شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى

PHOTO-2018-10-04-00-06-31
ئەسەر ئاپتۇرى:كۈرەش ئاتاخان
-بۇ ئەسەر مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يولىدىكى سادىق دوستلىرىمىزغا، مىللىي مۇستەقىللىق سېپىمىزدىكى جەڭگىۋار قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە سىياسىي كۈرەشلەرىمىزدە مىللىي ئىرادەمىز بىلەن بىر بۇرۇندىن نەپەس ئېلىۋاتقان پىداكار سەبداشلارىمىزغا چىڭ يۈرەكدىن ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئارماغان قىلىندى!
-ئاپتۇردىن

PHOTO-2018-10-04-00-06-31 r1
بىرىنچى بۆلۈم: كىرىش

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى.شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇبارەك بولسۇن!خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان يېرىم ئەسىردىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قانلىق تاپىنىدا يەنجىلىۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ دات-پەريادى كۆككە يەتتى! مىللىتىمىزنىڭ ئۇھ، دېگۈدەكمۇ ھالى قالمىدى.يېرىم ئەسىردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان يۇمشاق ئۇسلۇپتىكى ئازاتلىق كۈرىشىمىز دېگەندەك ياخشى نەتىجە بەرمىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئاتالمىش تېررورىزىمغا قارشى قانۇن چىقىرىپ، مەزلۇم مىللىتىمىزنى ئېتنىك، دىن ۋە مەدىنيەت تەرەپلەردىن پۈتۈنلەي تازىلاش ئىشىنى پىلانلىق، پىروگراممىلىق ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
خىتاي ھاكىمىيىتى بىر پۈتۈن مىللىتىمىزگە تېررورچى، رادىكال ئىسلامچى، خەلقارا جىھادىست دەپ قالپاق كەيدۈرۈپ ئەيىپلىمەكتە. خىتايلار مىللىتىمىزنى يوقۇتۇشتا خەلقارا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى سۈيئستىمال قىلىپ، بىزنى خىتاي دەۋلىتىنى پارچىلاپ، تۈركىستاندا شەرىئەت يولىدا ماڭىدىغان ئىسلامىي خەلىپىلىك قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دەپ جار سېلىپ، خەلقئارا جەمىيەت ئالدىدا بىزنىڭ ئوبرازىمىزنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.
ھازىر خىتايلار ۋەتىنىمىزدە خەلىقئارا تېررورغا قارشى ھەركەتنى سۈيىستىمال قىلىپ، مىللىي ھەركىتىمىزنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە دەۋلەت تېررورىنى ئىشقا سېلىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولىۋەتتى. خىتايلار يەنە مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى كېسىپ تاشلاپ، مىليونلىغان ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ، قانچە مىليون ياش-ئۆسمۈرلەرنى توپدەك سورۇپ، رايوننىڭ دىموگىراپپىك ئېكىلوگىيسىنى بۇزۇپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراتتى
خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتى دەۋلەت دىكتاتۇرىدىن ئىبارەت زور كۈچنى مىللىتىمىزنى ئىتنىك، دىن ۋە مەدىنيەت تەرەپتىن يوق قىلىدىغان دەۋلەت تېررورى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، نەچچە يۈزمىڭ كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇددى تېررورنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مەسۇم مىللەت قىلىپ كۆرسەتتى ۋە دۇنيانى ئالدىدى،
بىزنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ھۈر دۇنيادا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىمىز ئۆزىنىڭ مېۋىسىنى بىرىشكە باشلىدى، مىللىي ھەركىتىمىز خەلقارالاشتى ۋە بۇندىن كېيىنكى كۈرەشلىرىمىزنى يېڭىچە بىر يول، نەزەرىيە ۋە ئۇسلۇپ بىلەن ئوچۇق ئاشىكارە مۇستەقىللىق بايرىقى ئاستىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش تەقەززاسى ئوتتۇرغا چىقتى.
خىتاينىڭ ئېرقىي، دىنىي ۋە مەدىنيەت قىرغىنچىلىقى سەبرىمزنى تاشۇردى. مىللىي ھەركىتىمىزدە بىر يىل، بىر ئاي، ھەتتا بىر سائەتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان، مۇستەملىكە ئاستىدىكى دەۋلىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلار خەلقىمىزنى ھەرىكەتكە تلەندۇرۇپ، ئىنقىلاۋىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق قانىتىنى كۈچلەندۈرۈش پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى. مىللىي ھەركىتىمىز سېپىدىكى ئۈزۈل-كېسىل مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنى ياقىلايدىغان ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەر 2018-يىلى 3-ئايدا گوللاندىيەنىڭ پايىتەختى ئامىستىردامدا باش قوشۇشۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىشنى كۈن تەرتىپكە قويغانىدى.
ئارىدىن يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن فرانسىيەنىڭ پارىس شەھەرىدە يەنى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 09-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داڭلىق سىياسىي پائالىيەتچى دوكتۇر تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ۋە خەلقىمىزگە تونۇلغان تالانتلىق يىغىن باشقۇرغۇچى ئالىمجان مەمەت ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ يىغىن باشقۇرىشى، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىم، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ  لىدىرى سىيىت تۇمتۈرۈك ئەپەندى قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ يۈكسەك مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن يۈرگۈزگەن رىياسەتچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلىقئارالىق يىغىنى تولۇق غەلبە بىلەن ئېچىلپ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت تارىخىمىزدا شەرىپىمىز ۋە ئىناۋىتىمىزگە يارىشىدىغان يېڭى بىر دەۋىر باشلاندى ۋە قەلىبلەردە زىلزىلە پەيدا قىلىپ، دۈشمەننى قورقۇنچتىن ۋەھىمىگە سالىدىغان نادىر بىر سەھىپە ئېچىلدى! راببىم بۇ قۇرۇلۇشنى مىللىي ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن خەيىرلەرگە ۋەسىلە قىلغاي

PHOTO-2018-10-04-00-06-31_3
ئىككىنچى بۆلۈم: مىللىي ھەركىتىمىزدە دەۋىر بۆلگۈچ يېڭى سەھىپە ئېچىلدى

ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى دەۋلەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ خىتايلار بىزگە مەجبۇرلاپ، دۇنياغا جار سېلىۋاتاندەك ئەزەلدىن خىتاي تېرىتورىيەسى ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەم خىتاي ئەمەس! شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئارىمىزدىكى ئىش ئادەتتىكىچە ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسى بولماستىن، مۇستەملىكە قىلىنىش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسىلىسىدۇر! شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئارىمىزدىكى ئىش ئادەتتىكىچە ئىدىئولوگىيە ۋە دەۋلەت تۈزۈلمىسىدكى ئىش بولماستىن  مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان بىر خەلىقنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ، ھۆر ۋە ئەركىن ياشاشتىن ئىبارەت مىللىي مۇستەقىللىق غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسىلىسىدۇر
مىللىي داۋا قوشۇنىمىزدىكى ئوت يۈرەك، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئەزىمەتلەر مىللىتىمىزنى خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشقىچە يول تۇتۇش ۋاقتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىگىنى تونۇپ يەتتى. مىللىي داۋا قوشۇنىمىزدىكى ئوت يۈرەك، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئەزىمەتلەر مىللىتىمىزنى خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى بايرىقى ئەتراپىغا ئۇيۇشتى.شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىدىكىلەر يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىلغان داۋا مېتودىنىڭ ئەمدى تولۇق كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىدىكىلەر ئەمدى مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىدولوگىيسىنى رەسمىي شەكىلدە ئىلمىي پىلانلاش، خەلقارالاشتۇرۇش، خەلقىمىزنى مىللىي مۇستەقىللىق يولىغا يىتەكلەش، مۇستەقىللىق بايرىقى ئاستىدا تەشكىلاتلار ئارا تەشكىللىنىش، پىكىر ۋە ھەرىكەتتە يېڭىچە بىر يول تۇتۇشقا قاراپ يۈزلەندى
ئازغىنە كەم يېرىم يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن كېيىن يەر ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىچكىي ۋە تاشقىي قارشىلىقلارنىڭ ھەر تۈرلۈك زەربىلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ، مۇشۇ ئاينىڭ يەنى 09-ئاينىڭ 27-، 28-، 29- ۋە 30-كۈنلىرى فرانسىيەنىڭ پارىس شەھەرىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەركىتى تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلىقئارالىق چوڭ يىغىننى ئېچىپ، مىللىي داۋا تارىخىمىزدا قەلىبلەرنى زىل-زىلىگە سالىدىغان يىپ- يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
2018-يىلى 28-سېنتەبىر 20 دىن ئارتۇق دەۋلەتتىن كەلگەن، باشتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن 15 كە يېقىن يەرلىك تەشكىلاتلاردىن كەلگەن مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ لىدېرى رابىيە قادىر خانىم، سىيىت تۈمتۈرۈك ۋە كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ تەشرىپ قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەركىتى تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك كونفەرەنسىيەسى باشلىنىپ، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە قۇرۇلماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى قاتارلىقلارنىڭ نىزامنامىسى ماددىمۇ ماددا ئوقۇلۇپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرى ئاساسىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئاۋازى بىلەن ماقۇللاندى. نىزامنامىگە خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسى، مەجلىسىمىز ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرى ۋە مىللىتىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق غايىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋەتەن سىرىتىدىكى 70 يىلغا يېقىن بىر تارىختا يۈز بەرگەن غايەت زور ئىش ھېساپلىنىدۇ
فرانسىيەنىڭ پارىس شەھرىدە 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 27-، 28-، 29- ۋە 30-كۈنلىرى ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كونفەرەنسىيەسىدە قۇرۇلماقچى بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىككى ئالىي ئورگىنىنىڭ نىزامنامىسى چوڭ تۆت بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە تەشكىلاتنىڭ خاراكتېرى، سىياسىي يول خەرىتىسى ۋە غايىسى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇلغان ، نىزامنامىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەجلىسىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ۋە ھەر تۈرلۈك دۇنياۋىي ئەھدىنامىلەر ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ئازاتلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، مىللىي مۇستەقىللىقنى ياقىلايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئورگىنى ئىكەنلىكى تەنتەنە بىلەن تىلغا ئېلىنغان!تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي مەيدانىدىن تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللىي مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت غايىمىزگە قانداق يەتكىلى بولىدىغانلىقى، قانداق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈش، قانداق يوللارغا باش قويۇش ھەققىدە كونكېرىتنى ئىزدىنىشلەردە بولىۋاتقانلىقىنى، تەشكىلات بايرىقى ئاستىغا جەم بولغانلارنىڭ ۋەتەن ئازاتلىغى بىلىم تەلەپ قىلسا بىلىم، مال تەلەپ قىلسا مال، جان تەلەپ قىلسا جان بېرىپ، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزنى بالدۇرراق خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ھەرقانداق بىر بەدەلگە تەييار ئىكەنلىگىنى ئوڭايلا چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى ئۆز-ئارا بىرى-بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە شەكلىدە تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغان، ھازىرچە 15 كە يېقىن چوڭ- كىچىك تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن تەشكىلاتنىڭ ئالىي مەركىزى يەنى كۈنلىكى ھېساپلانغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئورتاق نىزامنامىدا يەنە ھۈر دۇنيادىكى خەلقارالىق تەشكىلاتلار، دەۋلەتلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ھەرقايسى دەۋلەتلەردە ئۆزىنىڭ شۈبە ۋە تارماق تەشكىلاتلىرىنى قۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ فرانسىيەنىڭ پارىس شەھەرىدە تەسىس قىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى قۇرۇلۇپ، مىللىي مەجلىستە يەر ئالغان ۋەكىللەر
1) شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىگىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىگى، مۇستەقىللىقى ۋە ھۈرىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى ئىزچىل قوللايدۇ، ھەمكارلىشىدۇ، يىتەكلەيدۇ، ھىمايە قىلىدۇ.ھۈر دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كېرەك بولغان ھەر تۈرلۈك يوللارنى ئاچىدۇ، خەلىقارادىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىشغال ئاستىدىكى دەۋلىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارالىق ھەمكارلىق شەرتنامىلىرىنى تۈزىدۇ، مىللىتىمىز بىلەن ئىتتىپاقداش مىللەتلەر ۋە خەلقارا تەشكىلاتلار ئوتتۇرسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك كېلىشىمنامىلەرنى تۈزىدۇ، توختاملارغا قول قويىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىمزا ئېتىلغان شەرتنامە، كېلىشىم ۋە توختاملارنى بەجىرىدۇ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ
2) شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىگىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن ئېتنىك، مەدىنيەت ۋە دىنىي قىرغىنچىلىقلارنى ھۈر دۇنياغا ئاڭلىتىپ، ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان كۈچلەر بىلەن پاھال ھەمكارلىشىپ، خەلقىمىزنىڭ مىللىي ماۋجۇتلۇقىنى ھىمايە ئاستىغا ئالىدۇ. بۇ ھەرىكەت يەنە مىللىتىمىزنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى، بولۇپمۇ تىل-يېزىقىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى، ئۆرپى-ئادەتلىرىمىزنى، ئىگىلىكىمىزنى ۋە مىللىي مائارىپىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدەمۇ جىددىي ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ
3) شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىگىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىخىنى، بۇگۈنكى ئىجتىمايى، ئىقتىسادىي، دىنىي، سىياسىي ئەھۋالىنى، ھەمدە خىتاي دەۋلىتىنىڭ مەجبۇرىي ئاسىمىلاتسىيە قىلىش زوراۋانلىقى ئاستىدا مىللىي ئالاھىيدىلىكلىرىمىزنىڭ يوقۇلۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر قاتار كىرزىسلارنى، خەلقارالىق ئۆلچەملەر ۋە بار بولغان ئىمكانلىرىمىز بىلەن توختۇتۇش ۋە ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش، ۋەتىنمىزنى خىتاي ئىشغالىدىن، مىللىتىمىزنى خىتاي زۇلۇمىدىن بىر كۈن، ھەتتا بىر سائەت بولسىمۇ بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ
4) شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىگىدە يوقۇردا تىلغا ئالغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ!مەسلەن: نەشرىيات قۇرۇش، ئىنسىتىتۇت ۋە ئاكادىمىيەلەرنى تەسىس قىلىش، فىلىم ئىشلەش مەركەزلىرىنى بەرپا قىلىش، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ۋە ئەسكىرىي تېخنىكىلارغا ئىگەخادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تەشكىلات ۋە جەمىيەتلەرنى كېڭەيتىش، خەلىقنى مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىئولوگىيەسى بويىچە يىتەكلەش، مىللىي مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان تور ئۇچۇر ۋاستىللىرى ۋە سوتسىيال مېدىيالارنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالاھىيىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، نامايىش، يىغىلىش، كونفىرەنس بېرىش، تەشۋىقات قەغزى تارقىتىش قاتارلىق خەلىق ئۇرۇشىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىك ھالدا كۈرەش قىلىدۇ
5) شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىگىدە خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ قايمۇقتۇرىشى نەتىجىسىدە مۇقەددەس دىنىمىزنى سۈيىستىمال قىلىشدىن كېلىپ چىقىۋاتقان يات مىللەتلەردىن ئىدىئولوگىيىمىزگە سىڭىپ كىرىۋاتقان رادىكال ئىسلامچىلىق، ئۈممەتچىلىك، دىنىي ماسكىغا پۈركىنىۋالغان ھەر خىل شەكىلدىكى خۇراپاتلىق قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دىن بىلەن خەلقىمىزنىڭ، خەلقىمىز بىلەن خەلقارا جەمىيەتنىڭ، خەلىقارا جەمىيەت بىلەن مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ۋە خەلقئارادىكى مىللىتىمىزنىڭ ئازاتلىق كۈرەشلىرىدە بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان، بىزگە ھەمكارلىشىدىغان، بىز بىلەن خىتاي فاشىزىمىغا قارشى سەپتە بولالايدىغان ھەرقانداق كۈچلەربىلەن خەلقئارا ئۆلچەملەر ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مۇستەملىكىسىگە ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرىدىغان مىللىي مۇستەقىللىق بايرىغى ئەتراپىغا توپلايدۇ!
6) شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىگىدە مىللىتىمىز يېتىشتۈرۈپ چىققان ئاكادىمىك كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىنقىلاپنىڭ يېقىن، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇساپىلىك يول خەرىتىسىنى بەلگىلەش، خەلقىمىزنى تەربىيەلەش، تەشكىللەش ۋە يىتەكلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، قىرىنداش مىللەت ۋە دوست تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىلمىي زىيارەت، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئاممىۋىي بىخەتەرلىك، سىياسىي ۋە ئەسكىرىي ئىشلارغا ئائىت كۇرۇسلار، سىمىنارىيەلەر، پىرەزەنتاسسىيونلار ۋە پروجەكىتلەرنى يولغا قويۇپ، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە كېرەكلىك بولغان داغدام يول ھازىرلايدۇ
دەپ بىردەك قارار ئالدى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزگە قوماندانلىق قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىقتى!!!شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى قاتارلىق ئىككى ئورگاننىڭ ئورتاق يول خەرىتىسى ھېساپلىنىدىغان نىزامنامىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە، بىز يوقاردا تىلغا ئالغان ئىتنىك، كۇلتۇرال، دىنىي، سىياسىي، قانۇنىي ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەشكىلاتنىڭ پىلان، پروگىرام ۋە ئىجراھاتلارغا ئائىت مۇھىم يىپ ئۇچلىرى نىسبەتەن چۈشۈنۈشلۈك ئىزاھلانغان.
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى قاتارلىق ئىككى ئورگاننىڭ ئورتاق يول خەرىتىسى ھېساپلىنىدىغان نىزامنامىنىڭ ئۈچىنچى بۆلمىدە بولسا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى كاتېگورىيسىدىكى ئىككى ئورگان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى قاتارلىقلارنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى، تەشكىلات ئاپاراتلىرى، خىزمەت تەخسىماتى ۋە ئىشلەش پىرىنسىپلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى قاتارلىق ئىككى ئورگاننىڭ ئورتاق يول خەرىتىسى ھېساپلىنىدىغان نىزامنامىنىڭ تۆتنجى بۆلۈمىدە بولسا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى قاتارلىقلارلىق ئىككى ئالىي مەركەزنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ۋە ئىدارە ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرى، بۇ قۇرۇلۇشلارغا ئەزا بولۇش شەرتلىرى ھەمدە مالىيە خىزمەتلىرىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر دەۋىر روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان! شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەجلىسىنىڭ نىزامنامىسىنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىنغان بىر قىسىم بار بولۇپ، ئۇنىڭدا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىشى، سايلام پروگراممىسى، مەجلىسنىڭ كۈنتەرتىۋىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار ۋە تەشكىلاتنىڭ ئېھتىياج تۇغۇلغاندا تارقىتىۋىتىلىشىگە ئائىت مەزمۇنلار يەر ئالغان ، خەلقئارا قانۇنلارغا، دەۋلەتلەر ئارا ئەھدىنامىلارغا، ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ
ئۈچۈنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى!

PHOTO-2018-10-04-00-06-31

مىللىي ھەركىتىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆز پروگراممىسىدا مىللىي مۇستەقىللىقنى ئاشىكارە ئوتتۇرغا قويغان مەجلىس ۋە پارتىيە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە خەلىقارالىق بىر تەشكىلات قۇرۇش شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى بايرىقى ئەتراپىغا ئۇيۇشقان باتۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئارزۇسى ئىدى.
2018-يىلى 29-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر يىغىننىڭ كۈنتەرتىۋىگە ئاساسەن ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە قىزغىن ئارزۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ چىقىلغاندىن كېيىن دېموكراتتىك سايلام نەتىجىسىدە تەشكىلات رەئيىسى سايلاپ چىقىلىشى كېرەك ئىدى. يىغىن ۋەكىللىرى تولۇق قاتناشقان ھالەتتە كۆپ سانلىقلنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، ئاز بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، بىر قىسىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئيىسى، سىياسىي پائالىيەتچى دوكتورتۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى تەشكىلات رەئىسلىكىگە سايلاندى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىۋىگە ئاساسەن يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىس كابېنتى
دوكتور تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى(ياپۇنىيە)
ئوسمانجان تۇرسۇن ئۇيغۇرى ئەپەندى(گېرمانىيە)
سادىقجان سەلەي ئەپەندى(گوللاندىيە)
ئالىمجان مۇھەممەت ئەپەندى (گېرمانىيە)
گۈلمىرە زۇنۇن خانىم (ئاۋىسترالىيە)
نۇرەھمەت قۇربان ئەپەندىم(شىۋىتسارىيە)
قۇربانجان ھىسامىدىن ئەپەندى (نورۋېگىيە)،
قاتارلىقلاردىن دېموكراتتىك شەكىلدە سايلىنىپ چىقىلدى
ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتنىڭ 23 كىشىدىن تەركىپ تاپقان تەشكىلات ئىدارە ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى
دوكتور تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى(ياپۇنىيە)
ئوسمانجان تۇرسۇن ئۇيغۇرى ئەپەندى(گېرمانىيە)
سادىقجان سەلەي ئەپەندى(گوللاندىيە)
ئالىمجان مۇھەممەت ئەپەندى (گېرمانىيە)
گۈلمىرە زۇنۇن خانىم (ئاۋىسترالىيە)
نۇرەھمەت قۇربان ئەپەندىم(شىۋىتسارىيە)
قۇربانجان ھىسامىدىن ئەپەندى (نورۋېگىيە)
ئابدۇرەھىم ئوسمان ئەپەندى (تۈركىيە)
ئانادىل ئەپەندىم(شىۋىتسىيە)
دىلمۇرات ئەپەندىم(رۇسىيە)
ئەركىن روزى ئەپەندىم (نورۋېگىيە)
ئىسمايىل ئەپەندىم(ئاۋىستىرىيە)
ئىسمايىل تايىروف ئەپەندىم(قىرغىزىستان)
كەرەم قارىم ئەپەندىم(ئەنگىلىيە)
ئۆمەر تىيىپبەگ ئەپەندىم(شىۋىتسىيە)
قۇربانجان ھىسامىدىن ئەپەندىم (نورۋەگىيە)
راھىدا فاۋرولوۋا خانىم(قازاقىستان)
رىسالەت قەغرىمان قىزى خانىم(بەلگىيە)
شامشىنۇر روزىيېۋا خانىم(قازاقىستان)
تۇرسۇن شامشىدىن ئەپەندىم(نورۋېگىيە)
تۇرسۇن سۈيدۈنلۈ ئەپەندىم(تۈركىيە)
تۇرسۇن ئەپەندىم(فرانسىيە)
تۇرسۇناي ئىسلاموۋنا(قىرغىزىستان)
ئۇبۇلقاسىم ھاجىم ئەپەندىم(فىنلاندىيە)
ياسىنجان ئوسمان ئەپەندىم(نورۋېگىيە)
ۋاقىتنىڭ قىسلىق ۋە بەزى ئىمكانلارنىڭ يار بەرمەسلىگى سەۋەبىدىن، تەشكىلاتقا تەۋە تەپتىش كومىتېتى، ئىچكىي ئىشلار كومىتېتى، تاشقىي ئىشلار كومىتېتى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇق كومىتېتى، مالىيە كومىتېتى، ئانا-بالىلار كومىتېتى، مەدەنىي-مائارىپ كومىتېتى، تەشۋىقات ۋە بايانات مەركىزى، نەشرىيات ۋە تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق بىر يۈرۈش بۆلۈملەرنىڭ تەسىسى ۋە خىزمەت تەقسىماتى مۇۋاپىق بىر پەيىتنى تاللاپ تەشكىلاتنىڭ كېڭەيتىلگەن كېيىنكى قېتىملىق ئىچكىي يىغىنىدا بېكىتىلىپ چىقىلىدىغانلىقى ھەممە ئېتىراپ قىلغان ھالدا بىرلىكتە قارار قىلىندى

 

تۆرتىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ئالىي ئورگىنى دۇنياغا كەلدى

PHOTO-2018-10-04-00-06-31

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان 1950-يىلدىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دەۋلەت دىكتاتورسىنى، ئەمدى بولسا دەۋلەت تېررورىنى ئىشقا سېلىپ، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ماۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئاسمىنىغا يامغۇر ئەمەس، ئاپەت ياغدۇرىدىغان قارا بۇلۇتتەك قەدەممۇ قەدەم باستۇرۇپ كېلىپ، ۋەتەننىڭ باغۇ بوستانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ، مىللىتىمىزنى رەھىمسىزلىك بىلەن يوقۇلۇش گىرداۋىغا قىستاپ كىردى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارادا يامرىغان ئاتالمىش تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرى، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەر، ئېرقىي، دىن ۋە مەدەنىيەت دۈشمەنلىكى قاتارلىقلاردىن، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىتنىك، تىل-يېزىق، ئۆرپى-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقات تەرەپتىن پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرىۋېتىش قەدىمىنى تىزلەتتى
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مىللىتىمىزنى بۇزەك قىلىپ، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىمىزنى تالان-تاراج قىلىپلا قالماي مىللىي پىسخىكىمىز، مىللىي ئىتنىك ئېڭىمىز، مىللىي ئىرادىمىز ۋە مىللىي ئېتىقادىمىزنى مەجبۇرلاش چارىسى بولغان زورلۇق-زوراۋانلىق ۋاستسى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇزاققا بارماي مىللىتىمىزنى پۈتۈنلەي تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن مۇزېيخانىدىكى بىر خەلىققە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا!
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى باشتا مىللىتىمىزنىڭ مىللىي مائارىپىنى كاردىن چىقاردى، ئاندىن ئىقتىسادىي جان تومۇرىمىزنى ئۈزۈپ تاشلىدى، ئاندىن پەرزەنتلىرىمىزنى بىزدىن تارتىۋالدى، ئاندىن مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان دىنىي ئۆلىمالارىمىزنى كۆزدىن يوقاتتى، ئەمدى بولسا پەن ئالىملىرى، ئەدىپلەر، سەنئەتكارلار ۋە مائارىپچىلارنى يىغىپ، ئەقلى ئويغاق ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان 3 مىليون كىشلىك جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، مىللىتىمىز ئۈستىدىن ئېرقىي، كۇلتۇرال ۋە دىنىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي باشلىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇسۇلمان خەلقىمىزنى، دىنىمىزدا مەنىي قىلىنغان غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆيلىك-ئوچاقلىق بولۇش، چوشقا گۆشى يىيىش، ھاراق-شاراپ ئىچىش، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇقچىلىققا بېرىلىش ۋە خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى خىتاي قىزلىرى بىلەن زىنا قىلىشقا مەجبۇرلاش، يات ئەرلەرنى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئۆيىگە، مۇسۇلمان ئەرلەرنى خىتاي خوتۇنلارنىڭ ئائىلىسىگە ئارلاشتۇرىۋېتىش، قارشىلىق قىلغانلارنى تۇتۇش، سولاش، تۈرمىگە تاشلاش، سۈرگۈن قىلىش، ئائىلە بالا چاقىلىرىدىن ئايرىۋىتىش…قاتارلىق يۈزلىگەن ئىسكەنجە تۈرلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سېلىپ، خەلقىمىزنى نورمال تەپەككۇر قىلالمايدىغان، ئەركىن پىكىر قىلالمايدىغان، ئۆزىنى قوغداشقا ھەرقانداق بىر يول بىلەن پېتىنالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيىتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى ئۇخلاۋاتقان بولسا كۆزىنى ئاچتى، ياتقان بولسا ئولتۇردى، ئولتۇرغان بولسا دەس ئورنىدىن تۇردى، دەس تۇرغان بولسا خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان مەيدانلارغا يۈگۈرەپ، مۇھاجىرەتتە مىللىي داۋانىڭ مۇستەقىللىق قانىتىنى كۈچەيتىش، ئەركىن دۇنياغا مىللەتنىڭ ھۆر ئىرادىسىنى نامايان قىلىشقا ئاتلاندى.
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى بۇ يىل 3-ئايدا گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردام شەھەرىدە بىر يەرگە كىلىپ، ئىسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرەتلىرى قاتارلىق زاتلارنىڭ 60 يىل ئاۋال مۇھاجىرەت دۇنياسىدا باشلىغان مىللىي داۋانى تىنچ شەكىلدە خەلىقارالاشتۇرۇش مېتودىنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەنلىگىنى، مىللىي داۋانىڭ مۇستەقىللىق قانىتىنى قۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىچە بىر پىكىر، يېڭىچە بىر نەزەرىيە ۋە يېڭىچە بىر يولنىڭ تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشقان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى يېرىم يىلدىن ئارتۇق مۇزاكىرە، ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە خەلقىمىزدىن پىكىر ئېلىش داۋامىدا، مىللىي ھەركىتىمىزدە دەۋىر روھىغا ئۇيغۇن، ھەر تەرەپتىن زامانىۋىيلاشقان ۋە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر ئالىي ئورگان تەسىس قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزنى بەرپا قىلىشتا ئىلگىرى قۇرۇلۇپ باقمىغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئىقتىدارى كۈچۈك، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنى قۇرۇشنى كۈن تەرتىپكە قويغانىدى
بۇ يىل يەنى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىۋىگە ئاساسەن، ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنى ياقىلايدىغان خەلقارادىكى 15 دىن ئارتۇق تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئالىي ئورگان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىدىن ئىبارەت قۇرۇلۇشنى غەلبىلىك قۇرۇپ چىقىپ پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى قۇرۇلۇش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاۋىنىڭ سىياسىي مەركىزى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقىسىدىكى تىرەك، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى تۈۋرۈك ئىكەنلىگىنى قەيىت قىلىشتى
يىغىن ئەھلى تولۇق دېموكراتتىك شەكىلدە سايلام ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ تونۇلغان لىدىرلىرىدىن سىيىت تۇمتۈرۈك ئەپەندىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىگە رەئىس قىلىپ سايلاپ چىقتى
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى سايلام گورۇپىسى يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپاراتىنى دىموكىراتتىك شەكىلدە سايلاپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپاراتىنى تۆۋەندىكىدەك تۇرغۇزۇپ چىقتى

db340478-e8a4-4c86-a93f-2032a7f01d57 rf2

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى: سىيىت تۇمتۈرۈك ئەپەندى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى مەسلىھەتچىلىرى :

رابىيە قادىر خانىم (ئامرىكا)
تۇرسۇن ھاجىم ئەپەندى (قازاقىستان)
يەھيا قارىم ئەپەندى (نورۋەگىيە)
قۇربان ۋەلى ئەپەندى (ئامرىكا)
ئۈمۈت ئاگاھى ئەپەندى(گېرمانىيە)
مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى (ئاۋىستىرالىيە)
نۇرى مۇساباي ئەپەندى(ئامرىكا)

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى كابېنت ئەزالىرى:
دوكتور تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى (ياپونىيە)
ئالىمجان مەمەت ئەپەندى (ئالمانىيە)
قۇربان ئارىف ئەپەندى (نورۋەگىيە)
قۇربانجان ھېسامىددىن ئەپەندى (نورۋەگىيە)
گۈلمىرە زۇنۇن خانىم (ئاۋىستىرالىيە)
سادىقجان سەلەي ئەپەندى (گوللاندىيە)
رىسالەت ئارىپوۋا خانىم(بەلگىيە)
ئابدۇمالىك ئەپەندى(قازاقىستان )
ئابدۇشۇكۇر سامساق ئەپەندى(شىۋىتسىيە)

قاتارلىقلار سايلاپ چىقىلدى، ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كابنتلار قۇرۇلىشى، ۋەزىپىلەرنىڭ تەقسىم قىلىنىشى ۋە ئەزالارنىڭ تولۇقلاپ سايلىنىشى سايلامدىن كېيىنكى مەجلىس يىغىنلىرىغا قالدۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ئالىي ئورگىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەسمىى دۇنياغا كېلىپ، مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدىكى مىللىي ھەركىتىمىزدە ئۆزىمىزگە يارىشىدىغان بىر ئالتۇندەك سەھىپە ئېچىلدى! شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى تەركىۋىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي ئالىي ئورگىنى بولۇپ، دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى بولسا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈنچى پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى بىلەن بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە داۋا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان جۇنھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن رەسمىي ئورتاقلاشتى!
بەشىنچى بۆلۈم: خۇلاسە

2018-03-22-PHOTO-00002151

بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختىن بېرى قۇللۇقتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىدىغان، ھۈر ئىرادىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدىغان، ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق ۋە جەسۇر بىر خەلىق. شۇنداق بولغاچقا خىتايدىن ئىبارەت ئاپەتكە ھەرگىز باش ئەگمەي 21-ئەسىرگە ئۇلاشقىنىمىزنىڭ ئۆزىلا، مىللىتىمىزنىڭ ھەرگىز يوق بولمايدىغانلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر! بىز ئۇيغۇرلار كىيىنكى ئىككىي يۈز يىل جەريانىدا ھاكىمىيەت تەرەپتىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بولساقمۇ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي پوتىنسىيالىمىز بولغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئەسىلى قاننىڭ خۇسۇسىيەتتلىرىنى ساقلاپ كەلدۇق. مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپى ئادەتلىرىمىزنى ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنىمىزنىڭ قائىدە پىرىنسىپلىرىغا ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيىتىمزنى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىزنى تارىخ سەھىپىسىدن يوق قىلىۋېتىشىدىن ئىبارەت قارا نىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ  كەلدۇق!
بىز ئۇيغۇرلار يىلتىزى چوڭقۇر، يۇلتۇزى پارلاق بىر مىللەت! ئادىمىيلىك جەھەتتىكى دۇرۇستلۇقىمىز، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇيغارلىقىمىز ۋە دىنىي جەھەتتىكى تەقۋالىقىمىز ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە شاپائىتىگە نائىل بولىشىمىزغا سەۋەپ بولۇپ كەلدى. خىتاي زۇلۇمى بىزنى بىرلەشتۈردى، خىتاي زۇلۇمى مەنىۋىي تەرەپتىن بىزنى كۈچلەندۈردى ۋە خىتاي زۇلۇمى مىللىي خاراكتېرىمىزدا تىللاردا داستان بولىدىغان قەھرىمانلىقلارنى ئاپىرىدە قىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى دەۋلەتچىلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە، سىياسەتكە ماھىر خەلىق بولغاچقا، ئۆزىگە ئىشىنىپ ھەرىكەت قىلسىلا، دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردەك كۈچىيەلەيدۇ، قەددىنى كۆتۈرەلەيدۇ ۋە يەنە ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ چىقالايدۇ
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىزدىنمۇ قانچە ھەسسە كۈچلۈك دۇنيانى قانچە يۈز يىل سورىغان مۇڭغۇللارنى، ھەتتا بىر ئەسىر ئاۋال دۇنيادا قۇدرەتلىك دەۋلىتى بولغان مانجۇلارنىمۇ تارىخنىڭ ئەسكى سەھىپىسى ئىچىگە كۆمۈپ تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇيىنى تەۋرىتەلمىدى. شۇنداق بولغاچقا بارغانچە ئەسەبىيلىشىپ،“بىز خىتايلار خەلقئارا تېررورىزىمنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىللەت“ دىگەن ئاتالمىش ساختا مەيداننى ياساپ چىقىپ، مىللىتىمىزنى دەۋلەت تېررورىنى ئىشقا سېلىپ قاتتىق باستۇرۇپ باققان بولسىمۇ، ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. خەلقىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇتىھەملىكىگە قارشى ھالدا ھەر خىل مەيدانلاردا كۈرەش قىلماقتا. خىتاينىڭ ۋەتىنىمزدىكى يولسىزلىقلىرى، ئادالەتسىزلىكلىرى، ئۆكتەملىكلىرى مىللىي روھىمىزدا خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىگە قارشى قىساس ئوتىنى كۈچەيتمەكتە
خەلقىمىز خىتايلارنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇردى. بىزنىڭ يوقارقى بايانلىرىمزغا مىللىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى سىيىت تۇمتۈرۈك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىس مەسلىھەتچىلىرى ۋە كابېنت ئەزالىرىدىن،
رابىيە قادىر خانىم (ئامرىكا)
تۇرسۇن ھاجىم ئەپەندى (قازاقىستان)
يەھيا قارىم ئەپەندى (نورۋەگىيە)
قۇربان ۋەلى ئەپەندى (ئامرىكا)
ئۈمۈت ئاگاھى ئەپەندى(گېرمانىيە)
مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى (ئاۋىستىرالىيە)
نۇرى مۇساباي ئەپەندى(ئامرىكا)

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەيىسى كابېنت ئەزالىرى:
دوكتور تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى (ياپونىيە)
ئالىمجان مەمەت ئەپەندى (ئالمانىيە)
قۇربان ئارىف ئەپەندى (نورۋەگىيە)
قۇربانجان ھېسامىددىن ئەپەندى (نورۋەگىيە)
گۈلمىرە زۇنۇن خانىم (ئاۋىستىرالىيە)
سادىقجان سەلەي ئەپەندى (گوللاندىيە)
رىسالەت ئارىپوۋا خانىم(بلگىيە)
ئابدۇمالىك ئەپەندى(قازاقىستان )
ئابدۇشۇكۇر سامساق ئەپەندى(شىۋىتسىيە)
شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى رەئىسى دوكتور تۇرمەمەت ھاشىم .مۇئاۋىن رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن ئۇيغۇرى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىستا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنى چاقرىپ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققانلىقى پولاتتەك پاكىت بولالايدۇ!
ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مىڭ يىللاپ داۋاملىشىپ كىلۋاتقان  ھايات پۈتۈنلەي تاجاۋۇزچى خىتايلار تەرىپىدىن خانىۋەيران قىلىنغان، خەلقىمىز ئۆلۈم بىلەن بوغۇشىۋاتقان ۋە مىللىتىمىز خانىۋەيران قىلىنىپ، ۋەتىنىمىز تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان تالان-تاراجغا ئۇچرىغان بۇ دەۋىردە 2018-يىل 09-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2018يىلى 09-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە 15 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنى مىللىي مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئۆز بايرىقى ئاستىغا توپلىغان شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسنى ئارقىسىدىن يۆلەپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەۋىر بۆلگۈچ زور ئىشتۇر.

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشۋىقات مەركىزى
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 05-كۈنى گېرمانىيە

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …