ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئېڭى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر

PHOTO-2018-06-06-21-58-55

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك

ئېڭى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر

 

تېمىغا كىرىشتىن ئاۋۋال « ئاڭ » توغرىسىدا  ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. ئاڭ – ئوبيېكتىپ شەيئى، ئوبيېكتىپ ۋەقە ۋە  ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇم ئاساسىدا، ئادەم مېڭىسىدە شەكىللەنگەن ئىنكاسىدىن ئىبارەت سوبيېكتىپ چۈشەنچىدۇر. ئادەم مېڭىسىدە چۈشەنچە ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن  ئوبيېكتىپ شەيئى، ۋەقە، ھادىسە بولىشى ئالدىنقى شەرت. ئوبيېكتىپ شەيئى، ئوبيېكتىپ ۋەقە بولمىسا ئادەم مېڭىسىدە ئىنكاس شەكىللەنمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاڭنىڭ قانداق شەكىللىنىشىدە، ئاكتىپ ياكى پاسسىپ بولىشىدا، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئوبيېكتىپ ۋەقەلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىم مۇتلەق ئاڭ توغرىسىدىكى چۈشەنچە بولماستىن،  بەلكى ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئوبيېكتىپ ۋەقەلەر بىلەن ئاۋام  پۇقرالارنىڭ چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىلىك رول ئوينايدىغان يەنە بىر « ئىككىلەمچى ئوبيېكتىپ» تىن ئىبارەت يېتەكلىگۈچى، ئەگەشتۈرگۈچى ئاڭدۇر. يېتەكلىگۈچى ئاڭ ھەم ساختىلىقنى ھەم چىنلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ بىرەر جەمئىيەتتە، بىرەر دۆلەتتە ئومۇمى خەلقنىڭ چۈشەنچىسىنى يېتەكلەيدىغان يوشۇرۇن قورال رولىنى ئوينايدۇ. يېتەكلىگۈچى ئاڭنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇ پەلسەپىۋى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، ياكى دىنى نەسىھەت شەكلىدە رول ئوينىشى، قانۇن، تۈزۈم تەرىقىسىدە، ئەخلاق مىزانى ئۆلچىمىدە نامايەندە بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قايسى شەكىلدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئىنسانلارنى قايىل قىلىش، ياكى مەجبۇرلاش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ئەگەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش كۈچى ئارقىلىق « ئىككىلەمچى ئوبيېكتىپ » دەرىجىسىدە قىممەت ياراتقان تۈرىدۇر.

 

ئاڭ بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى باغلىنىشلارنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى، شۇنى بىلىۋېلىش لازىمكى، ئىنسانلار ھەممىدىن ئاۋۋال ئەقىللىق- ئەقىلسىز، كۈچلۈك ۋە ئاجىز قاتارلىق ئىخچام دائىرىدە تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ئەقىللىقلار ھەر دائىم كۈچلۈكلەر بىلەن يانمۇ- يان ھەمكارلىق ئورنىتىپ ماڭىدۇ. ئەقىلسىزلەر بىلەن كۈچسىزلەر جەمئىيەتتە ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن تەبىقىگە مەنسۇپ بولىدۇ. مەلۇم بىر جەمئىيەتتە، مەلۇم بىر دۆلەت تەۋەلىكىدە ياشايدىغان ئومۇمى پۇقرالار قاتلامغا ئايرىلغان شەكىلدە، شۇ جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىدارىچىلىرى تەرىپىدىن پادىلار توپى نەرقىدە يېتەكلىنىدۇ. پۇقرالارنى بىمالال يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان يېتەكلىگۈچى ئاڭ  ۋاستىچىلىك قىلمىغان تەقدىردە، جەمئىيەت تەرتىۋىنى ساقلاش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى،  قەدىمكى جەمئىيەتلەردىن كۈنىمىزگىچە تەكرار ئىسپاتلىنىپ كەلمەكتە.

 

بىرەر جەمئىيەتنىڭ تەرتىپ، ئىنتىزام بىلەن مۇقىم تۇرىشىدا قاتتىق كۈچنىڭ ۋاستىسىدىنمۇ بەكراق، يېتەكلىگۈچى ئاڭنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ. يېتەكلىگۈچى ئاڭ مەيلى  پەلسەپىۋى بىلىم، ئىنسانى ئەخلاق قائىدىلىرى شەكلىدە بولسۇن، ياكى دىنى ئەخلاق، ئەن- ئەنىۋى ئادەت تەرىقىسىدە رول ئوينىسۇن، ئۇ كۈچلۈكلەرنىڭ، ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاشكارا، يوشۇرۇن تىزگىنلىشىدىن ۋە ئىدارە قىلىشىدىن خالى، ئۆز ئالدىغا ماغدۇرلىنالمايدۇ ۋە رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا يېتەكلىگۈچى ئاڭ بىلەن ئىدارىچىلارنىڭ تەقدىرى چەمبەر چاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.

 

« ئاڭ  » نى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ چۈشىنىش مۇمكىن.

1 .) ھېسسىيات باسقۇچىدىكى سېزىمچانلىق. ئاڭنىڭ ھېسسىيات باسقۇچى تۇغۇلما تەبىئى خۇسۇسىيەت بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ، ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئوبيېكتىپ ۋەقەلەردىن دەسلەپتە قوبۇل قىلغان ساددا ئۇقۇمنىڭ ئۆز ئورنىدا ئايلىنىش جەريانىدۇر. بۇنداق  ساددا ئۇقۇم ھالىتىدە ساقلىنىدىغان ئاڭ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ماكاننىڭ ئالمىشىشى بىلەن مەلۇم تەسىرگە ئۇچرىسىمۇ، بۇرۇنقى ساقلانمىلاردىن پەرقلىق يېڭى ئىنكاس ئىپادىلەپ كەتمەيدۇ. ھەم سېلىشتۇرۇپ، يېڭى بىر مەزمۇننى يەكۈنلەپ چىقالمايدۇ. بۇنداق ئاڭنىڭ سىرتقا كۆرسىتىدىغان ئەكسى تەسىرىمۇ كۆرۈنەرلىك قىممەت يارىتالمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاڭغا-  بىردەملىك ھورى بېسىقىدىغان ھاياجان، تەلۋە ھېسسىيات – دەپ، باھا بېرىلىدۇ ھەم كۆزگە ئىلغۇدەك، ئاقىۋىتىدىن بىرەر نەتىجە كۈتكۈدەك، ياكى ئەندىشە پەيدا قىلغۇدەك سەۋىيىگە يەتمەيدۇ. چۈنكى ھېسسىيات باسقۇچىدىكى ئاڭ بالىلارچە ئەگەشمە، كۆنۈكمە، ئالدىنىش، پۇشمان قىلىش، ئۆكۈنۈش، زارلىنىش، دەرھال بىزار بولۇش، ھاياجانلىنىش، ۋاز كېچىش قاتارلىق تېز ئۆزگۈرىشچان كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسىگە ھامىلە بولغاچقا، ئۇنىڭدىن پەۋقۇلئاددە چوڭ بىر نەتىجە ياكى خەۋپ خەتەر كېلىپ چىقمايدۇ.

 

2  .) تەپەككۇر باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن ئاڭ. ئوبيېكتىپ شەيئى، ئوبيېكتىپ ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى تونۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشلىرىدىكى، جەريانىدىكى ۋە سۈپەتلىرىدىكى پەرقلىق ھەم پەرقسىز قىممەتلىرىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك بىردەكلىكىنى ۋە شۇنىڭدەك ئىچكى زىددىيەتلىك تۈگۈنلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئىسپاتلاپ چىقىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئاڭ  – تەپەككۇر باسقۇچىغا يەتكەن ئاڭ بولىدۇ. ئاڭنىڭ تەپەككۇر باسقۇچى تولۇق ئەقلىي ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ ھېس- تۇيغۇ، سېزىم يوللىغان پارچە ئۇقۇملارنىڭ ماھىيەتلىرىنى يېشىش، تۈرگە ئايرىش، بىرىكتۈرۈش، يەكۈنلەش ۋە ھۆكۈملەش قاتارلىق مۇرەككەپ پائالىيەتلەرنى بېجىرىدۇ. ئاڭنىڭ تەپەككۇر باسقۇچىغا يەتكەنلىكى ئىنساننىڭ كامالەتكە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

3 .)  يېتەكلىگۈچى ئاڭ. ( ئەگەشتۈرگۈچى ئاڭ) ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ بۇ باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكى، پەۋقۇلئاددە ئەقىل بىلەن بىرگە ئۇزۇن يىللىق ئەقلىي ئەمگەكنىڭ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېتەكلەش ئېڭىغا ئىگە كىشىلەر ئاساسەن پەيلاسوپلار، مۇتەپەككۇرلار، دىنى يېتەكچىلەر قاتارلىق ئاۋامنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، جەمئىيەتنى، ئاۋامنى يېتەكلەيدىغان  كىشىلەردۇر.

 

4  . ) بېقىندىلىق باسقۇچىدىكى ئاڭ. مەلۇم جەمئىيەتتە، ياكى مەلۇم دۆلەتتە ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا مەنسۇپ خەلق توپىدىكى، شۇنىڭدەك دىكتاتورلۇق، ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرىدىغان جەمئىيەتتىكى ئاڭ يېتىلىشتىن، شەكىللىنىشتىن باشلاپلا پائالىيەت جەريانىغىچە مەلۇم تۈزۈمنىڭ ئاستىدا، چەكلىك مۇھىتتا قىسىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھامان باشقىلار كۆرسىتىپ، تەييارلاپ بەرگەن، باشقىلار تۈزۈپ بەرگەن ۋە رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە ئۆزىنى نامايەندە قىلىدۇ. بۇنداق سىنىپ، تەبىقىگە مەنسۇپ ئاڭلىق ئادەملەر، گەرچە ئاۋام پۇقرالارغا نىسبەتەن مۇتەپەككۇر، يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەر-دەپ سانالسىمۇ، لېكىن يۇقىرىنىڭ، كۈچلۈكلەرنىڭ ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ يول- يورۇقىسىز ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشتىن، پىكىر تەقدىم قىلىشتىن مەھرۇم بولىدۇ.

 

5 .) قايمۇقتۇرۇلغان ئاڭ. ( ماناپول قىلىنغان ئاڭ) ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئەپلىك، چىقىمسىز، خەتەرسىز ئۇسۇلى ئاڭنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرۇشتۇر. ئېڭى قايمۇقتۇرۇلغان كىشىلەر، كۆزىنى تېڭىپ جۇۋازغا قېتىپ قويغان ئۆكۈزنىڭ ئورنىغا چۈشىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىنسانلاردا  ئاڭ شەكىللەنگەن ئىپتىدائى دەۋرلەردىن باشلانغان بولۇپ، زامان ئاخىرغىچە داۋاملىشىدۇ. يەنى ئىنسانلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئاڭنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاڭنى ماناپول قىلىپ جەمئىيەتنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھېلىسى بىر نەپەسمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

 

ئاڭنىڭ قايمۇقتۇرۇلۇشى پەرقلىق جەمئىيەت ۋە ئوخشاشمىغان دۆلەتلەردە ئېھتىياجغا قاراپ ھەرخىل ئۇسۇل، ھەرخىل شەكىللەردە ئەمەلىيلىشىدۇ. ئوتتورا شەرق، ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى مۇستەبىت، دىكتاتور ھاكىمىيەت مەنپەئەتدارلىرى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا، دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدۇرۇپ، خەلقنى دېموكراتىك سىستېمىدىن يىرگەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭدەك غەرب ئەللىرىدىمۇ تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، مۇسۇلمان ۋە ئەرەب، ئافرىقا ئەللىرىدىكى  قالاقلىق ۋە قاششاقلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىسلام دىنىغا يۈكلەش بىلەن توختاپ قالماي، ھەر تۈرلۈك تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىسلامغا باغلاپ، مۇسۇلمانلارنى يىرگىنىشلىك كۆرسىتىدۇ. شۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ  ئىسلام ئەللىرىدىكى سۈمۈرۈلۈۋاتقان ئەمەلى ئەھۋاللارغا ھېسسىداشلىق بىلدۈرۈش تۇيغۇلىرىنى تىزگىنلەيدۇ.

 

مەيلى تەرەققى تاپقان، زامانىۋى مەدەنىيەتلىك ئەللەردە بولسۇن، مەيلى نامرات، قالاق ئەللەردە بولسۇن ئاۋام پۇقرالار ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق  شەكىلدە قايمۇقتۇرۇلىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئېڭىنى قايمۇقتۇرۇپ ئىدارە قىلىش بولسا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش چارىسىدۇر.

 

قوشۇمچە سۆزلەرنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، ئەسلىدىكى تېمىغا كەلسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ  تەپەككۇر قىلىشتىن ۋە ئوبيېكتىپ ماھىيەتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت، ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن دەۋر 17. ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. يەنى سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ شاھزادىلىرى تەخت تالىشىش ماجىراسىنى ئۇلغايتىپ، دۆلەتنى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا   سۆرەپ كىرىشى ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىنى رەتكە سېلىش، پۇقرالارنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان سۇپى، ئىشانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى، ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان تەپرىقىچىلىكلەر پۈتۈن بىر دۆلەت پۇقرالىرىنى تەركى دۇنيا، سۇپى، ئىشان، خۇدادىن باشقىنى ئۇنۇتقان، خار، زەبۇن بىر ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى. دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۇلىدىن تەۋرىنىپ قالغان، پۇقرالار ئاڭسىز، قالاق، قاششاق، ھورۇنلاشقان، ھەممە تەرەپتە تەركى دۇنيالىق، مازار پەرەسلىك باش كۆتۈرۈپ، زاۋاللىققا تولۇق يۈزلەنگەن پەيتىدە، ئاپپاق غوجىنىڭ خائىنلىق ئىسيانى غەلىبە قىلغان ئىدى. سەئىدىيە تۇپرىقىدا ياشاپ تۇرۇپ، پادىشاھلىققا بەيئەت قىلماي، يايلاق شاھى بولىۋالغان ئىسيانكار قالماقلارنىڭ، خائىن ئاپپاق غوجىغا ماسلىشىشى بىلەن، شانلىق سەئىدىيە دۆلىتى يىقىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاپپاق غوجىنىڭ قالماق ھەربى تۈزىمى ئاستىدىكى قورچاق پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىققاندىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر خەلقىگە قۇللۇق تۈزىمى يۈرگۈزۈلدى. ھەر بىر پۇقرا پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، بىر كۈننى بالا – قازاغا ئۇچرىماي، ئامان- ئېسەن بالاچاقىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈۋالسا، خۇداغا يۈزمىڭ شۇكرى ئېيتىدىغان ھالغا چۈشتى. بويىغا يەتكەن قىزلىرىنى قالماقلارغا خوتۇنلۇققا تاپشۇرۇشى ۋاجىپ بولدى. قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللار قالماقلارغا قۇل قىلىپ تاپشۇرۇلاتتى. ئۇلارنى قالماق خوجايىنلار خالىسا ئىشلىتەتتى. خالىسا قۇل بازىرىدا ساتاتتى. پۇقرالار پادىشاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇش ۋە خۇدانى ياد ئېتىشتىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئويلىمايتتى. زۇلۇمنى ھېس قىلغانلار ئىسيان كۆتۈرۈپ بېشىنى يەيتتى. ئۇيغۇرلار قاتمۇ قات زۇلۇم ۋە توختاۋسىز ئىسيان ئاستىدا ئۆزلىكىدىن ئايرىلدى. بىر ئەسىرگە يېقىن داۋام قىلغان خورلۇق، زۇلۇمغا قارشى ئىسيان پۈتۈن بىر مىللەتنى چۆكتۈرگەن پەيتتە، مانجۇرلارنىڭ ئىستىلاسىغا مەھكۇم بولدى.

 

تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان بىر ھەقىقەت باركى، ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كەتمىدى. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇپ كەلگەن،  زۇلۇم ئىجرا قىلغان قالماقلار ۋە مانجۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېرىپ يوقالدى، ياكى مۇنقەرزلىكتە تولۇق ۋەيران بولدى. بىراق مۇشۇنداق ئەسىرلەپ داۋام قىلغان زۇلۇم ئۇيغۇرلارنى ئاڭسىزلاشتۇردى. ئۇيغۇرلاردىكى ئاڭ پەقەت ھېسسىيات باسقۇچىدىن ھالقىمىدى. ھەر قېتىمقى ئىسيانلارنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە : ئۇيغۇرلارنىڭ ئايالىغا، قىزلىرىغا « كاپىرلار » نىڭ قول سېلىشى، ياكى ئۇيغۇرلار سۇ ئىچىدىغان كۆلگە كاپىرلارنىڭ توڭگۇزى كېچىپ قويىشى قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەپچى بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال قوزغىلىدىغان ھېسسىياتىغا چېقىلمىسىلا، كاپىر بولامدۇ، يانا بىرسى بولامدۇ خالىغىنىنى قىلىۋېرەتتى.

 

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندىمۇ، پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى، ھەتتا جەنۇبى ئافرىقىلىققىچە ۋەتەن، دۆلەت، مىللەت چۈشەنچىسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللى ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە ئېقىنلاپ كىرىپ كېتىۋاتسا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىۋاتقان، ئۆزىدىن يۈز ھەسسە ئاجىز، قالدۇق مانجۇر ھۆكۈمرانلىرىغا، قورچاق شاھلارغا بويسۇنۇپ ئۆتۈشكە رازى ئىدى. چۈنكى ئۇ قالدۇق، يات تائىپىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىمىغان ئىدى.

 

مۇشۇ يەردە بىر سېلىشتۇرمىنى قوشۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. 1932. يىللىرى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىنقىلاب، ئىسيان قايناپ تاشتى. قۇمۇلدا خوجا نىياز پالۋان، تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، كۇچاردا غازى تۆمۈر ئەلى، خوتەندە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق رەھبەرلەر ئىسيان، ئىنقىلابلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. يۇقىرىدىكى تۆت رەھبەرلەردىن ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرنىڭ چاقىرىقى، خەلق ئىچىدە لايىقىدا قوللاشقا ئېرىشىپ كېتەلمىدى. ئۇنىڭ ئەتىراپىدا مۇھىتى ئائىلىسىدەك ھاللىق ھەم چەتئەل كۆرگەن ئاڭلىق كىشىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغاندىن باشقا، ئاۋام پۇقرالار تازا دېگەندەك قوللاپ كەتمىدى. چۈنكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شۇ زاماندىكى يېتىشكەن زىيالىي، دەۋرىنىڭ مۇتەپەككۇرى بولۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى بىلەن، ۋەتەن- مىللەتنى قۇتقۇزۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش، خەلقنى نادانلىقتىن، قالاق، قاششاق، خورلۇقتىن قۇتقۇزۇپ ئاڭلىق، مەدەنى، باياشات، بەختىلىك مىللەت سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى. بىراق ئۇنىڭ تەشۋىقات ۋە چاقىرىق ۋاستىلىرى شېئىر، دراما، كومېدىيە، سەھنە ئەسىرى، ئادەتتىكى نۇتۇقلار بولۇپ، ئۇ ھېچكىمگە ئۇ دۇنياغا بارغاندا جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلمايتتى. ئەكسىچە تىرىك تۇرۇپ خۇددى گۇناھكار مۇردىغا ئوخشاش، دوزاخ ئازابىدا جازالىنىۋاتقان بىر مىللەتنى قۇتقۇزۇشقا، ئۆز مۈلكى بولغان ۋەتەننى دۇنيادا جەننەتكە ئايلاندۇرۇپ، جەننەتنىڭ راھىتىنى كۆرۈشكە چاقىرغان ئىدى. ئاڭسىز خەلق ئۇنى مۇرتەت، بەت مەزھەپ، جەدىت دېگەندەك، ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرنى قالپاق ياساپ، كىيدۈرۈشكەن  ۋە ئۇنىڭدىن قاچقان ئىدى. ئەمما كۇچاردىكى غازى تۆمۈر ئەلى، خوتەندىكى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، (كېيىنچە) غازى خوجا نىياز ھاجىلارنىڭ ئۇرۇش چاقىرىقلىرى جىھاد قىلىپ، غازات قىلىپ ئۆلسە شەھىت، قالسا غازى بولۇش، جەننەتكە كىرىش، مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئېرىشىشنى ۋەدە قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ جىھادلىرى غەلىبە قىلىپ، كېيىن ھۆكۈمەتنى خىتايغا بىكارغا سېتىۋەتكىچە بىر مەزگىل شەھەر سورىغان ئىدى. شۇ زاماندىكى جەڭگە قاتنىشىدىغان پىداكارلاردا ۋەتەن، مىللەت، دۆلەت، مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق دېگەندەك سىياسى ئاڭ يوق ئىدى. ئۇلار ئىمان ئۆلچىمى بىلەن جىھاد قىلىدىغان بولغاچقا، كېينكى نۇرغۇن جەڭلەردە، ئۆزلىرىدىن ئون ھەسسە ئاز، ئاجىز، خەلق ئاساسى يوق، كۆچمەن تۇڭگان قوشۇنلىرىغا يېڭىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، تۇڭگانلاردىكى ئۇرۇش تاكتىكىسىدا قوللانغان دىنى تەبلىغلەر مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇر غازاتچىلىرى تۇڭگان جەڭچىلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئىمانى كامىل – دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، تۇڭگانلارغا قارشى تىغ كۆتۈرمەي، ئالدىنقى سەپ جەڭلىرىدە مەغلۇب بولاتتى. كېيىنكى جۇمھۇرىيەت ئۇرۇشىدىمۇ دىنى ئۆلىما ئەلىخان تۆرىنىڭ ۋەز- تەبلىغى خەلقنى ئۇرۇشقا، غازات قىلىشقا قوزغاپ چىققان بولغاچقا، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ لېكىن جەڭ مىۋىسىنى مەغلۇب بولغان دۈشمەنلەر يېگەن ئىدى.

 

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ يوقسۇللۇقنى، « كاپىرغا قارشى جىھاد، غازات ئۇرىشى » قىلىپ، ساۋاپقا ئىگە بولۇش ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئۇ دۇنياغا بارغاندا جەننەتكە كىرىپ كېتىشتىن ئىبارەت، شەخسى ئارزۇلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

 

خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە تولۇق چۈشكەندىن كېيىن، نۇرغۇن قىممەتلىرىمىزنى يوقاتقان بولساقمۇ، ئىمان، ئېتىقادىمىز ساقلىنىپ كەلدى. يېقىنقى زاماندىكى قارشىلىقلار ئاساسەن يەنىلا ئىمان، ئېتىقاد دائىرىسىگە چېتىشلىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ تامامى دېگۈدەك ئەقلى  تەپەككۇرنىڭ كۇچى بىلەن ئەمەس، ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا دۈشمەن كۈچلىرى ھەر قەدەمدە قايمۇقتۇرۇپ، ساددا، بالىلارچە ھېسسىياتىمىز ئارقىلىق بىزنى خاتا ۋە خالتا كوچىغا باشلاپ قويۇپ، ياكى ئالدىغا ماڭغىلى بولمايدىغان، ياكى ئارقىغا چېكىنگىلى بولمايدىغان پىستىرمىدا يوقىتىپ كېلىۋاتىدۇ. 97. يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ، دەسلىۋىدە ياشلار مەشرىپى نامىدا غۇلجا ياشلىرى توپلىشىپ، مەدەنى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. كېيىنچە ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرىمىز- دەپ، تەبلىغ، ۋەز- نەسىھەت قېتىلدى. تەبلىغچىلەر ئارىسىغا ناتونۇش، كەلگەن – كەتكەن يېرى ئېنىقسىز ئادەملەرمۇ قېتىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  ئۆزلىرى تونۇيدىغان تەبلىغچىلەرگە قارىغاندا، سىرتتىن كەلگەن ناتونۇش تەبلىغچىلەر بەك سۆزلەيدىغان موللا بولغاچقا، ياشلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ،  ھاياجانلاندۇردى. ئاز ۋاقىت ئىچىدە  سورۇن شۇلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئىمان، ئىسلام، ھالال، ھارام، دوزاخ، جەننەت ھەممىنى سۆزلەپ، كىشىلەرنى تولۇق رام قىلىپ بولغاندا: كاپىر ھۆكۈمەتكە بويسۇنسا ئىماندىن ئايرىلىدۇ. شۇڭا ھەقىقى تەۋھىتلىك مۆمىن بولۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئىنكار قىلىش كېرەك- دەپ، ھەر قانداق توختام، ئۆي كېنىشكىسى، يەر خېتى، توي خېتى، سودا- توختام، بانكا ھېساۋات، كىملىك، پاسپورت، مەكتەپ دىپلومى قاتارلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى. ھېسسىياتىنىڭ پېلىكىگە ئوت يېقىلغان مۆمىنلەر، تەبلىغچىلەر نېمىگە بۇيرىسا، پەقەت ئويلانماستىن تولۇق بېجىردى. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىش بانىسىدا، ياشلارنىڭ پۇت بول ئوينايدىغان مەيدانلىرىنى بۇزىۋەتتى. ئۇنىڭغا ئانچە بەك نارازىلىق بىلدۈرۈلمەي، بىر ئاز غۇل-غۇلا قوزغىلىپ، بېسىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياشلار مەشرىپىنى چەكلىدى. سەركىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى. ئاخىرى سەبرە قاچىسىنى تولدۇرغاندىن كېيىن، ياشلار كوچىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى قىلىشنى پىلانلاشتى. بۇ ئىشمۇ: ئىماننى ئاشكارا جاكارلايمىز، ئۆز ۋاقتىدا ساھابىلەر مۇشرىكلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندا، توپلىشىپ  كوچىغا چىقىپ، تەۋھىت شوئارىنى ئاشكارا جاكارلىغان. ھازىر بىز شۇنداق قىلىش باسقۇچىغا كەلدۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق ئىمانىمىز چىقىپ كېتىدۇ- دەپ، ئېغىر دەرىجىدە قايمۇقتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى تەۋھىت يېزىلغان پلاكات، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، تەكبىر ئېيتىپ، كوچىغا چىقتى. سەپ كېڭىيىپ، مىڭلىغان خەلق ئاممىسى نامايىشقا قېتىلغاندىن كېيىن، خىتاي جاللاتلىرى قانلىق باستۇردى. 4 يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرى ئوققا تۇتۇلدى. ئوقتا ئۆلمەي، ھايات قالغانلارنى ئىسكىلاتلارغا سولاپ، سۇ چېچىپ، مۇزلىتىپ ئۆلتۈردى. ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمە جازاسى، قاماق جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم بولۇپ، ئېغىر جازالاندى. ئۇنىڭ بىلەن تۈگىمەي، مىڭلىغان ياشلار ئۈركۈتۈلۈپ، چەتئەلگە قاچۇرۇلدى. ئۇلار ئۆلۈم جاپاسىنى يېڭىپ، تۈرلۈك تۈمەن چارىلەر بىلەن چەتكە چىقىۋىدى، ئۇلارنى چەتئەلدىمۇ ئامان ياشىغىلى، ئاق- قارىنى بىلگىلى قويماى، يەنە ھاياجانغا سېلىپ، مەمتىمىن ھەزرەت باشچىلىقىدا « ئازاتچىلار قوشۇنى»، ھەسەن مەخسۇم باشچىلىقىدا « غازاتچىلار قوشۇنى» تەشكىللەپ، چەتئەل دېگەننىڭ قانداق يەر ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە نېمە قىلىشقا بولىدۇ، نېمە قىلسا بولمايدۇ- دېگەنلەرنى ئويلاشقىمۇ ۋاقىت بېرىلمىگەن ۋە چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئالدىدا تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغاندەك، شۇنچىلىك ساددا ئادەملەرنى جەننەت، دوزاخ بىلەن سېھىرلەپ، ئىككى ئېقىمغا بۆلۈپ، زۇلۇم سالغان خىتاينى ئۇنتۇلدۇرۇپ : ئالدى بىلەن ئۆز ئىچىمىزدىكى خائىننى، ئىمانى يوق مۇرتەتنى، گۇمانلىق مۇناپىقلارنى، پاسىقلارنى تازىلاپ يوقاتمىغۇچە، ئىشىمىز غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ يولىمىز توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ، ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالىمىز- دېگەندەك، ئەپسۇنلارنى ئىزىپ- ئىچكۈزگەن بولغاچقا، قايمۇقۇپ قالغان ئادەملەر ئۆز- ئارا تولۇق ئايرىلىشىپ، بىر يۇرتتىن، بىر مەھەللىدىن چىققان ۋە كىچىكىدىن ياخشى تونۇشىدىغان تۇرۇپمۇ، ئەپسۇنلارنىڭ سېھرىدە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇشتى. ھەتتا يېقىن دوستلار، يېقىن تۇققانلار، بىر قوساق قېرىنداشلار ئارىسىدىمۇ دۈشمەنلىك شەكىللەندى. بىرلىرى « ئازاتچىلار قوشۇنى » بىرلىرى « غازاتچىلار قوشىنى» دا سەپ تۇتۇپ، ئادا جۇدا بولۇشتى. خىتايغا قارشى بىر پاي ئوق ئاتمايتۇرۇپ، قارشى سەپتىكى جان قېرىنداشلىرىنى « جەھەننەمگە يوللىدى». ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە مۇشۇنداق بىر ۋەقەنى ئىشقا ئاشۇرۇشى خىتاينىڭ تۈپ دۆلەت مەنپەئەتى ئىدى. خىتاينىڭ : « ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن خەتەرلىك ئۇنسۇرلار. بىز بىر تۇتاش باشقۇرۇپ تۇرمىساق، چېگرا ئەتىراپىدىكى قوشنا رايونلارغا بالا- قازا ياغدۇرىدۇ » – دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا نەق پاكىت ھازىرلاندى. (بۇ ھەقتە « خاتالىق كىمدىن ئۆتىۋاتىدۇ»، « سەھنە پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئىنقىلاب» ، ئۇيغۇرلار سىياسەت بىلەمدۇ؟» ناملىق كىتاپلاردا يېتەرلىك بايان قىلغان ئىدىم. شۇڭا بۇ يەردە ئارتۇق توختالمايمەن. شۇنداقتىمۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىزاھات تەرىقىسىدە قىسقىچە قوشۇمچە قىلىشنى زۆرۈر- دەپ قارايمەن.) قازاقىستان ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئۇيغۇر تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى. مەيلى ئازاتچىسى بولسۇن، مەيلى غازاتچىسى بولسۇن، تىجارەت قىلىۋاتقانلار بولسۇن، ئاشپەز، ناۋاي، كاۋاپچى، سامسىپەز، ئىشقىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ھەرقاندىقى تازىلاش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. ھەتتا يەرلىشىپ كەتكەن، ئۆزلىرىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار- دەپ، ئاتايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ تازىلاش جازاسىدىن ئامان قالمىدى.

 

ئۇيغۇرلار 97. يىللىرى غۇلجىدىن ئۈركۈتۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىرىلغان بولسا، 98. يىلىدىن 2000. يىلىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەلىكىدىن ئۈركۈتۈلۈپ، ئازاتچىسى بولامدۇ، غازاتچىسى بولامدۇ، ئۆز جېنىنى بېقىپ يۈرگەن يېتىمچىلىرى بولامدۇ قارا- قويۇق پاكىستاندىكى تالىبان رايونىغا قاپسالدى. يەنى ھەسەن مەخسۇم ئالدىن تەييارلاپ تۇرغان جىھاتچىلار لاگىرىغا توپلاندى. ئەرەب، ئافغان جىھاتچى ئەمىرلەر بۇ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى خالىسا ئافغانىستانغا يۆتكەپ، شىمالدىكى ئۆزبىك رايونىغا قارشى ئۇرۇشقا سالدى. خالىسا پاكىستان ئارمىيىسىگە قارشى تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشتۇردى. نەتىجىدە 2002. يىلى ئەتىيازغىچە ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بەرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: « شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ تەركىۋىي قىسمىدۇر»- دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. ب د ت دىمۇ بۇ قارار ماقۇللاندى. ئۇيغۇرلار قايسى جىنايىتى ئۈچۈن شۇ قەدەر جازاغا لايىق بولۇپ قالدى؟ ئۇيغۇرلار قىلغان قايسى تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن بۇ قەدەر يوغان قالپاقنى كىيىشكە لايىق بولدى؟ جاۋاب تولىمۇ ئاددى: ئەقىل، تەپەككۇر ئىشلىمىگەنلىكى، بالىلارچە ھېسسىياتتىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكى، كۆزى ئوچۇق بولسىمۇ، ئەقلى كور بولغانلىقىنىڭ جازاسىنى ئۆتەش ئۈچۈن شۇ كۈنلەرگە قالدى

.

ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندە، خىتاينىڭ شاۋگۇئان شەھىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا قارشى چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقى ۋە قەتلىئامىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە نامايىش بولدى. بۇ نامايىشمۇ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇش بىلەن ئاخىرلاشتى. مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاممىۋى تۈردە ئۆلتۈرۈلدى. قانچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىز- دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلدى. پۈتۈن ئۇيغۇرىستان تۈرمە ھالىغا كەلدى. ياشاپ قېلىشقا زادىلا كۆز يەتمەيدىغان، ھەممە تەرەپتىن جانغا قەست قىلىنىۋاتقاندەك ۋەھىمە قاپلاپ كەتتى. بىر يىلغا يېقىن پۈتۈن ئالاقە ۋاستىلىرى ئۈزۈۋېتىلدى.  2011. يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىنى تۇيۇقسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويدى. ھەتتا تۈرلۈك ئالاقە تورلىرى  ئاۋۋالقىدىنمۇ بەكراق راۋانلىشىپ كەتتى. ئۇيغۇرىستانغا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن بۇ قەدەر كەڭ يوچۇقلارغا ( خۇددى 97. يىلى غۇلجا ياشلىرىنى قايمۇقتۇرغانغا ئوخشاش،) ئوت قويدى چالا موللىلار كىرىپ ئەپسۇن ئوقۇشنى باشلىۋەتتى. پۈتۈن ئۇيغۇرىستان ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىن، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن، غەرب ئەللىرىدىن، ئىسلام ئەللىرىدىن، چەكلەنگەن تېررور ۋە تالىبان رايونلىرىدىن تولۇق تورلاشقان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋەت ھۇجۇمى ئاستىدا قالدى. خىتاي ئۆزلىرى ساقالسىز، كوسا خەق بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال، بۇرۇتلىرىنىمۇ دۈشمەن كۆرۈپ، تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى ھەممىگە ئايان. لېكىن ئەپسۇنكەش چالا موللىلار: ساقالغا تىغ تەككۈزسە كاپىر بولىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق جازاغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىماننىڭ بەلگىسى بولغان ساقالنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى. ئاياللارغا قارىتا قارا پۈركەنچۈك، قارا چۈمبەل، قارا نىقاب كىيىشنى پەرىز قىلدى. دوزاخنىڭ ئوتى ئاياللارنىڭ ئوچۇق قالغان بەدىنىدىن تۇتىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت، ھەدىس، پەتىۋالارنى ھەر تەرەپتىن قارا يامغۇردەك ياغدۇرۇشقا باشلىدى.

 

ئېھتىياتچانلىق- ئەقىلنىڭ پائالىيىتى. ئەمما قورقۇش، ۋەھىمە بولسا ھېسسىياتنىڭ ھەرىكىتى. ئەقىلىي ھەرىكىتى تەپەككۇر، ئاڭ باسقۇچىغا تېخىچە يېتەلمىگەن، تېخىچە بالىلىق، ساددا تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئەپسۇنكەش چالا موللىلارنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرالمايتتى. پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەرلىرىنى ساقاللىرى بىلەن، ئاياللىرىنى قارا چۈمبەل بىلەن باغلاپ، خىتاينىڭ خازالاش نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ بەردى. پۈتۈن ئۇيغۇرىستان خەلقى ساقال بىلەن چۈمبەلنىڭ ماجىراسىغا بەنت قىلىندى. چۈنكى ئۇلار: ئىمانىنى قوغدىشى كېرەك ئىدى. خىتاي باسمىچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدا مىس تاۋاقتا ئوت قويدى. بۇ ئوتنى ئەپسۇنكەش چالا موللىلار يالقۇنلىتىپ بەردى. ئۇلار ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچتى. ئۇيغۇرلارنى بۇنچىلىك جازالاپ توختاپ قېلىش خىتايلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولمىسا كېرەك. ساقال ۋە چۈمبەل جازاسىنىڭ ئارقىسىدا تېخىمۇ ئېغىر جازالاش پىلانى بولسا كېرەك. ئەمدى ھىجرەت ئاپىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىمانىنى ساقلاشقا قولىدىن بىرەر ئىش كەلمىگەن چاغدا، كۇپرى دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ، ئىسلام دىيارىغا كېتىش پەرىز- دەپ، ئۇيغۇرلارغا ھىجرەتنى پەرىز قىلىپ بەردى. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ چاقىرىقلارغا ماسلاشتى. چۈنكى ئۇلار ساقال بىلەن، قارا چۈمبەلدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىماننى ساقلاپ قالمىسا، ئۇ دۇنياغا بارغاندا جەھەننەم ئازابىغا مەھكۇم بولاتتى. « ھىجرەت يولى ئۆزىچىلا داغدام ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئاشۇنداق ياخشى ئىشقا قەدەم قويسا، ئاللاھ ھەر تەرەپتىن ئىشىكلەرنى ئېچىۋېتىدىكەن. ياخشى ئىشنى نىيەت قىلىپ يولغا چىقسا، ئاللاھ يوللاردىكى بارلىق توساقلارنى ئېلىۋېتىدىكەن » . شۇنداق قىلىپ مۇقەددەس ساقال بىلەن، مۇقەددەس چۈمبەلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھىجرەتكە ئاتلانغان، بۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ساھابىلىرى كەنت، قىشلاق، سەھرالاردىن تراكتور، ئۆكۈز ھارۋۇسى، ئېشەك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، شەھەرگە كېلىدۇ-دە، ئەسلى- ۋەسلى، تاپقان- تەرگەنلىرىنى، ئۆزلىرى ھەيدەپ كەلگەن قاتناش ۋاستىلىرىنى شەھەردە ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ، شەھەردىكى ھەمسەپەرلەر بىلەن، تەقدىرداشلار بىلەن پويىزغا ئولتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بارىدۇ. ئۇ يەردە قاچاقچىلارغا ئۆزلىرىنى ۋە تاپقان- تەرگەنلىرىنى تاپشۇرۇپ، جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئاقىدۇ. ئۇلارنىڭ يول ئۈستىدە تارتقان ئازاب، ئوقۇبەت، خورلۇقلىرى توغرىسىدا بايان قىلىش بۇ تېمىدا ئارتۇقچە. ئۇلار 21. ئەسىردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار كۆرۈشكە راۋا بولمايدىغان، بىز مۇنداق نىيەتتە يولغا چىقىپ، مۇنداق ئازابلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق- دەپ، باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسە، ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان، شۇنداق بىر غەيرى ئىنسانى مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. « تەلىيى بارلىرى ھىجرەتنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى بولغان شام، ئىراق قۇشخانىلىرىغا يېتىپ كېلىشتى. تەلىيى يوقلىرى (ياكى ئۇلارنىڭ ئېڭى بىلەن ئېيتقاندا ) ئاللاھ نەسىپ قىلمىغانلىرى مۇقەددەس قۇشخانىغا بارالمىدى. »  بۇ تېمىدا ھىجرەت بالاسىنىڭ كەلتۈرگەن پايدا- زىيانلىرى، ھىجرەتچى ساھابىلارنىڭ تارتقان ئازاب- ئوقۇبەتلىرى، ئۇلارنىڭ ۋەتەن- مىللەتكە، ئاتا- ئانىلىرىغا، تۇققانلىرىغا، خوتۇن باللىرىغا، قوۋم- قېرىنداشلىرىغا ئېلىپ كەلگەن زىيان – زەخمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىش ھاجەتسىز ھەم تېمىنىڭ مەزمۇنىدىن يىراق ۋەقەلەر. ئەمما ئەقىل- تەپەككۇر، ئاڭ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم دېگەن بۇ مەخلۇقتىن بەتتەر يەنە بىر جانلىق بولمىسا كېرەك. ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ئۆز- ئارا بولۇپ تۇرىدىغان ھۇجۇم ۋە قوغدىنىش، قايتۇرما ھۇجۇم قاتارلىق ھايۋانىي ھەرىكەتلەر پەقەت ئۆزىگە ئالاقىدار دائىرىدە، ئېھتىياج دائىرىسىدە يۈز بېرىدۇ. 21. ئەسىردە ياشاۋاتقان ئەڭ ۋەھشى، ئەڭ بەتبەخ ئىنسانلارمۇ ئۆز مەنپەئەتىنىڭ سىرتىدا، ئېھتىياجنىڭ سىرتىدا كېرەكسىز ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئەمما بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نە ھايۋاناتلار دۇنياسىدا، نە ئىنسانلار دۇنياسىدا بىرەر پاراللېل تۈرىمىز يوق؟ – ئۇيغۇرلاردا جانلىقلارغا تەۋە سېزىم بار. بۇنىڭغا ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. ئەمما ئادەملەردە بولۇشقا لايىق ئەقىل، تەپەككۇر، ئاڭ يېتىلمىگەن. بار دېيىلسە بالىلىق ۋاقتىدا توختاپ قالغان، ساددا ھېسسىيات بار. شۇڭا ئۇلارنى گوللاپ نەلەرگە ئېلىپ كەتكىلى بولىدۇ.

 

ئەمدى ئاۋام خەلق توغرىسىدىكى بايانلارنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ « ئەقىللىقلەر» توغرىسىدا،  بولۇپمۇ چەتئەلدىكى « ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» نىڭ ۋەتەنپەۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئېڭى، چۈشەنچىسى ۋە كۆز- قاراشلىرى توغرىسىدا ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ چىقايلى. مەزمۇنغا كىرىشتىن ئىلگىرى زىيالىي – دېگەن سۆزنى قىسقىچە چۈشىنىۋېلىش ئارتۇقچە ئەمەس. زىيالىي – سۆز مەنىسىدىن ئالغاندا: نۇرلۇق، يورۇقلۇق، ئايدىڭلىق دېگەن بولىدۇ. ئىستىمالدا بېرىدىغان ئۇقۇممۇ سۆزلەمدىكى مەناسىغا ئاساسەن يېقىن. زىيالىي توغرىسىدا ئېيتىلىدىغان تەبىر، زىيالىيغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم، تەلەپ ھەرگىز مۇتلەق، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئەمەس. يەنى زامان، ماكان، ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئامېرىكىدا زىيالىيغا قويۇلغان تەلەپ بىلەن، جەنۇبى ئافرىقىدا قويۇلىدىغان تەلەپتە ئاسمان، زېمىندەك پەرق بولىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى چاغدىكى دەۋرىنىڭ مۇنەۋۋەر زىيالىيسى ئىدى. ئۇنىڭ نامى تىللاردا داستان. خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن تەخەللۇسى « بالدۇر ئويغانغان ئادەم ». چۈنكى ئۇ ئەينى چاغدىكى غەپلەتتە قالغان خەلقنى ئەقلى ئويغىنىشقا چاقىرغان. بۈگۈنكى كۈندە يەنە : زىيالىينىڭ ۋەزىپىسى خەلقنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتماقتۇر!- دەپ، ئۆلچەم قىلىۋېلىپ: ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان!- دەپ، توۋلاپ يۈرسە، ئۇنىڭ نامى زىيالىي بولالمايدۇ. ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىدىن بىر ئەسىر كېيىن قالغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ياكى ئۇ، بىر ئەسىر ئاۋۋالقى تارىخنى تەكرارلاۋاتقان، خەلقنى تارىخنى تەكرارلاشقا چاقىرىۋاتقان كىشى بولۇپ قالىدۇ.

 

زىيالىي دېگەن ئۆز دەۋرىنى چۈشەنگەن، ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، كىشىلەرگە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلماسلىقى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئادەم- دېمەكتۇر.

 

قىسقىسى زىيالىي- باشقىلارغا يورۇقلۇق تەقدىم قىلغۇچىدۇر. كىشىلەر جىن چىراغقا ئېھتىياجلىقمۇ، شام چىراغقا ئېھتىياخلىقمۇ، مەشئەلگە ئېھتىياجلىقمۇ، ياكى زامانىۋى نۇر چىراغقا ئېھتىياجلىقمۇ، شۇنى بىلىپ يەتكەن ۋە كىشىلەرنىڭ زۆرۈرى ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىپ، شۇنىڭغا قارىتا پىكىر جەھەتتىن تەدبىر ئالالايدىغان كىشىدۇر.

 

شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېھتىياجى نېمە؟ بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، ۋەتەن- مىللەتنىڭ غېمىنى قىلىپ يۈرەك باغرى ئوتتا پۇچىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار نېمىگە ئېھتىياجلىق؟ نېمىلەرنى قىلىشى لازىم؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى چەتئەلدىكى زىيالىيلىرىمىز تېپىپ چىقىشى كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ 2006. يىلىدىن 2012 . يىلىغىچە ۋەتەن   دەۋاسىدا چوڭ بۇرۇلۇش يۈز بەردى. ئۇيغۇرلار دۇنياغا تونۇلدى. ئەمما تەشكىلات رەھبەرلىرىدە تېڭىرقاش تېخىمۇ ئېغىر بولدى. تاشقى مۇناسىۋەتلەردە نېمە دېيىش، قايسى ئورۇن بىلەن قانداق ئالاقە ئورنىتىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە يول كۆرسىتىشكە شۇنچىلىك ئېھتىياجلىق  بولدىكى، زىيالىيلاردىن سادا چىقمىدى. خەلقىمىز ساددا ھاياجان ئىلكىدە بەزىدە شاتلانسا، بەزىدە ئۈمىتسىزلىككە پاتتى. شۇ چاغلاردا « خاتالىق كىمدىن ئۆتىۋاتىدۇ؟ » تېمىسىدا، توردا پىكىر قوزغىدىم. چۈنكى ۋەتەن دەۋاسى دەيدىغان ئېقىمغا رابىيە خانىم لىدەر بولغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بازىرى چىقىشقا باشلىغان شۇنداق مۇھىم چاغلاردا، مىللەتنىڭ « زىيالىيسى » دىن ئىنقىلاپچىلىرىغا قەدەر، ھەتتا تورلاردا خەت يازالىغۇدەك ساۋاتلىق كىشىلەردىن تارتىپ، ئىككىلەنمەستىن رابىيە خانىمنىڭ خاتالىقى، ئەيىب- نۇقسانلىرى ئۈستىدە شىكايەت قىلىشقا شۇنچىلىك ھېرىس بولۇپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالىم، زىيالىيلار ئاساسەن يوق ئىدى. خانىمغا يېقىن تۇرغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى پىداكار زىيالىيلارنىڭ نامىنى قوللىنىپ، خانىمنى ئوچۇق تەنقىد قىلىش، ئەيىبلەش ئارقىلىق، ئۇلار بىلەن خانىمنى قەستەن زىددىيەتكە سالىدىغان، خائىنلىق قىلمىشلارمۇ خېلە ئېغىر يۈز بەردى. بولۇپ ئۆتىۋاتقان ئىشلارغا قارىتا پىكىرىمنى يېزىپ، تورلاردا ئېلان قىلىۋاتقان كۈنلەردە، مەزمۇن زىيالىيلارغا مەركەزلەشتى. قانداق كىشى زىيالىي – دەپ، قوبۇل قىلىنىدۇ؟ دېگەن سوئالنى تورغا چىقاردىم. جاۋابلار ھەرخىل بولسىمۇ، ھېچكىم ئىنكار قىلمايدىغىنى « دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىگە كىشىلەر زىيالىيدۇر » دېگەن جاۋاب ئىدى. مەن چەتئەلدە قانچىلىك ئۇيغۇر دوكتورلىرى بارلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىزدەندىم. شۇ چاغدا ( 2010. يىلى ) توپلىغان دوكتور  ۋە دوكتور ئاسپرانتلىرى تىزىملىكىدە 630 كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن 35 نەپىرى ۋەتەنگە قايتقان، 22 نەپىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئىكەن. ئەمما ۋەتەن دەۋاسى ئىشلىرىغا قاتىنىشىۋاتقان دوكتورلار ئالتە نەپەركەن. بۇ ئەھۋاللارنى بايقىغاندىن كېيىن، دوكتور- دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە، ئۇنىڭدىن تۆۋەن دىپلوملۇق بارلىق « زىيالىيلار » ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم. ئەقەللىسى « ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن دىپلوملۇق زىيالىيلار » مۇ دەۋا سېپىدىن يىراق تۇرىدىكەن. دەسلىۋىدە تەتۈر تەرەپتىن ئويلۇنۇپ باقتىم. بۇلار چەتكە چىقىش سەپىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى گۆرۆگە ئېلىۋالغان بولسا كېرەك. چەتئەلدىكى مىللى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە ئېلىپ، يولغا سالغان چېغى- دېگەندەك ئېغىر گۇمانغا پېتىپ قالدىم. ئۇنداق بولسا چەتئەللەردە ئوقۇپ دىپلوم ئېلىپ، چەتئەللەردە يەرلىشىپ كەتكەن دوكتور، زىيالىيلار نېمىشقا ئەسقاتمايدۇ؟ ئۇلارنىمۇ گۆرۆگە ئېلىۋالغانمىدۇ؟- دېگەنلەرنى ھەم ئويلۇنۇپ چىقتىم. يەنە بىرى دىنى ساھەدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر ۋە دىنى ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەنلەر ئۈستىدە ئويلاندىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئىشىنى قىلىۋېتىپتۇ.  مەسىلىنىڭ تۈگۈنى زادى قەيەردە؟ ئېتىقاد، ئەقىدە بىلەن باغلىقمۇ؟ مۇلاھىزە قىلىشقا بولىدىغان ھەممە تەرەپكە نەزەر سالدىم. كۆپلىگەن سېلىشتۇرمىلار نەتىجىسىدە بىر يەكۈنگە ئېرىشكەندەك بولدۇم . مەسىلە ئوقۇتۇش سىستېمى، مائارىپ سىستېمى، كەسپى خاسلىقلار بىلەن چەمبەر چاس باغلىنىشلىق ئىكەن. تەتۈرسىگە مۇنداق پەرەز قىلىپ كۆردۈم: دىنى ساھەدىكى دوكتور، زىيالىيلىرىمىز ۋەتەن – مىللەتنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى قىلىۋاتامدۇ؟ ياكى ئۆزلىرى ئوقىغان كەسپى خىزمىتىنى قىلىۋاتامدۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان مىللەت بولمىغان تەقدىردە، دوكتور ئۆلىمالىرىمىز نېمە قىلغان بولاتتى؟ – ئۇلار جەزمەنكى مۇسۇلمان قوۋملەرنىڭ دىنى ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇلار قىلالايدىغان يەنە بىر ئىش بولسا، ۋەز- نەسىھەت، تەبلىغ ئارقىلىق مىللەتنى ھاياجانلاندۇرۇپ، نازۇك ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا ئادەم قوزغاشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ كەسپى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا دىنى ئۆلىمالىرىمىزنىڭ  ھازىر قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى نېمىدىن ئىبارەت؟- تۈگۈن مۇشۇ يەردە يېشىلدى. دىنى ئۆلىمالىرىمىز مىللەتنىڭ ئومۇمى مۇئەممالىرى ئىچىدىكى بىر تۈردە، ئۆزلىرى بىلگەن كەسىپ بويىچە دىنى خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ۋەتەن دەۋاسى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىزمەتتە.  بۇ يەكۈننى ھەر قايسى پەننى كەسىپتە ئوقۇغان دوكتور، زىيالىيلىرىمىزغا تەدبىقلىساق، ھەممىسىلا ئۆزلىرى ئوقۇغان، ئۆزلىرى بىلگەن بويىچە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچقايسى بىرى، ئۇيغۇر مىللى مائارىپ سىستېمىدا ئوقۇتۇلمىغان. ئەكسىچە خىتاي دۆلەت مائارىپى تۈزۈپ چىققان، خىتاي دۆلەت سىياسىتىگە ئۇيغۇن مائارىپتىكى كەسىپلەردە ئوقۇغان. چەتئەلدە ئوقۇپ يېتىشكەنلەرمۇ چەتئەل مائارىپى ئەندىزىسى ئىچىدە بىلىم ئالغان. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئوقۇغاننى، ئۆزلىرى بىلگەننى قىلالايدۇ ھەم شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. دېمەك، ئۇلاردىن يامان گۇمان قىلىش ئورۇنسىز. رېئال، ئوبيېكتىپ ئەھۋال شۇنداق بولغانكەن، دوكتورلار، زىيالىيلار چەتئەلدىكى ۋەتەن دەۋاسىدىن يىراقلاردا يۈرمەي قانداق قىلاتتى.

 

زىيالىيلار، دوكتورلار توغرىسىدا شۇنداق خۇلاسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ مەزمۇننى ئېقىتماي- تېمىتماي يازدىم. كېينراق ( «خاتالىق كىمدىن ئۆتۈۋاتىدۇ» ناملىق بىر ) كىتاب قىلىپ تارقاتتىم. بەزى بىر زىيالىيلاردىن، دوكتورلاردىن قاڭقىپ چىققان ئىنكاسلارنى ئاڭلاپ قالدىم: كىتاب بولامدۇ ئۇ؟ بىر پارچە ئەخلەتقۇ! – دېگۈدەكمىش.

 

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ زىيالىي، دوكتورلىرىمىزدىمۇ ئاۋام پۇقرالارنىڭكىگە ئوخشاش، ساددا ھېسسىيات بار- دېگەن گەپ. يەنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك بارىسىدا زىيالىيلار ئالاھىدە ئاڭ، ئالاھىدە تەپەككۇرغا ئىگە ئەمەس. ئۇلاردىمۇ ساددا ھېسسيات مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ يېڭىدىن پارتىلاپ چىققان ۋەتەن- مىللەت سۆيگۈلىرى، قانداقتۇر ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن كەلگەن ئاڭلىق ئىنكاس بولماستىن بەلكى، ئاۋام پۇقرالارغا ئوخشاشلا يۇرتىنى سېغىنىش، تۇققانلىرىغا كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت كىشىلىك ۋە ساددا ھېسسياتلىرىنىڭ قايناپ تاشقانلىقىدۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلاردىكى ھەممىگە ئورتاق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك قانداقتۇر تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدا ئورۇنلاشقان ئاڭ بولماستىن، ئەكسىچە دەرھال غىدىقلىنىپ، تېز بېسىقىپ كېتىدىغان ھېس- تۇيغۇنىڭ ئىنكاسىدۇر. بۇ خىل كەيپىيات كېيىنكى بىر يىلىدىن بۇيان تەكرار سىناقتىن ئۆتتى. بىر ئاز كېڭەيتىپ ئېيتساق، خىتاي دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلمىغانلار، خىتايغا باش ئەگمىگەنلەر، خىتايغا قارشى ئىسيان قىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسىدىكىلەر بولاتتى. بۇنداق جازاغا ئۇچرايدىغانلار ئارىسىدا ئەمەلدارلار، خىتاي ھۆكۈمەت قاتلاملىرىدا ئورنى بارلار يوق بولغاچقا، زىيالىي، دوكتورلارنىڭ ھېسسىياتى بىۋاسىتە زەخمىگە ئۇچرىمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن زىيالىي، دوكتورلارنىڭ دەرت- ھەسرەتلىرى ئاڭلىنىپ باقمىغان. بىراق بىر يىلدىن بۇيان قارا – قويۇق ھەرقانداق ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئاممىۋى جازاسىغا ئۇچراۋاتقان بولغاچقا، جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كادىرلارمۇ، ھاللىقلارمۇ، مائارىپچىلارمۇ بولغاچقا چەتئەلدە دەرتسىز، ئازاپسىز بىخىرامان ياشاۋاتقان دوكتور، زىيالىيلارنىڭ تۇققانلىرى، ساۋاقداشلىرى، يېقىنلىرىمۇ جازادىن ئامان قالالمىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھېسسىيات باسقۇچىدىكى ساددا ئاڭلىرى غىدىقلىنىپ، ئادەتتىكى دەرتمەن ئۇيغۇر بىلەن تەقدىرداش بولۇپ قالدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۈمۈتلىرىنى « كەڭچىلىك »  بولۇپ قېلىشتىن پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتمەيراق دات دېيىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار ساددا ھېسسىياتلىرىنى كونترول قىلىشنىمۇ بىلىدىكەن. ئاۋاملارغا ئوخشاش پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىۋەتمەي، يەنى ۋارقىراپ كوچىغا چىقىۋالماي، نامايىش قىلسىمۇ خىتاينى بەك رەنجىتىۋەتمەيراق، بەك سەت تىللاپمۇ كەتمەيراق، ئۇ ياق، بۇ ياقلارغا خەت يوللىغاچ، فېسبووكلاردىن يېڭى پوچتا قۇتىسى ئېچىپ، راس- يالغان ناتونۇش ئىسىم، تەخەللۇس قوللۇنۇپ، پەردە ئارقىسىدىراق تۇرۇپ، بىر ياقتىن زېدىلەنگەن ھېسسىياتلىرىنى بەزلىگەچ، بىر ياقتىن يولنىڭ تېزراق ئېچىلىپ كېتىشىنى كۈتۈشمەكتە. دوكتور، زىيالىيلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئېڭى بىلەن ئاۋام پۇقرالارنىڭ ساددا ھېسسىياتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولسا، چېكىنىش يولىنى ئويلاپ قويۇشتا كۆرۈلىدۇ. ئاۋام پۇقرالار كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا سەكرەپ چىقىدۇ. شۇنىڭ  بىلەن يۇرتىغا بارىدىغان يولى ئېتىلىپ قالىدۇ. ( كۆپىنچىلىرى بىر قېتىم قىلغان تەلۋىلىكى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پۇشمان قىلىدۇ) دوكتور، زىيالىيلار بولسا ھەر ئىشنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلىنىدۇ.  يۇرتىنى بەك سېغىنىپ كەتسىمۇ، تۇققانلىرىغا بەك چىدىماي قالسىمۇ، يەنىلا لىۋىنى چىشلەپ، زاماننىڭ ئوڭشىلىپ كېتىشىدىن ئۈمىتۋار ياشاپ تۇرىدۇ. شۇڭا قىممەت جەھەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، مىللەتچىلىكى : بېرىشى چەكلىنىپ قېلىۋاتقان يۇرتىنى سېغىنىشتىن ۋە جازاغا ئۇچراپ كېتىۋاتقان ئاتا- ئانىسىغا، تۇققانلىرىغا، يېقىن يورۇقلىرىغا بولغان ئىچ ئاغرىتىشتىن ئارتۇق مەناغا ئىگە ئەمەس. يىللاردىن بېرى دوكتور، زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ۋەتەن- مىللەت ئىشلىرىدىن يىراق تۇرىدىغان كەيپىياتلىرىدا، جىددى خاراكتېرلىق بۇرۇلۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشى ھەم يۇقىرىدىكى قاراشنى تەستىقلاپ تۇرماقتا.

 

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ  ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئېڭى ھېسسى قىزىقىش ۋە ھېسسى ئىنكاستىن ھالقىغان ، تەپەككۇر بىلەن مۇجەسسەملەشكەن ئەقىل پائالىيىتى ھېسابلانمايدۇ. ۋەتەن- مىللەتنى سۆيۈش، ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىش روھى بىلەن يېتىلگەن، ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن مېھنەت قىلىش تەربىيىسى بىلەن توغرا كۆز- قاراشقا ئىگە بولغان كىشىلەر، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇدۇم قالدۇرۇپ ماڭدى.  ئۇيغۇرلار بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر دەۋر، ھەر قايسى جەمئىيەت تۈزۈملىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتنى سۆيۈش ئېڭىنى سىڭدۈرۈپ ماڭىدىغان يېتەكچىلەر بۇ خىسلەتنى كۈنىمىزگىچە ئۇلاشتۇرماقتا. لېكىن مىللى مائارىپىمىزنىڭ سىستېمىلىق راۋاجلىنىشىغا قارشى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار، مۇستەملىكىچى زوراۋانلار، كېيىنكى خىتاي باسمىچىلىرى تۈرلۈك تۈمەن توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئاڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە يول قويمىدى. شۇ سەۋەپتىن ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئېڭىمىز تا بۈگۈنگىچە ئۇدۇم تەرىقىسىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ۋەتىنىمىزدە يولغا قويۇلىۋاتقان مائارىپ، پەقەت مۇستەملىكىچى خىتاي دۆلەت مائارىپى بولغاچقا، ئوتۇقۇش، ئاڭ، پىكىر يېتىلدۈرۈشتە مىللى تەپەككۇر، مىللى غۇرۇر، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە، تەرغىب قىلىشقا ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەت يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دۆلەت مائارىپىدا قايسى كەسىپتە ئوقىغان بولسۇن، قايسى دەرىجىدە دىپلوم ئالغان بولسۇن بەرى بىر مىللى چۈشەنچە، ۋەتەن- مىللەت ئېڭى ئىلمى ۋە مائارىپ دەرىجىسىدە شەكىللەنمەيدۇ. دۆلەت مائارىپىدا ئوقۇپ يېتىلگەن بىلىملىك، زىيالىي، دوكتورلىرىمىزنىڭ خىتاي دۆلەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان كىملىك ھېسسىياتى، خىتاي ئاققۇنلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان ھېس- تۇيغۇلىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ پۇت دەسسەپ تۇرىشىغا ۋاقىتلىق تۈرتكە بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭدەك ھەر ئادەمدە يوشۇرۇن ساقلانغان ھېسسىيات ۋە دۈشمەنگە بولغان يوشۇرۇن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن، بىر پۈتۈن مىللى ئاڭ شەكىللەنمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش دىنى ساھەدىكى ئوقۇتۇش ۋە تەلىم- تەربىيە خىزمەتلىرىدىمۇ پەقەت دىننىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ھالال- ھارام، پەرىز، چەكلىمە تەرەپلىرىنىلا ئوچۇق ئۆگىتىلىپ، ۋەتەن- مىللەت ھەققىدە بىر كەلىمە سۆزلەنمەيدىغان بولغاچقا، دىنى ساھەدە ئوقۇپ يېتىشكەن ئۆلىمالارنىڭ قەلبىدە خىتايغا ( كاپىرغا ) سەت قاراش ھېسسىياتىدىن باشقا، دىنى مائارىپ ئارقىلىق يېتىلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئېڭى تامامەن يوقسۇلدۇر. بەلكى دىنى مائارىپ دېگەندىن كۆرە، مائارىپلاشمىغان كلاسسىك ئۇسۇلدا دىنى ئۆگۈنۈش- دېيىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. مەيلى ۋەتەننىڭ ئىچىدە تولىمۇ يىراقتا قالغان كلاسسىك ئۇسۇلدىكى دىنى ئۆگىتىشتە بولسۇن، ياكى ئىسلام ئەللىرىدە يېڭىچە دىنى مائارىپ ئۇسۇلى بىلەن دىنى ئىلىم تەھسىل قىلىشتا بولسۇن، ھېچ بىرىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئۇچۇر چاغلىق مەلۇمات، بىلىم ئۆگىتىلمەيدۇ. ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئىسلام تارىخى بىلىملىرى قاتارىدا، شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ئىسلامغا قوتقان تۆھپىلىرى دەرسلىك قىلىپ ئۆگىتىلىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ مىللى ئىنقىلاپلىرىمۇ ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مىللى مائارىپ شەكلىدە سىڭدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئوقۇپ، دىنى بىلىم ئالغان ئۆلىمالىرىمىز ئۇيغۇرچىلىقتىن، مىللى ئاڭ، مىللى تەپەككۇردىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئەرەبچىلىكنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئەمەس، ئەرەبلەرنى سۆيىدىغان، ئۆز  ۋەتىنىنى ئەمەس، قۇددۇسنى سۆيىدىغان، ئۆز خەلقىگە ئەمەس پەلەستىنلىككە كۆيۈنىدىغان، ۋەتەندىن، مىللەتتىن  شۇنچىلىك يىراقلاشقان، ئۆزى، تىلى، تۇرقى ئۇيغۇر ئەمما ئاڭ- تەپەككۇرى، چۈشەنچىسى، ھەتتا ھېسسىياتىمۇ ياتلىشىپ كەتكەن « مۇسۇلمان ئۆلىما» بولۇپ قالىدۇ.

 

مەيلى دىنى ساھەدىكى بىلىملىك، قابىلىيەتلىك ئۆلىمالىرىمىز بولسۇن، مەيلى پەن- كەسپى ساھەسىدىكى دوكتور، زىيالىيلىرىمىز بولسۇن، ۋەتەننى، مىللەتنى قانداق سۆيۈش، قانداق قوغداش ۋە قانداق قۇتقۇزۇش توغرىسىدا سىستېمىلىق مىللى ئاڭدىن يوقسۇلدۇر.

 

ۋەتىنىمىزدە خىتاي فاشىستلىرى ئۇيغۇرلارنى « مىللىتىم» دېيىشتىن تولۇق چەكلەيدۇ. ئەگەر بىر ئۇيغۇر : مىللىتىم دېمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا ئۇلاپ: جۇڭخۇا ئېلىم- دېيىشى لازىم. شۇنداق چەكلىمە ۋە بېسىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئېڭىنى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئاڭنى زەھەرلەپ، چۈشەنچە، تەپەككۇر جەھەتتىن تولۇق ئاسسىمىلاتسىيە قىلماقچى. ئەمما شۇنىسى بەك ئېچىنىشلىقكى، چەتئەلدىكى دىنى تۈس ئالغان، ھەتتا ۋەتەن- مىللەتنىڭ دەردىگە دىنى شەكىلدە باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېقىملىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز ۋەتەن- مىللەت دېگەن ئاتالغۇنى راۋان، دادىل ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. مىللەت سۆزىنىڭ ئالدى- ئارقىسىغا مۇسۇلمان دېگەن يەنە بىر ئېنىقلىمىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. ۋەتەن دېمەكچى بولسا، يۇرتىمىز دېگەن سۆزنى قېتىپ قويىدۇ. بۇ خۇددى ئانام – دېگەن سۆزگە : « مېنى تۇغقان ئايال » ، ياكى « دادامنىڭ خوتۇنى » دېگەن يەنە بىر ئېنىقلىمىنى مەنسىز قوشۇپ قويغاندەك. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ئىككى سەۋەب بار بولۇپ، بىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە مىللى ئاڭ، مىللى چۈشەنچىنىڭ يوقلىقى. يەنە بىرى ئۇيغۇرغا چىش تىرنىقى بىلەن قارشى يېتىلگەن، دىنى تونغا ئورۇنۇپ، مىللەتكە دىن شەكلىدە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئەپسۇنكەش چالا موللىلارنىڭ : مىللەتچى- دەپ تىللىشىدىن قورقۇش  ۋە مۇجاھىتلارنىڭ تېرىسىنى يۈزىگە نىقاب قىلىپ كىيىۋالغان، ساختىپەزلەرنىڭ ئېغۋاسىدىن قورقۇشتۇر.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى چۈشەنچىسىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ئېڭىنى ئەقلى تەپەككۇر باسقۇچىغا يەتكۈزمەيتۇرۇپ، ھازىرغىچە بولۇپ كېلىۋاتقان پەدىگە قويۇپ بېرىلسە، مىللەتچىلىك ئېڭى ئومۇملاشمىسا، ھەرقانداق دەۋا- تەلەپلىرىمىز، ھەرىكەتلىرىمىز  تىزدىن ئاشالمايدۇ. ئالدىنقىلاردىن بىزگە  مۇكەممەل بىر ئېقىم مىراس قالمىغاندەك، بىزدىن  كېيىنكىلەرمۇ ئىشنى يېڭىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، خۇددى كۈنىمىزگىچە ئۇدۇملىشىپ كېلىۋاتقان، سىستېملاشمىغان، يىرىك كۆز- قاراش ۋە پىشمىغان چۈشەنچە ئادەتلىرىمىز بىلەن  مىللىتىمىزنى يېتەكلەيمىز، ئەسىرلىكتىن، مۇستەملىكىدىن قۇتقۇزۇپ قالالايمىز دېيىش- خىيالى گەپ بولۇپ قالىدۇ.

 

04.06.2018

ئابدۇرەھىمجان