ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. « چەتئەل » دېگەن سۆزگە جۇغراپىيىلىك ئىزاھات بېرىلسە، مەقسەت تېخىمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولىشى مۇمكىن . مەيلى ئۇيغۇرىستان دەيلى، مەيلى شەرقى تۈركىستان دەيلى، بىلدۈرمەكچى بولغىنىمىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، پاكىستان، ھىندىستان ۋە خىتاي  ئۈستىمىزدىن ئېلان قىلغان ( گەرچە قانۇنسىز بولسىمۇ ) ۋە « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » – دەپ، ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، يەركۆلىمى  بىر مىليون سەككىزيۈز قىرىق سەككىز مىڭ  كۇئادرات كىلومېتىر تۇپراق، بىزنىڭ ۋەتەن تېررېتورىيىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئەللەر چەتئەلدۇر. بىزگە تام قوشنا چەتئەللەردىن رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان،  پاكىستان، ھىندىستان، ئافغانىستان ھەم  ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان دۈشمىنىمىز خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ چەتئەل بولغىنىدەك، بىزگە تام قوشنا كەلمەيدىغان بارلىق ئەللەر تېخىمۇ ئېنىق مەناسى بىلەن  چەتئەلدۇر.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالساق-   قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە  مىليونغا يېقىن، يەرلىشىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، سىياسى ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەنگەن. ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەت ۋە قىتئەلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلە كۆپ، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى، يۇقىرى مەلۇماتلىقلارنىڭ ئەڭ كۆپ  بولىشىغا قارىماي، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا، پاسسىپلىقىمۇ يېتىپ ئاشقىچە ئېغىر. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىر تۇتاش ھالدا، تېخىچە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلمىدى.

مۇشۇ يەردە : ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئۇيغۇرلار خالامدۇ، ياكى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا، خورلىنىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلامدۇ؟ ئەگەر مۇستەقىل بولۇپ، ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرۇشنى خالىسا، خىتايدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولالىشىغا ئىشىنەمدۇ؟ – دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى چۆرىدەپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆتەيلى. ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى خالىمايدىغان، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، ئۆز بەگ، ئۆزخان ياشاشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئۇيغۇرلار يوق. ۋەتىنىمىز يات ئىشغالچى، مانجۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان، 1759. يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلار  مۇستەقىللىقتىن يالتايغىنى يوق. مانجۇر ئىمپېرىيىسى ۋەتىنىمىزنى ئۇرۇشسىز، خاتىرجەم 10 يىل سوراپ باققانلىقى، تارىخى خاتىرىلەردە قەيت قىلىنمىغان. بەلكى  « ئۇيغۇرلار ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم كىچىك ئىسيان، ھەر 30 يىلدا بىر قېتىم چوڭ ئىسيان كۆتۈرىدۇ… » دېگەن خاتىرە مانجۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ،  بىزنى خاتىرجەم ئىدارە قىلالمىغانلىقىنىڭ ئىقرارنامىسى ۋە ئىسپاتىدۇر. مانجۇرلارنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى  ئىشغالىيەت دەۋرى  1759. يىلىدىن 1928. يىلىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، بىزگە قارشى باستۇرۇش ئۇرۇشىدا، تولۇق ھالىدىن كەتكەن ئىدى. مانجۇر ئىمپېرىيىسىگە قارشى، ئەسىر ھالقىپ ئۇرۇش قىلغان مىللەتمۇ پەقەت ئۇيغۇرلاردۇر. مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان دەسلەپكى يۈز يىللىق ئۇرۇشتىلا ماغدۇرىدىن كەتكەن. مۇشۇ يۈز يىللىق ئۇرۇشتا، ۋەتەننىڭ ئوخشاشمىغان جايلىرىدا كۆپلىگەن مۇستەقىل ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇپ، ۋاقىتلىق بولسىمۇ، مانجۇرلارغا زەربە بېرىپ تۇردۇق. كېيىنچە زورىيىپ، قەشقەرىيە ۋە ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىدىن ئىبارەت، پاراللېل ئىككى چوڭ دۆلەتنى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ چاغدا مانجۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا، قورچاق قۇمۇل ئاپتونوم پادىشاھلىقى ( قۇمۇل ھەم  تۇرپاننىڭ بىر قىسمى ) ۋە ئۈرۈمچى تەۋەلىكىنىڭ مەلۇم رايونلىرىلا قالغان ھەم بۇ جايلاردىمۇ ئۇرۇش ئوتلىرى يالقۇنلىغان ئىدى. دېمەك  مانجۇرلار بىزنى ئىشغال قىلىپ تۇرغىدەك ئىمكانىيىتىدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ قالغان. ئەمما 1882. يىلى ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىشى، قانداقتۇر مانجۇرلارنىڭ ئۆز كۈچى ۋە زوزۇڭتاڭنىڭ ئۇرۇش  ستراتېگىيىسىگە ماھىر  قۇماندان بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەڭگىلىيە، پورتىگالىيە قاتارلىق ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ مالىيە ياردىمى ۋە ھەربى تېخنىك ياردىمى، شۇنىڭدەك رۇس پادىشاھلىقىنىڭ مالىيە، ھەربى تېخنىك ۋە ئېغىر تىپتىكى ئۇرۇش قوراللىرى ياردىمى بىلەن، قەشقەرىيە دۆلىتىمىزنى قايتا ئىشغال قىلغان. ئەمما ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى، رۇس پادىشاھلىقى ئۆزى ئىشغال قىلىپ، مانجۇر ئىمپېرىيىسىگە مەجبۇرى ساتقان ئىدى. لېكىن مانجۇر ئىمپېرىيىسى، ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ گۆرىنى قازغان بولدى. ( « سەھنە پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئىنقىلاب » ناملىق كىتاپنىڭ  8. باب ، 103 بەتلىرىگە قارالسۇن.) چۈنكى بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەربى جازانى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇستەقىلچى كۈچلەرنى تازىلاشقا كۇچ سەرپ قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپالىققا ۋە رۇس پادىشاھلىقىغا قەرز قايتۇرۇش جەريانىدا، مانجۇرلارنىڭ خىتايلارنى ئىدارە قىلىشقىمۇ ماغدۇرى قالمىدى. مانجۇر ئىمپېرىيىسى بىزنى قايتا ئىشغال قىلىپ، يىگىرمە يىل ئۆتە، ئۆتمەيلا تەختتىن غۇلاپ چۈشتى. مانجۇرلار تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى ئۈستىگە ئالغان خىتايلارنىڭ، يىراق غەرپتىكى ئۇيغۇرستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك ماجالى يوقتى. بىز بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان چاغدا، ۋەتىنىمىزنى قالدۇق مانجۇر ھەربى ئەمەلدارلىرى، يېرىم خىتايغا، يېرىم رۇسقا بېقىنغان خىتاي – مانجۇر ھەربى ئەمەلدارلىرى، مانجۇر خانلىقىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزمىگەن يەرلىك ئەمەلدارلار، كۆچمەن تۇڭگان ھەربى ئەمەلدارلىرى قاتارلىق پارچە، پارچە كۈچلەر ئۆز ئالدىغا تالان – تاراج قىلىۋاتقان پەيت بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر تەرىپى ئوخشاشمىغان دۈشمەنلەرنىڭ قانلىق تاپىنى ئاستىدا قالغان چاغلار ئىدى. سىرتتىن رۇس، ئەڭگىلىز ۋە شۋىتلار خىرىس قىلىۋاتقان، يەنى ئۇلار بۇ تۇپراقتا مۇستەقىل، بىرلىككە كەلگەن بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قارشى ئىدى. شۇنداق قىيىن ۋەزىيەت ئاستىدا، بىرىنچى  جۇمھۇرىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئارقىلىق، ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتنىڭ پايدىسىز ھەم دۈشمەنلىك توسمىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بىر مودىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغاندا بولسا، رۇس ۋە ئەڭگىلىزلارنىڭ ياردىمى بىلەن  ۋەتىنىمىزنى   گومىنداڭ خىتاي  ئىشغالچىلىرى مۇستەملىكە قىلغان چاغ ئىدى. ( 34. يىلى 1. جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئۆز قۇلى بىلەن باستۇرۇپ، گومىنداڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن رۇسلار، 44. يىلىدىكى 2. جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلىشىغا نېمىشقا ياردەم قىلغان؟ – بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئۈچۈن « ئۇيغۇرلار سىياسەت بىلەمدۇ؟ » ناملىق كىتابقا  قارالسۇن) ۋەتنىمىزنى ئىشغال قىلغانلار ئاساسەن تاشقى كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشغال قىلغان ھەم تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردىمى، ھەمكارلىقى بىلەن ئىشغالى ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن . كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپى، ئامېرىكا ۋە ئەڭگىلىيەنىڭ ماقۇللۇقى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. كوممۇنىست خىتاي ئىشغالچىلىرى 1950. يىلىدىن 1980. يىلىغىچە ۋەتىنىمىزنى تۈرمە، جازالاگىرى، يىغىۋېلىش لاگىرى، ۋە ئۈستى ئوچۇق تۈرمە شەكلىدە باشقۇردى. 80. يىلىدىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، بۇ ئەلنى ئىدارە قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، چەتئەلنىڭ ياردەم بېرىشىگە ئالقىنىنى ئاچتى. « شاڭخەي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى » نى قۇرۇپ، بىزنى باشقۇرۇشتا، تاشقى كۈچ بىلەن ھەمكارلاشتى.

مانجۇرلارنىڭ ۋە خىتايلارنىڭ مۇشۇ بىر قاتار ئەمەلىيەتلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنى ئىشغال قىلىشتىن تارتىپ، ئىدارە قىلىشقىچە ئۆز كۈچىنىڭ يەتمىگەنلىكىنى، باشقۇرۇش قولىدىن كەلمىگەنلىكىنى، بىزدىن ھەر زامان قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش  قىيىن ئەمەس.

 

ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، خىتايدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ ، يوق؟ دېگەن سوئالغا كەلسەك، – خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن قورققان مۇددەتتە، مۇستەقىل بولىشىمىز مۇقەررەردۇر. بىزنىڭ خىتايلاردىن قورقۇشىمىز، قورقماسلىقىمىز مۇھىم ئەمەس. دۈشمەننىڭ بىزدىن قورقۇشى، بىزنىڭ مۇستەقىل بولالىشىمىزغا يېقىلىپ تۇرغان ئۈمىت شامىدۇر ۋە ئىشەنچىمىزدۇر . خىتاي بىزدىن قانداق قورقىدۇ؟ دەيدىغانلار بولسا، كىملىك نومۇرى ئويۇلغان پىچاق، پالتىلىرىمىزغا قاراپ باقسۇن.  قاسساپخانىلاردىكى، ئاشپۇزۇللاردىكى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغان پالتا، پىچاقلىرىمىزغا قاراپ باقسۇن. 2014. يىلىدىن بۇيان 4 يىل ئىچىدە، نۆۋەت بىلەن  لاگىرلارغا قامىلىپ تۇرغان 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارغا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە لاگېرلاردا ئازابلىنىۋاتقان 1 مىليوندىن ئارتۇق ( بىزنىڭ قارىشىمىزچە 3 مىليوندىن كام ئەمەس) ئۇيغۇرلارغا قاراپ باقسۇن. خىتاي ئىشغالچىلىرى بۇ قەدەر ۋەھشى زۇلۇمنى نېمە ئۈچۈن ئىجىرا قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ قەدەر ۋەھشى تەدبىرنى نېمە ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بىزدىن قورقىدىغانلىقىنىڭ دەلىل، ئىسپاتلىرىدۇر. ئەمما بىزگە لازىم بولىۋاتقىنى خىتاينىڭ قورقىشىلا ئەمەس. بەلكى بىزنىڭ خىتايدىن قورقماسلىقىمىز ھەم خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كېتىشىدۇر.

ئەمدى تېمىغا يېقىنلىشايلى. ۋەتىنىمىزنى خىتايدىن قۇتقۇزۇپ،  مۇستەقىل قىلىدىغانلار قايسى ئۇيغۇرلار؟ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئازات قىلامدۇ، ياكى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئازات قىلامدۇ؟ مۇشۇ يەردە بىر قانچە ئەسلىمىنى ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.

بىرىنچى، مەن ۋەتەندىن يېڭى چىققان يىللىرى، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنداق پىكىرلەر بولۇپ تۇراتتىكەن.

ئا : ۋەتەننى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئازات قىلىدۇ.

ب : ياق، ئۇلار يالغۇز ئازات قىلالمايدۇ. بەلكى ۋەتەن ئىچى، سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئازات قىلىدۇ.

ئا : ئىنقىلاۋىمىزنىڭ يول باشچى رەھبىرى ۋەتەندە.

ب : ياق، ۋەتەندىكىلەرنى ۋەتەن ئىچىدىكى رەھبەر، چەتئەلدىكىلەرنى چەتئەلدىكى رەھبەر يېتەكلەيدۇ.

ئا : شەرقى تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى رۇسىيە يېشىدۇ.

ب : ياق، رۇسلار خىيانەتچى، ئىككى يۈزلىمىچى، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ. ۋەتەننى ئۆزىمىز ئازات قىلىمىز . غەرپنىڭ ياردىمىگە تاينىش كېرەك . بۇ خىلدىكى كۆز – قاراشلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، گېزىتلاردىمۇ نەشىر قىلىنىپ تۇراتتى. مەن « ب » پىكىرنى ياقتۇراتتىم.

ئىككىنچى، تەقدىرنىڭ شامىلى مېنى  گېرمانىيىگە ئۇچۇرتۇپ كەلدى. بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار ياۋروپا تەرەپلەرگە ئەمدىلەتىن كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، گېرمانىيىدە بارى يوقى  60 ئەتىراپىدا ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. مىيونخىن شەھىرىدە  رەسمى تەشكىلاتلاردىن  « شەرقى تۈركىستان ياۋروپا بىرلىكى» ، « دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» ، « شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى » قاتارلىقلار بارئىكەن. ئۇچۇر مەركىزى ئۇچۇر، ئاخبارات تارقىتىدىكەن. قالغان ئىككى تەشكىلات ۋەتەن، مىللەت مەسىلىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى:  ئىجتىمائىي، مەدىنى پائالىيەت قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى سىياسى ئەھۋالىنى غەرپلىككە ئاڭلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلساق، بىز ئۈچۈن يېتەرلىك، قولىمىزدىن كېلىدىغىنى شۇ- دەپ، رېئال بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسى ۋە پروگراممىسىدا : « شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كۈرىشىنى قوللايمىز »- دېگەن بەلگىلىمىلەر بارئىكەن. يۇقۇرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ پېشقەدەم، ئۇستازى، مەنىۋى ( پەردە ئارقىسىدىكى ) يېتەكچىسى، مۆتىۋەر رەھبىرى (كەمتەرلىكىدىنمۇ، ياكى خۇپسەنلىكتىنمۇ) : ھەقىقى لىدەر ۋەتەندە، تۈرمىدە. مەن بولسام بىر ۋاكالەتچى، لوبىچى . مەن شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ لىدەرى ئەمەس – دەپ، چېكىنىپ تۇرىدىكەن. ياۋروپا تەۋەسىدە ئۇ كىشىدىن باشقا سالاپەتلىك، داڭقى چىققان يەنە بىرسى بولمىغاچقا ، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ قۇيرۇقىغا مەھكەم  ئېسىلىۋالىدىكەن. ئۇلارنىڭ  بۇ قىلىقلىرى، خۇددى توكۇر مۈشۈك بىلەن قارىغۇ چاشقان ئويۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئەمما ھەممىسىنىڭ ئورتاق پىكرى: بىز سىرتتا تۇرۇپ ۋەتەن دەۋاسىنى ئاڭلىتىمىز. ۋەتەننى ۋەتەندىكىلەر ئۆزلىرى ئازات قىلىدۇ- دېگەندىن ئىبارەت بىرلا ھۆكۈم ئىكەن. بۇنداق گەپ، بىزدەك ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىدىغانلارغا  ھەم  ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن بىرەر پايدىلىق شارائىت يارىتىش ئارزۇسىدا، چەتئەلگە چىققانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ سىياسى زەربىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، مۇشۇ خەقتىن زور ئۈمۈت كۈتەتتى. بىراق بۇلارنىڭ نەقەدەر ئەبگاھ خەق ئىكەنلىكى، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئازاتلىقى توغرىسىدىكى مەۋقەلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە پاسسىپ ئىكەنلىكى يىراق- يېقىندىكىلەرگە قاراڭغۇ ئىدى.

شۇنداق پەيتلەردە  ئىستانبۇلدا، مارمارا بىلەن قارا دېڭىز ئارىسىدا چۆكۈپ كېتىۋاتقان بىر ئەبجەق كېمىنى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى، مۇستەقىللىقىمىزنىڭ دۇنياغا ئېچىلغان پەنجىرىسىنى، يەنى – « خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيى » نى مىيونخىنغا يۆتكەپ كېلىش ھەرىكىتى قوزغالدى. ( بۈگۈن دەپ بەرسە ھېچكىم ئىشىنەلمىگۈدەك، ئىچكى توسقۇنلۇقنى يېڭىپ) 1999. يىلى ئۆكتەبىر قۇرۇلتاينى كۆچۈرۈپ كەلدۇق. بىراق : «  قۇرۇلتاينىڭ نىزامنامىسىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز- دېگەن ماددىسى  گېرمانىيە قانۇنىغا خىلاپ بولغاچقا ، تەستىقتىن ئۆتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى قانۇنسىز؛ ۋەزىپە ئالغانلار، ھەمكارلاشقانلار جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ »- دېگەندەك ئېغۋالارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. يېرىم يىلدىن ئارتۇق كېچىكتۈرۈلۈپ، تەستىقتىن ئۆتكەندە بولسا : « بۇ قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى ئۇيغۇر ئەمەس، تاجۈك . ئۆزبېك، ئافغان . ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ۋاقتى كەلسە دەۋانى سېتىپ قويىدۇ؛ پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ دەۋاسى ئاكا، ئىنى ئىككىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. » – دېگەندەك ئېغۋالار بېسىقمىدى. ھەتتا بەزى ئېغۋاچىلارغا قۇرۇلتاينىڭ مەنسىپىنى ئۆستىگە ئېلىشنى  تەلەپ قىلدۇق. (« سەھنە پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئىنقىلاپ » ناملىق كىتاب، 10. باپ، 135 . بەتلەرگەر قارالسۇن) لېكىن  ئۇلار رەت قىلىپ توختاپ قالماي، قۇرۇلتاينىڭ بەزى مۇھىم رەھبەرلىرىگە ئىستىلى جەھەتتىن تۇزاق قۇرۇپ، ۋاقىتلىق يۈزىنى تۆكۈپ رەسۋا قىلدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان، زەنجىرسىمان بۇزغۇنچىلىقنى كىم، نەدىن پىلانلاۋاتقانلىقى سىرلىق ئەمما يەتمەكچى بولغان نىشان، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتتە ۋەزىپە ئالغان،  پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار قۇرغان  مىللى قۇرۇلتاينى كۆزدىن يوقىتىش ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. ئېغۋالار ئىچكى ماجىراغا ئايلاندى. كۈچ قوراپ، زېھىن ئۇپراپ بەرداشلىق چېكىگە قىستالغانسېرى، ئىككى قۇرۇلتاينى بىرلەشتۈرۈشكە قەدەم باستۇق. شۇنداق قىلساق، مەنسەپ پەرەسلەرنىڭ كۆزى، نەپسى تويسا خاتىرجەم بولۇپ، ئىشلار يۈرۈشۈپ كېتىدۇ- دەپ، پەرەز قىلدۇق. بىراق بىز : « ئىككى قۇرۇلتاي بىرلىشىۋاتىدۇ »- دەپ، ھاڭۋېقىپ يۈرسەك،  2004. يىلى 12. ئاپرېل مىللى قۇرۇلتاينى تارقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى « دۇنيا ئۇيغۇر ( ياشلىرى ) قۇرۇلتىيى» نى نىزامنامىسى، پروگراممىسى بىلەن دەسسىتىپ چىقىپتۇ. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ  « تەقدىر ئىرادە » بىلەن، بۇ قۇرۇلتايغا رابىيەخانىم رەئىس بولدى. خانىم ئۇيغۇرلار بار يەردە : « مۇستەقىللىق » – دەپ، چەتئەللىككە « كىشىلىك ھوقۇق »- دەپ، ئۇزۇن يىل كۈرەش قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بۇ قۇرۇلتاي ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، غەرپلىكنىڭ دەپتەرلىرىدە بولسا : « ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق، قىسمەن ئەركىنلىك، ئاخىرىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ( ئاپتونومىيە) كېرەك » – دېگەن قاراش مۇقىملاشتى. خانىم قىلىپ بەرگۈدەك ئىش قالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سەكىرتارلىرى مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلىدى. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا رابىيەخانىم سىڭدۈرۈپ  قويغان : « د ئۇ ق نىڭ ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشساق، ۋەتەننى ئازات قىلىمىز » – دېگەن شوئار بولغاچقا، ئىيۇل ئايلىرىدا قۇرۇلتاينىڭ ھازىرقى باشلىقىنىڭ : (« پىدائىيلار بىز » تورىنىڭ  سۆھبىتىدە) « شەرقى تۈركىستاننى مەن ۋە ياكى ئامېرىكا بېرىپ مۇستەقىل  قىلىپ بېرەلمەيمىز ؛ بەلكى ۋەتەندىكى خەلق ئۆزلىرى مۇستەقىل  قىلىدۇ »- دېگەن گېپىدىن قاتتىق نارازى بولغانمىش . چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى «  قۇرۇلتايدىكىلەر ئامېرىكىغا دەپ، ۋەتەننى ئازات قىلدۇرۇپ بېرىدۇ »- دەپ ئويلاپ « قۇرۇلتاي ياشىسۇن » سەنىمىگە دەسسەپ يۈرگەن ئاق كۆڭۈللەر، كۆز – قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەي، ھەيران قالغان گەپ. ئۇزۇن يىلدىن بېرى باغلىغان ئەقىدىلىرى بەربات بولۇپ، كۈتكەن ئۈمۈتلىرى توزغاقتەك  توزۇپ كېتىپتۇ. يالغان – ياۋىداق، ئېغۋالارغا ئىشىنىپ كۈنۈپ كەتكەن خەلق، بۇنىڭدەك راست  گەپكە ھەيران قالماي قانداق قىلسۇن! ئەسىلدە بۇ تۆرەلمىسىدىنلام راست گەپ ئىدى. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن چارەك ئەسىر جاپالىق ئەمگەك قىلغان. ئۇلار چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ، شۇنداق چۈشەنچىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلار تۇرسا.

«  ۋەتەننى بىز مۇستەقىل  قىلىپ بېرەلمەيمىز، بەلكى ۋەتەندىكىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل  قىلىدۇ؛ بىز ۋەتەن خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى غەرپ دۇنياسىغا ئاڭلىتىمىز خالاس. » دېگەن بۇ سۆزنى ئوبرازلاشتۇرساق، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇننى سۆرەتلەپ چىقالايمىز.

1 .  ) بىرسىنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى. قوشنىلار توپلۇشۇپ قاراپ تۇرىدۇ. مۇخبىرلار كەلدى. نەق مەيداننى رەسىمگە تارتىپ، خەۋەر ئىشلەۋاتىدۇ. ئوتنىڭ ئۈستىگە  ھېچكىم بىر چېلەك سۇ تۆكمىدى. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى چاقىرمىدى. نېمىشقا؟ – ئۆيدىكىلەر ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۆز جېنىنى ئۆزلىرى قۇتقۇزۇشلىرى كېرەك!

2 .  ) بىرسى دەريادا ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ. كىشىلەر ساھىلدا قاراپ تۇرىدۇ. قول ئىلەشكۈدەك شاق  – شۇمبا تاشلاپ بەرسە، ياكى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى باشلاپ كەلسە بولاتتى. ئوخشاشلا كىشىلەر رەسىمگە تارتىپ، مۇخبىرلار خەۋەر ئىشلەپ، ئۆز ئىشى بىلەن . نېمىشقا؟ – ئۇ، دەريادىن ئۆز جېنىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشى لازىم!

3 .  ) بىرسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى. قۇدۇق بېشىغا كىشىلەر توپلاشتى. مۇخبىرلارنى چاقىردى. رەسىمگە تارتىۋاتىدۇ خەۋەر ئىشلەش ئۈچۈن. ئارىدىن بىر كىشى چىقىپ، قۇدۇققا ئاغامچا تاشلاپ بەرسە بولاتتى. لېكىن ئۇنداق قىلمىدى. نېمىشقا؟ – ئادەم قۇدۇقتىن ئۆزى چىقىپ، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇشى كېرەك!

5 .  ) كىشىلەرنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئازات قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى ئۇ، خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس. ئۇلارنىڭ  ۋەزىپىسى باشقا. نېمىشقا ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىمىز- دەپ، ئاۋارە بولسۇن؟ ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ : « ۋەتەننى چوقۇم ئازات قىلىمىز!»- دەپ قويىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا؟ – ئۇيغۇرلارغا باشقا گەپنى قىلىپ، خوجايىنلارغا باشقا گەپنى دەپ، رابىيە خانىمدەك ئاۋۋال مائاشتىن، ئاندىن مەنسەپتىن ئايرىلىپ قالسىچۇ؟

ئۇنداقتا، سەنلەر زادى نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر؟ – دەپ سوراپ باقايلى. جاۋاپنىڭ ئاستىدىن نېمىلەر چىقىدىكىن؟ – ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيەنى ئۆگىتىدىغان خادىملار ئۇلار. خىتاينى دېموكراتىيىگە ئۆتكۈزىدۇ ئۇلار. ئاندىن دېموكراتىك خىتاي ھۆكۈمرانلىرى رۇخسەت بەرگەن ئۆلچەم ئىچىدە « شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش خىزمىتى » گە مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدۇ – دەپ پەرەز قىلساق، بۇلار بېلەتنى كىم تەرەپكە تاشلار؟ بۇنىڭ جاۋابى 72 يىل بۇرۇن چىقىپ بولغان ئىدى. يەنى گومىنداڭلار گەنسۇدا، چوڭ چىڭدا ۋە نەنجىڭدا بوداپ باققان « ئۈچ ئەپەندىلەر »   46. يىلى، 2. ئىيۇن ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە قانداق بېلەت تاشلىغان بولسا، بۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمايمىز – دېسە، تۆمۈر خەلىپىدەك، ئاتالىق غازى –  خوجىنىيازدەك، خوجايىنلىرىنىڭ  سىرتمىقىغا بوغۇلىدۇ.

ئەمدى ئەسلىدىكى مەقسەتكە ئۆتەيلى. ۋەتەننى زادى كىملەر ئازات قىلالايدۇ؟ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى قانچىلىك؟

ۋەتىنى مۇستەملىكە قىلىنىغان ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەر بولسۇن، ياكى مەلۇم بىر دۆلەتتىن تۇپراق ئايرىپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەر بولسۇن، شۇنىڭدەك مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ، يېڭى بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، سىياسى گۇرۇھلار بولسۇن، ھامان تاشقى ياردەمگە تايىنىدۇ  ھەم  چېكىنىش بازىسىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. بۈگۈنكىدەك ئۇرۇش قوراللىرى تېخنىكىلىشىپ كەتكەن دەۋرىدە، تاشقى ياردەمگە تېخىمۇ ئېغىر ئېھتىياج چۈشىدۇ. نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ، دۆلەت ئىچىنى تەرتىپكە سېلىشتا تاشقى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى، مەخسۇس بىزگە قارشى تۇرۇش ۋە بىزنى باستۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن، بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن، شۇنىڭدەك  بىزنىڭ بارلىق تام قوشنىلىرىمىز بىلەن ئىتتىپاق ئورنىتىپ، بىزگە قارشى ياردەم ئېلىۋاتىدۇ. يىراق – يېقىندىكى ھېچ بىر دۆلەت : « خىتاي ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلسۇن، بىز سىرتتا  قاراپ تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىغانلار » دېمەستىن، خىتاي بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىپ، بىزنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ. بىزنى خالىغانچە تۇتۇپ، قانۇنسىز ھالدا تۈرمىلەرگە سولاپ قىيناۋاتىدۇ. ئىگىسىز قۇشلارنى ئوۋلىغاندەك، ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. پۈتۈن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى، چېگرا ئىچىدىكىلەر ئۆز ئىشىنى ئۆزلىرى ھەل قىلماستىن، بەلكى تاشقى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش  بېجىرىۋاتقانلىقنىڭ پاكىتلىرىدۇر. تاشقى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، چەتئەلدە ئالدىنقى سەپ قۇرۇپ، چەتئەلدە چېكىنىش بازىسى قۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان، ۋەتىنىنى ئازات قىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان نۇرغۇن مىللەتلەر بار. ھازىرمۇ ئازاتلىق ئۈچۈن، ياكى  ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، چەتئەلدە بازا قۇرۇپ  كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەر، سىياسى گۇرۇھلار ساناقسىز.

ئىنسانىيەتنىڭ رېئاللىقى شۇنداق تۇرۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى تۇتقۇن ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆز ئۆزىنى ئازات قىلىدىكەن؟ « ۋەتەننى بىز بېرىپ مۇستەقىل قىلالمايمىز!ياكى ئامېرىكا بېرىپ مۇستەقىل قىلىپ بەرمەيدۇ! بەلكى ۋەتەننىڭ ئىچىدىكىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل  قىلىدۇ!»  دېگەن بۇ ھۆكۈمنىڭ سىياسى مەناسى نېمە؟ چەتئەللەردە ئاتالمىش « ۋەتەن دەۋاسى قىلىدىغانلار » نىڭ مەجبۇرىيەتلىرى، ۋەزىپىلىرى نېمە؟ ئومۇمەن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى زادى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ – خەۋەر توپلاش، تارقىتىش. نامايىش قىلىش. تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىش. بەش مىڭ كىشىلىك ئىمزا، ئون مىڭ كىشىلىك ئىمزا، يۈز مىڭ كىشىلىك ئىمزا، ساناقسىز، چەكسىز ئىمزا توپلاپ يوللاش. يىغىن ئېچىش، قىلىپ بولغانلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش. دوكلات بېرىش، مۇكاپاتلاش.

«  ۋەتەننى بىز مۇستەقىل  قىلىپ بېرەلمەيمىز. بەلكى ۋەتەندىكىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل قىلىدۇ!»  مىليونلاپ، ئاممىۋى ھالدا  لاگىرلارغا قامىلىپ ياتقان تۇتقۇنلار ئازات قىلىدۇ. پالتا، پىچاقلىرى زەنجىرلەپ باغلاپ قويۇلغانلار ئازات قىلىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ۋەتىنىمىز خىتاي مۇستەملىكىسى بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇددەتتە، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قۇدۇقتىكى ئادەمگە ئوخشاش، قۇتۇلۇشقا ئامالسىزدۇر. ئەگەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار : « ۋەتەننى ئازات قىلىش چەتئەلدىكىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكىلەر ئۆزلىرى ئازت قىلىدۇ» دېگەن بۇ گەپنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ھەلەكچىلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتقان بولسا، بۇ بىر تۈرلۈك خىيانەتتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسى – دەپ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرى جان باقتىلىق ۋە  مىللەتنىڭ كۆكىنى سېتىپ ياشاۋاتقان ھايانكەشلىكتۇر. ناۋادا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى شۇنداق پىكىرگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چەتئەللىكلەرنى ھەم تەتۈر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن بولسا، بۇلار باشقا تەرەپتىن ۋەزىپىلەنگەن، دەۋا خائىنلىرىدۇر. قايسى خىلدىكى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، كۆك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان، مۇستەقىللىق ھەرىكەتچىلىرىگە گۆر قازىدىغان خائىنلاردۇر.

مىللى سىياسەت ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلىنىدۇ. بىرى ئىچكى سىياسەت، بىرى تاشقى سىياسەت. ( دىپلوماتىيە) ئىچكى سىياسەتلىرىنى مۇكەممەل بەلگىلەپ، تاشقى سىياسەتتە چولتىلىق قىلسا، ھەتتا خېلە كۈچلۈك دۆلەتمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەننى ئازات قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ دەل مىللى سىياسەت ئەندىزە قىلىنىدۇ. بىزنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزدىكى مىللى سىياسەتمۇ ئوخشاشلا، ئىچكى ۋە تاشقى بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئىچكى سىياسەت دېگىنىمىزدە، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن قوللىنىدىغان  ۋە  خىتايغا قارشى تۇرۇشتا كېرەكلىك بولىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىچكى كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىش – دېمەكتۇر. بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىز بولسا  – خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىشقا  بولىدىغان دۆلەتلەر بىلەن، تۈرلۈك كۈچلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى، ياردەملىرىنى  قولغا كەلتۈرۈش، توختام تۈزۈش، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزگە پاي قوشىدىغان دۆلەتلەرنى، دۆلەتتىن ھالقىغان كۈچلەرنى جەلپ قىلىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىلەشتۈرۈشتۇر. بىزنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى، چەتئەللەردە پىلانلىنىپ، چەتئەللەردە بېجىرىلىدىغانلىقىغا ئوخشاشلا، ئىچكى سىياسەتلىرىمىزمۇ چەتئەلدە بارلىققا كېلىپ، دەسلەپكى ئىجىرائاتلىرى چەتئەلدە باشلىنىدۇ. بىز ئەگەر : ۋەتەننى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازات قىلىمىز، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، ئىنساندەك ياشايمىز – دەيدىكەنمىز،  دەۋا سېپىگە قىستۇرۇلۇپ كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ « ۋەتەننى بىز ئەمەس، ۋەتەندىكىلەر ئازات قىلىدۇ » دېگەن، خائىنلارچە ئازدۇرمىسىغا قۇلاق سالماي، ئىچكى سىياسەتلىرىمىزنى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك. يەنى سىياسى بىرلىك سەپ قۇرۇش ، ئەسكەر كۈچى، ئىقتىسادى كۈچ، خىتايغا تەھدىت بولىدىغان ھەرقانداق ئامىل قاتارلىقلارنى تەييارلىشىمىز لازىم.

ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ، سىياسى جەھەتتىن تەشكىللىنىشكە باشلىغىلى 25 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش، كەسپى خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، ئىقتىسادى مەنبە تىكلەش قاتارلىق مۇھىم تەرەپلەردە تېخىچە ھېچنېمە باشلانمىغىنىدەك، ئۇيغۇرلار ئاممىۋى يوسۇندا سەپەرۋەر قىلىنمىدى. خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىغا ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى سولاپ، قىيىن – قىستاققا ئېلىشى، ئېغىر ئازابلىشى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئىز – دېرىكىنى ئالالماسلىقتەك، جاندىن تويغۇزىدىغان زۇلۇملار سەۋەپلىك، چەتئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ غەزەپ – نەپرىتى، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كوزۇر قىلىپ، نامايىش، ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىكىنى قوزغاش بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ ۋەتەن ۋە مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەپەرۋەرلىك ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق ھېسسىيات، ھاياجان بىلەن بولىۋاتقان ۋەقەلەر. بۇنداق ھاياجانلار ۋەزىيەتنىڭ قىسمەن ئۆزگىرىشى بىلەن يوقۇلۇپ كېتىدۇ.

ۋەتەننى ئازات قىلىش ۋە  مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش  ھەرىكەتلىرىمىزدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى پەۋقۇلئاددە زور بولۇپ، دۈشمىنىمىز خىتاي، بىزگە قارشى ئىجىرا قىلىۋاتقان ئىچكى سىياسەتلىرىدە قايسى دەرىجىدە قاتتىق قول بولغان بولسا، تاشقى سىياسەتلەردىمۇ ئاياپ قويۇۋاتقىنى يوق. خىتاي بىزگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تاشقى سىياسەتلىرىنى، ئىككى چوڭ لىنىيە بويىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بىرىنچى لىنىيە – خىتاي  مەيلى چېگرايىمىز ئەتىراپىدىكى، مەيلى يىراق – يېقىندىكى ھەر قانداق دۆلەتلەر بىلەن سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇئامىلە قىلسا، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلماسلىقنى، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىشنى، خىتاي دۆلىتى بىلەن بىر مەۋقەدە بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا خىتاي تەرەپتە تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەم تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قولى بىلەن چەكلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى. ( ھەتتا ئەركىن، دېموكراتىك، ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ياۋروپا ئەللىرىدە، گېرمانىيە تىپىك خىتايپەرەس بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى شەرتلىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەلىيلىشىپ تۇرىدىغان دۆلەتنىڭ بىرىدۇر . )  ئىككىنچى لىنىيە – خىتاي  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا  ( ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەتتا ) كونترول قىلىش، ئىدارە قىلىش، تارمار قىلىش سىياسەتلىرىنى ئىجىرا قىلىپ كەلدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كونتروللىقىدا تۇتۇلۇپ تۇرىشى، تەشكىلى ۋە ئاممىۋى شەكىلدە، 50. يىلىدىن 90. يىللىرىغىچە تەيۋەن ۋە تەيۋەن ۋاستىلىك  بېجىن كونترول قىلغان بولسا، 90. يىللىرىدىن باشلاپ بېجىن بىر تۇتاش كونترول قىلماقتا. بۇ يەردىكى كونترول قىلىش – چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى  قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى تارمار قىلىش، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىتراتېگىيىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىش پىلانلىرىنى بۇزۇش، ئۇيغۇرلارنى ئۆز – ئارا ئىتتىپاقلىشالماس قىلىۋېتىش، ئارزۇ، ئۈمۈتلىرىنى بەربات قىلىۋېتىش، تېرىقتەك چېچىپ تاشلاش، ھەتتا خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەنپەتىگە كېرەكلىك يېڭى ئەۋلاتلارنىڭ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش، خىتايغا قارشى ئويلىغۇدەك ۋاقىتتىنمۇ مەھرۇم قىلىۋېتىش قاتارلىق، نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشماقتا. ئەگەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەننى ئازات قىلىشتا ھېچقانداق ھەسسىسى، رولى بولمىغان بولسا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ماددى ۋە سىياسى جەھەتتىن شۇقەدەر كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك ئىدى؟ 95. يىلى ئاتالمىش « بېجىن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى » قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەندۈرۈپ، بىر قىسىم  تىجارەتچىلەرنى، بىر تۈركۈم يۈزلۈك شەخسلەرنى توپلاپ « كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپ چىقىرىش – سېتىش فىرمىلىرىنى  قۇرۇش، ئىش ئورنى ئېچىپ، ئىشسىز قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددى  قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش » نىقابى ئاستىدا، بەش مىليون دوللار مەبلەغ سالدى. نەتىجىدە ۋەتەننى ئازات قىلىپ، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرىمىز؛ قازاق، قىرغىزلاردىن نەرىمىز كام بىزنىڭ – دەپ، مەيدىسىگە مۇشتلاپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار، ئۆز ئىچىدىن تېرىقتەك چېچىلىپ كەتتى. بۇ، قىرغىزىستاندىكى  ئۇيغۇرلارنى تارمار قىلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئاشكارا سالغان مەبلىغى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانچىلىك مەبلەغ سالدى؟ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تارمار قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىر قوللاندى؟ قايسى بايلارنى قانداق يۆلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى ؟ بۇلار ئېنىق ئەمەس. ئەمما ھەممىگە ئايان بولغىنى شۇكى، خىتاينىڭ شۇ قېتىملىق ئاشكارا سالغان مەبلىغىدىن كېيىن، ئارىدىن بىر يىلمۇ ئۆتمەي، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ قالدى. تەشكىلات رەھبەرلىرى، نوپۇزلۇق ئىنقىلابچى پېشقەدەملەر يېتىم، يالغۇز قالدۇرۇلدى. ( بىر قەدەر تەپسىلاتى ئۈچۈن « خاتالىق كىمدىن ئۆتۈۋاتىدۇ ؟ » ناملىق كىتاپقا قارالسۇن) ئۇنىڭدىن كېيىن، 97. يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى سىياسى بۈروسى، مەخسۇس چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن « 7. نومۇرلۇق مەخپى ھۆججەت » ناملىق  قارار ماقۇللىدى. بۇ ھۆججەتتە ئېلىنغان قارارنى قايسى شەكىلدە ئىجىرا قىلغانلىقى نامەلۇم بىزگە. ئەمما تۈرمىدىن تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىپ، چەتئەلگە چىقىرىۋېتىلگەن قانچە يۈز دىنى زاتلارنىڭ ۋە باشقىمۇ ئېقىملارغا مەنسۇپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋەتەندىن قوغلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە جۇغلىشىپ قېلىشلىرى، « ئازاتچىلار » ۋە « غازاتچىلار » لاگىرىغا تەقسىملىنىپ، ئۆزىچە دۈشمەنلىشىپ قېلىشلار، پاكىستانغا بېرىپ  ئەل قائىدىگە چېتىلدۇرۇش، ئافغانىستانغا بېرىپ تالىبانغا چېتىلدۇرۇش، دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشى تېررورىستلار قاتارىدا، ئەڭ داڭلىق تۈرمىلەرگە قامىلىپ كېتىلىش، قولىدا قورال بارلىرىنىڭ : « ۋەتەن – مىللەت دېيىش ئىمانسىزلىقتۇر، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتايلام ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا كاپىرلىرىدۇر » دەپ، بايانات ئېلان قىلىشلىرى، كېيىنچە ئون  مىڭلاپ قاچقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە كېلىشى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشى تېررورچى گۇرۇپ – دەپ قالپاق كىيگەن، ئاتالمىش « خلاپەت دۆلىتى» گە چېتىلىشى، سىياسى ئېقىمدا ئۇزۇن يىللاپ كانىدەك چاپلىشىپ، ئورۇن ئىگىلىگەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز : « شەرقى تۈركىستاننى بىز مۇستەقىل  قىلالمايمىز، ۋەتەندىكىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل  قىلىدۇ! » دەپ جاكارلاشلىرى، يەنە سانسىزلىغان ئاجايىپلارغا سىنچىلاپ نەزەر سالغاندا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى ھەمدە « 7. نومۇرلۇق مەخپى ھۆججەت » نىڭ قايسى تۈرلەر بويىچە ئىجىرا قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چەتئەلدە تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۈستىدىن قانداق شەكىلدە شىكايەت قىلسۇن، قاتىل دېسۇن، ئىرقى قىرغىنچى دېسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلدى دېسۇن، قانچىلىك ۋەھشى دەۋەتسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۈچۈن كۈندىلىك سىياسەتنىڭ ئورنىدىكى، ھەل قىلىشقا بولىدىغان ، تۈزىتىشكە بولىدىغان، گېزى كەلسە چوڭراق ئەمەلدارلىرىدىن بىر قانچىسىگە دۆڭگەپ قويۇپ، ھەتتا ئېغىر –  يىنىك جازالىغان بولۇپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلاردىن ئوچۇق ئەپۇ سوراپ، ناھەق، خاتا جازالىنىپ كەتكەنلەرگە، ئۆلتۈرۈلۈپ كەتكەنلەرگە تۆلەم تۆلەپ، خىزمەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇسادىرە قىلىنغان مال – مۈلۈكلىرىنى ئۆسۈملىرى بىلەن قايتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇۋېتىشنى تامامەن مۇمكىن. چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆركەم مەسچىتلەرنى سېلىپ ، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قۇرئان، كىتابلارنىڭ ئورنىغا، ئالتۇندىن ھەل يالىتىلغان، ئاجايىپ كۆركەم باستۇرۇپ تارقىتىشى تامامەن مۇمكىن. خىتاي بىر قېتىم شۇنداق قىلغانتى. يەنە يۈز قېتىملاپ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۈچۈن ھېچنەرسە ئەمەس. ھەتتا چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ، نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ يۈزىنى تۆكۈۋەتسىمۇ خىتاي خاپا بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ئەزەلدىنلا يۈزى يوق تۇرسا. ھەم نامايىش دېگەن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان، ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ بىر تۈرى. « ب د ت » ئىشخانىسىغا بېرىپ، خىتاينىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، يىغىن زالىدا يوتقاننى سېلىپ يېتىۋالسىمۇ، خىتاي رەنجىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق دەرگاھىنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ بىرى خىتاي بولغاچقا. « ب د ت » دېگەن داڭلىق جاينى باشقۇرىدىغان، بەش خوجايىننىڭ بىرى يەنە شۇ خىتاي بولغاچقا، ئۇ يەردە خىتايغا قارشى قىلىنغان ئىش – پائالىيەتلەرنى باھالاپ بېكىتىدىغان، خۇلاسە چىقىرىدىغان، كۈچلۈك شايكىغا ئىگە بولغان جەزىخور يەنە شۇ خىتاي تۇرسا . شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلدە تۇرۇپ، « ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل قىلىمىز » دېمىگەن ھەر قانداق گەپ – سۆز، شوئار، دەۋا، پائالىيەت ، داڭلىق يىغىن – چۇغۇن، ھەيۋەتلىك باياناتلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ قولتۇقىنى غىدىقلىغاندەك بىر ئىش. ئەمما : شەرقى تۈركىستان دەمدۇ،  يەنە بىر ئىستان دەمدۇ، ياكى خىتايچىلاپ « ئۇيغۇر ئاپتپنوم  رايون » دەمدۇ، بىز مۇستەقىل دۆلەت قۇرىمىز، بىز بۇ ئىشنى قىلالايمىز! دېگەن بىر جۈملە سۆز، خىتاينىڭ گەجگىسىدىن ئالىدىغان، خىتاينىڭ ئارامىنى بۇزىدىغان، خىتاينى دۇنيا ئەھلىنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىدىغان، خىتاينىڭ يەتمىش پۇشتىنى يىغلىتىپ، ئۇيقۇسىنى بۇزىدىغان ئەجەللىك زەربىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ، ھەرىكەت، پائالىيەت ۋە تۈرلۈك سىياسى سورۇنلاردا كۈندىلىك ھەق – ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىدىغان، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى زۇلۇم – زوراۋانلىقىنى پاش قىلىدىغان، مۇستەقىللىق توغرىسىدا ئېغىز ئاچمايدىغان، بىر خىل جىمغۇرلۇق ھالىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشىدىكى تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم قىسمىدۇر. سۆزدە ئاتالمىش  « ۋەتەن دەۋاسى » قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۇدۇللۇق ھەم ئۈزۈلدۈرمەي پەيدا قىلىپ  بېرىۋاتقان «  كۈندىلىك ھوقۇق دەۋاسى » بىلەن مەشغۇل دەۋاگەرلەرنىڭ پوزىتسىيىلىرىدىن قارىغاندىمۇ: «  چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسى قىلىدىغان پروگراممىسى يوق؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالمىسا، كۈندىلىك پۇقراۋى ھوقۇقلىرىنى بوغمىسا، باشقا قارشىلىقى، نارازىلىقى يوق؛ خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقراۋى ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمى؛ پۇقراۋى ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە تەۋە مەسىلە؛ سىرتتىن قول تىقىشقا بولمايدۇ؛ سىرتتىن ئارىلاشقىلى بولىدىغان يېرى پەقەت تەۋسىيە قىلىش بىلەن چەكلىنىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشى ۋە ئىنسان ھەقلىرى، پۇقراۋى ھوقۇق مەسىلىسىدۇر» – دېگەن چۈشەنچىنى، پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە ئومۇملاشتۇرۇپ  بولدى.

ئۇزۇن يىللىق مەنسەپ كۈرىشىگە ئاتلانغانلارنىڭ، 96. يىللىرى تەشكىللىك ئېلان قىلغان  پروگراممىلىرىدا « شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش  ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان كۈرىشىنى ھىمايە  قىلىمىز » دېگەن ماددىلار بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە : « شەرقى تۈركىستاننى بىز بېرىپ مۇستەقىل  قىلىپ بېرەلمەيمىز، بەلكى ۋەتەندىكىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل  قىلىدۇ» دېگەن باياناتى ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق. مەزكۇر ئىككى باياناتنىڭ بىردەكلىكىنى يەشكەندە  : « خىتاي دېموكراتىيىگە تولۇق ئۆتكەندە،  ئىنسان ھەقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىنى تولۇق يولغا قويغاندا، پۇقرالارنىڭ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەشكە يول قويغاندا، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى تاللاپ بېلەت تاشلىسا، شۇ چاغدا مۇستەقىل بولىدۇ. بۇ ھازىرمۇ كېيىنمۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى، پۇقراۋى مەسىلىسى؛ بىز چەتئەلدە تۇرۇپ، بۇ ئىشقا ئارىلىشالمايمىز!» – دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ . دەرۋەقە ئۇلار چەتئەلدە 22 يىل تەشكىللىك خىزمەت قىلدى. ئۇلار دەسلەپتىلا : «  بىز چەتئەلدە تۇرۇپ ۋەتەن خەلقى ئۈستىدىن  مۇستەقىللىق – دەپ سۆز قىلىشىمىز يوللۇق ئەمەس؛ ۋەتەننىڭ مەمۇرى ئەھۋالىنى ۋەتەندىكى كۆپ سانلىق خەلقىمىز ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ؛ شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىپ بارىدىغان كۈرىشىنى ھىمايە قىلىمىز!» دەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. مۇشۇ 22 يىل ئىچىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەسەۋۋۇردىن تاشقىرى ئۆزگۈرۈش قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈلمىلىرى ئۆزگەردى. سىياسى جۇغراپىيەلەر ئۆزگەردى. لېكىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى، تاشقى سىياسەتلىرىدە مۇستەقىلچىلەرنى باستۇرۇش، تارمار قىلىش مەۋقەسى ئۆزگەرمىدى. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز » دەپ، چەتئەلگە چىققانلارنىڭ پىكرىدە، سىياسى مەۋقەلىرىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى. ئۇلار مەيلى كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلسۇن، مەيلى ئىنسان ھەقلىرى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دەۋالىرىنى قىلسۇن، بۇنداق دەۋالار دۆلەت ئىچىدىكى پۇقراۋى ھوقۇق تەڭشەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەم ئاخىرى چىقماس، ھەل قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تەلەپلەر قاتارىغا كىرىدىغان، كۈندىلىك مەسىلىلەردۇر. بۇنداق ھوقۇق كۈرەشلىرى دېموكراتىك ئەللەردە ئانچە بەك ئېتىبارغا ئېلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. پەقەت دۆلەتلەر ئارا سودا – سېتىق، تەڭسىز كېلىشم ئۈستىلىدە، كوزۇر بولۇشتىن باشقا رولىمۇ يوق. بولۇپمۇ – ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش – دېيىلگەن ھوقۇق تۈرىگە قىزىقىدىغان، ئۇنى كوزۇر قىلىدىغان سودىگەر تېخىمۇ يوق. ئۇ، خىتاي – ئۇيغۇر زىددىيىتىدە، يەنە يۈز يىلدىن كېيىنمۇ تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغان ھوقۇق تۈرىدۇر. يۈز يىللىق جۇمھۇرىيەت تارىخىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، بۈگۈنگە كەلگەندە دۇنيانى بىز ئىدارە قىلىشىمىز كېرەك!- دەپ، ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ، تولۇق دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىگە يەنە يۈز يىل يېتىشمەيدۇ. خىتاي خەلقىنىڭ ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى غەربلىكلەر، دەۋالارغا قۇلاق سالىدىغان ۋە مەبلەغ سالىدىغانلار ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقمايدىغان ساختا دەۋاغا قىزىقىدىغانلار يوق، مەبلەغ سالىدىغانلار يوق . ئەمما چاي پۇلى بېرىپ پايدىلىنىدىغانلار، ئۇلارنى  ئەگەشتۈرۈۋېلىپ، ئۇلارغا  يىغلايدىغان، قاخشايدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىپ كەلمەكتە. خىتايمۇ ئۇلارنىڭ يىغلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئوخشىمىغان دەرتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي پەيدا قىلىپ ئۈلگۈرتىۋاتىدۇ.

چەتئەلدىكى مۇستەقىللىق دەۋاسىنى ، كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىغا ئۆزگەرتكەن – 2004. يىلىدىن ھازىرغىچە 14 يىل ئىچىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلى قىزغىنلىقىدا ئىلگىرىلەش بولدىمۇ؟ ۋەتەننى، مىللەتنى ئازات قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇلىرى كۈچلەندىمۇ؟ – ياق. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى- يۇرتىنى سېغىنىشقا ، مىللەت سۆيگۈسى – ئاتا، ئانىسىنى، بىر تۇغقان  قېرىنداشلىرىنى سېغىنىشقا تارايتىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭى كىشىلىك ھېسسىياتتىن ھالقىيالمىدى. ئاممىۋى شەكىلدە ۋەتەننى ئازات قىلىش چۈشەنچىسى تۇرغۇزۇلمىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئەڭ ئالى رەھبەر دەپ ئاتىۋالغانلار : « ۋەتەننى بىز مۇستەقىل  قىلىپ بېرەلمەيمىز، ۋەتەندىكىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل  قىلىدۇ » – دېگەنىكەن، ئۇلارنىڭ سايىسىدىن ئەگىشىپ يۈرگەن تارماق دەۋاچىلاردا، ئاۋاملاردا قانداق قىلىپ مۇستەقىللىق چۈشەنچىسى شەكىللەنسۇن؟ ھەتتا نۇرغۇنلىغان تارماق دەۋاچىلار، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىگە ئاتالمىش « ۋەتەن دەۋاسى » نى ئاڭلاتقىنىدا، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرىۋېتىپ قالماسلىققا، شۇنچىلىك دىققەت قىلىدىكەن. تۇيۇقسىز مۇستەقىللىق دەۋېتىپ قالسا، ئاغزى كاللىسىغا بويسۇنماي، نومۇسلۇق ئىشنى دەپ تاشلىغاندەك، ياكى خەقنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىتۇق، خىتاينى بوزەك قىلىپ، يېرىنى تارتىۋالماقچىتۇق – دەۋاتقاندەك، رەسۋاچىلىقتا قېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدىكەن. ۋەتەندىن چىققاندا ئالى تىلەكلىرى، چوڭ ئىستەكلىرى بولغان بىلەن، ئۆزىدىن بۇرۇن يەرلىشىپ بولغان ۋە سەھنىلەردىن ماكان تۇتۇپ بولغانلاردىن ئۆرنەك ئېلىشىپ،  مۇستەقىللىق دېگەن كەلىمىنى « قالاق، قارا قوساق، تەلۋە، بىلىمسىز، زىيالىي ئەمەس، دۇنيانى چۈشەنمىگەن، دۇنيا سىياسىتىدىن بىخەۋەر ئادەملەرنىڭ دەيدىغان گىپى » – دەپ، قارايدىغان بولۇپ كېتىشىدىكەن. بارغانلا دادىخاھدا : خىتاي ئۇنداق قىلدى، خىتاي مۇنداق بوزەك قىلدى – دېگەندىن باشقا، خەقنىڭ قۇلىقىغا خوش ياققۇدەك گەپ يوق.

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك ؟ دېگەن سوئالغا بىرلىرى :  10 مىليون ئەتىراپىدا – دەپ، جاۋاپ بېرىپ قالىدىغان بولسا، خائىندىن – خائىنغا سېلىپ تىللاپ كېتىشىدۇ. 20 مىليون دېگەنلەرنى – نوپۇسىمىزنى ئاز كۆرسەتتى، مۇناپىقمىكىن – دەپ، قاغىشىدۇ. 30 مىليون دېگەنلەردىن رەنجىيدۇ – نوپۇسىمىزنى  يوشۇردى دەپ.  « ئەڭ ئاز بولغاندا  35 مىليون – دېيىش كېرەك .»  بولمىسا مىللەتنى كىچىك كۆرسەتكەنلىك بولىدۇ . « 35 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ بىر مىللەت » نىڭ،  چەتئەلدىكى ۋەكىللىرى، دەۋاسىنىڭ يېتەكچىلىرى دەرت تۆكۈپ، قاخشاپ، ئۇنىڭ بۇنىڭ تەييارلاپ بەرگەن سەھنىسىدە شىكايەت قىلىپ يۈرسە، قارشى تەرەپكە  قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى بىلگۈدەك ئەقىل  يوقمۇ؟ : ۋەتەن سىرتىدا قانچىلىك ئۇيغۇر ياشايدۇ ؟ دەپ، گەپنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغىچە : بىر يېرىم مىليوندىن ئاز ئەمەسلىكىنى دېيىشكە ئالدىرايدۇ. ئەھۋالىمىزغا قۇلاق سالغان كىشىلەر قانداق ئويلاپ قالار ؟ : « بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇردىن،  يىلىغا بىر مىليون دوللار چىقمىسا، بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇردىن ۋەتىنى، مىللىتىگە جېنىنى ئاتاپ قويغان بىر يېرىم مىڭ پىدائى چىقمىسا. بۇلار زادى قانداق خەق؟ ئېھتىمال روياڭگا مۇسۇلمانلىرىدەك، باشقىلارنىڭ ( خىتاينىڭ )  زېمىنىغا بويۇن قىسىپ كېلىپ قالغان، يەرسىز كۆچمەن خەلق بولسا كېرەك. شۇڭا مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلالمايدىغان، مۇستەقىللىق دېگەن سۆزدىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ، نورمال پۇقراۋى ھەق – ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ » – دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قېلىشى تەبى ئەھۋال. مۇشۇ غەرپكە دەۋارىمىزنى، دەردىمىزنى ئاڭلىتىمىز – دەپ، تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ نەتىجىسىمىكىن، غەربلىكلەر بىز توغرىلىق بىر نەرسە يازسا : خىتاينىڭ غەربىدىكى ئازسانلىق، ئېتنىك، مۇسۇلمان خەلق – دەپ ئاتايدۇ. ئۇلاردا گۇناھ يوق. چۈنكى ئۇلارغا خىتاي شۇنداق چۈشەندۈرگەن ۋە  بىزنىڭ ئاتالمىش دەۋاگەرلىرىمىزمۇ شۇنداق تەسىر بەرگەن تۇرسا.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا : « شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن  كۈرەش قىلىمىز. » ، « ۋەتەننى بىز مۇستەقىل  قىلىپ بېرەلمەيمىز، ۋەتەندىكىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل  قىلىدۇ. » دېگەن مەنىداش ئىبارىلەر، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى پاسسىپلاشتۇرۇپ، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قىزىقمايدىغان، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان، ئىنتايىن ئەكسىيەتچىل تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرىۋاتقان مۇددەت ئىچىدە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش – دەيدىغان، يۇقىرى ئاپتونومىيىلىك  ھوقۇق نورمىسىغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە مۇستەقىللىق كۈرىشىگە تايىنىپ  مۇستەقىل بولالايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەسسىسى، ئوينايدىغان رولى بەك چوڭ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نەزەردە تۇتمايتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش خام خىيالدۇر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار قۇدۇقتىكى ئادەمگە ئوخشاش، قۇتۇلۇش ئامىللىرىدىن مەھرۇم. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسا، قۇدۇق بېشىدا  قاراپ تۇرغان، قۇدۇققا ئاغامچا تاشلاپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە لېكىن ھۇدۇقۇپ، نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمەيۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاش. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تولۇق سەپەرۋەر قىلالىغاندىلا، ئىشىمىز ئۆز يولىغا چۈشىدۇ.

22.09.2018

ئابدۇرەھىمجان