2013 – يىلى ئۇيغۇرىستاندا يۈزبەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار

0,,16931872_303,00

1. پوسكام كۆيباغ توقۇنىشى

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر پوسكام ناھىيىسى كۆيباغ يېزىسىدا توقۇنۇش بولۇپ، 6 ئۇيغۇر شېھىت قىلىندى، 20 نەچچىسى يارلاندى.

2. قاغىلىق يىلقىچى توقۇنىشى

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا توقۇنۇش بولۇپ، 22 نەپەر ئۇيغۇر شېھىت قىلىندى، 4 نەپەر تۇتقۇن قىلىندى، يارلانغانلار سانى ئېنىق ئەمەس.

3. يېڭىسار ئۇچۇر توقۇنىشى

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسى ئۇچۇر يېزىسىدا توقۇنۇش بولۇپ، 4 ئۇيغۇر شېھىت قىلىندى، 16 سى تۇتقۇن قىلىندى، يارلانغانلار ئېنىق ئەمەس.

4. مارالبېشى سېرىقبۇيا توقۇنىشى

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرىدا توقۇنۇش بولۇپ، 21 ئادەم شېھىت بولغان، نۇرغۇن كىشى يارلانغان، 17 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان.

5. غوروچۆل توقۇنىشى

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى غوروچۆل يېزىسىدا توقۇنۇش بولۇپ 12 ئادەم شېھىت بولغان. نۇرغۇن كىشى يارلانغان، ئىككى كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

6. پىچان لۇكچۇن توقۇنىشى

2013-يىلى 6-ئاينىگ 26-كۈنى پىچاننىڭ لۇكچۇن بازىرىدا ئۇيغۇر پىدائىيلىرى خىتاينىڭ ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا توقۇنۇشۇپ، توقۇنۇشتا 45 ئادەم شېھىت بولۇپ، 70 تىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.

7. خوتەن خانېرىق توقۇنىشى

2013-يىلى 6-ئاينىگ 29-كۈنى خوتەن خانېرىق يېزىسىدا جۈمە نامىزىدىن يانغان جامائەت توپلىشىپ، خوتەن شەھرىگە قاراپ نامايىشقا ماڭغاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ، 270 تىن ئارتۇق ئادەم شېھىت بولغان ۋە كۆپلىگەن ئادەم ياردار قىلىنغان، شېھىت بولغان ۋە يارلانغانلارنىڭ ھەممىسى ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

8. يەكەن 26-سېنتەبىر ئودانلىق توقۇنىشى

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى يەكەنىڭ ئوندانلىق يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دەگەندە 7 كىشى شېھىت قىلىنغان، نۇرغۇن كىشى يارلانغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان.

9. خوتەن قارىقاش توقۇنىشى

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى خوتەن قارىقاش ناھىيىسىدە يەتتە نەپەر ئۇيغۇر پىدايىلىرى خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، 7 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن خىتاي ئىشلەمچىنى ئۆلتۈرگەن، 2 سىنى يارلاندۇرغان. خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن بۇ يەتتە نەپەر ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇلار ھەققىدە سوت ئاچقانلىقى ھەققىدە مەلومات بەرمىگەن.

10. مارالبېشى سېرىقبۇيا توقۇنىشى

2013-يىلى 11-ئاينىڭ -16-كۈنى 9 نەپەر ئۇيغۇر پىدايى خىتاينىڭ مارالبېشى سېرىقبۇيا بازىرىدىكى ساقچىخانىدا توقۇنۇشۇپ ، خىتاينىڭ 3 ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن. پىدائىيلار خىتاي ساقچىلىرى تەرپىدىن شېھىت قىلىنغان . توقۇنۇشتا 12 ئادەم شېھىت بولغان.

11.  15 – دېكابىر قەشقەر كونا شەھەر سايباغ توقۇنىشى

2013-يىلى 12-ئاينىڭ -15-كۈنى قەشقەر كونا شەھەر سايباغدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 14 نەپەر ئۇيغۇر پىدايى شېھىت بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرى ئايال. توقۇنۇشتا يەنە ئىككى خىتاي ساقچىسى ئۆلگەن.

13. 30 دېكابىر يەكەن قانلىق توقۇنىشى

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەر يەكەن ناھىيىسىدە ئۇيغۇر پىدايلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈزبەردى. توقۇنۇشتا 8 نەپەر پىدائىي شېھىت بولغان، 1 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

2014-يىلى 7-فېۋرال

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …