تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (8)

( پوۋېست )

سەھەر

8 – بۆلۈم

images
كۈرەش ھەققىدە بايانات.
كۈرەش- ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ سۆز مەريەمگۈلنىڭ تۇيۇقسىز خىيالىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسقىسى كېلىدىغاندەك، خۇددى سېزىك ئايال بىر نەرسىدىن سەسكەنگەندەك بىر سېزىم پەيدا بولىدىغان بولۇپ قالدى.چۈنكى مەريەمگۈل،ئۇ كۈرەش بۇ كۈرەش، ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىش بۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىش دىگەنگە ئوخشاش بەزىدە مەۋجۈت ۋە لېكىن بەزىدە مەۋھۇم بولغان بۇ ئۇقۇم ئىچىدە تۇغۇلدى ۋە ياشىدى. ئۇنىڭ ئانىسى تۇردىگۈل خانىم ئۇنى مەدىنيەت ئىنقىلاۋى كۈرىشى تازا ئەۋجىگە چىققان يىللاردا تۇغدى.شۇندىن كېيىن ئۇ ئۆزىمۇ مەنىسىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان، شۇجىڭجۇيىچىلار بىلەن كۈرەش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش، ئامېركا جاھاڭىرلىرىغا قارشى كۈرەش، ئوڭچى يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش، پانتۈركىزىم بىلەن كۈرەش ……….ۋاھاكازا كۈرەشلەر دە شوئار يادلاش بىلەن ئۆتكۈزدى كۆپلىگەن يىللىرىنى مەريەمگۈل. مەريەمگۈلنىڭ 3 ياشقا كىرگەن مەزگىللىرى بولسا كېرەك، تۇيۇقسىز دادىسى قايسىدۇر بىر چوڭ شەھەردىكى گېزىتخانە مۇدىرلىغى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، مەريەمگۈل چوڭ بولغان بۇ شەھەرگە سۈرگۈن قىلىندى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئائىلە تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئومۇرتقىسىغا جايلاشقان موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قارا سۇ يېزىسىغا تارقاقلاشتۇرۇۋېتىلدى.ئاتا ئانىسى ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ يۇرت ماكانلىرىدىن قانداقتۇر بىر روھى بېسىم ۋە مەجبۇريەت ئىچىدە ئايرىلىشنىڭ سىقىنتىلىرىنى تارتىش ئىچىدە، يۈك تاقىلىرىنى يوغان قارا ماشىنىغا بېسىۋاتقان، مەھەللە كويلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك پارتىزان بولۇشقا مەجبۇرلۇنۇپ يۈزلىرىدە قىلچە كۈلكىدىن ئەسىر يوق كۈنلەردە، 3 ياشلىق مەريەمگۈل، قىزىل قەغەزدە ياسالغان بايراقچىسىنى لەپىلدىتىپ، بىردە ئوڭچى يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلايلى دەپ شوئار توۋلىسا، بىردە تاغلارغا چىقايلى ئەي ئەزىمەتلەر پارتىزان بولايلى مۇشۇ كۈنلەردە دەپ ئەمدىلا چىققان چۈرۈك تىللىرى بىلەن ناخشا ئېيتىپ قورۇنى بېشىغا كىيەتتى.بۇنداق چاغلاردا مەھەللىدىكى كىشىلەر بىر بىرلىرىگە قارىشىپ مەنىلىك كۈلۈشۈپ قوياتتى بەزىلىرى بولسا مەريەمگۈلنى قۇچاقلىرىغا ئېلىپ نەگە ماڭدىڭىز تاتلىق قىز دەپ ئەكىلتەتتى. مەريەمگۈل بولسا تاققا ماڭدۇق پارتىزان بولىدىغانغا ئوڭچى يەرلىك مىللەتچىلەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغانغا دەيتتى كەمتۈك تىللىرى بىلەن، بەزىدە ئۇ بالىلىق تىللىرى بىلەن ئوڭچى يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلايلى دەپ پۈتۈن كۈن شوئار توۋلاپ قورۇنى بەشىغا كىيەتتى بۇنداق چاغلاردا، مەھەللىدىكىلەر بىر بىرلىرىگە مەنىلىك قارىشىپ پىخىلدىشىپ كۈلۈشەتتى. چۈنكى، مەريەمگۈلنىڭ دادىسى سەمەر ئوڭچى يەرلىك مىللەتچى دىگەن قالپاقبىلەن خىزمىتىدىن قوغلاندى قىلىنغان ۋە ئەمدىلىكتە بۇ يەردىن 300 كم چە يىراقلىقتىكى قارىسۇ يايلاقلىرىغا سۈرگۈن قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى. ئەمما ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن بۇ سەبى قىز نە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن خەبەردار، نە ھاياتتىن خەبەردار پەقەت ۋە پەقەتلا باشقىلارنى دوراش بىلەن بالىلىق ھاياتىنى نامايەن قىلماقتا.مەريەمگۈل قارىسۇ يايلاقلىرىدا ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن ھىچ مۇستەسنا خۇددى ئەركىن قۇشتەك چوڭ بولۇشقا باشلىدى. مەريەمگۈل مەكتەپكىمۇ كىردى.بەزىدە ئۇ ئۇزۇن قىشنىڭ ئاپپاق قارلىق سەھەرلىرىدە مەكتەپكە كېتىۋاتقاچ بالىلىق كاللىسى بىلەن شۇنداق ئويلايتتى. ئەجەبا، ياپون باسقۇنچىلىرى دىگەن كىمدۇ بىر كۆرۈپ باقسام، ئامېركا جاھاڭىرلىگى دىگەنچۇ، پانتۈركىزىم دىگەن نىمىدۇ ……………نىمىگە بۇنچىلا قاتتىق كۈرەش قىلىدىغاندىمىز بۇ كۆرۈنمەيدىغان ئادەملەر بىلەن دەپ ئويلايتى ئۇ ئۆزىچە.يېشى چوڭايغانسىرى ئۇنىڭ يەلكىسىدىكى كۈرەشلەرنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بېرىشقا باشلىدى. راك بىلەن كۈرەش، نامراتلىق بىلەن كۈرەش، ئەيدىز بىلەن كۈرەش،ئاق تاماكا بىلەن كۈرەش ۋاھاكازا…………….مەريەمگۈل يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ دۇنيادىكى ھەممە كۈرەشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قېلىۋاتامدىغاندۇ دىگەن تۇيغۇغا كېلىشكە باشلىدى. كېيىنچە ئۇنىڭ كۈرەشلىرى تىزىملىگىگە يەڭى ئاتالغۇلار قوشۇلۇشقا باشلىدى.بۇلار سىياسى ئىدىيىۋى كۈرەش، مىللى بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش،تېرورىستلارغا قارشى كۈرەش،دىنى ئەسەبىلىككە قارشى كۈرەش ۋاھاكازالار ئىدى.بۇ كۈرەشلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى ئەڭ ياخشى ۋىجدانلىق خىزمەتداشلىرىدىن، دوستلىرىدىن، مەھەللىدىكى ئەڭ ياخشى خوشنىلىرىدىن ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىرىنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ھىچبىر سەۋەپسىزلا 10 يىللىق 15 يىللىق مۇıددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىغىنى ھەتتا ئۆلۈم جازاسىھا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرگەن مەريەمگۈل، قانۇن ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىماقچى بولۇپ ھەتتا ئادۋۇكاتمۇ بولدى، ئەمما ئۇ بىر يەرلەرگە كېلىپ توسۇلۇپ قالدى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان توساقلار مەريەمگۈلنىڭ پۇت قولىنى چۈشەپ قويدى. شۇ چاغدا ئۇ بىر نەرسىلەرنى بىلىشكە باشلىدى.
مەريەمگۈل، تارىختا شەرقى تۈركىستان دەپ تونۇلغان، ئەمما ھازىر خىرە شىرە يالقۇنجاپ ئوچۈش ھالىتىدە قالغان ئاخىرقى گۈلخان ئۇچقۇنلىرىدەك يېلىنجاۋاتقان بۇ ۋەتەندىكى،خەلقلىرى بىردە كۈلۈپ قورۇق مومايدەك قورۇلۇپ قالىدىغان،بىردە ھۇررا دەپ شۇئار توۋلاپ جاھانغا پاتماي قالىدىغان سىرلىق بىر شەھەردە تۇغۇلدى.
مەريەمگۈل بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ ئۆزگۈرۈپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنى ئافرىقىدىكى قاراڭغۇ بىر ئورمانلىققا كىرىپ قالغان ئادەمدەك ھىس قىلىشقا باشلىماقتا ئىدى.ئۇ بۇ ئورماندىن چىقىپ كېتىشى، يەڭى يورۇق، ئادەمنىڭ قىممەت ئېتىبارى بار بىر دۇنيانى تېپىشى بالىلىرى ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىغا ھەر خىل كۈرەشلەردىن خالى، ھىچ بولمىغاندا كۈرەشلەر بىر قەدەر ئاز بولغان تىنىچ خاتىرجەم قەدىر قىممەتلىك بىر ھايات بەخىش ئېتىشى كېرەك ئىدى. ئويلۇنۇش ۋە تەپەككۈر قىلىش ،يەنە ئويلۇنۇش ۋە يەنە تەپەككۈر قىلىش ئۇنى يېڭى بىر كۈرەش يولىغا باشلاپ كىردى.تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسى ۋاڭڭىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدىدە، ئۇ قايمۇقۇپ يۈرۈۋاتقان پۈتكۈل كۈرەشلەر پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كۈرەشكە مەركەزلىشىپ، خۇددى كومپىيۇتىردا ساخلاپ قويۇلغان بىر دوكۇمىت كۆپەيتىلىپ بېسىپ چىقىرىلغاندەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. بۇ بولسىمۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش يولى ئىدى.بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ تۈپتىن بۇرۇلۇش نوختىسى ئىدى. بۇ كۈرەش بارلىق كۈرەشلەرنىڭ يىغىندىسى ۋە شۇنداقلا بارلىق ئويلۇنۇشلارنىڭ جەۋھىرى بولغانلىغى ئۈچۈن شۇنداق بىر مۇقەددەس كۈرەش ئىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مەريەمگۈل شۇنداق قەيسەرلىشىپ كەتتى. ئۇ يۈرۈگىنىڭ يوغۇناپ قورقۇمسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىغىنى سېزىپ تۇرماقتا ئىدى.
مەريەمگۈل كۈرەش يولى ئايدىڭلاشقان ئەشۇ يامغۇرلۇق سەھەرنى ھىچ يادىدىن چىقارمايتى. ئۇ ئەشۇ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى بىر سەھەردە، بىر كىچىك كورىغا ئۈرۈكتەك سېرىق قايماقلىق ئەتكەن چاينى ئەتتى ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بىر تال قىزىلمۇچ بىلەن بىر تال شوخلىنى توغراپ تۇز تەمىنى تەڭشەپ خامكۆكتات ھازىرلىدى ۋە قورۇسىنىڭ پەشايۋىنىدا ئولتۇرۇپ كۈز يامغۇرىنىڭ زىمىننى قۇچاغلىشىنى تاماششا قىلغاچ، يۈرۈگىنى تىڭشىماقتا ۋە ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش قارارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ يالغۇز ئاتلىنىدىغان بۇ كۈرىشى ئادەتتىكى بىر كۈرەش ئەمەس بەلكى ئەجدەرھا بىلەن بولغان كۈرەش ئىدى. ئۇ نىپىز يەقىلغان پىيازلىق تونۇر نېنىنى ئىككى قاتلاپ ئۇشتۇپ ئەتكەن چېيىغا سالدى. بىر كۈن بۇرۇن كۈز شامىلىدا ئۇچۇپ يۈرگەن غازاڭلار بۈگۈنكى كۈز يامغۇرىدا، زىمىن بىلەن يامغۇر ئارىسىدا شۈمشەيگەن ئىدى. ھايات مانا مۇشۇنداق،تۈنۈگۈن كۆز غازاڭلىرىنىڭ كۈنى تۇققان بولسا بۈگۈن تاڭدىن تۈنگىچە كۈز يامغۇرى ھۆكۈمدار. مەريەمگۈلنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى ئۆز قورۇسىنىڭ پىشايۋىنىدا ئولتۇرۇپ سەھەردە ياققان كۈز يامغۇرىنى تاماششا قىلىپ ئىچكەن بۇ ئەتكەن چېيى ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ۋە ھاياتىدا تونۇر نېنى بىلەن ئىچكەن ئەڭ ئاخىرقى ئەتكەن چېيى بولۇپ قالدى.مەريەمگۈل خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللاپ، ئەتىسى سەھەردە يولغا چىققاندىن كېيىن ئانا ۋەتىنىگە ھىچ قايتىپ كەلمىدى. ئۇ ئۆلۈپ كەتتى ئۇنىڭ مېيىتى كانادادىكى بىر مۇسۇلمانلار قەۋرىستانلىغىغا قويۇلدى. ئۇنىڭ قەۋرە تېشىغا كانادا تىمخورتوندا ئىشلىگەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال. شەرقى تۈركىستاننىڭ، ئادەملىرى بىردە چاخچاخلىشىپ كۈلۈشۈپ مومايدەك قورۇلۇپ قالىدىغان، بىردە ھۇررا توۋلاپ جاھانغا پاتماي قالىدىغان خاسىيەتلىك بىر شەھىرىدىكى بۇلبۇللىرى چوڭقۇر خەندان ئۇرۇپ سايرايدىغان، يۇقۇرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمللىرى 3 خىل ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان بىر دەريا ساھىلىدە تۇغۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى نەزىرىدىكى دۈشمەن، ئۇيغۇر خەلقى نەزىرىدىكى ئەركىنلىك جەڭچىسى دەپ يېزىلغان ئىدى.
مەريەمگۈل، ۋەتەندە قۇرۇلغان ئەل ئامان تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈرەش ۋەتەننىئىڭ ئىچىدە دەپ ئويلىغان ئىدى ئەينى چاغدا، ئەل ئامان تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىمۇ شۇنداق ئويلاشقان ئىدى. ئەل ئامان تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، قىيىن قىستاقتا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتشقا ماددى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدىغان تەشكىلات ئىدى.
مەريەمگۈل تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ شەھەردە، ھايات ئۈچۈن خىيالچان ھالەتتە كوچىلاردا ئىلدام كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ياش ۋە قېرىلار،ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي مۇستەبىتلىرىنى ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەسلەتلەشكەنلىگى ئۈچۈن ئېتىلىپ كەتتى.مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك كېسىلدى. بۇ شەھەرنىڭ باھار،ياز، كۈز ۋە قىشى ئوخشاش ئادەملەر غەمكىن ۋە قايغۇلۇق.ئەمما ھايات توختاپ قالمىدى.
قار تازىمۇ قېلىن ياققان شىۋىرغانلىق قىش كۈنلىرىنىڭ بىر سەھىرىدە ،ئېرىنى خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۋەتكەن ياش چوكان .سوغۇقتا توڭلاپ كەتكەن دەرۋازا قۇلۇپىنى چوغدانلار بىلەن تەستە ئىسىتىپ ئاچتىدە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يوشۇرۇنچە تاشلاپ قويۇلغان ئۇن گۈرۈچ ۋە مايلارنى كۆردى. يۇڭ پوكىۋاي ياغلىغىغا قانچە مەھكەم ئورۇنۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا تىترەپ تۇرغان چوكان، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىتتىك قاراپ قويدىدە نەرسىلەرنى ئارقا ئارقىدىن دەرۋازا ئىچىگە ئاندىن ئۆيىگە سۆرەپ ئەكىرىۋالدى. كىچىككىنە كەلگەن ھەم ئاشخانا ھەم ياتاق ئۆي ئورنىدىكى بۇ تۇرالغۇ ئۈستىدىكى كاڭدا بىر چوڭ كىشىنىمگ يوتقىنى ئۇنىڭ يېنىدا بىر بۆشۈك، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى بالىلار يوتقىنى يېقىن سېلىغلىق تۇراتتى.نەرسىلەرنىڭ بەك توڭلاپ كەتمىگىنىگە قارىغاندا قويۇپ قويۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى.چوكان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىكى قارلارنى مۇزلاپ قىزىرىپ كەتكەن قوللىرى بىلەنسىلكىپ-سىلكىپ قاققاچ ئەل يۇرت ئامان بولسۇن دەپ شىۋىرلىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىغا بىر نەرسە ئۇرۇلدى ،خالتىلارنىڭ ئاغزىدا بىر باغاقچە تۇراتتى باغاقچە يۆل بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن،بىرنەچچە يالتىراق خالتىنى بىر قىلىپ،مەھكەم ئورالغان ئىدى.بۇ قېتىم چوكاننىڭ قوللىرى بۇ قاتتىق باغلانغان يالتىراقلارنى ئېچىش ئۈچۈن قولاشماي قالدى.ئۇ قايچا ئىزلىمەكچى بولدى ئاندىن ئېسىگە كەلدىكى قايچا ئىشلەتمىگىنىگە بەك ئۇزۇن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئاللىقاچان ئاجراپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مەشنى ئېچىپ قارىدى مەشتە بۇ پىلاستىك خالتىنىڭ ئاغزىنى بىر ئاز ئېرىتقۇدەك ئوت كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يۈگرەپ بېرىپ ياستۇغىئى ئاستىغا قويۇپ قويغان پىچاقنى ئالدىدە مەھكەم باغلانغان پىلاستىك خالتىنى پىچاق بىلەن تىرنىلاپ ئاچتى.باغاقچىغا دانە-دانە قىلىپ كونا يېزىقتا دەرۋازىنىڭ ئىچىگە تامنىڭ يېنىغا قاراڭ، كېسەككە باغلاقلىق بىر كەنۋىرت بار كۆمۈر ئالارسىز، ئەل ئامان تەشكىلاتى دەپ يېزىلغان ئىدى.سىرتتتا يەنە شىۋىرغان ھۇۋلىماقتا ئىدى.بۇ قېتىم چوكان پوكىۋاي ياغلىغى بىلەن يۈز كۆزلىرىنى مەھكەم ئوراپ،بالىلار يوتقىنى ئۈستىگە يېپىپ قويغان پاختىلىق ئەرەنچە پەلتۇنى كىيىپ ھويلىغا چىقتى. ئۇ شىۋىرغان ئۇچۇرۇپ قار دۆۋىلىرى پەيدا قىلىپ قويغان پەلەمپەيلەردىن ئاۋايلاپ چۈشۈپ،قورۇ تېمىنىڭ يېنىغا كەلدى.ئۇ چوخچىيىپ تۇرغان بىر نەرسىنى مۇشۇ چېغى دەپ قارغا قولىنى تىقىۋىدى قاتتىق قېتىپ قالغان مۇز بولۇپ چىقتى.چوكاننىڭ قولى قاتتىق مۇزلاپ كەتتى. ئۇ قولىنى دەرھال پاختىلىق پەلتۇسىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ئىسىتتى.بۇ قېتىم ئۇ يۇڭ پايپاق ئۈستىگە كالاچ كىيىۋالغان پۇتلىرى بىلەن قارلارنى ،ئىلەشتۈردى ئۇنىڭ قولىغا يەنە قاتتىق بىر نەرسە ئۇرۇلدى بۇ قېتىم ئۇ كېسەكنى تاپقان ئىدى ئۇ پۇتى بىلەن قارلارنى ئىتتىرىپ ئىرغىتىپ پىششىق كېسەككە رېزىنكە بىلەن مەھكەم باغلانغان يەنە بىر پىلاستىك خالتىنى كۆردى. شىۋىرغانلىق قار ئۇچقۇنى ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرماقتا،ئىتەكلىرىنى ئۇچۇرماقتا بىردەمنىڭ ئىچىدە ئۇ ئاپپاق قار ئادىمىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.چوكان مۇزلاپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ئاخىرقى بىر غەيرەتنى كۆرسۈيۈپ كېسەكنى يەردىن ئۈزۈپ ئالدىدە ئۆيگە يۈگۈردى. يەنە بىرنەچچە يالتىراق خالتىغا ئورالغان بىر كەنۋىرت چىقتى. چوكان ئۇنى ئاۋايلاپ ئېچىپ تەقەززالىق بىلەن ساناشقا باشلىدى بىر ئىككى ئۈچ……رەقەملەر كۆپەيگەنسىرى چوكاننىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۈم ئالامەتلىرىمۇ شۇنىڭغا قارىتا ئۆزگەرمەكتە ئىدى.كەنۋىرتتە 500 يۈئەن پۇل بار ئىدى.چوكان قاتتىق بىر ئۇلۇق كىچىك تىندىدە يەنە شىۋىرلاپ، ئەل يۇرت ئامان بولسۇن دىدى.
يۇقۇردىكى پارتىزانلىئىق ياردىمىنى ئېلىپ بارغانلار، ئەل ئامان تەشكىلاتىدىن ،مەريەمگۈل باشلىق 3 ئايال ئىئىدى.
دەرھەقىقەت بۇ شەھەر خەلقى كۆپ نەرسىلەرگە چارىسىز بولسىمۇ ئەمما شېھىت ئائىلىلىرىنى قوغداشقا قادىر ئىدى.
بۇ شەھەردە نۇرغۇن ياشلار ئۆلۈپ كەتتى. بۇلار خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىشىپمۇ،خائىنلارنىڭ ساتقىنلىغى سەۋەبىدىنمۇ،تۈرمىلەردىكى ئۇرۇش قىيىن قىستاق بىلەنمۇ،ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش بىلەنمۇ ئۆلۈپ كەتتى.ئەمما شەھەر خەلقى زادى قانچىلىك ياشنىڭ ھەر يىلى ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىغىنى بىلمەيتتى.ئۇلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغان مۇستەققىللىق جەڭچىلىرى ئىدى.
نورمىلىق ئايلىق مۇئاش ئالىدىغانلارنىڭ چېھرىدىكى ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ قالىدىغان يېرىم تەبەسسۇم ئالامەتلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا،بۇ چاخچاقچىلار شەھرىنىڭ كوچىرى بالاغېمى،ئۆي غېمى ۋە بىر ۋاق تاماق غېمى بىلەن ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ئۈستى باشلىرىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەملەر توپى بىلەن تولغان ئىدى.قاتتىق سىگنال بىلەن ئادەملەر بىلەن يول تالىشىپ ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلار،ئارلىقلارغا قىستۇرۇلۇۋالغان ۋەلسىپىت ۋە موتوسىكىلىتلار ئەنسىز شەھەرگە يەنىمۇ ئەنسىزلىك قوشماقتا ئىدى..ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم………….ئۇلار قانچە غەمكىن بولسىمۇ تونۇش بىلىش يارۇ بۇرادەرلىرىگە سالام بىرىشنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.بۇ سالامغا چوڭقۇر مەنالار يوشۇرۇنغان.ئۇلار ئامان بول……ئامان بولايلى دىمەكچى.
شەھەر چارىسىز ئەمما ياشاشتا چارىلەر ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.خەلق قۇدرەتلىك. خىتاي تانكىلىرى، قوراللىق ئەسكەرلىئىرى، ساقچى ماشىنىلىرى، شەھەر كوچىلىرىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقنى قاتتىق تەكشۈرمەكتە ئىدى. ئەڭ يامان بولغىنى ۋە قورقۇشقا ئەرزىيدىغىنى ھەر قايسى مەھەللىلەردىن سېتىۋالغان مۇئاشلىق تىڭتىڭچىلار ئىدى. ئەل-ئامان تەشكىلاتىنىڭ پاش بولۇپ قېلىئىشى كۆز بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىغىدىكى ئىشى ئىدى. ئەل ئامان تەشكىلاتى ئەزالىرى جىددى يىغىلدى. بۇ يىغىلىش تارىخى خارەكتىرلىق يىغىلىش بولۇپ، كۆپ مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، پاش بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىغىنىڭ قاش بىلەن كىئىرپىكنىڭ ئارلىغىدا قالغانلىغىنى، ئەگەر پاش بولۇپ قالغان تەغدىردە، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى قىيىن قىستاققا ئاياللار تۈگۈل ئەرلەرنىڭمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىغىنى، نەتىجىدە ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ بىر ئەۋلات ئويغاق ۋە ئىلغار زىيالىلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش ۋە بوشھلۇق بولىدىغھانلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەل ئامان تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەزالىرىنىڭ ئىمكانىيەت يار بەرگەن يوچۇقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كتىش ۋە چەتئەللەردە ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ بېشىئىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىش قارارى ئالدى. بۇ قارار ئەينى چاغدا توغرا قارار دەپ قارالغان. ئەگەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەر دۇنياغا بىلدۈرۈلمىگەندە، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى بىر كېچىدە يوق قىلىۋەتسىمۇ دۇنيا بىلمەي قالىئىدىغانلىغى نەزەرگە ئېلىنغان ئىدى. مەريەمگۈل، دۇنيادىكى بارلىق كۈرەشلەرنى يۇغۇرۇپ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كۈرەشكە يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆر ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىگە يىغىنچاقلىغان شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، چەتئەللەرگە چىقىپ، خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، شۇنداقلا خىتاينى تۇر دەيدىغان بىر كۈچنى تېپىش كېرەكلىئىگىنى ،ئۇنداق بولمىغاندا خىتاينىڭ بىر كۈن ئىچىدىلا پۈتۈن خەلقنى قىرىپ تۈگۈتۈۋەتسىمۇ دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قالىدىغانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە ئىدى. ئەمما ئۇ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ھەقىقى كۈرەشنىڭ يەنىلا ۋەتەن ئىچىدە ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ يەتتى.
ھايات رەھىمسىز. دۇنيادىكى بارلىق كۈرەشلەرنى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كۈرەش يولىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، بۇ يولدا ئاداققىچە مېڭىش ئۈچۈن قەسەم ئىئىچكەن مەريەمگۈل ھازىر كانادادا خۇددى ئەتىياز كەلگەندە كۈننىڭ ئىسىشى بىلەن ئاستا-ئاستا يەرىلىپ، ئۇ قىرغاققا بۇ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ ئاندىن بىر بىرىگە قىستىلىشىپ ئېقىپ ئېرىپ سۇغا سىڭىپ كېتىدىغان ئانتىراكتىكانىڭ مۇزلىرىدەك، ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ كېلىپ كانادادىكى 1-نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت ماركىسى ھھېساپلانغان تىئىمخورتوننىڭ درايۋترۇ يەنى ماشىنا بىلەن كىرىپ كوفى ئالىدىغان مۇلازىمەت سەرۋىسىنىڭ، كىچىككىنە تار، پەنجىرىلىرى تالاغا قاراپ تۇرىدىغھان بۇ خانىسىغا قىستىلىپ قالدى. دىمەككى ھايات، مەريەمگۈلگە ئاۋال ھاياتلىق بىلەن كۈرەش قىلىسەن ئاندىن باشقا كۈرەشللەرنى تاللىيالايسەن دىگەن دەرسنى بەرمەكتە ئىدى.