ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرەيلى

 

ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرەيلى

ئۇيغۇرلار، ھۇنلار، تۈركلەر بىر ئاتا، بىر ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شاخلىنىپ چىققان، قان قېرىنداش خەلقتىن كۆپىيىپ، كەڭىيىپ دەسلىۋىدە جامائە، ئۇرۇق، قەبىلىگە ئايرىلغان. بۇ ئۈچ قېرىنداش قوۋم شەرقى جەنۇپتا چىن سىپىلى قورشىۋالغان سېرىق دەريا رايونلىرىدىن، شەرقتە ياپون دېڭىزى، شىمالدا ئالتۇن ئوردا، غەربتە قىپچاق ۋادىسى، لاداخ، ئالتۇن تاغ رايونلىرىغىچە بولغان تۇپراقلاردا سەلتەنەت قۇرۇرپ شەھەر سورىغان. بۇ ئۈچ قوۋمنىڭ قايسى بىرى روناق تېپىپ، ئەلنى باشقۇرالىغۇدەك كۈچ، قابىلىيەتكە ئىگە بولسا، ھۆكۈمرانلىق تەختىگە شۇ قوۋم چىقىپ، قالغان قېرىنداشلار ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ شەھەر سوراپ، قانچە مىڭ يىللارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى مىڭ يىل قۇرۇلۇش باسقۇچى بولغان بولسا، مىلادى بىرىنچى مىڭ يىل كۈچلىنىش ۋە پارچىلىنىش باسقۇچى بولغان. مىلادى ئىككىنچى مىڭىنچى يىل تاسقىلىش، يىمىرىلىش ۋە قايتا بېرىكىش دەۋرى بولدى. ھۇنلار دەۋرىنىڭ تەبى ئاپەت، يۇقۇملۇق ۋابا، نامراتچىلىق، ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئېتىقاد يېڭىلىنىش قاتارلىق ئېغىر سىناق ۋە قىسماقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، غوللۇق بىر قىسمى تۈركلەرگە ۋە ئۇيغۇرلار سىڭىشىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر قىسمى چىن سىپىلىنىڭ ئىچىدە قالغان ئەجدادلارنىڭ زېمىنىغا يەرلىشىپ، يات ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۆز مەۋجۇتلۇقلىرىنى ساقلاپ قېلىش پىلانى بويىچە تەدبىر قوللىنىش جەريانىدا، خىتاي قوۋمىگە سىڭىپ كەتتى. يىراق غەربكە كۆچكەن ئاز بىر قىسمى ياۋروپاغىچە كۆچۈپ بېرىپ، تارىختا شاھانە ئىزلارنى قالدۇرۇپ، يەرلىك قوۋملەرگە سىڭىپ يوقالدى.

ھازىرغىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى بىلەن بىر ئىرق، بىر قاندىن بولغان يەنە قانچە ئونلىغان قەبىلە، مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، مىلادى ئۈچىنچى مىڭ يىلغا قەدەم باستى.

دۆلەت تۇتۇش، ھۆكۈمرانلىق قىلىش بولسا ئىجتىمائىي ئۆملىكنىڭ سىياسىيلاشقان مەھسۇلاتىدۇر. دۆلەت قۇرۇش، ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقىش سىياسەتنىڭ كۈچ بىلەن بېرىككەن پەيتىدۇر. بىرى بولۇپ يەنە بىرى يېتەرلىك بولمىسا، دۆلەت قۇرۇش ۋە ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقىش كاپالەتلەنمەيدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا كېيىنكى ئۈچ ئەسىردىن بېرى ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇش ۋە ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقىش جەھەتلەردە ياكى سىياسەتتە يېتەرسىزلىك قىلدى، ياكى كۈچتە يېتىشەلمىدى. شۇ سەۋەپلىك ئەسىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى. تۈركلەر بولسا، يىراق ياۋروپا ئەللىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، تەپرىقىچى ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇششاق، چېچىلاڭغۇ ھاكىمىيەتلىرىنى يىمىرىپ، تۈرك سەلتەنىتىنى تىكلىدى. ئۈچىنچى مىڭ يىلغىمۇ غالىپ قەدەم بىلەن كىرىپ كەلدى. بىز ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز، سۆيۈنىمىز. شۇ ئارىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قانداش مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى، ئۆز قوللىرىغا ئۆتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمىز.

گەرچە بىز ئۇيغۇر مىللىتى ھاكىمىيەتسىز، دۆلەتسىز، ئەسىر ھالدا قالغان بولساقمۇ، بارلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانلىرى سىڭگەن، سۈڭەكلىرى كۆمۈلگەن مۇقەددەس ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۈستىدە، شۇ ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، شۇ ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن سۆيۈنىمىز. بۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق بەلگىمىزدۇر.

بىز – ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېتى ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۆرۈمسىز، مېيىپ ھالدىكى ئاتا- ئانىسىدىن چانىدىغان، نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغان ئاتا – ئانىسىدىن نومۇس قىلىدىغان ۋاپاسىز ئەۋلادلارنىڭ بولغىنىدەك، مىللەت ئاھالىسى ئىچىدىمۇ، مىللىتىنىڭ ئەسىرلىك ھالىدىن چانىدىغان، يۈز ئۆرۈيدىغان ھەتتا مىللىتىنى ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەرمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنداق مىللىتىدىن تانىدىغان كىشىلەردىن، كۆپىنچە ھاللاردا مۇستەملىكىچى كۈچلەر پايدىلىنىدۇ. ئۇلاردىن سىياسى كادىرلارنى تىكلەپ چىقىدۇ. ئىلمى تەتقىقاتچى خادىملارنى، تارىخچى ئالىملارنى، ئەدەبىياتچى- شائىرلارنى، دىنى ۋەزخانلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدۇ.

ۋەتىنىمىزنى خىتايلار ئىشغال قىلغان كېيىنكى 70 يىلدىن بۇيان، مىللەتنى ساتىدىغان، مىللەتتىن تانىدىغان، مىللەتنى ئىنكار قىلىدىغان سان- ساناقسىز كىشىلەر خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرىستانغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى – ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنى بۇرمىلاپ، خىتايلاشقان جۇڭخۇۋا قوۋمىنىڭ بىر قىسمى دەيدىغان، ھەتتا كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان توقۇلمال ئىلمى خىزمەتلەرنى ئۆتەپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەلۇم چارەسىزلىك تۈپەيلى قىلغان ئاسىيلىق – دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدىغان ئۇيغۇر دۈشمەنلىكى خىزمەتلىرى، خىتاي چېگراسىنىڭ سىرتىدىمۇ بىمالال ئەمەلگە ئاشماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى غەرب ئەللىرىگە يەتكەنچە، غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قەدىمىنى تېزلەتكەنچە، بىر ياقتىن ئىلمى، كەسپى خادىملار : 《ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت مەۋجۇت ئەمەس، ئۇيغۇر دېگەن نامنى 1924. يىللىرى تاشكەنت كونفىرانسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى رۇسلار پەيدا قىلغان》 – دېگەندەك تەتۈر تەشۋىقات ۋە ئىنكارچىلىق پىكرىنى، بەئەينى خىتاينىڭ پايتەختى بېجىندا، خىتاينىڭ سىياسى بۈروسىدا سىياسەت قىلىۋاتقاندەك، خىتاينىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدە لېكىسيە سۆزلەۋاتقاندەك، شۇنچىلىك خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بايان قىلىشلىرى، يەنە كېلىپ خىتايدا ئوقۇپ كەسپى مۇتەخەسىسلەشكەن ۋە تۈركىيە دۆلىتىدە ( خىتاي بىلەن ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداش بىر دۆلەتتە) ئىلمى خىزمەت ئىشلەۋاتقان پروفېسسور دوكتور ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى بىلەن، پروفېسسور دوكتور ۋارىس چاكان ئەپەندىلەرنىڭ ئاتالمىش 《ئىستىقلال》 سۆھبەت پروگراممىسىدا ئېلان قىلىشلىرى، ئەقلى – ھۇشى جايىدا بولغان ھەر بىر ئۇيغۇرنى سىلكىندۈرىدۇ. بۇ ئىككى پروفېسسورلارغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ئىستىقلال تور تېلېۋېزور تەشۋىقات ئەسلىھە ئورگىنىمۇ، ئوخشاشلا تۈركىيە دۆلىتىدىن تەمىناتلىنىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئورۇن . بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنى، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى خىتاي قانلىق باستۇرىۋاتقان بولسىمۇ، يوق ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزىمىز قوبۇل قىلمىغۇچە، ئۆزىمىدىن ئۆزىمىز تانمىغچە خىتاي بىزنى يوقىتالمايدۇ. ئەمما قاتتىق كۈچ ئىشلىتىپ يوقىتالمىغان دۈشمەن، بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆزلەپ تۇرۇپ، بىزنىڭ دەۋارىمىزنى ئاڭلىتىدىغان كانايلاردىن ئىلمى ئۇسۇلدا پروگرامما تارقىتىپ، يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق، بىزنى يوقالغانلىقىمىزغا، ئەزەلدىنلا يوق ئىكەنلىكىمىزگە، ئۇرۇسلار تەرىپىدىن خاتا پەيدا قىلىنىپ قالغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرۈپ، يۇمشاق كېسلاتا بىلەن ئېرىتىۋەتمەكچىمۇ! بۇ ھەقتە بىز ھۆكۈم قىلمايمىز. لېكىن مۇشۇ ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىنىڭ سەۋەپ، جەريان ۋە نەتىجىسىنى كۆرىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرخەلقى ئۆزلىرى باھا بېرەلەيدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئۈچ مىلىيوندىن ئارتۇق كىشى بىر ئۈلگۈچە ۋە ئون ئىككى مىلىيوندىن ئارتۇق كىشى نۆۋەتلەشتۈرۈلگەن ھالدا سولاقخانىلارغا، لاگىرلارغا، تۈرمىلەرگە قامىلىپ، قىرغىن قىلىنىپ ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە يوقىتىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قارشىسىدا چەتئەلدىكى بىر ئوچۇم ئۇيغۇرلار بېشىنى تىك تۇتۇپ: مەن ئۇيغۇر! بىز ئۇيغۇر! – دەپ، خىتايغا قارشى نەرە تارتىۋاتسا، بۇ كىچىككىنە مەۋجۇتلۇقنىمۇ راۋا كۆرەلمەيۋاتقانلارنى، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر دۈشمەنلىكى قىلغۇچى خادىملار – دېمەسلىككە ئۇيغۇرلار ئامالسىز قالىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش قەستىدە، مىللەتنىڭ روھىغا، غۇرۇرىغا، تىلىغا چېقىلماقچى بولغانلار پەقەت قورال كۈچىنىلا ئىشقا سېلىشى كېرەك. يۇقىرىقىدەك يۇمشاق كۈچ بىلەن قايمۇقتۇرۇپ، ئالداپ، ئىنكار قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يوقىتىۋېتىش مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ.

يەنە ئالاھىدە ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى بايان قىلىمىزكى، 5. ئىيۇل تاجاۋۇزچى، قانخور خىتايلار تەرىپىدىن قېنىمىز ئېقىتىلغان، تارىختا ئۆچمەس ماتەم كۈنىدۇر. ھەر يىلى 5. ئىيۇل يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇيغۇرلار چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدۇ. قىساس ئوتى يۈرەكلەرنى ئۆرتەيدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك سەزگۈر كۈندۇر . بىراق ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقال مۆتىبېرى، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى – دەپ تونۇلغانلار قاتارىدىن، ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى 5. ئىيۇل كۈنىنىڭ ئالدى – كەينىدە، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يىغىن سورۇنلىرىدا بولسا كېرەك، مەن ئۇيغۇر، مەن ئۇيغۇرىستانچى دەيدىغانلارغا قارىتا ئۇيغۇر ئەخلاقىغا يات، مۇسۇلمان ئەخلاقىغا خىلاپ، ئەقەللىسى جامائەت سورۇنىغا يات سۆزلەرنى قىلغان ئىكەن . ئۇنىڭدەك ناباب چالۋاقاشلار بەزىدە جەمئىيەت ۋە دەرنەكلەرنىڭ ئىچكى يىغىنىدا، نارەسمى غەيۋەتخانىلىرىدا بولۇپ تۇرىدىغان، ئادەتتىكى ساپاسىز پاراڭلار- دەپ، پەرۋا قىلىپمۇ كەتمىگەن ئىدۇق . بىراق دەل 5. ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات بازار مەيدانلىرىدا، خىتايغا قارشى نامايىشقا توپلاشقان ئوچۇق سورۇندا، ئۇيغۇرىستانچىلارنىڭ چىشىنى سۇغۇرىمىز! دېگەندەك، لۈكچەكلەرچە چالۋاقاشلىرى، قانداقتۇر ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىنىڭ زەنجىرسىمان ھەرىكەتلىنىۋاتقان پاراۋۇزلىرىدەك، قەبىھ ئوبرازلارنى سۆرەتلەپ بەردى. ئەسلىدە بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئاخىرىدا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، چەتئەلدىكى زىيالىي، تەتقىقاتچى خادىملار بىلەن بېجىندىكىلەرنىڭ ماكان پەرقى بولغاندەكلا، ئىدىيە پەرقى، پىكىر پەرقى، تەتقىقات پەرقى بولىشى كېرەك . شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى دەرنەكچى، تەشكىلاتچى، پائالىيەتچىلەر بىلەن، ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىپ، مىللىتىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قىرغىن قىلىپ، ھاياتلارغا روھى زەربە بېرىپ، مەن ئۇيغۇر دېگۈچىلەرنىڭ چىشىنى سۇغۇرۇپ، تىلىنى كېسىپ، روھىنى ئۆلتۈرۈپ جازالاۋاتقان خىتاي ئىجرائاتچىلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولىشى لازىم . بىزنىڭ : 《 ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ بىرلا دۈشمىنى بار- ئۇ بولسىمۇ خىتايدۇر! 》- دېگەن ئىدىيىمىزگە، شوئارىمىزغا، پىرىنسىپىمىزگە قوشۇمچە ئىزاھات بېرىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسۇن. سۆزلەشتىن بۇرۇن، پائالىيەت قىلىشتىن بۇرۇن بۇ نۇقتىنى ئەستە ساقلىشى لازىم.

ئاغزىدا، شوئارلىرىدا :《 شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ دۈشمىنى خىتايدۇر》- دەپ قويۇپ، ئەمەلىي تەشۋىقاتلىرىدا، تەتقىقات ۋە ئوچۇق سۆھبەتلىرىدە : ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق، مەن ئۇيغۇر دېگەن ئادەمنىڭ چىشىنى سۇغۇرىمىز – دېگەندەك، ئۇيغۇر دۈشمەنلىكى قىلىشقا ئۇيغۇرلار يول قويالمايدۇ.

06. 07. 2020

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېتى

گېرمانىيە – مىونخىن