شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇررىيىتىنىڭ 70 يىللىغىنى ئەسلەيمەن!

 

( ئىز )


„ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯗﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯜﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.“
(ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ)

ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 70 ﻳﯩﻞ ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﻡ، ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﺱ ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﺎﮪﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ –ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ –ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻟﯩﮕﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﻪﺗﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺳﯚﻳﯘﻧﯘﭖ، ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺳﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺋﯩﯖﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﯘﺳﺘﻘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻐﺎﻥ ﻻﻳﯩﻖ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻞ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﻪﺗﺘﯘﺭ.

ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﻳﯘﺭﮔﯩﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﮪﯚﻛﯘﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻻﺳﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ، ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻏﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﻓﺎﺗﯩﻖ ﺑﺎﺗﯘﺭ(ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ)، ﺋﻪﻛﭙﻪﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ(ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﻏﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

1944-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ 50 ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺳﺘﺎﻳﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ „ﺋﺎﺕ ﺳﯧﻠﯩﻐﻰ، ﭼﯚﭖ ﺳﯩﻠﯩﻐﻰ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺩﯨﺨﺎﻥ-ﭼﺎﺭﯞﯗﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺕ-ﺋﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻻﯓ-ﺗﺎﻻﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺎﻟﺮﺩﺍ ﺟﺎﻟﯩﻨﻘﯘﻝ، ﺟﺎﺗﺘﻮﻏﺎﻥ، ﻛﯚﻛﺘﺎﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﻏﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺩﻩﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻏﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ „ﮪﯘﺭﺭﺍ“ ﺩﻩﭖ، ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻱ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﻳﻪﺭ ﭼﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﯞﯗﺟﯘﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺗﯩﺮﻩ-ﭘﯩﺮﻩﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ،10 ﺋﯚﻟﯘﻙ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﻪﺩﻩﺭ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮪ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ 1-ﭘﺎﻱ ﺋﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻏﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ 500 ﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، 3 ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻜﻪ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
1-ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻜﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺋﻪﻛﭙﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2-ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻜﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﻓﺎﺗﯩﻖ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3-ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻜﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﻏﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯜﻧﻰ ﻧﯩﻠﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ 800 ﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ. 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﻣﺎﺯﺍﺭ 21-ﭼﯩﺴﻼ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ “ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ” -ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6-ﻛﯜﻧﻰ ،3 ﻳﯚﻟﯘﻧﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﺭﻧﻰ ﻣﯘﺋﺎﺳﯩﺮﻏﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻏﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﻩﺕ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، ﺳﻪﻳﯩﺖ ﺑﺎﺗﯘﺭ(ﺋﻪﻛﭙﻪﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ، ﻓﺎﺗﯩﻖ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯩﺮﻩﻡ *****ﺋﻮﻑ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﮔﺎﯞ ﯞﯨﻴﯩﯔ ﻣﻪﯕﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﺎﻧﺨﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩﮪﺸﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎ ﺳﻮﻻﻧﻐﺎ 280 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮪﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﭘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﯗﻗﻘﺎ ﺋﯘﺳﺘﻰ-ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﺗﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ، ﺋﻮﻕ-ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﺟﯩﮭﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﯕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯗﻧﯘﺵ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﯕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﺯﻩﭖ-ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﮪﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻳﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﭗ “ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ” ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺑﯘ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ “ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ“ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ (ﮪﻪﺑﯩﺐ) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺑﯩﺐ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﺱ´ﮪﯘﻟﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻻﺭﻧﻰ، ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻨﻰ
ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺯﯗﺷﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 1914-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﻮﻝ-ﮪﯘﻧﻪﺭﯞﻩﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯩﻐﯩﺪﯨﻼ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻏﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﻜﻪ ﻛﯚﭼﻮﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻳﻪﺭﻛﻪﺗﺘﻪ 7 ﻳﯩﻞ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 1937-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1940-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﻪ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﻩﺭﺳﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻮﺳﻜﻮﯞﺍﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺭﻭﺳﭽﯩﻨﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺷﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
1940-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ﭼﯚﭼﻪﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻐﻰ ﮪﯚﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ. ﮔﻮﻣﻮﻧﺪﺍﯓ ﮪﯚﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺧﯟﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺑﯩﺐ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ، ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺭﻭﺱ´ﭼﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﻤﻤﯘﮔﺮﺍﺗﯩﻚ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﻨﮭﮓ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﻛﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺪﯨﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ 9 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻻﻳﮭﻪﺳﯩﻨﻰ ﮪﻪﺑﯩﺐ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ 9 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﮪﻪﻝ ﺑﻮﻟﮕﺎﮪﻨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺗﺎﻣﻤﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ “ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ” ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﮕﯩﺪﻩ ﮪﻪﻳﮭﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﻣﯘﺋﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍﺭﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﺪﻯ. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﺋﻪﺩﯨﻠﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ، ﮪﻪﺭﺑﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ، ﺗﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺧﭙﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﮪﯚﻛﯘﻣﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﮪﻪﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﮪﻮﺟﺎ، ﺋﯩﺪﺍﺭﺍ ﮪﻪﻳﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺭﻩﺧﯩﻤﺠﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮﮪﺎﺟﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯩﺮﻩﻡ *****ﺋﻮﻑ، ﻣﯘﮪﻪﻣﻪﺗﺠﺎﻥ ﻣﻪﺳﯘﻡ، ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ(ﮪﻪﺑﯩﺐ) ﻳﯘﻧﯩﭽﻰ، ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﯘﭖ، ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﻳﺮﻯ ﺗﯚﺭﻩ، ﻣﺎﺳﻜﺎﻟﻮﯞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ، ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻤﯩﺰ 1933-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﮭﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﺱ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﮭﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﺪﯗ.

1944-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻜﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﯩﺪﯨﺪﺍ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﭘﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﯜﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺶ ﻣﻪﯞﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻼﺭ ﻳﯘﺯﯨﻨﻰ ﺟﯘﻻﻻﻧﺪﯗﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯕﺪﺍﺵ، ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ، ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻼﯞﻩﺭ، ﻣﻪﺭﺕ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮪﻪﻡ ﻧﻪﭘﻪﺱ، ﮪﻪﻡ ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﻪﻡ-ﻗﺎﻳﻐﯘ، ﺩﻩﺭﺕ-ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯘﺗﯘﭖ، ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ-ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﯘﻧﯘﭖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﻳﻴﺎﺳﻰ، ﺋﯚﺯ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻐﺎ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﮔﻪﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﭖ، ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ، ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚﺭﻛﻪﺵ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﻥ ﺗﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﭖ، ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺩﺍﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺳﯩﺨﯧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﭼﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﮪﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﮭﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩﻣﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﮪﻪﻣﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯚﻛﯘﻣﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻐﯩﻦ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺷﺎﻛﯩﺮﺧﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1885-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21-ﻛﯜﻧﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ(ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﮪﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻲ ﺗﺎﮪﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺳﺎﻏﯘﻧﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺷﺎﻛﯩﺮﺧﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩﻧﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻣﻪﺩﯨﺮﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1916-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﭼﺎﺭ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻜﺘﯩﺮﺍﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ . 1920-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.1922-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﯞﻩﺕ ﮪﯚﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ . 1930-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﮪﯚﻛﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺩﻭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ. ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﮕﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﮪﻪﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ “ﺗﯚﺭﻩﻡ ﻣﻪﮪﻪﻟﯩﺴﻰ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ، ﮪﯩﻠﯩﮭﻪﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﮪﻪﻟﻪ ﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. 1937-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. 1941-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﺭﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯩﯟﯨﭙﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺧﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺩﯨﺮﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺗﻪﺑﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ، ﮪﻪﻗﻘﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﻪﺗﻨﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻥ-ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺗﻮ-ﺗﻮﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﮕﯩﺖ- ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﺋﯘﺷﺎﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ، ﺋﺎﻕ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺑﻮﯞﺍﻻﺭ، ﻣﯘﻛﭽﻪﻳﮕﻪﻥ ﻣﻮﻣﺎﻳﻼﺭ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﺭﯗﺳﻼﭖ، ﮪﯚﻛﯘﻣﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺋﺎﻗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻐﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﻱ-ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻤﯩﺰ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﯨﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﮭﻮﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮪﺠﯘﺗﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ****** ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺟﯩﯟﺍﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﯜﺭﻻﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﻧﻐﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ، ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺳﯚﻳﮕﯩﺴﯩﻨﻰ، ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﮪﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﮪﯚﻛﯘﻣﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ “ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ !”، “ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ” ﺩﻩﭖ، ﺗﯚﯞﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﺭﯨﻨﻰ ﺯﯨﻞ-ﺯﯨﻠﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﯩﻦ ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻛﺴﻰ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮪﯚﻛﯘﻣﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﮔﻪﻳﺠﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﺪﯗ:
“ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ، ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﻣﻪﻥ ﺑﯘﮔﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﻤﯘ-ﻗﺎﺕ ﺯﯗﻟﯘﻣﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﺵ- ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺵ، ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ! ﺑﯩﺰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﭖ ﮪﯚﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺯﺍﻻﻟﻪﺕ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺟﺎﮪﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺯ ﺯﺍﮪﻤﻪﺕ، ﺋﺎﺯ ﮪﻮﺭﻟﯘﻕ، ﻛﯘﻟﭙﻪﺕ ﭼﻪﻛﻤﯩﺪﯗﻕ؟ ﺯﺍﻟﯩﻤﻠﻪﺭ ﺗﯚﮔﻤﻪﻥ ﺗﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺳﯘﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ، ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺭ ﻧﻪﻳﺰﻩ-ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻗﻮﻝ-ﺋﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﺎﻟﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺒﯘﺱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﭺ ﻛﯚﺯ ﻳﯩﻠﭙﯩﺰ-ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻗﻮﺗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺋﻪﺭﻙ-ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﻗﻪﺗﻰ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯗﯓ. ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺗﺎﯕﻐﺎ، ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺯﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ. ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻘﻰ ﻛﯩﻢ؟ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻤﻜﻰ ، ﺋﻮﻝ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ! ﺋﻮﻝ ﻧﺎﻣﻰ، ﺩﺍﯕﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﺳﯘﺭ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺧﻪﻟﻖ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮪﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ! ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺗﻘﯩﻨﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﻪﺭﻛﻰ ﺋﻮﺭﮪﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ، ﻗﺎﺭﺍﻧﮭﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﮪﻪﻗﻠﯩﻘﻤﻪﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﯗﻙ، ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ، ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻪﺳﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭ. ﮪﻮﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺩﮪﯩﺶ ﻛﯘﻟﭙﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺳﭽﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ، ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ، ﺟﺎﮪﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﻣﺎﭖ، ﭘﻪﻥ-ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺭﻭﮪﯩﻴﻪﺗﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻣﻪﺭﻩﺯ ﻛﻪﺳﻪﻟﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ! ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻟﻤﯘﺭﯗﭖ، ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯘﺗﻜﻪﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﯩﺴﺎﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺋﺎﻟﻼﻣﯘ ﺭﺍﯞﺍ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ؟ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﺩﻩﻙ ﭼﯩﺮﻣﺎﭖ ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭ ﯞﻩﮪﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻏﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻎ-ﻗﯩﻠﯩﭽﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﺩﻯ، ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﻕ ﺳﯘﺗﯘﮔﻪ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯚﺷﯘﮔﯩﺪﻩ ﺑﻮﻏﯘﭖ، ﺗﺎﺋﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. „ ﺋﺎﺗﺎﯓ ﺋﻪﺭﺩﯗﺭ، ﺋﻪﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻞ“ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﻪﻟﯟﺍﻥ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﺟﺎﻧﯩﺠﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯚﺭﻟﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﮕﺎﮪﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻪﻥ! ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﺎﮪﺘﺎ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻕ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎ ﺋﺎﻟﻼ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺷﯩﮭﯩﺘﺘﯘﺭ! ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻳﺎﯞﯗﺯ، ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺳﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺟﺎﻥ´ﻏﺎ ﺟﺎﻥ، ﻗﺎﻥ´ﻏﺎ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻳﺎﺭﻣﯘﺳﯩﺰﻟﻪﺭ! „
ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﭘﯩﺪﯨﻦ “ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ!” ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﻳﺎﯕﺮﯨﺪﻯ، ﺑﯘ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﺗﺎﻍ-ﺗﺎﯞﺍﻧﻼﺭ ﺋﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻳﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻯ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﻮﻳﻠﯘﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ………ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺟﺎﮪﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﺗﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻧﯜﺭﺍﻧﻪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﭼﺎﺭﻻﺷﻘﺎ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺖ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ-ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪﺱ ﻣﯩﺪﯨﺮﻻﺷﻘﺎ، ﺋﯘﻥ-ﺗﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻼﺷﻘﺎ، ﻧﻪﭼﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﭘﯘﺷﺸﯘﻟﺪﺍﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ ﺋﺎﺭﻗﺎ –ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺳﺎﻧﯩﻤﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﯕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ. ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭ، ﺑﺎﮪﺎﺭﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻗﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻣﯘ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﺎ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺧﺮﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯘﻧﯘﭖ، 1945-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﺎ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻝ-ﻛﯩﺴﯩﻞ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﻰ´ﮔﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﺩﻯ.ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﯕﻪ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯗﻧﯘﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. 1945-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮪﯚﻛﯘﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﺑﯚﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، 1945-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻠﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺟﺎﻛﺎﻻﻧﺪﻯ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻐﺎ „ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎ !“ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﮕﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 3 ﻳﯚﻧﯘﻟﯘﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺭﻭﺱ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯗﻧﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺪﯨﻤﺎﺋﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮪﻪﺭﺑﻰ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﻳﯘﺭﯗﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻪﻗﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ، ﮪﯚﺭﻟﯘﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﯖﻪﻥ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺳﺘﯩﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﺷﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ، ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻴﺪﻯ. ﺯﯨﻤﯩﺴﺘﺎﻥ ﺳﻮﻏﺎﻗﻼﺭﺩﺍ، ﺩﻩﺷﯩﺖ ﭼﻮﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺕ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﻣﯘﺳﺘﻪﻛﻜﻪﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﭖ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮪﯩﭻ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﯩﺪﻯ. 1945-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 9-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ 4 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 1ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 300 ﻣﯩﯔ ﻛﻢ² ﺯﯨﻤﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﺪﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﺍ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ 2-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﺎﻟﺘﺎ ﺷﻪﺭﻧﺎﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ، ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﮔﻮﻣﻮﻧﺪﺍﯓ ﮪﯚﻛﯘﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﭙﺎﻟﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﭽﻠﯩﻖ ﺑﯩﺘﯩﻤﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻧﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻝ ﻛﯩﺴﯩﻞ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻣﻮﻝ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﮭﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪﭼﯩﻠﻜﻜﻪ ﺋﯘﺯﯗﻝ-ﻛﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻩ ﮪﻪﻣﺪﻩ 1946-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻱ 12-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻮﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺯﻩﺭﺗﺒﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﻮﯞﻩﺕ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﻠﺪﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎ 30 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻧﻪﺯﻩﺭﺗﺒﻪﻥ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯘﺭﯗﭖ، 1976-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-ﻛﯜﻧﻰ 91 ﻳﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻧﻪﺯﻩﺭﺗﺒﻪﻧﺖ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯘﻧﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺪﺍﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ “ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ” ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺒﺎﮪﺎ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ!

ﺋﯩﻠﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﻪ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﺭﻛﺎﺭﻟﯩﻐﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﺪﯗﺭ. ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻤﺪﻩ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯘﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ 1- ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ 11- ﺑﯩﺘﯩﻢ ﺗﯘﺯﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﮪﯚﻛﯘﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﮪﯚﻛﯘﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯘﻳﻘﻪﺱ ﭘﯩﻼﻧﻼﻳﺪﯗ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﮪﯜﻛﯘﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯩﻘﺘﻪﻙ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺋﯩﺘﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﭼﻮﻻﻕ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﻳﯧﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﭘﯘﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﺷﻜﻪ ﻛﯚﺯ ﻧﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺯﯨﺪﯨﻴﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﻧﺸﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺗﻤﯘ-ﻗﺎﺕ ﺑﯩﺴﯩﻤﻼ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺕ´ﺋﻰ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﯕﻪ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ.

ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻟﯘﻡ ﯞﻩ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯘﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﻩﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ. ﺑﯘ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ، ﺋﯘﺯﯗﻝ- ﻛﯩﺴﯩﻞ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯚﺭﻟﯩﮕﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺑﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ، ﺷﻪﮪﻪﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯦﻤﯘﮔﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﺍ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﯩﺘﯩﭗ، ﺳﺎﻳﻼﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻝ-ﭼﻮﻣﺎﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1947-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 11 ﺑﯩﺘﯩﭗ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﭖ ﻣﻪﻣﭙﻪﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮪﻪﻗﻘﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻛﯜﭘﭽﻪﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻪﺧﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﻪﻣﯩﻠﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ 1949-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺳﯘﻧﮭﻰ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﻪﺕ´ﺋﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ:

”ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ 200 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﺱ!”.

ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﻩﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻻﻳﮭﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﺎﺑﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﮪﯚﻛﯘﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻣﺘﯘﻙ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻴﺘﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺯﮪﻮﯕﮕﯘﺋﻮ ﺩﯦﻤﻤﯘﮔﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﯨﻐﺎ ﺗﯚﺧﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ.
ﺯﻩﻟﯩﻠﯩﻲ:”ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﭘﻪﺭﺩﻩ-ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ،ﻧﯜﺭ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ” ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺧﺎﻣﯘﺷﻼﺭﭼﻪ، ﮪﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭﭼﻪ ﻳﯘﺭﯨﯟﻩﻣﻪﻳﻠﻰ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯗﺭﻩﻳﻠﻰ. ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺋﯩﺘﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺧﯘﻧﯘﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯚﭖ ﮪﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺷﮭﻪﻝ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺳﯩﺮﺗﻤﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﺗﻪﻛﺮﺍﻻﻳﺪﯗ. ﺩﯨﻤﻪﻛﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻏﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯘﻣﻠﯘﻙ ﺩﺍﮪﯩﻴﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ، ﺭﯦﻴﺎﻟﻠﯩﻖ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺮﻩﻥ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ ﺭﻭﮪﻘﺎ ﺑﺎﻱ، ﻳﯧﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺭ ،ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ ﺋﻮﻏﻼﻧﯩﺪﯗﺭ .

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﭙﺘﯩﮭﺎﺭ ﺋﯧﯖﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯘﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﻛﯘﻧﯘﺵ، ﮪﻪﺳﺮﻩﺕ، ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ.

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﻠﻼﻧﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﻭﮪﻰ ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎﺳﺘﯘﺭ. ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ، ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ. “ﺑﯘﮔﯜﻥ” ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﯩﻜﻤﻪﺕ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ “ﺟﺎﮪﺎﻧﻨﺎﻣﻪ” ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻰ “ﺑﯘﮔﯜﻥ”ﻧﻰ ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﯨﻲ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ، ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ´ﻏﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯘﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﻩﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻳﯩﯖﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ! ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺟﺪﺍﮪﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯘﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ “ﺑﯘﮔﯜﻥ” ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﺪﺍ ﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺩﯨﻐﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻛﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﮪﯩﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺋﯩﯖﯩﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻳﯩﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻪﻱ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺋﯩﯖﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯩﻘﯩﭗ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮪﯩﻞ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯘﭺ ، ﺑﯩﺮ ﮪﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﯘﭘﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﮪﯩﻞ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯧﻨﻪﺭﮔﯩﻴﻪ ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﻪﯞﻯ ﻗﻮﺭﺍﻟﺪﯗﺭ. ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ، ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﭗ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﻛﺎﻣﻤﯘﻟﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ.

ﮪﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻭﮪ. ﻣﻪﻧﯩﯖﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻤﻜﻰ، ﻛﯜﭺ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﻛﯜﭼﻠﯘﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮪﻪﻗﻘﺎﻧﻰ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻗﻘﺎﻧﻰ، ﺋﻪﺑﯩﺪﻯ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯗﺭ.

ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ :
ﺋﯩﺰ

29.10. 2014 ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ

http://www.azatliq.de/forum.php?mod=viewthread&tid=3000