كۇنمىڭ 2014 ۋە ئۇيغۇرلار

ئەلتىرىش

China Train Station Attack

كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەربىرىمىزنى ئېغىر ئەندىشە ۋە قايغۇلارغا سالدى، شۇنداقلا بەزى ھېسىياتچان ئادەملىرىمىزنى ھاياجانغا سالدى. ھەقىقەتەن ئەنسىرىگەنىمىزدەك، خىتاي ھۆكۈمەتى بۇ قانلىق ۋەقەنى ئاخىرى ئۇيغۇرلارغا باغلاپ چىقتى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلاغا بولىدىغان پايدىسىز ۋەزىيەت ۋە باستۇرۇشلار تەخىمۇ مولچەرلىگۈسىز. ۋەقەدە 33 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ ، 140 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ، بۇنىڭ بىر تەرورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۇچۇن باش ئەگمەي كۇرەش قىلىدۇ، ئەمما بىگۇناھ خەلققە ئىنسان قەلىبىدىن چىققان تەررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئەلىپ بارمايدۇ ۋە قىلغان ئەمەس. خىتاي ھەرقانداق يامان ۋەقەدە ئۇيغۇرلارغا كونا تامغىسىنى بېسىپ يامان كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ھەققانى كۈرەشلىرىنى زوراۋانلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشكىللىك ۋە سېستىمالاشقان ئورگانلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى بار. ئۇيغۇرلرنىڭ ھەققانى ھەرىكەتلىرىنى بۇرمىلاش ۋە ئۇنى قارىلاش خىتاينىڭ تەررور ۋە مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ مۇھىم قىسمى. ھالبۇكى بۇ ھىلە مىكىرلەر تەسىرىدە تىغ ئۇچىنى ئوزىمىزدىن بولغان ئادەملەرگە قارىتىۋالىدىغان ۋە خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلارمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي خەلقىنىڭ ئۆز ئىچىدىن ھەق-ناھەق ھەققىدە ئويلىنىدىغانلار، خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلار بارغەنچە كۆپىيىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلار ۋە ئۆز ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە دۇنيانىڭ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا قارىماي دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئۇيھگۇرلارغا چېتىلىدىغان ۋەقەلەردە ھەرھالدا گۇمانى قاراشلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويمىدى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەررورلۇق بىلەن باغلاشقا ئەھتىياتچان پوسىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. ۋەقەدىكى نۇرغۇن ئەنىقسىزلىقلار، گۇمانى نۇقتىلار ،ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى بىزنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ ۋە ھەقىقەت ئايان بولغۇچە بۇ ئىش ھەققىدە تەنقىدى ۋە گۇمانى قاراشلىرىمىزنى ساقلاشقا چاقىرىدۇ.

ۋەقە يۈز بېرىپ ئارقىدىنلا “ ھۇجۇمچىلار ‘خىنجىاڭ مۇستەقىلچى كۈچلىرى’ بىلەن باغلىنىشلىق” دېگەن خەۋەرلەر چىقتى. خىتاينىڭ كونا تامغىسىدىن، تەررورلۇقنى ئۇيغۇرلارنىڭ باسماقېلىپى( ستەرەوتيپە) قىلىشقا ئۇرۇنىشىدىن ئەجەپلىنىش كەتمەيدۇ. بەزى ھېسىياتچان ئادەملىرىمىز بۇنىڭ راست يالغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايلا، ھاياجانلىنىپ، بىر مۇنچە خىتاينىڭ ئۆلگىنىدىن خوش بولۇپ پۇخادىن چىققاندەك ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈشتى. ھەممە پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغىچە بىز ھەرگىزمۇ بۇنداق ئىشنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئالدى بىلەن سۆزلىمەسكىمىز لازىم ئىدى. قىرغىزىستان چېگرىسىدا 11 مۇساپىرىمىز ئېتىلىپ كەتسە ھېسىياتلىنىپ كېتىپ “ مۇجاھىدلىرىمىز سىرتتىن بېسىپ كىرىپتۇ” دېيىشكەنلەر بولدى.بۇنداق قارىغۇلارچە ھېسىياتچانلىق، ئالدى كەينىنى ئويلىمايلا داۋراڭ سېلىشلار بۇ قېتىمقى ۋەقەدىمۇ ئوز ئىپادىسىنى كورسەتتى. خىتاي بىزنىڭ ھەممە ئاجىزلىقلىرىمىزدىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىشنى ئۇمىت قىلىدۇ ۋە ھەممە يامان ۋە رەزىل قىلمىشلارنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىشقا ئاران تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار شۇنچە ئەغىر زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك ئاستىدا تۇرۇپمۇ ئىنسانىلىقنى ۋە ئادىللىقنى بىر يەرگە قايرىپ قويغىنى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەررورلۇق ھۇجۇمى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان خىتاي شۇنچە كۈچەپ تەشۋىق قىلغانلىقىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانى ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدى نەزەردە كۆزىتىدىغانلار بارغانچە كۆپەيدى ۋە خىتاي بۇ خەلقارا جەمىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشتا ۋە ئۇيغۇرلانىڭ ئوبرازىنى كونا قېلىپتا بېسىپ چىقىرىپ كورسىتىۋەرىشتە مەغلۇپ بولدى. ئەمما ھېسىياتچان ئادەملىرىىزنىڭ زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە جىھادنى تەشۋىق قىلىدىغان ھاياجانلىق داۋراڭلىرى خىتاينىڭ ھىلە مىركىگە ۋە ئۇيغۇرالرنى يامان قىلىپ كورسىتىشلىرىگە كۈچ قوشۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەلۇمكى، ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئىنقىلاپچىلار ئاغزىدا قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلمايدۇ ۋە ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن ئۈن- تىنسىز كۈرەش قىلىدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇر ۋەتەنسۆيەر خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا ۋە ئادالەتسىزلىكىگە سەگەكلىك بىلەن ۋە ئەقىل بىلەن قارشى تۇرۇشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلانىڭ ئوبرازىنى ھەرقاچان قوغداشنى ئەستىن چىقارماسلىقى لازىم. ھەقلىق يوسۇندىكى قارشىلىق، زورلۇق كۇچنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھامان ئەركىن مىللەتلەرنىڭ چۈشۈنىشى ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشىدۇ. ئۇيغۇرلانىڭ ئوبرازى سۆزلەش بىلەن ۋە يېزىش بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئەمىلى ھەرىكەتىمىز بىلەن، يەنى ھەر بىرىمىزنىڭ مىجەز خارەكتەرىمىزنىڭ ئۆزلىرىمىز ياشۋاتقان چۆرە – مۇھىتلاردىكى ئىپادەلىنىشى ۋە باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى بىلەن نامايەن بولىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ.

خىتاينىڭ “خىنجىاڭ ئىشلىرى” بويىچە تاللانغان ۋە سېستىمىلاشقان تەتقىقات ۋە ئىشپىيونلۇق قوشۇنى بار. 2008.يىلىدىكى مۆلچەردە ئۇلار 2000 غا قارشى 0 نىسبەت بىلەن مۇتلاق ئۈستۇنلۇككە ئىگە ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەھسلىرىنىڭ ئوچۇق ۋە ھەققانىلىقى يەنىلا ئۇيغۇرلانىڭ خىتايغا قارشى كۆرەشلىرىدىكى ئۈستۈنلۈك بولۇپ كەلدى. كۇنمىڭ ۋەقەسى بەلكى خىتاينىڭ ئويۇنى بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ بولمىغاندا بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن خىتاي خەۋەردار بولۇشى مۇمكىن. خىتايدا يىلدا مىڭلىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە قانلىق ھادىسىلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇيغۇرلاردىن شۇنچە سەگەك بولۇپ تۇرىدغان خىتاينىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قەلىشى ، شۇنچە زور قوراللىق ئۈستۇنلىكى بىلەن قىرىغىننىڭ 4 سائەت داۋاملىشىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. پىچاق بىلەن شۇنچە ئادەمنى قىرغىن قىلىش ۋە قوراللىق ساقچىلار بىلەن شۇنچە ئۇزاق ئېلىشىش پەقەت تەربىيلەڭەن ئالاھىدە خادىملانىڭلا قولىدىن كەلىدۇ. ۋەقەنىڭ دەسلىۋىدە ھۇجۇمچىلارنىڭ 10 نەچچە ئادەم ئىكەنلىكى تىلغا ئەلىنغان بولسىمى ئاخىرىدا 8 ئادەم بولۇپ چىقتى، ئەڭ ئاز دەگەن 8 گە قارشى نەچچە مىڭ ، ئەسكەر ساقچىنىڭ ئوزىلا ئەڭ بولمىغاندا 800 بولۇشى مۇمكىن. ھۇجۇمچىلارنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە كىيىنىشى ھەققىدىكى گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئوخشىمايدۇ. خىتاي شۇنچە كەرەكسىزمۇ ياكى قەستەن شۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بىر ئاز ئۇزۇن داۋاملىشىشىغا يول قويدىمۇ. ياكى ھۇجۇمچىلار خىتايغا قارشى باشقا كۈچلەر بولۇپ خىتاي بۇنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويدىمۇ. خىتاي تۇرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىپ “ۋەقەنى مۇشۇلار قىلدى” دەپ يالغان پاكىت ياسىماق نېمە دېگەن ئاسان.

تارىختىن بۇيانقى ئۇيغۇر خىتاي توقۇنۇشلىرى ۋە ئىنقىلاپلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋاقلىرىنىمۇ ئايىماي قىرىپ تاشلىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار مەدەنى مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا خىتاينىڭ تاشلاندۇق بالىلىرىنىمۇ ئىنسان قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلدى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى بىر ئاددى مىسال؛ 5.ئىيۇلدا قورقۇپ كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماي قالغان بىر خىتاي ياشنى بىر ئۇيغۇر موماي ئۆيىدە قوندۇرۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۈستىگە كانۋاي كۆينەك ۋە دوپپا كەيگۈزۇپ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويغان. 7.ئىيۇل كۈنىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشكىللىك ھۇجۇمىغا توغرا كېلىپ قالغان بۇ تەلەيسىز خىتاي “ مەن خىتاي “ دېگىنىگە قارىماي خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. ئەمما يېقىندىلا يۈز بەرگەن كېرىيە يەر تەرۋەش ئاپىتىدە خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانلىقتىن قانچىلىك ئۇزاپ كەتكەنلىكىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھى ۋە خارەكتەردىكى ئۈستۈنلىكى خىتاينىڭ يوقۇتۇش سىياسەتلىرىنى بەربات قىلىۋاتقان ئاساسلىق كۈچ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھى غايەت زور بەسىم، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلار ئىچىدە دىنى ئېتىقادىمىزنىڭ كۈچلىنىشىدە ئىپادىلەنمەكتە. كونىلىق ۋە كونسېرۋاتىپلىق ھالىتىدە كۆرۈنۈشىدىن قەتئى نەزەر مىللى كىملىكىمىزنى قوغداش رولىنى ئويناۋاتقان ھەرقانداق ھەرىكەت ياكى يۈزلىنىش مىللى قارشىلىقمىزنىڭ قورالىدۇر. خىتاي ‘خىنجىاڭنىڭ ئەۋزەللىگىنى كۆچمەن خىتايلارغا ھارماي تەشۋىق قىلسىمۇ، تەتۇر ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز خەلقىگە يامان كۆرسەتىشنى توختاتمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشىلىقلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى ھەققىدە دۇنيانىمۇ ھازىرغىچە ئالداپ كەلمەكتە. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئى نەزەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقلارى خەلقارا جەمىيەتنى ۋە خىتاي زىيالىلىرىنى بۇ ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.

ئۇيغۇر مىللى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ ھەرىكەتلەر نىشانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۇمىتىگە قارىتىلىشى بىلەن كۇنمىڭدىكى بۇ ۋەقە ھەققىدەمۇ ئادلى بىلەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار خىتاي زىيالىلىرى بولۇپ چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىڭ ئەكسىچە خىتايلاردىن ئويلىنىدىغانلار ،ھۆكۈمەتنىڭ يالغان ياۋىداقلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلار بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتى خىتاي خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىغا مۇھتاج ئەمەس بەلكى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشىگە مۇھتاج. بۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن بولۇنىشىگە( توغرىسى مۇستەقىل بولۇشىغا) قارشى تۇرىدىغانلار ئازلايدۇ، ياكى ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە باشلايدۇ. مۇشۇ ۋەقەدىلا بۇنىڭ بەزى ئالامەتلەرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمەتىنىڭ مۆلچەرلىيەلمىگەن بېسىملارغا دۇچ كېلىشى ئۇنى تەمتىرەتتى. خىتاي خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنىنىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى ئېنىق ۋە مۇنازىرەسىز بىلىشى كەرەك. ئەگەر بۇ قېتىملىق ۋەقەنى ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بۇ پەقەت خىتاينىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان بىر قارشىلىق ۋە ئۆچ ئەلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى خەلقاراغا ئاڭلىتىشنىڭ ئامالسىزلىقتىن تاللانغان بىردىن بىر يولى. ھالبۇكى بۇ ھۇجۇم ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ئۇيغۇر مىللى ئازادلىق ھەرىكىتىگە شەرەپ كەلتۇرمەيدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

5.خىتاي ئۇيغۇر ۋەتەنىدە ھازىرقى كۈندە مەدەنىيەتلىك دۇنيا كىشىلىرى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان دەھشەتلىك ۋە قاباھەتلىك سىيايسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلدى،شۇنداق تۇرۇقلۇق ھەرقانداق مۇقىمسىزلىق ۋە قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرسىلا “ئۇيغۇر قىلدى” دەپ ئالدىغا ئۆتىۋالىدىغان بولدى. خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىلگىرى يۈز بەرگەن بەزى تەررورلۇق ھەرىكەتلىرى “ ئۇيغۇر قىلدى” دېگەڭە قارىماي ھۆكۈمەتتىن نارازى خىتايلار تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتايلار! ياخشى قىلدىڭلار، مەيلى سىلەر كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى پىلانلىغان بولۇڭلار، ياكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولۇڭلار، سىلەرنىڭ ھىلە-مىكرىڭلار ھامىنى ئۆزەڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ. سىلار بەلكىم مۇشۇ ئارقىلىق خەلقىڭلارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە ئۆزەڭلار دۇچ كېلىپ ھەل قىلالمايۋاتقان زىددىيەتلەرنىڭ تىغ ئۇچىنى باشقا تەرەپكە بۇراش خىيالىدا بولغانسىلەر، ئەمما سىلەر تەخى ئويلىمىغان تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىسىلەر. بولسا يەر تەۋرىسىمۇ، كەلكۈن كەلسىمۇ، دۆتلۈكۈڭلاردىن بىر زاۋۇت پارتلاپ كەتسىمۇ، ئايرۇپىلان ئۇچالمىسىمۇ ياكى قونالمىسىمۇ ھەممىنى ئۇيغۇر قىلدى دەڭلار. ھېلىمۇ شۇنداق قىلدىڭلار ۋە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ياردەمدە بولدۇڭلار، ئەمدى ئۇيغۇرلارنى چەتئەل مۇخبىرلىرى قوغلاپ يۈرۈپ يازىدىغان بولدى.

كۇنمىڭدىكى قانلىق ۋەقەدىن كەيىن، ئەنسىرىگەن ئىشلار تېزلا يۈز بەردى، ئۇيغۇرلار قوغلاندى، ئۇرۇلدى، دەسسەلدى. ئۆلگەن،يارىلانغان ئەھۋاللار تېخى مەلۇم ئەمەس. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ ۋەقە تەررورلۇق ۋەقەسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ، ئەمما مەيلى خىتاي خەلقىنى بولسۇن ،مەيلى خەلقارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنى بولسۇن چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. بۇ ۋەقە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلاغا زور ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ئورتاق تەھدىت تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ بىرلىشىشكە باشلايدۇ ياكى شۇنىڭغا مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ قەتىمقى ۋەقە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئايرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دەۋر بۆلگۈچ ھادىسە بولۇپ قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى ئەتراپىغا تەخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇشنى خام خىيال قىلغان بولسىمۇ مەقسىدىگە يەتەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە خىتايلار ساراسىمىگە چۈشۈپ خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنى قوغدىيالمىغانلىقىدەك يەنە بىر نۇقتا ئۇنىڭ ئاجىزلىقى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇشقا دۇچ كەلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدىغان قارشىلىق مۆلچەرلىگۈسىزدۇر ۋە يەڭى باشلىنىشلاردۇر. ئۇيغۇرلارنى جىسمانى جەھەتتىن يوق ئېتەلمەيدىغان ھەرقانداق باستۇرۇش ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ

خالاس. 2014.يىلى 5.مارت مونتەرەي، كالىفورنىيە