ئۇ ئا ت ۋەكىلى ئالتىنچى نۆۋەتلىك قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىغا قاتناشتى

1

ئىستانبۇلدىكى – خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2009 – يىلدىن ئىتىبارەن، ھەريىلى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان – شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى 2014 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2- كۈنى باشلىنىپ، 8 – كۈنىگىچە داۋاملاشتى. نۆۋەتتىكى يىغىنغا ئالدىنقى يىللاردىكىدەكلا ئوتتۇر ئاسىيا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن، شۇنىڭدەك كانادا، ئاۋستىرالىيە، سەئۇدى، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، تۈركىيەلىك، ئوتتۇرشەرقلىق كۆپلىگەن مۇتەخەسىس كەسىپ ئەھلىلىرى قاتناشتى.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ كۈنتەرتىۋى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا مەلۇم جەھەتتىن پەرقلىق بولۇپ، مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاممىۋى قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن قانداق تەدبىر قوللىنىش، خىتاينىڭ ۋەھشى زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان خىەلقئارا ۋەزىيەتنى قايسى شەكىلدىكى ئۇسۇل – چارە بىلەن ئۇيغۇر مەسىلسىگە پايدىلىق ۋەزىيەتكە باشلاپ كىرىش…. قاتارلىق مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.
ھەرقايسى ئەللەردىن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئايرىم تېما بويىچە : مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان – تىل، مەدەنىيەت، دىن، مائارىپ، ئىقتىساد قاتارلىق ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تېز سۈرئەتلىك يوقۇلۇش، قەستەن ھالدا سۈنئى يۇقۇملاندۇرىلىۋاتقان سىبلىس، ئەيدىز، تېبىركليوز كېسەللىكلىرىنىڭ كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە ئافرىقا ئەللىرىدىكى50 يىللىق مۇساپىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، تىببى مۇلازىمەتنىڭ ئافرىقا ئەللىرىدىكىدىن ئون ھەسسە ناچار ئىكەنلىكى… قاتارلىق جىددى مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، ئايرىم مۇزاكىرە ئارقىلىق كۆپلىگەن دانا پىكىر – تەكلىپلەر قاراپ چىقىلدى.

ئۇ ئا ت ۋەكىلى ئالىمجان مەمەت سۆز قىلماقتا

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىدىن قاتناشقان ۋەكىلىمىز ئالىمجان مەمەت مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ھەم قىلالايدىغان ئىشلار ئۈستىدە قىسقىچە پىكىر سۇنغان بولۇپ، تەشكىلاتىمىز يوللىغان : ۋەتەن سىرتىدىكى دەۋا ئېقىمى دۇچ كېلىۋاتقان يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە خرىسلارغا قانداق قىلغاندا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ – دېگەن مەزمۇندىكى يازما تەكلىپ، پىكىرنى يىغىن ھەيئىتىگە تاپشۇردى.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىۋىدىن ھالقىغان بەزەن جىددى مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، پۈتۈن يىغىن ئەھلى ۋە چەتئەللىك سىياسى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. يىغىندا ئوتتۇرغا چۈشكەن پىكىر، تەكلىپ ۋە تەلەپلەر، شۇنىڭدەك يىغىن ئاخىرىدا ماقۇللانغان قارارلار، يىغىن تەپسىلاتى توغرىسىدىكى ئۇچۇر- ئاخباراتلار خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ئائىتتۇر.
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى
28.08.2014 مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …