شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق باياناتى

شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق باياناتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشكىلاتنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرى ، تۆۋەندە مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقى تۈركىستانلىق (ئۇيغۇرستانلىق)  ۋەتەنداشلارغا ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى قارارلانغان تەشكىلاتىمىزنىڭ 1- نومۇرلۇق قارارىنى ھەرقايسىڭلارنىڭ دىققىتىگە  سۇنماقچىمەن . تەشكىلاتىمىزنىڭ بۇ ئومۇمى قارارنى جاكارلىغان ۋاقتى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ئۇيغۇرلار پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدا ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، تاجاۋۇزچى خىتتاي ھاكىميىتى مىللىتىمىزنى تامامەن قىرىپ يوقۇتۇپ، ۋەتىنىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرىۋىلىشتەك رەزىل سىياسىي ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنتايىن بىر قورقۇنۇشلۇق ۋە ھالقىلىق پەيتكە توغرا كەلدى . شۇڭا بىز دۇنيادا بىرلىشىشكە بولىدىغان بارلىق ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىمىز ، تېخىمۇ ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا  مۇستەقىللىق  ستراتىگىيىسى ئاستىدا مەيلى ئۇ يالغۇز كىشى بولسۇن ۋە ياكى تەشكىلات بولسۇن مەيلى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بولسۇنمەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ۋەتىنىمىزگە ، مىللىتىمىزگە ۋە مىللى كۆرىشىمىزگە خىيانەت قىلمىغانلا بولىدىكەن ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تۈزۈتۈپ ، كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ ، بىربىرىمىزنى ھىمايە قىلغان ئاساستا مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىمىزدە ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان تاجاۋۇزچى خىتاي دۆلىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرىشىمىز لازىم . ئۇيغۇر خەلقى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ  قاچان جەڭدە ، كۆرەشتە يېڭىلگەن خەلق ئەمەس ، پەقەت دۈشمىنىنىڭ سۈلھىسالا قىلىش ئۈستىلىدە يېڭىلگەن . دۇنيادا كۆرەش قىلغان مىللەت ھېچقاچان يوقالمايدۇ. تارىخ بىزگە شۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدىكى ، بىز ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆرىشى ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى ياكى ئىنسان ھەقلىرى دەۋاسى ئەمەس . ئەكسىنچە بۇ بىر پۈتۈن ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۆرىشىدۇر . ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەۋاسى ، نۆۋەتتىكى مەۋجۈت دەۋا بولۇپ ، خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ئىجدىمائى دەۋاسى سۈپىتىدە ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلماقتا . مۇستەقىللىق كۆرىشىمىز خەلقىمىز ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا،  خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىميىتى ۋە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنىڭ ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىدا ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتىنى توختۇتۇپ ، پات يېقىندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىباراتتۇر . شۇڭا، ھازىر مەۋجۈت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم. شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان ) مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى ، خۇددى ئىسمىدىنلا بىلىنىپ تۇرغىنىدەك ، ئىلگىرى قۇرۇلغان ۋە نۆۋەتتە قۇرۇلىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ، ئۆزىگە ۋەتەنمىللەتنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھەرىكەت ، كۆرەش ۋە ئىنقىلاپ ئېلىپ بارىدىغان، شۇنداقلا تاشقى دۇنيا بىلەن تېنىچ يولدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىپ، خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئۆز تۇپرىقى ۋە ۋەتىنىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى، خىتاينىڭ بىر تاجاۋۇزچى ھاكىميەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ ، بىزنى مەجبۇرى بېسىۋالغان بىر قانۇنسىز تاجاۋۇزچى ھاكىميەت ئىكەنلىكىنى تولۇق پاكىت ۋە دەلىللەر بىلەن ئىزچىل تۈردە ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدىغان ۋە سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولغان خەلقئارالىق  مۇستەققىل سىياسى تەشكىلاتتۇر. بىز يىللاردىن بېرى نىمىشقىدۇر ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بارغان دەۋالىرىمىزدا خەلقىمىز ئىچىگە بىر خىل ، تاشقى دۇنياغا يەنە بىرخىل ئۇسۇلدا سۆزلەپ ۋە دەۋا ئاڭلىتىپ ، ئۆزىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى ئالداپ كەلدۇق ۋە كېلىۋاتىمىزئەمدى بۇنداق ساختىپەزلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقلارغا خاتىمە بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى . تەشكىلاتىمىز بىزگە ياردەم قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە ئىزچىل خەلقىمىزنىڭ تولۇق مۇستەقىللىق كۆرىشى قىلىدىغانلىقىنى ، پەقەت تولۇق مۇستەقىللىقىمىزلا خەلقىمىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ئاڭلىتىشنى ۋە بۇ يولدا توختىماي كۆرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈندىلىك خىزمەت پروگراممىلىرىنىڭ ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىلىرنىڭ بىرى دەپ تونۇيدۇ. ھازىر ، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىن بىر ۋەزىيەت ئاستىدا تۇرماقتا. مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ ۋە لاگىرلارغا يىغىۋىلىنىپ ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئۆلتۈرىلىۋاتقانلىقىنى گەرچە پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، ھېچ،بىر دۆلەت تېخى رەسمىي شەكىلدە خىتتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ خىلدىكى ئېرقى قىرغىنچىلىققا قارىتا جىددى بىر تەدبىر قوللانماي پەقەت بىز بىلەن بىرگە شىكايەت قىلىش بىلەن ۋە ياكى ھېچ ئىجرا قىلىش كۈچى بولمىغان قارارلارنى ماقۇللاش بىلەنلا توختاپ قېلىۋاتىدۇ .بەلكىم بىز بۇنىڭ سەۋەبچىسى  بولىشىمىز مۇمكىن. بىزنىڭ ئۇزۇن يىللار ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋالىرىمىزدا بىلىپبىلمەي خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەس دەۋاسى بولغان زىمىن ۋە  ھەقتەلەپ دەۋاسىنى توغرىسى بىلەن ئاڭلاتماي ، ئۇنى خۇددى خىتتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىپ كۆرسىتىپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خەلقئارادىكى بارلىق دۆلەتلەر ، خىتتاينىڭ بۇ ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ۋە ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ، مىللىتىمىزگە قاراتقان ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى خۇددى بۇ خىتتاي دۆلىتىنىڭ ئىچى قىسمىدىكى بىر مەسىلىدەك سەل قاراشقا تىرىشىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق خىتتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىيسودا مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئوزلىرىنى چەتكە ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. قېرىنداشلار !مانا بىز بۈگۈن مۇشۇ ئىلگىرىكى بوشلۇقلىرىمىزنى تولدۇرۇش ، خاتالىقلىرىمىزنى تۈزۈتۈش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ، ۋەتەن خەلقىمىزنىڭ «مۇستەقىللىق ۋە ئازاتلىق » دىن ئىبارات بۇ مۇقەددەس ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رەسمىي شەكىلدە تەشكىللىگەن  ئاساستا كۈچلۈك دۈشمىنىمىزگە قارىتا كۆرەش ۋە  ئىنقىلاپ قىلىش مەقسىتىدە بىر يەرگە توپلاندۇق. بىزنىڭ بىردىن بىر ئىدىيىمىز ۋە شۇئارىمىز شۇكى : “ شەرقىي تۈركىستان پەقەتلا ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۇركىستانلىقلارنىڭ زىمىنى ، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق بولمىغان ھەرقانداق بىر مىللەت ، ھەرقانداق بىر سىنىپ ۋە ھەرقانداق بىر گورۇھنىڭ بۇ مۇقەددەس تۇپرىقىمىزغا مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە ھېچقانداق ئاساسى يوق”. بىز مانا مۇشۇ ئىدىيە ئاستىغا يىغىلغان مۇستەقىللىق كۆرەشچىلىرى بىز. ئىشىنىمىزكى بىز كەڭ خەلقىمىزنىڭ شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن ، چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە ، مىللىتىمىزنى تولۇق ئەركىنلىككە ، ۋەتىنىمىزنى تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز ! ھازىر خىتتاي تاجاۋۇزچى ھاكىميىتى ۋە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ، بىزگىلا ئەمەس ھەتتا ئۆز خەلقىگە يۈرگىزىۋاتقان ئېغىر دېكتاتورلۇق  سىياسىتى ھەددىدىن ئېشىپ ، يېقىن كەلگۈسىدە  چوقۇم خىتتاي تاجاۋۇزچى ھاكىميىتى چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە مۇستەبىتلىك سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ ھالاك  بولىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ ۋە چوقۇم ھالاك بولىدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەتنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . شۇڭا بىز ھۇشيار ۋە تەييار تۇرىشىمىز ۋە مۇستەقىللىقئازادلىق كۆرىشىمىزنى بىر مىنوت ۋە بىر دەقىقىمۇ  توختاتماي ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. ئەگەر بىر توغرا ستراتىگىيە ئاستىغا يىغىلىپ، خەلقىمىزنىڭ  مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۇ ئورتاق ئارزۇسىغا  ۋەكىللىك قىلمايدىكەنمىز ، ئۇ ھالدا خىتتاي گەرچە پارچىلىنىپ يېڭى  بىر دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلانغان تەغدىردىمۇ ،  بىز يەنىلا بۇ دېموكراتىك خىتتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ، ئاستائاستا بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەت سۈپىتىدە تامامەن ھالاك بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى پۈتكۈل خەلقىمىز ئالدىدا شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى ، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى ، خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئازاتلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى رەسمىي قولغا ئالمىغىچە ، بۇ كۆرەش ۋە ئىنقىلاپ يولىمىزدىن ھەرگىزمۇ يانمايمىز.
شەرقى تۈركىستان مۇستەققىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى 24.02.2020 پارىژ ، فرانسىيە
بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …