شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىڭ 1-قېتىملىق پەۋقۇللاددە يىغىنى


2020-يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىج شەھرىدە شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ساھىپخانلىغى ۋە بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرىشى ئاستىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىڭ 1-قېتىملىق پەۋقۇللاددە يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا شەرقى تۈركىستان مەجلىسىنىڭ رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى،ۋە مەجلىس رەھبەرلىرى شۇندالا شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى خەلىققارالىق قانۇن پەنلىرى ماستېرى ئابلاجان لەيلىنامان، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلك رەھبەرلىرىدىن جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى ئابدۇل ئەھەت نۇر داموللام ۋە پارلامېنت رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن قاتارلىق باشقىلار ،شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ ھەرقايسى دۆلەتتىكى تارماق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەئىسلىرى .مەركىزى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى، بولۇپ تەخمىنەن 50 نەپەر ئەتراپىدىكى ۋەتەنداشلىرىمىز نەق مەيدان، ۋە ئىنتەرنەت ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى.

.يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تۇرمەمەت ھاشىمنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىگىنى داۋاملاشتۇرالماسلىقتەك ئىستىپاسىنى رەسمى قوبۇل قىلىپ .تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 2-ئومۇمى يىغىنغا قەدەر ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر زىيالى، ئاكتىپ سىياسى پائالىيەتچى، مۇستەققىللىق جەڭچىسى، شائىر ئابلاجان لەيلى نامانغا تاپشۇردى. مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن، مەجلىس رەئىسى ھۆرمەتلىك سىئىت تۈمتۈرك ئەپەندىم، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇسەققىلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىشىمىمىزنىڭ مۇھىملىغىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ،ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەققىللىقا ئېرىشىشنىڭ ھەر تۈرلۈك يوللىرىنى سىناپ بېقىشىمىزنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىگىنى قەيت قىلدى.تەشكىلات رەئىسى ھۆرمەتلىك ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندىم مۇستەقىللىق دەۋاسىنى، قانداق قىلىپ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش شۇنداقلا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى، چەت ئەلدە سىياسىيلاشتۇرۇش ، قانۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە توختۇلۇپ ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان بارلىق ئىچكى،تاشقى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق تۈزىشىمىزنىڭ تەخىرسىزلىگىنى ئەسكەرتتى. شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى ئابدۇل ئەھەت نۇر داموللام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ، مىللىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇستەققىللىق داۋاسىنى مەركەزلەشتۈرۈش تېخىمۇ ئېنىقىنى قىلغاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ، ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، مۇستەقىللىق يوللىرىنى ئېچىش ئۈستىدە ئىستراتېگىيىلىك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، كونكرېتنى ئىجرا قىلىشنىڭ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتتى. شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامېنت رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىم شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ 1-نومېرلۇق باياناتىدا دىيىلگەندەك مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھىشقانداق خەلىققارا ۋە شەرقىي تۈركىستان،ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا بېقىنمايدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇستەققىل سىياسى تەشكىلات ئىكەنلىگىنى ،ئۈزىنىڭ مۇستەققىلىق داۋاسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار بىلەن بولغان سىياسى ھەمكارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇستەققىلىق داۋاسىنىڭ ھەركەت قىسمىنى ئۈزتىگە ئېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تولۇق مۇستەققىلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈزۈل كېسىل مۇستەققىل ،ئەركىن، دېمۇكىراتىك ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشتەك مەركىزى سىياسى سىتاراتىگىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جىددى ھەم مۇھىملىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىنى ئۇستازلاردىن شەرقى تۈركىستان ئىتىپاقى تەشكىلاتى رەئىسى ئىستانبۇلدىن ئەلى ئەكبەر قارى ھاجىم،ئابدۇللا قارى ھاجىم ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ لىدىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ھۆرمەتلىك رابىيە خانىم ،شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتتىكى تارماق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەئىسلىرى .مەركىزى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى، ئارقا ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ ئۈزلىرىنىڭ مۇستەققىللىق ھەركەتلىرىدىكى ئورنى، رولى، ئىمكانىيەتلىرى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

.ئارقىدىن يىغىن ئەھلى سىياسىي خىزمەت گۇرۇپپىسى،
ئىقتىسات خىزمەت گۇرۇپپسى ،تەشۋىقات،نەشرىيات خىزمەت گۇرۇپپىسى ،ئاخبارات ئىنتەرنەت، بىخەتەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىچكى ئىشلار،ئىستىخبارات خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇساپىرلار خىزمەت گۇرۇپىسى قاتارلىق 7 گۇرۇپقا بۆلىنىپ، تەشكىلاتنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق مەركىزى ستراتىگىيىسى،1- بەش يىللىق خىزمەت پىلانى، ھەمدە تۇنجى قەدەملىق 1-بىر يىللىق پىلان تۈزۈلۈپ چىقىلدى.ھەمدە بۇنى ئىجرا قىلىش قارارلىرى ئېلىنىپ 3 كۈنلۈك پەۋقۇللاددە يىغىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى.
شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان مۇستقەللىق ھەركىتى تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …