ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز – ئارا ئورتاقلىشىپ، تەڭ كۈلۈپ، بىرگە يىغلاپ، تەڭ ياشاپ، بىرگە ئۆلۈپ تارىخلارنى بېسىپ بۈگۈنگە كەلگەن، ئېسىل، ئاقسۆڭەك بىر مىللەت ئىدى . ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى مۇشۇ مىللەت مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ھەرگىز يوقالمايدۇ.

ئۆزى ئارامخۇدا غەربنىڭ مۇھىتىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ، مىللەتنىڭ قايغۇسىنى ئۆز غېمىم – دەپ، مىللەت بىلەن بىرگە ئازاپلىنىۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا، ھەممىگە ئۆرنەك بولغان پىداكارلىرىمىزنىڭ بىرى گوللاندىيەدىكى ئابدۇرەھىم غېنىدۇر. ئۇ ئىككى يىلدىن ئاشقان ئۇزۇن بىر مۇساپىدە، گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە، ئۆزى يالغۇز نامايىش قىلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار، ئاق كۆڭۈل باشقا مىللەت ئەزالىرىمۇ ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويغىنى يوق. بەزىدە ئۇنىڭ يېنىدا بىرگە تۇرۇپ، ئۇنى قوللاپ، خىتايغا غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادە قىلىدىغانلار بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئابدۇرەھىم غېنى ئۆزى ۋەتەننىڭ بايرىقىنى تىك تۇتۇپ، نامايىش مەيدانىدا پەيدا بولىشى كېرەك. مانا ئىككى يىلدىن ئاشقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ، ئۇ يەنىلا نامايىش مەيدانىدا بايراق بىلەن بىرگە تىك تۇرماقتا. ئابدۇرەھىم غېنى ئۆزىنىڭ نامايىشىنى قىلىۋاتمايدۇ. ئەكسىچە خىتاي تۈرمىسىدە، جازا لاگىرلىرىدا زۇلۇم تارتىۋاتقان، ئۆلتۈرىلىۋاتقان 30 مىلىيوندىن ئارتۇق خەلقىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئازاپلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتىدۇ. ئابدۇرەھىم غېنى مۇشۇ ئىككى يىلدىن بېرى ئايالى ۋە نارسىدە بالىلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە قوللىشى بىلەنلا، خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى داۋام ئەتتۈرۈپ كەلدى . بىز – چەتەلدىكى، غەربتىكى، ياۋروپادىكى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئابدۇرىھىم غېنىنى ھازىرغىچە تولۇق قوللاپ كېتەلمىدۇق. ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ، ئۆيىدە ئا’ئىلىسى بىلەن كۆڭۈللۈك بىر كۈن ئۆتكۈزۈشتىن بارلىق دادىلارغا ئوخشاشلا سۆيۈنەتتى. بىراق ۋتەن، مىللەتنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاينىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ، ئامستېردام مەيدانىدا كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ تىك تۇرۇش ئۈچۈن، ئا’ئىلە ۋە پەرزەنت سۆيگۈسىنى بىر يانغا قويۇپ تۇردى.

ئابدۇرەھىم غېنى پەقەت گوللاندىيەدىلا ئەمەس، پارىج شەھىرىدە، جەنىۋە شەھىرىدە رەسىملىك ئىسپاتلار بىلەن، ۋەتەندىكى خىتاي زۇلمىنى كۆرگەزمە قىلدى . ئۇ ئالدىمىزدىكى ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا، پارىج ۋە ئامستېردام شەھەرلىرىدە، چوڭ كۆلەمدە رەسىم كۆرگۈزمىسى پا’ئالىيىتى ئويۇشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.

ئابدۇرەھىم غېنى گوللاندىيەدە بىر تەجىربە خانىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ئىشلەيدىغان، ئايلىق ما’ئاشچى. ئۇ ھەپتە ئىچىدە تولۇق ئىشلەپ، دەم ئالىدىغان، ئايالى ۋە ئوماق پەرزەنتلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدىغان كۈنىنى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن، ئوچۇق مەيداندا قىشنىڭ قار- شىۋىرغانلىرىدا، يازنىڭ يېقى’ئىمسىز ئاپتاپ ۋە يامغۇرلىرىدا تىك تۇرۇشقا بېغىشلىدى . بىز غەربتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ نارسىدە بالىلىرىچىلىك پىداكار بولالىساق، ھەقىقەتەن چوڭ ئىش قىلالىغان بولاتتۇق. شۇڭا بىزمۇ ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىملىق كۆرۈنىدىغان بەش – تۆت تەڭگە پۇلىمىزنىڭ ئىللىق مېھرىدىن كېچىپ، ئابدۇرەھىم غېنىنى ماددى جەھەتتىن قوللايلى.

كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىپ قويىدىغان يەنە بىر ھادىسە شۇكى، ئابدۇرەھىم غېنى ۋەتەندىكى ئا’ئىلىسىدىن ئىز – دېرەكسىز 28 كىشىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش باناسىدا، خىتاينىڭ شەرمەندە يۈزىنى ئاشكارىلاش مەقسىتى بىلەن 16. ئاۋغۇست ئامستېردامدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كىرىش دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرىۋېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنى جاۋاب بېرىشكە قىستىغان ئىدى. ئۇنى گوللاندىيە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى تۇتۇپ كېتىپ، بىرەر سا’ئەتتىن كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئامانلىققا دەخلى يەتكۈزگەنلىكنىڭ جازاسى تەرىقىسىدە، مىڭ ئويرو تالۇن كەستى . بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئابدۇرەھىم غېنىغا ياردەم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتى . مىيونخىندىكى پېشقەدەم رەھبىرىمىز ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئابدۇرەھىم غېنى تۆلەيدىغان مىڭ ئويرو جازانى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدەك ئالىجاناپلىق ھەممىمىز قىلالايدىغان ئىش . ئازىراق پىداكار بولالىساقلا، يۈزلىگەن پىداكار ئابدۇرەھىم غېنىلارنىڭ سوغاقتا ئۈشىگەن قەلبىنى ئىللىتالايمىز.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز – ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى، ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ نۆۋەتتىكى پا’ئالىيىتىنى قوللاپ، ئاز بولسىمۇ 1000 ئويرۇ ئىئانە قىلدۇق. غەرب دۆلەتلىرىدىكى قانچە ئونلىغان تەشكىلاتلىرىمىز قوللىغۇچىلىرىنى، ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئابدۇرەھىم غېنىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن يار – يۆلەكتە بولىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مالىيە بۆلۈمى

24. 08. 2020
مىيونخىن – گېرمانىيە

https://www.facebook.com/100000313262662/posts/3610413268979080/?extid=wakuFOZmmbpNmnTA&d=n

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرەيلى

  ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرەيلى ئۇيغۇرلار، ھۇنلار، تۈركلەر بىر ئاتا، بىر ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شاخلىنىپ چىققان، …

جاۋاب يېزىش