مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم بىر تۈگۈنى بولىدۇ . ئەنە شۇ
باغلىنىش تۈگۈنى، مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەمكارلىق – دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ھەرقانداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭمۇ
ئاجىز دۆلەتكە باغلىنىپ قالىدىغان بىر ئاجىزلىقى بولىدۇ. ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە باغلىنىپ ، بېقىنىپ
تۇرىشى مۇتلەق مۇقەررەر تەرىقىدە بولسا، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئاجىز دۆلەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىشى،
باغلىنىپ قېلىشى، ئەلۋەتتە نىسبى مۇقەررەر شەكىلدە بولىدۇ. 70. يىللىرى، ئامېرىكا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش
سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى قالاق، نامرات، ئاجىز خىتاي دۆلىتىگە ئېھتىياجلىق بولغان . چۈنكى ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ
تەرەققى تېپىشى، تېخىمۇ باي بولۇپ كۈچلىنىشى ئۈچۈن ، خىتايدىكى ئەزان خام ئەشيا بىلەن، ئەزان ئەمگەك كۈچىنى
قېزىشى كېرەك ئىدى . خۇددى شۇنىڭدەك، ئامېرىكىنىڭ تاپاۋىتىدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئېلىپ كۈچلەنگەن، ئەمدىلىكتە
تېرىسىگە سىغمايۋاتقان خىتاي دۆلىتىمۇ، ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت ئاجىزلىق
نۇقتىسىدا، ئۆزىدىن مىڭ ھەسسە ئاجىز بولغان تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستانلارغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە
ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرماقتا.
مەلۇم بىر دۆلەتنى كۈچلۈك دېيىشتە – ئىقتىسادى جەھەتتىن، زامانىۋى تېخنىكا تەرەققىياتى جەھەتتىن، نوپۇس
كۆپلۈكى جەھەتتىن، ھەربى قورال تېخنىكىسى جەھەتتىن قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك ئاتىلىۋاتقان
دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، رۇسىيە ھەممە تەرەپتىن دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار دۇنيا تەرتىۋىنى بېكىتىشتە
ئۆز – ئارا ئېغىر دەرىجىدە زىددىيەتلىكتۇر. ئامېرىكىغا ئەگىشىدىغان ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر، تەرەققى
تاپقان ئەللەرگە مەنسۇپ بولۇپ، تەۋەلىك رايونلاردىمۇ ۋە دۇنياۋى مۇناسىۋەتلەردىمۇ بىر قەدەر نوپۇزلۇق، كۈچلۈك
دۆلەتلەردۇر. ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا رۇسىيە يالغۇزراق ھېس قىلىنىدۇ. چۈنكى رۇسىيىگە ئەگىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ
مۇتلەق كۆپىنچىسى، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە مەنسۇپ، تەۋەلىك رايونلاردىمۇ ھەم دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئاجىز، نامرات،
پالاكەت دۆلەتلەردۇر. ئامېرىكا تەرەپدارلىقىدىكى دۆلەتلەر ساپالىق، سالماقلىق بولۇپ، سان جەھەتتە ئاز. رۇسىيە
تەرەپدارلىقىدىكى دۆلەتلەر ساپاسى تۆۋەن، ۋەزنى يوق ئەمما كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، كۈچلۈكلەر
بىلەن بوي تالىشىپ، كۈچلۈكلەردىن ئورۇن تالىشىپ، خىتايدىن ئىبارەت يەنە بىر پالاكەت مەيدانغا چىقتى.
خىتاي دۆلىتى دۇنيادىكى ئەڭ نامرات، ئەڭ قالاق دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ تىرىلىشىدە، قەد كۆتۈرۈشىدە ئامېرىكا
مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . يەنى 1966. يىلى ۋېتنام ئۇرۇشىدا ئامېرىكا كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن،
خىتاينىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا يۈزلەندى . 1976 . يىلى ۋېتنام – خىتاي ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا خىتايغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق،
ئون يىللىق دىپلوماتىيىسىنىڭ ساداقىتىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ماۇ زىدوڭ ئۆلۈپ، خىتايغا دىڭ شوپىڭ رەھبەر بولغاندىن
باشلاپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ دەرۋازىسى ئامېرىكىغا كەڭ ئېچىۋېتىلدى . بۇ مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى خىتاي
دۆلىتى بەرسە يەيدىغان، ئۇرسا ئۆلىدىغان، خالىغاندا مەنپەئەتلىنىپ، خالىغاندا تاشلاپ قويسا بولىۋېرىدىغان، ئىستەك –
سورىقى يوق شۇنچىلىك تاشلاندۇق، ئېتىبارسىز ھەم زاپاس كۈچ رايونى سانىلاتتى . ئامېرىكىغا ئەگىشىپ غەرب
كاپىتالىستلىرى خىتايغا كىرىشكە بەسلەشتى . جەنۇبى ئافرىقىدا ئالماس قېزىپ، يەر شارىنىڭ تەكتىنى تىشىۋېتىشكە
غەيرەت قىلغان غەرب كاپىتالىستلىرى، ئامېرىكا دەرۋازىسىنى ئاچقان خىتايغا سەلدەك ئاقتى . خىتاي دۆلىتى غەربلىك
كاپىتالىستلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ھەم ئەمەلىيەتتىمۇ كاپىتالىستلارنى ئەزان خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان پىت بازىرى ۋە
ئەزان ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەدىكار بازىرىدۇر. خىتايدىن خام ئەشيالارنى ئەزان باھادا سېتىۋېلىپ،
ياۋروپاغا، ئامېرىكىغا يۆتكەپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كۆرە، ئىشلەپ چىقىرىش فابرىكا، زاۋۇتلارنى خىتايغا يۆتكەپ
كېلىپ، خىتايدىكى ئەزان ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات ، خىتايدىن غەربكە يۆتكىگەن خام
ئەشيانىڭ تەننەرقىدىنمۇ تۆۋەن چىقىم بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى دۇنياۋى
چوڭ ئىشلەپ چىقىرىش ، سېتىش فېرمىلىرى خىتايغا كۆچتى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياۋروپالىقلارنىڭ چوڭ ۋە ئوتتۇرا
تىپتىكى ئىشلەپ چىقىرىش فىرمىلىرىمۇ بەس بەستە خىتايغا كۆچتى . ئۇلار توپلىشىپ خىتاينى ئاچتى. خىتاينى
تىرىلدۈردى. دۇنيا ئەھلىگە قارشى، غەربكە قارشى، سۇلالىسىدىن بېكىنمە بىر قىتىغۇر خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچتى . 80 .
يىللىرىدىن، 2000 . يىللىرىغىچە، 20 يىل ئىچىدە، خىتاي دۇنيا سودا بازىرىغا كىرگۈدەك جاسارەتكە، ماغدۇرغا،
تاكتىكىغا ئىگە بولدى . ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، غەرب كاپىتالىستلىرى خىتاينىڭ ئۈستىدىن دومىلىتىپ تېخىمۇ زور
بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، 2002 . يىلىغا كەلگەندە خىتاينىڭ، دۇنيا سودا بازىرىغا كىرىشىگە داغدام يول ئېچىپ بەردى

. يەنى خىتايدا ئىشلەپ چىقارغان مال – تاۋارلىرىنى بىمالال سېتىش ئۈچۈن، خىتاينى دۇنيا سودا بازىرىغا باشلاپ
كىرىشتى . نەتىجىدە 15 يىلغا يەتمىگەن قىسقىلا بىر مۇساپىدە، خىتاي ئىقتىسادى نەچچە ئون قاتلاپ ئىلگىرلىدى . ئۇنىڭ
قارشىسىدا غەرب ئىقتىسادى چېكىندى ياكى خىتايغا كىرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيىسىدە، بىر ئىزىدا ئايلىنىپ تۇردى . بۇنداق
بولىشىدا رول ئوينىغان مۇھىم ئامىل شۇكى، غەربلىكنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادى مۇئامىلە قىلىپ، تاپقان 100 دوللار
نەق پايدىسىدىن، باج ئارقىلىق دۆلەت خەزىنىسىگە چۈشىدىغان نىسبىتى 45 دوللار بولغاندا مەسىلەن، دۆلەت
ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە قېتىلىدىغان قىسمى 1 دوللار دېسەك، خىتاينىڭ غەرب كاپىتالىستلىرى بىلەن ئىقتىسادى مۇئامىلە
قىلىپ تاپقان 100 دوللار نەق پايدىسىدىن، باج ئارقىلىق دۆلەت خەزىنىسىگە چۈشىدىغان نىسبىتى ئوخشاشلا 45 دوللار
بولىدۇ دېسەك، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە قېتىلىدىغىنى 10 دوللاردىن يۇقىرى بولىدۇ . چۈنكى دېموكراتىك
غەرب ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى سوتسىئالىستىك تەڭ تەقسىماتچىلىق، دۆلەتنىڭ مالىيىسىگە قاراشلىق بولىدۇ . دۆلەت
مالىيەسى باجدىن كېلىدۇ. خىتاي دۆلىتى نامدا كوممۇنىزم، سوتسىئالىزم بولغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە سوتسىئالىستىك تەڭ
تەقسىماتچىلىق سىستېمى يوق . خىتايدا : ئىشلىگەنلەر چىشلەيدۇ. ئىشلىمىگەنلەر كىشنەيدۇ . دېموكراتىك غەرب -كاپىتالىزم
تۈزۈمىدە بولسا، ئىشلىگەنلەر چىشلەيدۇ. ئىشلىمىگەنلەرمۇ چىشلەيدۇ. ئىشلىمىگەنلەر ئىشلەپ چىقىرىشقا قاتناشمىغان،
ئەمگەك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلار ئىنسانى قەدىريىتى تۈپەيلىدىن ئوخشاشلا چىشلەش ھوقۇقىغا
ئىگىدۇر. كونكرېت ئېيتقاندا دېموكراتىك غەرب ئەللىرىدە ھەر بىر ئادەم « ئىشسىزلىق سۇغۇرتسى، كېسەللىك
سۇغۇرتسى، داۋالىنىش سۇغۇرتسى، بېقىنىش سۇغۇرتسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتسى، پېنسىيە سۇغۇرتسى » قاتارلىق،
ياشاشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەرەپلەردىن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئەمگەك قىلالايدىغانلار
سۇغۇرتا رەسمىيەتلىرىنى ئۆزى تۆلەيدۇ. ئىشسىزلارنىڭ ، ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيىتى يوقلارنىڭ سۇغۇرتا
رەسمىيەتلىرىنى دۆلەت مالىيەسى تۆلەيدۇ . بىر ئەمگەكچى ئىشتىن توختىغان ھامان، ئىشسىزلىق سۇغۇرتسىدىن مائاشى
بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ئىشسىزلىق مائاشى يېتەرلىك بولمىغاندا، كام يېرىنى تەمىنات سۇغۇرتسى تولۇقلايدۇ . بىر ئەمگەكچى
ئىشلىگەن ۋاقتىدا قانداق چىشلىگەن بولسا، ئىشتىن توختاپ قالغاندىمۇ ، شۇنداق چىشلىيەلىشى كېرەك . ئەمما خىتايدا بىر
ئەمگەكچى ئىشتىن توختىغان ھامان، چىشلەش ھەققى بولمايدۇ. غەربتە بىر ئەمگەكچى ئىش ئۈستىدە يارىلانغان بولسا،
ئۇنى داۋالاش سۇغۇرتسى ئۈستىگە ئالىدۇ . داۋالاش ئىشلىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا
ئەمەس، بەلكى پەقەت داۋالاش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى ئۇ مەيلى ساقىيىپ ئەمگەككە قاتنىشىش ئىقتىدارى ئەسلىگە
كەلسۇن، ياكى ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالسۇن، مۇھىم بولغىنى داۋالىنىپ، جاراھەت ئازابىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك .
ئەگەر ساقايماس دەرىجىدە جاراھەتلىك بولغان تەقدىردە، بېقىنىش سۇغۇرتسى ۋە دۆلەت مالىيىسى بىرلىكتە ئۇنىڭ
ئۆلۈمىگىچە دوختۇرخانىدا يېتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر خىتايدا بىر ئەمگەكچى ئىش ئۈستىدە قازاغا ئۇچرىغان
بولسا، ئۆزى پۇل تۆلەپ داۋالىنىشى لازىم . ئەگەر ئۇنىڭ داۋالانغۇدەك پۇلى بولمىسا، ئۆيىدە يېتىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى
بىلەن ساقىيىشنى كۈتىدۇ . ناۋادا ساقايماس دەرىجىدە زەخمىلەنگەن بولسا، ياكى ساقايسىمۇ قايتا ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى
ئەسلىگە كەلمەيدىغان، ناكا بولىدىغانلىقى كۆرۈلگەندە، ئۇ بىرەر تال بۆرىكىنى سېتىپ، ئائىلىسىنى ۋاقىتلىق بېقىشقا
مەجبۇر. ئۇنىڭ ھاياتلىقى ئۆزىگە، ئائىلىسىگە تېخىمۇ ئېغىرچىلىق كەلتۈرگىدەك ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ بۆرەك، جىگەر،
يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق پۇلغا يارىغۇدەك بارلىق ئەزالىرىنى سېتىپ، ئۆلۈمى بەدىلىگە ھەم ئۆزىنى ئازاپتىن قۇتقۇزىدۇ
ھەم ئائىلىسىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ . دېمەك، دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەزىنىسىگە باجدىن چۈشكەن مالىيە
كىرىمىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىقىم قىلىنىدۇ . غەربنىڭ دۆلەت مالىيىسىگە قاراشلىق ئەڭ ئېغىر چىقىم مائارىپ
خىراجىتى بىلەن، سوتسىئال تەمنىات خىراجىتىدۇر. شۇڭا دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى بەك ئاستا، تۆۋەن مىقتاردا بولىدۇ
ياكى پەقەتلا ئۆسمەي، بەزىدە قىزىل رەقەم كۆرۈلىدۇ . ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە باجدىن كەلگەن كىرىم،
مەمۇرى خادىملارنىڭ مائاشى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئوغۇرلىشىدىن باشقا، زۆرۈرى چىقىمغا ئۇچرىمايدۇ. دۆلەت
خەزىنىسىگە چۈشكەن كىرىمنىڭ تۆتتىن بىرى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن رول ئوينايدۇ.
خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى ئۆسۈشىنى تەمىن ئېتىدىغان، بۇنداق ئەۋزەل شارائىت، ئەينى ۋاقىتتا غەرب
كاپىتالىستلىرىنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى . ئۇلار كۆزىنى ئېچىپ، خىتايغا چەك قويماقچى، خىتايغىمۇ غەربچە سوتسىئال
تەڭ تەقسىماتچىلىق سىستېمىنى تاڭماقچى بولغاندا، غەربلىكلەرنىڭ كېكىردىكى ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ كانارىسىغا ئېسىلىپ
بولغاچقا، خىتاي نېمە قىلسا، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ قالدى . خىتاي نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە
مەجبۇرلاندى . غەربلىكلەر، خىتاينىڭ ئىقتىسادى يۈكسىلىشىنى تورمۇزلاش ئۈچۈن، دەسلىۋىدە غەربچە سەۋىيىدە تۈرلۈك
سۇغۇرتا تۈزۈملىرىنى « ئىنسان ھەقلىرى نورمىسى » بويىچە خىتايغا تاڭدى . ئەگەر خىتاي دۆلىتى غەربنىڭ تەلىپىگە
ماقۇل بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ كەمبەغەل دۆلەت بولغان بۇلغارىستاننىڭ، سوتسىئال تەڭ تەقسىماتچىلىق ئۆلچىمى

بويىچە، بىر مىلىيارتلىق نوپۇسىنى سۇغۇرتا بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، داۋالاش خىراجىتىنى، مائارىپ خراجىتىنى،
تەمىنات خىراجىتىنى دۆلەت مالىيىسى ئۈستىگە ئالغان تەقدىردە، خىتاي دۆلىتىنىڭ 35 يىل تاپقان تەرگەنلىرى، بىر يىللىق
مالىيە خىراجىتىگە يېتىشمەي، خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالاتتىدە ، ھېچنېمە قىلمىغاندەك، ھېچنېمە تاپمىغاندەك، بۇرۇنقى
ئەبگاھ ھالىغا قايتىپ، غەربلىككە ساتمىغان بىنالىرى، ئىجارىگە بەرمىگەن يول – كۆۋرۈكلىرى قالمايتتى . بىراق خىتاي
ھۆكۈمىتى غەربلىك تاڭغان تەلەپلەرنى شۇنچىلىك ئاددى جاۋاب بىلەن رەت قىلدى . « ئەگەر ئەمگەكچىلەرئۈچۈن
تۈرلۈك سۇغۇرتا تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، ئىش ھەققى ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك! » ئەگەر ئىش ھەققى ئۆستۈرۈلسە، مال
باھاسىمۇ ئۆرلەيدۇ . ئۇ چاغدا غەرب شىركىتىنىڭ خىتايدا ئىشلەپ چىقارغان مېلى بىلەن، ياۋروپادا ئىشلەپ چىقارغان
مالنىڭ تەنەرقىدە چوڭ پەرق قالمايدۇ- دە، غەربلىك تاپىدىغان پايدا ئازلاپ كېتىدۇ . « ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسى»
بويىچە غەربلىكنىڭ تاكتىكىسى ئىشقا يارىمىغاندىن كېيىن : خىتاي دۆلىتىنىڭ يەر شارى مۇھىتىنى بۇلغىغانلىقىنى،
خىتايدىكى ئىشلەپ چىقىرىشلار مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى – كۆتۈرۈپ چىقىشتى . ئەمما
تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئېلىنغاندەك، دۇنيا بويىچە ھەم خىتايدا ئەڭ كۆپ مۇھىت بۇلغىغان دۆلەتنىڭ بېشىدا ئامېرىكا
بولۇپ، بارلىق سانائەتلەشكەن غەرب دۆلەتلىرى، يەر شارى مۇھىتىنى بۇلغاش جىنايەتلىرىگە باش جاۋاپكار بولۇپ
قالدى . 2015 . يىلى دېكابىر پارىژدا چاقىرىلغان، مۇھىت ئاسراش كېلىشىمنامىسىدە ، ئامېرىكا « 2 CO » ئىشلەشنى
دەرھال توختىدىغان، خىتاي بولسا تەرەققى تېپىۋاتقان دۆلەت قاتارىدا ئېتىبارغا ئېرىشىپ، 2030 . يىلىغىچە ئىشلەپ
چىقىرىدىغان بولۇپ ماقۇللاندى . بۇ كېلىشم بويىچە بولغاندا كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە خىتاي ئېغىر سانائەتتە ئامېرىكىنى
ئىككى قاتلاپ ئالغا باساتتى . خىتاينى مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ، ئېغىر سانائەتتە چەكلەش پىلانىنى،
گەرچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى لاھىيىلەپ، خىتايغا تاڭغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت پىشىپ يېتىلگۈچە،
خىتاي ئۆز ئەتىراپىغا شايكا توپلاپ، خىتاي قانداق تەلەپ قىلسا، شۇ كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە، مۇھىت ئاسراش
پروگراممىسى تەييارلىغان ئىكەن . بۇ تەڭسىز كېلىشىمگە شۇ چاغدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، ئامېرىكىنىڭ
مەغلۇبىيىتىگە، خىتاينىڭ غەلىبىسىگە ئىمزا قويغان ئىكەن . بۇ تەدبىردىمۇ كۈتۈلمىگەن شەكىلدە خىتاي زور غەلىبىگە
ئېرىشىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرەققى تاپقان غەرب ئەللىرى ئوسال ھالغا چۈشتى . بۇ كېلىشم تولۇق ئىجرا قىلىنسا،
ئامېرىكا ۋە غەربلىك ئۆز گۆرىنى ئۆز قولى بىلەن قېزىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىنلا ئەمەس، ھەتتا ئېغىر سانائەتتىمۇ
خىتاينىڭ ئىدارىسى ئاستىغا كىرەتتى . لېكىن بۇ كېلىشمنى 2017. يىلى ئامېرىكىنىڭ تەرسا، يېڭى پرېزىدېنتى ترامپ
بۇزۇپ تاشلاپ ، 2020. يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن، قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى، پىلان، پروگرامما
قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى، خىتاينىڭ بىۋاستە ئىقتىسادى
زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئېغىر پەچىم يېگەن، چوڭ غەرب كاپىتالىستى ۋە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى
بىلەن، خىتاي دۆلىتىگە قارشى ئىقتىسادى ئۇرۇشنى باشلىدى . بۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكا – خىتاي ئىقتىسادى ئۇرۇشى
ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىلىق بىر چوڭ كاپىتالىست بىلەن، خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئۇرۇش دېيىشكە بولىدۇ
. بۇ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى ياكى ئاخىرلىشىشى، ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تەختتە تۇرىشى، ياكى تەختتىن
چۈشىشىگە باغلىق . يەنى نۆۋەتتىكى ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ستراتېگىيىسى بولىشى
ناتايىن . شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي، ترامپنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى كۈتۈپ، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتمەسلىكىگە
كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن .
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەبگاھ نامرات خىتاي دۆلىتىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە
ياپونلارنىڭ زەربىسىدىن قوغداپ قالغان ئامېرىكا، ئوتتۇز يىل كېيىن ۋېتنامنىڭ زەربىسىدىن قوغداپ قالدى . يەنە شۇ
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى ئەبگا، نامرات كوممۇنىست خىتاينىڭ قولتىقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ،
بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ خوجايىنى بولۇش پەللىسىگىچە ئېلىپ كەلدى .
ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيا خىتاينى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت دەپ قاراۋاتىدۇ. ئامېرىكىغا نىسبەتەن خىتاي
دۆلىتى، ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ بولغىنى راست . خىتاي بۇنىڭدىن قىرىق يىللار
ئىلگىرىلا، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ھەربى ياردىمى ئارقىسىدا، ۋېتنام ئۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ چىققىنىغا قارىماستىن : دۇنيانى
ئىدارە قىلىدىغان كۈچلەر « ئا س ج » تەرتىپىدىن « ج س ئا » تەرتىۋىگە ئالمىشىدۇ – دېگەن، سىياسى تەسەۋۋۇرنى
ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . خىتاينىڭ شۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇرىچە، يېقىن كەلگۈسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن
رىقابەتلىشىش كۈچىدىن قالاتتى . دەرۋەقە كېيىنكى ئەمەلىيەتمۇ دەل شۇنداق بولدى . خىتاي سىياسەتتە ئامېرىكىنىڭ
ئورنىنى ئالغان بولدى . « غەربنىڭ خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش ( تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن پارچىلاش ) ستراتېگىيىسى»

نى خىتاي بەربات قىلدى . ئىقتىسادى جەھەتتە گەرچە ئىچى كاۋاك بولىشىغا قارىماستىن، دۇنيا ئىقتىسادىنى مەلۇم
تەرەپلەردىن ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋاتىدۇ . ئەمما خىتاينىڭ ھەربى كۈچى ئاجىز . شۇڭا ئىچكى توقۇنۇشتىن قورقىدۇ.
مۇستەملىكە رايونلاردىكى مىللەتلەردىن قورقىدۇ. خىتاي ۋېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۆلەتلەر ئارا قوراللىق توقۇنۇش يۈز
بېرىشتىن قورقۇپ كەلمەكتە . ئەمما ئامېرىكا بولسا ۋېتنام ئۇرۇشىدىن نەتىجىسىز چىققاندىن بۇيان، دۆلەتلەر ئارا
ئۇرۇشتىن چېكىنگىنى يوق . ئامېرىكا 66. يىلى ۋېتنام ئۇرۇشىدىن قايتىپ چىقىپ، ئون يىل كېيىن خىتاي – ۋېتنام
ئۇرۇشىغا قاتناشتى. پاراللېل شەكىلدە سوۋېت – ئافغان ئۇرۇشىغا، ئىران – ئىراق ئۇرۇشىغا قاتناشتى ياكى يېتەكلىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن بالقان ئۇرۇشىغا قاتناشتى. تالىبان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراققا باستۇرۇپ
كىردى . سۇرىيە ئۇرۇشىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ بىر چەتتە قاراپ تۇرغىنى يوق . ئەمما دۇنيانىڭ كۈچ تەرتىۋىنى
ئۆزگەرتىپ، « ج س ئا » غا ئالماشتۇرىمىز دېگەن تەسەۋۋۇرنى، مەلۇم جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغان خىتاي
دۆلىتى، مەزكۇر ئۇرۇشلارنىڭ قايسى بىرىگە قول تىقىپ ئارىلاشتى؟ دېمەك، خىتاينىڭ ئاجىز تەرىپى قوراللىق توقۇنۇش
بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىش، دۇنياغا خوجايىن بولۇش چۈشىنى بولسا، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت، دىپلوماتىك
مۇناسىۋەت، سىياسى تاكتىكا قاتارلىق يۇمشاق كۈچ بىلەن رېئاللىققا ئاشۇرماقچى. بۇ يۇمشاق مۇناسىۋەتلەر خىتاينىڭ ئەڭ
كۈچلۈك تەرىپىدۇر . دۈشمەننىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلماقچى بولغانلار، ئۇنىڭ كۈچلۈك يېرىگە ھۇجۇم قىلسا، ھەر قانداق
چاغدا يېڭىلىدۇ. دەرۋەقە بىزنىڭ چەتئەلدىكى ۋەتەن دەۋاسى ئېقىملىرىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى « ئىنسان ھەقلىرى »
تۈرى بويىچە، خىتاينىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلدى . ئەسلىدە بۇ تۈر بويىچە بارلىق غەرب كاپىتالىستلىرى ۋە
غەرب سىياسەتچىلىرى خىتايغا قارشى مەغلۇب بولغان ئىدى . چۈنكى گەپ ۋە دىپلوماتىك ئۇسۇل خىتاينىڭ ئوق
ئۆتمەيدىغان قېلىن سېپىلى، خىتاينى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بازىسى ئىدى . بىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىزدىن ئېيتقاندا،
خىتاينىڭ كۈچلۈك نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، شۇ ئاغزىمىزدىكى گەپتىن باشقا، ماددى ئىمكانىيىتىمىز بولمىغانلىقىمۇ بىر
ئاجىزلىقىمىزدۇر. ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇرۇشنىڭ ۋە غەلىبىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە،
بىزمۇ خىتاينىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى بولغان، قوراللىق ئۇرۇشقا كىرىشىمىز كېرەك . ئەمما بۇ ئۇرۇشنى قايسى دۆلەتنىڭ
ياردىمى بىلەن، قايسى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بارىمىز؟
بىز ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ خىتاي ستراتېگىيىسىنى تېخىچە چۈشىنىپ يەتكىنىمىز يوق. بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزدىمۇ
ستراتېگىيە بولمىغىنىدەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ستراتېگىيىلىك نىشان، مەقسەتلىرىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيمىز. ئاخبارات
يۈزىدىكى ئۇچۇرلارغا قاراپ، دۆلەتلەر ئارا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، يېنىك توقۇنۇش ۋە كۈندىلىك ئۆزگىرىشچان،
سىياسى ۋەزىيەتلەرگە قاراپ تەھلىل قىلىشتىن باشقا، ئىستىخبارات ئېڭىمىز ۋە ئىستىخبارات قۇرۇلمىمىز ھەم يوق .
شۇنىڭ ئۈچۈن « ۋەتەن دەۋاسى » ھالىغا چۈشۈپ قالغان، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىمىزمۇ، شىكايەت قىلىش،
پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىگە يىغىنچاقلانغان ۋەزىيەتتە. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىز،
يەنە يۈز يىل داۋاملاشسىمۇ، ۋەتەن مىللەتنىڭ مۈشۈكى ئاپتاپقا چىقمايدىغانلىقى ئېنىق . شۇڭا بىر قېتىم سىلكىنىشىمىزگە
توغرا كەلمەكتە .
بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، دۇنيانى ئوڭچە ئىدارە قىلىش چۈشىنى كۆرىۋاتقان، ئىنساپسىز، ئادالەت تۇيغۇسىدىن مەھرۇم،
ئاچ كۆز، شەپقەتسىز ھەم نامەرد بىر دۈشمەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاجىز، نامرات، قالاق دۆلەتلەرنى ئەتىراپىغا
توپلىدى ۋە دۇنيانىڭ سىياسى تەرتىۋىنى بەلگىلەشتە ھەم ئۆزىنى سىياسى ھۇجۇمدىن قوغداشتا مۇئەييەن نەتىجىنى قولغا
كەلتۈردى . ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا، خىتايغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋە خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ يولى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ
غالىب ۋە كۈچلۈك نۇقتىسى بولغان، سىياسى ۋە دىپلوماتىيىلىك شەكىلدە بولماسلىقى شەرت . يەنى خىتاي ئۆزى
قورقىدىغان، ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇش، خىتاينىڭ يوقىتىش ۋە ھودۇقۇش نۇقتىسىدۇر. بىز
چەتئەللەردىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پروگراممىمىزدا « ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى غەرب
ئەللىرىگە، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇپ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان، بىزگە ياردەم قىلىدىغان كۈچلەرنى قولغا
كەلتۈرگەندىن كېيىن، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا نېمە كېرەكلىك بولسا، شۇنىڭ بىلەن ۋەتەننى قۇتقۇزىمىز » دېگەندەك، تەكلىپ
پىكىر، كۆز قاراشلارنى ماقۇل كۆردۇق ھەم شۇنداق يولنى تۇتۇپ كەلدۇق . بۇ خىل ۋاقىتلىق پروگرام، يىللارنىڭ
ئۆتىشى بىلەن كەڭ يېيىلىپ، يىلتىز تارتىپ، سىياسى ئاڭغا ئايلاندى . بىزنىڭ پىشمىغان سىياسى ئېڭىمىز بىلەن ھەتتا : «
ۋەتەننى سىياسى ۋە دىپلوماتىك يول بىلەن، تىنچلىق يولى بىلەن مۇستەقىل قىلىمىز! » دەيدىغان ئېقىملارمۇ شەكىللىنىپ
كەتتى . بولۇپمۇ 97 . ۋە 98 . يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان رايونلىرىدا بىرلىرى « ئازاتچىلار قوشۇنى »
بىرلىرى « غازاتچىلار قوشۇنى » تەشكىللىشىپ، خىتاينى بىر ياقتا قويۇپ، ئۆز – ئارا قان تۆكۈش ۋەقەلىرىنى

كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، ھازىرچە ئۇيغۇرلار قوراللىق توقۇنۇشقا بالدۇركەن، ۋەزىيىتىمىز پىشىپ يېتىلمىگەن
چېغى – دېگەندەك، ئۈمۈتسىز كەيپىياتقا ئەسىر بولدۇق . بىز قوراللىق ھەرىكەت توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلمىدۇق .
قوراللىق ھەرىكەت تەشكىللەشنىمۇ ئويلىشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق . چۈنكى : قوراللىق بىر ئىشقا تۇتۇش قىلساق،
خىتاي ئارىمىزغا جاسۇس كىرگۈزۈپ، ئىشنى بىزنىڭ زىيىنىمىزغا باشلاپ كېتىدۇ – دەپ، تىنچلىق يولىنى تەشەببۇس
قىلىۋەردۇق . چەتئەللەردىكى مەزكۇر ئەھۋالىمىزنى: ئاجىرلىق – دەپ قارىغان خىتاي دۆلىتى، ۋەتەن ئىچى سىرتىدا
ئۆزىنىڭ نەق جاسۇس ۋە سېتىلمىلىرىنى ئىشقا سېلىپ : چەئەللەردىكى دېموكراتچى، مىللەتچى، ۋەتەنپەرەس ئىمانسىزلار،
جىھات قىلىشتىن قورقىدۇ؛ ئۇلار غەربنىڭ، كاپىرلارنىڭ غالچىسى؛ شۇڭا ئاللاھ يولىدا ھەقىقى جىھات قىلىپ جەننەتكە
كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، تاغۇتلارغا يېقىن يولىماي، مۇسۇلمانلار جىھات قىلىۋاتقان جايلارغا كېتىشى ۋاجىپ –
دېگەندەك، ھىلە نەيرەڭ، ئېغۋالارنى ئىشقا سېلىپ، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق، ئىچكى ئۇرۇش
بولىۋاتقان رايونلارغا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پىداكار ياشلىرىمىزنى يوللاپ، بىھۇدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى . ئەگەر
بىزدە قوراللىق ئۇرۇش قىلىش ئېڭى، ئۇرۇش نەزەرىيىسى پىشىپ يېتىلگەن بولسا، دۈشمىنىمىز خىتاي ئۇ قەدەر چوڭ
نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى ۋە بىز ئۇ قەدەر زىياننى تارتمىغان بولاتتۇق . بىز تىنچلىق نەزەرىيىسىنى ۋايىغا
يەتكۈزۈپ داۋراڭ سېلىۋاتقان ۋە ئۆزىمىزنى قوراللىق ھەرىكەتتىن يىراق تۇتىۋاتقان پەيتتە، خىتاي دۆلىتى بىگۇناھ
ياشلىرىمىزنى تەشكىللىك ۋە تەشكىلسىز، ئاممىۋى ھەم يەككە ھالدا، جەڭ مەيدانلىرىغا يوللاپ، بىز قاچقان، بىز ئېھتىيات
قىلغان پاجىئەلەرنى، بىزنىڭ دۈمبىمىزدە ئىجرا قىلدۇردى . ئەرەب قۇشخانىلىرىدا ئۆلتۈرگۈزگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ
جەسىدىنى، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىدى . ئەرەب قۇشخانىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن بىچارىلەرنىڭ تېررورچىلىق تالونىنى،
بىزنىڭ پىشانىمىزگە چاپلىدى . بىز تەسەۋۋۇر قىلىشتىن، مۇزاكىرە قىلىشتىن، تەكلىپ بېرىشتىن ۋە پىلان تۈزۈشتىن
ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ كەلگەن، شۇ قوراللىق ھەرىكەت، بىزنى خۇددى سايىمىزدەك قوغلاپ ماڭماقتا. ئەگەر بىز
قورالنىڭ تەپكىسىنى تۇتۇشتىن قاچساق، ئۇنىڭ ئوق ئۈزۈش نىشانىغا ئايلىنىمىز. دەرۋەقە بولغۇلۇق شۇنداق بولدى .
كېچىككەن بولساقمۇ قايتىدىن ئىزدىنىشىمىز كېرەك .
ئەگەر بىز خىتايغا قارشى قوراللىق ھەرىكەت قىلماقچى بولساق، ئۇدۇل ئېيتقاندا ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ
مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغىماقچى بولساق، بىزگە قايسى دۆلەت ياردەم قىلالايدۇ؟ قايسى
دۆلەت خىتايغا قارشى بىز بىلەن ھەمكارلىشالايدۇ؟ – بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشتىن ئاۋۋال، خىتايغا قارشى قوراللىق
ئۇرۇش قوزغاش پىكرى، ئۆزىمىزدە بولىشى ھەم تەييار تۇرغان بولىشىمىز شەرت . غەرب ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە
پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، تەشكىلات نىزامنامىسىگە : « شەرقى تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن
قۇتقۇزۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز » دېگەن بىر ماددىنى كىرگۈزۈشلىرى لازىم . بىزنىڭ
خىتاي دۆلىتىگە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا ئۇرۇش قىلىشقا، جېنىمىز بىلەن
بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى تەشكىلى تۈردە بىلدۈرۈشىمىز لازىم . بۇ بىز قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتتۇر.
بىزدە شۇنداق بىر پىداكارلىقنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرگەن ئەجنەبىلەر، ھەمكارلىق ۋە ياردەم تەلەپلىرىمىزگە ئىشىنىدۇ
ۋە ئېتىبارغا ئالىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەملىشەلەيدىغان، ئېھتىماللىققا ئىگە دۆلەتلەر ئۈستىدە
ئىزدەنگىنىمىزدە، تۆۋەندىكىلەرنى كۆزدىن كەچۈرەلىشىمىز مۇمكىن – ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيە . لېكىن ئامېرىكىنىڭ
ماقۇللىقى بولمىغان ئەھۋالدا ھىندىستانمۇ، ياپونىيىمۇ خىتايغا قارشى بىز بىلەن ھەمكارلىشىشى بەك يىراق گەپ .
شۇنى ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدۇكى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلار، مىللى مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ
شەكىللىنىدىغاندەكلا، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارمۇ، مىللى مەنپەئەتكە باغلىق ھالدا كېلىپ چىقىدۇ. ئىككى دۆلەت
ئارىسىدىكى زىددىيەت دىپلوماتىيە بىلەن ھەل قىلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىلا، قوراللىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ. ئۈچىنچى بىر دۆلەت، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئارىلىشىپ، ھەتتا قوراللىق توقۇنۇشلارغا
كىرىشى بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ خالىس پىداكارلىق بولماستىن، يەنىلا مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن
ئېيتقاندا، بىزنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان قوراللىق ئۇرۇشىمىزغا، ئامېرىكا ئارىلىشامدۇ؟ ئارىلىشىدۇ دېسەك، بۇ
ئۇرۇشتا ئامېرىكا قانداق مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ بىزنى خىتايدىن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، بىزدىن ئالىدىغان
مەنپەئەتى بارمۇ؟ ياكى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى پارچىلاش ستراتېگىيىسى بارمۇ؟ – بىز يۇقىرىقىدەك بىر قاتار سوئاللارغا
ئوبيېكتىپ جاۋاب تاپمايتۇرۇپ، مەسىلىگە سىرتتىن قاراپ تەھلىل قىلساق، ياكى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى خىتاي دېڭىزغا
ئەسكەر يۆتكىگەندەك، قىرغىستاندىكى ماناس ئايروپورتىغا ئەسكەر يۆتكىگىنىدەك غەيرى نورمال ھەرىكەتلىرىگە قاراپلا

: ھە ما، ئامېرىكا خىتاينى قورشاۋغا ئالدى، خىتايغا قارشى چوقۇم ئۇرۇش ئاچىدۇ – دېگەندەك، يۈزەكى پەرەزلەرنى
ئوتتۇرىغا قويغىلى تۇرساق، ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز .
دېموكراتىك ئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز، رەھبەرلەر، تەشكىلات ئاخباراتلىرى ۋە يەككە تەشۋىقاتچىلار، دوكتور –
زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار… قاتارلىقلارنىڭ بىز بىلىدىغان ھەممىسىلا، ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان، كەڭ
خەلق ئاممىسىنى، قوللىغۇچىلارنى، ئەزالارنى ھاڭۋاقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بارلىق مەلۇماتلار، ئۇچۇر دەرىجىسىگە يەتكەن
نەرسىلەر بولماستىن، ئوچۇق ئاخباراتلاردىن ئاڭلىغان، بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ، سىياسى ئانالىزچىلارنىڭ كۆز –
قاراشلىرىدىن ئاڭلىغان ، كۈندىلىك ئېقىم مەسىلىسىگە ئائىت نەرسىلەردۇر. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، رەھبەرلەر ھازىرغىچە
كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ، ئەھۋالىمىزنى ئاڭلىتىپ، بىرگە تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈپ كېلىۋاتقان، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ
كۆپىنچىسى ئۇيغۇر – خىتاي مەسىلىسىگە قارىتا ۋەزىپىلىك خادىملار ئەمەس . يەنى تېخىچە بىرەر كۈچلۈك دۆلەت،
مىنىستىرلىق دەرىجىدە « ئۇيغۇر – خىتاي مەسىلىسىگە مەسئۇل ئورگان » تەسىس قىلغىنى يوق . ئەگەر بىرەر دۆلەتنىڭ
باشلىقلىرى، مىنىستىرلىرى ئۇيغۇر رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشسە، دەردىگە قۇلاق سالسا، بۇنىڭ مەزمۇنى : شۇ دۆلەتتە
ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پۇقرالارنىڭ دەردىگە قۇلاق سالغانلىق، شۇنداقلا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ باشقا جايدىكى دەردىگە تەسەللى
بېرىۋاتقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە چۈشكەن رەسىملەرنى ئالبومغا سېلىپ قويۇپ، بەزى
دۆلەتلەر بىلەن رەسمى شەكىلدە سۆزلىشىشىمىز ۋە بىزگە قانچىلىك ھەم قايسى شەكىلدە ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز
كېرەك . « خىتايدىن ئېلىۋاتقان مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ، بىزنى قايسى دۆلەت نېمە ئۈچۈن ئازات قىلىپ قويغىدەك؟ » –
دەيدىغان ئوي پىكىردە بولۇشنىڭ ئۆزىلا، تولۇق تەسلىمچىلىكتۇر ھەم دۇنيا تەرتىپىدىن خەۋەرسىزلىك ، مىللى سىياسەتنى
بىلمىگەنلىكىدۇر . باشقىلارنى ئۆزىمىز بىلەن مەنپەئەتدار قىلىشنىڭ يولىنى تاپالىساق، مەنپەئەتتە ئورتاقلاشقان چاغدا،
ھەمكارلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەرگە ھاجىتى چۈشكىنىدەك، كۈچلۈكلەرنىڭمۇ ئاجىزلارسىز
ئېھتىياجلىرى قامدىلىپ بولالمايدۇ.
ئابدۇرەھىمجان
2019 . يىلى 12 . مارت