ئونتارىئو كۆلى بىلەن سۆھبەت

1156411028

ئونتارىئو كۆلى بىلەن سۆھبەت
(ئەدىبى خاتىرە)
سۈبھى:
ئەي………….تورونتو شەھرىنى مۇھەببەت بىلەن قۇچاغلاپ، ئۇنىڭغا چەكسىز گۈزەللىك ئادا قىلىپ بايرىغىمنىڭ رەڭگىدە سوزۇلۇپ ياتقان ئونتارىئو كۆلى. يەنە كەلدىم قىرغاقلىرىڭغا سەن بىلەن سۆھبەتلەشمەككە، كۆڭۈل سىرلىرىمنى تۆكمەككە.چۈنكى سەن مېنىڭ سىر تۆكۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق ئىشەنچىلىك بىر بارلىغىمسەن ھاياتىمدىكى.
ئەي …….ئونتارىئو كۆلى سېنىڭ ھۇي پەيلىڭ، ئېغىر بېسىق تەمكىنلىگىڭ،دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئادالەت سۆيەر جەڭگىۋارلارغا قۇچاق ئاچقان،داستىخىنىنى ئايىماي يايغان، بېشىنى سىلاپ ئۇنىڭغا كۈچ جاسارەت بەرگەن مەرت سېخى، كۆڭلى كۆكسى كەڭ كانادا دەۋلىتىنى تارتقان.
ئۇنداقتا مېنىڭ خۇي پەيلىمچۇ؟ خۇي پەيلىم شۇنداق يارالغان مېنىڭ، دەريا دېڭىز بىلەن دەرتلىشىدىغان،مۇڭدىشىدىغان. سۆھبەت باشقا مۇڭ باشقا، ئادەم باشقا ئادىمىيلىك باشقا، دۇنيادا ئادەملەر كۆپەيدى ئەمما، ئادىمىيلىك خۇنۈكلەشمەكتە.بىلەمسەن ئونتارىئو كۆلى سەن ھاياتىمدىكى مەن مۇڭداشقان بىردىن بىر مۇڭچۇم ئەمەس، مەن قاش دەرياسى ،ئىلى دەرياسى، سايرام كۆلى، مارمارا دېڭىزلىرى بىلەنمۇ كۆپ ھەمدە كۆپ قېتىم ھەمسۆھبەتتە بولغانمەن. ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ جەسۇرانە قارارلارنى بۇ سۆھبەتلەر ۋە پىچىرلىشىشلاردىن كېيىن ئالغانمەن.
ئەي ………….ئونتارىئو كۆلى سەھەر ۋاختى سېنىڭ چەكسىز كەتكەن ئېقىنلىرىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ، دۇنيادىن بىدار تەپەككۈر قىلىش نىمە دىگەن ھوزۇر ھە.سەھەردە سېنىڭ ھۆسنى جامالىڭغا تويماي قاراش، ساڭا قاراپ قېنىپ نەپەس ئېلىش مەن ئۈچۈن يېتەر.بۇنداق چاغلاردا سېنىڭ ئېقىنلىرىڭ ئېلىپ كېتىدۇ مېنىڭ روھلىرىمنى ئۇزاق ۋەتەنلەرگە قەدەر.
ئەي……..ئونتارىئو كۆلى، سېنىڭ دولقۇنلىرىڭ، مەيىن شامالدا ئەللەيلىنىشىڭ، مېنىڭ ئانا ۋەتىنىمدىكى تەكلىماكان چۆلىدىكى قۇم بارىخانلىرىنىڭ مەيىن شامالدا ئەللەيلىنىپ ئۇچۇشلىرىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. مەن سۇ، ئۇ بىر قارا چۆل قۇملۇق، ئىككىسى پۈتۈنلەي زىت ئىككى ئۇقۇم تۇرسا قانداقمۇ ئوخشاي سېنىڭ تەكلىماكانىڭغا دەپ مەسخىرە قىلما مېنى، تەكلىماكان ئەسلىدە تەكتى ماكان،ئۇمۇ قانچە مىڭ يىللار ئىلگىرى سېنىڭدەك كۆز يەتكۈسىز بىپايان دېڭىز ئىدى. ئۇمۇ سەندەك ۋەتەن سىمبولى، ئەركىنلىك ئەركىسى ھاياتلىق مەنبەسى ئىدى. مىڭ ئەپسۇس بۈگۈن قۇرۇپ بىر تامچە سۇغا زار دەشتى چۆل بولۇپ سوزۇلۇپ يېتىپتۇ. كەلىپ چىقىش يىلتىزىڭ بىر بولغان تەكلىماكان چۆللىگىدىن ساڭا سالاملار ئېلىپ كەلدىم.
ئەي…………ئونتارىئو كۆلى ھەر دولقۇنلىغاندا،دەھشەتلىك زور بىر دېڭىز سۈيىنىڭ قۇرۇپ، تەكلىماكان چۆللىگىگە ئايلىنىپ قالغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ تىراگىدىيەدىن ساۋاق ئال.ئەركىنلىگىڭنىڭ قەدرىگە يەت.
ئونتارىئو كۆلى، سەن پەقەت سۇ بولۇپلا كۆرۈنىسەن مەندەك ساڭا باققانلارغا ، ئەمما تەبى’ئىتىڭ پەقەت سۇلا ئەمەس نۇرغۇنلىغان سىر ۋە ھىكمەتلەرنى قۇچاغلاپ ياتقان بىر مۆجىزىسەن. ئەسلىدە سەن كۆل ئەمەس دېڭىزسەن ئەمما سۈيۈڭنىڭ تاتلىق بولغانلىغى ئۈچۈنلا ئىنسانلار سېنى كۆل دەپ ئاتاشقا مەجبۇر بولماقتا.بۇ يەنە بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ-ھە؟
ئەي دوستۇم ئونتارىئو كۆلى، مەن پەقىر غېرىپنىڭ ساڭا قاراپ تۇرىدىغان دېڭىزساھىلىدا ئۆيۈم يوق ئەمما، سۆزۈم بار سۆزۈم بار ساڭا دەيدىغان، كۆڭۈل سىرلىرىم بار ساڭا دەيدىغان.سېنىڭ تەپتىڭگە قاراپ ئۆز-ئۆزەمنى تىڭشاش ۋە ئۆز-ئۆزەمنى قايتا كەشىپ قىلىش ئۈچۈن گىرۋەكلىرىڭدە ئولتۇرۇپتىمەن.
ئونتارىئو كۆلى بىلەمسەن سەن بىلەن مېنىڭ ئوخششلىقلىرىمىز بار ئەسلىدە، سەنمۇ ھاۋارەڭ مەنمۇ ھاۋارەڭ. سېنىڭ گۈزەللىگىڭ ھاۋارەڭ بولغانلىغىڭدا. ھاۋارەڭ بايرىغىمنى قىرغاقلىرىڭغا سانجىپ، ئەركە دولقۇنلىرىڭنىڭ ئويناقشىپ كېلىپ ئانا قىرغاقنىڭ كۇچاقلىرىغا ئۆزىنى ئېتىشىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەنمۇ سېنىڭ ئەشۇ ئەركە دولقۇنۇڭ بولۇپ قالسامچۇ كاشكى………
ساڭا ئۆزەمنى ئاتمىدىم چۈنكى سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيمەن ئەمما، روھىمنى ئاتتىم سېنىڭ دولقۇنلىرىڭدا تاۋلانسۇن دەپ، ساڭا روھىمنى ئاتتىم مەڭگۈلۈك بولسۇن دەپ،چۈنكى مەن ئۆلسەممۇ ئارزۇ ئارمانلىرىم سېنىڭ بىلەن مەڭگۈ ئاقسۇن دەپ. يەتكۈز خەلقىمگە سېنىڭ ساھىللىرىڭدا ئولتۇرۇپ ئاھ ۋەتەن، ئاھ ۋەتەن دەپ ئاھ ئۇرغانلىرىمنى. يەتكۈز خەلقىمگە قەلبىمنىڭ ئەڭ نازۇك،ئەڭ نازۇك قاتلاملىرىنى.
ئونتارىئو كۆلى، مەن ھامان تۇپراققا ئايلىنىمەن بىر كۈنى، ئەمما روھىم مەڭگۈ سەن بىلەن قالغۇسى، ئانا ۋەتەن كەتتى دەپ رەنجىپتۇ مەندىن. روھلىرىمنى مەيىن شاماللىرىڭ، ۋە دولقۇنلىرىڭ بىلەن ئۇچۇرۇپ، ۋەتەڭە يەتكۈزگىن كۆڭۈل سىرلىرىمنى، ۋەتەندىن كەتكەنلىگىمنىڭ كەچكەنلىگىم ئەمەسلىگىنى، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزەمنى چارە دەپ ئاتىغانلىغىمنى، يۈرۈگۈمدە ھەر زامان ۋەتەن ئاتلىق بىر سۆيگۈنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىگىمنى………..
ئەي ئونتارىئو كۆلى بەزەن ساڭا قاراپ قوساق كۆپۈكلىرىمنى شۇنچىلىك كۆپ سۆزلەيمەنكى، سەن تىپتىنىچ جاۋاپسىز ئاڭلايسەن. بەزەن سەن دولقۇنلار ئۇرۇپ تېپچەكلەيسەنكى، مەن سۈكۈتكە چۆمىمەن خۇددى ھايات دەرسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىدەك. سېنىڭ بىلەن ھەر ھالىڭدە يالغۇز قالماق، مېنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە بەخىتلىك چاغلىرىم ئىدى.سېنىڭ بىلەن مەن خۇددى يېرىلىڭ تاشىم ئەپسانىسى بولدۇق. ئەي دوستۇم ئونتارىئو كۆلى، بەزەن ئەركەكلەرنىڭ شۇنچىلىك قورقۇنچاقلىغىنى كۆرۈپ مەن خىجىل بولۇپ كېتىمەنكى ھاي………….ھاي…….كۆزلىرىمنى يۇمۇپ، لەۋلىرىمنى چىشلەپ،مۇشتۇملىرىمنى تۈگىمەن. ئېيتقىنا ئونتارىئو كۆلى ئاللا ئەنە شۇلارنى ئەركەك قىلىپ ياراتقىچە، مېنى ئەركەك قىلىپ ياراتسا بولمامدۇ؟ ساھىللىرىڭدا ئولتۇرۇپ ئاللاغا شىكايەت قىلغان ئۆمەر ھەييام بولدۇم.
مۇھىتىغا قاراپ ئادەملەرنىڭ خۇي پەيلى مىجەزى ئوخشىمىغىنىدەك، سۇلارنىڭمۇ تاۋى مىجەز خۇلقى باشقىچە، يەر ۋە جايىغا قاراپ. ئەي ئونتارىئو كۆلى قاش دەرياسى دىگەن شاش بىر دەريا بار بىلەمسەن. ئۇ ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقۇرقى ئېقىمى. مەن سەن بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن ئەنە شۇ ئانا دەريانىڭ بويىدا تۇغۇلۇپ سۇلىرىدا چۆمۈلۈپ چوڭ بولغان، بۇ ئانا دەريا بىلەن كۆپ سىرداشقان، خوشاللىغىم غەم قايغۇم ۋە ئەڭ نازۇك ھىسلىرىمغىچە ئەنە شۇ دەرياغا تۆككەنمەن. مەندىكى ئىسيانكارلىق، مەندىكى يۈرەكلىرىمگە پاتماي تاشقىنلاپ تۇرغان دۇنيالار قەدەر غايەت زور بىر چۇقان ئەنە ئەشۇ شاش دەريادىن كەلگەن.
سەھەر مەزگىلى، قاش دەرياسىنىڭ شاقىرىغان ئاۋازى ئىنسانغا شۇنچىلىك كۈچ ۋە جاسارەت بېرىدۇكى، قاش دەرياسى بويىدىكى يوغان قورام تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئانا دەريانىڭ شاقىرىغان ئاۋازىدىن ھوزۇر ئالغان، خۇددى ئۆزەمنى ھۇررا دەپ ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئىسيانكار بىر قوشۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلغان ياشلىغىمنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار چاغلىرىنى سېغىنىمەن ئەسلەيمەن. بىر دەريا ئەمما يۇقۇرى ئېقىمى قاش دەريا يەنى شاش دەرياكى روھلىرىڭنى تىترەتكۈچى ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر شاقىرىغان ئاۋازى بار، ئەمما ئۇ تۆۋەنلەپ ئىلى دەرياسىغا ئۆزگۈرۈشى بىلەنلا، سەندەك سۈكۈنات ئىچىدە ئاقىدۇ. بۇ مۆجىزە بولماي نىمە؟ دىمەككى سۈكۈناتقا چۆمگەن ئانا دەريا بىر قەھرىمانلارغا، كۈرەشلەرگە ھامىلدار.
ئەي ئونتارىئو كۆلى،مەن قاش دەرياسى بىلەنمۇ كۆپ سىرداشقان ۋە مۇڭداشقان. قاش دەرياسى خۇددى يىراقلاردىن ھۇررا دەپ قوشۇن تارتىپ كېلىۋاتقان غايەت زور ئىنقىلاپچى قوشۇنغا ئوخشايدۇ. سەن بولساڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغۇقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەجىربىلىك دىپلوماتلارغا ئوخشايسەن.
ئەي ئونتارىئو كۆلى، كەچ كۈز مەزگىلى.كانادانىڭ مەشھۇر چىنارلىرى ئەڭ ئاخىرقى قىزارغان يوپۇرماقلىرى بىلەن خوشلىشىۋاتقان بىر سەھەر يەنە بويلىرىڭغا كەلدىم. ئاسماندىكى قارا بۇلۇتلار شۇلا تاشلىغان بولسا كېرەك سۇلىرىڭ خۇنۇك خالەتتە تىنىمسىز چايقىلىپ تۇراتتى. گىرۋەكلىرىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن ئېقىندىلارنى توختىماي چايقايتتى. قالىغاچلار پەس ئۇچۇشۇپ، بېلىق ئالغۇچلار توختىماي چۇقۇراشماقتا ئىدى.
ئەي ئايال…………كەت ئادەملەرنىڭ يېنىغا كەت………….دىدىڭ دولقۇنلىرىڭنى ئانا قىرغاقلىرىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ تۇرۇپ.
ياق……مەن ئادەملەردىن بىزار بولدۇم…..بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا سۇلىرىڭ بىلەن پىچىرلىشىپ ياشايمەن دىدىم مەن ساڭا جاۋابەن.
سەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ مەغرۇر ھالەتتە، ئارقىدىنلا ئۇنداقتا سەن بىرنەرسىلەرنى بىلىشكە باشلاپسەن دىدىڭ چايقىلىپ تۇرۇپ.
سەن دىدىڭ يەنە، ئەي ئايال كەت كۆزلىرىمدە قارا بۇلۇتلار، يامغۇر كېلىۋاتىدۇ. مەن دىدىم جاۋابەن، ئەي دوستۇم ئونتارىئو كۆلى مەن سەندەك كۆتۈرۈشلۈك ئەمەس يامغۇر سۇلىرىنى ئۈن تۈنسىز قوينىغا ئېلىپ يا تاشماي يا زارلىماي ياشايدىغان.مەن بۈگۈن قىرغاقلىرىڭغا خائىن يامغۇر بىلەن ئۇرۇشماقچى بولۇپ كەلدىم. دۇنياغا يامغۇرنى بۇندىن كېيىن ھاياتلىق مەنبەسى باھار ئەلچىسى دەپ تەرپلىمەسلىكنى ئۇنى خائىن يامغۇر دەپ چاقىرىشلىرى كېرەكلىگى ھەققىدە جار سالماق ئۈچۈن كەلدىم. يامغۇر شاقىراپ يېغىشقا باشلىدى. مەن كۈنلۈكسىز، چاچلىرىم يامغۇر سۈيى بىلەن يۇيۇلماقتا.كەچكۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى يامغۇر سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ روماللىرىمنى ھەتتا مېنىمۇ ئۇچۇرۇپ كېتىشكە تىرىشماقتا.مەن يامغۇرغا قاراپ ۋاقىردىم. ئەي خائىن يامغۇر…………….يامغۇر ئىتتىپاقدىشى شامال بىلەن بىرلىكتە مېنىڭ ئاۋازىمنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتتى. مەندىكى ئىسيانكارلىق روھى ئالدىدا نە يامغۇر سۈيى، نە كەچ كۈز شامىلى نە قارا جۇدۇن كار قىلماس ئىدى.مەن يەنە چۇقان سېلىشقا باشلىدىمى.ھەي يامغۇر……سەن خائىن، سەن ئىككى يۈزلىمىچى بولماي نىمە؟ سەن باينىڭ ئۈستىگىمۇ ياغىسەن گاداينىڭ ئۈستىگىمۇ……………بۇمۇ سەندىكى ھەق ئادالەت. ئەي يالغانچى يامغۇر …………باھار ئەلچىسىمەن دىگىنىڭ يالغان، ئاسايىشلىق كۈيچىسىمەن دىگىنىڭ يالغان، ئەكەلگىنىڭ ھەقىقى باھار ئەمەس پەقەرتلا بىر رەڭ، خائىن يامغۇر سەھەردىكى تامچاڭمۇ يالغان. مەن يەنە توختىماي چۇقان سالماقتا ئىدىم.
ياغىسەن باينىڭ ئايۋان سارىيىغىمۇ، غېرىپ مىسكىننىڭ كۇلاھۇ جەندىسىگىمۇ،خائىن يامغۇر قېنى سەندىكى ۋىجدان؟ بولدى بەس چاغلىق سېنىڭ ئادالىتىڭمۇ؟ چاققىغان زىمىن كەۋسىرىمەن دىگىنىڭ قېنى؟ ئاجىز غېرىپ تۈۋرىگىمەن دىگىنىڭ قېنى؟مەندىن كېيىن گۈلباھار ئاتلىق بىر جانان تۇغۇلىدۇ دىگىنىڭ قېنى؟ ئەي خائىن يامغۇر كۆردۈم مەن 48 باھارىڭنى، ھەممىسى ساختا باھار،قېنى مېنىڭ ھەقىقى باھارىم.
مەن يامغۇر بىلەن ئۇرۇشماقتا ئىدىم. يامغۇر بۇنىڭغا جاۋابەن چىلەكلەپ-چىلەكلەپ ئۈستى بېشىمغا قۇيۇلماقتا. يامغۇر خىتاپلىرىمنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك چاقماق ۋە گۈلدۈرمامىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈستۈمگە قۇيۇلماقتا خۇددى مەن ئۈچۈنلا يېغىۋاتقاندەك.
مەن يۆل ئاياقلىرىم بىلەن ئونتارىئو كۆلىنىڭ گىرۋەكلىرىنى دەسسەپ تۇرۇپ يامغۇرغا يەنە خىتاپ قىلدىم. ئەي يامغۇر …………مەن نى..نى زۇلۇملارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر جەڭگىۋار مىللەتنىڭ پەرزەنتىمەن ……نە يامغۇرۇڭ بىلەن نە چاقماق نە گۈلدۈرمامىلىرىڭ بىلەن مېنى قورقۇتالماسسەن. ياكى ئاغزىمنى يۇمدۇرالمايسەن.
كۆزلىرىمنى يۇمۇپ تۇرۇپ،يۈزلىرىمنى ئاسمانغا توغرىسى يامغۇر سۈيىگە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا، مەندىن ناھايىتىمۇ ئۇزاقتا قالغان ۋەتىنىمگە بىر رەھمەت قەرزى قەلبىمدىن كەچتى. پىچىرلىدىم ۋەتەڭە. ئەي ۋەتەن شۇنچە زۇلۇملارنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئىسيانكار ئەۋلاتلارنى تەربىيەلىگىنىڭ ئۈچۈن ساڭا كۆپ رەخمەت.
يامغۇر توختىدى. بۇلۇت پەردىلىرىنى قايرىغان قۇياش، خۇددى سەھنىگە كۈلۈپ چىققان داڭلىق ناخشىچىدەك كۆك قەھرىدە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى. خۇددى سەھنە چىراقلىرىدەك كۆككە گۈزەللىك بەرگۈچى ھەسەن ھۈسەنمۇ پارلىدى.سەن ئونتارىئو كۆلى خۇددى يۈرەككە تەككەن بىر ناخشىنى ئاڭلىغان تاماشىبىندەك، ئۈستۈڭدە قۇياش نۇرىنىڭ شۆلىلىرىنى جىمىرلىتىپ، قايتا جىلۋە قىلدىڭ. تەپتىڭدىن ساپ بىر ھاۋا كەلىپ يامغۇر سۈيىدە يۇيۇلغان يۈزلىرىمگە ئۇرۇلدى.مەن ساڭا تويماي باقتىم. خائىن يامغۇر بىلەن ئۇرۇشۇپ،ئىچ پىغانىمنى بوشۇتۇۋالغىنىم ئۈچۈن بولسا كېرەك، سېنىڭدىن ئۇرۇلغان ساپ دېڭىز ھاۋاسىدىن ھوزۇر ئالدىم. ساڭا يەنە بىر قېتىم سەپ سېلىپ قارىدىم. جىمىرلىغان نۇرلىرىڭ بىلەن خۇددى ئانامنىڭ ھېيىت بايرام كۈنلىرى كىيىدىغان زەر باسقان تاۋار كۆينىگىگە ئوخشاپ قالغان ئىدىڭ.
كۈن سەھنىدىن چۈشۈپ، ئاي چىقتى ئۈستۈڭگە، قارا داغ باسقان سۆرۈن تەلەت يۈزى بىلەن، قاراڭغۇلۇق ئاتلىق نەۋكىرىنى باشلاپ. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئايغا سوغۇق باقتىم. ئۇ خۇددى يۇندا چېچىۋېتىلگەن جىنايەتچىنىڭ باش سۈرىتىدەك كۆك قەھرىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. قارانغۇلۇقتا سەلكىن سۈيۈڭ گىرۋەكلىرىڭگە ئۇرۇلغاندا، ئاستا ئەمما يېقىملىق چىققان شالاق-شالاق ئاۋازىڭ خۇددى تۈن نىسبىدە ھارۋىكەش ناخشىسىنى ئېيتىپ خاڭدىن قايتقان دادامنىڭ ھارۋىسىدىن چىققان، مەن ئۇزاقلاردىن تونۇۋالىدىغان ئۇ ئاۋازغا بەك ئوخشايتتى.سەن ۋە مەن ئادەملەر بەرپا قىلغان شاۋقۇن سۈرەنلىك، يالت يۇلت چىراقلىق قىستا قىستاق مەركىزى كوچىلاردىن ئۇزاقتا پىچىرلاشماقتا ئىدۇق. گەرچە قاراڭغۇلۇقنى سۆيمىسەممۇ ئەمما قاراڭغۇلۇقنىڭ سىر تۆكۈشكە ئەڭ باپ تىنىچ بىر كېچە قوينى ئىكەنلىگىدىن شۈبھەم يوق….مەن ئادەملەردىن ئېلىپ قاچقان بارلىق سىرلىرىمنى دەرتلىرىمنى ساڭا تۆكتۈم. تۆكتۈمدە بوشۇدۇم. راھەتلىدىم. ئەي ئونتارىئو كۆلى ھېلىمۇ سەن بار ئىكەنسەن…………
ئەي ئونتارىئو كۆلى، سېنىڭ قۇياش، بۇلۇت،شامال، يامغۇر، ئايلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭ نىمە دىگەن ياخشى ھە………..سەن بىلەن يەنە پىچىرلاشتىم كېچە قاراڭغۇلىغىدا جىمجىتقىنە. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر سۈكۈنات……………………
ئاندىن سەن جاۋاپ بەردىڭ، ھەي ئادەم ………….بىز دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مانا مۇشۇنداق ھەمكارلىشىپ دۇنيانى ئىدارە قىلىۋاتىمىز.
كاشكى ئادەملەرمۇ سېنىڭدەك بولالىساق ئىدۇق -ھە؟ مەن يەنە ساڭا قاراپ خىتاپ قىلدىم.ئەي ئونتارىئو كۆلى ئادەملەر ئارىسىغا قايتقىم يوق…………ئادەملەر خائىن،ئادەملەر ساتقىن، ئادەملەر سۆھبەتكە يارىماس……….. كېچە جىمجىتلىغىدا روھلىرىمغا بىر سادا كەلگەندەك بولدى. ئەي ئادەم، سەن بىرنەرسىلەر بىلىشكە باشلاپسەن.
ھەي ئونتارىئو كۆلى، كاشكى بېلىق ئالغۇچلىرىڭدەك ھۆر بولغان بولسام، كاشكى تاڭ سۈبھىدە سۈزۈك سۇلىرىڭدا ئويناقشىپ يۈرگەن بىلىجانلىرىڭ بولغان بولسام، كاشكى دۇنيا سىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرۇپ سۈكۈتكە چۆمگەن سۇلىرىڭ بولسام.
ئەي ئونتارىئو كۆلى، مەن سۈبھى، تاڭ-سەھەر قەلەندىرى دىۋانىسىنىڭ، ساھىللىرىڭدا تۈنۈگۈم بار، تاڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە قانداق ئاتىدىغانلىغىنى كۆرگۈم بار.
ئەقىل ئېدراكلىرىمغا ھوزۇر ھالاۋەت بېغىشلىغۇچى قىممەتلىك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە بويلىرىڭدا. مەن كۆزلىرىمنى ئاستا يۇمدۇم. خىياللىرىم قاناتلاندى.بۇلۇتلىرىڭ ئاستا يەرگە قوندى. مەن بۇلۇتلارغا مىندىم. بەلىق ئالغۇچلىرىڭ چۇقۇرشۇپ، ماڭا كۈچ جاسارەت ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ماڭا ئەگەشتى.تاغلار يېرىلىپ ماڭا يول بەردى. شاماللار بۇلۇتلارنى ۋە بۇلۇت ئۈستىدىكى مېنى ئۇچۇرۇپ ئاۋال كۆك قەھرىگە ئېلىپ چىقتى ئاندىن ئۇدۇل ۋەتەڭە تامان يول ئالدى.تۈگۈمەس توساقلار، چېغرالار پەستە قالدى.يىرتىلغان پاسپورتلار، ۋىزىلار ۋە تۈگۈمەس رەسمىيەتلەر شۇنىڭدەك ئادەملەرنىڭ ۋاقىراش جاقىراشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئارقامغا تاشلاپ، توپتوغرا كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ ئۇچماقتىمەن. ئونتارىئو ئاتلىق بۇ بۇلۇت مېنى ۋەتەن تۇپراقلىرىغا قوندۇرغاندا تاڭ ئاتقان ئىدى. مەن ۋەتەڭە تاڭنى سۈبھىنى باشلاپ باردىم.
ئاياقلىرىمغا ئۇرۇلغان مۇزدەك سۇلىرىڭدىن ئەندىكىپ خىياللار ئالىمىدىن بۇ ئالەمگە قايتتىم.
خەير خوش، بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە كۆرۈشكىچە ئامان بول ئونتارىئو كۆلى.

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …