تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (4)

 

                                                                                                                                                                   پوۋىست

images

3 – بۆلۈم
سەھەر:
تىمخورتوندىن قوغلاندى بولۇش.
2 يىلدىن كېيىن
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ھۆكۈمدارلار مەجبۇرى تاڭغان ئىسمىم مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمان. مەن كىم؟ دىگەن سوئالغا ئەگىشىپ كىملىگىمنى ئىزلەپ تېپىش نىيىتىدە كاناداغا كەلگەن بىر كۆچمەن مەن. مېنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ماڭا بىر خىل تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىك پەلسەپىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن مېنىڭ كىملىگىم ھەقققىدە ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى ئاڭلاش، ئۆز-ئۆزەمنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى ياخشى بىلىۋېلىش ئۈچۈن مۇساپىرلىق يولىنى تاللىغان سەرگەردان يولۇچىمەن. يالغان كىملىك بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتسەم، ئۆزەمنى خۇددى چەغرادا تۇتۇلۇپ قالغان جىنايەتچىدەك ھىس قىلىمەن ئەلبەتتە. بەلكىم مېنىڭ كىملىك ئىزلەش يولىدىكى بۇ ھىجرىتىم ئىشقا ياراپمۇ قالار.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان،تىلى تۇرۇپ ئىشلىتەلمىگەن،ۋەتىنى تۇرۇپ ئەركىن ئازادە سۆيەلمىگەن، بايلىققا چىلىشىپ تۇرۇپ گاداي بولغان،ئانا زىمىنى تۇرۇپ ئۇنى قاتتىقراق دەسسىيەلمىگەن، يا تېلىقىپ كۈلەلمىگەن،يا ئۈن سېلىپ يىغلىيالمىغان يەكلەندى سۈرگۈنمەن. سۈرگۈن ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ياكى تۈگۈشى ئەمەس بەلكى،يېڭى روھنىڭ باشلىنىشى.سۈرگۈن يەڭى ئۈمۈت يوللىرىنىڭ ئاياققا ئېلىنىشى.سۈرگۈن،مۇزلار ئېرىگەندىن كېيىنكى ئۇششاق -ئۇششاق جىرالارنىڭ مىدىراپ،ئۆستەڭ ۋە دەريا يوللىرىنى ئىزلىشى.سۈرگۈن بىر نەرسىنى بىلگەنلىگىڭنىڭ ھەم شۇنداقلا بىر نەرسىنى ئىزلەۋاتقانلىغىڭنىڭ بىشارىتى.سۈرگۈن دۇنيادىكى ئويغاق ئىنسانلارنىڭ قۇچاغلىشىشى،ھۆرلۈك شوئارىنىڭ توۋلۇنۇشى،سۈرگۈن چۇقان دىمەكتۇر.سۈرگۈن مەنمۇ بار بۇ دۇنيادا دىمەكتۇر
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ھەركەت جەھەتتە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئەمما روھ قاتلىمىدا ۋەتىنىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن ئۇنى باغرىغا چىڭ–ۋە چىڭ بېسىپ سۆيگەن مەجنۇنمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ئۆز شەھرى ئۆز ۋەتىنىگە پاتماي، بوخچىسىنى قۇچاغلاپ،ئۆزگە يۇرتقا كۆچ ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئاتا بوۋىلىرىمغا ئوخشاش، ئىككى بالامنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ، ئاھ ۋەتەن-ۋەتەن دەپ يىغلىغانچە، ۋەتەندىن ئايرىلغان كىمسىز ۋە كىملىكسىز سەرگەردانمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، غەرپ دىگەن بىر يەر باركەن، كىملىگىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلارنىڭ كىملىگىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن، ھەق ۋە ئادالەت شۇ يەردىكەن دىگەن گەپلەرگە ئىشىنىپ، ئەشۇ كىملىك تېپىشىپ بەرگۈچىلەرنىڭ دەۋلىتىگە چىرايىمنى ساماندەك سارغايتىپ، نامەرتنىڭ كۆۋرىگىدىن ئۆتكۈچە، مەرتنىڭ دىۋانىسى بولاي دەپ كەلگەن قەلەندەرمەن.
مەن كىملىگىمنى ئىزلەش سەپىرىگە چىقىپ كاناداغا كېلىپ توختىغىچە بولغان بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە، دۇنيادا كىملىك كۈرىشى بولۇۋاتقانلىغىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.
كىم-كىم بولغان ئەمدى كىم بولىۋاتىدۇ.كەلەچەكتە كىم¬- كىم بولىدۇ. كىم شاخمات تاختىسىدا تۇرالايدۇ ۋە كىم شاخمات تاختىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ مانا بۇ كۈرەش .مەنمۇ بۇ كۈرەشنىڭ بىر ئۇچىدىن يەر ئالماقچى بولدۇم.
كىچىك ۋاخلىرىمدا مەھەللىلەردە بولىدىغان جىدەللەردە، مەن كىم سەن كىم دىگەن دىگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايتىم. ھازىر دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە مەن كىم سەن كىم ئوپىراسى ئوينالماقتا.
ئەمما كىملىگىڭنى ئىزلىمەكچى بولساڭ، مەن كىم دەپ ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇشۇڭ،مېڭىشىڭ، بىر نەرسىلەر ئىزلىشىڭ ۋە بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك.كىملىك رىقابىتى خۇددى بازار رىقابىتگە ئوخشائايدۇ. كىملىك رىقابىتى بىزدەكلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەش رىقابىتى دىمەكتۇر.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ئەقلىمنى تاپسام بىر دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازاننىڭ ئىچىدە تۇغۇلغانكەنمەن. ئەشۇ قازاننى چېقىپ تاشلاپ، يورۇق دۇنيانى تاپقان،چەگرا ۋە توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ بىپايان كەڭلىكتە ئەركىن نەپەس ئېلىشنى سىنىماقچى بولغان مۆرىتى كەلسە ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا سەكرەپ كەتكەن، ئۇزۇنغا سەكرەش ماھىرىمەن. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تەغدىر ۋە قىسمەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىگىزدىن تۆۋەڭە چۈشۈپ ھەممە نەرسىنى نۆلدىن باشلاشنى قارار قىلغان ئەخمەقمەن.
ھايات شۇنداق. ئۇنىڭدا مېڭىش ئۈچۈن بەزىدە ئاخماق بەزىدە قاچقۇن، بەزىدە ئاجىز بەزىدە كۈچلۈك بولىسەن.

بۈگۈن تورونتودىكى بىر كورىيەلىك كاپىتالست ئاچقان تىمخورتوندا ئىشلەۋاتقىنىمغا 3 ھەپتە بولغان ئىدى. بۇ مەنىڭ 3 ھەپتىلك سىناق باسقۇچۇم بولۇپ بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ. مەن بۇ 3 ھەپتىدە ناھايىتى ياخشى ئىشلىدىم. ئەمدى ماڭا رەسمى ھەپتىسىگە 40 سائەتلىك ئىش بېرىدۇ دىگەن تامادا ھاياجان بىلەن ئىشقا باردىم. 5 سائەت ئىشلىگەندىن كېيىن ئىشتىن چۈشھتۈم.بىر خىزمەتدىشىم مېنى خوجايىننىڭ ساخلاپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى ئېيتتى. مەن دەرھال خوجايىننىڭ يېنىغا كىردىم. خوجايىن ماڭا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن ئۇدۇللا، بۈگۈن سېنى ئىشتىن توختۇتۇشنى قارار قىلدۇق چۈنكى تىمخورتوننىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى بويىچە بىر ئىككى كوفى ئالغان خەرىدارنى بىر مىنۇتتا،ساندىۋىچ ئالغان خېرىدارنى 3 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقتتا ئۇزۇتۇشۇڭ كېرەك ئىدى،ئەمما سېنىڭ ئاددى بىر كوفى زاكاس ئېلىپ خېرىدارنى ئۇزۇتۇشقىچە بولغان جەريانىڭ پۈتۈنلەي 3 مىنۇتتىن چۈشمىگەن، مۇلازىمەت سۈرئىتىڭ بەك ئاستا سېنىڭدە سۈرئەت ئېشىشنىڭ بولىدىغانلىغىغا كۆزىمىز يەتمىدى شۇڭا ئىشتىن چىقىرىشنى قارار قىلدۇق دىدى ۋە ماڭا ئىشقا كىرگەن كۈنۈمدىن ئېتىبارەن خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالىمنى داۋاملىق كۈزۈتۈپ سىنغا ئېلىپ تۇرغان سىن ئالغۇ لىنتىسىنى قويۇپ بەردى.مەن خۇددى مۇز يەرىلىپ كەتىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئەندىكىپ كەتتىم. خوجايىن بىلەن مۇئۇنازىرىلەشكىئىم بار ئىدى ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم. ھەي خەپ يەنىلا ئېڭىلىزچە دىدىم ئىچىمدە. خوجايىن ماۋۇ 3 ھەپتىلىك ئىش ھەقىڭ ماۋۇ 2 يۈز دوللار ساڭا قوشۇپ بەرىلدى. خاپا بولماي باشقا يەردىن ئىش تەپىۋال دىدى.

b

مەن سۇسىز قالغان گۈل يوپۇرمىغىدەك سولاشقان ئىدىم.تورونتو كوچىلىرىدا قەدەملرىمنى تەستە ئېلىپ كېتىۋاتقاچ يولدۇشۇمغا تېلىفۇن قىلىپ، تىمخورتوندىن قوغلاندى قىلىنغانلىغىمنى ئېيتتىم. يولدىشىم تېلىفۇندا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇلار سىلەرنى ھېلىمۇ كېچىكىپ قوغلاندى قىپتۇ مەن بولغان بولسام سىلەردەك مىس- مىس خوتۇننى ئەتىسىلا قوغلاندى قىلىۋەتكەن بولاتتىم.دەرھال ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىڭلار تىمخورتون جىدىلى ئەمدى تۈگىگەندۇ دىدى چاخچاق قىلىپ.

مەن ئاپتۇۋۇز بېكىتىنىڭ يېنىدىكى بىر خىلۋەت گۈللۈككە جايلاشقان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ دەل ياز مەزگىلى بولۇپ سائەت كەچ 7 لەرنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنىغا قارىماي ھاۋا شۇنداق ئىسسىق ئىدى.
مەن ئورۇندۇقتا ئەمدىلا ئولتۇرشۇمغا تېلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلگەنلىك سىگنال بېرىلدى.تېلىفۇنۇمنى ئېچىپ ئۇچۇرلارنىڭ يىغىلىپ كەتكەنلىگىنى كۆردۈم ۋە بىرمۇ بىر ئاڭلاشقا باشلىدىم.
1-ئۇچۇردا ماڭا ئاكاردىيۇن بىلەن چېلىنغان تۆۋەندىكى ناخشا يوللانغان ئىدى.
كىردىمۇ چۈشلەرىڭگە،
ئۈچدەرۋاز كوچالارى.
ئەسلەرسەنمۇ بىزنى مەريەمگۈل.
تورونتودا يۈرگەنىڭدە………….
ناخشىنىڭ ئارقىسىدىن ئو………….ھوي….ياشاپ كەت……ھە……. ھە دىگەن ئاۋازلار، ئاياللارنىڭ كۈلكىلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ۋەتەندىكى ساۋاقداشلىرىم 20 يىللىق ساۋاقداشلار ئۇچۇرشىشىدا ئولتۇرشۇپتۇ.
مەن ماڭا سوغا قىلىنغان ماڭا تونۇش ۋە مەن كۆپ ئەيتىدىغان بۇ سۆيۈملۈك ناخشىنى ئاڭلاپ باشلىرىمنى ئالقانلىرىمنىڭ ئارىسىغا ئەلىپ بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كەتتىم. مەن ئاۋازىمنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتمەسلىغى ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىغى ئۈچۈن ئۆز ھاياجىنىمنى تەستە كونتورول قىلىۋاتماقتا ئىدىم.مەن تەلىفۇنىمغا قاراپ، ھەي خەق……..مەن تورونتودا ئىشتىن قوغلاندى بولۇپ يۈرەي سەن ھەق ئويناپ يۈرۈش ھە ……دىدىم. ئىچىمدە ئاچچىق بىر چىدىماسلىق، سېغىنىش ۋە مەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ئىنسان تەبى’ئىتىدە بار بولغان بارلىق ئاجىزلىقلار ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.يۈزۈمدىكى بارلىق سۇ ئاقىدىغان جايلىرىمدىن خۇددى ماشىنا ئەينىگىگە قۇيۇلۇۋاتقان يامغۇر سۈيىدەك ياش ۋە باشقا نەرسىلەر ئاقماقتا ئىدى.مەن خۇددى ماشىنا ئەينىگىنى توختىماي سۈرتۈپمۇ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقان ئەينەك سۈرتكۈچتەك قوللۇرۇم،ياغلىقلىرىم ۋە قول قەغەزلىرى بىلەنمۇ سۈرتۈپ تۈگۈتەلمەيۋاتاتتىم. ۋاي-ۋۇي ئاياللارنىڭ يۈرىگىدە سۇ نىمە دىگەن جىق -ھە!!!!!!

c

ئەي ئايال، يىغلا سەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن. يىغلاشتىن ھىچ قورقما ھەم قورۇنما.خالىساڭ ئاۋازىڭنى قويۇۋەتىپ، خالىساڭ پىنھان يىغلا.يىغلاشقا يەردىن تاكى بىپايان كۆكلەرگە قەدەر ھەققىڭ بار. يېتەركى يىھغلا، ئىچىڭدىكى سېنى بىئارام قىلىۋاتقان ئاچچىق زەرداپلار چىقىپ كەتىپ روھىڭ ۋە يۈرۈگۈڭ تەخىمۇ پاكىزلانسۇن.
سەندەك ئۆز دەردى ۋە غېمىدىن باشقا ۋەتىنى مىللىتى ۋە خەلقىنىڭ غەمىنى يەپ يۈرگەن بىر ئايال ھەر دائىم يىغلاپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى يىغا باشقا يەردىن ئەمەس بەلكى يۈرەكتىن كەلىدۇ. ئەگەر بىر ئايالنىڭ قەلبى يىغا ۋە ياشلارنى ئىسلەپچىقىرالمىسا دىمەككى ئۇ ئايال بىخوت ئايال دىمەكتۇر.
ئەي ئايال،يىغلاشتىن ھىچ قورقما ھەم قورۇنما.يىغلىغاندىن كېيىنكى ئايال،جەسۇر ۋە كۈچلۈك ئايالدۇر.ئەقىللىق ئاياللار، ئەقىللىقلىق بىلەن بەرگەن كۆپلىگەن قارارلىرىنى يىغىدىن كېيىن بەرگەن.نۇرغۇنلىغان ئەرلەر يىغلاۋاتقان ئايالغا بىزارلىق بىلەن يىغلىما-يىغلىما دەپ ۋاقىرسىمۇ،ئەمما يىغلاپ بولغاندىن كېيىنكى ئايالنى باغرىغا بېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ.چۇنكى يىغلاپ بولغاندىن كەيىن ئايال شۇنچىلىك گۈزەل،شۇنچىلىك لاتاپەتلىك،شۇنچىلىك قەيسەر ۋە مەردانە بولۇپ كۆرۈنىدۇ دۇنياغا.
مەن يىغلاۋېتىپ ئاۋازىمنىڭ يۇقۇرى چىقىپ كەتكەنلىگىنى سەزمەپتىمەن.خانىم ئۆزىڭىز تېچلىقمۇ؟ ياردەمگە ئېھتىياجىڭىز بارمۇ دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم.ئالدىمدا ئىككى ساقچى ئوفىتسېرى تۇراتتى ماڭا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ. ياق -ياق مەن ياخشى، ياردەمگە ئېھتىياجىم يوق.
ئەمما ئاۋازىڭىز يۇقۇرى چىقىپ كەتتى خانىم، ئەگەر ياردەمگە ئېھتىياجىڭىز بولسا ئېيتىڭ خانىم، بىز سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايلى دىدى ساقچى ئەپەندىم ماڭا تولىمۇ مۇلايىم ۋە سىلىقلىق بىلەن.
ياق-ياق مەن ياخشى ئۆزەم كېتەلەيمەن. سەل چارچاپ قاپتىمەن بۇ يەردە بىر ئاز دەم ئالغۇم بار، ياردەمگە ئېھتىياجىم يوق دىدىم مەن ساقچىغا.ساقچى ئۇنداقتا بوپتۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ خانىم، خەيرلىك ئاخشاملار دىدى ۋە كېتىپ قالدى.
مەن ساقچىنىڭ ئارقىسىدىن، ساڭ……ئىمۇ…..دىدىم قوپاللىق بىلەن ئىچىمدە غۇدۇراپ، بۇ تورونتو دىگەن ساراڭ شەھەردە ئاۋازىنى سەل چىڭ چىقىرىپ گەپ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ-يە دىدىم مەن يەنە غۇدۇراپ.
مەن تېلىفۇنۇمدىكى 2-ئۇچۇرنى ئاچتىم.
ئۇچۇر دوستۇم زەينەپتىن كەلگەن ئىدى. ئاداش 20 يىللىق ساۋاقداشلار ئۇچۇرشىشى قىلدۇق. سېنىڭ يوقلىغىڭ بەك بىلىندى ئاداش.بارغان يەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ۋىيەي، مەريەمگۈل بۇ يەرلەرنى ھەجەپ ياخشى كۆرەتتى دىدۇق.ئاكاردىيۇن چېلىنغاندا، سەنىڭ ھەلىقى بىزگە يەنى ئاياللارغىلا ئېيتىپ بېرىدىغان مەردانە جىرلىرىڭنى ئەسلىدۇق.ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمىزمۇ بۇ شەھەردە مەريەمگۈلدەك ۋالىسقا چىرايلىق پىقىرايدىغان ئايال يوق جۇمۇ دىيىشىپ ساڭا يۇقۇرى باھا بېرىشتى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قولۇم بىلەن ئاغزىمنى تۇتقانچە خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلداپ قالدىم. ئازادە بىر يەرنى تەپىپ خاتىرجەم ھالدا ئۇزۇن- ئۇزۇن يىغلىۋالغۇم بار ئىدى.
ھەي دۇنيا نىمە دىگەن تار ھە!!!!
ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس كېچەلمەس نەرسىلىرى بولىدۇ.مەن ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا بۇنداق ئولتۇرۇشلارنى مېنىڭ كىملىگىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يوقۇتۇدشۇمغا سەۋەپ بولۇۋاتقان ئامىللار دەپ قارىغان ۋە بۇ بىر غەپلەت بۇنىڭدىن ئۆزەمنىمۇ ۋە ئەۋلاتلىرىمنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئەمما بۇ ئۆز نەرسىلىرىمدىن قېچىئىپمۇ قۇتۇلالماي تۇرۇپتىمەن.
مەن ئەسەدەپ تۇرۇپ 3-ئۇچۇرنى ئاچتىم. بۇ كوللىكتىپ رەسىم بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقىغان ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى.
مەن 4-ئۇچۇرنى ئاچتىم. بۇ ئۇچۇر دوستۇم رەنادىن كەلگەن ئىدى. ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن. ساۋاقداشلار ئۇچۇرشۇشىدا سېنىڭلا گەپىڭنى قىلىشتۇق . ئاداش سەنى ئېيىغا 2 مىڭ دوللار مۇئاش ئالىدىكەن، 2 بالىسىغا ھۆكۈمەت مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل بەرىدىكەن دەپ ئاڭلىدۇق راسمۇ ئاداش، كانادا بالىنى تازا جىق تۇغىدىغان يەركەن جۇمۇ ئاداش ھا……ھا ……ھا.
مەن مىيىغىمدا كۈلدۈم. سېنىڭ ماۋۇ قوغلاندىچىلىقلاردىن خەۋىرىڭ يوقتە دوستەك دىدىم مەن ئىچىمدە يەنە غۇدۇراپ.
مەن 5-ئۇچۇرنى ئاچتىم
ھەي…….مەريەك……….ھەي مەريەك. كاناداغا بېرىپ ھەممىسىگە تەلىفۇن قىپسەن. ماڭا بىر تېلىفۇن قىلپمۇ قويمۇدۇڭ……خەپ جۇمۇ مەريەك.بۇ كىچىگىمىزدىن بىر مەلىدە ئويناپ چوڭ بولغان، ھەم تام خوشنام ھەم باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دىلشات ئىدى.ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھاراقنى جىق ئىچىۋالغانلىغى بىلىنىپ تۇراتتى. ئارقىدىن يەنە ئەر ئاياللارنىڭ چاخچاق ۋە كۈلكىلىرى شۇنىڭدەك دىلشاتنىڭ خانىمىنىڭ، دىلشات بولدى قىلىڭ دىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپلا ئۈزۈلۈپ قالدى. بىلىنىپ تۇرۇپتىكى دىلشاتنىڭ سۆزلىرى كېسىۋەتىللگەندەك قىلاتتى.
دىلشاتنىڭ ئۇچۇرى مېنى ئالتۇندەك ياشلىق چاغلىرىمىزغا باشلاپ كەتتى‎.
بىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە كەتكەندە، ساۋاقدىشىم دىلشات سودا قىلىش ئۈچۈن گۇئاڭجۇ شاڭخەي قاتارلىق دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە كەتكەن ئىدى.
مەن يازلىق تەتىلدە كەلگەن ۋاختىمدا. دىلشات بىلەن دەرۋازا ئالدىدا ئۇچۇرشۇپ قالاتتۇق. قاچان كەلدىڭ مەريەمخان دەيتى ئۇ مەنى تەرىكتۈرۈپ.
ساراڭ تۈز گەپ قىل. مەنىڭ ئىسمىم مەريەمخان ئەمەس مەريەمگۈل بىلىپ قوي دەيتىم مەن تۇمشۇقلىرىمنى سوزۇپ زەردە بىلەن.
بىر كۈنى مەھەللىمىزدە بىر توي بولدى. ئۇ چاغلاردا ئۇزۇن ئۈزۈم باراڭلىق ھويلىلاردىن يەنە بىر مەھەللىلەردىكى ھويلىلارغا قىز كۆچۈرۈلەتتى.
ئەمدىلا ساز چېلىنىپ توي باشلىنىشى بىلەنلا دىلشات نېرىدىن ھەي مەريەمخان قوپە ۋالىس ئوينايمىز دىگەنچە ئالدىمغا كەلدى. مەريەمخان دىگەن گەپنى ئاڭلاپ توي ئەھلى پاراققىئىدە كۈلۈشتى. مەن لەيلىققازاق گۈلىدەك قىزارغان پېتى ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئىككىمىز ۋالىسقا پەقىرغاچ ئۇرۇشۇۋاتاتتۇق.
نىمىگە مەريەمخان دەيسەن؟؟؟؟؟؟؟
مەريەمخان بولغاندىن كېيىن مەريەمخان دىمەي نىمە دەيمەن؟؟؟؟؟؟
مېنىڭ دادام ئەزان ئەيتىپ قويغھان ئىسمىم مەريەمگۈل بىلىپ قوي!!!!!!!!!
سەن قېرىغاندىمۇ ھەممە ئەدەم سەنى مەريەمگۈل دەپ چاقىرامدا؟؟؟؟؟؟ئۇ چاغھدا سەنى مەريەمخان دەيدۇ خەقلەر ماڭا ئوخشاش. دەيتتى ئۇ باشلىرىنى سىلكىپ تۇرۇپ سۆزلەپ.
ساراڭ………دەيتىم مەن جىلى ببولۇپ.
مەريەمخان………..مەريەمخان دەيتى ئۇ تېخىمۇ چىشىمغا تېگىپ.
مەن شۇ كۈنكى تويدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئىنتايىن خىجىل بولغان ئىدىم. شۇڭا كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى چۈشكە يېقىن دىلشات بازارغا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دىلشاتنىڭ ئاپىسى خۇرشىدەم ھاجىم بىلەن ئابلىكىم ھاجىم ئاكىمىزننىڭ ئالدىغا داۋاغا كىردىم.
ۋاي…..ۋاي…..داشۈسىڭ كىرىپ قاپتىغۇ، داشۈسىڭ دىدى مېنىڭ دەرۋازىدىن كىرىپ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرگەن ئابلىكىم ھاجىم ئاكا ناھايىتى چىرايلىق نەقىشلىنىپ سېلىنغھان پىشايۋانلىق ئۆيلىرىدىن چىقىپ كېلىۋاتقاچ. ھۇرشىدەم ھوي ھۇرشىدەم، مەريەمگۈل كىردى مەريەمگۈل.
ھوي……….مەريەمگۈلل قىزىم كەلىڭ كەلىڭ، قانداق رىسالەتخان ئابددۇراخمان ئەپەندىلەر تېچلىقمۇ؟ جۈرۈڭ قىزىم ئۆيگە كىرەيلى.دىدى ھۇرشىدەم ھاجىممۇ مەن بىلەن تېچلىق ئامانلىق سورۇشۇپ.
رەخمەت سالقىنراق مۇشۇ چايخانىدا ئولتۇرايلى، دىدىم مەن قورۇنغان ھالدا.
مەن دىلشاتنىڭ مېنى مەريەمخان دەپ چاقىرىپ چىشىمغا تېگىدىغانلىغى،نۇرغۇن ئادەم چاقىرىلغان تويدىمۇ مېنى مەريەمخان دەپ چاقىرىپ، ھەممە ئادەمنى كۈلدۈرۋەتكەنلگىنى، بۇندىن كېيىن مەريەمخان دىيىشنى توختۇتۇپ مەريەمگۈل دىيىشى كېرەكلىگىنى، ۋە ئۇلارنىڭ دىلشاتقا گەپ قىلىپ قوئويۇشى كېرەكلىگىنى ئۆتۈنۈپ كىرگەنلىگىمنى بىرمۇ بىر ئاڭلاتقان ئىدىم.
ئاللا -ئاللا ما بالىنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىنى، ھەرگىز كۆڭلۈڭىزگە ئالماڭ قىزىم، بىز دادىسى ئىككىمىز ئۇنىڭغا ياخشى گەپ قىلايلى دىدى ھۇرشىدەم ھاجىم. ئابلىكىم ھاجىممۇ ئىنتايىن مىھرىبانلىق بىلەن، مەن بۇ بەغەرەزگە تازا ئوبدان گەپ قىلىمەن بۇندىن كېيىن سىزنى ھەرگىز مەريەمخان دىمەيدۇ. دىگەن ئىدى.
خىياللىرىم شۇ يەرگە كەلگەندە يۈزلىرىمنى سومكامنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،خىقىراپ كۈلۈشھكە باشلىدىم. يۇقۇردىكى يىغىلىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىچ ئىچىمدىن بىر شەيتان كۈلكىسى كەلمەكتە ئىدى. ھەي توۋا ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىغا داۋاغا كىرىپمۇ ئۇنى مەريەمگۈل دىگۈزەلمىگەن ئىدىم.
ئەي بالىلىق، ئەي ياشلىق نىمە دىگەن بىغۇبار نىمە دىگەن پاك چاغلار ھە!!!!!
تورونتو كوچىلىرى رەتلىك، پاكىز ۋە تىپ تىنىچ. يا ماشىنىلارنىڭ سىغنال بەرگىنىنى،يا ئادەملەرنىڭ يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىمايسەن. كىشىلەر بىر بىرىگە ئىنتايىن سىلىق ۋە دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەر ۋاقت ئادەملەرنىڭ ئادەملەرگە قىلىۋاتقان، مەرھەمەت، كەچۈرۈڭ، رەخمەت دىگەن يەقىملىق سۆزلىرىنى ئاڭلايسەن. ئەمما مەن ھەر ۋاقت ئۆزەم تورونتودا بولساممۇ خىياللىرىم شاۋقۇن سۈرەڭە لىق تولغان ئەشۇ كىچىككىنە خىلۋەت شەھرىم ۋە مەھەللەم بىلەن ياشاپ كەلدىم.ئاغچەيلەم، كىقىرىشماق، ئاتلانغۇچ ئويۇنلىرى،سىركايىلارنى دۈم كۆمتۈرۈپ قاپ قارا ئوسمىلارنى چىڭ سىقىپ قاشلىرىمىزغا قويۇشلىرىمىزدىن تارتىپ، ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە سۆيۈملۈك ئەسلىمە ئىدى.
مەن ئۆيگە قايتىشنى ئويلۇدۇم، ياز كۈنلىرى كەچ سائەت 8 بولۇپ قالغىنىغا قارىماي،تورونتودىكى سودا مەركەزلىرى ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى. ماشىنا توختۇتۇش مەيدانلىرى ماشىنا بلەن لىق توشۇپ كەتكەن ئىدى.تورونتولۇقلار باي ۋە غەمسىئىز. چوڭ-چوڭ سودا سارايلىرى ۋە يىمەك ئىچمەك سارايلىرىدىن ھەر كۈنى ئادەم ئايىغى ئۆزۈلمەيدۇ. ئۇلار لىق تولدۇرۇلغان مال سەتىۋەلىش ھارۋىلىرىنى غەمسىز سۆرىشىپ، ماشىنىلىرىنىڭ ئارقىسىنى نەرسە كېرەككە لىق تولدۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ.
مەنمۇ يىغا ۋە كۈلكە بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن بۈگۈنكى بۇ كۆڭۈلسىز كۈنۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئۆيۈمگە قايتماقچى بولۇپ ئاستا ئورنۇمدىئىن تۇرۇپ، ئاپتۇۋۇز بەكىتىگە كەلدىم ۋە ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ ئورنۇمنى تەپىپ ئولتۇردۇم.
دوسلۇرۇم ئەۋەتكەن ئاكاردىيۇن بىلەن چەلىنغان ھەلىقى ناخشا كاللامدا تەكرارلانماقتا ئىدى.
ئەسلەرسەنمۇ بىزنı مەريەمگۈل
تورونتودا يۈرگەنىڭدە.
مەن كۆزلىرىمنى يۇمۇپ تۇرۇپ، يېقىملىق كۈلۈمسىرىدىم ۋە قانداقتۇر بىر بەخت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەللەيلەندىم.
مەن ئۆيۈمنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ كىرگىنىمدە قىزىم ۋەتەڭۈل بىلەن ئوغلۇم تۇپراقجان، ئاپا بىز سەندىن بەك ئەنسىردۇق مانداق ئۇزۇن يوقاپ كەتىسەن دىگەنچە يۈگرۈپ كېلىشىپ بوينۇمغا ئەسىلىشتى. يولدۇشۇم خۇددى بىر نەرسىگە كۈلگىسى كەلىپ كەتكەندەك بىر قىياپەتتە تۇراتتى. ھەقىچان مەنى تىمخورتوندىن قوغلاندى قىلىۋەتىپتۇ دەپ كۈلگىسى كەلىپ كەتىۋاتقاندۇ دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.
ئەي ئائىلە ……مۇساپىرچىلىقتىكى ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلى.ئۆي ئىچىدىن ئاچچىق قىزىلمۇچ بىلەن پىدىگەن قورۇمىسىنىڭ مىزىلىك پۇرۇغى كېلىۋاتاتتى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى يولدۇشۇم مېنى تىمخورتوندىن قوغلاندى بوپ كەتىپتۇ بۇ دەپ، مەن ياخشى كۆرىدىغان پىدىگەن لازا قورۇمىسى بىلەن لەڭمەن ئەتىپتۇ.
ئۆي ئىچى مەن ھىچقاچان تەسەۋۋۇر قىلىئىپ باقمىغان دەرىجىدە پاكىز تازلانغان بولۇپ، ئاياقلار ئاياق قويىدىغان ئىشكاپقا رەتلىك تىزىلغان، چاپان ۋە سومكىلار كىيىم ئاسقۇچقا ئەسىلغان ئىدى. ئۆي ئىچىدە ھىچقانداق قالايمىقان بىر نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
مىھمانخانا ئۆيگە قويۇلغان شىرە ئۈستىدە، ناھايىتىمۇ يوغان بىر ئەينەك گۈل پىڭىدا، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سېرىق ئەتتىر گۈلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەڭگا رەڭ ئەتتىر گۈللەر لىق تولۇپ تۇراتتى. ۋاي ۋۇي نىمانداق چىرايلىق گۈللەر بۇ كىم ئەكەلدى بۇ گۈللەرنى؟ كىم ئەكەلگەن بولسا ئۇنىڭدىن ئاللا رازى بولسۇن دىدىم مەن گۈزەل گۈللەرنى قانماي پۇراپ تۇرۇپ. ئاپا دادام سەنى سەرىق ئەتتىرگۈلنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئەكەلدى بۇ گۈللەرنى دىدى ئوغلۇم تۇپراقجان.ھە شۇنداقمۇ؟ مەن يولدۇشۇمغا قارىدىم. ئۇ شۇنداق مەريەمگۈل مەن ئەكەلگەن، مەن گۈل ئەكەلسەم بولمامدىكەن،نىمانداق ھەيرانلىق بىلەن قارايسىلەر ئادەمگە دىدى ئۇ يۇمۇرلۇق ھالەتتە. بۇ چاغدا خىياللىرىم يولدۇشۇم ئىككىمىزنىئىڭ گۈل ئۈچۈن كۆپ قېتىم تاكاللىشىپ قالغان كۈنلىرىمىزگە كەچتى.
يەكشەنبە كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم. ماڭا سەرىق يەنە كەلىپ تۇخۇم سەرىغى ئەتتىر گۈل سوغا قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
ھە شۇنداقمۇ؟ تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا ئۆزەڭلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىئىغان سەرىق ئەتتىر گۈلدىن ئۆزەڭلار خالىغھانچە تاللاپ بىر قۇچاق سەتىۋەلىڭلار، مانا پۇل دەپ ئۈستەل ئۈستىگە پۇلنى قويۇپ قوياتتى يولدۇشۇم.
ياق !!!!ئۆزەڭلار بازاردىن سېتىۋېلىپ، تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دەپ تۈرك ئەرلىرىدەك ئالدىمدا تۇرۇپ باققان بولساڭلار. دەيتىم مەن ئۇنىڭدىن رەنجىپ.
ھە…………مەن مۇشۇ………..مۇشۇ……… گۈللەرنى ئاياللارغا ئىگىلىپ تۇرۇپ سوغا قىلىدىغان ئىشلارنى تازا ياخشى بەجىرەلمەيدىكەنمەن…….دەيتى ئۇ تەسلىكتە چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
ئاياللارغىمۇ؟ ئاياللارغا ئەمەس، ئايالىمغا دەڭ مانداق دەپ تۈزۈتۈش بېرەتتىم مەن ئاچچىغلانغان ھالەتتە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
ھە…..توغرا………….. توغرا ئايالىمغا…..ئايالىمغا، ئاياللارغا ئەمەس ……..مەن …….مەن مۇشۇنداق نازۇك ئىشلارنى تازا بەجىرەلمەيدىغان بىر ئەركەنمەن. مەنىڭ بارىم مۇشۇ ……..ھە…… مەنى سۆيسەڭلا مەنىڭ مۇشۇ ھالىم بىلەن سۆيگەن بولساڭلار. دەيتى ئۇ يۇمۇرلۇق ھالەتتە.
مەن سىزدىن قىممەت باھالىق بىر ئالتۇن زەنگىر تەلەپ قىلمايۋاتىمەنغۇ، ناھايىتى كەتسە بىر دەستە گۈل تەلەپ قىلىۋاتقىنىم………
ئەگەر تۇغۇلغان كۈنۈڭلارھغا ئالتۇن زەنجىر ئالغىڭلار بولسا، ئۇنىمۇ ئەلىڭلار مانا پۇل، خالىغىنىڭلارنى ئەلىپ ئاشقان پۇلنى ياندۇرۇپ كەلىڭلار.دەيتى ئۇ پۇلنى ماڭا ئۇزۇتۇپ.
قانداق گەپكەن ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئۆزى سوغا ئالىدىغان.سىز بىللە چىقىپ ئېلىپ، ئاندىن چاچلىرىمنى قايرىپ تۇرۇپ بوينۇمغا ئېسىپ قويىسىز.
ياق …..ياق……ياق مەنى ئۇنداق قىينىماڭلار، قانچىلىك قىممەتنى ئالساڭلار ئېلىڭلاركى ئەمما مېنى ئېسىپ قويۇڭلار دىگەن گەپنى ھەرگىز قىلىپ قالماڭلار، مەن مۇشۇ ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ بوينىغا زەنجىر ئەسىپ قويىدىغان ئىشنى ھەرگىز……ھەرگىزمۇ بەجىرەلمەيمەن……يولدۇشۇم خۇددى ھازىرلا بىر ئادەم ئۇنى ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويۇشقا قىستاۋاتقاندەك جىددى قىياپەتتە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە ئىدى.
ئاياللارغا ئەمەس……ئايالىمغا دەڭ. دەيتىم مەن تۈزۈتۈش بېرىپ.
ھە……..ھە…..ھە ئايالىمغا . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن زەنجىرلەر سىلىق ۋە نازۇك بولغاندىن كېيىن،مېنىڭ بۇ ئامبۇر، كۇلۇچ، بولقا، كېسەك لاي دىگەنسدەك نەرسىلەرنى كۆپ تۇتقان قوپال قوللۇرۇمدا ئۇ نازۇك نەرسىنىڭ قۇلۇپلىرىنى ئاچماقمۇ بىر مۈشكۈل ئىشتە.
ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق باسقاندىن كەيىن ئۇ يەنە: ئەمما مەن………. بۇنداق ئاياللارنىنڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان سوغا سالام ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرەلمىگەن بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ كۆڭلى يۇمشاق، ئەڭ مىھرىبان ئەر جۇمۇ دەيتتى چاچلىرىنى تاتىلاپ تۇرۇپ يۇمۇرلۇق قىياپەتتە. ئۇ ئۆزىنى سۈپەتلىگەن سۆزلەرنى يىمىرىپ تۇرۇپ باشقىچە ئۇرغۇلۇق ئالاتتى.
مەن يەنە ئۇنىڭغا داۋاملىق تۈزۈتۈش بەرىپ، ئاياللارنى ئەمەس …..ئايالىمنى دەيتتىم.
قەنى شىرەگە كەلىڭلار. يولدۇشۇمنىڭ مەنى شىرەگە تەكلىپ قىلىشى خىياللىرىمن بۇزۇۋەتتى.
مەن سىلەرنى بۈگۈن ئۆز قولۇم بىلەن،بىر قوللۇق مىھمان قىلىپ قوياي جۇمۇ.يولدۇشۇم سۆزلىگەچ تەخسىگە لەڭمەننى سېلىشقا باشلىدى.
مەن شىرەگە كېلىپ ئولتۇردۇم. يولدۇشۇم مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىدىگەن لازا قورۇمىسى ۋە كەرەپشە ياڭيۇ قورۇمىسىدىن ئىبارەت 2 خىل قورۇما قورۇپ لەڭمەن ئەتكەن ئىكەن. مەن بەخت قوينىدا ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم. مەن ھەر ۋاقت تاماق ئەتىپ شىرەگە كەلىڭلار دىگۈچى ئىدىم. ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن باشقىلارنىڭ قولىدىن تاماق يەپ باقمىغىلى. مەن ھەر ۋاقت ئائىلەم ئۈچۈن تاماق ئەتكۈچى بولۇپ كەلگەن ئىدىم. شۇڭا يولدۇشۇمنىڭ بۈگۈنكى بۇ لەڭمىنى ماڭا پۈتمەس تۈگىمەس بىر بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلغان ئىدى.
يولدۇشۇم لەڭمەننى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ئىنتايىن تۈز ۋە ئىنچىكە تارتقان ئىدى.
بۇ ھالەت مەنى كەچمىشتە، يولدۇشۇم ئىككىمىز بىلەن بولغان دىئالوگلارغا باشلاپ كەتتى..
ئا……مەريەمگۈل لەڭمەننى بەك ئۇنداق ئىنچىكە سوزمىغىنە………لەڭمەن دىگەننى توم-توم تارتىپ چىڭ- چىڭ چايناپ لەززەتلىنىپ يەيدىغان نەرسە ئۇ…….بۇنداق ئىنچىكە تارتساڭلار يۇتقىچە غالنىڭ غىدىغى كەلىپ كەتمەمدۇ دەيتى ئۇ يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
قېنى-قېنى ئاسىلا ئالدىمغا قويۇلغان،ئىنچىكە سوزۇلغان مىزىلىك لەغمەن خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى.
بىر ئايال كىشى ئۈچۈن يولدىشى ئېتىپ بەرگەن لەڭمەننى يىيىشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك. مەن بەخت بۆشىگىدە ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم. ئىچىمدە تىمخورتوندىن قوغلاندى بولغىنىممۇ ياخشى بولدىمۇ نىمە دەپ ئويلايتىم.
ئەي………ئايال…………كونىلار ئاياللار ئۆشكە يېغى بىردەمدە ئېرىپ كېتىدۇ،ئاياللار ياخشى گەپنىڭ قۇلى دىيىشىدۇ.يولدىشىممۇ مېنى بىر لەغمەن بىلەن ئېرىتىۋالغان ئىدى.مەن لەڭمەننى لەززەتلىنىپ يىگەچ، ئەسلىدە يولدۇشۇم مەن ياخشى كۆرگەن ھەممە نەرسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى بىر ئەركەن، ئەمما مەن ئۇنى ئورۇنسىز ئەيىپلەپ يۈرۈپتىمەن دەپ ھەممە گۇنانى ئۆز-ئۆزەمگە ئاللىقاچان ئېلىپ بولدۇم.
مانا مەنتەڭ، مەنتەڭ ئىچمەي لەڭمەن يىدىم دىمىگۈلۈك دەيتىڭلار، يولدۇشۇم سۆزلىگەچ بىر تەخسە مەنتەڭنى ئالدىمغا قويدى.
بەخت نىمە دىگەن تاتلىق نەرسە -ھە!!!! شۇ مىنۇتلاردىكى بەخت تۇيغۇسىدىن كۆزلىرىم چاقناپ،سۇغۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىر تەشتەك گۈلدەك جىلۋە قىلماقتا ئىدىم.
مەنتەڭنىمۇ ئىچىپ بولدۇم. يولدۇشۇم بىر ھازا خوش………..خوش دىگەنچە قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ، چەچىنى يۇقۇرى تەرەپتىن پىشانىسى تەرەپكە قارىتىپ سىلاپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ داۋاملىق جىددى بىر مەسىلىلەردە جىددى قارارلارنى ئالغان ۋاختىدا شۇنداق قىلاتتى.
مەن ھە………..مەنتەڭنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر ئويلىمىغان يەردىن خوش قىلىۋېتىش باركەندە …………..تايىنلىق بىر تۈرك باكلاۋاسى كەلىدۇ ھەقىچان دىگەن تاما بىلەن،بەخت بۆشۈگۈدە ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم.
ۋەتەڭۈل،تۇپراقجان بۇياققا چىقىڭلار، دەيدىغان گەپ بار. يولدۇشۇم بالىلارنى چاقىرغاچ تەلۋىزور ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان قارامتۇل يېشىل مەھمەل ئۇيغۇر دوپپىسىنى بەشىغا كىيدى.
قىزىم بىلەن ئوغلۇممۇ شىرەگە كېلىپ ئولتۇردى.ئارىنى بىرنەچچە سىكۇنۇتلۇق سۈكۈنات قاپلىدى.يولدۇشۇم بىر نۇقتىغا تىكىلىپ بىر نەرسە ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈۋاتاتتى.
يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى.ئىچكى ھىسسىياتلىرىم قاتتىق بىر توقۇنۇشتا بولۇپ نىمە بولارىنى ئاڭقىرالمايۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا يولدۇشۇم جىددى بىر قىياپەتتە ئاغزىنى ئاچتى.
مەريەمگۈل……………….دادىمىز ئابدۇراخمان ھاجىم، ۋەتەندە قازا قىلىپ كېتىپتۇ.مەن بىر خەتمە قۇرئان قىلىۋېتەي. يولدۇشۇم شۇ گەپنى قىلدىدە خەتمە قۇرئاننى باشلاپ كەتتى.
چىرايىم ئاقلىۋەتكەن كەرەپشىدەك ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى.2-قېتىم مۇز يېرىلىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئەندىكتىم. يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا،قاتتىق يامغۇردا قالغان يېڭى شوپۇردەك تىترىدىم. روھلىرىم دەرەخ غولىدىن ئايرىلغان،كەچكۈزدىكى سەرسان يوپۇرماقلاردەك تىنەپ تەمتىرىمەكتە ئىدى. نەپەسلىرىم بوغۇلۇپ، مۆلدۈر سوققان قىزىلگۈلدەك خاراپ ھالەتكە چۈشتۈم.
ئىچكى دۇنيارىم، تۇيۇقسىز كەلگەن بىر سۇنامى ئاپىتىدىن كەيىن ۋەيران بولغان دەڭىز ساھىلىدەك پارام-پارچە ئىدى.
خەتمە قۇرئان تۈگىدى. مەن نەپەس ئېلىشقا بىر ساپ ھاۋاغا ئېھتىياجلىق ئىدىم. مەن ئاران دىگەندە بالكوننىڭ ئىشىگىنى ئاچتىمدە-ئۆزۈمنى بالكونغا ئاتتىم.
يېڭى كۆچۈپ چىققان، 21-قەۋەتتىكى ئۆيىمىزنىڭ بالكۇنىدىن يىراققا نەزەر سالغىنىمدا، بىپايان گۈزەل شەھەر تورونتو كېچىسى كۆز قاماشھتۇرۇپ سوزۇلۇپ ياتماقتا. مەن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ مەن تۇغۇلغان ئەشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان كىچىككىنە قازان شەھەرنى ئىزلىدىم. كۆزلىرىمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يەتمىدى كۆرەلمىدىم.كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم خىياللىرىم ۋە روھلۇرۇم ئۇزاقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. بۇ قازاننى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان چۇقان سۈرەنلەر، ھۇررا سادالىرى،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە قولدىن قولغا ئېلىنىپ، زەرەتكالىققا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان دادام رەخمەتلىكنىڭ تاۋۇتى…………..مەن ئاستا ئۆز ئۆزەمگە شىۋىرلىدىم. خەلقىم ئامان بولسۇن. خەلقىم ئۆلمىسۇن.
خۇددى مىڭەمدە ساخلىنىپ قالغان كونا ئۇچۇرلارنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلغاندەك، دادام بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئۆلۈم، ۋەتەن ۋە مىللەت ھەققىدىكى سۆھبەتلىرىم كۆڭۈل غەزىنەمگە باشقىدىن يەرلەشمەكتە ئىدى.ھايات ئېرىشمەك ۋە يوقاتماق دىمەكتۇر. مەن كانادا تۇپراقلىرىغا ۋە كانادا ۋەتەنداشلىغىغا ئېرىشكىنىم بىلەن يەنە بىرلا ۋاقتتا، ھاياتىمدا زۆرۈر بولغان يېقىن ئادەملىرىمنى يوقۇتۇپ ماڭماقتا ئىدىم.
(داۋامى بار)