گېرمانىيەدە بىرلەشمە نامايىش ۋە زىيارەت

 

گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە فىدارتسىيەسىنىڭ ئىڭولستاد شەھرىدە،شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى،شەرقى تۈركىستان مەجلىسى،شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى،ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى،شۇنداقلا تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىگى تەشكىلاتى قاتارلىق ئۇرۇنلارنىڭ ھەمكارلىق ئاستىدا 23-دېكابىر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىڭ ۋەتىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقن ئىتنىك قىرغىنچىلىققا قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىش يۈرۈشى ئېلىپ بېرىلدى.نامايىشقا نەچچە يۈزلىگەن تۈرك،گېرمان، ھەر مىللەت خەلقى قاتتىق يامغۇر ۋە سوغۇققا قارىماي خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغاغا قارشى غەزىپىنى بىلدۈردى. خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش تەشكىللىگەن ئورۇنلاردىن تاللانغان ھەيەت ،نامايىشتىن كېيىن بىر قىسىم تۈرك ،گېرمان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكلىپى بىلە ، 12-ئاينىڭ 23-24-25 كۈنلىرى مىيۇنخېن، ئىنگولشىتات ، فرانكفورت ۋە كۆلىن شەھەرلىرىدە رەسمى زىيارىتىنى ئېلىپ باردى..
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە زىيارەتتە ، شەرقى تۈركىستان مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ۋە شەرقى تۈركسىتان مەجلىسى كاتىبى ئالىمجان مۇھاممەد ، شەرقى تۈركسىتان ھۆكۈمەت پارلامېنت رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن ۋە شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان)مۇستەققىلىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىچكىي ئىشلار مەسۇلى يۈسۈپجان ھەمراھ بولدى.
بۇ قېتىمقى كۆلىن زىيارىتىدە ياۋرۇپا تۈرك-ئىسلام بىرلىگى تەشكىلاتى رەئىسى دۇرمۇش يىلدىرىم ئەپەندىم ۋە كاتىبى نۇردوگان ئاكتاش ئەپندىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، ياۋرۇپا تۈرك-ئىسلام بىرلىگى تەشكىلاتىنىڭ ياۋرۇپادىكى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقوق كۆرەشلىرىدىكى كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن رەھمەت ئېيىتتى . 2020 -يىلىدا ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەققىللىق داۋاسىنى ياۋرۇپادىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارغا تىخىمۇ ياخشى تونۇتۇش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئىلىپ باردى .
12-ئاينىڭ 24 -كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كىيىن ئىسلام بىرلىگى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ،تەشكىلات بىناسىدا ، مىلىئىي گۆرۈش تەشكىلاتى رەئىسى كەمال ئەرگۈن ئەپەندى ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەجلىس ئىنسان ھەقلىرى كومىتىتى سابىق رەئىسى مۇستافا يەنەر ئوگلۇ ئەپەندىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ ، ياۋرۇپا ۋە تۈركىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۈستۈدە سۆھبەت ئىلىپ باردى.2020-يىلىدا شەرقىي تۈركسىتان مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىلىپ بارىدىغان بەزى خىزمەت تۈرلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئىلىپ باردى . شەرقى تۈركىستان مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك 12-ئاينىڭ 25 -كۈنى پىشىن نامىزىدىن كىيىن ، 27 – چىسلا جۈمە كۈنى ئىندىنوزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئېلىپ بىرىلىدىغان 1 مىليۇن كىشىلىك نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن مىيۇنخېندىن ئايرىلدى.
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …