ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى(RFA)

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى پىدائى خەۋىرى

2015-01-26

3

بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى يانۋار، بېلگىيە.

24-يانۋار شەنبە كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتكە بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت ۋەكىللىرى ۋە ئەزا ئاكتىپلىرى ئىشتىراك قىلدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى مۇھاجىرەتتىكى دەۋا يولىدا پىكىرلەشكەن.

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سادىقجان سەلەي ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بېلگىيە ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان «مەشرەپ پائالىيىتى»نىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقى؛ پائالىيەتنىڭ ياخشى بىر كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكى؛ تەشكىلاتلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن يېڭى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىش سەۋەبى ۋە مەقسەت-غايىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ يەنە ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىدە تەشكىلىي دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتى بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ماسلىشىشى ھەققىدە توختالدى.

ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى يەنە: ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قانداق قاراۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىش يولىنى نېمىگە باغلاشقا تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-weziyiti-01262015164550.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …