«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ميۇنخېن شەھىرىدە ئىپتارلىق بەردى(RFA)

 

IMG-20150629-WA0007

«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ئىپتار پائالىيىتىدە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆھبەتلەردە بولدى. 2015-يىلى 30-ئىيۇن.

RFA/Pidaiy

2015‏-يىلى 30‏-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، رامزان ئايلىرىنىڭ پەزىلەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغان.

ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تەشكىلات ئەزالىرى رامزان ئېيىدىكى غەنىيمەت بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئىبادەتلەر ۋە ساخاۋەتلىك پۇرسەتلەردىن ئۆز-ئارا بەھرىمەن بولۇش ۋە ئىپتارلىق پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ مۈشكۈللىرىگە ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلىش؛ تېخىمۇ مۇھىم بولغان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ يۆنىلىشىگە قايتىدىن نەزەر سېلىش مەقسىتىدە جەم بولغان پائالىيەت ئەھلى، ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەردە بولغان.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghur-dewasi-07012015170300.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …