ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى
مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى تەشكىلات رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ قاتنىشىشى بىلەن، گېرمانىيىنىڭ نۈرنبەرگ شەھىرىدە، ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىرىلدى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىن جەريانى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاندى.ec71b31cc07c019b15c4ffbbdbdc447a
بىرىنچى: ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئومۇمى خىزمەتلىرى، تەشكىلات ئىچىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يېتەرسىزلىكلەر، تەشكىلات سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى پاسسىپ ئەھۋاللار، تەشۋىقات، تەرغىبات ئىشلىرىدىكى ئاكتىپسىزلىق، ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە تەشكىلاتنى كېڭەيتىش خىزمەتلىرىدىكى قانائەتسىز ئەھۋاللار بىرمۇ بىر كۆزدىن كەچۈرۈلدى .
ئىككىنچى : ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تەشكىلى مۇناسىۋەتلەر، يىراق- يېقىن ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە شەخسلەر بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، يېتەرسىز نەتىجىلەر، شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەشكىلاتلار بىلەن، قايسى شەخسلەر بىلەن قانداق شەكىلدە مۇناسىۋەت قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئۈچىنچى: ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئىجرا قىلىدىغان خىزمەت پىلانلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلار يۈزبەرگەندە قوللىنىدىغان جىددى، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
تۆتىنچى: ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى زامان ۋە شارائىتقا مۇناسىۋەتلىك ۋاقتى ئۆتكەن بەزەن بەلگىلىمىلەرگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، تولۇقلاش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 1- نومۇرلۇق باياناتىنىڭ بەزەن تارماقلىرىغا ئىزاھات بېرىش، تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش .. قاتارلىق جىددى قارارلار ماقۇللاندى.
ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى
2016-03-21 – مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …