مىللەت ۋە مىللى مائارىپ

مىللەت ۋە مىللى مائارىپ

مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىت، ئاھالە سانى ئۆلچەم قىلىنمايدۇ . ئەمما كېرەكلىك
ئامىللار نەزەرىيە جەھەتتىن كۆرسىتىپ بېرىلىش مۇمكىن . مەسىلەن : تىل، ئۆڭ، كۈندىلىك تۇرمۇش
ئادەتلىرى ، ئەن – ئەنىۋى مەدەنىيەت، ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان تۇپراق – قاتارلىق، بىر قانچە
ئورتاقلىق ۋە بىردەكلىكلەر .
ئىنسانشۇناسلىق كۆز – قاراشلىرىدا، مىللەت توغرىسىدىكى پرىنسىپلارغا يېڭىچە ئىزاھاتلار
قوشۇلماقتا . « مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى قانداقتۇر تەبىئى ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي
جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلاتى؛ ئۇ شەكىللىنىدۇ، بارلىققا كېلىدۇ ھەم ئۆزگىرىدۇ ۋە يوقىلىدۇ . » ئۇنداق
بولغاندا مىللەت قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ تېز ئۆزگىرىشچان تەركىب : تىل بىلەن ئۆڭ بولۇپ، بەزى
پەرقلىق ئۆڭلۈك ئىنسانلارنىڭ بىر تىلدا سۆزلىشىشى، بەزى پەرقلىق تىلدا سۆزلىشىدىغان ئىنسانلارنىڭ
ئوخشاش ئۆڭلۈك بولىشى …. قاتارلىق ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، دەرۋەقە مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدە
ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئەمما مىللەتنى ئىجتىمائىي
جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى دېگەندىمۇ، يۇقىرى بېسىملىق ئىسسىتىش ئارقىلىق، بىر كۈندىلا تۇخۇمىدىن
چۈجە چىققانچىلىك، تېز بىر تەرەپ بولۇپ كېتىدىغان مەھسۇلاتلاردىنمۇ ئەمەس . شۇنىڭدەك ئويناپ
كۈلۈپ، ناخشا توۋلاپ يۈرۈپ شەكىللىنىپ قالىدىغان ئېقىم ھەم ئەمەس. بەلكى شۇ ئىجتىمائىي
جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىدىغان، زوراۋان سىياسەت، ياكى ئادىل سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈپ چىققان قائىدە،
تەرتىپلىرىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇزۇن مۇددەتتە بارلىققا كېلىدىغان، ئاممىۋى بىرىكمىدۇر. مىللەتنىڭ
شەكىللىنىش جەريانى تولىمۇ ئاستا خاراكتېرلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەبىئىيلىكى ئەڭ كۈچلۈكتۇر.
ھەتتا تەبىئى ھادىسىدىن پەرقسىزدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىمۇ، ياكى ئاستا خاراكتېرلىق
تەبىئى شەكىلدە، ياكى ئاممىۋى ئۆلتۈرۈپ، ئاممىۋى جازالاپ، خۇددى تەبى ئاپەتكە ئۇچرىغان شەكىلدە
بولىدۇ . مەيلى قانداقلا بىر يوسۇندا بولمىسۇن : مىللەت قانداق پەيدا بولىدۇ ؟ – دېگەن سوئالغا جاۋاب
بېرىشتىن ئاۋۋال، شۇنى ئەستە ساقلاش لازىمكى، مەلۇم بىر ئىدېئولوگىيىگە ۋە سىنىپقا مەنسۇپ
بولغان، بۇرۇنقى زامان ئىنسان شۇناسلىرىنىڭ، مىللەت توغرىسىدىكى ئەندىزىلىرى، مەلۇم
جەھەتلەردىن كۈچىدىن قالدى دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇزاق ئۆتمۈشلەردە ئۇيغۇرلار ئۈستىدە، ئېتنولوگىيىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغانلار: « ئۇيغۇرلار
بەستىلىك، قوڭۇر چاچلىق، قەھۋە رەڭ قوي كۆزلۈك، ئات يۈزلۈك، ئاق پىشماق، قاڭشىرى ئېگىز ھەم
قۇش بۇرۇن – بۇرنىنىڭ ئۇچى تۆۋەنگە قاراپ ئىگىلگەن » دەپ، سۆرەتلىگەن . بۈگۈنكى كۈندىمۇ
ئاشۇ سۆرەتنى كۆتۈرىۋېلىپ : ھە، ئۇيغۇر مىللىتى يوقىلىپتۇ؛ ئۇنداق بىر ئوبرازنى تاپقىلى بولمىدى! –
دېگەن ئادەمنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تىل قامۇسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار مۇنداق سۆزلەيتتى
– دەپ، قۇتادغۇبىلىك، دىنۋان لۇغات، دىۋانى خەمسە قاتارلىق كىتابلارغا ھازىرقى تىلىمىزنى
سېلىشتۇرۇپ : ھازىرقىلارنىڭ تىلى، ئۇ زاماندىكى ھېچ نەرسىگە چۈشمەيدىكەن، ئۇيغۇرلار يوقىلىپ
كېتىپتۇ – دېگەن ئادەمنى، مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا توختاپ قالغان، كونا ئادەمكەن دېمەي ئامال يوق . چۈنكى
ئىنسانلار كۆپەيگەنسېرى، ياشايدىغان تۇپراقلار تارىيىدۇ. ئوخشاشمىغان ئۆڭلۈكلەرنىڭ ئارىسى
يېقىنلىشىدۇ. ئوخشاشمىغان تىللار ئالغۇ – بەرگىدە ئارىلىشىدۇ. ئۆڭلەر پەرقلىق ئەمما تىل بىرلىكى، تىلى

پەرقلىق ئۆڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت مۇجمەللىك تۈپەيلى ، مىللەت ئوبرازنى بەلگىلەشتە، ئېنىقسىزلىقلار
كېلىپ چىقىدۇ.
يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان ، كۆپىنچە دۆلەتلەردە كىملىك ئۈچۈن مىللەت تەۋەلىكىنى ئەمەس،
بەلكى دۆلەت تەۋەلىكىنى يازىدىغان بولۇپ كەتتى. كۆچمەن كىشى ئەگەر پۇقرالىققا ئۆتسە، يېڭى
كىملىكىگە ھازىرقى دۆلەت تەۋەلىكى بىلەن قوشۇلۇپ، تۇغۇلغان ئۆز يۇرتىنىڭ نامى بىرگە يېزىلىدۇ .
تۇرۇشلۇق دۆلەتتە تۇغۇلغان يېڭى نەسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىشى بولمايدۇ. قانۇنى جەھەتتىن سۈرۈشتە
قىلىنماقچى بولغاندا « ئاتا – ئانىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى پالانى دۆلەتتىن » دېگەنچىلىكلا ئۇچۇر تىلغا
ئېلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، كۆچمەنلەرنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرى مىللەت تەۋەلىكىنى تولۇق يوقاتقان بولىدۇ.
بۇ ئارقىلىق بىر تۇپراقتا ياشايدىغان، بىر خىل تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ئىگە، ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان،
پەرقلىق ئۆڭلۈك مىللەتلەر بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەت توغرىسىدا كۆز – قاراش
تۇرغۇزۇشتا قەدىمكى زامان پەيلاسوپ، جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ پىكرىنى ئەندىزە قىلىۋېلىش توغرا
خۇلاسىگە يەتكۈزەلمەيدۇ . پەيلاسوپلارنىڭ تۈرلۈك كەسپى خاسلىقلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا:
ئۆتمۈشتىكى پەيلاسوپلار ۋە ھازىرقى زامان پەيلاسوپلار – دەپ، ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلىساق،
ئۆتمۈشتىكى پەيلاسوپلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئۆزى ياشىغان يۇرت ۋە يېقىن ئەتىراپىدىكى
قوۋملەرنى نەزەردە تۇتۇپ، تەتقىقات ۋە تەجرىبە قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان
ھەقىقەتلەرنى، بۈگۈنكى تارىيىپ كەتكەن دۇنيانىڭ رېئاللىقىغا ئەندىزە قىلىۋېلىش توغرا بولماسلىقى
مۇمكىن . ھازىرقى زامان پەيلاسوپلىرى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان ھەقىقەتلەرنىڭ، ساغلام بولىشى ناتايىن .
چۈنكى ئۆتمۈشتىكى پەيلاسوپلاردەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز پىكرى ئۈچۈن، جېنىنى بېرەلەيدىغان
پەيلاسوپلار تېخىمۇ يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى پەيلاسوپلار، بۇرۇنقىدەك ئەخلەتخانىدا يېتىپ
قوپۇپ، تەپەككۇر قىلىدىغانلاردىن ئەمەس . بەلكى يۇقىرى مائاش بىلەن، دۆلەت تەرىپىدىن
تەمىنلىنىۋاتقان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتلەرمۇ دۆلەت چېگراسى ئىچىدىكى
ھەقىقەت ۋە دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، پۇقراۋى مەجبۇرىيەتلىك، ياكى پارتىيىۋى
تەشەببۇسكارلىققا ئىگە ھەقىقەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . پەيلاسوپلارنىڭ خۇلاسىلىرىنى پەقەت
ئۆزىنىڭ كۆز – قارىشىنى بېيىتىش ۋە پىكىر، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
ئەمما ھەقىقەتنىڭ ئەندىزىسى قىلىۋالغاندا، نەرسىلەرنىڭ ئوبيېكتىپلىق ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىشتا
توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ھەم ئەقلى يەكۈن چىقىرىشتا، خاتا تەسەۋۋۇرغا تاينىپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن
خالى بولالمايدۇ .
مىللەت توغرىسىدا يېزىلغان تارىخى ماتېرىياللارمۇ، بىزنى ساغلام مەنبەگە يەتكۈزەلىشى ناتايىن
. ئەڭ ساغلام مەنبە مەدەنى يادىكارلىقلار، ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى، ئارخىئولوگىيىلىك ئىزلار
بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىش قوشۇش ۋە ساختىلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك . ئەمما سۆزلەنمە، يازما
تارىخلار، دەۋرىنىڭ سىياسى مەقسەتلىرىدىن خالى، ساغلام بولۇپ كېتىشىگە كاپالەت يېتەرلىك ئەمەس .
بولۇپمۇ يازما تارىخلارنى ھۆكۈمرانلارنىڭ پۈتۈكچىلىرى خاتىرلەيدىغان بولغاچقا، دەۋرىمىزدە
خاتىرىلىنىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقى يۈزى كۆرۈنمەيۋاتقىنىدەك، ئۆتمۈشتىكى تارىخلارمۇ سىياسى
ھۆكۈمرانلارنىڭ بۇيرۇتمىسى تەرىقىسىدە خاتىرلىنىدىغان بولغاچقا، بىرەر مىللەت توغرىسىدىكى
يېزىلمىلارنىڭ سىياسى تەلەپلەردىن خالى، دەۋرى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان پاك – پاكىز، ساغلام
قوللانما بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىمىز توغرىسىدا پىكىر، كۆز – قاراشلارنى
بايان قىلىشتا، كۆز ئالدىمىزدا بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى ۋە ئۆزىمىز ئىچىدە بولغان ئومۇمى

ھادىسىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوبيېكتىپچىل بولىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. كۈچلۈكلەر دۈمبىمىزگە يېزىپ
قويغان، ساختا تارىخلاردىن ئۆزىمىزنى ئىزدىسەك، جەزمەنكى ھازىرقى بىزنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويىمىز.
مەلۇم ئىنسانلار توپلىمىنى « مىللەت » دەپ ئاتاشتا ئۆلچەم قىلىنىدىغان بارلىق ماددى، ئىجتىمائىي
ۋە مەنىۋى تەركىبلەرنى نەزەردە تۇتۇش بىلەن بىرگە، ھېچقانداق ئىلمىيلىكى بولمىغان، ھازىرغىچە
تىلغا ئېلىنمىغان، يەنە بىر نەرسىنى نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ : « دەرد قايغۇسى بىر، شات
خوراملىقى ئورتاق، بىرسى ئۈچۈن ھەممىسى قۇربان بېرەلەيدىغان، ھەممىسى ئۈچۈن بىرسى بەدەل
تۆلىيەلەيدىغان ئادەملەر توپلىمى مىللەت دېمەكتۇر. » بۇ گەرچە پۈتۈنلەي ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتكەن
مەزمۇن بولسىمۇ، لېكىن مىللەت بولۇپ گۈللىنەلىگەنلەرنىڭ ھەم مىللى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە
قىلمايدىغانلارنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسەتمەكتە.
ئادەملەر توپلىمى مىللەت سەۋىيىسىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى يەنە داۋاملىق مىللەت
سەۋىيىسىدە تۇتۇپ تۇرىدىغان، باشقىلارغا بوزەك بولماسلىقنى، باشقىلارغا يىمىرىلىپ كەتمەسلىكىنى
كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، يەنە بىر ئامىل بولسا : يېڭىچە مائارىپ، ياكى زامانىۋى مائارىپتۇر. زامانىۋى
مائارىپ دېگەندە، كىشىلەر تېخنىك تەرەققىياتىغا ئائىت، كەسپى بىلىملەرنى ئويلاپ قالىدۇ. ئەسلىدە
ئۇنداقمۇ ئەمەس. زامانىۋى مائارىپ كىشىلەرنىڭ زېھنىنى، پىكىر تەپەككۇر، كۆز – قاراشلىرىنى
دەۋرىمۇ – دەۋر يېڭىلىق بىلەن ئۇچۇرلاپ، زامانغا لاياقەتلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر. بىزنىڭ
« مىللى مائارىپ » دېگىنىمىز، مۇشۇ زامانىۋى مائارىپ بولىشى مۇمكىن . بۇ ھەقتە بىرەر تەتقىقات
ماتېرىيالى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، 20. ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدا
ئېچىلغان « يېڭىچە مەكتەپ، جەدىتلەر مەكتىپى » دېگەندەك لەقەملەنگەن مەكتەپلەردە، يولغا قويۇلغان
ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىغا قارىغاندا، شۇ كەمگىچە ۋەتىنىمىزدىكى بىلىم تەھسىل قىلىش ئىشلىرى « موللام
مەكتىپى، مەدرىس » شەكلىدىن مائارىپلىشىشقا كۆچىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. موللام
مەكتىپىدىكى ئوقۇتۇش باشلانغۇچ شەكلىدە بولۇپ، ئۆسمۈر تالىپلارنىڭ ئۆگىنىدىغانلىرى، تەۋھىد
كەلىمىىسىدىن باشلاپ، بارلىق ئىمان ئىسلام كەلىمىلىرىنى يادلاش، ھالال – ھارام، پەرز، ۋاجىپ،
سۈننەت قاتارلىق، مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ زۆرۈرى قائىدىلىرىنى يادلاش، ناماز، روزا، زاكاتنىڭ قائىدە
– ئەركانلىرىنى ئۆگىنىشكىچە داۋاملىشىدىغان دىنى ئوقۇش بولۇپ، بۇنداق موللام مەكتىپىنى تۈگەتكەن
تالىپلار، مەھەللە مەسچىتلىرىدە ئىمامەتچىلىك قىلىش، جامائەتچىلىكنىڭ كۈندىلىك دىنى ئېھتىياجلىرىنى
قامداش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتى. مەدرىستىكى ئوقۇتۇش بولسا، قەدىمكى ئۇسۇلدا ئەرەب،
پارىسچە دەسلەپكى ساۋادىنى چىقىرىشتىن باشلاپ، دىنى كىتاپلارنى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، كەڭ
جامائەتلەرگە ۋەز ئېيتىش، فىقھى بىلىملىرى بويىچە پەتىۋا ۋە دىنى ھۆكۈم چىقىرىشقىچە، ئەقىدە
مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈش، ھەم يۇرت خەلقىنى يېتەكلەش، ئىدارە قىلىشقىچە، يېتەرلىك بىلىم ھەم
نوپۇزغا ئىگە بولاتتى. لېكىن دىنى ساھەدىكى مەزكۇر ئوقۇتۇشلار سىستېملىق مائارىپلاشمىغان
بولغاچقا، مىللەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي، ھۈنەر – سەنئەت، مەدەنىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ۋەتەن،
دۆلەت دېگەندەك مۇھىم مۇئەممالىرى بىلەن باغلىنىشى بولمىغان ئىدى . مەزكۇر ئوقۇتۇشلار – «
موللام مەكتىپىدە دىنى ئوقۇش، مەدرىسدە ئىلىم تەھسىل قىلىش » دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئۆزلىرى
ياشاۋاتقان دەۋر، تۇپراق ۋە ئىنسانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولالمىغان . شۇنىڭ ئۈچۈن 20.
ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىنى ساھەدىن چىققان ئىسلاھاتچى، موللا ئابدۇلقادىر ئابدۇلۋارىس قەشقىرى
يېتەكچىلىكىدىكى شەخسلەرنىڭ ئېلىپ بارغان مائارىپ ھەرىكەتلىرى، دىنى مائارىپ تەرىقىسىدە
باشلانغان . يەنى تەرتىپسىز قەدىمى ئۇسۇلدا ئوقۇتۇپ، مىللەتكە زىيانلىق، جانباقتى موللا

نەسىللەندۈرىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بىكار قىلىپ، جاھاننى چۈشىنەلەيدىغان، دۇنيانى كۆرەلەيدىغان،
كىتاپتىن سىرتقى رېئال جەمئىيەتنىمۇ بىلىدىغان، تەدبىرچان، ئەلگە پايدىلىق ئۆلىمالارنى تەربىيلەپ
چىقىش ئۈچۈن، سىستېملىق شەكىلدىكى دىنى مائارىپنىڭ ئەندىزىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى. ئۇنىڭغا
يانداش يېڭىچە مائارىپ تەرغىباتچىلىرى ھەم ئەتىراپقا ئويغىنىش چاقىرىقىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى.
دەسلەپكى يېڭىچە مائارىپ تەشەببۇسكارلىرى، موللا ئابدۇلقادىر ئابدۇلۋارىس قەشقەرى بىلەن
زامانداشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاۋۋالمۇ بولغان دېيىلسە ، بەك نادىر، چېچىلاڭغۇ، تەسىر كۈچى
يوق، پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى تەرىقىسىدە، ئەمەلى ھەرىكەتكە ئۆتەلمىگەن دېيىشكە
بولىدۇ. زامانىۋى مائارىپ تەشەببۇس ۋە تەرغىباتتىن ھالقىپ، ھەرىكەتكە ئايلانغان ھەمدە
ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى يۇرتلىرىغىچە كېڭەيگەن ۋاقتى 20. يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
مەرىپەتپەرۋەر خەلق تەرىپىدىن راۋاجلىنىۋاتقان، زامانىۋى مائارىپ ھەرىكەتلىرى، قەشقەردە قۇرۇلغان
مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن، خەلق مائارىپى شەكلىدىن دۆلەت مائارىپىغا
كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، يەككە مائارىپچىلارغىمۇ پەۋقۇلئاددە جان كىرگەن ئىدى. جۇمھۇرىيەت رەئىسى
خوجانىياز ھاجى مۇستەقىللىقتىن ۋازكېچىپ، شىڭ شى سەي بىلەن قۇرغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە
مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى مائارىپقا مەسئۇل بولۇپ، ۋەتەننىڭ بارلىق يۇرتلىرىدا
مەكتەپ سالدۇرغان ھەم مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان ئىدى . گەرچە مائارىپىمىزنىڭ
تەرەققىياتلىرىغا ئۇنىڭ ئۆمرى يەتمىگەن بولسىمۇ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن
كېيىن، تولۇق سىستېملىق ھالدا دۆلەت مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلدى.
دېمەك، يېڭىچە مائارىپ 20. يىللىرى تەشەببۇس قىلىنىپ، باي، سودىگەرلىرىمىزنىڭ ماددى
جەھەتتىن قوللىشى، ئاڭلىق مۇنەۋۋەر زاتلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى ئارقىسىدا، خەلق تەرىپىدىن شەكىللىنىپ
بارلىققا كەلگەن ھەم قىسقا بولسىمۇ ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت
كۈنتەرتىپىدە ئىدارە قىلىنغانلىقى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ ئىزچىل خىزمەت كۆرسىتىشى
نەتىجىسىدە، 56. يىلىغىچە خېلە مۇكەممەل، سىستېمىلاشقان مائارىپ دەرىجىسىگە يەتكەن ئىدى . خىتاي
مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تىغمۇ – تىغ سىياسى كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ مەمۇرى
ئورنىنى « شەرقى تۈركىستان ئاپتونوم رېسپۇبلىكىسى » ياكى « ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم رېسپۇبلىكىسى
» دەپ، قوبۇل قىلىشقا قىستىغانلار، بۇ يەر خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى ئەمەس، بەلكى ئايرىم بىر تۇپراق
ئىكەنلىكىنى، فېدېرال تۈزۈم قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلار ۋە ھېچ بولمىغاندا « مىللى
تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايون » دېگەندەك، بىر ھوقۇق شەكلى بىلەن، خىتاي تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ
تۇرىدىغان، ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇيغۇرغا ئائىت ئىكەنلىكى ئۆز ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان « ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايون » دېگەنچىلىك بولسىمۇ، بىر پاسىلنى تۇرغۇزۇشقا خىتاينى مەجبۇرلىغان مىللەت
كادىرلىرى، زىيالىيلار، مائارىپچىلارنىڭ ھەممىسى، ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر يېڭىچە مائارىپتا تەربىيلەپ
يېتىلدۈرۈلگەنلەر ئىدى. سىياسى كۈرەشتە يېڭىلىپ مات بولغان نامەرد، پەسەندە خىتايلار، 57. يىلى «
7. ماي كادىرلار مەكتىپى » نامى ئاستىدىكى، ئاممىۋى تۇتقۇن لاگېرلىرىغا، يۈز مىڭلىغان مۇنەۋۋەر
ئۇيغۇر كادىرلىرىنى، زىيالىيلارنى، مائارىپچىلارنى، ئىستىداتلىق ئۆلىمالارنى سولىدى . ئۇلارنىڭ
ئارىسىدىكى خىتايغا ئەجەللىك تەھدىت دەپ قارالغانلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى. ئەڭ خەتەرسىز
كۆرۈنگەنلەرگىمۇ ئۇزۇن يىللىق، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، « 16. مەيدان، 17. مەيدان،
18. مەيدان » دەپ ئاتىلىدىغان، جازا مەيدانلىرىغا قامىدى. ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ مېڭىسى، مىللىتىمىزنىڭ
يۈرىكى، مىللىتىمىزنىڭ قېنى، مىللىتىمىزنىڭ يىلىكى ئىدى. سىياسى كۈرەشتە يېڭىلگەن خىتايلار
غالجىرلارچە جازا يۈرگۈزۈپ، مىللىتىمىزنى مېڭىسىدىن، يۈرىكىدىن، قېنىدىن، يىلىكىدىن ئايرىپ

تاشلىدى. 57. يىلىدىن 77. يىلى ماۋ ئۆلگەنگە قەدەر، 20 يىل ئىچىدە، پۈتۈن بىر مىللەت تىرىك
مۇردىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالدى.

خىتاينىڭ، 80. يىلى باشلانغان ئىسلاھاتى ئارقىلىق، قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار قاتارىدا، جازا
لاگىرلىرىدىن تىرىك چىققان ۋە بارماق بىلەن ساناپ كۆرسەتكۈچىلىك سانغا ئىگە يېتەكچىلىرىمىزنىڭ،
بەزىسى يېزىقچىلىق بىلەن، بەزىسى مائارىپ بىلەن، بەزىسى مەمۇرى خىزمەت ئورنى بىلەن، بىر
ياقتىن مىللەتنى ئاقارتىشقا باشلىسا، يەنە بىر ياقتىن مىللى تېررىتورىيىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلدى . يىللاپ
داۋاملاشقان سىياسى كۈرەشتە يەنە بىر قېتىم قىستالغان نامەرد خىتايلار، 85. يىلىغا كەلگەندە « ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايونىغا مىللى تېررىتورىيىلىك ھوقۇقى بېرىلىدۇ » دەپ، قارار ماقۇللىدى. گەرچە ئۇنداق بىر
مىللى تېررىتورىيىلىك ھوقۇق ئەمەلىيەتتە يولغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، شۇ قەغەزدىكى ساختا قارارنى
ئاساس قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىگە يانداش، يەرلىك نىزامنامە
تەرىقىسىدە ، قوشۇمچە ھۆججەت تارقىتىشقا مەجبۇرلىدى. شۇ قاتاردا « مىللى مائارىپ » دېگەن بىر
تۈرمۇ پەيدا بولدى. ئەسلىدە بىزنىڭ پېشقەدەم زىيالىي، مۇتەپەككۇر ۋە رەھبەرلىرىمىزنىڭ كۈتكىنىدەك
بولغاندا، مىللى مائارىپقا خىتاي دۆلەت مائارىپى دەخلى – تەرۈز يەتكۈزەلمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ
مەكتەپلىرى، ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى، دەرسلىك تۈزۈشلىرى ھەممە تەرەپتىن ئۆزلىرىگە بېرىلىشى كېرەك
ئىدى. بىراق مىللى مائارىپ دېگەن نامدىن باشقا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشىدىن باشقا،
ھېچ نەرسە بېرىلمەي، خىتايچە مائارىپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يولغا قويۇلدى. دەرسلىك كىتاپلاردا
ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار بولۇپ قالسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسى ئارقا كۆرۈنىشىدە، نىشانىدا خىتاي
دۆلىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى چىقىش قىلىندى . ئەگەر مۇشۇ « مىللى مائارىپ » دەپ ئاتالغان مائارىپتا
ئوقۇپ، يېتىلىپ چىقىپ، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ
بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلپەتلىرىدىن قايغۇلانغان كىشىلەر بولسا، ئۇ
ئاتالمىش مىللى مائارىپتا ئالغان بىلىمىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك،
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىسقا ۋاقىت قانات يايغان، يېڭىچە مائارىپنىڭ مەشئىلىنى يۈرىكىدە،
زېھنىيەتلىرىدە توشۇپ ماڭغان، ئۈچىنچى ئەۋلاد ( ئەدىب، شائىر، ئوقۇتقۇچى، مەمۇر قاتارلىق ھەر
ساھەدىكى ) پىداكارلارنىڭ ئۈن – تىنسىز داۋاملاشتۇرغان خىزمەتلىرىنىڭ مىۋىلىرىدۇر. شۇنىڭدەك ئۆز
پەرزەنتلىرىنى ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەكسىچە مىللەت، ۋەتەن ئۈچۈن بىر تامچە بولسىمۇ تەر
تۆكۈشنى، ئەۋلادلارنىڭ زېھنىيىتىگە سىڭدۈرگەن، مۇنەۋۋەر ئاتا – ئانىلارنىڭ ھىممىتىنىڭ مىۋىلىرىدۇر.
چۈنكى « مىللى مائارىپ » دېيىلىدىغان نەرسىنىڭ، پەقەتلا خىتاي مائارىپى ئىكەنلىكى، دەلىل تەلەپ
قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئۇ مائارىپتا ئۇيغۇر بولۇشقا، ئادەم بولۇشقا سەۋەب بولغىدەك ھېچ نەرسە يوق.
مائارىپ ياكى زامانىۋى مائارىپ – دېگەندە، ئاساسەن تىل، تارىخ، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە،
پېداگوك، سەنئەت، پەلسەپە، يېزىقچىلىق ( يېزىقچىلىق كۇرسى )، ئەخلاق قاتارلىق كەسىپلەر نەزەردە
تۇتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئاڭ – تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان، زېھنىنى ئويغىتىدىغان، دۇنيا قارىشىنى
يېتىلدۈرىدىغان بىلىملەر ھەرگىزمۇ خېمىيە، فىزىك، ئالگېبرا، ماتېماتىك، تىبابەت، ماشىنا سازلىق،
ئېلېكترونىك، يۇمشاق دېتال قاتارلىق كەسىپلەر بولماستىن بەلكى، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا،
ھېس – تۇيغۇلىرىغا، ئەقىل تەسەۋۋۇرىغا ۋە روھى كەيپىياتلىرىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە
كىشىلىك تۇرمۇشتىن، كوللېكتىپ ھاياتقىچە قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان
كەسىپلەردۇر.

مائارىپ دېگەن سۆز، ئەرەبچە مەرىپەت دېگەن سۆز بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇدۇل ئۇيغۇرچە
مەنىسى تونۇشۇشماق دېگەن بولىدۇ. يەنى ئادەملەر ئۆزىگە ئالاقىدار نەرسىلەرنى تونۇپ چىقىشلا
ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىلەنمۇ ئورتاق بىلىشىش، ئورتاق تونۇشۇش دېگەن بولۇپ، بىز قوللانغان
ئىستېمال مەنىسىمۇ ئىجتىمائىي ئەھۋال، ھادىسىلەرنى ھەممەيلەننىڭ تونۇشى، ئاز ساندىكىلەر بىلسە،
كۆپ ساندىكىلەرگە كۇپايە قىلىدۇ ئەمەس، بەلكى ھەممە كىشى تونۇپ يېتىشى، ھەممە ئادەم ئورتاق
ئاڭغا ئىگە بولىشى كېرەك – دېگەندىن ئىبارەت، مىللەت ئەزالىرىنى ئۆزىدىن، ئۆزگىدىن، ئۆزلىرىنىڭ
تارىخىدىن، سىياسەتتىن، دۈشمەندىن، ئىنسانىيەتكە ئالاقىدار بارلىق مۇئەممالاردىن ئىلمى شەكىلدە
مەلۇمات ئىگىسى قىلىش دېمەكتۇر.
مىللەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە، ئۆزىنى تىكلىشىدە، ھۆر ئەركىن، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، غالىب
ياشىيالىشىدا مائارىپ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئالدى بىلەن
مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن. بىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30. يىللىرى « ئاقارتىش ھەرىكىتى » باشلاپ،
چوڭلارنىڭ خەت ئوقۇش ساۋادىنى چىقىرش بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا، بۈگۈنكى ياۋروپانىڭ
پاراۋۇزى ھېسابلىنىدىغان مىللەتلەر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مەجبۇرى مائارىپقا كىرگۈزۈپ
بولغان ئىكەن . مائارىپ بىلەن ئىنساننىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ. مائارىپ بىلەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى
يورۇتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىزنى مائارىپسىزلاشتۇرۇپ، كۆزىمىزنى كۆرمەس قىلدى. خىتاي
دۆلەت مائارىپى ئارقىلىق مېڭىمىزنى پالەچ قىلدى. ئۇنداق مائارىپتا يېتىلگەن زىيالىيلار، ئالىملار
ساماندەك كۆپەيدى. لېكىن مېڭە خىتاينىڭ دۆلەت مائارىپى ئارقىلىق پالەچ قىلىۋېتىلگەن بولغاچقا،
مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەتلىنەلمىدى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى : مۇنداق ئىشنى مۇنداق
قىلساق، مىللەتكە پايدىلىق بولىدۇ – دېگەندەك، بىرەر ئىناۋەتلىك ئەندىزىنى كېسىپ چىقالمىدى . چۈنكى
ئۆگەنگىنى، بىلگىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن نەرسىلەر بولغاچقا، قىلغىنى، قىلالايدىغىنى
ھەم خىتاي دۆلىتىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بولۇپ قالىدىغان گەپ. خىتايلارمۇ ئەزەلدىن مائارىپسىز، قۇل،
قالاق، قاششاق ئۆتكەن نامرات بىر خەلق . لېكىن خىتايلار يۈز يىللىق دۆلەت تۇتۇش جەريانىدا، قانچە
مىڭ يىللىق قۇللۇق ھاياتىدا داۋاملىشىپ كەلگەن، ئاغزاكى ھىلە – نەيرەڭ ۋە رەزىللىككە تولغان ئەجداد
تەلىماتلىرى ئاساسىدا، خىتايچە مائارىپ شەكىللەندۈردى. خىتايچە مائارىپ ئىلغار تەپەككۇرغا،
ئىنسانىلىققا ئىگە نەرسە بولماستىن، خىتاي خەلقىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ئومۇملاشتۇرغان، ئىنسانلارنى
كوللېكتىپلىشىشقا ئەمەس، يەككىلىشىشكە يېتەكلەپ، ھەربىر ئادەمنى دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇدۇل
باغلايدىغان، كۆرۈنمەس زەنجىردىن باشقا نەرسە ئەمەس . خىتاي يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش
مائارىپ، ئەسلىدىنلا مائارىپ بولماستىن، شەكلى ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەت ۋە سىياسى بۇيرۇقتۇر.
قۇللۇق تۈزۈمىدە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتى قانداق كاپالەتسىز بولغان بولسا، خىتاي دۆلىتىدىمۇ
كوللېكتىپچىلىق ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى شۇنداق كاپالەتسىزدۇر. « ئۆزەڭنى بىل ئۆزگىنى قوي، ھەر
كىشىنىڭ قازىنى ئۆز ئۆيىدە قاينايدۇ… » دېگەندەك، شەخسىيەتچىلىكنى، يەككىچىلىكنى تەشەببۇس
قىلىدىغان، كۇڭزىچە تەلىمات خىتاي دۆلىتىنىڭ مائارىپىدا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەچكە، « ھەممە بىر
ئۈچۈن، بىر ھەممە ئۈچۈن » دېگەندەك، كوللېكتىپ ئۈچۈن يەككىلەر بەدەل تۆلەيدىغان، يەككىلەر
ئۈچۈن كوللېكتىپ بەدەل تۆلەيدىغان ئادىمىلىك خىسلەت، خىتاي خەلقىدە بولمىغىنىدەك، خىتاينىڭ دۆلەت
مائارىپىدا ئوقۇپ يېتىلگەن ئۇيغۇرلاردىمۇ بولمايدۇ.
چەتئەلدە « مېنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئۈچۈن » دېمەستىن، گەرچە نەتىجىسىز بولسىمۇ « ۋەتەن ،
مىللەت ئۈچۈن » دەپ، داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاجىزانە ھەرىكىتىمىزنى، تۇيۇقسىز پارتىلاپ

چىققان كىشىلىك بوران – چاپقۇن « مېنىڭ دادام، مېنىڭ ئاپام، مېنىڭ بالام، مېنىڭ ئاكام، مېنىڭ تاغام »
نىڭ دەۋاسىغا ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىمىزدىكى تەدرىجى،
باسقۇچلۇق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولساق، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن
چەتئەللەردە، ھەر كىشىنىڭ جەننەتكە كېتىش ئارزۇلىرى كۈچلىنىپ، جىھاتچىلىق مەيدانغا چىقىشى
بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررور شايكىسى بولۇپ قالپاق كېيىشى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن
كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى تېررور بازىسىدا مىڭلاپ پەيدا بولىشى، سىياسى ئېقىملاردا بولسا،
ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن كىچىكلەپ، ۋەتەن دەۋاسىغا، كېيىنچە ئىنسان ھەقلىرى دەۋاسىغا
ئۆزگىرىشى، لاگېرغا ئاممىۋى سولاش جازاسى ئارقىلىق، تېخىمۇ كىچىكلىتىلىپ ئاتا ئانا، خوتۇن بالا،
قېرىنداش دەۋاسىغا ئۆزگىرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مۇشۇ جىھاتچىلىقتىن ئىبارەت دىن دەۋاسىدىن
باشلاپ، ئىنسان ھەقلىرى دەۋاسى، ئاتا ئانا دەۋاسى قاتارلىق دەۋالارنىڭ ھەممىسى، خىتاي دۆلىتىنىڭ
قانۇنلۇق پۇقرالىرىنىڭ، ھاكىمىيەتتىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان، دۆلەت ھاكىمىيىتى بىلەن
پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۈزۈم ۋە سىياسەت دەۋاسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . يەنە بىر ياقتىن :
چەتئەلدىكى ۋەتەن مىللەتنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقانلار، خىتاي دۆلىتى ئېيتقاندەك : ئاز ساندىكى بىر ئۇچۇم،
بۆلگۈنچى ئۇيغۇرلار ئىكەن – دېگەن چۈشەنچىنىمۇ تەستىقلاپ قويىدىغان بىر ئىسپاتتۇر. چۈنكى
ھەقىقەتەن چەتئەلدىكى ۋەتەن مىللەتنىڭ دەۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا، ئۆزىنىڭ
كىشىلىك، شەخسى دەۋاسىنى قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى،
قانچە ئون ھەسسىدىن ئاشىدۇ . بۇ ۋەزىيەتتىن قارىغان چەتئەللىك : ئەگەر خىتاي دۆلىتى ئۇلارنىڭ
يېقىنلىرىغا ئەسكى مۇئامىلە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارشىلىقى يوقكەن؛ بۇ ئۇيغۇر – خىتاي
ئوتتۇرىسىدىكى مىللى زىددىيەت ئەمەس؛ مۇستەملىكىچى مىللەت بىلەن مۇستەقىلچى مىللەت
ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئەمەس؛ بەلكى دۆلەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق
تۈزۈمدىن كېلىپ چىققان ، سىياسى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.
چەتئەلدە، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن، ئىسپانىيەدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ،
كوچىغا تۆكۈلۈپ كېتىۋاتقان، ئونمىڭلارچە كاتالونىيە خەلقىنى سېلىشتۇرساق، ھەقىقى مائارىپ
تەربىيىسىدە ئوقۇپ، يېتىلگەن مىللەت ئاھالىسى بىلەن، قۇللۇق زېھنىيىتى سىڭدۈرۈلگەن مائارىپتا
ئوقۇپ، يېتىلگەن مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش
ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىمىز. ئەلۋەتتە : ئىسپانىيە ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەت تۇرسا؛ ئۇ دۆلەتكە قارشى
نامايىش قىلسا كىمنى سولاپ قوياتتى؟ دەيدىغانلار چىقمايدۇ ئەمەس. مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان
كاتالونىيەلىكلەرمۇ 30 يىللىق، 50 يىللىق، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىسپانىيە
تۈرمىسىدە قان قۇستۇرىلىۋاتىدۇ. نامايىشقا مەسئۇل بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلغانلار، ئىسپانىيول
ساقچىلىرىدىن تاياق توقماق يەپ، تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتىدۇ. بىراق ئەركىن دۆلەتلەردە مۇستەقىللىق
تەلەپ قىلىپ، نامايىش قىلغان قايسى بىر ئۇيغۇرنى، قايسى بىر دۆلەت تۈرمىگە سولاپ قويۇپتۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ « ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش، بەش مىڭ كىشىلىك نامايىش » ناملىق ھەر قانداق
نامايىشىنىڭ تەلەپ، مۇددىئالىرى : ئۇيغۇرلارغا ئىنسان ھەقلىرى؛ دادامنى قويۇپ بەرسۇن؛ ئاپامنى
قويۇپ بەرسۇن! دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇستەقىللىق شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىققان نامايىشقا،
ھەر خىل بانالارنى كۆرسىتىپ قاتناشمايدىغانلارنى، قارشى تۇرىدىغان تەشكىلاتلارنى چۈشىنىش
مۇمكىنمۇ؟

دەۋادىكى پۈتۈن چېكىنىشلەر، روناق تاپماسلىقلار، مۇستەقىللىق تەلەپلىرىدىن يىراق تۇرۇشلار،
بەزى بىر مەخسۇس نامايىشلاردا : « خىتاي ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن، خىتاي تېررورىست
دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرمەسلىك، ئۇنداق قالايمىقان شوئارلارنى توۋلىماسلىق، نامايىشلاردا كۆك
بايراقنى كۆتۈرمەسلىك… » تەشەببۇسلىرى… قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىدا، ئەگەر بىۋاسىتە
خىتاينىڭ پەرمانى يوق – دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ جاۋابى: ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق، ئۆزىمىزگە
ئائىت مىللى مائارىپنىڭ يوقلىقى، دۈشمەننىڭ مائارىپىدا، ياكى ئۇيغۇر – خىتاي مۇناسىۋىتى بىلەن
ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، يات ئەللەرنىڭ مائارىپىدا ئوقۇپ يېتىلىۋاتقانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.
مىللىتىمىزنىڭ ئەسىرلىككە چۈشىشىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدا نادانلىق، بىلىمسىزلىك
سەۋەب بولغان- دەپ قارىغاچقا، بىلىملىكلەرنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئىنتىلدۇق. چۈنكى بىلىملىكلەر
قانچىكى كۆپ بولسا، قۇتۇلۇشىمىز شۇنچە ئاسان ھەم تېز بولاتتى. بىراق، خىتاينىڭ 80. يىلىدىن
باشلاپ يولغا قويغان، يېڭى ئىسلاھات دەۋرىدىن كېيىن، مىللىتىمىز ئاھالىسىدىن ئوقۇپ، يېتىشىپ
چىققان بىلىملىكلەر، سان ۋە كەسپى جەھەتتە بىز كۈتكەندىنمۇ ئارتۇق بولىشىغا قارىماي، مىللىتىمىزدە نە
سۈپەت جەھەتتە، نە ساپا جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى . قۇتۇلۇش بىر ياقتا تۇرۇپ، يەنە 80. يىلىدىن
ئاۋۋالقى ھالغا كەلتۈرۈلدى. ئوقۇمىغاندەك، دوكتورلار چىقمىغاندەك، ئالىم تەتقىقاتچى بولمىغاندەك،
زىيالىي بولمىغاندەك، پۇل تاپمىغاندەك، قىرىق يىللىق تارىخ ئارقىغا قايتۇرۇۋېتىلدى. چەتئەللەردىكى
نۇرغۇن ئالىم، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ، ۋەتەندىكى ھەممە نەرسىلىرىنى لاگېرغا سولىۋەتكەندىن كېيىنكى
ئىنكاسلىرىغا قارىساقمۇ، خىتاينىڭ پەيلى يۇمشاپ، ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش بولماقتا.
ھەرگىزمۇ : بولدى بەس! بۇ مىللەتنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر ئىش قىلايلى – دەيدىغان يەردىن
بىر پىلانت يىراقلىقتا. دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ۋە خىتايدىكى چاغلىرىدا ئوقۇپ بىلگەنلىرى ۋە
چەتئەللەردە ئۆگەنگەنلىرى، بىلىۋاتقانلىرى ئىچىدە، خىتايغا قارشى پىكىر مۇلاھىزە قىلىش، مىللەتنى
قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش توغرىسىدا ھېچ قانداق تەشەببۇس، ئۆرنەك يوق تۇرسا. «
بىلىملىكلەر » نىڭ سائەتلەپ سۆزلىگەنلىرىدە، « بۇ ئىشنى مۇنداق قىلساق بولغىدەك » – دەپ، ئەندىزە
ئېلىشقا لايىق، بىرەر پايدىلىق گەپ يوق. ھەممىسىلا غالىب مىللەتلەرنىڭ ئۇتۇقلىرى ۋە كۈچلۈك
دۆلەتلەرنىڭ نەتىجىلىرى . مۇنۇ ئالىمنىڭ مۇنۇ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ ئىشنى مۇنداق قىلساق بولغىدەك –
دەپ، ئەندىزە قىلىشقا مۇناسىپ بىر نەرسە يوق . ياكى شۇ ئالىم، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار بىرەر
كوللېكتىپ بولۇپ، كۆرسەتكەن ئۈلگىمۇ يوق. پۈتۈن مۇشۇ بۇلۇمسىزلىقلار نېمىشقا بىزدىلا يېتىپ
ئاشقىچە؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ئوقۇمىغان. بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆلەپ
قويۇۋاتقىنى بىلەن، مېڭىگە قاچىلانغان پروگرامما خەقنىڭ بولغاچقا، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە يارىشا،
بىرەر ئەمەلى ئىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە مېڭە ھەرىكەتلەنمەيدۇ.
يىغىپ ئىيتقاندا، مىللەتنى تەنگە ئوخشاتساق، مائارىپ ياكى زامانىۋى مائارىپ، ئاشۇ تەننى تىك
توختىتىدىغان جان دېمەكتۇر. مىللەتنى تەنگە ئوخشاتساق، مائارىپ ئاشۇ تەننىڭ ھەرىكىتىنى
باشقۇرىدىغان مېڭە دېمەكتۇر. مىللەتنى قاراڭغۇ ئۆيگە ئوخشاتساق، مائارىپ شۇ ئۆينى يورۇتۇپ
تۇرغان چىراغ دېمەكتۇر. مىللەتنى بىر بەدەنگە ئوخشاتساق، مائارىپ شۇ بەدەندىكى باش دېمەكتۇر.
شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مائارىپسىز قالغان مىللەت- جانسىز گەۋدە، مېڭىسىز تەن، قاراڭغۇ باسقان
ئۆڭكۈر، باشسىز بەدەن دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى دىنى ئۆلىمالار بولسۇن، مەيلى ئالىم،
تەتقىقاتچى، زىيالىيلار بولسۇن چەتئەللەردىمۇ، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن كېرەكلىك بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ
ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى، ئېھتىياجلىق ساھەدە جانغا ئەسقاتماسلىقى، ئۇلارنى ئەيىبلەشكە سەۋەب

بولالمايدۇ. چۈنكى « چۈجە خورازمۇ بىلگىنىچە چىللايدۇ . » ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىنىشى
كېرەكلىكىنى بىلمىگەن كىشىلەردىن : ئىش قىلىپ بەرمىدى – دەپ ئاغىرنىشمۇ ئورۇنسىزدەك تۇرىدۇ.

شۇڭا ئىشنى ئۇلىدىن ئۆزىمىز قىلايلى – دېيىشىپ، چوڭ ئۈمىت بىلەن، شۇنچىلىك پۇختا باشلىغان «
مائارىپ » جەمئىيىتى، دەسلەپتىلا پېقىر – پۇقارالاردىن ھال سورايدىغان ئاممىۋى جەمئىيەتكە، كىچىك
بالىلارغا دىن ئۆگىتىدىغان يەسلىگە، ئەرەبچە كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىدىغان، تەرجىمە –
مەتبەئەخانىغا، دىنى تەبلىغ قىلىدىغان ۋەز – نەسىھەتگاھقا، ئاخىرى بېرىپ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ،
مۇھاجىرلار خىزمىتىنى بېجىرىشىپ بېرىدىغان، ئاساسى قاتلامغا ئايلىنىپ قالدى . « ئۇيغۇرلار بىر
ئىشنى زادىلا ئۆزى خالىغاندەك قىلالمامدۇ نېمە؟ » دېيىشكە تىل بارمىسىمۇ، لېكىن كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر
قېتىدىن بىر ئۇھ سىنىش قىستىماقتا.
ئابدۇرەھىمجان
05.04.2019