گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەھبەرلىرىنى يېڭىلىدى

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى پىدائى خەۋىرى
2014-11-17
 
Gollandiye-uyghur-birliki-rehberliri.jpg

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەھبەرلىرى خاتىرە سۈرەتتە. 2014-يىلى 16-نويابىر، گوللاندىيە.

RFA/Pida’iy

16‏-نويابىر گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلات ئەزالىرى ئىچكى يېغىن چاقىرىپ، رەھبەرلىك قىسمىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەسئۇللارنى قايتىدىن سايلاپ چىقتى.

شۇ كۈنى گوللاندىيەنىڭ ھارلىم شەھىرىگە جايلاشقان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى خىزمەت زالىدا، ئۆز-ئارا سەمىمىيەت بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان تەشكىلات ئەزالىرى بىر يىللىق كەچمىشلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى ۋە مەسئۇللىرىنى يېڭىلىدى.

كۆپچىلىك ئورتاق پىكىرگە كېلىپ تىل، سەۋىيە ۋە پىداكارلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ سادىقجان سەلەي ئەپەندىنى باش رەئىس قىلىپ تاللىدى. بەختىيار ناسىر مۇئاۋىن مەسئۇل، زەينىدىن تۇرسۇن تەپتىش مەسئۇلى بولۇپ بەلگىلەندى.

ئۆتكەن بىر يىلدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى ئۆزىنىڭ خاسلىقى، شەخسى تۇرمۇشى ۋە خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېپا بەردى.

تەشكىلاتنىڭ يېڭى رەئىسىمۇ كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ، ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئېشىنىپ بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ۋە تېرىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەپەندىلەر يۈرەك سۆزلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئاڭلاتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/gollandiye-uyghur-11172014161607.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …