ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

IMG-20150712-WA0003

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىگىنى ساقلاپ قېلىش،شۇنداقلا ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەققىلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر پىدائىيلارنى يېتىشتۇرۇش ، ھەمدە گوللاندىيەدە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنىڭ دىنىمىز ئىسلام بويۇچە تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. 2013-يىلى يانۋار ئېيىدا مائارىپ جەمىيىتى ئۆزلىرى ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىشخانا،ياتاق،مەسچىت مۇجەسسەملەشكەن بىنانى سېتىۋېلىش قارارىنى ئالغان بولۇپ ،شۇندىن بۇيان بۇ بىنانى سېتىۋېلىش ئۈچۈن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرىستانلىق ۋەتەنداشلارنىڭ ئىزچىل ئىقتىسادى ،مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلگەن.ۋە مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادى ئاساس ياراتقان.

IMG-20150712-WA0002

2015-يىلى رامىزان ئېيىدا مائارىپ جەمىيىتى ئىدارە ھەييىتىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن بۇ بىنانى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە پات پۇرسەتتە سېتىۋىلىش قارارىنى چىقارغان.قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن كەم قالغان ئىقتىسادنى توپلاش ئۈچۈن جىددى ھەركەتگە ئۆتكەن مائارىپ جەمىيىتى پۈتكۈل ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىپ ئىقتىساد توپلاشقا باشلىغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مائارىپ جەمىيىتىدىن تەشكىللەن گەن ئىككى كىشىلىك ھەيەت، رەئىس ئىسا قارى ھاجىم بىلەن جەمىيەت تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ھۈسەنجان تەجەللى قارى ھاجىم ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان
دۆلەتلەرگە قارىتا ياۋروپا ئىئانە توپلاش سەپىرى باشلىغان.

IMG-20150712-WA0005

ئۇلار دانىيە،نورۋىگىيە، ئاۋىسترىيە سەپەرلىرىدىن قايتىپ 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى باش شىتابى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا مۇراجەت قىلىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە يتىپ كېلىپ ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن بىلەن كۆرۈشكەن.ھەمدە ئوسمانجان تۇرسۇندىن ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن 1000€(مىڭ ئويرو)
ئىئانە تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى ئۆزارا خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغان،ھەمكارلىشىدىغان،ھەمدە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادى ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن ئاساستا بىنانى سېتىۋېلىشقا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىغىنى ئىپادىلىگەن.شۇنداقلا تەشكىلات ئەزالىرىغا چاقىرىق چىقىرىش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …