ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ

شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، 12. نويابىر ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكىنىڭ مىيونخىندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

 

نامايىش ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى تەلەپلىرى نامىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېزىلغان بىر پارچە ئىلتىماس، كونسۇلخانىغا تاپشۇرۇلدى. ئىلتىماسنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:

《ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭدىن 77 يىل ئىلگىرى، خىتاي جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، 44. يىلى 12. نويابىر ”شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى“ ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ئىدى. بەختىمىزگە قارشى 49. يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلدى. گەرچە شۇنىڭدىن بۇيان ۋەتەنىمىز خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئازاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىراق بىزنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىمىزنى قوللايدىغان، بىزنى ھىمايە قىلىدىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت بولمىغاچقا، كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى بىزنى سىستېماتىك قىرغىن قىلىپ كەلمەكتە. كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى ۋەتەنىمىزنى ئىشغال قىلغان 72.  يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلغان زۇلۇملىرىنى، ئاسسىىمىلاتسىيە تۈزۈملىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتسەك، قانچە توم كىتاب بولۇپ كېتىدۇ. 2016. يىلىدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىنلا، ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەت ھەم ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى. بىراق كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى مەزكۇر ئەيىبلەشلەرنى پىسەنتىگە ئالماي، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭدىن 76. يىل ئاۋۋال ناتسىست گېرمانىيەنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىجرا قىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىلا توسۇپ قالغان ۋە يەھۇدىي خەلقىنى ئۆلۈم لاگىرلىرىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇتقۇزغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سولاپ، ئىرقى تازىلاش ۋە ئىرقى قىرغىن قىلىىپ يوقىتىۋېتىش خەۋپىدە تۇرماقتا. بىزنىڭ خۇداغا يالۋۇرۇشتىن باشقا، ئۆزىمىزنى خىتاي دۆلىتىنىڭ قىرغىن قىلىشىدىن ساقلاپ قالغىدەك چارىمىز يوق. خۇدا بىزگە ياردەمچى قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تاللىغان بولسا، چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز خۇداغا ئىشىنىمىز ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم قىلىشىنى كۈتىمىز. گەرچە ۋەتىنىمىز كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولسىمۇ، مىللىتىمىز ئىرقى قىرغىن قىلىشقا مەھكۇم بولسىمۇ، مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى سېغىنىپ، مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ئەركىن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار 12. نويابىر كۈنىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتىمىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2021. يىلى 12. نويابىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بىر چوڭ ھەدىيە كۈتىمىز. يەنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 1949. يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتيىىسى ئىشغال قىلغان ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلسا، بۇ ھەدىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك چوڭ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. ۋەتىنىمىز خىتاي دۆلىتىدىن قۇتۇلۇپ ئازات بولمىغىچە، ئۇيغۇر خەلقى يوقىتىلىش خەۋپىدىن ئامان قالمايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئەپەندىگە، پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىگە رەھمەت ئېيتىمىز.》

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ گېرمانىيەدە شىددەت بىلەن ئارتىشى سەۋەپلىك، نامايىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىغا چەكلىمە قويغاچقا، نامايىش توغرىسىدا ئۇختۇرۇش قىلىنمىدى. قېرىنداشلارنىڭ ئۆزرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

 

 

: ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى

  1. يىلى 12. نويابىر
بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …