سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى پادىشاھلىرىنىڭ يىلناملىرى

سەئىدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئاتا – بوۋا نەسەپلىرى ۋە ھۆكۈمرانلىق يىلناملىرى.

بىرىنچى: ئالانقۇۋا كۆرۈكلۈك.
ئىككىنچى : بودەنچىر قائان.
ئۈچىنچى : بۇقاخان.
تۆتىنچى : دۇتۇم مىننىخان.
بەشىنچى : قايدۇر.
ئالتىنچى : بايسىنقۇر.
يەتتىنچى : تۇنىبتەخان.
سەككىزىنچى : قىبلىخان.
توققۇزىنچى : بەرىتاخان.
ئونىنچى : يەسۇگەيخان.
ئون بىرىنچى : تىمۇر – چىڭگىزخان. (تىمۇردىن باشلاپ، ئۇيغۇر- موڭغۇل ئارىلاشما نەسەپ باشلىنىدۇ.)
ئون ئىككىنچى : چاغاتايخان.
ئون ئۈچىنچى : مۇۋاتوكانخان.
ئون تۆتىنچى : يىسۇن قاراخان.
ئون بەشىنچى : بەراقخان.
ئون ئالتىنچى : داۋاخان.
ئون يەتتىنچى : ئىسەن بۇقاخان. ( ئىسەن بۇقاخاندىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر نەسەپ باشلىنىدۇ. )
ئون سەككىزىنچى : تۇغلۇق تۆمۈرخان.
ئون توققۇزىنچى : مۇھەممەد خىزىر خوجاخان.
يىگىرمىنچى : شىرئەلىخان.
يىگىرمە بىرىنچى : ئۇۋەيسخان.
يىگىرمە ئىككىنچى : يۇنۇسخان.
يىگىرمە ئۈچىنچى : ئەھمەتجان.
يىگىرمە تۆتىنچى : سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تۇنجا پادىشاھى – سۇلتان سەئىدخان.

سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى پادىشاھلىرىنىڭ يىلناملىرى

بىرىنچى : سۇلتان سەئىدخان . ئۇ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ يەتتىنچى نەۋرىسى بولۇپ ياركەنتنى پايتەخت قىلىپ، ئۆزىنىڭ سۇلالە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. سۇلتان سەئىدخان 1487- يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1514-يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى 27 يېشىدا سۇلتانلىقنى قۇرغان . ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى 19 يىل . 1533- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى 46 يىشىدا لاداقتىكى ئۇرۇشتا تۈتەكتە قىلىپ ۋاپات بولغان . مەقبىرەسى ياركەنت خانلىق مازىرىدا.

ئىككىنچى: سۇلتان ئابدۇرەشىدخان . ئۇ سۇلتان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1533- يىلىدىن 1559- يىلىغىچە 26 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 1559 – يىلى ( ئاي ، كۈنى ئېنىق ئەمەس) خوتەندىكى يەرلىك ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈش سەپىرىدە سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن .

ئۈچىنچى: سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان . ئۇ سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ) ئۇ سەئىدىيە دۆلىتىنڭ سۇلتانلىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن سۇلتان بولۇپ ، 1559- يىلىدىن 1591-يىلىغىچە 32 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان . 1591 – يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) ئىنىسى قۇرەيشخاننىڭ ھوقۇق تالىشىش سۈيقەستىدە بارچۇقتا ئۆلتۈرۈلگەن .

تۆتىنچى : سۇلتان مۇھەممەدخان. ئۇ سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ كەنجى ئوغۇللىرىدىن بولۇپ ، ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1591- يىلىدىن 1609-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر 18 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان .

بەشىنچى : سۇلتان ئەھمەدخان . ئۇ سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ، 1609- يىلىدىن 1618-يىلىغىچە 9 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان بولۇپ ، 1618 يىلى ( ئاي كۈنى ئېنىق ئەمەس) بارچۇقتا ئەمىرلەر تەرپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئالتىنچى : ‏ سۇلتان ئابدۇللىتىپخان . ئۇ سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى بولۇپ ، 1604 – يىلى تۇغۇلغان. ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس ) 1618 – يىلى 14 يېشىدا سۇلتانلىق تەختىگە چىقىپ، 1630- يىلىغىچە 12 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇ 1630 يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) 26 يېشىدا ۋاپات بولغان.

يەتتىنچى : سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچى. ئۇ سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . ( تۇغىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ) سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچى 1630 يىلى سۇلتانلىق تەختىگە چىقىپ، 2 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلتان مەھمۇدخان ئىسيان قىلىپ تەختنى تارتىۋالغان. 1635 – يىلى ( ئاي كۈنى ئېنىق ئەمەس) 3 يىل سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرغان سۇلتان ماخمۇدخان سۈيقەستچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچى قايتا سۇلتانلىق تەختىگە چىقىپ، 1638 – يىلىغىچە سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. ئۇ، جەمى 5 يىل سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھنىڭ ئىسيانىدا مەغلۇپ بولۇپ، 1638 – يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) بەلخ تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.

سەككىزىنچى : سۇلتان مەھمۇدخان. ئۇ سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچىنىڭ ئىنىسى بولۇپ، ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1632 – يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچىنىڭ ( ئۆز ئاكىسىنىڭ ) ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، 1635 – يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنگە قەدەر 3 يىل سۇلتانلىق تەختىدە ھۆكۈم سۈرگەن.

توققۇزىنچى : سۇلتان ئابدۇللاخان. سۇلتان ئابدۇرەشىخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1638 – يىلى سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچىنى ئاغدۇرۇپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالغاندىن باشلاپ، 1667 – يىلىغىچە 29 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان . سۇلتان ئابدۇللاخان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا بىر قەدەر ئىجتىمائى تۈزۈملەرنى كەڭەيتىپ، دۆلەت قۇرۇلمىسىدا تەقۋادارلىق، تەرىقەتچىلىك ئۇسۇلىنىمۇ يولغا قويۇپ، ئەلنى بىر مەزگىل مۇقىملىققا ئېرىشتغرگەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەت قاتلىمىدا سۇپى تەرىقەتچىلىرى تەپرىقىگە بۆلۈنۈپ، ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق ( ئەسلىدە ئاق تەقىيەلىك ۋە قارا تەقىيەلىك دېگەن بولۇپ، سۇپىلار شۇنداق تەقىيە دېيىلىدىغان باش كىيىمى كىيەتتى. ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلاشمايدىغان زاھىدلىرى قارا تەقىيە، ھاكىمىيەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئارلىىشىپ تۇرىدىغانلىرى ئاق تەقىيە بىلەن پەرقلىنەتتى. بۇ سۆز بۇزۇلۇپ، ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق دەپ، مەزمۇنسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان) دەپ، ئىككى ئېقىمغا بۆلۈنۈپ، سۇلتان ئابدۇللاخان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت بولىۋاتقان ئاق تەقىيەلىك سۇپىلارغا قارشى قاتتىق قول بولغانلىقتىن، سۇپىلار سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئۆز ئوغلى يولۋاسخاننى ئىسيان قىلىشقا قۇتراتقان ۋە زور كۇچ بىلەن قوللىغان. ئىسيانغا تاقابىل تۇرالمىغان سۇلتان ئابدۇللاخان مەغلۇپ بولۇپ، 1667 – يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) ھەجگە كېتىپ قايتا كەلمىگەن.

ئونىنچى : سۇلتان يولۋاسخان . ئۇ سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئاق تەقىيەلىك خوجىلار ۋە سۇپىلارنىڭ قوللىشى بىلەن 1667-يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) دادىسى ئابدۇللاخان سۇلتاننى ئاغدۇرۇپ، سۇلتانلىق تەخىتگە چىققان. سۇلتان يولۋاسخان تەختكە چىقىپ، ئاق تەقىيەلىكلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆز پۇقراسى بولغان قارا تەقىيەلىكلەرگە قارشى قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، قارا تەقىيەلىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىسيانىدا 1670 – يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) ئۆلتۈرۈلگەن.

ئون بىرىنچى : سۇلتان ئابدۇللىتىپخان ئىككىنچى. ئۇ، سۇلتان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، 1670- يىلى خانلىق تەخىتكە چىققان . لېكىن كۇچلۈك ئىسيانغا تاقابىل تۇرالماي، تەختكە چىقىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن قەشقەرگە قاچقان.

ئون ئىككىنچى : سۇلتان ئىسمائىلخان. ئۇ ، سۇلتان ئابدۇلەتىپخان بىرىنچىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1670- يىلى، 4- ئاينىڭ 2- كۈنى قارا تەقىيەلىك خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سۇلتانلىق تەختىگە چىققان . سۇلتان ئىسمائىل خان ئۆزىنىڭ تەخىتكە چىقىشىغا ياردەمدە بولغان قارا تەقىيەلىك سۇپى، غوجىلارغا يۇقىرى مەنسەپ تەقدىم قىلغان ۋە سۇلتان يولۋاسىاننىڭ قەشقەرگە يوشۇرۇنغان ئەۋلادلىرىنى قەتلىئام قىلغان. ھەمدە ئاق تەقىيەلىك سۇپى، ئىشان، غوجىلارنىڭ ئۈستىدىن ئاممىۋى جازالاش يۈرگۈزگەن. سۇلتان ئىسمائىل خاننىڭ جازا تورىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئاق تەقىيەلىك سۇپى ، ئىشانلارنىڭ سەردارى ھىدەيتۇللا مەمەمت – ئاپاق غوجا تىبەتكە بېرىپ، دالاي لاما بەشىنچىگە بەيئەت قىلغان. ئۇ، دالاي لامانىڭ يارلىقىنى ئېلىپ، سەئىدىيە تۇپرىقىنىڭ شىمالىنى بېسىپ ياتقان قالماقلارنىڭ سەردارى غالداننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. قالماق سەردارى غالدان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، يۈزمىڭلىغان ئاتلىق قوشۇن بىلەن 1680-يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى يەكەنگە باستۇرۇپ كەلگەن . غالدان باشچىلىقىدىكى قالماق قوشۇنلىرى ئاپاق غوجىنىڭ ئىشان، سۇپى لەشكەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىن ھەمكارلىشىشى بىلەن، سەئىدىيە ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، 1680 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن دۆلەتنى ئاپاق غوجىنىڭ قورچاق پادىشاھ بولۇپ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن 166 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى غۇللاپ چۈشۈپ، تارىخقا ئايلاندى.
ئاپاق خوجا 1626- يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) قۇمۇلدا تۇغۇلغان. ئۇ سۈرگۈندىكى ئىشان مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى . ئۇ 1680 – يىلىدىن 1694 – يىلىغىچە 14 يىل قورچاق پادىشاھ بولۇپ، 68 يېشىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

قۇمۇل ئاپتونومىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئاتا – بوۋا نەسەپلىرى ۋە ھۆكۈمرانلىق يىلناملىرى .

بىرىنچى : تۇغلۇق تۆمۈرخان
ئىككىنچى : ئىلياسخان
ئۈچىنچى : مەۋلانا شەيخخان
تۆتىنچى : ھەسەن غازى
بەشىنچى : يارمۇھەممەد غازى
ئالتىنچى : مۇھەممەد شاھ غازى(قۇمۇلنى قالماقلاردىن ئازات قىلىپ، ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلىگەن )

يەتتىنچى : تۇنجا قۇمۇل پادىشاھى ئەبەيدۇللا – تارخانبگە(ئەبەيدۇللا تەختكە چىقىش بىلەن تەڭ 1697. مانجۇر ئىمپېراتورى كاڭشىنىڭ ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالغان. )
ئەبەيدۇللا تارخانبەگنىڭ تەخىتتە ئولتۇغان ۋاقتى 1697. يىلىدىن 1709 . يىلىغىچە 12 يىل.

سەككىزىنچى: ئەبەيدۇللا تارخاننىڭ چوڭ ئوغلى ۋاپا بەگ 1709. يىلىدىن 1711 . يىلىغىچە 2 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

توققۇزىنچى : ۋاپا بەگنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىمىن بەگ 1711. يىلىدىن 1740. يىلىغىچە 29 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

ئونىنچى : ئىمىن بەگنىڭ چوڭ ئوغلى يۈسۈپ بەگ 1740. يىلىدىن 1766. يىلىغىچە 26 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

ئون بىرىنچى : يۈسۈپ بەگنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق بەگ 1766. يىلىدىن 1780. يىلىغىچە 14 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

ئون ئىككىنچى : ئىسھاق بەگنىڭ يالغۇز ئوغلى ئەدەشىر 1780. يىلىدىن 1813. يىلىغىچە 33 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

ئون ئۈچىنچى : ئەدەشىرنىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد بەشىر 1813. يىلىدىن 1867. يىلىغىچە 54 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

ئون تۆتىنچى : مۇھەممەد بەشىرنىڭ تۇغۇلما پالەچ يالغۇز ئوغلى غۇلام مۇھەممەدخان 1867. يىلىدىن 1881. يىلىغىچە 14 يىل پەخرى خانلىق نامى بىلەن تەخىتتە ياتقان. ئەمەلى ھوقۇقنى ئۆگەي ئانىسى مىھرىبانۇ خىنىم يۈرگۈزگەن.

ئون بەشىنچى : ( غۇلام مۇھەممەدنىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا ئاتا نەسەپ ئۈزۈلۈپ قېلىپ، مۇھەممەد بېشىرخاننىڭ يانداش نەسىبىدىن تاجىدىننىڭ ئوغلى ۋە ) غۇلام مۇھەممەدخاننىڭ قېنى ئاكىسى شاھ مەخسۇت 1882. يىلىدىن 1930. يىلى ئۆلگەنگە قەدەر 48 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

رەتلىگۈچى : ئابدۇرەھىمجان

04.26.2015

ئىنكاس قالدۇرۇڭ

ئېلخەت ئادېرىسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.يۇلتۇز بار كاتەكلەرنى چوقۇم تولدۇرۇڭ *

*