ئاشۇ يىللار

ئاشۇ يىللار

(پەلسەفە پەنلىرى دوكتۇرى)

مەمتىمىن ئەلا

memtimin

مەن سېنى يات ئەللەرگە ئېلىپ بارماقچى ئەمەس، بەلكى مەن سېنىڭ ئېھتىمال ئۆز ئېلىڭدە ياتۋاش ئىكەنلىكىڭنى ئېيتماقچىمەن.
–نىكولا مېئىلبرانچ

ئاشۇ يىللار مېنىڭ دۇنيانىڭ رەڭگا – رەڭلىكىگە بولغان قىزىقىشلىرىمنى بالىلارچە خىياللىرىمنى، ئۈمىد – ئارزۇلىرىمنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ كەتتى. ھازىر ئۇلارنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەنلىكىمنى ۋە ھېلىھەم شۇ خىياللارنىڭ قوينىدا ياشاۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. يات ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈش داۋامىدا، ئاشۇ يىللارغا قايتىش ماڭا يەنىلا نەگە تەۋە ئىكەنلىكىمنى ۋە تەۋە بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ: ئاشۇ يىللار مېنىڭ ئۆتمۈشۈم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مېنىڭ كەلگۈسۈمدۇر، مېنىڭ ھەممە ھممەدۇر. ئۇلارنى ئەسلەش بىرخىل ھايات شەكلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى بايقاش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى ئاشۇ يىللار ئىچىدە ئۇنتۇرشۇتر. تۆۋەندە مەن ئوقۇرمەنلەر ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ئىلىم ھاياتىمنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسىنى سۇنماقچىمەن.
****

مەن ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ پەننى كىچىكىمدىن ياخشى كۆرەتتىم. ئەگەر ئەدەبىيات مېنىڭ ئادەمنىڭ ئىچكىلىكىنى بايقاشتىكى كۆزنىكى. ماتېماتىكا ئەقىلنىڭ مىقدارلار ھەققىدىكى ئويۇنى بولسا، پەلسەپە مېنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇلۇم ئىدى. مېنىڭ پەلسەپە بىلەن ھەقىقىي تونۇشۇشۇمنى مېنىڭ مەغلۇبىيىتىم بىلەن باشلاندى دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن.
ھېلىمۇ يادىمدا، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتېنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئىلىم – پەنگە ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئۆز تۇرمۇشۇمغا ئەركىنرەك ئىگىدارلىق قىلىش، ئۇلىنىپ كەلگەن چېچىلاڭغۇلۇق ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنىدىم. گەرچە نۇرغۇن پەنلەرنى ئۆگىنىشكە بۇيرلغان بولساممۇ، مەن ياخشى كۆرىدىغان دەرسلەر لوگىكا، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى. بۇ دەرسلەر ھەققىدىكى بىلىملەر ماڭا مەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئەسقېتىپلا قالماستىن تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ ئەڭ فۇندامېنتال بىلىم ئاساسىمنى قۇرۇپ چىققانىدى①.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ قاراخانىلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۇستازىم يارمۇھەممەت تاھىرنىڭ مەندە ئۇنتۇلماس خاتىرە قالدۇرغان دەرسلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇم. ئۇ ۋاقىتلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇت قەشقەرى بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى چۈشىنىشىمىزدىكى ئالتۇن ئاچقۇچ ئىدى. قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرىدە ئۆز مىللىتىمنىڭ ئىدىيە تارىخىنى ئۆگىنىش مېنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ تۈزلا ئاشكارىلاشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن ئالغاندا، مەن مەدەنىيىتىم ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆز مەدەنىيىتىمنىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ تىڭشاۋاتاتتىم. يەنە بىرتەرەپتىن، مەدەنىيىتىمگە زىيادە يېقىنلىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا ساقلىنىشى كېرەك بولغان تەنقىدىي ئارىلىقنى يوقىتىپ قويغانىدىم. ئۆز مەدەنىيىتىمگە بەكلا يېقىنلىق مېنى ئۆز نۆۋىتىدە باشقا مەدەنىيەتلەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالدۇرغانىدى.
ئۆز مەدەنىيىتىمنى ناھايىتى ئىدىئاللاشتۇرۇۋېلىش مېنى خالىغانچە بەزلەپ كەلگەنىدى، بىر قىسىم دەرسلەرنىڭ قىلچە قىزىقتۇرۇشىنىڭ بولماسلىقى ۋە ناھايىتى قاتتىق مەمۇرىي تۈزۈم مېنى ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئەقلىي ھاياتتا ئەمەس، بەلكى ئاڭسىز قوزغىلىشلىرىمنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ئېلىپ كەلگەن يوشۇرۇن شادلىقنى قوغلىشىدىغان ھاياتتا ياشاشقا قىزىقتۇردى. ھاياتىمنى كۈچلۈك ئەقلىيلىك ۋە پرىنسىپلاردىن خالىيلاشتۇرۇشقا تىرىشىش بيۇروكراتلىققا تولغان ۋە ھاياتىي كۈچى كەمچىل ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە قارىتا قوزغالغان ئىچكى قارشىلىقنىڭ مۇقەررەر ئىنكاسى ئىدى. كونترول قىلىش بەزى مۈشكۈل بولغان ئىستەكلەرنىڭ ساراسىمىسى مېنىڭ بالىلارچە ئارامىمنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ نىشانى بولۇپقالدى. قەلبىمنىڭ ناھايىتى يىراقلىرىدىن ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان كۈچنىڭ قۇدرىتى مېنى پۈتۈنلەي ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. مەن مەن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈز بېرىشىنى روياپقا چىقىرىۋالغان بۇ كۈچنى مۇۋاپىق جفيلاشتۇرۇش ئارقىلىق كونترول قىلماقچى بولدۇم. بۇنىڭ مەن ئۈچۈن پەقەت ئىككىلا يولى بار ئىدى: بىرى، فانتازىيىلىك خام – خىياللار بېرىلىش؛ يەنە بىرى، باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇش ياكى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىش.
ئەنە ئاشۇ ئۆتكۈنچى يىللاردا مەن ئاۋسترىيە روھ ئانالىزچىسى سىگمۇند فرېئۇد بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدىم، ئىنساننىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنىڭ يىلتىزىنى ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى سىرلار ئارقىلىق تاپماقچى بولغان فرېئۇد مېنى قاراڭغۇ ۋە تىلسىماتقا تولغان بوشلۇققا باشلىدى. ئۇنىڭ ناھايىتى يېڭى، يوچۇن ۋە ھەتتا رادىكال بىلىنىدىغان نەزەرىيىلىرى مېنى ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى قانداق چۈشىنىشنى ئۆگەتتى، ئاندىن دۇنيانى قانداق كۆزىتىشكە ئۆتتۈم.
فرېئۇدنىڭ مەندە قوزغىغان خىلمۇخىل زىلزىلىسى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن قايمۇقۇشلار داۋامىدا ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئەخلاق كرزىسى مەسىلىسىگە دۇچ كەلدىم. ئەگەر ئىستەكنىڭ مەدەنىيەتنىڭ توسالغۇسىدىن خالىي ھالدا ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە قاندۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ بەختلىك ياشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى دەپ قارالسا، مەن بۇ خىلدىكى ۋەدىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايتتىم، نېگىزلىك مەسىلە شۇ ئىدىكى، ئۇ ماڭا ئىنساننىڭ ئەخلاقىي ھاياتىنىڭ بىز كونترول قىلالمايدىغان تەگسىز مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.
ئۆز مەدەنىيىتىم ئەينى ۋاقىتتا ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغان بۇنداق ئىدىيە بىلەن ئالاقىدا بولۇش مېنى بەزىدە خۇددى چەكلەنگەن بىرەر دىنغا يوشۇرۇن ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. تۇرۇپ – تۇرۇپ ئۆزۈم ياكى ئىنسانىيەت ھەققىدىكى باشقىلارغا ئېيتقىلى بولمايدىغان مەلۇم مەخپىيەتلىكنى تۇيۇقسىز بىلىپ قالغاندەك تۇيغۇدىمۇ ئىدى. تۇيۇقسىز بىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن روھى بېسىم ۋە گۇناھ تۇيغۇسىدا تېڭىرقىغانىدىم. خۇددى فرېئۇدچە ئاڭسىز ئۆزلىكىم ئىدېئال ئۆزلىكىم ۋە جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت قائىدە – تۈزۈملىرى تەرىپىدىن ھەرۋاقىت ئەيىبلىنىۋاتقاندەك. ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىل مانا مۇشۇنداق تېڭىرقاش، بۇرۇقتۇرمىلىق ۋە تىتىتلىق بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.
فرېئۇد ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى «بوھران» بىلەن ئۆز ئىزىدىن چىقىپ كەتكەن نىشانسىز ھاياتىم قىزىقىشىنى فرانسىيە پەيلاسوپى ژان ژاك سارتنىڭ قويۇق مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپە ئەسەرلىرىگە بۇرىدى. ئېھتىمال ئىنسان ھاياتىدىكى غەيرىي ئەقلىيلىقنىڭ پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى پەلسەپە نۇقتىسىدىكى سىرىغىمۇ بولغان قىزىقىشىم سارتتىن فرېئۇدقا ناھايىتى ئاسانلا يۆتكەلگەن بولسا كېرەك ياكى مەن ئىنساننىڭ غەيرىي ئەقلىيلىكىنى بىر قەدەر ئەقلىيلەشكەن بىلى ئۇسۇلىدا — مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدە تۇرۇپ كۆزەتمەكچى بولغاندىمەن. سارتنىڭ پەسەپىسىگە ناھياىتى تۈزلا ئىچىكىپ كەتتىم، ئۇنىڭ> مەۋجۇدىيەت ۋە يوقلۇق< ناملىق ۋەكىل خاراكتېرلىك پەلسەپە ئەسىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىشكە ساق بىر مەۋسۇم كەتتى. نەتىجە قانائەتلىنىشتىن بەكلا يىراق ئىدى، مەن بۇ كىتابنى ھەقىقەتەن قانچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىگەنىدىم.
سارت مەندە بىر ئۇلۇغ پەيلاسوپنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى ئاسانلا تىكلىدى. ئۇنى گەرچە تەلتۆكۈس چۈشىنەلمىسەممۇ، ئاز – تولا بىلىمەن دېيەلەيتتىم. ئۇنىڭ شوئال تۈسىنى ئالغان بەزى ئىدىيىلىرى مەسىلەن، «ئەركىن تاللاش»، «ئىنسان ھاياتىنىڭ بىمەنىلىكى» ۋە «ئۆزگىنىڭ دوزاخ» ئىكەنلىكىدەك ئىدىيىلىرى مېنىڭ دەماللىققا ياقتۇرۇشۇمغا نائىل بولدى. چۈنكى بۇ شوئارلار ئۆز نۆۋىتىدە مېنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى سەرسانلىقتا ئۆزۈمدىن قايتا – قايتا سورىغان سوئاللىرىمنىڭ نەق جاۋابىدەك بىلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنى ھېچقانداق تەنقىدسىز قوبۇل قىلغاچقىمىكىن، ئۇنى پەلسەپە ماڭا بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋالغانىدىم.
سارتقا ئۇلىشىپ، يەنە بىر مەشھۇر مەۋجۇدىيەتچى، يەنى ئالبېخ كەميۇ بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «يېگانە ئادەم» دېگەن ئەسىرى ئارقىلىق تونۇشۇشقا باشلىدىم. ھاياتنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتى ۋە ئادەمنىڭ كۈندىن – كۈنگە يوقىلىۋاتقان ئىززەت – ھۆرمىتىنىڭ قايتا تىكلىنىشىگە ئۆزىنىڭ ئويلىنىشىنى ئاتىغان بۇ پەيلاسوپ مېنى ئۆز ھاياتىمنىڭ ماڭا نېمە ئۈچۈن قىممەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
شەخسنىڭ قىممىتى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئاتالغان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە بولغان مەستانىلىق داۋامىدا، مەن بارغانسېرى سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئۆزۈمگە يۈزلەنگىنىدىم ئۆزۈمنىڭ تېڭىرقاشلىرى، قايغۇ – ئەلەملىرى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقىلا بەنت بولۇپ كەتكەنىدىم. بۇ تۇيغۇلار گەرچە رېئاللىق بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، لېكىن مېنى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتكەنىدى. ئۆزۈمنى دۇنيا بىلەن روبىرو قويۇشقا ئۇرۇنغانىدىم، چۈنكى دۇنيا ماڭا يات، چۈشىنىكسىز ۋە ئادالەتسىز بىلىنگەنىدى.
دېمەك، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا روھى بۆلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا ئوخشاپ قالغانىدىم، كاللام توقۇنۇشقا، يەنى ئوتتۇرا ئەسىرچە مەدەنىيەت سەلتەنىتى سەۋەبىدىن ئۆز مەدەنىيىتىنى ئىچكى جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش تەرەپدارى بولغان مەن بىلەن بۇ مەدەنىيەتكە ئارىلاشماسلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي قوزغىلىشىنى ھېس قىلىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ھاياتىنىڭ ھەمدە ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ تۈپكى مەنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بېرىلگەن مەن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا تولغانىدى. باش – ئاخىرى چىقماس توقۇنۇش ئىچىدە ياشاۋېرىش مېنى ئۆز مەدەنىيىتىمنىڭ ئىچىدقىكى يات ئادەمگە ياكى سۈرگۈندىگە ئايلاندۇردى. مەن ئەمدىلىكتە ئۆز مەدەنىيىتىمدىن خېلىلا ئارىلىق پەيدا قىلغانلىقىمنى،شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باشقىچە — تەلتۆكۈس ھالقىما بولمىغان قاراش كۆزنىكىگە ئىگە بولغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدىم.
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ يەنە بىر ماھىيەتلىك ئىدىيىسى بولغان مەسئۇلىيەت ئىدىيىسىنى، يەنى ئدەم ئۆزىنىڭ تاللىشىغا، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ قىممىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېگەن ئىدىيىسىنى ناھايىتى فورمال تەرىزدە چۈشىنىۋالغانىدىم. ئۇنى چۈشەندىم دېگەندىن كۆرە، بىلىۋالدىم دېسەم سەل توغرىراق بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتىكى مەندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مېنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئايرىلغان، خىلىيا ۋە زىيادە سېزىمچان ھاياتىمغا چىڭراق يېپىشىش ئارزۇيۇمنى قوغداپ قېلىش بىلەنلا چەكلىنەتتى، خالاس. باشتارتىپ بولمايدىغان ئۆزلۈك مەئسۇلىيەت تۇيغۇسى مېنى پەرۋاسىز قىلىۋەتكەنىدى، پەرۋازىلىق بولسا مېنى ھەرقانداق قىممەت بىلەن ئۆزۈمنى باغلىيالمايدىغان، يەنى رېئاللىقتىن تامامەن ئايرىلغان ھالەتكە ئاپارغانىدى. نەتىجىدە، سوغۇق قانلىق بىلەن بويسۇندۇرۇلغان ئۆزلۈكۈم مېنى مەن ياشاۋاتقان تۇپراقنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.
قىسقا مەزگىللىك پەلسەپە ئۆگىنىش ئارقىلىق مەغلۇپ بولغان ۋە ئىززەت – ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنغان ئۆزۈمى تاپتىم، بۇ ئۆزلۈك شۇ قەدەر يەككە – يېگانە ئىدىكى، ئۇ كىمگە ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ئېيتىشنى ياكى ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەيتتى. بۇ، مەۋجۇدلۇقنىڭ تېگى – تەكتىدىن كېلىدىغان ئازاب ئىدى، مانا بۇ مېنىڭ مەغلۇبىيەتنى پەلسەپە ئارقىلىق تۇنجى قېتىم تەن ئېلىشىم بوپقالغانىدى.
ھاياتىمنىڭ قۇپقۇرۇقلۇقى ئېلىپ كەلگەن كەيپى بوشلۇق ئىچىدە 1992 – يىللىرىنىڭ كۈز ئايلىرىدا قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوقۇشۇ ۋە جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەكشۈرۈش پراكتىكىسىغا چۈشتۈق. بۇ مېنىڭ يۇرتۇم ئاتۇش ۋە قەشقەردىن كېيىن ئۇزاقراق تۇرۇپ ياشىغان ئۈچىنچى ماكانىم ئىدى، ئۇ يەردىكى ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ – ئادەت ۋە ھاياتلىق ھالىتى مېنىڭ ئوي – خىيالىمنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى، مەن ھەممە نەرسىگە قايتىدىن سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم.
ئوقۇتۇش پراكتىكىسى قىلىشتىن ئاۋۋال، بىز بىرقانچە كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، يېزىمۇ يېزا يۈرۈپ، خەلق ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ تەۋەررۈكلەرنى يىغىشقا باشلىدۇ. ھەر كۈنى بىرنەچچەيلەن يىراق يېزىلارغا بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى خەلق قوشاقچىلىرى ياكى سەنئەتكارلىرىدىن يېڭى نەرسىلەرنى تېپىشقا تىرىشاتتۇق. بىزنى چوڭ شەھەردىن كەلدى دەپ قارىغاچقا، كىشىلەر بىزگە گۇمان بىلەن قارايتتى ۋە ئۆزلىرىنى قاچۇراتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي كۈرەشلەرگە شاھىت ئەسلىمىسى شۇ پېتى ئىدى، ئۇلار ھېچنېمىگە ئارىلاشماسلىق ئېلىپ كېلىدىغان جىمجىت ۋە شاۋقۇنسىز ھاياتنىڭ كاپالىتىنى قەلبىنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىرەر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىككە تېگىشىۋېتىشنى خالىمايتتى، بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس توساق بەكلا قېلىن ئىدى.
نامرات تۇرمۇشقا باغلىنىپ يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبە بازىرىدىن نېرىغا ئۆتۈپ باقمىغان بۇ كىشىلەر ماڭا دۇنيانىڭ ئەپسانىلەر دەۋرىدىكى سېيماسىنى بېرىۋاتاتتى. ئۇ خەلق مەن پەخىرلىنىپ ئادەتلىنىپ قالغان خفرانىلار مەدەنىيىتىنىڭ ئۇ قېتىدىن، ھېچكىم بىلمەيدىغان قېتىدىن كەلگەندەك ئىدى. ئۇلار ماڭا ھەم ناتونۇش ھەم شۇنداق تونۇش ئىدى. لېكىن، مەن ئۇلارغا نىسبەتەن، ئېھتىمال ئىشەنسە بولمايدىغان ياتباش ئىدىم.
شۇندىمۇ، ئوخشاش تىلداسۆزلىشىش، ئوخشاش تۇپراقتا بىر – بىرىگە يېقىنلىشىش، دۇنيانى ئوخشاش سەزگۈدە سەزگۈلەش ۋەئ ۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئورتاقلىقلار بىزنىڭ بىر – بىرىمىزگە ئۇنچىۋالا يات ئەمەسلىكىمىزنى ئېسىمىزگە سېلىشقا باشلىدى. ئۇلار بىلەن ئاستا – ئاستا ئېچىكىش داۋامىدا، ئۆز مەدەنىيىتىم ھەققىدە ئۇزاق ۋاقىتقىچە سۈرمىگەن خىياللارنى قايتا سۈرۈشكە باشلىدىم: مەن نېمىنى كىم ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتىمەن؟ غەرب پەلسەپىسى ياكى پەلسەپە بىلەن بۇ خەلق ئوتتۇرىسىدا نېمە مۇناسىۋەت بار؟ سارت ۋە كەميۇلارنىڭ تەكلىماكاننىڭ ئۇنتۇلغان بۇرجەكلىرىد ھاياتنىڭ ئارقىسىدىن ھالسىز ۋە ئامالسىز ئەگىشىپ مېڭىشقا بۇيرۇلغان بۇ خەلققەدەيدىغان نېمە گەپلىرى بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ قىممىتى «ئەركىن تاللاش» تا بولسا، ئۇلار نېمىنى ئەركىن تاللايدۇ، قانداق تاللايدۇ؟ ئادەمنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى نېمە ئارقىلىق كېلىدۇ؟ جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە خىلۋەتۋە جىمجىت ھايات كەچۈرۈش بىلەنمۇ ياكى مەندەك روھى ئېزىقىش بىلەن يۈرۈپ جاھانغا ئارىلاشماسلىق ئارقىلىقمۇ؟
بۇ سوئاللارغا ئەينى ۋاقىتتا جاۋاب تاپالمايتتىم، زىيالىيلىق، پەلسەپە مەستانىلىقى ۋە ئادىمىيلىك ھەققىدىكى خىياللار دىققىتىمنىڭ مەركىزىگە كەلدى. مەن گەرچە مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىدە ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتتىن ئارىلىق ھاسىل قىلىپ يىراقلىشىپ كەتكەن بولساممۇ، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئۆز مەدەنىيىتىمدىن ھەرگىز چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمنى، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا چوقۇم مەسئۇل بولۇشۇم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەن ئۈچۈن زىيالىيلىق مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ئەڭ سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشىنى يېتەكلەش بىلەن ئۆلچىنەتتى. زىيالىيلىق ئېتىكىلىق مەنىسىدىن ئالغاندا، ئۆزى تەۋە مەدەنىيەتكە ئەڭ مەئسۇل بولۇشقا بۇيرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىش جاسارىتىنى بىلدۈرەتتى.
مەن ئۆزۈمگىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزگىگىمۇ مەسئۇل بولۇشۇمنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى بىزنى ئورتاق قىممەت ۋە ئورتاق ئەتە بىرلەشتۈرەتتى. ئورتاق قىممەت ئاستىدا بىللە ياشاش شۇنىڭ ئۈچۈن مەندە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى قوزغىيالايتتىكى، ئۇ مېنىڭ «ئەركىن تاللاش» ىمنى قىممەت رامكىسى، پايدىلىنىش نۇقتىسى ۋە ئىجتىمائىي بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيتتى. بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن نېمە ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيىتىمگە چوقۇم مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك؟ زادى نېمە ماڭا بۇ مەسئۇلىيەتنى يۈكلىيەلەيدۇ؟ پەقەت ھەرقانداق ئەركىن تاللاشقا نىسبەتەن قىممەت بەلگىلەش رولىنى ئۆتەيدىغان ۋە ھەربىرىمىزنىڭ كىملىكىنى قۇرۇپ چىققان مەدەنىيەتلا تىل، ئۆرپ – ئادەت، ئورتاق ھېس ۋە بارلىق ئەقلىي تەۋەررۈكلەر — بۇ مەئسۇلىيەتنى بىزگە يۈكلىيەلەيدۇ. بىز ئەركىن تاللاشتىن ئىلگىرىلا ئەركىنلىكىمىزنى يوقاتقانىدۇق، چۈنكى بىز مەدەنىيىتىمىز تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئەركىن تاللانغانىدۇق. ئۇ بىزنىڭ قىممەت تاللىشىمىزنى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە ئادەملىك قىممىتىگە ئىگە.
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە توشۇپ كەتكەن كاللام مېنى ئورىغان مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ماڭا بولغان چۈشۈرۈپ بەرگۈسىز يېقىنلىقى بىلەن سەگىشكە باشلىدى. مەن مەدەنىيەتىمگە ئۇنىڭ ساپ ھالىتى بويىچە يۈزلىنىشىم ۋە ئاخىرىدا ئۇنى تولۇقى بىلەن قوبۇل قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. مەدەنىيتىمگە ئەمدىكى قايتىشىم ئالىي مەكتەپكە يېڭىلا چىققاندا ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت سەلتەنىتى ئويغاتقان رومانتىك ۋە ساددا قىزغىنلىق ئەمەس ئىدى. ئۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى مەندە يېتىشتۈرگەن ئۇزاق مەزگىللىك ئىلمىي سوغۇق قانلىق بىلەن قايتىش ئىدى. مەۋجۇدىيەت پەلسەپىسى ماڭا ئۆزۈمنىڭ مەدەنىيىتىنى تەنقىدىي ئۇسۇلدا كۆزىتىشكە كۆزنەك بولدى دېسەم توغرا بولاتتى. پەلسەپە ئارقىلىق مەۋجۇدىيىتىمىزگە قايتىدىن سەپسېلىپ قاراش مېنى مەن تەۋە قىممەتلەرنى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا ئۈندىدى. شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتنىڭ ئەمدى مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ئارقىلىق ئاقمايدىغانلىقىنى بىلەيتتىم. چۈنكى ناھايىتى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتكە باغلانغان مەۋجۇتلۇقۇم مەۋجۇداتچىلارغا نىسبەتەن مەن ئازاد بولۇشۇم كېرەك بولغان مەنىۋى يۈك بولسا، مەن ئۈچۈن ئۇ مەندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئەسكەرتىلىپ تۇرۇلۇشى ئىدى. يەنى مەۋجۇداتچىلار ئابستراكت مەنىدىكى ئەركىن تاللاشنى، ئاندىن بۇ تاللاش ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشنى قوللايتتى ھەمدە ئۇلار ئەركىنلىكنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق نەرسىنىڭ — ئۆتمۈش، تىل، ئىرق ۋە مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ بولۇشىنى رەت قىلاتتى. مەن بولسام ئۇنداق قىلالمايتتىم، چۈنكى مەن ئەركىن تاللاشتىن ئىلگىرىلا مېنى تاللىغان مەدەنىيىتىمگە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك ئىدى. ماڭا نىسبەتەن، مەسئۇلىيەت ئەركىنلىكتىن ئىلگىرى تۇرۇشى كېرەك ئىدى، مانا بۇ مەن بىلەن مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدە كۆرۈلگەن ئىدىيىۋى سۈركىلىشنىڭ نېگىزلىك تەرىپى ئىدى.
قىسقىسى، سارتنىڭ ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتى ھەققىدىكى مەن ئانچە ۈشىنىپ كەتمىگەن بايانلىرىغا تەكلىماكان قۇلاق سالمايدىغاندەك ئىدى. بۇ مەدەنىيەت بەكلا كونىرىغان، ھېسسىيلاشقان ۋە جاھىللاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۆزىنىڭ ئىچكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە دەلىللىشى بوپقالغانىدى، خۇددى ئۆزىگە قايتا – قايتا ئۇرۇلىدىغان ئەكس سادادەكلا.
كېيىن ئوقۇتۇش پراكتىكىسى باشلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشكە باشلىدىم، ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇڭداشتىم. ئۇلاردىن ھاياتىغا قانداق قارايدىغانلىقى، قانداق تەلەپلىرىنىڭ بارلىقى ۋە كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى، ۋەھاكازالار ھەققىدە گەپ ئېلىپ باقتىم. مېنى ھەيران قالدۇرغان يېرى، ئۇلارمۇ ئىلگىرىكى ماڭا ئوخشاش ئۆتمۈشنى كۆپ ئويلىمايدىغان، بۈەۈندە بىپەرۋالىق بىلەن ياشايدىغان ۋە ئەتىگە ۋايىم يېمەيدىغانلاردىن ئىدى. بۇنداق غەلىتە ئوخشاشلىق مېنى راستىنلا چۆچۈتتى. بىرخىل تۇرمۇش رېتىمى ئۇلارنى رېئاللىقتىكى ئۆزگىرىلشەرگە ئىنكاس قايتۇرمايدىغان، پىكرى ئاددىي، تەلىپى تۆۋەن ئادەملەردىن قىلىپ قويغانىدى، مېنى بولسا زىيادە سەزگۈر، لېكىن سوغۇق قان ۋە جىمغۇر قىلىۋەتكەنىدى.
شۇنىڭدىن تارتىپ، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ ھاياتىمدىكى رولىدىن ۋە مېنىڭ ئىلمىي يېتىلىشىمدىكى مۇھىملىقىدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. گۇمانلىنىش ئۆزۈم قوبۇل قىلغان قىممەتتىن ئۆزۈمنى ئاجرىتىش بولغاچقا، ئۆزۈم تەنقىدسىز قوبۇل ئەتكەن نەرسىلەرنى ئالدىمغا قايتىدىن تىزىپ قاراشقا باشلىدىم. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە بولغان گۇمانىم دەل ئۆۈزۈمنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان گۇمانىم بولۇپ ئاخىرلاشتى. چۈنكى، ھاياتقا گۇمان بىلەن قاراشقا ئۆگەتكەن بۇ پەلسەپىنىڭ ئۆزىدىن ەۇمانلىنىش مېنى ئەلۋەتتە مەن مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك بولغان ھايات شەكلىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ باراتتى. گۇماندىن گۇمانلىنىش ھەممىدىن گۇمانلىنىشتا، ئاخىرىدا نىھىلىزمدا (ھەممىنى ئىنكار قىلىش) ئاخىرلىشاتتى.
خەتەرلىك ئاقىۋەت كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپلا تۇرغانىدى: مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە خەير – خوش دېيىش ماڭا ئانچە تەس كەلمىگىنى بىلەن لېكىن شۇنىڭغا ئۇلىشىپ نىھىلىزمچە ئىنكارلاشنىڭ ئارىسىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىمگە قېلىشىم (ھەتتا ئۇنىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىم) مېنىڭ ھەربىر ئۇرۇنۇشۇمنى بىرەر قىممەتكە ئىگە بولۇشتىن مەھرۇم قىلاتتى. مەن يەنىلا بىر قىممەت ئاسسىغا مۇھتاج ئىدىم، مەن ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئاڭقارغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىلمەيتتىم. مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش بىلەن نېمە قىلىشنى بىلمەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مېنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىم بىلەن بولغان ناھايىتى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت شەكىللىرىمنى قۇرۇپ چىققانىدى.
يوپۇرغىدا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مەدەنىيەت ھالىتى مېنى ئۆز مەدەنىيىتىم ھەققىدىكى مەسئۇلىيىتىم توغرىسىدا ئويلاتقۇزغان بولسىمۇ، ئەمدى بۇ مەدەنىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەجەللىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىنىمۇ كۆرگەنىدىم. ئەپسۇسلىنارلىقى، مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ كېسەللىكتىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەيتتىم..
پراكتىكانت ئوقۇتقۇچى بولۇپ نۇرغۇنلىغان سەبىي كۆزلەرنىڭ تىكىلىشىگە دۇچ كەلگىنىمدە ھەمدە تاملىرى ئۆرۈلەي دەپ قالغان سىنىپلاردا، توپا – چاڭ ئۆرلەپ تۇرغان مەيدانلاردا ۋە تار كەلگەن كوچىلاردا يۈرگەن توپ – توپ بالىلارنى كۆرگىنىمدە ۋە بىللە بولغىنىمدا، كەلگۈسىنىڭ بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىنپۈتۈپ قالغانىدىم، ھەمە نەرسە شۇ قەدەر قۇرغاق، تاتىراڭغۇ ۋە تۇرغۇن بىلىنەتتى..
دەرس ئۆتۈشتە ئوقۇغۇچىلارنى خالىغان سوئالنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرەتتىم، مەقسىتىم ئۇلارنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلەش ئىدى.
بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق رىغبەتلەندۈرۈۋاتقىنىمدا، بىر ئوغۇل بالا مەندىن:
— مۇئەللىم، سىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟— دەپ سوراپ قالدى. نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتىم، شۇ نەرسە كاللامغا تېزلا كەلدىكى، بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئەجەللىك سوئال ئىدى. مەۋجۇدلۇقۇمنىڭ قىممىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى سارتتىن تاپالمىغانلىقىمنى ئىچىدىمدە يەنە بىر قېتىم تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. لېكىن ئەگەر مەۋجۇدلۇقۇم راستىنلا قىممەتكە ئىگە بولمىسا، ئېھتىمال بۇ سوئال ئالدىدا ئۇنچە تەمتىرىمەس ئىدىم. ئىدېئال نۇقتىدىن ئالغاندا، سارتچە ئەركىن تاللاش شەكلى ھاياتنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك سەۋەبچىسى بولالايتتى، لېكىن مەن تاللاش ئەمەس، تاللىنىش باسقۇچىدا ئىدىم، ماڭا ئۆزۈمنىڭ جاۋابى كېرەك ئىدى.
— ئۆزۈم بولالىشىم ئۈچۈنلا ياشايمەن،— دېدىم بوغۇق ئاۋازدا. راستىنلا شۇنداق ئويلايدىغانلىقىمغا كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيتتىم.
— سىزچۇ؟— دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن بىر ھازادىن كېيىن.
— بىلمەيمەن،— بۇ ناھايىتى سەمىمىي جاۋاب ئىدى. ئۇ ئۆز ئەتراپىدا ئېغىر ئايلىنىۋاتقان ھاياتلىقنىڭ قۇپقۇرۇقلۇقىنى ئېتىراپ قىلماسلىققا چارىسىزلىقىنى ئاشكارىلىدى. شۇ سوئال – جاۋابتىن كېيىن، ياشاشنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇستەقىل، يەنى سارتنىڭ ياردىمىسىز ئويلاشقا باشلىدىم. شۇنىسى ناھايىتى غەلىتە ئىدىكى، ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە ئاتالغان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنى ئۆگىنىۋېرىش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۇنتۇپ قېلىشقا باشلىغانىدىم..
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ياكى فرېئۇدچە روھ ئانالىزنىڭ ماڭا ياردەم قىلالمايدىغانلىقى ئاخىر ئايان بولدى. ماڭا مېنى ئەتراپىمدىكى ھەممە قىممەتلەردىن ئايرىلىپ كېتىشكتەك ياكى ھەممە قىممەتنى نېھىلىزمچە ئىنكارلاشتەك خگتەرلىك ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان يېڭى بىرمەنىۋى كۈچ لازىم ئىدى. مەن ياشاشنىڭ كەسكىنلىكىنى تۇيۇشتىن مەھرۇم قالغاندەك ئىدىم. مەۋجۇتلۇقۇم ھېچنېمىگە ئۆزىنى باغلىيالماي، لەيلەپ قالغانىدى، لەيلەپ قېلىش بىزنىڭ ماھىيەتلىك مەۋجۇتلۇق شارائىتىمىز بولۇپ، ھەممە تاللىشىمىز بەرىبىرلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندەك، شۇڭا ھەرقانداق تاللاش ئاللىبۇرۇن ئۆز – ئۆزىنى (ئىچكى) ئىنكارلاشتەك ھالەتنى كۆرسىتەتتى. تراگېدىيە شۇكى، تاللاش تاللىيالماسلىق تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن بەلگىلىگەنىدى.
يوپۇرغىدىن قايتتۇق، مەن خۇددى ئۆزۈم تەۋە ھەممە نەرسىدىن قايتقاندەك ئىدىم. سۈكۈت مەن بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر ئالاقىگە ئايلاندى، مەن مەسئۇلىيەتنى تېگى – تەكتىدىن ھېس قىلدىميۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ھەقىقىي ئاتىيالمىدىم. يەنە ھېچنېمىدە ئۆزۈمنى كۆرەلمەسلىككە قالدىم. ئاخىرى ئۆزۈمنىمۇ تاشلىۋەتتىم، ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرى باش – ئاخىرى چىقماس سورۇنلاردا ئۆتۈشكە باشلىدى، ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا زورۇقىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈمگە ئىقرار قىلشىقا مەجبۇر بولدۇم، ھەممىنى ئارقىغا تاشلىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن نېھىلىزىمچە بوشىنىش ماڭا ھاياتىمنىڭ چىدىغۇسىز يۈزەلىكىنى كۆرسەتتى.

ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ئىجتىھاتلىق ئوقۇغۇچى ئاخىرى كىتابلىرىنى كۈنلەپ – كۈنلەپ ۋاراقلاپمۇ قويماس بولدى، ئۇنىڭ پەلسەپە كىتابلىرىنى كۆرسە كۆڭلى غەش بولىدىغان بولدى. ئېنگلىزچە ئۆگىنىشمۇ توختىتىد، كۇتۇپخانىغا يۈزلىنىدىغان قەدەملىرى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى قاۋاقخانىلاردا لەيلەپ قالدى… دېمەك، مەن پەلسەپىنى ئەمەس، بەلكى پەلسەپە مېنى تاشلىۋەتكەنىدى.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز نىچېنىڭ «زاراستۇرا شۇنداق دەيدۇ» دېگەن كىتابىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. پەلسەپە كىتابلىرىدىن ئۈركۈپ كەتكەن قوللىرىم ئۇنىڭ ۋاراقلىرىنى ئاستا ئېچىشقا، سېزىمىنى يوقىتاي دەپ قالغان كۆزلىرىم قۇرلار ئۈستىدە ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى. بىرخىل يېقىنلىق تۇيغۇسىنىڭ ئىلكىدە قالدىم… مەلۇم نەرسىلەر تولىمۇ تونۇشتەك قىلاتتى، خۇددى مەن ئۇلارنى بىر چاغلاردا بىر يەرلەردە كۆرگەندەك، ئاڭلىغاندەك، تۇتقاندەك…
ھەممە قىممەتتىن گۇمانلىنىش سەۋەبىدىن چۆلدەرەپ قالغان كاللامنى نىچېنىڭ ھەممە قىممەتلەرنى قايتا ئۆلچەشتەك چاقىرىقى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. نىچېنىڭ غەرب ئەنئەنىۋى مېتافىزىكىسىغا قارشى تۇرۇشى، ھاياتنىڭ ئەسلى ھالىتىگە (زېمىنغا) قايتىشقا بولغان چاقىرىقى، يېڭى قىممەتنىڭ مەنبەسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان ھوقۇق ئىرادىسى ئىدىيىسى ماڭا كېچىدە ئازغان ئادەمگە كۆرۈنگەن خىرە شولىدەك بىلىندى. نىچېنىڭ قارىشىچە، ئىجفدىيلىققا تولغان يېڭى قىممەت يارىتىش ئىرادىسىنىڭ كونا ۋە ۋاقتى ئۆتكەن قىممەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىشى ھاياتنىڭ غۇرۇرىنى نامايان قىلاتتى. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىرادىسى تەرىپىدىن يارىتىلاتتى.
راستىنى ئېيتقاندا، فرېئۇد ۋە سارتلار قالدۇرغان قىممەت كرىزىسى ماڭا نېچە قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسەتتى، مەنمۇ ئۆزۈم تەۋە قىممەتلەرنى قايتىدىن تەنقىدىي باھالاپ چىقىشىم كېرەك ئىدى. نىچېنىڭ مۇشۇ پاجىئەلىك پانىيلىق ۋە ئىنساننىڭ قۇتۇلغۇسىز چەكلىكلىكىنى تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئېتىراپ قىلىشى ئۆزۈم تەۋە قىممەتلەرگە مەدەنىيىتىمگە، تىلىمغا ۋە ئېتىقادىمغا بولغان ئىشەنچىمنى قايتا تۇرغۇزۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. ۋەھالەنكى، بۇ ئىشەنچ مەدەنىيىتىمگەقارىتا ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن تەنقىدلەش ئارقىلىق تۇرغۇزۇلاتتى، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىچە مەسئۇلىيەت مانا ئەمدى قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالاشنىڭ تەخىرسىزلىكى ئېلىپ كەلگەن مەئسۇلىيەتكە، ئەركىن تاللاش بولسا ئۆزلۈك – مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتىغا، ھاياتنىڭ ئەقلىي ئاساسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىنىش ھاياتقا ئاكتىپ ئارىلىشىشقا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىشارىلىدى. نىھايەت، مەن پەلسەپىگە قايتىپ كەلدىم، لېكىن پۈتۈنلەي يېڭى ھالدا.
نىچې ماڭا ئۆزۈمنى تەنقىدىي يوسۇندا بايقاشنى ئۆگەتتى، شۇڭا مەن ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەت قىممەتلىرىگە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارىيالايدىغان بولدۇم. نىچې ماڭا ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ ئازابىنى قوبۇل قىلىشقا ئۆگەتتى، شۇڭا ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتنىڭ يارىلىرىنى مۇھەببەت بىلەن سىلىيالايدىغان بولدۇم، نىچې ماڭا كەلگۈسىگە قاراشنى ئۆگەتتى، شۇڭا مەن ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتنىڭ كېسەلدىن ساقىيىشىغا ئۈمىد باغلىيالايدىغان بولدۇم. نىچې ئاخىرىدا ماڭا ئۆزۈمگە سادىق بولۇشنى ئۆگەتتى، شۇڭا مەن ئۆزگىگە سادىق بولالىدىم.
ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ئۇ 1993 – يىلى ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەش ماڭا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ۋە خىرىسلارنى ساقلاپ قويغانىكەن. تىرىشىپ – تىرمىشىپ يۈرۈپ، ياراملىق مۇھەررىر بولۇشنى ئۆگەنمەك مەندىن ئۆزۈمدە بار بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى جفرى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەن بۇرۇنقىدىنمۇ سەۋرچان، ئەستايىدىل، گەپ – سۆزدە ئىخچام ۋە مەغرۇرلۇق بولۇشقا، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ھەر دائىم كۆزىتىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئۇرۇنۇشلىرىم كۈتۈلگەن مۇۋەپپەقىەيت ئېلىپ كەلمىدى، چۈنكى، مەن ئۆزۈم ھەققىدە ئۈزىل كېسىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغانىدىم، مۇھەررىر ۋە ئاددىي كىتابخان بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئۆزگىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيىلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغانىدىم.
جاھانسىزلىق سەۋداسى مېنى پەلسەپىدىن قايتۇرۇپ، ئەڭ فۇندېنتال قوزغىلىشقا — ھايات قېلىش ئىستىكىگە تايىنىپ ياشاشقا بۇيرىدى. خىزمەت قىلىش ھاياتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كېلىشىمىگە ئايلاندى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزلۈك قىممىتى ئۇنتۇلدى، ئۆزلۈكۈم تۈگىمەس ئىشقىۋازلىق تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. ئۇنىڭدىن سىرت، يېگانىلىقنىڭ ئارىسىدا يوشۇرۇنغان ئۆزلۈكۈم باشقا ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يۈكسەلگەن ئاساستا ئېتىراپ قىلىش ۋە تونۇشقا بولغان تەبىئىي موھتاجلىقىنى ئاشكارىلىدى. ھاياتنىڭ كاتتا «سىرلىرى» غا قىزىقىدىغان كاللامنى ئۆيلىنىش تەقەززاسى ئىگىلىۋالدى.
ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولدۇم، مەنىۋى سەرگاندالىقىم مۇقىم بوشلۇققا ئىگە بولدى. ھاياتنى ئۆزۈم تەۋە  ئۆيدە ئايالىم بىلەن بىللە ھېس قىلىدىغان، كۆزىتىدىغان ۋە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. سىرتلاردىكى يەكلىنىش، ئۆچمەلىك ۋە تەھلىكىنى ئۆيدە ئۇنتۇشقا بولىدىغانلىقىنى، مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقى ئېلىپ كېلىدىغان چارچاشنى پەقەت ئۆزۈمگە تۋە ئويدىلا يەڭگىللىتەلەيدىغانلىقىمنى بايقىدىم. ئۆزۈمگە ۋە ئۆزۈم تەۋە ھاياتقا ئۆيۈمدە ئىگە بولدۇم، ئۆينىڭ مەن ياقتۇرىدىغان سۈكۈتى ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن بۇزۇلدى، ئۇ مېنىڭ ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا ئىنگلىزچىنى قايتىدىن قولۇمغا ئېلىپ ئۆگىنىشىمگە «ئۆكتە» چىقتى. ئۇ مەندىن ئۆزىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاتىلىق مۇھەببىتى مەندە ئۆزگىگە باغلانغان مەسئۇلىيەتنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا مەسئۇل بولىدىغان مۇقەددەسلىك تەرىپىدىن بېرىلگەنىدى، ئۇ ماڭا بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ئىدى.
ئوغلۇم مېنى پەلسەپە ۋە ئەدەبىياتتىن ئەپسانىگە قايتۇردى، ئۇ ماڭا ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىقى ۋە ئېۋولۇتسىيىسىنى (تەدرىجىي تەرەققىياتى) كۆزىتىشتىكى ئەۋرىشكە بولدى. لېكىن، ئۇنىڭدىن كۆرگىنىم ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۈزۈم بولۇپ چىقتى، ئۇ يەنىلا مەن، مەن يەنىلا ئۇ ئىدىم. ئۇنىڭ چۈچۈك ۋە ئېغىر تىلدا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى باشلىشى ماڭا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ مەلۇم مەدەنىيەت قىممىتىگە تەۋە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ جگريانىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلۈك – ئىپادىلىنىشىنى كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ مۇشۇ يول بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشتۈرۈلۈۋاتاتتى. ئۇ ئانا تىلىدا، ئانا تىلى ئۇنىڭدا قايتا – قايتا تۇغۇلۇۋاتاتتى، بۇ خۇددى نىچې ئېيتقان «مەڭگۈلۈك قايتىش» ئوخشىماسلىقنىڭ ئوخشاشلىق سۈپىتىدە توختاۋسىز قايتىشى ئىدى. ئۇنىڭغا نېسىپ قىلىنغان تىل ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك مەسئۇلىيىتىن بەلگىلىگەنىدى. ئۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش بۇ تىل، بۇ دىل ۋە بۇ قەۋم تەرىپىدىن تاللانغانىدى.
ھايات رېتىمىنىڭ كۈندىلىكلىشىشى مېنى يەنى دۇنيا بىلەن ئارازسىز ئارىلىشىشقا ئۈندىدى. كۈندىلىك مەن بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يوقىتىشقا باشلىدى، مەنمۇ باشقىلاردەك بولدۇم. باشقىلاردە سۆزلەشكە، باشقىلاردەك ئويلاشقا ۋە باشقىلاردەك سەزگۈلەشكە باشلىدىم. ئۆزۈمنى باشقىلار ئىچىدە يېتۈرۈۋېتىش قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى، ھەر قېتىم دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بولۇڭىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، پەلسەپە مەن بىلەن بىللە ئىدى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى، ئەمدى پەلسەپە ماڭا ئۆزۈمنى تاپالايدىغان دۇنيانى ئىزدىشىمنىڭ سەۋەبچىسى بوپقالدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئىزدەش مەن تەۋە ھەممە نەرسىدىن ۋاقىتلىق ئايرلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلاتتى. مەن ئەمدى ئۆزۈمنى مەن ھەقىقىي چۈشىنىدىغان پەلسەپە ئارقىلىق، پەلسەپىنى بولسا ھەممىدىن ئايرىلغان ئۆزۈم ئارقىلىق تېپىشقا قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
ئىنگىلىزچە سەۋىيەمنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىن، چەت ئەلگە چىقىپ پەلسەپە ئوقۇشقا تەۋەككۈل قىلىش قارارىغا كەلدىم، نۇرغۇن بەدەللەرنىڭ مېنى كۈتۈۋاتقانلىقى مۆلچەرىمدە ئىدى. شۇندىمۇ، ھېچقانداق تەۋەككۈلچىلىك ئۆزلۈكنى ھەقىقىي تونۇشقا بولغان تەۋەككۈلچىلىككە يەتمەيتتى. ئۇ بىر قاراڭغۇ، بىلىنمەس ۋە ئېزىتقۇ ئۆزلۈككە ئاتالغان تەۋەككۈلچىلىك ئىدى. مەۋجۇدات تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا بىر ساتادىپىي تەۋەككۈلچىلىك ئىدى.
مەكتەپ ئۇقۇشۇش، توفېل ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش، ئەلچىخانا رەسمىيىتىن ئۆتەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تۈگەتتىم. مەن بېلگىيىنىڭ لېۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىنسىتىتۇتىدا غەرب پەلسەپىسى بويىچە سىستېمىلىق ئوقۇشقا تاللاندىم، ئۆزۈم تەۋە قەدىرلىك نەرسىلىرىمدىن ۋە ئادەملىرىدىم ئايرىلىپ، بېلگىيىگە يول ئالدىم.
بېلگىيىگە كېچىكىپ كېلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە پسىخىك جىددىيلىك سەۋەبىدىن دەسلىپىدە ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالمىدىم، ئۆزۈمنىڭ يەر شارىدىكى فىزىكىلىق ئورۇنغا بولغان بوشلۇق سەزگۈم پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ يۈزۈمدە ئەكس ئەتكەن چوڭقۇر ئېسەنكىرەش، ۋەھىمە ۋە ئۈمىدسىزلىكنى خىرە – شىرە تۇيغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. مەن ئۇ چاغدا باشقىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە خۇددى بىر ئۆلچەملىك — تەكشىلىكتىكى ئادەم سۈپىتىدە كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسام كېرەك. قەلبىمدىكى پىنھان تۇيغۇلىرىمنىڭ مېنىڭ ئىختىيارىمسىز ئۆزگىگە نامايان قىلىنىشى مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئۇلارغاسۆزلىدى. ئەنە شۇ چاغدا مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇياتلىق بىر ھالەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
دەسلىپىدە بۇ ئىنسىتىتۇتتا پەلسەپە سىمنارىيىسى دېيىلىدىغان بىرخىل دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا چوقۇم قاتنىشىشىم ئۇقتۇرۇلدى. سىمنارىيە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئوقۇشى تەلەپ قىلىنغان مەلۇم پەلسەپە تېكىستى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىلىشى ئىدى. مەن كىرسەم باشقا ئوقۇغۇچىلار ئاللىبۇرۇن بۈيۈك گېرمان پەيلاسوپى ئىممانۇئېل كانتنىڭ ئەخلاق مېتافىزىكىسى ھەققىدىكى تېكىستىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە بۇ ھەقتە كىچىك بىر پارچە ماقالىمۇ يېزىپ بولغانىكەن. كانتنىڭ بۇ تېكىستى ئەڭ كلاسسىك ۋە ئەڭ قىيىن پەلسەپە تېكىستىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى پەلسەپە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم پىششىق بىلىشى تەلەپ قىلىناتتى.
ئوقۇتقۇچى ماڭىمۇ بۇ تېكىست ھەققىدە كىچىك بىر پارچە ماقالە يېزىشنى تاپشۇردى، تېكىس ئەسلىدىنلا قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېنىڭ كانتنىڭ ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولغاچقا، ئۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىش ماڭا ھەقىقەتەن تەس كەلدى، شۇندىمۇ بۇ ۋەزىپوىنى پۈتتۈردۈم ۋە ماقالىنى ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇردۇم.
كۆزلىرىمگە ئىشىنەلمەي تۇرۇپ كەتتىم، ماقالىگە ئاران قىرىق نومۇر بېرىلگەنىدى. يىگىرمە پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلىش، يەتتە يىل مۇھەررىرلىك تارىخى ماقالەمنىڭ سۈپىتىنى ھېچقانداق كېپىللىك بىلەن تەمىنلىمىگەنىدى. مېنىڭ سەل چېچىلغان، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئاز – تولا ھارسىنغانلىقىمنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچۇم مېنى كىچىكرەك بىر قاۋاقخانىغا پىۋا ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى.
— بۇ نومۇر مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بەكلا ھەيران قېلىۋاتىمەن،— دېدىم ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، — شۇڭا مەن سىزنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىڭىزنى سورايمەن.
ئۇ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى:
— كانتنىڭ تېكىستىنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىنى بىلىمەن، تېخى ھېچكىم كانتنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىشنى ئاسان دەپ باققىنى يوق. سېنىڭ يازغان ماقالاڭدىن شۇ نەرسە چىقىپ تۇرىدۇكى، سەن ماقالىنى چۈشىنىشكە خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىپسەن ۋە خېلى توغرا چۈشىنىپسەن. ئەپسۇس، سېنىڭ ئەجەللىك خاتالىقىڭ شۇكى، ماقالەڭدە ئۆزۈڭنىڭ ئويلىرىنى ئىپادىلىشىڭ ياخشى ئەمەس، تەپەككۇرۇڭنىڭ ئىزچىللىقى تۆۋەن ۋە مۇنتىزىم ئەقلىيلىق تۈسىنىڭ ئورنىنى بىرخىل ئابستراكتلاشتۇرۇلغان تىل ئىگىلەپ كېتىپتۇ. بىلەمسەن، پەلسەپە يېزىقچىلىقى خۇددى پەننىي ئەسەرلەرنىڭ يېزىقچىلىقىغا ئوخشايدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىۋاتقان ئۇقۇملارنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلىشىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشىڭ كېرەك.
ئۇ ماڭا ماقالەمنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىر – بىرلەپ يېشىشىكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئىنچىكىلىكى ۋە لوگىكىلىقىغا ھەيران قالدىم. ئاستا – ئاستا ماقالىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن نۇقسانلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم، ئىلگىرى يازغان ماقالىرىمدە بەزى قۇرۇق ئاتالغۇلار ئويۇنىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىمنى، ئەقلىي قۇرۇلمىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى قايتىدىن بايقاشقا باشلىدم. ئۇنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈۋاتقانلىرى مەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقلىرىدا ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەر ئىدى، ئۇنى تەكرارلار، مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەردە ئاۋۋال ئاپتورنىڭ مەقسىتى ئېنىق تاپشۇرۇلۇشى، ئاندىن نۇقتىئىنەزەر ئىسپاتلىنىشى، ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىنىشى كېرەك، ۋەھاكازالار. بۇلارنى بىلەتتىميۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كەمدىن كەم رىئايە قىپتىمەن. چۈنكى مەن ماقالە يېزىشنىڭ ئەقلىي قۇرۇلمىسى ۋە جەريانى تېخىچە تولۇق شەكىللىنىپ بولمىغان مەدەنىيەت كوللېكتىپىغا تەۋە ئىدىم. شۇنداقلا، ئۇنىڭ خېلى چوڭقۇر ھەم ئاسان سەزگىلى بولمايدىغان تەسىرىگە ئۇچرىغانىدىم. مەن يېتىلگەن مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى دەۋرداشلىرىمنىڭ ماقالىلىرى نۇقتىئىنەزەردىكى تۇتۇقلۇق (ياكى قەستەن سىرلىقلاشتۇرۇۋېلىش)، ئابستراكتلىق (ئاپتور ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىك) ۋە ئېغىر لوگىكىسىزلىق (ئەقلىي قۇرۇلمىنىڭ كەمچىللىكى، پىكىردىكى ئىزچىلسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغنا چېچىلاڭغۇلۇق) بىلەن تولغانىدى. بۇنىڭ نېگىزى دەل بىزدىكى يىگىلەپ قالغان ئەقلىي تەپەككۇردا ئىدى.
ئۇ پەلسەپە يېزىقچىلىقىنى قانداق قىلغاندا ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
— پەلسەپە تېكىستلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللاڭدىكى بارلىق ئويلارنى ئامال بار چىقىرىۋەت، ئاندىن پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن قۇرمۇ – قۇر، ھەرپمۇ ھەرىپ ۋە تاكى تىنىش بەلگىلىرىگىچە دىققەتتە ئوقۇ. بارماقلىرىڭدىن قان چىققۇچە ئوقۇ، بىلەمسەن، مەن يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. يەھۇدىي ئەنئەنىسىگە كۆرە، بىز ئائىلە ياكى مەكتەپ مائارىپىمىزدا مۇقەددەس تېكىستلەرگە پۈتۈن زېھنىمى،ز پۈتۈن ئەقلىمىز ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يېقىنلىشىشىقا بۇيرۇلىمىز. بىزدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر مەشھۇر يەھۇدىي راببىنىڭ (يەھۇدىي دىنى ئەربابى بولۇپ، خرسىتىئان دىنىدىكى پوپلارغا ئوخشايدۇ) تەۋرات تېكىستىلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈنلەپ – كۈنلەپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە پۇتلىرىنى تاتىلاپ قان چىقارمىغۇچە ئورنىدىن قوپمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەشھۇر ھېكايەت بار. بىزدىكى مۇقەددەس تېكىستلەرنى ئوقۇغاندا ئۇنى ئۆرنەك قىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەرقانداق بىر تېكىش بىر ناتونۇش ۋە سىرلىق ئالەم، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەقىلنى پەقەت يۈكسەك دەرىجىدىكى سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىق ۋەپاراسەت بىلەنلا كۆرۈش مۇمكىن. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ، پەلسەپە ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ پەننىڭ قىيىنلىقى دېمەككە ئاسان، قىلماققا قىيىن بولغان مانا مۇشۇ پرىنسىپنى ئالدىنقى شەرت قىلغان.
ئاشۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇزاق قىش ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندەك بولدۇم. ئالدى بىلەن مائارىپىمىزنى ئويلىدىم، مائارىپ بىزگە تېكىستنى قانداق ئويلاشنىلا ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۇنى قانداق ئوقۇشنى يېتەرلىك ئۆگەتمىگەچكە، ناھايىتى ئاز بىر قىسمىمىزلا تېكىستنى بارماقلىرىمىزدىن قان چىققۇچە ئوقۇشنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان پەزىلەت ۋە ھەتتاكى تېكىستكە بولغان مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلىگەنىدۇق. مۇقەددەس تېكىستلىرىمىزنى، بولۇپمۇ دىنىي تېكىستىلىرىمىزنى ئوقۇش ۋە شەرھلەش كەسكىن ئىلىم سۈپىتىدە قارالمىغاچقا، بىز باشقا تېكىستلەرنى ئوقۇشنىڭ، چۈشىنىشنىڭ ۋە شەرھلەشنىڭ ئاخىرقى ئۆلچىمىگە تېخىچە ئىگە بولالماي كەلگەنىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقەددەس كىتابلىرىمىزنى شەرھلەش ۋە (ئىجادىي) خاراكتېرىك ئوقۇش ئېلىپ كېلىدىغان بىر قەدەر قېلىپلاشقان، لېكىن تەنقىدىي تۈزىتىشكە مايىل ئەنئەنىۋى تېكىست ئوقۇش ئۇسۇلى بىزدە تاكى ھازىرغىچە يېتىلمىگەنىدى.
ئەگەر نىچېچە (مەدەنىيەتكە دىئاگنوز قويۇش) بارلىق قىممەتلەرنى تەنقىد ئارقىلىق باھالاپ ئاندىن ئىجادىيلىق ئارقىلىق يېڭىباشتىن ياىتىش بولسا، مېنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىمنى قايتىدىن باھالىشىم، ئۇنىڭدىكى كېسەللىكنىڭ يىلتىزىنى تېپىش بىلەن باشلاندى. كېسەللىكنى ئاۋۋال ئۆزۈمدە بايقىدم، ئاندىن مەدەنىيىتىمگە يۈزلەندىم. بۇ يەردىكى ماھىيەتلىك مەسىلە شۇكى، ئەقىلنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھايات شەكلىنى تەلتۆكۈس تاللىماسلىقىمىز بىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى تراگېدىيىلىرىمىزنىڭ مەنبەسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەربكە سېلىشتۇرغاندا بىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئاقارتىش دەۋرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزمىگەنلىك سەۋەبىدىن، ئەقلىيلىق، تەرەققىيات، ئىنسان ئەركىنلىكى ۋە ئەقىل تەنقىدچىلىكى ھەققىدە بىلىشتە تولىمۇ ئارقىدا قالغانىدۇق④.
ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بىرەر جۈملە سۆز ياكى ئابراسنى تېكىستتىن تېپىۋېلىشنىڭ بىزنىڭ تېكىستلەرنىڭ ياخشى – يامانلىقىنى ئۆلچەشتىكى ئۆلچەمگە ئايلىنىشى ئادەمنىڭ تەپەككۇرىگە جىددىي مۇراجىئەت قىلىدىغان پەلسەپە تېكىستلىرىنى بۇ ئويۇندىن ئلاللىبۇرۇن سىقىپ چىقارغانىدى. بىزدە ئەقلىي سوغۇق قانلىق ۋە ھېسسىياتچانلىق تەرىپىدىن ئادەمنى چۆچۈتكۈدك دەرىجىدە بېسىۋېلىنغان پەلسەپە كەچۈرگىسىز ساددىلىق سەۋەبىدىن دېداكتىكا ۋە جاھاندارچىلىق ئەقلىيلىرى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان، زىيالىيلىق كەسكىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان قوشاقچىلىق ئىقتىدارىغا تېگىشىۋېتىلگەنىدى. قىسقىسى، (پەلسەپە پېنى تەلەپ قىلىدىغان) سىستېمىلىق ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىي تەپەككۇر قىلىش بىرخىل كۈچلۈكغەيرىي ئەقلىيلىكنىڭ مىستىكلىقنىڭ، ھېسسىياتچىلىقنىڭ ۋە سۇبيېكتىۋىزىملىقنىڭ بېسىشى ئاستىدا بولۇپ كەلگەنىدى.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا شۇنداق يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنكى، ئەقلىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەنئەنىسى بولمىغان مىللەتتە دەل مۇشۇ ئەقىلنى ئۆز نۆۋىتىدە ئەقلىي تەنقىدلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا، مەدەنىيەت پائالىيىتى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان قىممەت قارىشىنىڭ ئەقلىي دەلىللىشىنى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى كۆرمەيدۇ. مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پەقەت ئەنئەنە بولالاش مۇمكىنچىلىكىدىكى قىممەتلەرنىڭ توسۇۋالغۇسىز يۈزلىنىشى ۋە مۇئەييەنلەن دائىرىدە جۇغلىنىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەقىلنىڭ مۇتلەق فۇنكسىيىسىنىڭ تولۇق ئارتقۇرۇلماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆز – ئۆزىگە ۋە ئۆزگە مەدەنىيەتكە بولغان ئاڭلىق تەنقىدىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. يەنى زەئىپ ئەقىل ئۆزىنىڭ زەئىپلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بىلەلمەيدۇ.
ئاشۇ قېتىمقى سۆھبەت مېنى پەلسەپىدىن ئىبارەت يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىي پەنگە قانداق كىرىش ۋە ئۇنى ھەقىقىي چۈشىنىشچە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، پەلسەپە ئىزدىنىشىمگە قەدىمكى گرىكلەرنىڭ پەلسەپىنى قانداق بايقىغانلىقىغا تەققاسلاشنى بىرىنچى قەدەم قىلدىم. قەدىمكى گرېكلار ئەقىل (لوگوس) نى خۇددى ئىلاھتەك ئۇلۇغ بىلگەن ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقىغا جفۋاب قايتۇرۇشنى روھنىڭ يۈكسەلگەن يۈزلىنىشى ۋە تاكامۇللىشىشى دەپ قارىغانىدى.
شۇڭا مەنمۇ ئالدى بىلەن قانداق قىلغاندا ئەقىلنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلغىلى ۋە ئۇنىڭ شەپىسىز يېتىلىشىگە ئەگەشكىلى بولىدىغانلىقىنى دىققىتىمنى بەردىم. ئۆۈم ئۆگىنىۋاتقان پەيلاسوپلارنىڭ دۇنيانى ۋەسۇبيېكتنى قانداق چۈشىنىشى ۋە شەرھلىشى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق، قانداق پىكىر قىلىشنى ئۆگەندىم. يەنى پەلسەپە ئارقىلىق پەقەت ۋە پەقەتلا ئەقلىي پىكىر قىلىشنىڭ يولىنى ئۆگەندىم، خالاس.
ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىكى كەسىپ تاللاشتا ماتېماتىكا بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشتا سەل تېڭىرقىغان ۋە ئاخىرى ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىۋالغانىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا پەلسەپىنى خۇددى ماتېماتىكا پېنىدەك كۆردۈم. چۈنكى، ھەر ئىككىسى ئەقلىيلىكنىڭ سىستېمىلاشقان، ئېنىق ۋە پەرقلىق قۇرۇلمىسىنى، يەنى لوگىكىلىق باسقۇچىرىنى ئۆزىدە نامايان قىلاتتى.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە سارت ۋە كەميۇلارنىمۇ قايتا كۆردۈم. لېكىن ئۇلار ئەمدى مەن ئۈچۈن ئۇ قەدەر ئۇلۇغ ئەمەس ئىدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ پەلسەپىسىدە ئەقلىيلىكنىڭ كەملىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ غەرب ئىدىيە تارىخىدىكى ۋە پەلسەپە ھەرىكىتىدىكى ناھايىتى كىچىك بىر بۆلەككە ۋەكىللىك قىلغانلىقىدا ئىدى.
ھەربىر پەيلاسوپ مەن ئۈچۈن ئايرىم بىردۇنيا ئىدى. ئۇلار بىلە ئۈنسىز سىردىشىش ماڭا ماھىيەتتە سىرلىق ئەقىل بىلەن سىردىشىشتەك بىلىنەتتى، ئۇلۇغ راسىئونالىزىملىق (ئەقلىيەتچىلىك مەسلىكى) پەيلاسوپلاردىن ئەپلاتون، ئارىستوتىل، دىكارت، سپىنوزا، كانت ۋە لائىبنىزلارنىڭ گېرمان ئىدىئالىزىمچىلىرىدىن ھېگىل ۋە شېللىڭلارنىڭ، ھادىسىشۇناسلاردىن ھايدېگىر ۋە لېۋىناسلارنىڭ پەلسەپىلىرى ماڭا ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ ئادەمنى لال قىلىدىغان سېھرىي قۇدرىتنى نامايان قىلدى. پەلسەپىنى بىلىشتىن چۈشىنىشكە ئۆتۈش ماڭاھاياتىمدىكى غەرىي ئەقلىيلىكتىن ھەقىقىي ئەقلىيلىك باسقۇچىغا ئۆتۈشتەك بىر جەريانغا ئوخشاپ كەتتى، شۇڭا شۇ نەرسىگە چىنپۈتۈپ قالدىمكى، مەن پەلسەپىنى ئەمدى چۈشىنىشكە باشلىغانىدىم. ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، نىچېنىڭ >پەلسەپىدىكى ئالۋاستى< سۈپىتىدە قارىلىدىغان ئەرۋاھى مېنى پات – پات يوقلاپ تۇرىدۇ، ئۇنى ئارىلاپ – ئارىلاپ ئوقۇپ قويۇش ماڭا باشقا بارلىق پەيلاسوپلارنى چۈشىنىشكە يول ئېچىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بارلىق غەرب پەيلاسوپلىرىغا دېگۈدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئەنە شۇنداق ئۆگىنىش ئارقىلىق ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا فرانسىيىلىك يەھۇدىي پەيلاسوپى ئېمانۇئېل لېۋىناسنىڭ ۋاقىت ئىدىيىسى بىلەن ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاتاپ يېزىلغان «ياخشىلىقنىڭ ۋاقتى، ئېممانۇئېل لېۋىناسنىڭ پەلسەپىسىدە ۋاقىتنىڭ ئېتىكىلىق يازلىنىشى ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن دېسسىرتاتسىيىمنى ياقىلاش ئارقىلىق ئېرىشتىم. ئۆزىگە يات ھەم تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىرق دەپ قارالغان مېنىڭ پەلسەپىدەك ئومۇم ئېتىراپ قىلغان مۇرەككەپ پەندە، ياخشى نەتىجە قازىنىشىنىڭ ساۋاقداشلىرىم ۋە پروفېسسورلىرىمنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت سېزىپ تۇرۇپتىمەن. بۇ ھەم مەن ئۈچۈن بىر دئاىمىي خرىس، ياۋروپا مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى ئىدىئولوگىيىسىگە تويۇنغان لېۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەقەت ياۋروپالىقلارنىڭ ئەقلىي ئىختىراسى دەپ قارىلىدىغان پەلسەپىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدىم ۋە تاللاندىم، شۇنىڭدەك، بېلگىيە فلاندېرلار جامىئەسى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان دوكتۇرلۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتىم. دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا تاللىنىش ئارقىلىق ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمگە ئىشىنىشكە ئېرىشتىم، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بالىلىقىمدىكى ئاددىي بىر ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدىن دەپ ئويلايمەن. مەن كىچىكىمدە دۇنيانى ھەقىقىي چۈشىنىپ بېقىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم، ئېھتىمال پەلسەپە مەن ئۈچۈن مۇشۇ ئارزۇنىڭ ئۆزى بولسا كېرەك.

ئىزاھاتلار:

①  مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر مائارىپى مەندە قۇرۇپ چىقالايدىغان دۇنيانى كۆزىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئىپتىدائىي ئەندىزىسىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن.
② فرېئۇدنىڭ روھ ئانالىزى سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئەخلاقىي قاراشلار بىلەن بۈيۈك گېرمان پەيلاسوپى كانتىنىڭ ئەقلىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدىكى ئەخلاق مېتافىزىكىسى بىر – بىرىگە تۈپتىن قارىمۇقارشىدۇر. يەنى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش غەرب ئېتىكا ئىلمىدە ئەپلاتوندىن باشلانغان مۇھاكىمىگە، يەنى ئەخلاقىي ھاياتنىڭ ئەقىلگە ياكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ھوزۇرىغا بويسۇنۇشى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەتكە ئاتالغان مۇھاكىمىسىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئىنساننىڭ ئەخلاقىي ھاياتىدىكى ئەڭ ماھىيەتلىك مەسىلە ئىنساننىڭ ئىستىكى، ئۇنىڭ ھالقىمىلىقى ۋە ئىجتىمائىيلىقى مەسىلىسىدۇر. بارلىق ئەخلاقىي ئويلىنىشلار ۋە ئەمەلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قارىشىمچە، ئەڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇ مەسىلىگە تۈگۈللىنىدۇ.
④ غەربتىكى ئاقارتىش ھەرىكىتى ئىنسان ئەركىنلىكىنى ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىنى ۋە دۇنيانى ئەقىل ئارقىلىق ئۆزگەرتىش قابىلىيىتى سۈپىتىد چۈشەنگەچكە، ئىنسان ئىرادىسى ماھىيەتتە ئەقىلنىڭ ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇشنىڭ يولىغا ئايلانغان. غەربتىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئەقىلنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ۋە جەمئىيىتىدىكى مۇتلەق نوپۇزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تەنقىد قىلىپ تۇرۇش زۆرۈرلىكىنىمۇ ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇۇرشتا كۆرۈلىدۇ. دېمەك، ئۇلار ئەقىلنى ئەقىلگە توقۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەقىلنىڭ دەلىللىشىنىڭ ئېنىقلىقىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەقىلنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشىدۇر، ئەگەر غەربتىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ غەرب مائارىپىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئېيتىشقا توغرا كەلسە، شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، غەرب مائارىپى دەل مانا مۇشۇ ئىدىيىنى تارقىتىشنىڭ ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشنىڭ ئىدىئال ئورنىغا ئايلانغان.
غەربتىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا مېنىڭ بىر پروفېسسورۇم دەرس ئارىلىقىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
— نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر نەرسىنى چۈشەنمەيدۇ، يەنى بۇ قەدىمدە شۇ قەدەر تەرەققىي قىلغان شەرق ئەللىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن توساتتىنلا تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىنى بۇرۇنقىدەك ئلىشلىتىشنى خالىماي قالدى، شۇڭا شۇنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئېيتىمەنكى، بۇ ئۇلار كېيىنچە ۋە تولىمۇ كېچىكىپ ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ يوقۇتۇش بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئەقىلنىڭ شەرق ئەللىرى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە بولغان يېتەكچىلىكى بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىز غەربلىكلەر ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق، پەلسەپە بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغۇچى پەنلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەقىل ئۆزىنىڭ ئىچكى ماسلىشىشچانلىق، ئۇيۇشتۇرغۇچىلىق ۋە ئېنىقلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئۆزىمىز ھەققىدىكى بارلىق بايقاشلىرىمىزنى ھەرقانداق گۇماندىن خالىي بولغان ئۆلچەم بىلەن تەمىنلىرى ياكى ئۇلارنى ئىسپاتلاشتىكى ئۆلچەم بولدى. ھەممە نەرسەئ ۇنىڭغا ئۈزۈل – كېسىل بويسۇندۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزى تەرىپىدىن رەھىمسىز سوراققا تارتىلىپ تۇردى، مانا بۇ غەربىي ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنىڭ سىرىدۇر. گەرچە شەرقىي ياۋروپادىمۇ ئاقارتىش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى يەنىلا چەكلىك بولدى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى بىزنىڭكىدەك ئۈزۈل – كېسىل بولمىدى. مۇھىمى، ئۇلاردا ئۆز مەدەنىيىتىگە قارىتا تەنقىد روھى كەمچىل بولدى.