شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرريىتىنىڭ 81 يىللىغىنى ئەسلەيمەن

 

ئاپتور: ئىز

ھايات مەن ئۈچۈن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مۇھەبەت.
ۋە لىكىن كەچىمەن ھەر ئىككىلىسىدىن،
ئەركىنلىك ئازاتلىق ئۈچۈن مەن پەقەت.

(  ساندۇر پەتوفىي 1823-1849 )

شەرقىي تۈركىئاتان ئىسلام جۇمھۇريىتى بۇندىن 81 يىل مۇقەدەم ، مەرھۇم ئۇستاز ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۆيۇملۇك ئوغلانى، دۆۋلەت ئەربابى، مۇتەپەككۇر ئالىم سابىت داموللام (1883-1941) رەخپەرلىگىدە ، ھوتەن دىخانلار قوزغىلاڭىنىڭ غەلبىسى بىلەن 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقىرىلىدۇ.
بۇ بايراق ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتى، ئاساسىي قانۇن ۋە دۆلەت مارشى ئېلان قىلىندۇ.
دۆۋلەت بايرىقىمىزنىڭ رەڭگىنىڭ كۆك رەڭ بولۇشى بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىدائى ئىتىقاتتى (تۇتۇم) بولغان كۆك ئاسمان ئىلاھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ھەلقى قەدىمقى زامانلاردا كۆك ئاسماننىڭ رەڭگىنى تەڭرى ئىلاھىنىڭ سۇپىتىنى بىلدۇردىغان رەڭگە ئايلانغان. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ مۇقەدەسلىگى كىلىپ چىققان. ئوغۇزخان داستانلىرىدا بولسا ئوغۇزخان تۇغۇلغاندا يۇز-كۆزىنىڭ كۆپ-كۆك بولۇشى، ئوغۇزخان ئەسكەرلىرىنى بىر كۆك يايلىق، كۆك تۇكلۇك، ئەركەك بۆرىنىڭ يول باشلاپ ماڭىدىغانلىغى رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئادەتلىرىمىزدە كۆك رەڭ بەك مۇھىم بولۇپ، تا ھازىرغگىچە قۇمۇل رايونىدا ساقلىنىپ قىلىنغان قەدىملىغى كۈچلۇك بولغان “كۆك مەشرەپ” بار بولۇپ ، مەشرەپتە مۇنداق نەزمىلەر ئېيتىلىدۇ:
ئۇل خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن،
بىرلا كۆكەردى شۇ كۆكۆم.
شاھى رەڭلىك، غۇنچە مەڭلىك،
دەرمەھەل ئۆستى كۆكۇم.
كۆك ئۆچكىنى ئۆلتۇرۇپ،
چەرۋىسىنى ئوتقا قاقلىسىللا.
كۆكنى تۇتقان بىز ئىدۇق،
بىزنى ئۇنتۇپ قالمىسلا.

بۇ دەل شۇ كۆك رەڭ مۇقەدەسلىگىگە باغلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مۇتەپەككۇر ئۇستاز سابىت دامموللا بايرىقىمىزنى مىللىتىمىزنىڭ سىمھوللى كۆك رەڭ ، مۇقەددەس ئىسلام ئېيتىقاتىمىزنىڭ سىمھولى ئاي-يۇلتۇزنى بىرلەشتۇرۇپ ، بايرىقىمىزنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق قىلىپ بىكىتكەن.
ئەپسۇسكى بۇ جۇمھۇريىتىمىزنىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزۇنغا بارماي، بۆشىگىدىلا ئىچكى ۋە تاشقى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىغى بىلەن ئۇجۇقتۇرۋىتىلىدۇ. شۇنداق مىڭلىغان ، ئون مىڭلىغان شەھىتلارنىڭ قان بەدىلىگە كەلگەن بۇ جۇمھۇررىيەتتىڭ قۇرۇلۇشىدىكى تارىخى دەۋرىلەرگە نەزەر كۆزىمىزنى ئارتتۇرىدىغان بولساق   ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇرىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى.
خەلقىمىز بولسا ياڭ زەڭشىن (1863-1928 ) نىڭ 17 يىللىق مۇستەبىت ھاكىميىتى دەۋرىلىرىدىن باشلاپ يەنى 1912-يىلى ياڭ زەڭشىن تەختىگە چىقىپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ پۈتۇن مەمۇرى، ھەربى ، سىياسى ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئىلىپ ، ئىنتايىن ھىلىگەرلىك بىلەن سىياسەت يۇرگۇزۇپ، ئىلغار پىكىرلىك زىيالى ۋە ئالىملىرىمىزنى ئۆلتۇرۇپ، مىللەتنى نادان قالدۇرۇش سىياسىتى بىلەن دۆۋلەت باشقۇردى. مانا بۇ چاغدا قۇمۇلدا تۆمۇر خەلپە يىتەكچىلىگىدىكى دىخانلار قوزغىلاڭى پارتلايدۇ ، لىكىن سىياسى سېھىرگەر، مەككار تۈلكە ياڭ زەڭشىن “يولۋاسنى تاڭدىن چۈشۇرۇپ، قەپەزگە سولاش” ھىلىسىنى ئىشلىتىپ ، قول ئاستىدىكى تۇڭگان ھەربى سىلىڭ ھەم دىندىن ئومدان خەۋىرى بار ، لى شىفۇنى 12 تاغنى ئىگەنلەپ ياتقان تۆمۇر خەلپىنىڭ يىنىغا سۇلھى قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. لىشىفۇ تۆمۇر خەلپىنى ئۇرۇمچىگە ئەكىتىش ئۈچۈن مۇنداق يالغان قەسەم ئىچىدۇ:” جامائەت مەن ھازىر ئاللانىڭ ئۆيى بولغان بۇ مەسچىتى مۇبارەكتە ھەرقايسىلىرىغا ناھايىتى مۇھىم بىر گەپنى ئېيتىمەن. مەن ئاللا تا ئالانى بىر، مۇھەممەت مۇستاپا سەللاھۇ ئەلەيھىسالامنى ئاللانىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ھەق روسۇلى دەپ، دىلىم بىلەن تەستىق ۋە تىلىم بىلەن ئىقرار قىلىپ، مەھشەر كۇنى جاۋاپ بەرگۇچى بەندىلىكىم بىلەن شۇنى ئەيتىمەنكى : ياڭ جاڭجۇن جانابىلىرى تۆمۇر خەلپىنى ئۇرۇمچىگە چىللىشىدا قىلچە يامان نىيىتى يوق .ھەممىسى ئەل-يۇرتنىڭ ئامانلىغى ئۈچۈن. بۇ گىپىم يالغان بولسا ، مانا قولۇمدا تۇرغان مۇشۇ ئۇلۇغ قۇر´ئان كەرىم مىنى ئۇرسۇن. قىيامەت كۇنى ھەممىڭلارنىڭ قىزىل تىرنىغى پېقىرنىڭ ياقىسىدا بولسۇن! “ . ۋاھالەنكى مىڭ ئەپسۇس تۆمۇر خەلپە ئۇرۇمچىگە ئالدىنىپ كىلىپ، 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۇنى ياڭ زەڭشىننىڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتلە قىلىنىدۇ. مانا مۇشۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلغان ھوجا نىياز ھاجى ئۇ چاغدا تۆمۇر خەلپە بىلەن ئۇرۇمچىگە بارماي تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ، تۆمۇر خەلپە ئۆلتۇرۇلگەندىن كىيىن، قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇغى چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھوجا نىياز قۇمۇل تاڭلىرى ئارقىلىق ئالتاي، چۆچەك تەرەپلەردە يۇرۇپ ، ئاھىرى سوۋەت ئىتىپاقىغا ئۆتۇپ كىتىدۇ. ئۇ ياركەنتتىكى ۋەلىباي دىگەن كىشىنىڭ قولىدا ئىشلەپ يۇرۇپ، نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر زىياللىرى ۋە سودىگەرلەر بىلەن تونىشىدۇ. ئۇ چاغالاردا ئالماتادا 1878 –يىللىرى چار روسسىيەنىڭ ئىلىنى بىسىۋىلىپ، ئىلىدىن مەجبۇرى يەتتە سۇ رايونىغا كۆچۇرگەن ئۇيگۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بىرى بولغا ئابدۇللا روزىباقۇيۇپ دىگەن بالا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئويغۇتۇش، ئىلىم –مەرىپەت بىلەن كۆزىنى ئىچىپ، ئاخىرى ۋەتىنىمىزنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسىتىدە 1916- يىلى “جوڭغار تارانچىلار ئىتتىپاقىنى “ قۇرغان ھەم بولشىۋىكلار پارتىيەسىگە مەخپى ئەزا بولغان بولۇپ، كىيىن ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلبە قىلغاندا ياركەنت رايون ئىنقىلاۋى كۇمىتىتنىڭ باشلىغى بولغان ، كىيىن ئالماتا ئىنقىلاۋى كۇممىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مۇھىم ھىزمەتلەردە بولغان بۇ يىگىت 1919-يىلى ئالماتاتا “جوڭغار تارانچىلار ئىتىپاقى” نىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرلىپ ، بۇ يىغىندا “جوڭغار تارانچىلار ئىتىپاقى” نى “ ئۇيغۇرىستان ئىنقىلاۋى ئىتىپاقى” قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا ھوجا نەياز ھاجى ئابدۇللانىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بۇ تەشكىلاتتاقا ئەزا بولىدۇ. بۇ تەشكىلات 1921-يىلى شۇ چاغدىكى تۈركىستاننىڭ مەركىزى بولغان تاشكەنتتە 111 ۋەكىلنىڭ قاتتىشى بىلەن چوڭ بىر يىغى ئىچىپ ، مۇھىم قارارلارنى ئالىدۇ. يەنى ئىلى رايونى ۋە قەشقەريەدە ئۇيغۇرلارنى ئويغۇتۇپ، جەددىچىلى مەكتەپلەرنى ئىچىش ۋە ئاخىرى ئۇيغۇرىستاننى قۇرۇپ چىقىش . ۋە شۇ يېلى ئۆزىنىڭ ئارزۇ ، ئۇمۇتلىرى پۇتۇلگەن نىزام-نامىلارنى ئىلىپ، ئابدۇللا روزاباقىيۇپ باشچىلىغىدىكى ئۈچ كىشلىك ئۆمەك موسكوۋاغا بىرىپ، لەنىن بىلەن كۆرۇشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ سوۋەت ئىتىپاقىنىڭ ھامىلىسىدىكى ئۇيغۇرىستان قۇرۇش پىلانىنى تاپشۇرىدۇ.  ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻟﻪﻧﯩﻦ ﺋﯘﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﺩﺍ ﺟﺎﯞﺍﭘﻨﻰ ﻛﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ 9 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯘﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ،”ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻥ” ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﻯ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ “ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ” ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﻩﺗﺘﺎ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﮪﻮﺟﺎ ﻧﻪﻳﺎﺯ ﮪﺎﺟﻰ 1923-ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩﻟﯩﺒﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.
1928-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆلۇپ، ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولىدۇ. شۇ يىلى يەنى 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياڭ زەڭشىڭ ئۇرۇمچى قانۇن مەكتىۋىنىڭ 1-قارار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۇتتۇش مۇراسىمىدا ، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى گومىڭ داڭچى (خەلق ئىنقىلاۋى پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى) فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئىتىپ ئۆلتۇرىلىدۇ. ئورنىغا پۇرسەت پەرەز، ئەپيۇنكەش جىن شۇرېن (1979-1941) ئەسكىرى كۈچىگە تايىنىپ، فەن ياۋنەنى ئۆلتۇرۇپ، ھاكىميەتنى قولغا ئىلىپ ، پۈتۈن ئۇيغۇرىستاننىڭ دۇبىنى دەپ ئاتايدۇ. جىن شۇرېن ھاكىميەت بىشىغا چىققاندىن كىيىن خەلىقنىڭ كۈنى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ، پۇل پاخاللىغى ئېغىرلاپ، ئالۋاڭ-سىلىق كۆپىيدۇ. بۇنىڭ بىلەن 1931-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى جىن شۇرېنىڭ بىر تۇققان قىرىندىشى ، قۇمۇل ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ ۋالىسى زھاڭ گوھۇئا بىر ئۇيغۇر قىزىغا مەجبۇر توي قىلماقچى بولۇپ، 33 نەپەر چىرىكى بىلەن كىلىپ، داققا-دۇمباقلار بىلەن مۇراسىم ئۆتكۇزىدۇ، بۇ پۇرستتىن پايدىلانغان خەلق چىرىكلەرگە شاراپ ئىشكىزۇپ، مەس قىلىپ، قوللىرىدىكى قوراللارنى تارتىۋىلىپ، ھەممسىنى ئۆلتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىتىم قۇمۇل دىيارى ۋە پۈتۇن ئانا زىمىن ئويغۇنۇپ كىتىدىدە، ئىنقىلاپنىڭ يالقۇنلۇق ئوتى پۈتۈن ئۇيغۇرىستان زىمىننى قاپلايدۇ. ھوجا نەياز ھاجى ئالدىن پىلانلىغان ئىنقىلاپنىڭ پەيتى يىتىپ.كەلدى دەپ بىلىپ، سالىھ دورغا، ئابدۇنىياز مىراپلار بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ چىقىدۇ. بىرنەچە قىتىملىق جەڭلەردىن كىيىن ھوجا نەياز ھاجى قوشۇنلىرى قۇمۇلنى تەل-تۇكۇس ئازات قىلىدۇ. 1932-يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭچىلار ھوجا نەياز ھاجىنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ قوزغىلاڭنىڭ زەربىسىدە جىن شۇرېن ھاكىميىتى تەۋرىنىپ قالىدۇ. 1933-يىلى 6-ئايدا ياپونويەدە ئوقۇپ كەلگەن ھەربى ئەمەلدار شېڭ شىسەي ئاتالمىش “12-ئاپرىل” ئۆزگىرىشىنى قىلىپ، جىن شۇرېننىڭ ئورنىغا چىقىدۇ.
شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنلىرى بولسا ھوجا نەياز قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ كۆپ چىقىم تارتىدۇ، جەڭ بىلەن يېڭىشقا كۆزى يەتمىگەن مەككار، قىلتاقچى شېڭ شىسەي چوڭ ھېلىلەردىن ئاجىز قىلىپ، دوسلۇق زەنجىرىنى قىمىرلىتىپ، دوسلوق سۇرتى بىلەن قولىدا “دوسلۇق قوڭغىرىقىنى “ جىرىڭلىتىپ، چىتاي خان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز رەقىبىنى يوقۇتۇشتىكى ئەڭ ئۇنملۇك ئەنەنىۋى كىلاسسىك ئۇسۇلى “ئەمەلگە تەيىنلەش ھىلىسى” نى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.
1933-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ھوجا نەياز ھاجىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى فۇكاڭغا شېڭ شىسەينىڭ ۋەكىللىرىدىن چىڭ دىلى، ھۇسەيىنبەگ، تۇرسۇن بابا، مەنسۇرجانباي، ئەخمەتھان دارىن ۋە سوۋەت كونسولىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق 7 كىشى كىلپ، ھوجا نەياز ھاجىغا سوۋەت كىپىل بولىدۇ دەپ، 10 ماددىلىق ئۇرۇش توختىتۇش بىتىمى تۇزۇلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: خىنجىئاڭ ئۆلكىسىنى سىمال ۋە جەنۇپ دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، بىتىمگە ئىمزا قويۇشقان ھەر ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇرۇش مەزگىلىگىكى ئۇرۇمچى ۋاقىتلىق ھۆكۇمىتى بىلەن جەنۇبۇ خىنجىئاڭ ۋاقىتلىق ھۆكۇمىتى باراۋەر ئىدارە قىلىنىدۇ. قۇمۇل، تۇرپان، پىچان، توخسۇن قاتارلىق رايونلار جەنۇبى خىنجىئاڭغا، بارىكۆل بولسا شىمالى خىنجىئاڭغا تەۋە قىلىنىدۇ. جەنۇبى خىنجىئاڭنىڭ ھەربى، مەمۇرى، جۇملىدىن مالىيە ھوقۇقى جەنۇبى خىنجىئاڭ ئامانلىق قوغداش باش قوماندانى ھوجا نەياز ھاجى باشچىلىغىدىكى جەنۇبۇ خىنجىئاڭ ۋاقىتلىق ھۆكۇمىتى قولىدا بولىدۇ. ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرىنى شۇ ھۆكۇمەتنىڭ ئۆزى باشقۇرۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ تېزىملىگىنى ئۇرۇمچى ۋاقىتلىق ھۆكۇمەتكە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبۇ خىنجىئاڭ ھۆكۇمىتى 5000 دىن كۆپ ئەسكەر ساقلىمايدۇ. خىنجىئاڭدا ئۇرۇش تۇگگەڭە قەدەر، مەزكۇر قوشۇننىڭ قورال-ياراقى بىلەن ئوق-دورالىرى ئۇرۇمچى تەرەپ تەمىنلەيدۇ ۋە ئەۋال ئىككى ئايلىق مائاشى دەرھال تارقىتىلىدۇ. زۆرۇر تىپىلغاندا بىر تەرەپنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭغا شەرتسىز ھەربى ياردەم بىرىدۇ ۋە ياردەم زۆرىيىتى تۇگگەن ھامان ئۆز تەۋەسىگە قايتىدۇ. بۇ بىتىم خىتايچە، ئۇيغۇرچە 3 نۇسخا قىلىپ يىزىلىپ، بىر نۇسخىسى مەركىزى ھۆكۇمەتكە يوللاندى، جەنۇبۇ ۋە خىمالى خىنجىئاڭ ھۆكۇمىتى بىر نۇسخىدىن ئىلىپ قىلىندى. بۇ بىتىمغا شېڭ دوبەن بىلەن ھوجا نەياز ھاجى ئىمزا قويدى، تامغىلىرى باسىدۇ ۋە ئۇرۇمچىدىكىن سوۋەت باش كونسولى شايىت بولۇپ قول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ھوجا نەياز ھاجى جەنۇپ تەرپكە يۇرۇپ كەتتىدۇ . لىكىن يولدا داۋاملىق ما جۇيىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ماڭدى.
ئەمدى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك سابىت داموللا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنى قۇرۇپ، مەرتلىك بىلەن رەئىسلىككە ھوجا نەياز ھاجىنى بىكىتكەن بولسىمۇ، بۇ قوپال ، سۇرلۇك، قارام، تەرسا، ساددا، ئاق كۆڭۇل، نادان ، مەردانە دىخانلار قوزغىلاڭىنىڭ بۇ داھىسى دۈسمىنىنىڭ ھىلىسىگە ۋە سوۋەت ئىتىپاقىنىڭ ئاتالمىش ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆز قىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ قەقرىمانلىرى قۇرغان بۇ جۇمھۇر رەئىسلىكنى قوبۇل قىلماي، ياتلارنىڭكى ياردەمچى رەئىسلىكىنى قوبۇل قىلدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇررىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان سابىت داموللامنى ئۇرۇمچىگە يالاپ ئاپىرىپ، جاللات شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بەرىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە ، ئۆزى ئۆلكىلىك ھۆكۇمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ھوجا نەياز ھاجىمغا سېڭ شىسەي .ئۆزى ئورۇس يېرىدىن ئەكەلدۇرگەن ئارغىماقلار بىلەن ھادىك سوغا قىلدۇ ھەم ئۇستىلەپ بىر سوۋەتنىڭ قارا پىكاۋىنىمۇ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھوجا نەياز ھاجى چوڭ ئايالى قەمبەرھانىمنى ئۆزى تۇرغان مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. كۇچا خېنىمى خان ئايىمنى ئۇرۇمچى شىخابادىكى روزى ھاجىمنىڭ باغچىسىغا، قۇمۇلدىكى ئايىمىنى تۇرپانغا كۆچۇرۇپ، قورا-جاي قىلىپ، ئورۇنلاشتۇردى. ئۆزى بولسا خېنىملار ئارىسىدا باركاننىڭ موككىسىدەك قاتراپ، بىردە قارا پىكاپتا، بىردە ئورۇس ئارغىمىقى قوشۇلغان ھادىكتە ھېچنىمىدىن غىمى يوق بەھىرمان كۈن ئۆتكۇزۇپ يۇرىۋىرىپ، 1937-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ياپون جاھاڭىرلىگىنىڭ جاسۇسى شۈيتىيەن بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ، خىنجىئاڭدا ئىسلام دۆۋلىتى قۇرماقچى بولدۇڭ دىگەن بەتنام بىلەن قولغا ئالىدۇ. 1938-يىلى كۇزدە ھوجا نەياز ھاجى باشلىق قۇمۇل دەخانلار قوزغىلاڭىنىڭ رەخپەرلىرىدىن سالىھ دورغا، گۇسۇل، باقى نەياز ھاجى ۋە باشقا كامال ئەپەندى، ***** ئەپەندى، بوقان خېلىل قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر ئوغلارلىرىدىن 108 كىشىنى بوغۇپ ئۆلتۇرۇپ، جاڭ گۇئاڭچەن باشچىلىغىدىكى جاللاتلار، سايۇپۇنىڭ غەربىدكى تاققا كۆمۇۋىتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ دىھانلار غوزغىلاڭىنىڭ داھىسى ، “شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇررىيىتىنىڭ” جۇمھۇر رەئىسى ۋە شۇنداقلا مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەپچىلىرىنىڭ بىرى ، شۇنچە زور قوزغىلاڭلارغا تۇتۇش قىلغان تۇرۇقلۇق، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ نىشانىنىمۇ ئىنىق بىلمەي، ھەتتا بايراق لايىھىلەشنى ئويلاپمۇ يىتەلمىگەن ، ئىزىلگەن خەلىقنىڭ بېشى تۇرۇقلۇق، دۈشمىنىگە قول بەرگەن بۇ ساددا باشچىمىزنىڭ ھاياتى بولسا تارىختا ئۇيغۇر مىللىتى كۆنۇپ قالغان ، ئىچىنىشلىق تېراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولمىسىمۇ ،بىزگە پەخىرلەڭىدەك ئەجداتلار روھىدىن بىر داساتان مىراس قالدۇرىدۇ.
ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان روھى جەۋھەرلىرىنى ئۇنۇتماسلىغىمىز، ئەسلەپ، ياد ئىتىشمىز بىزنىڭ مەنىۋى ئازاۋىبىمىزغا مەغلەم بولىدۇ.
تارىخ بولسا ھاياتنىڭ ئەينىكى، تارىخ ئەۋلاتلارنىڭ ئۇستازى.
تارىختىكى قەقرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش بولسا داۋاملىق قىلىنغان ئىبادەتكە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ روھىمۇ جەننەت ۋە دوزاقتەك قاتمۇ-قات بولۇپ، سىز جەننەت قىسمىغا نەزەر سالسىڭىز گۈزەل باغلار، ھۇشپۇراق گۈللەر ، سۇپ-سۇزۇك ئاققان ئىرىقلارنى كۆرۇسىزدە، ئۆزىڭىز مەغرۇر ھىس قىلىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى داۋاملىق بۇ تارىخى ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ ، ئۇلاردىن ئۈلگە ئىلىپ، ياخشى ئىش ياخشى ھەركەت بىلەن شۇغۇلنۇپ ، روھىڭىزنى پاكلاپ تۇرسىڭىز ئەلۋەتتە سىز داۋاملىق روھى دۇنيارىڭىزنىڭ جەننەت قىسمىدا ياشايسىز.
ئەگەر سىز ئەكسى ھالدا روھى دۇنيارىڭىزنىڭ دوزاق قىسمىغا مەنسۇپ بولۇپ قالسىڭىز، ئۇھالدا ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ئەسكىلىگىڭىز، رەزىللىگىڭىز بىلەن داۋاملىق يۇزلۇشۇپ، ھاياتىڭىزدا قىلغان پۈتۈن شەرمەندىلىكلەر سىزگە ئۆز سايىڭىدەك ئەگىشىدۇ. ھاياتىڭىزدا قىلغان ئەسكىلىگىڭىز، قىلغان يالغانچىلىغىز، كىشىلەرگە بەرگەن ئازارلىرىڭىز، ھەسەتخورلىقىڭىز، ئەسكى نىيەتلىرىڭىز، خائىنلىقىڭىز، بىر ۋاقىتلاردا چىن يۇرەكتىن قىلغان قەسەملىرىڭىز كىيىن ئۇ قەسەمنى شەرمەندىلەرچە بۇزغانلىقىڭىز ….. مانا بۇلار مەڭگۇلۇك كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. دەل شۇچاغدا بىلسىزكى ئۆز روھىڭىزنىڭ نەقەدەر كىرلەشكىنىنى!
ھازىر مىللىتىمىز ناھايىتى بىر زور تىراگىدىيەلىك سىناققا دۇچ كەلدى. بۇ تىراگىدىيە ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئۆز ئۇستىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىشى كىرەك.
بۇنداق ئۆزى بىلەن ئويلىنىشقا مەجبۇر بولۇش بىر قىتىملىق مەدەنىيەت گۈللىنىش ۋە مۇستەققىلىق تۇيغۇسىنىڭ پىلتىسى بولىدۇ.
ھازىرقى مىللەتنىڭ ئۇستىگە كەلگەن تىراگىدىيەلىك ھالاكەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنساننىڭ قىممىتىنى، ھاياتنىڭ چەكسىز قەدىرلىگىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. مىللەت مۇنداق ھالاكەتنىڭ زەربىسىدە روھى جەھەتتىن يەنە بىر قىتىم چۆچۇپ ئويغۇنۇپ، ئۆزىدىن يوشۇرۇن كۈچنىڭ چەكسىز نۈرىنى قېزىپ چىقىدۇ. ئۆزىنىڭ بىزىپ ئۆتكەن سەلتەنەتلىك ئىزلىرىنى ئەسلەپ، تارىختىكى غايەت زور مەنىۋى ئېتېتىقاتى ۋە ئىشەنچىلىرىنىڭ سىرلىق قەسىرلىرىنى ئۆزىنىڭ توختاۋسىز قەدەملىرى بىلەن يەنە بىر بىسىشقا ئۇمۇتلەندۇرىدۇ.
ئۆتمۇش بولسا بىر كۆلەڭگۇ، بۇگۇن بولسا رەئاللىق، كەلگۇسى بىر مەۋھۇم تەسەۋۇر، نىھايەت كەلگۇسى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىللىققە بولغان ئۇمۇدى.
ئۆتمۇش بىر كۆلەنڭۇ بولسىمۇ، بىر تۇپ ئالما دەرىخى ئۈچۈن تۇپراققا كۆمۇلگەن يىلتىزى قانچە مۇھىم بولغىنىدەك ، بىز ئۈچپنمۇ بىزنىڭ ئەسلىمىز، نەسلىمىز، ئەتقادىمىز ۋە ئۇمۇتلىرىمىز كۆمۇلگەن يەراق ئۆتمۇش شۇنچىلىك مۇھىمدۇر.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىدىن بىزگە مىراس قالغان كۆك بايراقنىڭ چۈشۇرگەن غۇۋا شولىسى، روھى تېرىلىشىمىزنى يەنى ماددى بايلىق چۇشەپ قويغان ئىنسانى روھىنىمىزنى تىرىلدۇرۋاتىدۇ. تېرىلىش ، ئويغۇنۇش بولسا ئىنسان روھى ئاتا قىلغان غەرەزلىك ئىمتىھاندۇر. بۇ روھنىڭ تىرىلىشى ئانا ۋەتەندىن ئۇزاق ئايرىلغان بىزدەك ئىنسانلارغا، ھاياتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇغىدۇر، مىللىتىمىزنىڭ غورۇرىدۇر. ۋۇجۇدىمىزنى ئىللىتىۋاتقان سىرلىق سوقۇشلارنىڭ، پولات سىملاردىن ئەلەكتەر ئىقىمى ئەمەس بەلكى كۆك ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ كۆكۇش نۇرلىرىدىكى جۇشقۇنىۋاتقان ئىسسىق قان ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىدۇ
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ 81 يىللىغىنى ئەسلەپ، تېزغان بۇ ساتىرلىرىمنى ئۇستاز سايرامىنىڭ مۇنۇ نەزمىلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
مۇشەررەپ بىلدىي، ئەۋلاتتىكى ئانا قەرزىدە ئۆلمەكنى،
ۋەتەن تۇپرىقىدا ئوقيا تۇتۇپ، جەڭدە كۆمۇلمەكنى.
ساناقسىز مەرد قېنىدىن بولدى ھازىلكى قىزىل دەريا،
سەۋەپ ئەركىن نۇمۇس بولغاچ ۋەتەنسىز ياشىماق تەنھا!

ھۆرمەت بىلەن :
ئىز

07.11.2014 گېرمانىيە

http://www.azatliq.de/forum.php?mod=viewthread&tid=2999