پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلانىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇچۇق خېتى

ئوچۇق خەت
سالام ئەنۋەرجان، ئەسقەرجان، ئابلىمىت ۋە دولقۇن،

1

قاتتىق ئېچىنىش بىلەن شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، بىز پەخىرلىنىپ خىزمىتىدە بولغان، دۇنيانىڭ نەزىرى تىكىلگەن، خىتاينىڭ كۆزىگە نەشتەردەك سانجىلغان ۋە خەلقىمىزگە ئۈمىد بېرىپ كەلگەن دۇق ئېغىر كرىزىسكە پاتتى. مەيلى ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى، بۇ كرىزىسنىڭ ھالاكەتكە ئايلىنىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بوپ قالدى. ئەمدى، ۋەتەن ئوغلانلىرىنىڭ كوزى ياشتا، قەلبى پىغاندا. دۇشمەنلىرىمىز بولسا بەزمىدە، دۇنيا قايمۇقۇشتا. بىز مانا مۇشۇنداق قىلىپ، ئاستا-ئاستا ئىچىمىزدىن ۋەيران بولۇشقا قەدەم تاشلىدۇق.

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنىڭغا ئۈنسىز شاھىت بولۇپ تۇردۇقكى، رابىيە خانىم (سېيىت تۇمتۇركنى ياكى مېنى قاتساڭلارمۇ مەيلى) بىلەن گېرمانىيىدىكى سىلەر ئوتتۇرۇڭلاردىكى ئىختىلاپ پەسەيمىدى. ئەرزىمەس ئىشلارنى باھانە قىلىپ، گەپ يورغىلىتىپ، دۇق نىڭ سايلىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە بىر يەرگە كېلەلمىدۇق. ئاخىرى ھېچقانداق قارارنى ئالالمىدۇق. بۇ جەرياندا تۈگىمەس جېدەل-ماجرا، گۇمانخورلۇق، ئەيىبلەش، تۆھمەت قىلىش ۋە ھەتتا قارىلاش ئەۋجىگە چىقتى. ھەممىمىز دېگۈدەك بۇ دەھشەتلىك بۆلۈنۈشكە قاراپ تۇردۇق. قاراپ تۇردۇق دېمەك، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشىنى خالاپ تۇردۇق دېمەك ئىدى. سۈكۈت قىلدۇق دېمەك بىزدە بىر مەۋقە ۋە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى يوقالدى دېمەك ئىدى. نەتىجىدە ئوتتۇرىمىزدا بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنج يوقالدى، ھۆرمەت تۇگىدى ۋە تېخىمۇ يامىنى ئۈمىد ئۈزۈلدى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ يىل خەيرسىز باشلاندى. ئالدىمىزدىكى سايلام ھەققىدە تېلېفون يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلارغا ھۆرمەت قىلىنماستىن، گېرمانىيىدىكى ئەنۋەرجان، ئەسقەرجان، ئابلىمىت ۋە دولقۇن قاتارلىقلار ئۆز ئالدىغا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئۇلار بۇ قەدەر زور ئىشتا، بۇ قەدەر زور ئستراتېگىيىلىك قارار ئېلىشتا، ئۈزىنىڭ رەئىسى بىلەن ئالدىنئالا مەسلىھەتلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭغا ھەدەپ سايلامدا ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىك ھەققىدە خىلمۇ-خىل بېسىملارنى چۈشۈرۈپ كەلدى. تورلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى دەپ قارالغان رابىيە خانىم ئەڭ ئەرزان، ئەڭ پەسكەش ۋە ئەڭ ھاقارەتلىك ئۇسۇلدا قارىلىنىۋاتقاندا، ھەممىمىز ياكى ئۇنىڭغا ئارىلاشمىدۇق ياكى يىراقتا تۇرۇپ ئويۇن كۆردۇق ياكى بۇ ئويۇننى تېخىمۇ قىزىتتۇق.

بۇ مىللەتنىڭ لىدېرلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي دەيمەن. 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن دۆلەت قۇرغان ئىككى بۈيۈك لىدېر چىققان: سابىت داموللام ۋە ئەلىخان تۆرە. خەلقىمىزنىڭ نادانلىقى ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرىدا قۇربانلىق بولۇشقا ئاپاردى. سابىت داموللام قۇربانلىق قىلىنىۋاتقاندا، ئۈندىمىگەن ئەگەشكۈچىلىرى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئەلىخان تۆرىنىڭ بېشىغا كۈلپەت كەلگەندە ئۈندىمىدى. ئەمدى 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىنبىر لىدېر رابىيە قادىر خانىم تور-تورلاردا ھاقارەتلىنىۋاتقاندا، دۇق نىڭ رەئىسلىكىدىن مەجبۇرىي تارتىپ چۇشۇرۇلىۋاتقاندا، ئۇلار يەنىلا ئۈندىمىدى. ئۈندىمىدىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنتايىن زور جۈرئەت بىلەن “يوقال، سەن بىزگە كېرەك ئەمەس” دېيەلىدى.

بولدى قىل قېرىندىشىم! سېنىڭ شەيتىنىڭ كىچىك كۆرسىتىۋاتقان رابىيە قادىر 20 مىليون ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسىدۇر. ھەممىمىز قولىمىزنى يۈرىكىمىزگە قويايلىكى، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى بىز بىلەن ئەمەس، بۇ ئايال ۋە ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ساناقسىز قەھرىمانلىرىمىز بىلەن تونۇغان. بىز بۇ ئايالنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمىگەن بىلەن، دۇنيا بىلىدۇ. دۈشمىنى تېخىمۇ شۇنداق. بىز بۈگۈن دۇق نىڭ سەھنىسىدىن سۆرەپ چۈشۈرىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ نامى ئاللىبۇرۇن ۋە يەنە كەلگۈسىدە مىليونلىغان ئەجنەبىيلەرنىڭ قەلبىگە ئورناشقان ھەم ئورنىشىدۇ. ئۇ يۇكسەك ھۆرمەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ. بىز ھازىر ئەسلىمەسلىككە قەسەم قىلغان يەنە مۇشۇ ئايال كەلگۈسىدە مىليونلىغان قەلبلەر تۆرىدە ئىپتىخار بىلەن ئەسلىنىدۇ. تارىخقا ئۇيغۇرلارنڭ لىدېرى دەپ يېزىلىدۇ.

سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلىۋاتقان ھاقارىتىڭلار ماھىيەتتە بۇ مىللەتنىڭ ئانىسىغا، شۇڭا ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا قىلىنىۋاتقان ھاقارەتتۇر—ئەگەر بىز بۇ غۇرۇرنى تۇيۇشتىن مەھرۇم قالمىغان بولساقلا. ئەگەر بۇ خەلقتىن بۇ قېتىممۇ خۇددى تارىختىكىدەك سادا چىقمىسا، ئۇ زامان بۇ خەلققە خۇدانىڭ مەرھەمىتىنى تىلىمەكتىن باشقا ئامالىم يوق.

ئەنۋەرجان، ئەسقەرجان، ئابلىمىت ۋە دولقۇن، سىلەرنىڭ بۇ قېتىم دۇق نىڭ تارىخىنى رابىيە قادىرسىز قايتىدىن يېزىپ چىقىشتەك “ئۇلۇغۋار” ئىرادەڭلەرنى كۆردۈم. بىلىمەن، ئۆز ئالدىڭلارغا قۇرۇلتاي ئاچالايسىلەر ۋە ئاچىسىلەر. ھەممىڭلار ئۆزۈڭلار كۆزلىگەن مەقسەتكە رابىيە قادىرنى زار-زار يىغلىتىش، چەتلەشتۇرۇش، قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئاخىرى دۇق نى ئىككىگە بولۇش ھېساۋىغا (نىشانىغا) يېتىسىلەر. مانا بۇ ھازىر ئوينىلىۋاتقان ئويۇننىڭ قائېدىسى. بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن ھېچنېمىدىن ئايانمايسىلەر. بۇنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن.

ئۆزۈڭلارنى تارىختا ئاقلاش ئۈچۈن رابىيە قادىرنى قاتتىق قارىلىشىڭلار كېرەك. شۇندىلا، ئۆزۈڭلار قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلارنى ئۆزۈڭلارغا ۋە باشقىلارغا چۈشەندۈرەلەيمەن دەپ ئويلىيالايسىلەر. بۇنىڭدىن كېيىن قەلبىڭلارنى چىرماپ تۇرىدىغان گۇناھ تۇيغۇسىغا ئاز-تولا بوشىنىش تاپالايمەن دەپ قارىيالايسىلەر. (بۇ ھادىسىنى ئىڭلىزچىدە matricide دەيدۇ. ئىزدىنىپ بېقىڭلار). سىلەر ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كېيىن رابىيە قادىر، خىتاي، مەن ياكى يەنە بىرى بىلەن ئەمەس، دەل ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھ تۇيغۇڭلار بىلەن ئېلىشىپ ئۆتىسىلەر. سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ جاسارەت تىلەيمەن.

مانا مۇشۇ جاسارەتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، ئۆز ئالدىڭلارغا قۇرۇلتاي ئاچساڭلار، بىرىڭلار كۆزلىگەن ھوقۇققا، بىرىڭلار قەلبىڭلارنى يىللاردىن بېرى بېسىپ كەلگەن ئۆچمەنلىكنى بىردەملىك چىقىرىۋېلىشقا، بىرىڭلار ھاياتىڭلارنىڭ ئاخىرىدا ئۇ دۇنياغا نامسىز كېتىشتەك قورقۇنچقا تەسكىن تېپىشقا، يەنە بىرىڭلار ئۇيغۇر دەۋاسىدىن ئىبارەت بۇ تاتلىق ئەرمەكتىن تېخىمۇ ھۇزۇر ئېلىشقا ئېرىشەلەيسىلەر. دېمەك، تاڭلا ئەتە، ھەممىڭلارنىڭ مۇرادى ھاسىل بولىدۇ.

رابىيە خانىممۇ دۇق غا ئەمدى قايتا يولىماسلىقى مۇمكىن. يەنە نۇرغۇن تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرمۇ دۇق غا قايتا يولىمايدۇ. مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. مەن دۇقغا پەقەت لىدېرىم رابىيە قادىرغا ئەگىشىش ئۇچۇن 2007-يىلى ئامېرىكىغا يىغىنغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قاتناشقان. ئەمدى مەن بۇ لىدېرنى بۇ قەدەر قوپاللارچە ۋە ئاھانەتلىك قوغلاپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان قۇرۇلتاينى ئۆزۈمگە راۋا كۆرەلمەيمەن.

ئەنۋەرجان، ئەسقەرجان، ئابلىمىت ۋە دولقۇن، ئەمدى دۇق سىلەرگە ئوڭچە قالىدۇ. 2004-يىلىدىكى پەدەڭلار بويىچە نامايىش قىلىش ياكى بىر-ئىككى خەلقارالىق يىغىنغا (گەرچە ھېچقايسىڭلار ئېڭلىزچىنى تولۇق بىلمىسەڭلارمۇ) قاتنىشىپ قويۇش بىلەن خەلقئارادا ئۇيغۇر دەۋاسى قىلغان بولىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىمۇ ئالدايسىلەر، خەلقىڭلارنىمۇ ئالدايسىلەر، دۇنيانىمۇ ئالدايسىلەر ۋە ھەتتا، مەسخىرىلىك يوسۇندا، دۈشمىنىڭلارنىمۇ ئالدايسىلەر.

ئەنۋەرجان، ئەسقەرجان، ئابلىمىت ۋە دولقۇن، ۋىجدانىڭلارغا شۇنداق دېيەلەڭلاركى: << بۇ ئىشتا خىتاينىڭ قولى يوق؛ بىز بۇنى پەقەت ئۆزىمىز مۇستەقىل قىلىۋاتىمىز. >> ، بۇنىڭ جاۋابىنى پەقەت ئۆزۈڭلارلا بىلىسىلەر.

ئاخىرىدا سىلەر تۆتىڭلارغا دەپ قوياي، خۇددى ئۆتكەندە دېگىنىمدەك، بۇ قىلمىشىڭلار بىلەن تارىخقا ھامان جاۋاب بېرىسىلەر. ماۋۇ سۈكۈتتە تۇرغان خەلققە ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب بېرىسىلەر. ئەنە شۇ چاغدا خەلقنىڭ لەنىتىگە مەڭگۈلۈك قېلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ھازىر سىلەرنىڭ قېنىڭلار ماگمىدەك قىزىۋاتىدۇ. نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەلمەيۋاتىسىلەر.

بۈگۈن رابىيە قادىر يىغلىغان بولسا، تاڭلا ئەتىسى سىلەر يىغلاپ قالىسىلەر. خۇدانىڭ زامانى ئۇزۇن.

ئەڭ ئېچىنىشلىقى، خەلق يىغلاپ قالىدۇ.

ئامان بولۇڭلار!

مەمتىمىن

مەنبەسى : https://www.facebook.com/mamtimin.ala/posts/1323674204316777

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …