ئۇيغۇر مىللەتچىلىگى

china-urumqi-uyghur-ladies-1

ئۇيغۇر مىللەتچىلىگى

ئاپتورى: ئىز

بىر مىللەتنىڭ رۇھې قۇللۇققا تولمىغىچە، بىر مىللەتنىڭ ئۇمۇدى ۋە ئىرادىسى سۇنمىغىچە ئۇ مىللەتنى بوي سۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەسىرلەردىن بىرى بار بولۇپ كەلگەن مىللى بىر رۇھ، كۈچلۇك بىر مىللى ئىرادىگە ھېچقانداق بىر قۇدرەتلىك كۈچ تەڭ كىلەلمەيدۇ.
(ئاتا تۈرك)

ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوممۇمى ئەخۋالى، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغان ھەرقايسى تارىخى دەۋرىلەردىكى ئەڭ ئېغىر تېراگىدىيەلىك دەۋېر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بولسا ئۆز تارىخىدىكى سىياسى ، ئىقتىسادى ، ھەربى جەھەتتىن ئەڭ تەرەققى قىلغان، مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئەڭ كۈچلەڭەن دەۋرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمما بىز دىلىمىزنى، دۈشمىنىمىزنىڭ قۇددىرىتىنى زىكرى قىلىشقا ئادەتلەندۇرۇدھتىن كۆرە، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ رۇھىنى، ئەقلىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دۈشمەڭە قارشى كۈرەشكە ئىشلىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىمىز.

ئۇنداقتا مۇنداق قۇددىرەتلىك دۈشمەڭە قانداق قارشى تۇرىمىز؟
مىللەتنىڭ بېشىغا بۇنداق تېراگىدىيە نىمە ئۈچۈن كىلىدۇ؟
مىنىڭ، ئائىلەمنىڭ، دوسلۇرۇمنىڭ، ئانا ۋەتىنىمىنىڭ بېشىغا يەنە قانداق بالا-قازالار كېلەر؟
بۇنىڭ بىر چىقىش يولى بارمۇ؟
نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىمىز؟
نىمە ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىمىزنى باشقۇرمايمىز؟
نىمە ئۈچۈن ئۆز ئۆيمىزدە ئەركىن ھېس قىلمايمىز؟
نىمە ئۈچۈن باشقىلار بىزگە ھۆكۇمرانلىق قىلىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن ئۆزومىزنىڭ مەمپەئەتىنى قوغدىمايمىز؟
نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قەددىرىنى ئۆزىمىز قىلمايمىز؟
نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئۇزلۇكسىز يېتىلدۇرمەيمىز؟
نىمە ئۈچۈن باشقىلارنى دوراشقا مەجبۇر بولىمىز؟
نىمە ئۈچۈن مىللەتنىڭ سەرخىللىرىنىڭ قەددىرىنى قىلمايمىز؟

مانا مۇشۇ يۇقارقى سوئاللارنى ئۆز-ئۆزىگە قويالىغان ۋە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تېرىشىۋاتقان كىشىلىرىمىز بولسا پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىدۇر.

ئۇنداقتا مىللەتچىلىك دىگەن نىمە؟
بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئاۋال مىللەتنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.

مىللەت دىگەن مىنىڭچە:
كوللىكتىپ بىر نامغا ئىگە بولغان.
ئورتاق بىر قانداشلىق مۇناسىۋەتگە ئىگە بولغان.
ئورتاق بىر تارىخقا ۋە ئورتاق بىر تۇتۇمغا ئىگە بولغان.
ئورتقا ئۆرپە-ئادەت ۋە ئوخشاش بىر مەدەنىيەتگە ئىگە بولغان.
ئورتاق بىر جۇغراپىيەدە ياشايدىغان.
نۇۋۇسىنىڭ ئاساسى بىر قىسمى ئورتاق بىر دىنغا ئىتىقات قىلىدىغان.
ئورتاق بىر تىل –يېزىققا ئىگە بولغان بىر توپلام مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇقەسدەس كىتاۋىمىز كۇر´ئاندا، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھا مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ:
„ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن(ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. …..“

مانا بۇ ئايەتتە ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئىنسانلارنى ئۆز ئارا تونۇشۇشى ئۈچۈن ھەر خىل مىللەتل قىلىپ، بۇ كائىناتقا ئاپىرىدە قىلغانلىغىنى قەيت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىللەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئوخشاش ئەمەستۇر. ھېچ بىر مىللەت، ھېچ بىر ئۆلكە، ھېچ بىر خەلق، ھېچ بىر تارىخ ۋە ھېچ بىر دۆۋلەت باشقا بىرسى بىلەن ئوخشاش ئەمەس. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مەخسۇس مەدەنىيەتى ۋە مىللىي خارەكتىرى باردۇر.

بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا ئوخشاش بولمىغان ئاتوم زەرىچىلىرىگە ئىگە بولغان تۆمۇرنى ، ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىنى بومىغاندەك، مىللىي پىسسىخولوگنى، مىللىي خارەكتىرنى، مىللىي ئۆزلۇكنى، مىللىي قىممەت قارىشى بىر-بىرىدىن پەرىقلىق بولغان ئەڭېلىسلەرنى گېرمانغا، گېرمانلارنى ئىتالىيان´غا ئۆزگەرتكىنى بولمايدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىمۇ خىتايغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەمدى بىز يۇقارقى ئالاھىدىلىگىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدولوگىيەسىنى تەشەبۇس قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز ئۇزاق بىر تارىخى دەۋرىدىن بىرى مۇستەملىكە ئاستىدا شاۋاتقان بىر مىللەت بولغانلىغىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدا نۇرغۇن ئاجىسلىقلار بىخ ئۇرۇپ چىققان يەنى:

بىز ئۇزاق بىر تارىخى جەرياندا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشىغانلىغىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ توملۇمى ئىچىدە بەزى ئىنسانلىرىمىز ئۆز تۇرمۇش ھەلەچىلىگى ئىچىدە باشقىلارغا بىقىنىش پىسخىكىسى يىتىلىپ چىقىدۇ. ئۆز-ئۆزىدىن داۋاملىق ئۇزاقلىشىدۇ، باشقىلارنى داۋاملىق ئۆزىگە ئۇلگە قىلىدۇ. بىقىندا ھالەتتە تۇرۇپ ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىش مىللەتنىڭ پىسخىكىسىغا چۈشكەن بەددە قۇرۇتتۇر. باشقىلارغا يول قويۇپ، بەلگىلەپ بەرگەن قىلىپ ئىچىدە ئۆز بولۇشقا ئادەتلەڭەن كىشىلەرنى ئۆزلۇكىگە قايتۇرۇش ئۆلۇكنى تىرىلدۇرگەندەك بىر مۇمكىن بولمىغان بىر ئىشتۇر. بىقىندىلىق ئىچىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىزلىك بىلەن باشقىلارغا ھەيرانلىق ھىسياتى بىلەن قارايدۇ، بۇ تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بىقىندىلىق ئۇلگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق بىقىندىلىق ئۇلگىسىدىكى كىشىلەر بارا-بارا يۇرۇش-تۇرۇشتا ھەتتا روھى ھالەتلىرىدىمۇ ۋە ئىچكى ھىسياتتىمۇ ئۆزگۇرۇش ھاسىل قىلىپ، خىتاي مىللىتىگە ئوخشاش بىر مىللىي پىسخىك ئوتۇرغا چىقىدۇ.

يەنە بەزى ياشلىرىمىزدا بولسا ئۆزىدىكى مەنىۋى بوشلۇقلارنى ۋاستىلىق دولتۇرۇش ئۈچۈن مىللەتچىلىكتىن پۈتۈنلەي مۇستەسسىنا ھەتتا مۇقەدەس دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئەڭ ئىسىل مودىدېل يوللىرىنى تۇققان ئەجداتلىرىمىزنى يولىدىن كېچىپ، ئۇممەتچىلىك ئىدولوگىيەسىگە تۇتۇلۇپ، ھەر خىل دىننى مەنزەپلەرنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، مىللەتنىڭ مەمپەتىگە زىيان سېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا تېرورىزىمغا باغلاشتەك رەزىل ئويۇنلىرىغا بىلىپ-بىلمەي ماسلىشىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ يولىمىز، ھەركىتىمىز ئۇممەتچىلىك بولماستىن بەلكى ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەققىللىغىنى قولغا كەلتۇرۇش يولىدىكى مىللەتچىلىك يولىدۇر.

ئۇيگۇر خەلقىنىڭ مىللەتچىلىگى بولسا بۆلۇنۇش بولماستىن بەلكى مىللىي بىرلىكتۇر، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى بىر رۇھ، بىر تەن قىلىپ، مىللىتمىزنى ئەبىدى ساقلاش، قوغداش يولىدۇر. دىننى قوغداش بولسا ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىكى ئىشتۇر. ئاللاھ بۇ مۇقەدەس دىنىمىز ئىسلامنى تا قىيامەتكىچە قوغداشقا ئۆزى ۋەدە قىلغان. بۇ ئاللاھنىڭ قۇددىرىتى دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. بىزنىڭ قۇددرىتىمىز ئارانلا ئۆز مىللىتمىزنى قوغداشقا يىتىدۇ خالاس.

سۈرە رەئىدە 11-ئايەت: „…..ھەرقانداق بىر قەۋىم ئۆزىنىڭ ئەخۋالىنى ئۆرگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەخۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ…..“

بىز ئۆزمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربى ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئورنىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. بۇ ئۇلۇق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇزاق بىر تارىخى جەريان كىرەك. مانا مۇشۇ تارىخى باسقۇچتا بىز ئۆزىمىزدىكى مىللىي ئاڭ، مىللىي رۇھنى جانلاندۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ . ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىرىلىشى، كۈچلىنىشى ۋە تەرققى قىلىشىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئەڭ ئۇنۇملىك ۋاستە ئۇيغۇر مىللەتچىلىگىدۇر.

ئۇيغۇر مىللەتچىلىگى دىگەن نىمە؟

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىگى، ھەق-قوقۇقىنى، تارىخى، ئىتىقادىنى، مەدەنىيەتى ۋە ئۆز ئارا ئىتىپاقى قاتارلىقلارنى قوغداشنى ھەممىدىن ئەۋزەل كۆرۇش ئۇيغۇر مىللەتچىلىگى دەپ ئاتىلىدۇ.

قۈياشنىڭ ئاستىدا بەخىتلىك ياشاشقا بولىدىغان بىر يەرنى ھەر ئىنسان ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئارزۇ بىلەن ئىنسانلار ئۆز كىملىگىنى، ئۆز قەددىرىنى، مىللىتىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداش چۇشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ. مانا ماشۇ سەۋەپتىن ھەر يەردە مىللەتچىلىك بولىدۇ. مۇستەققىل بولمىغانلار مۇستەققىللىق ئۈچۈن، باراۋەر بولمىغانلار باراۋەرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.

ھەرقانداق بىر مىللەتتىكى مىللەتچىلەر ئۆزىنى ئەڭ قەدىمى مىللەت، ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللەت دەپ قارايدۇ. مەسىلەن:
يەھۇدىلار ئۆزىنى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە خەلق ھەمدە يەھۇدىلار بولسا “پەقەت ۋە پەقەتلا قۇل بولمايدۇ” دەپ قارايدۇ.

تۈركلەر بولسا “يۇقاردا كۆك ئاسمان، ئاستىدا يەر گۇمران بولمىغىچە، ۋەتىنىم ۋە پادىشاھىمنى ھېچكىم ئۆرەلمەيدۇ” دەپ قارايدۇ.

خىتايلار بولسا ئوخشاشلار ئۆزلىرىنى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللەت، بىز ھەمدىن ئۇلۇغ دەپ “ئاتالمىش زھوڭگۇئولۇقلارنىڭ رۇھىنى” تەرغىپ قىلىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مىللەتچىلىك رۇھى، ئۆزنى ھەممىدىن ئەۋزەل كۆرگەن رۇھ ئىپادىلەڭەن. شۇڭا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىغى مىللەتچىلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ھەم شۇنداق.

مىللەتچىلىكنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ.

1.مىللەتچىلىك بىر مىللەتنى بىرلەشتىرىدىغان بىر كۈچ.
2.مىللەتچىلىك مەخسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى كۈچ. ئۆز مىللىتىنىڭ ئېزىلىشىگە قارشى تۇرۇپ، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
3. مىللەتچىلى سىياسى جەھەتتىن بۆلگۈنچىلىكتەك كۆرىنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنى بىر دۆۋلەت ھالىتىگە كەلتۇرىدىغان كۈچتۇر.
4.مىللەتچىلى تاجاۋۇسچىلارنىڭ باشقىلارنى مۇستەملىكە قىلىشتىكى كۈچ.
(مەسىلەن: خىتاي ئۆز مىللەچىلىگىدىن پايدىلىپ بىزنى مۇستەملىكە قىلغان)
5.مىللەتچىلىك ئىقتىساتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ھەركەتلەندۇرگۇچى كۈچ.
( مەسىلەن: خىتاي ھازىر ماشۇ مىللەتچىلىكتىن پايدىلىپ ئۆز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۋاتىدۇ)

ئومۇمەن ئېيتقاندا مىللەتچىلىك ناھايىتى چوڭ دائىرە ئىچىدە ئۆز كىملىگىنى دۇنيا سەھنىسىدە تونۇتۇپ، ئۆز ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ.

مىللەتچىلىك ئىنسانلارنىڭ رۇھلارىغا خېتاپ قىلىپ، بۇ قۇددىرەتلىك ۋە مۇرەككەپ دۇنيادا ھەمدە چەكسىز تارىخ ئىچىدە، ئىنسانلارغا ئۆز كىملىگى بىلەن مۇستەققىل ياشاش رۇھىنى كاپالەتلەندۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخقا قارايدىغان بولساق مۇستەملىكىچىلەر تۇپراقنى مۇستەملىكە قىلغان بىلەن ئۇ تۇپراقتىكى ئىنسانلارنىنىڭ مىللىي ررھلارىنى مۇتەملىكە قىلىشتا زورلانغان شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىگى ھەقىقىي تۇردە ئەمەلگە ئاشمىغان.

خىتاي ھازىر بىزنىڭ رۇھىمىزنى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرىستاننى ھەقىقى مەنىدە مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي رۇھىنى تەل-تۈكۇس مۇستەملىكە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا خىتاي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختىن بىرى ئىشىنىپ كەلگەن ئىدولىگىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز مەدەنىيەتىدىن يېراقلاشتۇرۇش، تىل-يىزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەتتا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، ساقال-بۇرۇتتىن تارتىپ پۈتۈن مىللىي ئۆزلۇككە مۇساسىئەتلىك ئامىللارنى يۇيۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مىللەتچىلىك رۇھىمىزنى كۈچلەندۇرىشىمىز لازىم.

تېچلىق ۋە ئادالەت ئىچىدىكى بىر دۇنيا پەقەت ئۆز ئىگىلىك ھوقوقىغا ئۆزى ھوجا بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا تەل-تۇكۇس رېئايە قىلغاندىلا مەۋجۇتلۇققا كىلىدۇ. شۇڭا دۇنيادا ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەۋاتىدۇ.

بۇگۇنكى دۇنيادا مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ نىمىگە ئەھمىيەت بىرىدىغانلىغى ھېچقانداق مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى دۇنيانى كونتىرول ئاستىغا ئالغان كۈچلەرنىڭ ۋە دۆۋلەتلەرنىڭ نىمىگە كۆڭۇل بۆلىدىغانلىغىدا. شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇلارنىڭ نىمە ئىشىغا يارايدىغانلىغىمىزدا. ئۇلار پەقەت مەزلۇملارنى ئۆزىنىڭ كۈچلۇك دۆۋلەت بولۇش يولىدا ۋاستە قىلىپ تاللاپ، مەخسەتكە يەتكەندە تاشلاشدۇ خالاس، بۇنىنغا ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تېراگېدىيەگە تولغان قانلىق تارىخى گۇۋاھ!

مەزلۇم خەلقلەرنىڭ كىم بولگغانلىقى، ئۇنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگى، نىمېنى قوبۇل قىلىپ، نىمىنى رەت قىلىشىنى كۆپ ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى مۇھىم كۈچلەر بەلگىلەيدۇ. دىمەككى كۈچلۇك دۆۋلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ كىم ئىكەنلىگىگە قارار بىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ كىم بولغانلىغىغا قارار بىرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغگۇرلار بىر ئىشنى قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ساپ مەغلۇپ بولغان، چۈنكى ھۆكۇمنى كۈچلۇكلەر بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق كۈچلۇك بولۇشىمىز لازىم.

كۈچلۇك بولۇش ئۈچۈن بىر پۈتۈن ئورتاق مىللەتچىك ئىدولىگىيەگە ئىگە بولۇشىمىز لازىم. دۈشمەننىڭ بوي سۇندۇرغۇچى ئىدولوگىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يىتىشىمىز لازىم. قورال باش ئەگدۇرىدۇ، ئەمما قۇل قىلالمايدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتى گەرچە ھازىر ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ھازىر شۇنىڭدىن ئۇمۇتلىنىشىمىز لازىمكى ئۇيغۇر مىللىتى ھازىر يىقىنقى زامان تارىخىدا ئەڭ ئىلىم-پەڭە يۇرۇش قىلغان دەۋرىدۇر. ئىلىم-پەڭە يۇرۇش قىلىشنى يەنىمۇ تېز راۋاجالاندۇرۇشىمىز لازىم. ئىلىم-پەننىڭ نىھمىتىنى پۇتۇن ئۇيغۇر توپلىمىغا قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنيادىكى كۈچلۇكلەرگە تەسىر قىلدۇرالايدىغان ھالەتكە ئەكىلىشىمىز لازىم.

ئۇيغۇرلار قانداق بىر باشقۇرۇش تۇزۇمنىڭ ئاستىدا ياشايلى مىللەتنىڭ مۇستەققىلىقى، مىللى رۇھنىڭ تۇغۇلۇشى، مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن راۋاجلىنىشى، مىللەتنىڭ ئېڭىنىڭ ئورتاق ھالەتكە كىلىشى قاتارلىقلار مىللەتچىلىك ھۆجەھىرىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

مىللەتچىلىنىڭ يوقۇلۇشى بولسا يەنە بىر مەنىدىن مىللى دۆۋلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئىشىشىدىن توسىدۇ. مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش بولسا مۇستەققىل بىر مىللى دۆۋلەتنىڭ بارلىققا كىلىشىگە قارشى دىمەكتۇر.

ئۇيغۇر مىللەتچىلىگى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ۋە مىللى بىر مۇستەققىل دۆۋلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى رۇھىنىڭ تەرەقىياتىغا بەرگەن جاۋابىدۇر.

ئۇيغۇر مىللەتچىلىگى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قۇتۇلۇش، تېرىلىش يولىدۇر. بىز مۇختاج بولغان قۇدرەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قاندا مەۋجۇتتۇر.
ئىز

03.04. 2015

گېرمانىيە

ئىنكاس قالدۇرۇڭ

ئېلخەت ئادېرىسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.يۇلتۇز بار كاتەكلەرنى چوقۇم تولدۇرۇڭ *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>