شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى (3)

بۇ نۇقتىدا «بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان ئىشىمىز نېمە؟» دېگەننى ئەتراپلىق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىمىزنى ھەممە جەھەتتىن توغرا ئۆلچەپ، توغرا تارازىغا سېلىپ چىقىشىمىز لازىم.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى (3)

 مىركامىلجان قەشقەرى

ئەمدى تەشكىلاتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، پائال ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ كونكرېت چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز

خىزمەت، نىشان ۋە ۋەزىيەت ئانالىزى

بۇ نۇقتىدا «بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان ئىشىمىز نېمە؟» دېگەننى ئەتراپلىق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىمىزنى ھەممە جەھەتتىن توغرا ئۆلچەپ، توغرا تارازىغا سېلىپ چىقىشىمىز لازىم. مەيلى كېچىك مەيلى چوڭ بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى، يەنى قەيەردە باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەرت – شارائىتلىرى ھەممىلا جەھەتتىن ئۆزىمىز تولۇق بىلىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى ئەمەلىي ئۈنۈم بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەمدى ئىشنى ۋەزىيەتكە ماس شەكىلدە توغرا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن – چۇ؟ دېگەندە، بىزنىڭ خىزمەت ئوبېكتىمىز بولغان يېزا ياكى شەھەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، جەمئىيەت پىسىخولوگىيەسى ۋە خەلق ئىچىدىكى كۈنتەرتىپلەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا  ئىگىلەپ تۇرالىغان بولۇشتىن باشقا يەنە، شۇ رايوندا قانچىلىك كىشى بار؟ كىملەرنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ۋە قەيەردە؟ ئۇلارنىڭ قەلبىنى قانداق ئۆزىمىزگە تارتقىلى بولىدۇ؟ مانا بۇلار  ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولالىغان  بولۇشى لازىم. ئەگەر بىز ئۆزىمىز خىزمەت قىلماقچى بولغان رايوندا، قەيەردە قايسى خوجايىن بار؟ قەيەردە كىم ئەڭ كۈچلۈك؟ كىمنىڭ قولىدا كۈچ – قۇۋۋەت بار؟ قايسى مەسچىتنىڭ ئىمامى ياكى خەتىپىنىڭ تەسىرى ياخشى؟ دېگەنلەرنى بىلمىسەك ئۇ رايوندا ھەرگىزمۇ نەتىجىلىك خىزمەت قىلالامايمىز. بۇنى بىلمەي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ كونكرېت بىر پىلان تۈزۈپ چىققىلى بولمايدۇ. خىزمەت، نىشان ۋە ۋەزىيەت توغرا ئانالىز  قىلىنمىغان بۇنداق ئەھۋالدا، قارىسىڭىز تەشكىلات توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان، قول ئىلكىدىكى ۋاستىلەرنىمۇ ئىشلىتىۋاتقان، ھەتتا ھەرىكەتنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى، يەنى، كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، پىكىرداش كىشىلەرنى پەيدا قىلىپ ئەزا كۆپەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئاقساتماي قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئەمما مۇناسىۋەتلىك رايوندا بۇ ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۇ ياقتا  ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتقان بولىدۇ.

ئۈنۈملۈك پىلان تۈزۈش

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئۆزىمىزنى ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىمىزنى توغرا دەڭسەپ بولغاندىن كېيىن، 1 – قەيەرگە بارماقچى؟ 2 – نېمە بىلەن بارماقچى؟ 3 – قانداق ۋاسىتىلەر بولۇشى لازىم؟ 4 – بۇ ۋاسىتىلەرنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ قاتارلىق بۇ 4 سوئال، نەتىجىلىك پىلان تۈزۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى كېچىك، مەيلى چوڭ، ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ قەتئىي پىلان تۈزگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن كوچىلارغا ۋاراق تارقىتىشتىن تارتىپ بىرەر مەكتەپ، ياكى تەربىيە مەركىزى قۇرۇلغىچە، بىرەر يىغىن چاقىرىشتىن تارتىپ دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ سايلاملارنى ئۆتكۈزۈشكىچە بولغان چوڭ-كىچىك ھەممىلا ئىش، ئالدى بىلەن مۇشۇ 4 سوئالغا جاۋاب تاپماي تۇرۇپ قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

نىشانغا قانداق يېتىپ بارىمىز؟ يېتىپ بېرىش ئۈچۈن قانداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجىمىز بار؟ ئىمكان ۋە ئىنسان كۈچى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، روھى، ئەخلاقىي ۋاسىتىلەرنى قانداق، قەيەردىن ھەل قىلىمىز؟ مانا بۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا پىلان تۈزۈش، «پائال ئۈنۈملۈك تەشكىلىي ھەرىكەت”نىڭ نۇقتىلىق تۈپ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيادىكى ئاتاقلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ كېلەركى 5 يىللىق بازارنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە تىرىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك زور مەبلەغ، زېھىن سەرپ قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ شىركەتلەر ئالدىمىزدىكى 5 يىلدا نېمىلەرنىڭ بازار تاپىدىغانلىقىنى، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىزىقىشنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قايسى يېڭىلىقلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، شۇنىڭغا قارىتا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن مال تەييارلاشقا، ھەتتا خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياج، قىزىقىشلىرىنى ئۆزلىرى خالىغان نىشانغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ يالغۇز شىركەتلەردە ئەمەس، بەلكى دۆلەتتىن تارتىپ چوڭ-كىچىك تەشكىلاتلارغىچە ھەممىسى قوللانمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇر.

دېمەك، بىر دۆلەت، بىر ئىدېئولوگىيەنىڭ بايراقدارى بولماقچى بولغان تەشكىلاتتا مانا شۇنداق ئالدىن كۆرەرلىككە، خەلقنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشلىرىغا يېتەكچى بولۇپ ۋە ئۇنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان يۆلىنىشكە يۈزلەندۈرۈشكە موھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى باشلامچى بولماقچى بولغان جەمئىيەتنى تەكشۈرۈپ، توغرا ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ھەرقايسى قاتلاملارغا قارىتا يېڭى پىكىر، ئۇقۇم ۋە تاكتىكىلارنى ئالدىنئالا بېكىتىپ چىقىش تولىمۇ مۇھىم.

ئەگەر بۇ ئاساسىي شەرتلەرنى قىلدۇرماستىن، 5 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە «بىزنى قوللايدىغانلاردىن مۇنچىسى كۆپەيدى، مۇنچىسى ئازايدى» دەپ دوكلات يېزىپ يۈرسەك، بىر ئىزدا توختاپ قالغان بولىمىز. ئەكسىچە، 5 يىل بۇرۇنقى بۈگۈننىلا «بۇ ۋە شۇ جايلاردا شۆبىمىز 10غا يېتىدۇ. بۇ شەھەر، ياكى دۆلەتتىكى قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ سانىنى 100گە يەتكۈزىمىز. پالانى رايوندا تەسىرى كۈچلۈك بولغان پالانى زات، ئىمام ياكى سودىگەر، ئەمەلدار يېقىنلىرىمىزغا ئايلانغان بولىدۇ» دەپ ئېنىق نىشان ۋە ئەمەلىي ماس پىلان لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويالىساق، ئىنشائاللاھ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق نىشانلىرىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ئورۇندىيالايمىز.

مانا بۇلار ھازىرقى دەۋرنىڭ دەبدەبىلىك ئاتالغۇلىرى بويىچە پىلانلاش، لايىھە تۈزۈش سەنئىتى دەپ ئاتىلىدۇ. پىلان ۋە لايىھە تۈزۈشكە نىسبەتەن باشقا نۇرغۇن ئۆزگىچە ئۇسۇل قائىدە، مېتود، پىرىنسىپلارمۇ بار. بىراق ئاساسىي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يۇقىرىقى 4 ئاددىي سوئال پىلان تۈزۈشنىڭ تۈپ نېگىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا ھەر دائىم نىشاننى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋە «ھازىر قايسى باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز؟» دېگەنگە قاتتىق دىققەت قىلىشقا ھەمدە ئىلگىرىلەشنىڭ قەدەممۇ-قەدەم، تەدرىجىي بولىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ بىر ئاتلاپلا مەنزىلگە يېتىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، قىسقىسى چوقۇم بىرىنچى قەدەمنى تاشلاپ بولۇپ ئاندىن ئىككىنچى قەدەمنى تاشلىشىمىز لازىم. شۇڭا ئۇزۇن مۇساپىلىك پىلانلارنى تۈزۈش بىلەن بىرگە قىسقا مۇساپىلىك پىلانلارنىمۇ تۈزۈپ، كېچىك-كېچىك قەدەملەر ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېلەر بىر ئايدا ياكى بىر يىلدا بەلگىلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

نەتىجىگە قاراش

بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۆزىمىزنى داۋاملىق «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئالنى سوراشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. گەرچە بۇ ناھايىتى ئاددىي سوئالدەك قىلسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە جاۋابى ئىنتايىن قېيىن بولغان بىر سوئال. «بۇئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز؟ بۇنىڭ بىلەن نېمىگە ئېرىشىۋاتىمىز؟» دەپ سورالغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان جاۋاب كۆپىنچە تولىمۇ ئاچچىق، تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھەر قانداق ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىشنى خالىغانلىقىمىزنى، ئەگەر قىلىۋاتقان بولساق، نېمە ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزنى ياكى قىلىپ بولغان بولساق، نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىمىزنى سوراشنى ئادەتلەندۈرۈش لازىم. شۇنىڭدەك قىلماقچى بولغان بارلىق ئىشلارنى مۇشۇ سوئالنىڭ تارازىسىدا تارتىپ قارايدىغانلا بولغاندا ئىشنىڭ ئەسلىدىكى غايىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ياكى ئىلگىرىلىمەيۋاتقانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆزلىگەن مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلەش كۆرۈلمەيۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا يا قىلىۋاتقان ئىشنى ياخشىلاشقا ياكى تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى پايدىسى بولمىغان ئىشنى قىلىش خۇددى زاۋۇتتا سېتىلمايدىغان رەختنى توقۇغانغا ئوخشاش بىر ئىش. «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئال سورالغاندا يا ئىشنى بەلگىلىك نىشانغا پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈشكە ياكى قىلماي ۋاز كېچىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

شۇنىمۇ قايتا تەكىتلەش لازىمكى، بەلگىلەنگەن خىزمەتلەردە تەشكىلاتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى دەۋانىڭ ۋە ۋەتەن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولۇشىمىزغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز لازىم. «بۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن؟» دەپ سورىغىنىمىزدا «دەۋانىڭ ۋە ۋەتەن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن» دەپ ۋىجدانىمىزنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك جاۋابقا ئېرىشەلىگەن بولۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، ئۆزىمىزگە چوقۇم قىلمىساق بولمايدىغان بۇرچ قىلىپ بەلگىلىۋالغان ھەممىلا خىزمەتنىڭ ئۆز پېتى داۋاملىشىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى ئىشنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بىز بۇرۇنلا ئۈنۈمى ياخشى دەپ بەلگىلەپ بولغان بىر ئىش ئەگەر دەۋاغا پايدىسىز بولۇۋاتقان بولسا، ئۇنى تاشلىۋەتكۈدەك جاسارىتىمىزنىڭمۇ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۆزلەشتۈرگەن تەقدىردە نۇرغۇنلىغان پايدىسىز ئىشلارنى تاشلاپ يۈكلىرىمىزنى يېنىكلەتكەن ھالدا ئەسلى غايىمىز تەرەپكە تېخىمۇ تېز سۈرئەت بىلەن ماڭالايدىغان بولىمىز.

تەشكىلاتنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېنىك خىزمەتلەرنى تاللاش.

بۇ نۇقتىدا ئېغىر ئاستا ئىشلارنىڭ ئورنىغا ئاز ۋاسىتە كېتىدىغان يېنىك ئىشلار بىلەن تېخىمۇ تېز قەدەم تاشلاپ ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. ھەربىيەلەرمۇ قانچە يېنىك ئۆتكۈر قوراللار بىلەن قوراللانسا، شۇنچە چاققان شۇنچە تېز سۈرئەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. تارىختىن بۇيان يېنىك ۋە تېز سۈرئەتلىك پارتىزان قوشۇنلار ھەر دائىم ئۇتۇق قازىنىپ كەلگەن. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، تەشكىلاتلار قانچە كېڭەيگەنسىرى شۇنچە ئېغىرلىشىپ ۋە ئاستىلاپ كېتىشكە مۇپتىلا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا قىسقا مۇددەتلىك، ئاددىي ئەمما ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان يېنىك پائالىيەتلەرنى كۆپ قىلىش تەشكىلاتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىنى مەقسەت قىلغان بەزى چوڭ يىغىنلارنى چاقىرىشنىڭ ئورنىغا، رايوننىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىدىن تەركىب تاپقان 3 – 4 كىشىلىك سۆھبەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نۇقتىلىق شەخسلەرنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى شۇنداقلا غايە – نىشانلىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشنىڭ چوڭ يىغىنلاردىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. شۇڭا مانا ئەردوغانمۇ ھەر قېتىملىق نۇتۇقىدا پارتىيە ياشلىرىنى ئۆيمۇ -ئۆي زىيارەتكە بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.

ۋاسىتە، ئىمكانىيەتلەرنى توغرا ئىشلىتىش (ۋاقىت)

ئەمما بىلگەن ئۇقۇمغا كۆرە بۇنىڭغا بولغان ھوشيارلىق، سەگەكلىك يەنىلا يېتەرسىز. ئەگەر تەشكىلات رەھبىرى ۋە ئەزالىرىدا ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭى يېتىلىدىغانلا بولسا، ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان ئۈنۈملۈك تەشكىلاتقا ئايلىنىدۇ.

شۇمۇ بىر ھەقىقەتكى ۋاقىت ئىسراپ بولمايدىغان ئەھۋال قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، بىز پەقەت ئامالنىڭ يېتىشىچە ئىسراپ بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ غېمىنى قىلالىساقلا، بۇ ئۇتۇققا قاراپ تۇنجى قەدەمنى تاشلىغانلىقىمىز بولىدۇ. شۇڭا ۋاقىتنى ئەڭ ياخشى ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى يوللىرىنى ئىزدىنىشىمىز لازىم.

تەشكىلاتنىڭ قول ئىلكىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ۋاقىتتۇر. ۋاقىتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكى ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا ئايان بولغان ئۇقۇمدۇر.

ئادەم كۈچى

 ھەر قانداق پائال ئۈنۈملۈك تەشكىلاتقا نىسبەتەن ۋاقىتتىن قالسىلا ئەڭ چوڭ بايلىق ۋە ئەڭ قىممەتلىك مەبلەغ ئادەم كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر مەنىدىن ئىنسان بىلەن ۋاقىت بىر پۈتۈن، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاخىرقى تىنىقنى ئۈزگەندە ۋاقىتمۇ ئاخىرلاشقان بولىدۇ. دېمەك ھەرىكەتكە تەۋە ۋاقىت ۋە ھەرىكەتكە سۇنۇلغان پۇرسەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئىنسان كۈچى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

يامان يېرى تەشكىلاتنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىنسان كۈچى بىر- بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەزىدە بىزنى «بۇ ئىنسان دېگەن بىلەن بىرلىشىپ ئىش قىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دەيدىغان يەرگىمۇ ئەكېلىپ قويىدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ چەكسىز ئىلىم – ھېكمىتىنىڭ سىرى يەنە شۇ يەردىكى، ئاللاھ ئائىلە، جەمئىيەت، مىللەت ۋە دۆلەتلەر دائىرىسىدە ئوخشاش بولمىغان تەقەززا ۋە ئېھتىياجلارنى پەيدا قىلىپ، ئۇنى ئورتاقلىقنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىلمۇ-خىل ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ، بىرلەشتۈرۈپ تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەيلى ئىسلامىي مەيلى غەيرى ئىسلامىي دۇنيادىكى پۈتۈن چوڭ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەرمايىسى ۋە بىردىن بىر خىتاب ئوبېكتى ئىنساندىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلانغاندا بۇ تەشكىلاتقا باغلىنىشلىق  ۋە باغلىنىشسىز پۈتۈن ئەتراپتىكىلەرنى تەربىيەلەش، نەپسىنى تەزكىيە قىلىش يەنى ئېڭىنى تازىلاش ۋە ئويغىتىش، دەۋانىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن قايسى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىنسان مودېلىغا ئېھتىياج بولسا، شۇ خىل ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبادەتتۇر . دېمەك ئىنسان ياخشى بولغاندا ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سۈپەت – ساپاسى ئاشقاندا  ئاندىن ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا سۈپەتلىك خىزمەت ئېھتىياجىغا ماس ئىنسان پەيدا قىلىش ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپە قاتارىدا تۇرۇشى لازىم.

مانا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەگەر تەشكىلاتتىكى ۋە ئەتراپىدىكى ئىنسانلار ھازىرمۇ 5 يىلنىڭ ئالدىدىكى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولسا، تەشكىلاتنىڭ يېتەكلىگۈچىسىنى پائالىيەت سەۋىيەسىمۇ 5 يىلنىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلەنمىگەن بولسا، بۇنىڭ مەنىسى «تەشكىلات 5 يىلنىڭ ئالدىدا تۇرغان يېرىدە تۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. تەشكىلاتنىڭ نەپسىنى تەزكىرە قىلىش يەنى ئېڭىنى تازىلاش ۋە ئويغۇتۇشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى، يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۈلگىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەت مېتودىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. (بۇ ھەرگىزمۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يېڭى دىپلوم ئېلىشى بىلەن ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ئۈلگە بولۇش رولىنى قانچىلىك ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ)  بىز بۇنىڭدىن كىشىلىك تەربىيەنىڭ يەنى تەشكىلاتنىڭ ئىچكى تاشقى تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇنداقتا كىشى ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى قانداق يېتىشتۈرۈپ چىقىشى لازىم؟ بۇ ئىنتايىن ئەتراپلىق توختالمىسا بولمايدىغان ئايرىم ئۇزۇن بىر تېما. بۇيەردە پەقەت ئەزالارنىڭ تالانت – ئىقتىدارلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىغا ئەمەس، ئارتۇقچىلىقلىرىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن كۇپايە قىلىمىز. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. ئەگەر قېرىندىشىمىزنىڭ كەمچىلىكىگە ئېسىلىۋىلىشنىڭ ئورنىغا ئارتۇقچىلىقلىرىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ تالانت – ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە داۋاملىق ئۆگىنىشكە ئېھتىياجىمىز بار. ئۆگىنىش ئارقىلىق سەۋىيەيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، ئۆزىمىزدە يوق بولغان ئىقتىدارلارنىمۇ پەيدا قىلالايمىز.

شۇنى قەتئىي ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى،ئاللاھ سىنىماقچى بولغان ھەر قانداق كىشىنى سىناقتىن ئۆتەلىگۈدەك تالانت ئىقتىدار ئاتا قىلىپ ئاندىن سىناققا دۇچار قىلىدۇ. چۈنكى سىناقتىن ئۆتەلىگۈدەك كۈچ – قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ سىناش ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە خىلاپ. (لا يۈكەللىفۇللاھۇ نەفسەن ئىللا ۋۇسئەھا) «ئاللاھ ھېچ بىر كىشىگە كۈچى يەتمەيدىغان يۈكنى ئاتمايدۇ» مانا بۇ ئايەتنىڭ روھىغا بىنائەن ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قىلىشتەك ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن بولساق، بىزگە بۇ سىناقتىن ئۆتەلىگۈدەك كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاللا بۇرۇن ئاتا قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىمىز لازىم. بىزنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى دەل ئاشۇ كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى بايقاپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ئۇنى ھەرىكەتكە سېلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئەتراپلىق ئاڭلىتىش ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزدا قىلماقچى بولغان ئىشنى چوقۇم قىلالايدىغانلىقىغا دائىر تەۋرەنمەس ئىشەنچ پەيدا قىلىشىمىز، ئەگەر تىرىشىدىغانلا بولساق، ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرىدىغان بولساق، تەشكىلاتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ماڭدۇرالايدىغانلىقىمىزغا، كۆزلىگەن نىشانغا چوقۇم يېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.
ئاخىرىدا «بۇنداق گەپنى قىلىشقۇ ئاسان، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس» دېمەكچى بولغان تەشكىلاتچىلىرىمىزغا دەيدىغىنىم شۇ :
«توغرا، تەشكىلات ئىشىدا مۇشۇنچىلىك ئەستايىدىللىقنىمۇ تەس كۆرۈۋاتقانلار سەۋەبىدىن بىزدىكى توختاق تەشكىلاتلارنىڭ سانى ئاشماقتا. شۇنى ئۇنتۇمايلى! ئىسلام ۋە ۋەتەن – مىللەت داۋاسىنى چاۋاك – ئالقىش، گۈل – گۈلىستانلىق ئىچىدە ياكى ساپا – ئۈستەل ئۈستىدە ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلار مەڭگۈ ئولتۇرۇپ قىلىشقا مەھكۇمدۇر .«
ئاللاھ تەشكىلاتلىرىمىزنى پاسسىپ توختاق تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قىلىشتىن ساقلاپ، يالغۇز شەرقىي تۈركىستانغىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا چىراغ ۋە مەشئەل بولالايدىغان سالاھىيەت ئاتا قىلسۇن. ئامىن!!!!

http://uyhewer.biz/ug/news/601