇ باشتا ئازراقلا ئەس – ھوشى بار ئادەم بىلەلەيدۇ. ئۇنداقتا بىز نىمىشقا ئۇيغۇر بولغىدەكمىز – دەيسىز شۇنداقمۇ؟ دوقمۇشتىن دىن ئۈگەنگەن موللىلارنىڭ دىگىنىچە بىز ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان دەپ ئايرىلغىلى تۇرساق ئۇ ھالدا ئاللاھ، كەرەملىك زات بولغان رەببىمىزنىڭ ھەممىنى بىلىپ يارتىشتىن ئىبارەت گۈزەل خىسلىتى نەدە قالىدۇ. ئاللاھ ئېزىپ قىلىپ بىزنى ئەرەپ يارتالماي ئۇيغۇر يارتىپ قويغانمىكەن يا؟ ئاللاھ بىزنى بىلىپ ئۇيغۇر ياراتقان، قېنىمىزدا ئېقىۋاتقان قان ئۇيغۇرنىڭ قېنى. ئاللاھ خالىسا ئىدى. بىزنى باشقا بىر مىللەتتىن ئاپىردە قىلغان بولار ئىدى. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارلىپ قالغانلىقىدىن پۇشايمان قىلدىغان ئۇنداق ناكەسلەرنىڭ قولىدىن مىللەت ۋە دىنغا ئاپەت ئېلىپ كىلىشتىن باشقىسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى داۋا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىدىمۇ تېخى ھىچ نەرسە بىلمەيدۇ، ئۆز رەببىگە ئاھانەت قىلىپ دىنىنى ساتقان ۋاقتى كەلسە ھەر نەرسىسىنى ساتار !!!؟

ئىككىنچى- بىز ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ئاندىن مۇسۇلمانمىز، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئاتاپ، مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاققان يالتىراق زىيالىلارنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى چۈشەنچىسى يىتەرلىك ئەمەس. سەمىمىزدە بولسۇنكى ئىسلام ھەرگىزمۇ دوقمۇشتىكى موللىلارنىڭ ئاغزىدىكى پەتىۋا ئەمەس، ئۇ بۆيۈك ئەخلاق ۋە ھەقىقىي بىر يول. دىننى ئۆز مەنپىئەتىگە كەلگەندە كۆتۇرۇپ چىقىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۈگەنگەن ئەقىللىقلەر ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى، ھەقىقىي ئىسلام دىنىنى چۈشەنگەنلەر بولماستىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى بۇرمىلاپ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتكۈچىلەر خالاس، بۇرۇنقى ئېلاھى كىتاپلارنى ئۆزگەرتكۈچىلەر تا ھازىرغىچە ئاللاھ نىڭ لەنىتى ئاستىدا تۇرۋاتىدۇ. بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى.

قايسى مىللەتتىن بولۇشنى تاللاش ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنى جانابى ھەق ئۆزى بېكىتىدۇ. قايسى دىندا بولۇش ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى ياراتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ قايسى يولنى تاللىشىنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەرگەن دوزاق ۋە جەننەتتىن بىرنى تاللاش ئۆز ئەركىمىز، خالىغانلار خالىغان يولنى تاللىسۇن.
دىمەك بىز ئەڭ ئاۋال بىر ئىنسان، ئىنسان بولغاندىمۇ رەببىمىز ئاللاھ ياراتقان ئاجىز بىر قۇل، ئاندىن قالسا ئاللاھ مىللىتىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تاللىغان ئىكەن بىز ئۇيغۇر، ئۇيغۇر بولغاندىمۇ ئاللاھ نىڭ بەرگەن نىئىمەتلىرىنى چۈشەنگەن ۋە بىلگەن مۇسۇلمانلاردىن بىز. ئاللاھ قا شۈكۈرلەر بولسۇنكى بۇ بىزنىڭ شەرپىمىز ۋە غورۇرىمىز. دىمەك بۇ يەردە سىز ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمانمۇ دەپ ئايرىشنىڭ ئۆزىلا بىر ئەخمىقانىلىق بولماي نىمە؟ بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق بولماي نىمە؟ھاماقەتلىك ۋە نانكورلۇق بولماي نىمە؟

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بىز زادى نىمە بولغان مىللەت؟ «موللىلىرىمىز» ئۆز خاھشى بويىچە سۆزلەپ، ئۆز نەپسىدىن كىچەلمەي، مەسچىت، مەسچىتلەردە باشقىلارنى ھاقارەتلەپ، بىلىملىك كىشىلەرنى ئۆزىدىن بىزار قىلىپ جامائەتنىڭ بىرلىك ۋە ئۆملىكىنى بۇزسۇن. «زىيالى» لار مېنىڭچە، ئۇنىڭچە، ئاۋۇنىڭچە، پەرەز قىلسام . . . دىگەندەك قالايمىقان بىلجىرلاش بىلەن نادان خەلىقنى ساراڭ تاپسۇن.

ئاللاھ تىن قورقۇيلى قېرىنداشلىرىم،ئاللاھ تىن ھايا قىلايلى. ئۆزىمىزچە ئاللاھ نىڭ جازاسى كەلمەس دەمدۇق، ئەجىبا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازا بولامدۇ بىزگە، مەھشەردە ئورنىمىزنى نەدىن ئىلىپ قويۇشنى ئويلايمىزكى شۇڭا قورقىماي شۇنداق چوڭ سۆزلەيمىز. 38 گىرادۇسلۇق ئىسسىققا پايلىماي بۇلۇڭ بۇلۇڭلارغا قاچقان ۋاقىتلىرىمىزدا ئويلىمامدۇقكى دوزاققا پۇل خەجلەپ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورناتقىلى بولمايدىغانلىقىنى. ھارام ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا ئويلىمامدۇقكى ئۆلۇپ كېتىدىغانلىقىمىزنى، كىمگە ۋەھى كەلدى -سەن 100 ياشقىچە ياشايسەن، ئالدىرماي ئىبادەت قىل- دەپ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت ۋە مەغفىرەت قىلسۇن (ئامىن)

 

مەنبە: مۇسۇلمانلار تورى

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …