تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (6)

پوۋست.images
ئاپتورى: سەھەر
(ئەينى تىلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس، بەلكى ئەينى روھنى ئورتاقلاشقانلار ھەمكارلىشالايدۇ.
بۆرىلەر ۋادىسىدىكى قىلتاق فىلمىدىن.)
تىمخورتوندا Téam Work (ھەمكارلىشىپ ئىشلەش)
5 يىل بۇرۇن
سەھەر. بىر سايراشنى بىلمەيدىغان گاچا بۇلبۇلنىڭ قىسقا -قىسقا سايرىشىدىن بىئارام بولۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. چاچلىرىمنى ئارقامغا تۈرمەللەپ، ئۈستۈمگە يېپىنجامنى ئارتىپ، ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ ھويلامغا چىقتىم. ياز مەۋسۈمىنىڭ ھۇشخۇي ھاۋاسى بىلەن بىرلىكتە كىچىككىنە ھويلامغا تەرگەن گۈللۈرۈمنىڭ پۇراقلىرى قوشۇلۇپ، بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى.ھۇزۇرلانغاندەك بولدۇم. سول قولۇمدا يەپىنجامنىڭ ئالدىنى چىڭ ياپقاچ، ئوڭ قولۇمنى ھاۋالارغا پۇلاڭلىتىپ بۇلبۇلغا كايىماقتا ئىدىم.
ئوھوش…………..ھەي كانادانىڭ بۇلبۇلى، شەھرىڭگە مۇساپىر كۆچمەن بولۇپ كېلىپ قويساق، بۇلبۇل كۆرمىگەن بىر مەتو ئوخشايدۇ دەپقىلىۋاتامسەن نىمە؟ يا خەندان ئۇرۇپ سايرا، خۇددى ئىلى ۋادىسىنىڭ بۇلبۇللىرىدەك، يا ئاۋازىڭنى يىغ، ئاللا …………ئاللا كاناداغا كېلىپ، پۈتۈن ئىشقى بىلەن خەندان ئۇرۇپ سايرىغان بىر بۇلبۇلنى كۆرمىدىم دىسە، ھەممىسىلا قىسقا-قىسقا،ئۈزۈپ -ئۈزۈپلا سايراپ قويۇشقان….ھۈش………..ھۈش…… مەن چالمىلارنى ئېتىپ دىگەندەك بۇلبۇلنى ئۇچۇرۋەتتىم.
قېرىندىشىم، مەن ئۇچۇپ كەتكەن بۇلبۇلغا يەنە داۋاملىق خىتاپ قىلدىم قوللىرىمنى پۇلاڭلىتىپ ئارقىسىدىن. بىز نى…نى گۈل-گۈلۈستانلارنى، نى….نى خەندان ئۇرۇپ سايرىغان بۇلبۇللارنى كۆرگەن جۇمۇ، بۇلبۇل خەندانلىرى بىلەن بۇلبۇل، ئادەم ۋىجدانى بىلەن ئادەم،
سەھەر جىمجىتلىغىنى بۇزۇپ بۇلبۇلغا قىلىۋاتقان بۇ شىكايىتىمدىن ئەجەپلەنگەن ھىندىستانلىق ئوڭ قول خوشنام، پاسىل تامدىن بوينىنى سوزۇپ مەندىن سورىدى. ھەي مەريەمگۈل سەھەردە نىمىگە قوللىرىڭنى پۇلاڭلىتىپ سۆزلەپ يۈرۈيسەن.
قارا خوشنام، مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەرنىڭ بۇلبۇللىرى، سەھەردە شۇنچىلىك خەندان ئۇرۇپ سايرايدۇكى، ئەيھەنناس شۇنچىلىك ھوزۇر ئالىسەن. مەن ئەشۇ بۇلبۇللارنىڭ خەندان ئۇرۇپ سايرىشى ئىچىدە تۇغۇلدۇم، ۋە چوڭ بولدۇم. مېنىڭ يۇرتۇمدا يەنە تەمبۇر دىگەن بىر چالغۇ ئەسۋابى بار، شۇنچىلىك مۇڭلۇقكى، بەزەن بۇلبۇللار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەندان ئۇرۇپ سايرىغاندا خۇددى ئەشۇ تەمبۇر ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن. مەن خوشنامغا تولۇق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن،بەدەن،چىراي ۋە قول ھەركەتلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىمەكتە ئىدىم. ھەي……………قىسقىسى كانادانىڭ بۇلبۇللىرى ھىچ خەندان ئۇرۇپ سايراشنى بىلمەيدىكەن.
دىمەككى سەن، كانادانىڭ بۇلبۇللىرى مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەشۇ شەھەردىكى بۇلبۇللاردەك خۇشناۋا سايرىيالمايدىكەن دىمەكچى،شۇنداقمۇ؟
شۇنداق خوشنام. مەن كانادانىڭ بۇلبۇللىرىنى ھىچ ياراتمىدىم.
ھەيران قالارلىق…..قارا مەريەمگۈل، مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ يولدىشى قۇشلارنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالنى شۇنىڭغا ئېيتايلى. بۇ ئەھۋال بەلكىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بىر تەتقىقات نۇقتىسى بولۇپ قالار، قانداق دەيسەن؟
بولىدۇ. چاتاق يوق دىدىم مەن.
ئاندىن بىز مۇۋاپىق بىر پۇرسەت تېپىپ، سەن مەن ۋە مېنىڭ قۇش تەتقىقاتچىسى دوستۇم ئۈچىمىز بىرلىكتە سەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەشۇ دەريا بويىدىكى، بۇلبۇللىرى خەندان ئۇرۇپ سايرايدىغان شەھەرنى كۆرگىلى بارايلى قانداق دەيسەن.
بولىدۇ………ئەمما………مەن سەل دۇدۇقلىدىم.
نىمىگە ئەمما؟ سورىدى خوشنام پىشانىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
بەلكىم خىتاي كونسۇلى ماڭا ۋىزا بەرمەسلىگى مۈمكىن.
ئۇنىڭدىن ئەنسىرمە مەريەمگۈل، مېنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىنچە ئادۇكات دوستۇم بار. شۇنى ئىشقا سالىمىز دىدى ئۇ دۈمبەمگە يىنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ.
مەن خوشنام بىلەن بولغان تاڭ سەھەردىكى بۇ تاتلىق سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كىردىم.
بۈگۈن،تورونتو شەھەر مەركىزىدىكى بىر تىمخورتوندىن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش تەكلىۋى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم.
مەن قارا نىپىز سارجىدىن تىكىلگەن بۇرۇلكامنى، ئاق ئويما ياقىلىق شىپىڭ كوپتامنى كىيىپ، ئەينەك ئالدىغا كەلدىم.
يېڭى ۋەتەندە، ھەممە نىمىنى يېڭىدىن باشلاش، تىل ئۈگۈنۈش، تىمخورتوننىڭ ئارقىسىدىن پايپىتەك بولۇش، يېڭى مەدىنيەتلەر قاينىمىغا شۇڭغۇش ۋە شۇنىڭدەك تۈگۈمەس ئاش تاماق ئۆي تازلاش، بالىلارنى ئوقۇتۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ بىر ئايال ئىكەنلىگىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىمغىمۇ ئۇزۇن زامانلار بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
مەن يۈزلىرىمگە شىسەيدو ماركىلىق يۈز مېيىمنى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ ماركىدىكى ئاقارتقۇچى ئۇپىنى تەكشى سۈردۈم، لەۋلىرىمگە قىزغۇچ چىچەك رەڭ لەۋسۇرۇق سۈرۈپ، مەڭزىمگە بىر ئاز گىرىم قىلدىم. ئۇزۇن دولقۇنسىمان چاچلىرىمنى ئۈستىگە تۈردۈم. ئۇزۇن بويۇنلىرىمغا قارامتۇل يېشىل كۆزلۈك مىداليۇن، قۇلىغىمغا ئوخشاش رەڭدىكى كۆزلۈك ساڭگىلايدىغان ھالقا تاقىدىم. بۈگۈن مەن ھەرقانداق بىر چاغدىكىدىن گۈزەل ۋە مەردانە كۆرۈنمەكتە ئىدىم. ئەينەككە قاراپ پىچىرلىدىم ئۆز-ئۆزەمگە، ئىنشائاللا بۈگۈنكى بۇ كۆرۈشۈشتە مېنى تىمخورتونغا ئىشقا ئالا………….
مەن 2-قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيۈمدىن پەسكە يەنى ئاشخانىغا چۈشتۈم. يولدۇشۇم، ئوغلۇم ۋە قىزىم ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىشىۋاتاتتى. ئۈستەل ئۈستىدە مەن تۈنۈگۈن پىشارغان ئۇيغۇرچە قوڭنان ۋە توقاچلار بىلەن بىرلىكتە يەنە كانادانىڭ قىزارتىش ماشىنىسىغا سېلىنىپ قىزارتىلىدىغان يۇمشاق نانلىرى، بىر تەرەپتە نان قىزارتىش ماشىنىسى، قايماق، ھەسەل ۋە باشقا نەرسىلەر تۇراتتى. يولدۇشۇم ئۆز چىنىسىگە ئەتكەن چاي ئەتكەچ، ئاپىسىنى ۋە ئۆزىنى توختىماي ماختاۋاتاتتى. مۇشۇ ئاپام ئەتكەن چاي ئېتىشكە بەك ئۇستىتى جۇمۇ…………ئارىدىن بىر ئىككى سېكىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇراتتى. ئۇ ئەتكەن چاينىڭ سۈت ،تۇز ۋە باشقا نەرسىلىرىنى چىنىگە سالغاچ ئاپام خۇددى ئۈرۈكتەك سېرىق ئەتكەن چاي ئېتەتتى……مەنمۇ بەك پەيزى ئېتىۋېتىمەن ئەتكەن چاينى …………..يولدۇشۇم ئەتكەن چېيىنى كۆتۈرۈپ شىرە ئۈستىگە ئېلىپ كەلدىدە، چوڭ نانلارنى قاراس قۇرۇس ئۇشتۇپ چىنىسىغا سېلىپ،چوكا بىلەن چىنىنىڭ ئىچىدىكى ناننى بىرنەچچىنى بېسىپ قويغاندىن كېيىن، ئىچىشكە باشلىدى. ئوغلۇم كىچىك پىچاق بىلەن ۋىلكىنى بىر بىرىگە ئۇرۇپ مۇزىكا چىقارغاچ، قىزارتىش ماشىنىسىغا سېلىپ قويغان نېنىنىڭ قىزىرىشىنى كۆتمەكتە ئىدى. قىزىم بولسا بىر قولىدا تېلىفۇنلىرىدا خەت يوللىغاچ، يەنە بىر قولىدا قايماق سۈركەلگەن نېنىنى يىمەكتە ئىدى.
مېنىڭ قاق سەھەردە بۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ چۈشكەنلىگىمنى كۆرگەن، ئۈچەيلەن تەڭلا مەن تەرەپكە قارىدى ۋە دەرھال چىرايلىرىدا ھەيرانلىق ئالامىتى ئەكس ئەتتى.
ئوھوي………………..سەپەر قاياققا بۇ سەھەردە …………سورىدى يولدۇشۇم يۇمۇرلۇق قىياپەتتە.
ئاندىن ئۈچەيلەن بىرلىكتە يەنە،تىم………….خور…………………..تونغا…………………دىيىشتىدە، پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشتى.
مەن تېرىكىپ يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان ئىدىم. شۇنداق بولغىنىمغا قارىماي ئۇلارنىڭ،ئاخشام ئىچىپ ئەخلەت چىلەكلىرىگە تاشلىۋەتكەن، تىمخورتون كوفىسىنىڭ كارتون قاچىلىرىنى تېرىپ ئېلىپ ماڭا قاراپ پۇلاڭشىتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز تېلىقىپ كۈلۈشكە مەجبۇر بولدۇم. دىمەككى ئۇلار مېنى تىمخورتوندىن تېخىچە ۋاز كەچمىدى دەپ زاڭلىق قىلىۋاتاتتى.
شۇ ئەسنادا،ماڭىدۇ-ماڭىدۇ قىرىدىن ئاشالمايدۇ ئۇ نىمە دىدى يولدۇشۇم ئەتكەن چېيىنى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ.
ئا………….پا……..م دىدى ئوغلۇم بىلەن قىزىم تېلىقىپ كۈلگەن پېتى. بۇ ئەسنادا كۈلگۈنچەك قىزىم كۈلگەنچە يەرلەردە ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇ خۇددى قاتۇرۇپ قويۇلغان كارتون فىلىملىرىدىكى قونچاقلاردەك تېلىقىپ قالغان ئىدى.
قوغلايدۇ، قوغلايدۇ، چاپلىشىدۇ، چاپلىشىدۇ ئۇ كىم؟ سورىدى يولدۇشۇم ئەتكەن چېيىنى يەنە بىر سۈمۈرۈپ قويۇپ.
ئاپ…………ئام………..يەردە كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان قىزىمنىڭ، كۈلكىدىن ئاۋازلىرى بوغۇق ۋە غەلىتە چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئوغلۇم بولسا تىمخورتون قوغلاندى قىلىدۇ، مەريەمگۈل چاپلىشىدۇ دەۋاتاتتى تېلىقىپ كۈلگەنچە.
مەن يولدۇشۇمغا ئاچچىغلاشقا باشلىدىم. ھەممىنى قىلغان سىز. بالىلارغا ئاپىسىنى زاڭلىق قىلشنى ئۈگەتكەن. بالىلىرىم مەن سىلەرگە دەپ قوياي دىدىم مەن بىگىز بارمىغىمنى شىلتىپ تۇرۇپ، بىز كانادانى بىر شورپا قايناۋاتقان قازان دىسەك، تۆتىمىز بۇ قازانغا تۆت پارچە قىلىپ تاشلانغان چامغۇرمىز…چامغۇر بىلىپ قويۇڭلار….
بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۈچەيلەن تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كېتىشتى. سافادا تېلىقىپ كۈلۈۋاتقان ئوغلۇم، چامغۇرنىڭ بىر پارچىسى تىمخورتوننىڭ سۈيقېشىدىن چىقىدۇ ھەقىچان ھا……….ھا………..ھا……….ھې………..ھې……ھې……..ھى……….ھى………..ھى………دىدى.
يولدۇشۇم چامغۇرمۇ؟ چامغۇمۇ؟ دىگەنچە تېلىقىپ كۈلمەكتە ئىدى.
مەن سومكامنى ئالدىمدە ئىشىكنى قاتتىق ياپقانچە سىرتقا چىقتىم.
ھەر ھالدا تىمخورتونغا ئىشقا كىرەلمىگەن بولساممۇ، بەك ئۇستا شوپۇر بولمىساممۇ، بىر ماشىنام بار ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ يىلنىڭ يېپ-يېڭى، قارا رەڭلىك ياپونيەنىڭ ئىنفىنىتى ماشىنىسى.
مەن ماشىنامنى ھەيدەپ چوڭ يولغا چىقتىم. سول تەرىپىمدىكى يول بەلگىسى يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيولنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى. مەن ئىككىلىنىپ قالدىم ئەجەبا ئادەتتىكى يولدىن كېتەيمۇ؟ ياكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدىنمۇ؟ ئوھوش………….ئادەتتىكى يولدا ھەر كوچا دوقمۇشىدا قىزىل چىراقتا بىر توختاپ، سالام بېرىپ، قاچاندا بارىمەن تىمخورتونغا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىنى توختۇتۇپ قويغاندىن كېيىنمۇ يەنە بىرمۇنچە يول مېڭىشىم كېرەك.
يۇقۇرى سۈرەتلىك يولدىن كېتىمەن. قارارىمنى بەردىمدە گازغا بىر بېسىپ دىگەندەك، غۇيۇلداپ يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ كەتتىم. يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە چوڭ بىر تىراك ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن سائىتىگە 100 كم لىق سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتماقتا ئىدىم. يۇقۇرى سۈرەتلىك يولدا يەنە كېلىپ كانادانىڭ يۇقۇرى سۈرەتلىك يولىدا كېتىۋاتقانلىغىم ئۈچۈن ۋۇجۇدۇمنى ئۆز-ئۆزەمدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى قاپلىغان ئىدى.
مەن ماشىنامنىڭ ناخشا ئاڭلايدىغان يېرىنى ئېچىپ، ۋەلى داۋۇتنىڭ يۇرتىمىزنىڭ قىزىل گۈللىرى ناملىق ناخشىسىنى بولۇشىغا قويۇپ، تىمخورتونغا قاراپ كېتىۋاتماقتىمەن.
يۇرتىمىزنىڭ، يۇرتىمىزنىڭ قىزىل گۈللىرى،
شېھىتلارنىڭ ئاققان قانلىرى.
مەن ناخشىنى لىنتىغا ئەگىشىپ ئېيتماقتا ئىدىم. ئارلاپ ئارلاپ ئوھۇيت دەپ ۋاقىراپ قوياتتىم ئۆز ئۆزەمگە.
ناخشا بىلەن تەڭ، ئىلى دەريا بويلىرى، پىشايۋانلىق قورۇلار، مەھەللىلەر، مەن ئىشلىگەن ئىشخانىلار، چاخچاق سورۇنلىرى، ۋوي كېلىڭ-كېلىڭ مانتا، سامسا پىشتى، قارىغانغا بەرمەيمىز دەپ ۋاقىراۋاتقان ئاشپەزلەر، گىردە ، گىردە دانىسى بىر كوي دەپ ۋاقىراۋاتقان ناۋايلار، قايماق بىر چىنىسى 5 كوي ،دەپ ۋاقىراۋاتقان قايماقچىلار، بىدىكۆكچىلەر، ئوسما خېنىچىلەر ئىشقىلىپ ۋەتەڭە ئائىت ئەڭ ئۇششاق كۆرۈنۈشلەرمۇ خۇددى خېمىر يېيىش ماشىنامدىن ئاستا يېيىلىپ چىقىدىغان نىپىز خېمىرغا رەسىم سىزىپقوئويغاندەك ، بارغانچە نىپىزلاپ نامايەندە بولماقتا ئىدى.
بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن مەن سەل زىرىكىشكە باشلىدىم. ئوھوش………… خويمۇ چۈمۈلىدەك 100 دە ئالدىرماي ماڭىدىغان يۈك ماشىنىسىكىنا ماۋۇ. مەن ئاستا ئوتتۇردىكى يولغا كىرىپ سۈرئىتىمنى 120 گە چىقىرىپ يۈك ماشىنىسىنى يانداپ ئۆتۈپ كەتتىم. يۇقۇرى سۈرەتلىك تاش يولدا 120 لىك سۈرئەتتە كېتىۋاتماقتىمەن.
بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، بۇ لىنىيە سەل قىستالغاندەك بولۇشقا باشلىدى. مەن سول تەرەپتىكى ئەڭ تېز مېڭىشنى خالايدىغانلار ماڭىدىغان 3-لىنىيەگە چىقتىم. بۇ لىنىيەدە يولدىن سەل قىيپاش ئەگىلىپ مېڭىش كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ بىلمىدىم سەل ھودۇققاندەك بولدۇمدە سۈرئىتىمنى ئاستىلىتىشقا مەجبۇر بولدۇم.ئارقامدىن ماشىنىلار قاتتىق سىگنال بېرىپ ئۆتۈپ كەتمەكتە ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن بىر ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ كانادانىڭ يۇقۇرى سۈرەتلىك تاش يولىدا مېنى ساقچى تۇتۇۋالدى.
120 لىك سۈرئەت بىلەن ماڭىدىغان ئەڭ ئۈستى تەرەپتە 90 لىك سۈرئەت بىلەن مېڭىپ يۇقۇرى سۈرەتلىك يولنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزدىڭىز خانىم، شوپۇرلۇق كېنىشكىڭىزنى چىقىرىڭ خانىم دىدى بىر نەپەر قارا تەنلىك، بىر نەپەر ئاق تەنلىك ساقچى، ماشىنامنىڭ دېرىزىسىگە كېلىپ. ئۇلار ھەممە نەرسىلىرىمنى، كىملىگىم ۋە شوپۇرلۇق كېنىشكام قاتارلىقلارنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، خانىم 600 دوللار جېرىمانە تۆلەيسىز دىدى. 600 دوللارمۇ؟ مەن يەنە بىر قېتىم مۇز يېرىلىپ، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئەندىكىپ كەتتىم ۋە بۇ 2 نەپەر ساقچى ئەمەلدارىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.
قاراڭ ساقچى ئەپەندىم، مەن ئەسلىدە بەك ئېھتىياتچان ماشىنا ھەيدەيدىغان بىر ئايال ئىدىم، بۇ بىرىنجى قېتىم يۇقۇرى تەرەپكە ئۆتۈشۈم، بۇندىن كېيىن قەسەم ئىچىمەنكى، ئۇ تەرەپكە ئۆتمەيمەن. ھەم قاراڭ ساقچى ئەپەندىم، ئېڭىلىز تىلى بەك تەس تىل ئىكەن ساقچى ئەپەندىم، مەن كاناداغا كەلگەن مۇشۇ چاققىچە توختىماي ئېڭىلىزچە ئۈگۈنىۋاتىمەن ھەم مۇشۇ يېشىمدا، تۈنۈگۈن ئېمتىھاندا يەنە نەتىجىلىرىم ئانچە ياخشى چىقمىغانتى، شۇڭا بۈگۈن گاڭگىراپ ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ قاپتىمەن، ئەسلىدە …………. ئۇ تەرەپتىمۇ ئانچە جىق ماڭمىدىم ئەمدىلا چىقىشىمغا تۇتىۋالدىڭىز ساقچى ئەپەندىم. 600 دوللار جېرىمانە بەك جىق پۇل مېنىڭ ۋەتىنىمدە ئۇ 3600 يىۋەن بولىدۇ ساقچى ئەپەندىم.ئۆتۈنۈپ قالاي جېرىمانە قويمىغان بولسىڭىز. بۇ تۇتۇۋېلىشتىن قاتتىق ساۋاق ئالدىم ساقچى ئەپەندىم.
گەپلىرىم بۇ 2 نەپەر ساقچىنى سەل تەسىرلەندۈرگەندەك قىلاتتى. ھەم كانادانىڭ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كۆڭلى يۇمشاق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
قارا تەنلىك ساقچى قەلىمىنى جېرىمانە يازىدىغان دەپتىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇرغاچ، راس دەيسىز خانىم باشقا تىلنى ئۈگەنمەك بەك تەس. مەن فىرانسۇزچىنى ھازىرغىچە ئۈگۈنۈپ بولالمايۋاتىمەن ئەمما سىز ئېڭىلىزچىنى خېلى ياخشى ئۈگۈنۈپسىز دىدى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ. بۇ ساقچىنىڭ ئېرىپ قېلىۋاتقانلىغىنى بىلدۈرەتتى. مەن يەنە سۆزلەشكە باشلىدىم. قاراڭ ساقچى ئەپەندىم، مەن يەنە ئۆز ئانا تىلىمدىن باشقا، خىتايچە ۋە تۈرىكچە تىللارنىمۇ بىلىمەن.
ھە شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا خانىم سىز خىتايمۇ؟
ياق مەن خىتاي ئەمەس ئۇيغۇر.
ئۇيغۇر، ساقچى ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلالماي قىينىلىۋاتاتتى.
ھەيران قالارلىق ،مېنىڭ تۇنجى قېتىم كانادانىڭ يۇقۇرى سۈرەتلىك يولىدا خىتايچە بىلىدىغان باشقا بىر مىللەتنى تۇتۇۋېلىشىم ھەمدە كانادادا سىز تىلغا ئالغان ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنىمۇ تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم. بوپتۇ خانىم بىر نەچچە تىل بىلىدىغانلىغىڭىز ھەمدە دۇنيادىكى سۆزلەش ئەڭ تەس بولغان خىتايچىنى بىلىدىغان بولغانلىغىڭىز ئۈچۈن سىزگە كەڭچىلىك قىلاي.
رەخمەت ساقچى ئەپەندىم، رەخمەت ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تازا ئالدىراش كېتىۋاتاتتىم. تىمخورتوندا كۈرۈشمەم بار ئىدى.
نىمە خانىم؟ سىز تىمخورتوندا ئىشلەمسىز؟ 2 نەپەر ساقچى قايتىدىن جىددى قىياپەتكە كىردى ۋە مەندىن سوئال سوراش قا باشلىدى.
ئاپلا، ئىشنى بۇزۇپ قويىدىغان بولدۇم. دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.
ئۇڭغىچە، قارا تەنلىك ساقچى يېنىمغا، ئاق تەنلىك ساقچى ئارقا تەرىپىمگە چىقىپ ئولتۇردىدە مېنى سوراق قىلىشقا باشلىدى.
قارا تەنلىك ساقچىنىڭ قارامتۇل ۋە ياكى قوڭۇر رەڭ ئارلاش كەرشىنۋايغا مايىل، ئېرىنمەستىن ئۇششاق ئۆرۈلگەن ئۇزۇن چاچلىرى خۇددى كىگىزنى تىتىپ قايتا ئۆرۈپ قويغاندەك ئىدى. ئۇ ھەممە ئۇششاق ئۆرۈلمىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ رىزىنكە بىلەن ئارقىچىلاپ باغلىۋالغان بولۇپ، ئەگەر چاچنىڭ رەڭگىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ۋەتەندىكى قورۇيىمىزنىڭ باغلىرىدا چۈشىدىغان ئۇزۇن جالا جاڭدۇدەك قاتتىق ۋە تۈز ئىدى.
2 ساقچىنىڭ چىرايى جىددى تۈسكە كىرگەن ئىدى.
دىمەككى سىز تىمخورتوندا ئىشلەيمەن دەڭ؟ سورىدى قارا تەنلىك ساقچى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن خەنجەردەك تىكىلى،پ تۇرۇپ.
ياق……….ياق…..ياق مەن…………..مەن …….كۆرۈشمىگە كېتىۋاتىمەن…………. مەن دۇدۇقلاپ يۈرۈپ جاۋاپ بەردىم.
ھەئە…………..تېخى ئىشسىز دەڭ؟ ئۇنداقتا بۇ قىممەت ئىنفىنىتى ماشىنىنى قانداق ئالدىڭىز؟ يەنە كېلىپ بۇ يىلنىڭكىكەن خانىم.
ئۇ…..ئۇنى مەن چۈشەندۈرەي ساقچى ئوفىتسىر ئەپەندىم.
قانۇنسىز بىر تىجارەت ۋە ياكى باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىدىغان كىرىمىڭىز بارمۇ خانىم؟ قارا تەنلىك ساقچى سورىدى مەندىن.
ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئارقىدا ئولتۇرغان ئاق تەنلىك ساقچى، ئۆيىڭىزدە قورال، نەق پۇل، ئالتۇن دىگەندەك نەرسىلەرنى ساقلامسىز خانىم دىدى.
2 ساقچى، خانىم دىگەڭە ئوخشاش سىلىق سىپايە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى كۆپ ئىشلىتىپ تۇرۇپ، مېنى تەرلىتىپ قويۇۋاتاتتى.
بۇ………..بۇ…….بۇ مەن گەپنى نەردىن باشلاشنى بىلمەي ئىنجىقلاپ قالدىم.
خانىم بۇ قىممەت ماشىنىنى قانداق ئالدىڭىز؟ ھەر ھالدا تىمخورتوندىن سائىتىگە ئالىدىغان 10 دوللار ئوتتۇراھال مۇئاش بىلەن بۇنداق قىممەت ماشىنىنى ئالغىلى بولمايدىكى؟
شۇ ئەمەسمۇ ئارقىدا ئولتۇرغان ساقچى گەپ قىستۇردى. مەن خىزمەت ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم تىمخورتونغا ئىنفىنىتى ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ كېلىدىغان بىرسىنى ئۇچۇرتۇشۇم دىدى.ئۇ سۆزلىگەچ ماشىنامنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ھەممە يەرنى قاتتىق تەكشۈرمەكتە ئىدى.
ئىچىمدە ئۆزەمنى مىڭنى تىللىماقتا ئىدىم. توي مەريەمگۈل توي، دەل كەت دەيمەن دەپ تۇراتتى. تىمخورتون دىگەن گەپنى چىقىرىپ قويۇپ بالادا قالىدىغان بولدۇڭ. مەن ئىچىمدە توختىماي غۇدۇراۋاتاتتىم.
قاراڭ ساقچى ئەپەندىم. بۇ ماشىنا مېنىڭلا ماشىنام ئەمەس، ئائىلىمىزنىڭ ماشىنىسى، مەن بۇ ماشىنىنى پەقەت بۈگۈنلا ھەيدىدىم، پەقەت بۈگۈنلا. مەن چىرايلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ مۈرىلىرىمنى قىسىپ ۋە ئۇنىڭغا قول ھەركەتلىرىمنى قوشۇپ دىگەندەك پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ، كانادانىڭ يۇقۇر، سۈرئەتلىك 401-نومۇرلۇق تاشيولىدا مېنى تۇتۇۋالغان بۇ ئىككى نەپەر قاتناش ساقچىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدىم.
مەن يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئېڭىلىزچەمنىڭ يەتمەي قېلىشىدىن ئەنسىردىمدە، ماشىنامنىڭ تارتمىسىدا ھەر دائىم ئېلىپ يۈرىدىغان، ئېڭىلىزچە رەسىملىك لۇغىتىمنى چىقاردىم ۋە داۋاملىق ھالدا رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ساقچىغا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.
مەن قۇرۇلۇشقا ئائىت ھەممە رەسىملەرنى بىگىز بارمىغىم بىلەن كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، كۈچۈمنىڭ بارىچە چۈشەندۈرمەكتە ئىدىم.
قاراڭ ساقچى ئەپەندىم، بالىلىرىمنىڭ دادىسى،توپا شېخىل، قۇم، تاختاي، تاش، پەنەركە، بولقا، كۇلۇچ ئەتتۈركە …………بارلىق مۇشۇ رەسىمدىكى نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئىش قىلىدۇ.مەن يەنە ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئالدى تارتمىسىنى ئاچتىمدە ھەر يىلى كانادا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرغان باج قەغەزلىرىنى چىقىرىپ ساقچىلارغا كۆرسەتتىم.
قاراڭ ساقچى ئەپەندىم، ئائىلەم ھەر يىلى كانادا ھۆكۈمىتىگە مانا مۇشۇنچىلىك باج تاپشۇرىمىز.مەن بولسام ئىزچىل ئېڭىلىزچە ئۈگۈنىۋاتىمەن ئۇنى ئاز دەپ نەچچە قېتىم تىمخورتوندىن قوغلاندى بولۇپ كەتكىنىمگە قارىماي يەنە تىمخورتونغا كۆرۈشمىگە كېتىۋاتىمەن، ئىنشا ئاللا تىمخورتوڭھا كىرىۋالسام، كېيىنچە يەنە مۇئاشى يۇقۇرى ئىشلارنى تاپارمەن، ئۇ چاغدا كانادا ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ نۇرغۇن باج تاپشۇرىمىز دىگەن گەپ. قاراڭ ساقچى ئەپەندىم ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم 43 ياشقا كىرىمەن. سىزچە كانادادا بىر 43 ياشلىق كۆچمەن ئايالنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىپ قالماي، ھاياتىنى قايتىدىن بشلاشقا تىرىشىشى ئوڭايمۇ؟
ئوھوي………….خانىم ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈڭىزمۇ؟ سورىدى قارا تەنلىك ساقچى ھەيرانلىق بىلەن.
ھەئە دىدىم مەن. ئازراق بىر ئۈمۈت تۇغۇلغانلىغىنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.
ھەيران قالارلىق، قارا تەنلىك ساقچىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. ئۇ ئارقا تەرپتىكى ساقچىغا بۇرۇلۇپ قاراپ تۇرۇپ، بۇ خانىم مېنىڭ سۆيگەن قىزىم بىلەن ئوخشاش كۈندە تۇغۇلغان ئىكەن. دىدىدە ماشىنامدىن چۈشۈپ كەتتى.
ئارقىدىن ئاق تەنلىك ساقچىمۇ چۈشۈپ كەتتى.
ئارىدىن 5 مىنۇتچە ۋاقت ئۆتكەن بولسا كېرەك. قارا تەنلىك ساقچى ماشىنامنىڭ سول ئىشىگى ئالدىغا كەلدى. مەن ماشىنام ئىشىگىنىڭ ئەينىگىنى چۈشۈردۈم.ئۇ پىراۋامنى ماڭا ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ، مەريەمگۈل خانىم، سۆيگەن قىزىم بىلەن ئوخشاش كۈندە تۇغۇلغانلىغىڭىز ئۈچۈن سىزدىن ئالىدىغان 600 دوللار جىرىمانىنى كەچۈرۈم قىلدىم. بۇ پراۋىڭىز كەتسىڭىز بولىدۇ دىدى.ئۇ يەنە ماڭا قولىنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ، تۇغۇلغان كۈنۈڭىزگە مۇبارەك بولسۇن مەريەمگۈل خانىم، بىخەتەر ماشىنا ھەيدىشىڭىزگە شۇنداقلا تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالى خوشال خورام ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن دىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم ۋە رەخمەت ساقچى ئوفىتسىرى دىدىمدە ماشىنامنى ئوت ئالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتىم.
مانا، مانا …………..ئەگەر شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولۇپ قالسا دەل مانا مۇشۇئۇنداق ئاياللارغا كۆيۈنىدىغان قاتناش ساقچىلىرىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. كانادا نىمىشكە بۇنچىلا باي ۋە تەرەققى قىلدى؟ چۈنكى ئاياللارغا ئانىلارغا كۆيۈڭەنلىگى ئۈچۈن………..مەن ئىچىمدە توختىماي ئۆز-ئۆزەمدىن سوئال سوراپ ئۆزەم جاۋاپ بېرىم كېتىۋاتماقتا ئىدىم.
مەن ماشىنامنى قىستا قىستاڭلاردىن خالى، مەن بارىدىغان تىمخورتوندىن 10 مىنۇت يىراقلىقتىكى بىر ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا توختاتتىم. بۇ دەل تورونتونىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، قاتناش ۋە ئادەملەر قىستا-قىستاڭچىلىغى يۈز بېرىدىغان مەركىزى كوچىلارنىڭ بىرى ئىدى.
دۇنيانىڭ ھەر جاي ھەر جايلىرىدىن كەلگەن، ئوخشىمىغان ئىرق ئوخشىمىغان دىن ۋە ئوخشىمىغان تېرە رەڭگىدىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە خۇددى، رەڭگارەڭ بوياقلار بىلەن پەدەزلەپ ياسالغان يوغان مۇراسىم تورتلىرىنىڭ ئوتتۇرسىغا، شاكىلى ئاقلىنىپ پاتۇرۇپ قويۇلغان بىر تال بادامدەك، تورونتو كوچىلىرىدا پايپاسلاپ كېتىۋاتماقتا ئىدىم.نىشانىم تىمخورتون ئىدى.
مەريەمگۈل سېنىڭ كانادادا ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن(تېئام ۋورك) يەنى بىر گۇرپا ئادەم بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن خىزمەت تارىخىڭ بارمۇ؟ يەنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەمسەن؟
بەزىدە ساڭا ئېتىلغان بىر قاش، بىر كۆز قىسىش، بىر تىكىلىپ قاراش،بىر تەبەسسۇم ۋە ياكى ھەرقانداق بىر چىراي ئىپادىسى، ساڭا نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بەرگىنى ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى خاتىرلەتكىنىگە ئوخشاش، ئالدىمدا ئولتۇرغان تىمخورتوننىڭ بۇ باشلىغى سورىغان بۇ سوئال مېنى ئۇيقۇمدىن ئويغاتقاندەك بولدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئىچىمدە بىر بوشلۇق بار ئىدى. ئەجەبا بۇ نىمە بوشلۇق؟ ئۆز ئۆزەمدىن سوئال سورايتتىم، ئەمما تاپالمايتتىم. ۋەتەندىن چەتئەلگە بىر ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن چىققان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا خۇددى قازاندىكى مايغا بىر شۇڭغۇپ ئاندىن ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپ، قازاننىڭ گىرۋىگىدىن مۇقىم يەر ئالغان قۇيماققا ئوخشايتى ھاياتىم.
تمخورتوننىڭ باشلىغى سورىغان بۇ سوئال بىلەن مەن، ئۇزۇندىن بۇيان مەن ئىزلەۋاتقان ئەمما تاپالمايۋاتقان بىر نەرسىنى تاپقاندەك،بىر بوشلۇقنى تولدۇرغاندەك بولدۇم. باشلىقنىڭ بۇ سوئالى بىلەن تەڭ مەن خىياللارغا چۆمدۈم.
ھەر ئادەمنىڭ يۈرىگى ئۇنىڭ مۇشتۇمى قەدەر بولىدۇ. مەن ئاستا تىزىمغا قويۇغلۇق ئىككى مۇشتۇمۇمنى تۈگۈپ قاراپ باقتىم. دىمەككى مېنىڭ يۈرۈگۈممۇ مۇشۇ مۇشتۇمچىلىك چوڭلۇقتا دىگەن گەپ. ئەمما مەن بۇ يۈرەكتە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ كەملىگى، قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىزلەپ تاپالمايۋاتقانلىققا ئوخشاش نەرسىلەرنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.بۇ مۇشتۇمچىلىك چوڭلۇقتىكى يۈرەكتىن تاشقىنلاپ بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بىر بوشلۇقنى بۇ ئاجىز بەدىنىمدە يىللارچە كۆتۈرۈپ يۈردۈم.بۇ ئۇزاق مۇساپىلەردە، يەنى مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەشۇ كىچىككىنە شەھەردىن تاكى كانادا تىمخورتونغا كېلىپ توختىغىچە بولغان ئارلىقتا، كۈز شامىلىدائۇ يەردىن بۇ يەرگە ئۇچقان، مەنزىل قارارگاھىنى تاپالمايۋاتقان سۈرگۈن يوپۇرماقتەك ئۇرۇلدۇم سوقۇلدۇم، بۇ بوشلۇق، بۇ مەنزىلگاھىنى تاپالماسلىق ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلمەسلىك ئىدى.
كۆڭۈل ئېكرانىمدا خۇددى قاراڭغۇ ئورماندا بىرسى پىلجىكتىر ياققانغا ئوخشاپ كېتىدىغان يالت-يۇلت قىلغان يورۇش ۋە ئوچۈشلەر پەيدا بولدى.
ئۇيغۇر مۇخبىر لار شۇنداق سوئاللارنى سورايتتى.
ئۇيغۇرلاردىكى دۆلەتچىلىك روھىغا قانداق قارايسىز؟
ئاھ….ئاھ …تۇققۇنۇم نىمە سوئاللارنى سوراۋاتقانسەن. بۇنداق يوغان سوئاللارنى سورىغىچە، ئالدىمدا ئولتۇرغان ماۋۇ تىمخورتوننىڭ باشلىغىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر لاردا ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھى بارمۇ؟ دەپ سورىساڭچۇ كاشكى………….ئۇيغۇرلاردا تەشكىلاتچىلىق ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەمكارلىشىپ گۇرپا بولۇپ ئىشلەشمۇ يوق تۇرسا، سەن قانداقمۇ دەۋلەتچىلىك ھەققىدە گەپ قىلالايسەن.ئاھ…. تۇققۇنۇم….ئاھ.
مەريەمگۈل سەندە ئەگەر تېئام ۋورك يەنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش تەجىربىسى بولمىسا ئەنسىرمە، بىز سېنى تەربىيەلەيمىز.
باشلىقنىڭ بۇ سۆزى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى.
تىمخورتوننىڭ مەخسۇس يېڭى ئىشقا كىرگەنلەر ئۈچۈن كانادادا قانداق ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى شۇنداقلا، قانداق ئىشلەشنى ئۈگۈتىدىغان ۋىدىئولىرى بار. بۇ ۋىدىئولار 25 سائەتتىن 30 سائەتقىچە. سېنىڭ مۇشۇ ۋىدىئولارنى كۆرگەن ۋاختىڭغىمۇ بىز ساڭا ئادەتتىكى سائىتىگە 10 دوللاردىن ئىشلىگەڭە ئوخشاش ھەق بېرىپ سېنى تەربىيەلەيمىز.
ھەمكارلىشىپ ئىشلەشمۇ؟ مەن پىچىرلىدىم ئاستا.
مەريەمگۈل مەن ساڭا كانادادا ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنىڭ قانداق مۇھىملىغى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي.
گۇرپا بولۇپ ياكى بىر ئەترەت بولۇپ ئىشلەش كانادانىڭ ئاساسى فونتامىنتىنى تەشكىل قىلغان. مەيلى سودا-سانائەت بولسۇن ، مائارىپ -مەدىنيەت، ئەدىبىيات سەنئەت، ھەربى ئىشلار ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق تۈرلەر تاكى كانادا پارلامىنتىغا قەدەر، گۇرپىلاشقان ۋە ھەمكارلاشقان بىر زەنجىرسىمان باغنىڭ مەھسۇلى. مانا مۇشۇ زەنجىرلەشكەن باغ كانادانى، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دەۋلەت ھەمدە دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ياشام شەرتلىرىگە ئەڭ ئۇيغۇن دەۋلەت قىلىپ قۇرۇپ چىققان سىرلارنىڭ بىرى.
تىمخورتونغا كەلسەك، تىمخورتون بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەندىكى چاچتىن تارتىپ، تىرنىغىڭنىڭ ئۇچىغىچە بولغان بارلىق تاشقى ۋە ئىچكى ئەزالىرىڭ ھەتتا بەدىنىڭدىن چىققان ھەر بىر تامچە تەرىڭمۇ،بىر پۈتۈن بەدەننىڭ ساغلاملىغى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدىغان بولسا، سەنمۇ تىمخورتونغا كىرگەن كۈندىن ئېتىبارەن، يەنى تىمخورتوننىڭ خىزمەت كىيمىنى ئۇچاڭغا ئارتقان كۈندىن ئېتىبارەن، ھەر كۈنى تىمخورتوندا قانچە سائەت ئىشلىسەڭ شۇنچە سائەت،تىمخورتون دەپ نەپەس ئالىسەن. مانا بۇ ھەقىقى كاپىتالىزىم. كانادا ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنىڭ مەھسۇلى.تىمخورتونمۇ شۇ. دىمەككى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش بولمىدى دىگەن گەپ دۇنيا بولمىدى دىگەن گەپ. شۇڭا سەن ئالدى بىلەن قانداق ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى ئۈگۈنۈشىڭ كېرەك.
مەن قوللىرىنى ئارقىسىغا قىلىپ ئولتۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاڭلاۋاتقان 1-سىنىپنىڭ ساددە ئوقۇغۇچىسىدەك تىمخورتوننىڭ باشلىغىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا ئىدىم. پەقەت پەرقىم ئىككى قولۇم تىزىمنىڭ ئۈستىدە ئىدى.
ئارىنى بىر ئاز سۈكۈنات قاپلىدى. باشلىق بىر بوتۇلكا سۇنى گۈپۈلدۈتۈپ ئىچكەندىن كېيىن، يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
خوش مەريەمگۈل تىمخورتونمۇ كانادادىكى 1-نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رەستۇرانىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە ئائىت بەزى قائىدە تۈزۈملەرگە ئىگە. ئەگەر سەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە ماسلىشالماي بۇ ھەمكارلىقنى بۇزۇپ قويساڭ، ئات ھارۋىسىنىڭ بىر يېرىدىن چاتاق چىقىپ ،ھارۋا توختاپ قالغاندەك، تىمخورتوننىڭ تىجارىتىدىنمۇ چاتاق چىقىدۇ ھىچ بولمىدى دىگەندە، خېرىدارلىرىمىزنى قاچۇرۇپ قويىمىز. تىمخورتون ماركىلىق كوفىنىڭ كانادالىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سىرلارنىڭ بىرى، تىمخورتوندىكى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش.
ئۇ ھۆججەت سومكىسىدىن بىرقانچە قەغەزلەرنى چىقاردى .بۇلارنىڭ بىرى تىمخورتوندا ھەمكارلىشىپ قانداق ئىشلەش ھەققىدىكى توختام ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئىمزا ئېتىشىمنى تەلەپ قىلىپ ماڭا ئۇزاتتى. مەن ئىمزا ئاتتىم.
مەن سەندىن بىر سوئال سوراپ باقاي مەريەمگۈل، سەن بىر يەردە ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ساخلاشنى خالامسەن؟
ياق. مەن قىسقا ۋە كەسكىن جاۋاپ بەردىم.
ئەلبەتتە. ھىچكىم ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچرەتلەردە، قانچە مىنۇتلاپ ئۆچىرەتتە تۇرۇشنى خالىمايدۇ. يەنە كېلىپ تىمخورتوننىڭ خېرىدارلىرى تېخىمۇ شۇنداق.چۈنكى كانادادا ۋاقت دىمەك پۇل دىمەك. شۇڭا تىمخورتوندا ئىشلىگەن ھەر قانداق ۋاختىڭدا قۇلۇغۇڭ توشقاننىڭكىدەك سەزگۈر،پۇت-قولۇڭ چۈمۈلىدەك چاققان، كۆزلىرىڭ بۈركۈتتەك ئۆتكۈر بولۇشى كېرەك. باشلىق ئايال چىرايلىرىنى ھىچ ئۆزگەرتمەي، تەمكىن ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزلىمەكتە ئىدى. بۇ ئەنگىلىزلارنىڭ خۇي-پەيلى،كۈلۈپ تۇرۇپ ھەممىنى دەۋالىدىغان.
ئەڭىلىيە ئەنگىلىزچىسى تەلەپپۇزىداسۆزلەيدىغان بۇ ئايال باشلىقنىڭسۆزىنى چۈشۈنەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، دەرىجىدىن تاشقىرى دىققەت ۋە جىددىلىك ئىچىدە ئولتۇرغانلىغىم سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۇ كۆرۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سىرتقا چىققان ۋاختىمدا، ئىككى مەڭزىم قىزىرىپ خۇددى ھېلىلا ھۈررەم سۇلتان ھاممامىدىن چىققان ئايالغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم.
ئاھ مەريەمگۈل، ئاھ مەريەمگۈل، كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ دەپ، ئامدى سەن كانادادا چۈمۈلە، توشقان ۋە بۈركۈت بولىدىغان بولدۇڭ……..غۇدۇرۇدۇم ئىچىمدە.
ھەمكارلىشىپ ئىشلەش، بەك تەس نەرسە جۇمۇ بۇ….يەنە كېلىپ ئۇيغۇر ئۈچۈن. بوپتۇ قانداق ھەمكارلىشىدىغىنىڭنى ئۈگۈتىمىز دىدىغۇ. مەن ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئۆز-ئۆزەم بىلەن پىچىرلىشىپ كېتىۋاتماقتا ئىدىم.
ئەمما مەن تىمخورتوننىڭ ئايال باشلىغى بىلەن سۆزلىشىپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن، خۇددى قېتىپ قالغان بىر كومپىيوتۇر ئىشلەپ كەتكەندەك، ئۇزۇن مەزگىل سۇسىز قالغان بىر ئۆستەڭگە سۇ كەلگەندەك، خانتەڭرى چوققىسىغا بايرىغىمىز تاقالغاندەك، 40 كۈڭە سوزۇلغان توپان بالاسى تۇگىگەندە ھاياتلىق يەنە بىر قېتىم جىلۋە بىلەن كۈلگەندەك ئىچىمنىڭ يورۇپ، ئۇزۇن مەزگىل تاپالمايۋاتقان بىر تېپىشماقنى تېپىپ دادىسىدىن مۇكاپات ئالغان كىچىك بالىدەك ئۆز-ئۆزەمنى كونتىرول قىلالماي قالغىدەك خوشاللىق ۋە ھاياجانغا چۆمۈۋاتقانلىغىمنى ھىس قىلماقتا ئىدىم. ئۇ خۇددى مەن ئىزلەپ يۈرۈۋاتقان قەلبىمدىكى ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى بىلىپ قالغاندەك، قەلبىمنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سېلىۋاتقاندەك بىلىندى. تىمخورتوننىڭ باشلىغىنىڭ سۆزلىرى، قېتىق ئەقلىمنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا دوغاپ قىلىۋەتتى.
ئاھ……….مەريەمگۈل، مەريەمگۈل سېنىڭ دەل ئىزلەپ يۈرۈۋاتقىنىڭ، مانا مۇشۇ تىمخورتون
سېنى تەربىيەلەيمىز دەۋاتقان ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئەمەسمىدى؟ سەن مانا مۇشۇ ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دىگەننى ئىزلەپ، نەلەرگە بارمىدىڭ ۋاشىڭتون، پارىج، مىيۇنخېن، ئىستانبۇل، ئوتتاۋا دىگەندەك. قايتقۇچە ئايرۇپىلان ئورۇندۇغىدا خۇددى يېڭىلا تىكىلگەن پەمىدۇر مايسىسىدەك سولۇشۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆز-ئۆزەڭنى، يۈرۈگۈڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى قانداق تىڭشىغان ئىدىڭ؟ مۇشتۇمدەك يۈرۈگۈڭدە قانداقدۇر سەن يېتىپ بارالمىغان بىر پايانسىز بوشلۇق ۋە بۇ بوشلۇقتا ئوغاق شەكىللىك بىر يوغان سوئال بەلگىسى سېنىڭ ئىچىڭنى تاتىلاپ كەلگەن ئىدى. كىمگە ياخشىلىق قىلساڭ كىم بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولساڭ كىمنىڭ كەتمىنىنى چاپساڭ شۇ ئارقاڭدىن ئۇردى.
مەن خىيال سۈرگەنچە قوساق كۆپۈكلۈرۈمنىڭ خۇددى قازاندىن تاشقىنلاپ كەتكەن شورپا شۆۋىگىدەك تاشقىنلاۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم. قوساقلىرىم كۆپۈپ كانادانىڭ ھامبۇرگېرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.ئەنە شۇ تاشقىنلاش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ساراڭ…………… ھەممىسى ساراڭ……………ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ساراڭ…………ھەممىسى بىر بىرىدىن مەمەدان……………………بىر بىرىدىن بىلەرمەن………………بىر بىرىدىن ئاقساقال ئۇ خەق ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دىگەننىڭ نىمىلىگىنى بىلەمدۇ؟………بۇ ئۇيغۇر دىگەن مەتۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دىگەن،خۇددى خىتاينىڭ جوڭگۇ چۈشىگە ئوخشاش، خىيالى ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق سەپسەتە…………مەن ئەنە شۇنداق تاشقىنلاپ ماشىنامنىڭ يېنىغا كېلىپ قالغانلىغىمنى سەزمەي قاپتىمەن. مەن ماشىنامنىڭ ئارقا تەرەپ ئىشىگىنى ئېچىپ سومكامنى زەردە بىلەن تاشلاپ، ماشىنامنىڭ ئىشىگىنى يەنە زەردە بىلەن ياپتىم. ئارقامغا بۇرۇلۇشۇمغا، زەنگەر كۆزلۈك بىر ساقچى،ئۆزىڭىز تېچلىقمۇ خانىم؟ دىگەنچە ئالدىمدا تۇراتتى.
تېشلىق………………..تېشلىق………..ساقچى ئوسىتسېر ئەپەندىم دىدىم مەن ئىنجىقلاپ.
پراۋىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ خانىم دىدى ئۇ يەنە يولۋاسنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈز كۆزلىرىنى چاقنىتىپ تۇرۇپ. چاتاق يوق……………چاتاق يوق ئەپەندىم دىدىمدە-دەرھال سومكامدىن پاراۋامنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم.
كانادانىڭ قاتناش ساقچىلىرى خۇددى كۈلۈپ تۇرۇپ ئادەم چاقىدىغان قىشنىڭ ئاپتىۋىغا ئوخشايتتى.
كانادا قاتناش ساقچىلىرى، كانادا پۇخرالىرىنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن، ماشىنا ھەيدىگەندە ۋە ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن شوپۇرلارنىڭ ئاچچىغلانماسلىغىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر كەيپىياتىڭىزدا بىر ئاز نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، يۇقۇرغا ئازراق ماڭسىڭىز قارشىڭىزغا بىر بانكا چىقىدۇ، شۇ يەردىن ئوڭغا بۇرۇلسىڭىز تىمخورتون بار. كوفى ئىچىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەنسىرمەك ساقچى ئوفىتسېرى ئەپەندىم، كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى………….
ماشىنىڭىزدا 911 غا ئۇلۇنۇش كۇنۇپكىسى ياخشى ئىشلەيدىغاندۇ-ھە؟
ھەئە………… چاتاق يوق ماشىنام يېڭى ماشىنا………….911 كۇنۇپكىسى ناھايىتى نورمال ئىشلەيدۇ.
تەكشۈرەپ باقسام بولامدۇ خانىم؟
چاتاق يوق…………چاتاق يوق……..ساقچى ئوفىتسېر ئەپەندىم.
ساقچى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پراۋامنى ئېچىپ رەسىمگە بىر، ماڭا بىر قارىۋەتتىدە، پراۋامنى ماڭا ئۇزاتقاچ، سىزگە بىخەتەر يولچۇلۇق تىلەيمەن خانىم، گۈزەل بىر كۈن يار بولسۇن دىدى. سىزگىمۇ شۇنداق بولسۇن ساقچى ئوفىتسېرى ئەپەندىم دىدىم مەنمۇ ھۆرمەت بىلەن.
ساقچى كەتتى. مەن ماشىنامغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئۆز-ئۆزەمگە يەنە غۇدۇراشقا باشلىدىم.
ئاللا……ئاللا بۇ ئاداشنىڭ ئاۋۇ يەردە تىمخورتون بار دەپ يول كۆرسۈتۈشلىرىنى قانداق قىلامەن تېخى. تورونتودىكى پۈتۈن تىمخورتونۇڭنى بەش قولدەك بىلىمەناۋاي ئاداشۋاقى……………..بۇ كانادا قاتناش ساقچىلىرى مېنىلا تۇتامدۇۋۇي…………يا قاتتىقراقمۇ ئىشىك ياپالمىغان بۇ ھەقنىڭ دەستىدىن………..شەھەر ئىچى دىگەن بۇنداقمۇ جىمجىت بولامدۇۋۇي………..ئانچ مۇنچە، گۈپ….تاراق-تۇرۇق، گالاچ-گۇلۇچ قىلغان ئاۋازلار بولمامدۇ كوچا دىگەندە، ئەگەر شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولۇپ قالسا كانادانىڭ بۇ تۈزۈمىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولمايدىكەن. بۇنى دەپتەرنىڭ بىر بۇرجىگىگە خاتىرلەپ قويۇش كېرەك…….
ھەپ……….ھەپ……….ئەگەر تىمخورتوندا ئىشلەپ جىقراق پۇل يىغىپ قالسام، مۇشۇ تورونتو شەھرىنىڭ مەركىزىدە، يەنە كېلىپ ئەشۇ دۇنياغا مەشھۇر مۇنارنىڭ يېنىدا، مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن، تەخسە ………….چىنە، سىركايا دىگەنگە ئوخشاش ئىشقىلىپ چاقىدىغانلا نەرسە بولسا، چېقىپ، ئاچچىغىنى، قوساق كۆپۈگىنى، ۋەتەڭە بولغان سېغىنىش پراقلىرىنى چىقىرۋالىدىغان بىر ئورۇن ئاچىمەن. كانادا ھۆكۈمىتى ئاياللار ئۈچۈن شەلتەرلەرنى تازىمۇ جىق قۇرغاندىن، ئەنە ئاشۇنداق، قانۇنلۇق ئۇرۇپ-چاقىدىغان ئورۇندىن بىرنى قۇرسا بولمامدۇيەي؟ …………..ئۇ دارا دەرمان پۇرايدىغان شەلتەرگە كىممۇ بارىدۇ.
مەن كەتمەك ئۈچۈن، ماشىنامنى ئوت ئالدۇردۇم. ماشىنامدىن ۋەلى داۋۇتنىڭ ئايدىڭ ئاخشام ناملىق ناخشىسى ياڭرىماقتا ئىدى.
ئايدىڭ ئاخشام باققا كىرسەم ئالما پىشىپتۇ،
ئالمىلىرى قىزىلگۈلگە يەرگە چۈشۈپتۇ.
يەرگە چۈشكەن ئالمىلارنىڭ ياپرىغى بولسام،
كۆڭلۈمدىكى شۇ يارلارنىڭ ئامرىغى بولسام.
……………………………………………….
………………………………………………
مەن ۋەلى داۋۇتقا ئەگىشىپ ناخشامنى بولۇشىغا توۋلىغانچە، كانادانىڭ 401-نومۇرلۇق، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولى شەرق بۆلىگىگە، سائىتىگە 100كم لىق سۈرئەت بىلەن كىرىپ كەتتىم.
3 كۈندىن كېيىن.
كانادادىكى بايلار تىمخورتونلارنى مونوپول قىلىۋالغان. بىر كاپىتالىستنىڭ 4 ياكى 5 تىمخورتونى بار. 24 سائەت ئېچىلىدىغان بىر تىمخورتوندا، 1-قول باشلىق، ئىسمىنا باشلىغى، نازارەتچى، پىشىرىق پىشۇرىدىغانلار ۋە ئىشچىلار بولۇپ تەخمىنەن 50 كە يېقىن ئادەم ئىشلەيدۇ. ئەمىليەتتە كانادانى سىياسەتچىلەر ئەمەس بەلكى بايلار باشقۇرىدۇ.دۇنيانىمۇ ھەم شۇنداق. دۇنيا سىياسەتلىرى بايلارنىڭ كۆڭلى ۋە رايى بويىچە تۈزۈلىدۇ چۈنكى دۇنيا ئېختىسادى تىزگىنىنىڭ رولى بايلارنىڭ قولىدا.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، كەمبەغەللىك ۋە بايلىق ئوتتۇرسىدىكى سىھرى كۈچنى بايقىغان ۋاختىمدا ئىنتايىن كېچىككەن ئىدىم.يېشىم ئاللىقاچان 35 تىن ھالقىغان ئىدى.
كەمبەغەللىك خۇددى ئامېركىدا پات -پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان قۇيۇن تازغا ئوخشايدۇ. قۇيۇن تاز سېنى قانداق پېقىرتىپ ئاسمانغا ئاچىقىپ ئاندىن يەرگە تاشلىۋېتىپ، سېنى كۇكۇم تالقان قىلىۋەتكەن بولسا كەمبەغەلچىلىكمۇ سېنىڭ كۈلۈڭنى كۆككە سورۇيدىغان قۇيۇن تاز.
كەمبەغەلچىلىك دىمەك، پۇل خەجلىيەلمەسلىك دىگەن گەپ. كەمبەغەلچىلىك يوق بولۇپ كېتىش، باي بولۇش مەڭگۈلۈك مەۋجۈتلۇق دىگەن گەپ. مەسىلەن ئۇيغۇرلاردەك، مەسىلەن ياھۇدىلاردەك.
بۇ تىمخورتون 2- قېتىم قوغلاندى بولۇپ كېتىپ، باشلىقنىڭ ئىچى ئاغرىپ، بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنى قارار قىلغان ئەنە شۇ تىمخورتوننىڭ يەنە بىر شۆبىسى.
بۈگۈن بۇ تىمخورتوندىكى 1-كۈنۈم. ئۇچامدا تىمخورتوننىڭ خىزمەت كىيىمى، پۇتۇمدا تېيىلمەيدىغان بىخەتەر ئاياق، بېشىمدا تىمخورتون دىگەن خەت چۈشۈرۈلگەن شەپكە، كۆكرىگىمدە يوغان قىلىپ يېزىلغان مەريەم دىگەن ئىسىم كارتۇچكام بار ئىدى.
سەھەر سائەت 6 بىلەن 7 نىڭ ئارلىغى تىمخورتون ئۈچۈن ئەڭ چاپ-چاپ مەزگىل. مەن تىمخورتونغا يېتىپكەلگەندە، تىمخورتوندىكى ئوچىرەت تاشقىنلاپ چوڭ يوللارغا قەدەر چىقىپ كەتكەن ئىدى.سىرتتىكى يەنە بىر لىنىيەدە يەنى ماشىنا بىلەن ئۆچرەتتە تۇرۇپ زاكاس ئالىدىغان رايۇندىمۇ ماشىنىلار ئۇزۇن ئوچىرەتتە تۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى. ئىسمىنا نازارەتچىسى كېۋىن مېنى بۇ ئەترەتتىكى خىزمەتداشلىرىم بىللەن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كىردى. ئىسمىم گوزى، ئانا ۋەتىنىم ئافگانىستان، مەريەم تىمخورتون ھەمكارلىق ئەترىتىمىزگە خۇش كەلدىڭ، سېنى كۆرگەنلىگىمدىن مەمنۇن بولدۇم دەپ قولىنى ئۇزاتتى بىر قىزچاق ماڭا. مەنمۇ مەمنۇن بولدۇم غوزى، دىگەنچە ئۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنۇڭ قوللىرىنى سەمىمىيەت بىلەن چىڭ سىقتىم. ئەسلىدە مېنىڭ ئانا ۋەتىنىم سېنىڭ ئانا ۋەتىنىڭ ئاۋغانىستان بىلەن تام خوشنا، يەنى خىتاي شىنجىئاڭ دەپ ئاتايدىغان، تارىختا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالغان بىر زىمىşن مېنىڭ جۇغراپىيە بىلەن ئارام دىگەندەك ياخشى ئەمەس، بۇ ئىككى دەۋلەتنى ئەيتاۋۇر ھىمالايا تېغىمۇ ئىشقىلىپ بىر تاغ ئايرىپ تۇرىدۇ دىدىم مەن. ئو مەريەم سەن ›غ‹ تاۋۇشىنى نىمىدىگەن چىرايلىق تەلەپپۇز قىلىسەن………….. كانادالىقلار ›غ‹ تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلالمىغانلىغى ئۈچۈن ئىسمىمنى گوزى دەپ ئاتىشىدۇ. ئاۋغانىستاننىمۇ ئاۋگانىستان دەپ ئاتىشىدۇ.
بۇ مەريەم تىمخورتون ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئەترىتىمىزگە يېڭىدىن قوشۇلدى. كېۋىن مېنى يەنە بىر 35 ياشلار چامىسىدىكى يەنە بىر ئايال بىلەن تونۇشتۇردى.
سالام مەريەم، ئىسمىم بىخىش، ئانا ۋەتىنىم ئاۋغانىستان، سېنى كۆرگەنلىگىمدىن مەمنۇن بولدۇم. خانىم قىزغىن بىر ئىلتىپات ئىچىدە مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
مەنمۇ مەمنۇن بولدۇم دىدىن ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋابەن.
بىخىش ئەسلىدە ئىسمىڭىز بىھىشمۇ؟
ھەئە…..شۇنداق سىز ھەجەپ ئىسمىمنى چىرايلىق تەلەپپۇز قىلالايدىكەنسىز ھەمدە، ›غ‹ ھەرپىنىمۇ بەك چىرايلىق تەلەپپۇز قىلىدىكەنسىز. بىھىش ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا تىكىلپ قارىدى.
بىھىش، سىزنىڭ تىلىڭىزدىمۇ جەننەت دىگەن مەنانى بېرەمدۇ؟ سورۇدۇم مەن ئۇنىڭدىن.
ھەئە شۇنداق. بىھىش پوشتۇ تىلىدىمۇ جەننەت دىگەن مەنانى بېرىدۇ. دىدى ئۇ سەمىمى بىر قىياپەتتە.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىمخورتون ھاياتىمنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا، غوزى ۋە بىھىش ئائىلىسى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتىم. ئىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمى كارۋان يولىدا، غوزى ، بىھىش ۋە مېنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمنىڭ تارىخى ئىزنالىرى بارلىغى ۋە سەلتەنەت سۈرگەن سودا يولىنىڭ ھەقدار ئىگىلىرى بولغانلىغى ، تەغدىر ۋە قىسمەتلىرىمىزنىڭ ئوخشاشلىقلىغى شۇنداقلا روس ئەسكەرلىرىنى ئانا زىمىنىدىن شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن قوغلاپ چىقارغان ئاۋغان خەلقىنىڭ ئامېركا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن قانداق چارىسىزلىق ئىچىدە قالغانلىغى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارىلىپ بىر مىللەتنىڭ قانداق خانۇ- ۋەيران بولۇۋاتقانلىغى ھەققىدە كۆپ ھەم سۆھبەتتە بولدۇق.
خىزمەتدىشىم غوزىنىڭ ئاپىسى ئەفسۇن خانىم ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ياخشى تونۇيدىغان بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ماڭا، مومىسىنىڭ ئىپەك يولى ئارقىلىق سودا تىجارەت قىلىپ، ئاتۇش دىگەن يەردىن كابۇلغا كەلگەن باۋۇدۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىتىگە ئاشىق بولغانلىغىنى،ۋە بۇ يىگىت بىلەن توي قىلىپ، ئاتۇشقا كەتكەنلىگىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى كابۇلدا ئاخىرلاشتۇرغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ھېكايىنىڭ ئۆز جەمەتى ئارىسىدا قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىپ ھازىرغا قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى، گەرچە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەتنى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ،ھەيۋەتلىك بىر تاغنىڭ ئارقىسىدا ئۆزلىرىدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان بىر يەردە ياشايدىغانلىغىنى تەخمىن قىلىپ، ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللەت ھەققىدە خىيالى بىر چۈش تونۇشىدا ياشاپ كەلگەنلىگىنى ئېيتىپ، ماڭا ئاجايىپ بىر مىھرىبانلىق بىلەن ھايات نىمە دىگەن تەسەددۇپلار بىلەن تولغان ھە……دەيتى.
نازارەتچى مېنى بۇ تىمخورتوندىكى ئەتتىگەنلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغان ھەممە خىزمەتچىلەر بىلەن بىرمۇ بىر يۈز تۇرانە سالاملاشتۇرۇپ چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كانادالىق ئېنگىلىزلار، كۆمۈردەك قۇرغاق قارا، زەيتۇندەك پاقىراق قارا، سۇس قارا…………..ئىشقىلىپ دۇنيادا ھاياتىمدا كۆرۈپ باقمىغان ھەممە مىللەتلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چاچلىرى، خۇددى ماگمىدەك يىلتىزىدىنلا بۈدۈر-بۈدۈر يۆگىشىپ چىققان، بەزى ئەرلەر بولسا، قاتتىق داردايغان چاچلىرىنى 80 قىلىپ ئۆرۈپ ئارقىدىن باغلىۋالغان ئىدى. يىراقتىن قارىسا خۇددى قاتتىقتال چىۋىغىنى ئۆرۈپ بېشىغا كىيىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. بەزىلىرى بىرلا قۇلىغىغا ھالقا تاقىۋالغان بولسا، بەزىلىرى قۇلاقنىڭ تۆشۈگۈنى يوغان كۆرسۈتىدىغان غەلىتە بىرياڭزا ھالقا تاقىۋالغان ئىدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى چېچىنى تال-تال قىلىپ ئۆرۈۋالاتتى ھەجەپ كانادادا ئەرلەر 80 تال قىلىپ ئۆرۈۋالىدىكەنا توۋا………..
تونۇشتۇرۇش جەريانىدا، مەگگى زھاڭ ئىسىملىك بىر خىتاينىڭ ئالدىغا كەلدىم. مەرھابا، مەن مەگگى زھاڭ، ئانا ۋەتىنىم چاينا تونۇشقانلىغىمدىن مەمنۇن بولدۇم. مەنمۇ شۇنداق تەكەللۇپ بىلەن جاۋاپ بەردىم مەن. ئاڭغىچە نازارەتچى كەۋىن ئارىغا كىرىپ سۆز قىستۇردى.
مەگگى، ئەسلىدە مەريەم سېنىڭ دەۋلىتىڭدىن ئەمما خىتاي ئەمەس، سېنىڭ دەۋلىتىڭدىن كەلگەن خىتاي بولمىغان ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر مۇسۇلماننى تۇنجى قېتىم تىمخورتوننىڭ ھەمكارلىق ئەترىتىدە كۆرۈشۈم .
ھە………..شۇنداقمۇ؟ سەن خىتايدىنمۇ مەريەمگۈل؟ سورىدى مەگگى زھاڭ مەندىن. ئەسلىدە قارىماققا شۇنداقتەك كۆرۈنىدۇ ئەمما مېنىڭ يۈرۈگۈمدىكى جاۋاپنى تىڭشىماقچى بولساڭ، مەن خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان دىگەن يەردىن كەلدىم، مىللىتىم ئۇيغۇر، ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللەت خۇددى تىبەتلەرگە ئوخشاشلا خىتاي بىلەن مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىۋاتقان بىر مىللەت.
ھە مۇنداق دە. جاۋابىمنى ئاڭلىغان مەگگى زھاڭنىڭ چىرايى سەل ئۆڭدى. دەسلەپكى ھاياجان ۋە قىزغىنلىققىمۇ ئازراق سوغاق سۇ سېپىلگەندەك بولدى. ئەمما چاندۇرماسلىققا تىرىشتى.چۈنكى تىمخورتوننىڭ ھەمكارلىق ئەترىتى ئۇنداق مۇنداق ئەترەت ئەمەس بولۇپ، ھەمكارلىققا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىغى بولغان ھەرقانداق مىللى سۈركىلىشلەر تىمخورتوندا رەت قىلىناتتى ۋە ئىشتىن قوغلىنىشقا سەۋەپ بولاتتى.
مەريەمگۈل سەن كانادادا ئوخشاشمىغان مەدىنيەتلەرگە قانداق باراۋەر ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىگى ھەققىدىكى تەربىيەلەش ۋىدىئوسىنى كۆردۈڭمۇ؟ سورىدى نازارەتچى مەندىن.
ياق، تەربىيەلەش ۋىدىئوسىنى ئەمدى كۆرۈشكە باشلىدىم تېخى ئۇ يەرگە كېلىپ بولمىدىم.
ياخشى، كانادا، دۇنيادىكى ئوخشىمىغان مەدىنيەتلەر توپلاشقان بىر دەۋلەت. تىمخورتون بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئەگەر سەن بۇ تىمخورتوندا ئىشلەپ كېتىمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم ئۆزەڭدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدىنيەت ۋە ئۆرپە ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك دىدى نازارەتچى ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ. ھازىرچە ھەمكارلىق ئەترىتىمىزدە ئوخشاش جىنىسلىقلار يوق ئەمما، بىز يېقىن كەلگۈسىدە ئۇلارنىمۇ ئىشقا ئېلىپ قېلىشىمىز مۈمكىن. مەيلى ئەترىتىمىزدىكى بولسۇن، مەيلى خېرىدارلار بولسۇن ئەگەر ئوخشاش جىنىسلىقلارنى كۆرسەڭ ئۇلارغا ئادەتتىكى خىزمەتدىشىڭ ۋە ياكى ئادەتتىكى خېرىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك دىدى نازارەتچى كېۋىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ.
بولىدۇ باشلىق، ئەنسىرمەڭ باشلىق، چوقۇم شۇنداق قىلىمەن باشلىق دىدىم مەن باشلىرىمنى ئېگىپ تۇرۇپ.
مەريەمگۈل سېنىڭ مەدىنيىتىڭدە بەدەنگە گۈل چېكىدىغان ئەھۋال بارمۇ؟
ياق باشلىغىم دىدىم كاناداچە كەسكىن بىر قىياپەتتە.
بۇندىن كېيىنكى تىمخورتون ھاياتىڭدا، بەدىنىگە گۈل چەككەن خېرىدار ۋە خىزمەتچىلەرنى كۆپ ئۇچۇرتىسەن. شۇنى بىلشىڭ كېرەككى ئۇلارغا ھەرگىز ئۆزەڭنىڭ بۇ ئەھۋالدىن يىرگىنىۋاتقانلىغىڭدىن ئىبارەت بىر سەلبىلىكنى چاندۇرۇپ قويماسلىغىڭ كېرەك. كانادادا ھەرقانداق ئېرق، ھەرقانداق مەدىنيەت ۋە ھەرقانداق تاللاشتىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە كەمسىتىلىشى قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ. ھەممە كانادا پۇخراسى قانۇن ئالدىدا باپ باراۋەر.
مانا بۇ تىمخورتوندا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىغى.
تاتلىق تۇرۇم دونات. تىمبىت،مۇففېن، دەنىش، سىننامان رولل،كروسانت، پرەنىك دىگەندەكلەرنىڭ تۈرى 50 كە يېقىن. بېگەل( گىردىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نان) نىڭ تۈرى ئاساسەن 15 خىل، ساندىۋىچلارنىڭ تۈرى 20 دىن ئاشىدۇ.
ئۇندىن باشقا بۇ تىمخورتوندا سېتىلىدىغان بارلىق سوغاق ۋە قىززىق ئىچىملىكلەرنىڭ تۈرى ۋە باھاسىنى يادلىشىڭ كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە 17 تۈرلۈك چاي، ئادەتتىكى كوفى بىلەن بىللە دېكافكوفى ساتىمىز. ئۇندىن باشقا قىززىق چوكولات، قىززىق فىرەنچ ۋانىللا، ئەكىسپىرەسسو قاتارلىقلارمۇ بار. سوغۇق ئىچىملىكلەر ئىچىدە ياز كۈنلىرى مۇز كاپىچىنو، ۋە ھەر تۈرلۈك مىۋە تەملىك سىمۇدىلىرىمىز بار تۈرى ۋە باھاسىنى يادلىشىڭ كېرەك.
بۇ تىمخورتوندا سېتىلىدىغان ھەدىيەلىك مەھسۇلاتلار تىزىملىگى ۋە باھاسى.
بۇ تىمخورتوننىڭ قائىدە تۈزۈملىرى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ ياخشى ئوقۇپ قول قويۇپ ئاندىن ماڭا بېرىشىڭ كېرەك.
بۇ خىمىيەلىك ۋە خەتەرلىك تازلىق بۇيۇملىرىنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدىكى تۈزۈم بۇنىمۇ ئوقۇپ ئاندىن قول قويۇپ ماڭا تاپشۇرىسەن.
بۇ ئىش ئورنىدا ھاقارەت، كەمسىتىش مەنئى قىلىنغانلىغى ھەققىدىكى قائىدە تۈزۈم ئوخشاشلا ئوقۇپ ۋە قول قويۇپ ئاندىن ماڭا قايتۇرۇپ بېرىسەن.
بۇ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن، شۇنداقلا ھەربىر قېتىم پىلاستىك پەلەينى ئالماشتۇرغاندا، يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا چوقۇم قولۇڭنى 20 سېكۇنت ئۇگىلاپ يۇيۇشۇڭ كېرەكلىگى ھەققىدىكى توختام. چۈنكى نۇرغۇن كېسەللەر قول ئارقىلىق باشقىلارغا تارقىلىدۇ.
بۇ ئىش ئورنىدا چوقۇم بىخەتەر ئاياق يەنى ئاستى تېيىلمايدىغان ئاياق كىيىشىڭ كېرەكلىگى ھەققىدىكى توختام.
بۇ يەرنى يۇغاندا، چوقۇم خېرىدارلارغا يەرنىڭ ھۆل ۋە تېيىلغاق ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىدىغان ئىشارەت بەلگىسىنى ئېنىق كۆرۈلىدىغان يەرگە قويۇشۇڭ كېرەكلىگى ھەققىدىكى توختام ئوقۇپ قول قويۇپ ئاندىن ماڭا تاپشۇرىسەن.
بۇ يىمەك ئىچمەك بىخەتەرلىگى ۋە تازلىغى ھەققىدىكى، بۇ تىمخورتوندا ئېغىر يەشىكلەرنى كۆتۈرگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش ھەققىدىكى توختام………… مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تىمخورتوننىڭ قائىدە تۈزۈملىرى قول قويۇشۇڭ كېرەك.
مەن تىمخورتوندىن چىققاندا بىر قۇچاق توختام قەغىزىنى قۇچاغلاپ چىققان ئىدىم.
ھەي مەريەمگۈل…………..مەريەمگۈل…………. تىمخورتونغا كىرىشىپ قالغانغا تويە………..
مەريەمگۈل 1-قول باشلىق ساڭا تىمخورتوندىكى ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنىڭ مۇھىملىغى ھەققىدە گەپ قىلغان بولۇشى مۈمكىن. مەنمۇ ساڭا كانادادا ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دىگەننىڭ قانداق مەناغا كېلىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دىمەك ئالدى بىلەن باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويۇش دىمەكتۇر. مەريەمگۈل سەن كۈچ ئۇلاپ يۈگرەپ باققانمۇ؟ ھەئە يۈگۈرگەن ئوتتۇرا مەكتەپتە مەن تېز جاۋاپ بەردىم ئۇنىڭ سوئالىغا. ھەببەللى تىمخورتوندىكى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئەنە شۇ كۈچ ئۇلاپ يۈگرەشكە ئوخشايدۇ. ئەگەر سەن بۇ كۈچ ئۇلاپ يۈگرەشتە ئۆز رولىڭنى جارى قىلدۇرالمىساڭ، كالتەك پەللىدىكى ئادەمگە يەتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ. تىمخورتوندا پەللىدىكى ئادەم خېرىدار دىگەن گەپ، خېرىدار دىمەك دوللار دىمەكتۇر كانادادا.
كانادادىكى يەنە بىر دوللار دىمەك مەناسىنى بېرىدىغان نەرسە ۋاقت. ۋاقت دىمەك دوللار دىمەكتۇر. ۋاقت دىمەك تېزلىك دىمەكتۇر. سەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن تىمخورتوننى بىر بەدەن، ئۆزەڭنى شۇ بەدەننى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئەزا دەپ چۈشەن. بىز تىمخورتوننىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇ ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ساخلاپ قېلىشقا تىرىشىمىز.
مەن ئىچىمدە يەنە غۇدۇراشقا باشلىدىم. ئۇمۇ دەيدۇ تىمخورتون بەدەن سەن بىر پارچىسى بۇمۇ دەيدۇ، تىمخورتون بەدەن سەن بىر پارچىسى…………….ئۇفف…………ئۇفف.
مەن بەزەن غۇدۇراشلىرىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا، يېڭىلا مەكىيان باسقان تۇخۇمدەك ساپ ۋە ساددە ھالىم بىلەن، خۇددى ھايات دەرسى تىڭشاۋاتقان ئوقۇغۇچىدەك، نازارەتچىنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزلىرىنى ئەستايىدىل تىڭشاپ بېشىمنى لىڭشىتماقتا ئىدىم. ھاياتىمدا ھىچبىر نەرسىنى بۇنداق ئەستايىدىل تىڭشاپ باققىنىمنى خاتىرلىيەلمەيمەن.مەن شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، خۇددى يوغان داش قازاندا ئېتىلگەن نورۇز ئېشىغا قوشۇلغان بىر سىقىم نۇقۇت ۋە ياكى بىر سىقىم بۇغدايدەك تىمخورتوننىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دەيدىغان داشقازىنىغا ئېتىلدىم.
بەزى كۈنلىرى قايناۋاتقان قازانغا بىردىن بىردىن ئۈزۈپ تاشلىنىپ پىشقاندىن كېيىن،قازاننىڭ گىرۋىگىدە، ئاشكۆكى ۋە رەيھانلار ئارىسىدىن مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان بىر چىنە مەمپەردەك ھىس قىلاتتىم ئۆزەمنى.كېيىنكى كۈنلەردە تىمخورتوننىڭ بۇ تۆمۈر قازىنى مېنى شۇنچىلىك پىشۇردى. مەن تىمخورتوننىڭ بۇ ئاغامچىسىغا شۇنداق مەھكەم ئېسىلدىمكى، خۇددى ئىگىز تاققا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئۆز ئاغامچىسىغا مەھكەم يېپىشقىنىدەك.
مەن بۈگۈنكى كۆرۈشۈشتىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىدىم. بولۇپمۇ تىمخورتون ھەمكارلىق گۇرپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىغىم، دۇنيالارنى كېزىپ ئۇيغۇر جەمىيتىدىن تاپالمىغان ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دىگەننى تىمخورتوندىن تاپقانلىغىمدىن ئىنتايىن رازى ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە خادىملارنىڭ مەن بىلەن شۇنچىلىك قىزغىن ۋە سەمىمى كۆرۈشىشى ماڭا تەسىر قىلغان ئىدى.
مەن تىمخورتوندىكى بىر كۈنلۈك دەسلەپكى تەربىيەلىنىشنى تۈگۈتۈپ، بىر قۇچاق قول قويۇشقا تېگىشلى قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ ئايرىلدىم.
تىمخورتوندىن ماشىنا قويۇش مەيدانىغىچە يەنىلا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئۇيغۇرنى ئىچىمدە تىللاپ ماڭماقتا ئىدىم.
ساراڭ …………..ساراڭ بۇخەقنىڭ ھەممىسى ساراڭ. زىيالىسىمۇ ساراڭ، تەشكىلات قۇردۇڭ دىگىنىمۇ ساراڭ ………… يەنە بىر نىمىسىمۇ ساراڭ. ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەشكلىلات قۇرغىسى بار، ھەممىسىنىڭ ئۆزى باشلىق بولغىسى بار.
مەن ۋەتەندىن بۇ تەرەپلەرگە بىر نەرسىگە چارە ئىزلەپ دەرمان ئىزلەپ يولغا چىققان ئىدىم. ئەمما ھېلىغىچە چارىسىزلىق دوقمۇشلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرمەكتىمەن. بەزەن ئۆزەمنى كىرورەن خارابىلىغىدا يىگانە قالغان دەرەخ كۆتەكلىرىدەك يالغۇز ھىس قىلىمەن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش دىگەن چۆلدىكى ۋىل-ۋىلدەك كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە. يېقىنلاشقاندەك قىلىدۇ،ئەمما ئامڭىسەن ماڭىسەن تۇتالمايسەن.
دىمەككى ئۇيغۇرلاردا ھەمكارلىشىپ ئىشلەش يوق، ئۇنداق بولغانكەن لىدىر يوق دىگەن گەپ.
ئۇيغۇرلاردا، پەقەت ۋەتەن مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئەسكەر جەڭچى بار.
ئاھ..مەريەمگۈل…………….مەريەمگۈل ئۇيغۇرلاردا بىر ھەمكارلىشىپ ئىشلەش بولسا ئىدى ھە؟ تىمخورتونغا ئاققۇزغان تەرلىرىڭنى، شۇ يەرگە ئاققۇزساڭ.
(داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس ‏مەن …

ئونتارىئو كۆلى بىلەن سۆھبەت

ئونتارىئو كۆلى بىلەن سۆھبەت (ئەدىبى خاتىرە) سۈبھى: ئەي………….تورونتو شەھرىنى مۇھەببەت بىلەن قۇچاغلاپ، ئۇنىڭغا چەكسىز گۈزەللىك …