دەرۋازا ئۇرۇلغاندا

دەرۋازا ئۇرۇلغاندا

photocase522326321

(بىر يۇتۇم ھېكايە)

سەھەر

سەھەر دەرۋازا ئۇرۇلدى . يالغۇز ئانا كۈندىكى ئادىتى بويىچە، ئورنىدىن تۇرۇپ سۈت قاچىسى قويۇلغان شىرە تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بۇ ئەسنادا سۈتچىنىڭ سۈت -سۈت دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئانا سۈت قاچىسىنى كۆتۈرگىنىچە، دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. ئانا  بۇ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇررۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. ھەر كۈنى سەھەردە سۈتچىنىڭ دەرۋازىلارنى تەكشى ئۇرۇشى بىلەن تەڭ، بۇ مەھەللىدىكى خوشنىلار سۈت باھانىسىدا دىدارلىشاتتى ۋە ئانچە مۇنچە ھال ئەھۋال سورۇشۇپ  يىراق يېقىندا  بولغان ۋە پۈتكەنلەر ، توي تۆكۈن نەزىر چىراغلاردا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە كۇسۇلدىشىپ، ئاياللىق ئىچ پۇشۇقلىرىنى  چىقىرۋېلىشاتتى. ئانىنىڭ يان خوشنىسى ،چەتئەلدىكى ئوغلىنىڭ ئەتە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئانىنىڭ ئىچ،قانداقتۇر سېغىنىش  ۋە ھەر خىل سوئاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ۋىللىدە قىلىغان بىر خىل يېرىمچىلىقتىن  تىترىگەندەك بولدى -دە دەرھال يەنە ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ،بەلكىم مېنىڭ ئوغۇللىرىمنىڭ ۋەتەنگە كېلىدىغان شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەندۇ-ھە،دېدى خوشنىلىرىغا چاندۇرمىغان ھالەتتە ئۇھ تارتىپ.
ئانىنىڭ دەرۋازىسى پەقەت ئىككى  كىشى تەرىپىدىن كۆپ ئۇرۇلۇپ تۇردى. بۇنىڭ بىرى سۈتچى يەنە بىرى پوچتىكەش ئىدى. ئەمما  ئانىنىڭ يان خوشنىسىنىڭ دەرۋازىسى ئۇنىڭ ھەر يىلى چەتئەلدىن كېلىدىغان بالىلىرى  تەرىپىدىن كۆپ ئۇرۇلۇپ  تۇردى. بۇنداق چاغلاردا، يان خوشنىنىڭ قورۇسىدىن چىقىدىغان ئانا-ئوغلۇم دېگەن ھاياجانلىق  ئاۋازلار ئانىنىڭ قورۇسىغا ئۇچۇپ كىرەتتى-دە، ئانىنىڭ يىراق چەتئەلدىكى ئوغۇللىرىغا بولغان سېغىنىش ئوتلىرىنى ۋە پىغانلىرىنى ئاشۇراتتى. يىللار ئۆتتى كەچتى. يان خوشنىئىنىڭ دەرۋازىسى ھەر يىلى ئۇرۇلۇپ،ئايىغى  ئۈزۈلمىگەن پەتىچىلەر ،خوشال ئاۋازلار ۋە كۈلكىلەر بىلەن جانلىنىپ تۇردى. ئەمما ئانىنىڭ دەرۋازىسى تىمتاس.ئانا دەرۋازىسىنىڭ  سۈتچى ۋە پوچتىكەشتىن باشقا ئادەملەر تەرىپىدىن ئۇرۇلۇشىنى  تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە .چۈنكى ئانىنىڭ تۆت ئوغلى  چەتئەلدە. بۇ يىل ياز كېلىپ قىزىل گۈللەر ئېچىلىپ،ت ەبىئەت گۈزەل تۈسكە كىرگەن ياز مەۋسۈمىدە، يان خوشنىنىڭ دەرۋازىسى يەنە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ  چەتئەلدىكى ئوغلى يەنە كەلدى. يان خوشنىنىڭ قورۇسى يەنە ئاۋاتلاشتى. بۇ قېتىم ئانا چىداپ تۇرالمىدى. ھاسىسىغا تايىنىپ،پېشايۋان پەلەمپەيلىرىدىن  بىرمۇ-بىر ئاتلاپ چۈشۈپ، يان خوشنىسىنىڭ قورۇسىغا كىردى. قورۇ ئەر ئاياللار،ياشلار ۋە ياشانغانلار بىلەن لىق تولغان ئىدى. كىشىلەر  چەتئەلدىن كەلگەن بۇ زىيالىينى ئورۇۋېلىپ.ئۇنىڭ چەتئەل ھەققىدە  سۆزلىگەنلىرىنى تىڭشىماقتا ئىدى. ئانىنىڭ چىرايى ۋە كەيپىياتىدىن ، بىر نەرسىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان جامائەت ئورۇنلىرىدىن ھۆرمەت بىلەن تۇرۇشۇپ ئانىغا سالام بەردى ۋە ئولتۇرۇشقا ئورۇن كۆرسەتتى. ئەمما ئانا چەتئەلدىن كەلگەن بۇ يىگىتنىڭ قارشىسىدا تىكىلىپ تۇرۇپ، ئېيتقىنا نېمە ئۈچۈن سەن ھەر يىلى كېلىسەن ئەمما، مېنىڭ ئوغۇللىرىم كېلەلمەيدۇ؟ دېدى. قورۇ ئىچىنى جىمجىتلىق ۋە سۈكۈنات قاپلىدى. چەتئەلدىن كەلگەن بۇ يىگىتمۇ يەرگە قاراپ جىم تۇردى. ئانىنىڭ سوئالى جاۋابسىز قالدى. چۈنكى ھېچكىم بۇ سوئالغا بىلسىمۇ جاۋاپ بېرەلمەيتتى.  ھەقىقەت  شۇكى يان خوشنىنىڭ ئوغلى، بارسا كېلىدىغان يولغا،ئانىنىڭ تۆت ئوغلى بارسا كەلمەس يولغا مېڭىشقان ئىدى.
ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ مەھەللىگە مۇخبىرلار يېغىپ كەتتى. گېزىت،رادىئو ۋە تېلۋىزورلاردا، چەتئەلدىن كەلگەن بۇ زىيالىينىڭ ئىش ئىزلىرى، چەتئەللەردىكى ئوقۇش خىزمەت ۋە  ئۈگۈنۈش  مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلغان كۆپلىگەن پروگراممىلار، ماقالىلار ۋە تونۇشتۇرۇشلار بېرىلدى. زىيالىي چەتئەللەردىكى مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە مەيدانى ئېنىق ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتىنى ۋە خەلقىنى دەپ، چەتلدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن ۋاز كەچكەن  تۆھپىكار ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي دەپ تونۇشتۇرۇلدى. ئانا تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ، رادىئونى ئېچىۋىدى يان خوشنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن بالا تەربىئىيەلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردىم………ئانا مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
ئانىنىڭ تۆت ئوغلى بىلەن يان خوشنىنىڭ ئوغلى، بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان. ئوخشاش بىر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا  مەكتەپتە ئوقىغان  شۇنداقلا داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىمۇ ئوخشاشلا  ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈشكەن ئىدى. يان خوشنا بىلەن ئانا ئوتتۇرسىدىكى بالا تەربىيىلەش پەرقى بولسا، بىرى تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى  قىلىپ تەربىيەلەنگەن، يەنە بىرى بولسا كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى قىلىپ تەربىيەلەنگەن ئىدى. ئانىنىڭ كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بولۇشنى نىيەت قىلىپ ۋەتەندىن كەتكەن ئوغۇللىرى بولسا، ئانا ۋەتىنىگە ھەقىقى بىر باھار يامغۇرى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن چەتئەللەردە كۈرەش قىلماقتا ئىدى.
ئەتىسى  سەھەردە ئانىنىڭ دەرۋازىسى ئەنسىز ئۇرۇلدى. ئانا بۇنىڭ سۈتچىنىڭ دەرۋازا ئۇرۇشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئەنسىزلىك ئىچىدە بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى. بىز بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان گەپ بار ، دەرھال بىز بىلەن كېلىشىڭىز كېرەك -دېدى باقىت ئاتلىق  بۇ ئادەم ئانىغا قوپاللىق بىلەن. ئانا ماشىنىغا سېلىنىپ شەھەردىن يىراق بىر خىلۋەت مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. ئوغۇللىرىنىڭ چەتئەللەردە مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئانا ئوغۇللىرىغا  خىزمەت ئىشلەپ ،ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە قايىل قىلالىسا، يان خوشنىسى  كۆرۈۋاتقان ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمەن  بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. يەتمىش  ياشلىق ئانا بىلەن بىخەتەرلىك خادىملىرى ئوتتۇرسىدىكى  سۆھبەت سائەتلەرچە داۋام قىلدى. ئاخىرى ئۇلار ئانىنى تېلېفوندا كۆرۈشتۈردى  ۋە ئوغۇللىرىنى تېلېفۇن ئارقىلىق قايتىپ كېلىشنى بۇيرۇشقا قىستىدى،ئانا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرسىدىكى  سۆھبەت ئۈن ئالغۇغا ئېلىنىپ  تۇرۇلدى.
ئوغۇل بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدا  تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتتى..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغلۇم. ۋۇي-ۋۇي  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئانا،سەن تېلېفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ؟  قانداق بىر ئىش بولدىمۇ؟
ياق ئوغلۇم ھېچ ئىش بولمىدى، ئۆزەم شۇ سىلەرنى سېغىنىپ تېلېفۇن قىلغان، قانداق ئىككى ئاكاڭ ۋە ئۇكاڭنىڭ ئەھۋالى ياخشىمۇ؟ ياخشى ئانا بىز ياخشى تۇرۇۋاتىمىز،ئۆزەڭچۇ ئانا،ئۆزەڭنىڭ سالامەتلىكىڭ قانداق؟ مەن ياخشى بالام-ئەنسىرمە.ئانا ئاۋازىڭ تىترەپ كېلىۋاتىدىغۇ بىر ئىش بولدىمۇ؟ ئوغۇل ئانىنىڭ تۇيۇققسىز  تېلېفۇنىدىن  شۇنداقلا تىترەپ كېلىۋاتقان ئاۋازىدىن  بىر نەرسىدىن گۇمانلانغاندەك بولدى. ياق ئوغلۇم ھېچ ئىش بولمىدى. مەن ياخشى……….. ئاناڭنىڭ سۆزىنى تىڭشا بالام. بولىدۇ ئانا سۆزلەڭ . ئانا سۆزلەشكە باشلىدى. كېلىدىكەن يىراق كەتكەنلەر بالام ئەمما،كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر بالام. سەنمۇ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىسەن، ئۇ كۈنلەر كەلگەندە مەن يوق بولىمەن تايىنلىق. ياتلار سېنى بۆلگۈنچى دىيىشىۋاتىدۇ ئەمما سەن مەن ئانىنىڭ قەلبىدە بىر ھەققانىيەتچىسەن.ياتلار سېنى تېرورچى دىيىشىىۋاتىدۇ، ئەمما ئانا قەلبىدە سەن بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى. ئادەم ئۇ ھەممىمىز ،ئۆلۈپ تۈگەيمىز ئوغلۇم؛ پەقەت ۋە پەقەت ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۆلمەيدۇ. دۇنيانى چۆگلىتىدىغىنى يەنىلا ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك بالام. خەير بالام تېلىفۇندا قىسقا سۆزلىشىشكە مەجبۇرمەن. كۆرۈشەلمەي قالساق سېنى ئۇلۇق ئاللاغا تاپشۇردۇم. ۋەتەن ۋە خەلقىڭگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمىغىن بالام. ھەق ناھەق ئالدىدا سۈكۈتنى تاللىما بالام.
ئانا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئانىنىڭ بىردىن بىر بار بولغان ئۆي تەئەللۇققاتى تلىفۇنىمۇ تاقالدى. ئۆيلىرى بىرقانچە  قېتىم ئاختۇرۇلدى. ئانا پاراكەندىچىلىككە مۇپتىلا بولدى. ئانا بىر قانچە قېتىم قايتا سوراق قىلىندى.بالىلىرىغا قىلغان سۆزلىرى ئۈچۈن پۇشمان قىلىپ تۆۋىنامە يېزىشقا قىستالدى. ئانا ئالدىدىكى قەلەم ۋە قەغەزلەرنى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ يۈزىگە ئاتتى.ھاسا تايىغىنى ئۇلارغا شىلتىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلەشتى.
شۇندىن كېيىن ،سۇبھى تاڭغا يېقىن ئانىنىڭ دەرۋازىسى يىنىك ئۇرىلىدىغان بولۇپ قالدى.ئانا دەرۋازىنىڭ  ئۇرۇلىشىدىن ئۇنىڭ خەيرلىك ياكى خەيرسىز ئىش ئۈچۈن ئۇرۇلۇۋاتقانلىغىنى سېزىۋالاتتى. سەگەك ئانا دەرۋازىنىڭ ئاستا ئۇرۇلۇشىدىن ئويغۇنۇپ كىمۇ دەپ ۋاقىردى قارشى تەرەپتىن جاۋاپ كەلمىدى. ئانابىر بېسىپ ئىككى بېسىپ بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتتى. دەرۋازا ئالدىدا ھېچكىم يوق، ئەمما يەردە بىر دەستە گۈل، ئۇن گۈرۈچ ۋە بىر تۇڭ ماي دېگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى. ئانا گۈلنى قولىغا ئېلىپ پۇرىدى. سەھەردىكى خۇشپۇراق گۈل ھىدى ئانىغا ھوزۇر بەردى. شۇ تاپتا ئانىنىڭ قولىغا بىر باغاقچە ئۇرۇلدى. ئانا باغاقچىنى ئاچتى، باغاقكچىدا، ئانا تۆت ئوغلۇم چەتئەلدە دەپ قايغۇرما ، بىز سېنىڭ ئوغۇل ۋىزلىرىڭدۇرمىز دەپ يېزىلغان  ۋە سېنىڭ قوغدىغۇچىلىرىڭ دەپ ئىمزا ئېتىلگەن ئىدى. شۇندىن  كېيىن ئانىنىڭ دەرۋازىسى سۈبھىگە ئۇلۇشۇپ داۋاملىق يېنىك ھالدا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بولدى. ئانىنىڭ ئۆيى گۈل باغچىسىغا ئايلاندى.ئانىغا تاماق ئېتىپ بېرىش،ئۆي تازلاپ بېرىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى  . ئۇزۇن ئۆتمەي  بۇ مەھەللىدە ساقچىلار، قوغدىغۇچىلار ۋە ئاساسى قاتلامنىڭ ئاكتىپلىرى  يېغىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئانىنىڭ ئۆيىگە قارىتا كېچە كۈندۈز يىگىرمە سائەت نازارەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. روھى مەسىلىلەرگە سىياسى تەدبىرلەر كار قىلماس. نامسىز كىشىلەر بۇ قېتىم ئانىغا بولغان كۆڭۈل ئەشيالىرىنى بىرقانچە قورۇلاردىن ئاتلاپ، تاملاردىن تاشلاپ بېرىشكە باشلىدى. ئانا سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىسىغا چىققاندا، تام تاملاردىن تاشلانغان خەلقىنىڭ يۈرەك سوغىلىرى بىلەن قارشىلاشتى. كىچىك-كىچىك باغاقچىلارغا يېزىلغان، ئانىغا ئۈمۈت ۋە جاسارەت بەرگۈچى سۆزلەرنى ئوقىغان ئانىنىڭ يۈزىدە خوشاللىق ئالامەتلىرى جىلۋە قىلاتتى. باغاقچىلارنىڭ  بىرىگە شۇنداق يېزىلغان ئىدى. خەلق كىملەرنى بېشىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، كىملەرنى يەرگە ئۇرۇشنى بەك ياخشى بىلىدۇ. خەلق ئارقىڭىزدا ئامان بولۇڭ ئانا. ئانا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۆت ئوغۇل ئانا مەھەللىسى ۋە سۆيۈملۈك ئانىسىغا مۇنداق شېئىرى مەكتۇپ ئەۋەتتى.
ئەي تۆرەم مەھەللىسى،تۆرەمنىڭ مەھەللىسى،
كەتتى دەپ رەنجىپسەن مەندىن.
كەتكەنلىكىم ھەرگىز كەچكەنلىكىم ئەمەس،
ئەسلىدە سەنمۇ قالمىدىڭ ئۇندا
كۆتۈرۈپ كەتتىم سېنى، يۈرەك تومۇرلىرىمدا.

گەر ئۆزەم ئستانبۇل،پارىژ،ۋاشىنگتون،تورونتودا،
قەلبىمدە چۇقانلىرىم سەن ئۈچۈن ياقا يىرتار.
ئەي تۆرەم مەھەللىسى،مەۋجۈتلىغىم يىگانە قورغىنى،
قانداق كەچەي سەندىن؟
سەندە تۇرسا يىلتىزىمنىڭ جەننىتى فىردەۋىسى.

يىراق دېڭىز ساھىللىرىدا تىنىم،
ئەمما سېنىڭ بىلەن پىچىرلىشار، روھىم ۋە جېنىم.
توساقلار توسىيالماس ئىككى روھنىڭ پىچىرلىشىشىنى،
شۇڭا ئەي تۆرەم تىلەيمەن ساڭا روھى ئەمىنلىك.

ۋەتەندىن كەتكەنلىك كەچكەنلىك ئەمەس،
جۇدالىق چەكمىگەن ئاشىقلق ئەمەس.
لەڭمەن يىمىگەنلىك، كەچكەنلىك ئەمەس.
تەمبۇرسىز ياشىماق تانغانلىق ئەمەس.

كېلىدۇ بىر كۈن يىراق كەتكەنلەر،
كېلەلمەيدۇ ئەمما كەتمەنلەنگەنلەر.
قايتىدۇ بىر كۈنى،جاھان كەزگەن يىگىتلەر،
سەھەر ۋالىسىغا پىقىراپ، بوغدا ئانا بىلەن.

ۋاپاسىز يار دىمەڭ بىزنى،
ۋاپا ئىزلەپ ئۆزگە يۇرتقا كەتكەنلەرنى.
ئاھ دوستلار خەير-خوش گەر كەتمەنلەنسەم يوچۇن تۇپراقتا.
جاھان كەزدىنىڭ بالىسى بارىدۇ بىر كۈن،
ئېتەككە چۈشكەن ياقىلارنى يەنە ياقا قىلىپ.

ئەي قەھرىمان ئانا،
ھازىرلا سۆسسەن تۇماقلىرىڭنى.
قوي قاشلىرىڭغا كۆپ-كۆك ئوسمىلار،
چۈنكى ھازىرلىقسىز قالما،
سۈبھى تاڭ دەرۋازاڭ ئۇرۇلغاندا.

بىر كۈز كېچىسى، ئالما-تاش ئالما يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ يەرگە چۈشكەن،ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە تال تاش ئالما يوپۇرماقسىز شاختا، كۈز شەبنىمى بىلەن ئاشىق مەشۇق بولۇشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئانا ئاللانىڭ ھەققى رەخمىتىگە ئېرىشتى. شەھەر خەلقى قوزغۇلۇپ كەتتى. كىشىلەر توپى ناگان-ناگاندا سۈتچى ۋە پوچتىكەش تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ قالىدىغان بۇ دەرۋازىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى. ئۆلۈمگە كەلگەنلەر ئۈستىلىرىگە ھاۋارەڭ كاستىيۇم، ئاياللار ھاۋا رەڭ ياغلىق، ياشلار ھاۋارەڭ گالىستۇك تاقىشىپ، باشلىرىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىشكەن ئىدى.ئانا ئاخىرەتلىكىگە ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ھازىرلاندى. ئۇنىڭغا خەلقى تەرىپىدىن تىكىلگەن ئاق ۋە ھاۋا رەڭ ئارلاشتۇرۇلغان كىپەنلىك كىيدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تاۋۇتىغا ھاۋا رەڭ ئىپپەك رومال يېپىلدى. ئانىنىڭ مىيىت نامىزىغا خەلقتىن بەكرەك ساقچىلار يېغىپ كەتتى. دەپنە مۇراسىمىدىكى ئەھۋاللارنى كۈزۈتۈپ تۇرغان، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غەزەپ بىلەن ۋاقىردى قول ئاستىدىكىلەرگە، نېمە دېگەن جىق ھاۋا رەڭ بۇ؛ بۇنىڭ بىر مەناسى بارمۇ قانداق؟ ئەمما ئىككىنچى قېتىم روھى مەسىلىلەرگە سىياسى تەدبىرلەر كار قىلماس ئىدى.
ساقچىلار مىيىتنى ماشىنىغا سېلىشنى كۆپ قېتىم ئۆتۈنگەن بولسىمۇ،ئەمما رەت قىلىندى. ئانىنىڭ جىنازىسى خۇددى تەختىراۋاندا شەھەر ساياھىتىگە چىققان پادىشاھتەك، قولدىن قولغا ئېلىنىپ، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى قەبرىستانلىققا قاراپ ئاستا لەپىلدەپ ئۇچماقتا ئىدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بۇيرۇق كەلدى. مىيىت ماشىنىغا سېلىنسۇن !!!رەت قىلىندى. ئۈچىنچى قېتىم روھى مەسىلىلەرگە سىياسى تەدبىرلەر كار قىلماس. ئانىنىڭ دەپنە مۇراسىمى بۇ شەھەر تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا، ئەڭ داغدۇغىلىق،ئەڭ ئادەم سانى كۆپ بولغان بىر مۇراسىم بولدى. ئانىنىڭ مىيىتى ناھايىتى كاتتا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ، قولدىن قولغا ئاستا ئۇشلۇنۇپ، قەبرە ئىچىگە يەرلەشتۈرۈلدى.
دەرۋازا يەنە ئۇرۇلدى. بۇ قېتىم ئۇرۇلغىنى زىمىننىڭ دەرۋازىسى ئەمەس بەلكى جەننەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ۋە  كاتتىسى بولغان جەننىتى فىردەۋىسنىڭ دەرۋازىسى ئىدى. جەننەت ئەھلى بۇ ھەق ئادالەت پىشىۋاسى ئۇيغۇر ئانىنى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىشتى.