ئاق چېدىردىن ئاق سارايغىچە – يىگىرمە بەش يىل

 

كۆپىنچە كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىق، ياكى نەتىجىسىز  ئىش – ھەرىكەتلىرىنى، تاشپاقىنىڭ مېڭىشىغا، قۇلۇلىنىڭ مىدىرلىشىغا ئوخشىتىپ،  مىسال قىلىۋالىدۇ . بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  ئىرادە پەرقى تىلغا ئېلىنمايدۇ . قارىغاندا ئادەملەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن، جانلىقلارنىڭ قەدەم مۇساپىلىرى ئارىسىدىكى ئوخشىتىشتا، تاشقى كۆرۈنۈشىلا كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولسا كېرەك . ئەگەر دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملۇقتا ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغان تاشپاقا، قۇلۇلە ئەتراپى توسۇپ قويۇلغان جايغا، ئاكۋارىيۇمغا سولاپ قويۇلسا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىرادىسىدىن ئايرىلغان قىمىرلاشلىرى ھېچقانداق مۇساپىنى ئارقىدا قالدۇرالمايدۇ . يەتكەن مەنزىلىمۇ بولمايدۇ . ئىنسانلارنىڭ نەتىجىسىز ياكى بەك ئاستا قەدەمدە كېتىۋاتقان ئىش – ھەرىكەتلىرى، نۇقۇل ھالدا  تاشپاقىنىڭ، قۇلۇلىنىڭ  قىمىرلاشلىرىغا ئوخشىتىلسا، مەقسەتنى يېتەرلىك ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن .

ئوتتۇز يىل ئاۋۋال ئامېرىكىنىڭ « ماندىنگو جەڭچىلىرى » ناملىق، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزور تەرجىمە فىلىمىنى كۆرگەن ئىدۇق . ئۇ فىلىم « يىلتىز » ناملىق تارىخى رومانغا ئاساسەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى  قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى، ئاق تەنلىكلەر جەنۇبى ئافرىقىدىن ئاممىۋى تۇتۇپ كېلىپ قۇل قىلغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان . شۇ فىلىمدە تەسۋىرلىنىشىچە، ئامېرىكىغا تۇتۇپ كېلىنگەن بىرىنچى ئەۋلاد زەڭگى قۇللارنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلىدۇ . ئۇزۇن يىللىق باغلاقتىن كېيىنمۇ قۇللۇققا كۆنمەي، يەنە قېچىشقا ئۇرۇنغان باش ئەگمەس، شاشلىرىنى مەڭگۈ قاچالماس قىلىۋېتىش ئۈچۈن، بىر پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى پالتا بىلەن چاناپ، دىڭگۇكلاپ ماڭىدىغان قىلىپ قويىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن قاچسىمۇ ھېچقانچىلىك مۇساپىنى باسالمىغاچقا، ئاسانلا تۇتۇلۇپ قالىدۇ . ئۇلار كېيىنچە روھى جەھەتتىن قۇللۇققا كۆنمىسىمۇ، جىسمانى مېيىپلىك تۈپەيلى، چارىسىز بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ، بۈگۈنكى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئىككىنچى سىنىپ پۇقرالارنىڭ شەكىللىنىشىگە مەنبە بولۇپ قالىدۇ . دېمەك، جىسمانى مېيىپلىك ھەرىكەت مۇساپىسىنى ئاستىلىتىدىغان، نەتىجىسىزلەشتۈرىدىغان ئىچكى ئامىلنىڭ بىرىدۇر . ئادەم ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئىلگىرلىمەكچى، نەتىجىلىك ھەرىكەت قىلماقچى بولسىمۇ، جىسمانى مېيىپلىك ئىمكانسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۇنىڭ ئىرادىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . خۇددى ئاكۋارىيۇمغا سولاپ قويۇلغان تاشپاقا، قۇلۇلە قانچىلىك مىدىرلىسىمۇ، ئوخشاش يەردە  ئايلىنىپ مۇساپىسىدىن ئىلگىرىلەش نەتىجىسى چىقمىغاندەك . جىسمانى، ماددى جەھەتتىكى مېيىپلىك ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك، يەككە ئىرادىگە توسقۇنلۇق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پايدا – زىيان شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگىلا ئالاقىدار بولىدۇ . لېكىن بىر كوللېكتىپ ئىچىدە روھى- ۋىجدانى  مېيىپلىك كۆپىيىپ كەتسە، ياكى كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى روھى – ۋىجدانى مېيىپ بولسا، ئۇ چاغدا ئىش – ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھاجەتسىزدۇر . ئاق تەنلىكلەر ماندىنگودىن تۇتۇپ كەلگەن قارا قۇللارنى جىسمانى جەھەتتىن مېيىپ قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئىرادىسىنىڭ ئالدىنى ئالغان . گەرچە بىرىنچى ئەۋلاد مېيىپلار جىسمانى ئەمگەككە يارىمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقتا تۇغۇلغان، تۇغۇلىشىدىنلا روھى تەسلىم بولغان، ۋىجدانى مېيىپ ئەۋلادلىرى قۇللۇققا يارايتتى . شۇڭا بىرىنچى ئەۋلاد قۇللارنى جىسمانى مېيىپ قىلىۋېتىش ئارقىلىق، قۇللۇق ئىرادە ئۈچۈن يارىتىلىدىغان ئىككىنچى ئەۋلادلاردىن باشلاپ  كېيىنكى ئەۋلادلار  مەقسەت قىلىنغان ئىدى .

 

مۇستەملىكىچىلەرمۇ ئەسىر مىللەتلەر ئاھالىسىنىڭ ، بىرىنچى ئەۋلاد كىشىلىرىنى ھەم جىسمانى ھەم روھى جەھەتتىن ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن چەكلەيدۇ . چەكلىمىگە، توسقۇنلۇقلارغا بويسۇنمىغانلارنى جازالايدۇ . بىرىنچى ئەۋلادلار چەكلىمىگە مەجبۇرى بويسۇنغان بولسا، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خالاپ تۇرۇپ بويسۇنىدۇ . ئىنسانلارنىڭ جىسمانى، ئەقلى ۋە روھى جەھەتتىن ھەرىكەت قىلىش، تاللاش ئىرادىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئىكەن، بارلىق مېھنەتلىرى ئاكۋارىيۇمدىكى  تاشپاقىنىڭ مېڭىشى بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە مەھكۇم بولىدۇ .

ئۇيغۇر مىللىتى ۋەتەن ئىچىدە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا، ئۆز ئىرادىمىز ۋە مىللى ئىرادىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلالمىغىنىمىزغا ئوخشاش، ۋەتەن سىرتىدىمۇ تاللاش، خالاش ئەركىنلىكىگە تولۇق ئىگە بولۇپ كېتەلمەيمىز. يەنى ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ تۈپ سىياسىتىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىنىمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش – ھەرىكەتلىرىمىز، شۇ دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە، ئۇيغۇن مىقداردا بولىشى كېرەك . ئوچۇقراق ئېيتقاندا، ھەر بىر ئۇيغۇر يەككە ھالدا ئەركىن ئىرادىلىك . لېكىن ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە باغلىق بولغان ، تەشكىلى ئىشلاردا شۇ دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئوخشاش، مىللى ئىرادىمىز چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر يول قويغان دائىرىدە، دېموكراتىك  پىرىنسىپلاردىن، يوچۇقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋەتەن – مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋېلىش پۇرسىتى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ياكى كۆپىنچە ئەللەردە ھەرىكەت ئىرادىسى خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە چۈشۈپ قالغان روھى مېيىپ كىشىلىرىمىز تەرىپىدىنمۇ يوشۇرۇن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئومۇمى كۆرۈنۈشى، نەتىجىسى  ئاكۋارىيۇمدىكى تاشپاقىنىڭ قەدەم مۇساپىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئاڭسىزلىق، ساپاسىزلىق، مەنسەپپەرەسلىك، كۆرەلمەسلىك، تۆھپىكەشلىك، ھەسەتخورلۇق قاتارلىق يەككە خاراكتېرىمۇ ئۆز – ئارا ئورا كولاپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ.

گەپنىڭ مۇقەددىمىسىنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، ئەسلى ماۋزۇدىكى مەقسەتكە كېلەيلى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى يىگىرمە بەش يىل ئىچىدە باسقان سىياسى مۇساپىسىدە، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىغا كۆتۈرۈلۈش ئەھۋالى بىزگە نىسبەتەن خۇددى بىر مۆجىزىدەك بىلىنىدۇ . « ئاق چېدىردىن ئاق سارايغىچە – يىگىرمە بەش يىل » ئۆتتى .  ۋەتەندىن چىققان بىرىنچى ئەۋلاد كىشىلەردىن بۇ يىگىرمە بەش يىل ئىچىدە، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپلىرىدىن ئورۇن ئالدى .  ئۇلارنىڭ بىرى نۇرمەمەت كەنجى ئەپەندى. يەنە بىرى ئەلنىگار ئىلتەبىرخانىم .

كەنجى ئەپەندى بىلەن، ئىلتەبىر خانىمنىڭ ئورنىنى ئەلۋەتتە  سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . چۈنكى كەنجى ئەپەندى خىتاينىڭ بىر ۋىلايىتى بولۇشقا ئىنتىلىپ تۇرغان، قىرغىزىستاننىڭ  ئەمەلدارى بولغان بولسا، ئىلتەبىر خانىم خىتاينىڭ گەجگىسىگە دەسسەيمەن دەۋاتقان، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئەمەلدارىدۇر. كەنجى ئەپەندىنىڭ يۇقىرى مەنسەپكە ئۆرلىشىدە، قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىمايىسى مۇھىم رول ئوينىغان بولسا، ئىلتەبىر خانىمنىڭ يۇقىرى مەنسەپكە تەيىنلىنىشىدە ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئۇرۇشنىڭ سىياسى كىرىزىسكە كۆتۈرۈلىشىدىكى، قوشۇمچە تەرەققىياتلار رول ئوينىغان بولىشى مۇمكىن . بۇ ئىككى ئەمەلدار ئۈستىدە قىسقىچە پىكىر يۈرگۈزۈش ھەرگىز ئارتۇق گەپ بولۇپ كەتمەس .

كەنجى ئەپەندى  63. يىللىرى غۇلجىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئائىلىنىڭ، قۇچاقتىكى چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، بىشكەك شەھىرىدە چوڭ بولغان . ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇقۇمۇشلۇق، مىللەت سۆيەر كىشىلەردىن بولۇپ، نۇرمەمەت كىچىك چېغىدىنلا ۋەتەن پىراقىنى ئاتا – ئانىسىدىن قوبۇل قىلغان، سۈرگۈندىكى يۈزمىڭلارچە ياشلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ  ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چۈشكەن دەۋرلەردە، سوۋېت  ئىتتىپاقىنىڭ « قايتا قۇرۇش » ئىسلاھات سىياسىتى باشلىنىپ كەتكەن، مىللەتلەر، جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقنىڭ شەپىسىنى ئېلىۋاتقان، تەۋرىنىشچان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن ئىدى . بولۇپمۇ مۇستەقىللىق جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار، خۇددى يەر ئاستىدىكى يىلاننىڭ تىنىقىنى ئاڭلىيالىغۇدەك شۇنچىلىك سەزگۈر بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا چوڭ بىر سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ قالسا، ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىل بولىشىغا پۇرسەت كېلىدۇ – دەپ، قارايتتى. چۈنكى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئالدىنقى ئەسىردە رۇس پادىشاھلىقى، بۇ ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقى دۈشمەنلىك قىلغان . شۇڭا رۇسلار يىقىلمايتۇرۇپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى تەسەۋۋۇردىن يىراق- دەپ قارايدىغان ئۇيغۇتلار، نۆۋەتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ « قايتا قۇرۇش » سىياسىتىدىن زور ئىلھاملىنىپ، ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا كۆڭۈلدە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى . ئۇلار قابىلىيەتلىك ياشلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلدى . چوڭلار ياشلارنى يېتەكلەپ، ئۆملۈك شەكىللەندۈرۈلدى . كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس- دېگەندەك، سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىلىپ، قىرغىزىستان دېموكراتىك، كۆپ پارتىيىلىك مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ، بۇ ئەلدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى تەشكىللىنىشكە باشلىدى . دۆلەت پارلامېنتىغا پارتىيىسىز ئاممىنىڭمۇ مىللەت ۋەكىلى كىرگۈزۈش پرىنسىپىگە ئاساسەن، نۇرمەمەت كەنجى بىلەن يەنە بىر تۇڭگان كاندىدات تاللىنىپ چىقىپ، ئاخىرقى غەلىبە ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولدى . يەنى كەنجى ئەپەندى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى . ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ كېتىپ « قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى » نى قۇرۇپ، كەنجى ئەپەندىنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلىۋېلىشتى . ئۇ ياش، قابىلىيەتلىك ھەم دىپلوماتىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولغاچقا، تېز ئارىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاممىۋى تۈردە تونۇشۇپ، قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى . ئۇ پېشقەدەم رەھبەرلەر بىلەن  ھەمكارلىق ئورناتتى . 92. يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىي قۇرۇلتايغا مېھمان بولۇپ قاتناشقاندىن كېيىن، سەئۇدى ۋە ئامېرىكىدىكى پېشقەدەم زاتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . كەنجى ئەپەندى ئىككى يىل ئىچىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە، مىللەتنىڭ قابىلىيەتلىك ياش رەھبىرى – دەپ، تونۇلدى . ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نوپۇزى ئۆسكەنسېرى، قىرغىز ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇمچە مەنسەپ بېرىپ ئۆستۈرۈشكە باشلىدى . 96 . يىلى كەنجى ئەپەندى  قىرغىزستاندىكى ئازسانلىق مىللەتلەر كىومىتېتىنىڭ  مۇدىرلىقىغا، 97. يىلى قىرغىزىستان پرېزىدېنت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، 98. يىلى پرېزىدېنت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ كابېنت مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدى . ئەمدى ئۇ، ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن سىياسەت قىلىدىغان ئورنىدىن تولۇق ئايرىلىپ، قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ خىتايدىن بىكار پۇل تەلەپ قىلىدىغان، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك يوللارنى كېڭەيتىدىغان مەخسۇس خادىمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى . قىرغىز ھۆكۈمىتى  ئۇنى ھە دېسە خىتايغا ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋەزىپىگە مەسئۇل قىلدى . ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتالمىش « خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى» غا، كوممۇنىست پارتىيە يىغىنىغا قىرغىزستاندىن ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدىغان بولىۋالدى . ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى يىغىنلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇ يەردىكى يىغىن ئەھۋالىنى قىرغىزستاندا دوكلات بېرىپ، ئاخىرى ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشتۇرۇلدى . ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزىدىغان قابىلىيەتلىك ياش رەھبەردىن، قىرغىز – خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى كۆۋرۈك قىلىدىغان، قىرغىز لوبىچىسىغا ئايلىنىپ قالدى . ئۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، 2001. يىللىرى قىرغىز ھۆكۈمىتى « ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈچ مۇئەمما » ناملىق، تەتقىقات خاراكتېرلىق سىياسى ماقالىنىڭ ئاپتورلىقىنى كەنجى ئەپەندىگە يۈكلەپ، « پۈتۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى مۆتىدىللەشتۈرۈشكە، خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغان، خىتاينىڭ كەڭچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىنچلىق ۋە دېموكراتىك تۈزۈم ئاستىدا  ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مائارىپ، پەن -تېخنىكا ساھەسىدە راۋاجلاندۇرۇپ، باياشات ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تىرىشىشقا چاقىرىق ۋە تەشەببۇس قىلىش » ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى . قىرغىز ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغان كەنجى ئەپەندى، ئۆز نامىدىن ئۇ ماقالىنى ئېلان قىلدى ھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەشەببۇسكارلىق قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چوڭ، مۇقەددەس ئارزۇ بىلەن يېتىشتۈرگەن پېشقەدەملەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن سېتىلما، خائىن – دەپ، بايانات ئېلان قىلىشتى . 2002. يىلىدىن ئېتىبارەن كەنجى ئەپەندى ئاپتونومىيەچى، سېتىلما، خائىن- دېگەندەك قالپاقنى كېيىپ، ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن سۆز قىلىدىغان مەيدانلاردىن تولۇق ئايرىلدى . 2012. يىلى كەنجى ئەپەندى « مەن ئۇيغۇر » ناملىق كىتابنى يېزىپ، ئۇيغۇرچە، رۇسچە، ئېنگىلىزچە تىللاردا نەشىر قىلدۇرغاندىن  كېيىن، كىتابنىڭ مەزمۇنىدىكى ساغلامسىزلىقنى ئاساس قىلىپ، بىشكەك شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم  پېشقەدەم تەشكىلاتچى، تەتقىقاتچى، زىيالىيلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن  ۋەتەن، مىللەت خائىنى – دەپ، ھۆكۈم چىقاردى . كەنجى ئەپەندى مەسىلىسىدە چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: « مۇستەقىللىق ماجىراسىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق تۈرى بويىچە يۇمشاق تەلەپلەرنى قىلايلى » – دەپ مەيدانغا چىققاندا ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن : سېتىلما، خائىن – دەپ، بايانات ئېلان قىلغان پېشقەدەملەر، ئۇنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئىككى پۇتلاپ تېپىپ يىراقلاشتۇرغانلار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇنى سېسىتىشقا كەتمەن چاپقانلار ھازىر بىرلىكتە : « ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئىنسانى كەڭچىلىك » تەلەپلىرىنى، ئاتالمىش « ب د ت » يىغىن زاللىرىدا، دۇنيا ئەللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا خىتايدىن تەلەپ قىلىشماقتا . ئۇلارنىڭ غەيرى رەسمى ۋەكىللىرى : ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاپتونومىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى : « بۇلار مۇستەقىلچى -دەپ، تۆھمەت قىلدى  . » دېسىمۇ، يوللۇق بولىۋاتىدۇ . كەنجى ئەپەندى مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار ئالدىراقسانلىق قىلدى، سىياسەتۋازلىق قىلالمىدى – دېسەكمۇ بولىدۇ. ياكى : ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇنى  يوقىتىش پىلانىنى ئۇيغۇرلار ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن – دېسەكمۇ بولىدۇ . بۇنىڭ خۇلاسىسى شۇكى : بۇنىڭدىن يىگىرمە بەش يىل ئاۋۋال، قىرغىز دۆلىتىدە بىر ئۇيغۇر « ئاق چېدىر » غا كىرىپ، يۇقىرى قاتلام دۆلەت مەمۇرىي بولغان ئىدى . ئۇ دۆلەت ھازىر خىتاينىڭ غەيرى رەسمى قوشۇمچە مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بولدى . ئۇيغۇرلارنىڭ  ۋەكىلى ئاق چېدىرغا كىرگەن چاغدا، قىرغىز ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۆسۈمسىز قەرزىدىن، ھەدىيەلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا، ئۇيغۇرىستاننىڭ تەقدىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، قىرغىز ھۆكۈمىتى ئۇ ۋەكىلنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، ھەتتا ئۇنى خىتايدىن قەرز پۇل ھەل قىلىدىغان خىزمەتكە مەجبۇرلىغان ئىدى . ئارىدىن يىگىرمە بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى . ھازىر قىرغىز دۆلىتى خىتايغا شۇنداق ئېغىر قەرزگە بوغۇلدىكى، بۇ دۆلەتنى خىتايغا ئىككى يۈز ئەللىك يىللىق بېرىۋەتسىمۇ قەرزدىن قۇتۇلالمايدۇ .

ئەمدى ئاق سارايغا كىرگەن ئىلتەبىر خانىم ئۈستىدە توختالساق، ئۇ مەشھۇر ھەم سىياسى ئائىلىنىڭ قىزى. ئۇمۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان، چەتئەلدىكى بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى . ئىلتەبىر خانىم ئۆزى ئۇيغۇرلارغا ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس ئىدى . ئۇ، ئاق سارايدىكى ئورۇنغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ۋەزىپە  ئېلىپ، خەلقنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تىكلەنگەن نوپۇزى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغان ھالدا، شۇ ۋەزىپىگە لاياقەتلىك بولغانلىقى ۋە ئاق ساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ قارارى بىلەن تەيىنلەنگەن . ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاخباراتلىرىدا، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئىلتەبىر خانىمنى قىسقىچە تەبرىكلەشتىن باشقا : « بۇ ئىشنى پالانى تەشكىلاتنىڭ  رەئىسى بېجىردى، مۇنۇ لوبىچى ئەپەندىم – خانىم ئارىغا كىرىپ، دونالد ترامپقا تونۇشتۇرغان . ياق، بۇ ئىشتا مېنىڭ تۆھپەم كۆپ » – دېگەندەك مەزمۇنلاردا، بىر ئېغىزمۇ ئىپادە بىلدۈرۈلمىدى . سەل كىچىكرەك ۋەقە بولغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ بىرەر مىنىستىرلىكىدە خىزمەت تاپقان بولسا، : بۇ ئورۇنغا بىز تونۇشتۇرۇپ قويغان – دېيەلىشى مۇمكىن ئىدى . ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، شۇ دۆلەتتىكى دەرنەكچىلەر، پائالىيەتچىلەر مەيدىسىگە مۇشتلاپ : بۇ بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگىكىمىزنىڭ مىۋىسى – دېسىمۇ بولىۋېرەتتى . ھەر تەرەپتىن تۆھپىكەشلەر چىقاتتى تالىشىپ . ھەتتا بوغۇشۇپ كېتەتتى . ئەمما ئىلتەبىر خانىمنىڭ ئاق سارايدا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى، مۇھىم خىزمەتكە تەيىنلىنىشى ھەم بۇ ئىش تەرسا پرېزىدېنتنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر كىچىك تىللىرىنى چىشلەپ قالدى . لام – جىم يوق . چۈنكى ئۇ بەكلا تەرسا ئادەمكەن . يالغان سۆزلىگەنلەرنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ قويىدىغان زەردى باركەن تېخى .

ئاق ساراينىڭ دەرۋازىسى ئۇيغۇرلارغا ئېچىلىپ، ئارىدىن يىگىرمە بەش يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئەھۋالدا، ئىلتەبىر خانىم ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاينىمۇ ھاڭ – تاڭ قالدۇردى . شۇنىڭدەك بىزنى يەمچۈك قىلىپ بېلىق تۇتىدىغان دۆلەتلەرنى، بىزنى سېتىپ خەجلەيدىغان قېرىنداش دۆلەتلەرنى، بىكاردىنلا بىزگە قارشى بولۇپ قالغان رۇسىيەدەك دۆلەتلەرنى، ئامېرىكىغا ئۆچمەنلىك قىلىش يۈزىسىدىن، بىزنىمۇ دۈشمەن قاتارىغا قويۇۋالغان سالپا – ساياق بىرمۇنچە دۆلەتلەرنى، ئىشقىلىپ دوستىمىز بولامدۇ، دۈشمىنىمىز بولامدۇ ھەممىسىنى گاراڭ قىلىپ قويدى . قارىغاندا ئىلتەبىر خانىم ۋەقەسى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق ساراي ۋەقەسى كىچىك ئىشلاردىن ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى ئىشلاردىن بولسا كېرەك .

ئۇيغۇرلار تۇنجا بولۇپ قىرغىز دۆلىتىنىڭ « ئاق چېدىرى » غا ۋەكىل كىرگۈزگەندىن بۇيان، ئارىدىن يىگىرمە بەش يىل ئۆتكىچە، بىرەر دۆلەتنىڭ رەئىس كابېنتىغا كىرىپ باققىنى ئاساسەن ئاڭلانمىغانتى . ئەمما كىرسىمۇ دەرد تۆكۈپ، ھال ئېيتىپ، رەسىمگە چۈشۈپ چىققىلى كىرەتتى . ئاق سارايغىمۇ چارەك ئەسىر دەرد تۆككىلى كىرگەن بولمىسا . بىراق بۇ قېتىم قاڭشىرىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، بوينىنى تىك تۇتۇپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ كىردى! قولىدا مۇسانىڭ ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ كىردى .

بىزدە دونالد ترامپشۇناس تۇرماق، بىرەر ئامېرىكاشۇناس كەسىپ ئەھلى بولمىغاچقا، ئىلتەبىر خانىم توغرىسىدىكى، ئاق ساراي ۋەقەسىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدۇق .

مەن ئىلگىرى تۈركىيەشۇناس بولاي – دەپ، ئاز دېگەندە بەش يىلنى بىكارغا ئۆكۈزىۋېتىپتىمەن . كېيىن قارىسام تۈركىيىنىڭ ئىچكى سىياسىتى، تاشقى سىياسىتى- دەپ، تۇراقلىق سىياسىتى يوق، يەلكەنسىز كېمىگە ئوخشاش ھۆكۈمىتى بار بىر دۆلەتكەن . شۇڭا ۋاز كەچكەن ئىدىم . كېيىنچە گېرمانىيەشۇناس بولۇپ قالارمەن – دەپ، يىللاپ قىزىقتىم . تارىخىنى، بۈگۈنىنى پۇختا ئۆگەندىم . ئەمما بۇمۇ قىسىلچاقتىكى بىر دۆلەتكەن . ئىچكى سىياسىتى مۇقىم بولسىمۇ، تاشقى سىياسەت دېگۈدەك، بىزنىڭ جېنىمىزغا ئەسقاتقۇدەك يېرى يوقكەن . گېرمانىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى تۈركىيەنى ئوينىتىش – بەزىدە تاتىلاپ، بەزىدە پەپىلەپ دېگەندەك . ئاندىن ئىران بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىسىدا ئەلگەكچىلىك قىلىشتىن باشقا، تىلغا ئالغۇدەك ئالاھىدىلىكى يوقكەن . شۇڭا ئۆزەم ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدە، ئاساسەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنەي – دەپ ئويلىدىم . لېكىن بايقىغانلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى بولۇمسىزلىق، نەتىجىسىزلىك . بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى تەقدىرى بىزگە ئوخشاش، ياكى مىللى مەسىلىسى بار ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغىلى، ياكى ئۇلاردىن ئۆرنەك ئالغىلى بولمايدىكەن . بۇ ھەقتە « ئۇيغۇرلارنىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تېپىلامدۇ ؟ » ( ئۇيغۇرلار يوقۇلۇپ كېتەمدۇ؟ ناملىق كىتابقا قارالسۇن  ) ناملىق ماقالەمدە بىر ئاز توختالغان ئىدىم . قېرىنداشلىرىمىز كۆپىنچە يەھۇدىيلارنى مىسالغا ئېلىپ ھاياجانلىنىدۇ. بىزمۇ يەھۇدىيلاردەك بىر ئۆم، ئەقىللىق بولساق، تىرىشچان بولساق غەلىبە قىلاتتۇق – دېمەكچى . ئەمما ئۇ دوراپ، تەقلىد قىلىپ بولىۋالىدىغان ئىش ئەمەس . مەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى زامان داڭلىق سىياسەتچىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا  ئىزدىنىپ، ھەيران قالغان ئىدىم . كېننېدى، كلىنتون، ئوباما، دونالد ترامپتىن باشقا پرېزىدېنتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خان جەمەتىگە تۇتىشىدىغان، تۇغقانلاردىن ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى زامان تاشقى سىياسەتلىرىدە چوڭ ئىشلارنى قىلغان ۋە داڭلىق كىشىلەر ئارىسىدا ھېنرى كسسىڭېر ( كىسىنگېر ) مادلىين ئولبرايت خانىمدەك كىشىلەر، جون كېررىدەك داڭلىق سىياسىيونلار گېرمانىيەدىن، ياۋروپادىن قاچقان يەھۇدىيلاردىن ئىكەن . ئەگەر ئالبېرت ئاينشتاين گېرمانىيەدىن قاچمىغان بولسا، ئامېرىكا ۋاقتىدا ئاتومغا ئېرىشەلمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈچلۈك ئامېرىكا مەۋجۇد بولمايتتى . ئەكسىچە دۇنيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، كۈلتۈر مەركىزى بېرلىن بولاتتى . ياۋروپانىڭ دۆلەتلەر خەرىتىسى بۈگۈنكىدەك سىزىلمىغان بولاتتى . ئامېرىكىنى سىرتتىن بارغانلار قۇرۇپ چىققان . يېڭى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىمۇ ئاساسەن قېچىپ كەلگەن يەھۇدىيلار بەلگىلىگەن ۋە بەلگىلەۋاتىدۇ . دۇنياۋى ئىجادىيەتلەرنى پەيدا قىلىپ،  ئامېرىكىغا تىرىلىيونلاپ پايدا تېپىپ بېرىۋاتقانلارمۇ يەھۇدىيلار . شۇڭا ئامېرىكا يەھۇدىيلارنى بەك ياخشى كۆرۈدۇ . بۇ : ئامېرىكا ئۆز ئۆزىنى ياخشى كۆرۈدۇ – دېگەندەك تۇيۇلىدىكەن . بەرگەن كىشى ياخشى بولماي، بەرمىگەن كىشى ياخشى بولامتى ئەمىسە؟

سىياسى تەھلىلچى، پېشقەدەم مۇنەۋۋەر ئىنقىلابچى سىدىق ھاجىروزى ئەپەندىم مۇنداق دېگەن ئىدى : « ئامېرىكا بىرنەرسە ئېلىپ كەلگەنلەرنى ياخشى كۆرۈدۇ . » – ئۇنداق بولسا ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا نېمە ئېلىپ كەلگەن؟ – ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا خىتاينىڭ بوينىنى يىپ بىلەن باغلاپ ئېلىپ كەلگەن . ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلسە، پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى ئىشلىمەي، ئۆمۈر بويى يېتىپ يېسىمۇ تۈگىمەس بېلىقنى، ئۇيغۇرلار تورغا سۇلاپ ئامېرىكىغا ئەكىلىپ بەرگەن . لېكىن جاپاكەش بېلىقچى بەك ئەبگاھ بولغاچقا، ئۆزى بېلىقنىڭ سېسىق پۇرىقىنىلا پۇراپ، ئۇنىڭدىن بىر لوقما نېسىۋىسىنى ئالالمىدى .

بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا ئىلتەبىر خانىمنى ئالتۇن پەتنۇسقا سېلىپ ئەكەلدى . بۇ ئامېرىكىغا تىرىلىيونلاپ قىممەت يارىتىپ بېرىدىغان بايلىقتۇر . ئاق سارايغا كىرگەن ئەڭگۈشتەردۇر . دونالد ترامپ سودىگەر بولغاچقا، خىتايدىن بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان تارتىۋاتقان كاپىتالىست بولغاچقا، ئۇ ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئالدى . ئىلتەبىر خانىمنىڭ  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرەلىشىنى كۈتەلمەيمىز . ئۇيغۇرلار يىگىرمە بەش يىل ئاۋۋال ئاق چېدىرغا كىرگەندىمۇ شۇنداق بولغان . بىراق ئاق چېدىرغا كىرىش بىلەن ئاق سارايغا كىرىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى قايتا سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق . لېكىن بىز چۈشىنىدىغان مۇھىم نەرسە شۇكى : ئامېرىكا بۇ قېتىم ئۇيغۇرنىڭ ئاغزى بىلەن خىتاينىڭ يۈزىگە تۈكۈردى . ئامېرىكا قازىنىپ، خىتاي يوقاتسا بۇمۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز. ئىلتەبىر خانىمنىڭ ئاق سارايغا كىرىشى بىلەن، خىتايلار ۋە نۇرغۇنلىغان خىتايچى دۆلەتلەر يىغلاپ كەتتى . بىز كۈلۈپ تۇرايلى . ئەمما بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە شۇكى، يازمىنىڭ بېشىدا كەنجى ئەپەندىنىڭ ھېكايىسىنى ئەسكەرتىشىمدىكى مەقسەت، ئۇيغۇرلار مەيلى ئاق چېدىرغا كىرسىمۇ، مەيلى ئاق سارايغا كىرسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈنلا كىرمەيدۇ . بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كىرىدۇ .

ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ، بىز نېمىشقا باشقىلاردەك  قىلالمايمىز – دەپ، تەرسالىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، بىزدىن نېمىشقا شۇنداق كىشىلەر كۆپ چىقمايدۇ؟ بىز نېمىشقا باشقا مىللەتلەردەك بولالمايمىز؟- دېگەن سوئالنى كۆپ تەكرارلىشىمىز كېرەك . مۇشۇ يەردە كىچىك بىر قوشۇمچە مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتەي . تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش چۈشى، يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ چۈشنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىش يولى « ئا ك پ » رەھبەرلىكىدە خېلە ئوبدانلا ئېچىلغان ئىدى . ياۋروپا تەرەپتىن قويۇلغان بارلىق شەرتلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئىشىكى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، فرانسىيىدىكى كۆچمەن ئەرمەنلەر ئىشنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋەتتى . يەنى تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرىشتىن ئاۋۋال، ئوسمانلى دەۋرىدىكى « ئەرمەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى» نىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت قىلىندى . دەسلىۋىدە فرانسىيە پارلامېنتىدا ئاۋاز كۆپلۈكى بىلەن ماقۇللانغان شەرتنىڭ مەزمۇنى، كېيىنچە تۈرلۈك قانۇنلارغا، جازا قانۇنلىرىغا  كىرگۈزۈلۈپ : كىمدە – كىم قانۇنى ۋە سىياسى جەھەتتىن ئوسمانلىنىڭ، ئەرمەنلەر ئۈستىدىن ئىجرا قىلغان جىنايەتلىرىنى ھىمايە قىلسا، ئۇنىڭ ۋارىسى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى  جاۋابكارلىقتىن ئاقلاپ، ھىمايە قىلسا، ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولىدىغان قانۇننى ماقۇللىدى . ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قائىدىسىدە يېڭىدىن بىر دۆلەتنى ئەزالىققا ئالماقچى بولسا، ھازىرغىچە ئەزا بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋېتو ھوقۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىكەن . ئەگەر بىرلا دۆلەت قېتىلمىسا، كاندىدات  بولغان دۆلەتنىڭ ئەزالىق ئىشى بېجىرىلمەيدىكەن . فرانسىيەدىن كېيىن ھوللاندىيە ( گوللاندىيە ) ئوخشاش قارارنى ماقۇللىدى . شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ياۋروپا چۈشى ئاخىرلاشقان بولدى . ئەگەر تۈركىيە داۋاملىق تۈردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشتە چىڭ تۇرسا، ئوسمانلى دەۋرىدىكى ئەرمەن ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى جىنايەت – دەپ تونۇشى، تۆلەم تۆلىشى لازىم . شۇڭا تۈركىيە ياۋروپاغا كىرىشتىن يالتىيىپ، ئەپسۇس تۈركلەر 10. ئەسىردىن بۇيان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىمىغان، يىراقتا قالغان ئاسىيا تەرەپكە يۈزلەندى. ياۋروپاغا كىرمىسىمۇ مەيلى، ئەمما يامانلىشىپ كەتمىسە، خىتاينىڭ قۇچىقىغا كىرمىگەن بولسا، تۈركىيە ئۈچۈنمۇ، تۈرك خەلقى ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ياخشى قىلغان بولاتتى. دېمەك تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بوسۇغىسىدا توسۇۋالغان ئامىل، تۈرك سىياسەتچىلىرى كۆتۈرۈۋالغاندەك : ياۋروپالىقلارنىڭ تۈركىيە دۈشمەنلىكىلا – ئەمەس. بەلكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەن ئەرمەنلەرنىڭ مىللى مەسىلىسىدۇر.

ئەرمەنلەرنىڭ ، تۈركلەر بىلەن بولغان تارىخى مەسىلىسىنى فرانسىيەدە، ھوللاندىيەدە، گېرمانىيەدە، ھەتتا ئامېرىكىدا دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە كۈن تەرتىپ شەكىللەندۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكى، بىلىنمىگۈدەك  مەخپى ئىشمۇ ئەمەس . يەھۇدىيلاردىن كېيىنلا ئەرمەنلەر غەرب تەشۋىقاتلىرىغا سىڭىپ كىرگەن ئىكەن . غەرب ئەللىرىدىكى ئەرمەنلەر گەرچە يەھۇدىيلاردەك ئىقتىسادنى كونترول قىلغۇدەك باي بولمىسىمۇ، ئەمما تەشۋىقاتلارنى كونترول قىلالىغۇدەك تىرىشچان، ئەقىللىق ئىكەن . تۈركىيەنىڭ يولىنى توسۇشتا غەلىبىگە ئېرىشكەن كۈچ، غەربتىكى ئەرمەن زىيالىيلىرىدۇر . ئۇلار غەربتە ئوقۇپ، غەربچە يېتىلگەن بولسىمۇ، ھەتتا ئىسىملىرى تۈركچە، تۇرمۇش – ئادەتلىرى تۈركچە ئارىلاش ھەم قىسمەن تۈرك تىلىدا سۆزلىشىپ ياشىسىمۇ، يۈرىكى ئەرمەن ئۈچۈن سوقۇپ، مېڭىسى ئەرمەن ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا، ئۆزلىرىمۇ ئەرمەن ئۈچۈن تىرىشقاندەك، ئەۋلادلىرىنىمۇ ئەرمەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ھەقىقى ساپ قانلىق ئەرمەن قىلىپ يېتىشتۈرىدىكەن . ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلىتى بار . لېكىن پۈتۈن دەۋا تەلەپلىرى « ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن» ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ قان قىساسىنى يەردە قويماسلىق بولۇپ، بۇ دەۋانى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدىكەن . تۈركىيەنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ياۋروپا چۈشىنى، ياۋروپانىڭ قولى بىلەن بەربات قىلدۇرغان ئەسلى كۈچ ، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن باشلاپ  سىياسى، مەمۇرىي ئورۇنلارغىچە سان  ئىگىلىگەن ياراملىق ئەرمەن زىيالىي ۋە دەۋاگەرلىرىدۇر .

ئىلتەبىر خانىمنىڭ ئاق سارايدا، يۇقىرى ئورۇندا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىك خەۋىرىدىن سۆيۈنگەن بەزى  پىكىرداشلار : « ھەر قايسى دۆلەتلەردە، يېرىم ئەسىردىن ھالقىغان ئۇيغۇرلار بار. نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋال بولمايدۇ؟ ئۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار لاياقەتلىك  يېتىشتۈرۈلمىگەنمۇ؟ ياكى تۇرۇشلۇق دۆلەت پۇرسەت بەرمەمدۇ؟ » – دېگەن مەزمۇندا ماڭا سوئال قويۇپتۇ. بۇ سوئالنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىنى چەتكە قاقالمىدىم . بەرگەن جاۋابىم شۇنچىلىك مۇجمەل بولۇپ قالدى . بىز بەكلا رېئالىستىك بولۇۋالماي، ھەممە نەرسىنى تاشقى سەۋەپتىنلا كۆرىۋەرمەي، ئىچكى ئەھۋالىمىزغا سەپ سېلىپ قارىساق، جاۋابىنى ئۆزىمىزدىن تاپالايمىزكەن. « تۈركىيەگە كىچىك كەلگەن . ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنى ئىستانبۇلدا تۈگەتكەن . كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن، بىر تۈركىيە گراژدانى ئۇيغۇر قىزىنىڭ، دوكتورلۇق كەسپىنى ئامېرىكىدا ياقلاپ، بۇ يۇقىرى ئورۇنغا مۇناسىپ كەلگەنلىكى » ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن، تۈرك تەتقىقاتچىلىرى : « ئىلتەبىر ئائىلىسى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن يىللىرى، تۈركىيە سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەس ئىدى . » – دەپ، ئەپسۇسلاندى . بىز ئۈچۈن ۋەتەننىڭ سىرتى يات ئەل . ئۆزىمىزنى، ئەۋلادلارنى ياشاۋاتقان ئەلگە سىڭىپ كېتىش ئۈچۈن تەييارلىماي، قابىلىيەتلىك بولالىغان چېغىمىزدا، بىرسى: چالما – دەپ، يەرگە تاشلىۋەتسە، يەنە بىرسى : ئالما – دەپ، قوينىغا سالىدۇ . چۈشكەن جايدا لايدەك يېتىپ قالمايمىز . چارەك ئەسىر ئاۋۋال قىرغىزىستاننىڭ ئاق چېدىرىغا بىر ئۇيغۇر يالغۇز كىرگەن بولسا، ئاق سارايغىمۇ بىر ئۇيغۇر يالغۇز كىردى . مەدەت ۋە مەسلىھەت بەرگۈدەك، يېتىشكەن دانالىرىمىز تېخى يوق . ياكى ئاۋاز قوشقۇدەك خىزمەتداشلىرى ھەم يوق. تەنھا بۆرە!

شۇنىمۇ ئالدىن بىلىشىمىز لازىمكى، ئەگەر بۇ ۋەقە خىتايغا بەك ھار كېلىپ، زادىلا چىداپ بولالمىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يەڭ ئىچىدە كېلىشىپ، باش ئېگىشى مۇمكىن . ئۇ چاغدا ئىلتەبىر خانىم ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈلۈشى مۇقەررەر . ئامېرىكىدا ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى، پرېزىدېنت ۋە سىناتورلاردىن باشقا ئورۇنلاردىكى ۋەزىپىلەرگە  سايلامسىز تەيىنلىنىدىغان بولغاچقا، ۋەزىپىدىن چېكىندۈرۈلۈش، چىقىرىلىش، ئالماشتۇرۇلۇش بولۇپ تۇرىدۇ . دونالد ترامپ ئۆز قىزى بىلەن ئەتىۋارلىق كۈي ئوغلىنىمۇ « رۇسىيەگە ئىشلەپتۇ » – دەپلا ئىشتىن چىقىرىپ تاشلىدىغۇ .

ئىلتەبىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرەپلىك قىزى . ئۇنىڭ ئاق سارايدىكى ۋەزىپىسى بىر سائەتلىك بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى ئۈستۈن قىلغان ۋە خىتايغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن بىر ھەرىكەت بولۇپ تارىخقا يېزىلىدۇ . ئۇ بىر تارىخ ياراتتى . ئۇنىڭ ئاق سارايغا غەلىبە بىلەن كىرىپ، شەرەپ بىلەن ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئاق يۈز بىلەن قايتىپ چىقىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمىز! ئامىن .

ئابدۇرەھىمجان

23.08.2019