ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

partiye-bayriqi-1024x677

1.ئۇيغۇرىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى ئىرادىسى، شۇنىڭدەك ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ۋەتەن سۆيگۈسى _ ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت ھوقۇقىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرىلىشىدۇر.

2.ئۇيغۇرىستان تۇپرىقى تېرتورىيەلىك جەھەتتىن خىتاي جۇغراپىيەسىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ خىتاي تۇپرىقى بىلەن جۇغراپىيەلىك باغلىنىشى يوق. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرىستاننىڭ يەرلىك، ھوقۇقلۇق خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئوتتۇرسىدا قانداشلىق، مەدەنىيەت، دىن، تىل، ئۆرپى ئادەت، تارىخ باغلىنىشى يوق.

3.ئۇيغۇرىستان خەلقى بىلەن خىتايلار ئوتتۇرسىدىكى سىياسى مۇناسىۋەت بولسا، قارمۇ  قارشى دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىدۇر. بۇ توغۇرلۇق ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىدىن قىسقىچە ئەسلىمە ئېلىپ كۆرەيلى: 1882-  يىللىرى ئەنگىلىز ۋە رۇس ئىمپىرىيەلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربى تېخنىكىلىق ياردىمى بىلەن مانجۇر ئىمپىراتۇرلىقى ئۇيغۇرىستانغا بېسىپ كىرىپ تولۇق ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مانجۇر ھەربى قوشۇنلىرىغا ياللىنىپ، ئارقا سەپ تەمىنات بازىلىرىدا مەدىكارچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەش مۇناسىۋىتى بىلەن سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئىتايىن تېزلىك بىلەن كۆپىيىدۇ. مانجۇر ئىمپىراتورلىقى يىمىرىلىپ، 1912- يىلى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى خىتايلار ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرىستاندىكى ھۆكۈمرانلىق، مانجۇر ھەربى بازىلىرى، ئىقتىساد، بارلىق ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئۆزلۈكسز كۆچمەن خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن يېڭىدىن تەخىتكە ئىگە بولغان مەركىزى خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئۇيغۇرىستاننى ئۆز ئىشغالى ئاستىغا ئالالمىغاچقا، بۇ يەردىكى مانجۇر ھۆكۈمرانلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى يەنىلا ئەنگىلىيە، رۇسىيە ئىمپىراتورلىقىنىڭ كۈچلۈك ھەربى ئىقتىسادى، سىياسى ياردىمى بىلەن ئۆز ئالدىغا ۋەھشىلەرچە باستۇرۇپ ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇر خەلقى ئۇيغۇرىستاندىكى خىتايلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇيغۇرستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئازاتلىق ئۇرۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ قاتاردا قۇمۇلدا، ئۈچتۇرپاندا، كۇچاردا، خوتەندە تۈرلۈك شەكىللەردە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ خىتايلارغا ئېغىر زەربە بەرگەن. ئازاتلىق ھەرىكەتلىرى تەرەققى قىلىپ 1933- يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» نى باستۇرۇشتىمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىدارچىلىقى يوق ئىدى. چۈنكى مانجۇر ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ ھاكىميەتنى قولىغا ئالغان خىتاي خەلقى ئىنتايىن تېزلا ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ، ھوقۇق تالىشىش پاتقىقىغا پاتقان ۋە گوۇمىنداڭ پارتىيەسى، كوممۇنىست پارتىيەسىدىن ئىبارەت چوڭ ئىككى پارچىگە بۆلۈنۈپ، ئۆز  ئارا قوراللىق ئۇرۇش قىلىش نەتىجىسىدە ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشقا باشلىغان. ئۇزۇن يىللاپ كۈرەش قىلىپ ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قىسمىدا ۋاقىتلىق قۇرۇلغان « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» مىزنىڭ قانلىق باستۇرىلىشىدا، ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرىشىنى خالىمىغان ئەنگلىزلار، رۇسلار ئىتايىن ھالقىلىق رول ئوينىغان. 1934- يىلى « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» تولۇق ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرىستاندىكى ۋەھشى خىتاي ھۆكۈمرانى ( مانجۇر مىللىتىدىن ) شىڭ شى سەينى ئۆز تەسىرى ئاستىدا باشقۇرۇش بىلەن بىرگە، گوۇمىنداڭ كۇچلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستانغا كۆپلەپ كىرىپ، ھاكىميەتنى ئىگەللىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە -1943- يىلىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرىستان ئومۇمىيۈزلۈك گوۇمىنداڭ خىتاي مەركىزى ھاكىميىتىنىڭ تولۇق مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. لېكىن ئۇيغۇرىستان خەلقى ئىنتايىن كەسكىن قوراللىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق 1944- يىلى 12- نويابىر كۈنى ئۇيغۇرىستاننىڭ شىمالى شەھرى غۇلجىنى ۋاقىتلىق دۆلەت مەركىزى قىلىپ مۇستەقىل « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى » قۇردى. بىراق بۇ ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرىستان  ، ختاي ئۇرىشىمۇ دەرھال توختىتىلىدۇ. ئۇيغۇرىستاننىڭ خىتاي گوۇمىنداڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلىرىنى تولۇق ئازات قىلىپ، بىر پۈتۈن دۆلەت چىگراسى ئېلان قىلىنمىغاچقا، بۇ ھۆكۈمەتنى دۇنيا مىقياسىدا ھېچقانداق بىر دۆلەت قوبۇل قىلمايدۇ ۋە تونىمايدۇ. نەتىجىدە 1949- يىلى ئۆكتەبىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى « خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكالايدۇ. ئۇيغۇرىستاننى كوممۇنىست خىتاي مۇستەملىكىسىگە سوۋىت ئىتتىپاقى مەجبۇرى بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرىستان خەلقى بىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى سىياسى دۈشمەنلىكنىڭ قىسقىچە تارىخى. دېمەك ئۇيغۇرىستان خەلقى بىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئوتتۇرسىدا سىياسى جەھەتتىنمۇ ھېچقانداق دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنداق بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىلمايدۇ.

4. 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىست باسمىچىلىرى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاننى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە ئۇيغۇرىستان خەلقىگە سالمىغان زۇلۇملىرى قالمىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ۋەھشى جازا ئىجرا قىلدى. ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان دەسلەپكى 10 يىلدا يەنى 50- يىللىرى ئىقتىسادىمىزنى، يەر مۈلۈكلىرىمىزنى پۈتۈنلەي تارتىۋالدى، زىيالىلىرىمىزنى، بىلىم ئىگىلىرىنى، بايلىرىمىزنى ئاساسەن ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى. ئىككىنچى 10 يىلدا يەنى60- يىللىرى مەدەنى مىراسلىرىمىزنى، مەدەنىيتىمىزنى، دىنى ئىتىقادىمىزنى، تىل- يېزىقلىرىمىزنى، تارىخمىزنى ۋەيران قىلدى. پۈتۈن ئۇيغۇرىستان تۇپرىقىنى ئادەم قىينايدىغان جازا لاگىرىغا ئايلاندۇردى، خىتاي دۆلىتىنىڭ خاتا سىياسىتىگە، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى « سوتسىيالىزىمنىڭ دۈشمىنى، ماركىسىزىمنىڭ دۈشمىنى، جۇڭگو ئىنقىلاۋىنىڭ دۈشمىنى» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىلن جازالاندۇردى. ۋە قەستەن ئاچارچىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ 10 يىل ئىچىدە بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈردى. ئۈچىنچى 10 يىلدا يەنى 70- يىللىرى پۈتۈن ئۇيغۇرىستان خەلقىنى ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتلىرىدىن مەجبۇرى ئايرىپ سۈرگۈن قىلدى، پۈتۈن ئۇيغۇرىستان خەلقى ۋەيران قىلىۋېتىلدى، بىڭتۈئەن ھەربى بازىسىنى كۇچلەندۈرۈپ، زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللاندۇردى، بۇئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قارشى ئەڭ ئېغىر، ئەجەللىك تەھدىت شەكىللەندۈردى. تۆتىنچى 10 يىلدا  يەنى 80- يىللىرى ئۇيغۇرىستان خەلقىنى تولۇق ئاسسمىلاتىسيە قىلىش تۈزۈمىنى باشلىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىك بولىشى چەكلەندى، ياشلارنىڭ 24 ياشتىن بۇرۇن توي قىلىشى جىنايەت بولۇپ بەلگىلەندى، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرىستانغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈردى، پۈتۈن يەر مۈلۈك يەنە بىر قېتىم خىتاي كۆچمەنلىرىگە تارقىتىپ بېرىلدى. بەشىنچى 10 يىلدا  يەنى 90- يىللىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى، ئادالەت تەلەپ قىلىشى قايتىدىن قاتتىق چەكلەندى، خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىت قىلغان، مىللى ھوقۇق تەلەپ قىلغان، ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئۇيغۇر « خىتاي دۆلىتىنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى پارچىلاشقا ئورۇنغان  خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى» جىنايىتى بىلەن جازالاندۇرۇلدى، ئاممىۋى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، ئۇيغۇرىستان تۇپرىقىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ پايدىلىنىشى، كان ۋە سانائەت فابىركىسى قۇرۇشى چەكلەندى، ئۇيغۇرىستاننىڭ پۈتۈن بايلىقى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى، ھوڭكوڭدىكى، تەيۋەندىكى خىتاي كاپىتالىستلارنىڭ خالىغانچە پايدىلىنىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئالتىنچى 10 يىلدا يەنى 2000- يىللىرى ئۇيغۇرىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازاتلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن پىكىر قىلغان، خەلقئارا قانۇن نورمىلىرىغا ئويغۇن ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارغا « خەلقئارا ئىسلام تېرورىستلىرىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن تۆھمەتلىك جىنايەتنى يۈكلەپ ئاممىۋى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرىستانغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئىجرا قىلغان جازالىرىغا 80 يىلدىن بېرى شىرىك بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاز ئەمەس، خىتايغا قوشنا، خىتاي بىلەن چىگراداش، خىتاي بىلەن تەقدىرداش دېكتاتور دۆلەتلەر، شۇنىڭدەك خىتاي دۆلىتى بىلەن سودا _ سانائەت مۇناسىۋىتى ئورناتقان كۆپلىگەن دېموكراتىك غەرپ ئەللىرى ئۆزلىرى ماقۇللىغان « خەلقئارا مىللى ھوقۇق، ئىنسان ھەقلىرى پىرىنسىپلىرى » غا قارشى ھالدا خىتاي دۆلىتى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە! خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرىستانغا بېسىپ كىرگەندىن باشلاپ 70 يىللىق جىنايى قىلمىشلىرىدا ئۆزى يالغۇز ئەمەس. شۇنىڭدەك كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە غەرپ دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتايدىن ئېلىپ يەۋاتقان نانلىرىغا بېگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى سىڭىپ كەتكەن!

5.كېيىنكى 10 يىلدىن بېرى خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇملىرى، ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان قانلىق ئىرقى قىرغىنچىلىقلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، « خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى » قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈستىدىن ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان تەكشۈرۈش دوكلات ۋە پاش قىلىش ماتېرياللىرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدە ، ئۇيغۇرىستاننىڭ سىرتىدىكى خەلقئارالاشقان بەزەن ئۇيغۇر تەشكىلات، مەركەزلىرىنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرىگە قىسمەن پۇرسەتلەر بېرىلىشكە يول ئېچىلدى. لېكىن پاجىئەلىك يېرى شۇ بولدىكى، خەلقئارالىق سورۇنلاردا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۈستىدىن دەرت – شىكايەت سۆزلىگۈچى مەركەز ۋە رەھبەرلەر« مۇستەقىللىق »دېگەن سۆزنى تىلغا ئالماسلىقى، ھەتتا تەشكىلاتلىرىنىڭ، مەركەزلىرىنىڭ نىزامنامە، خىتاپنامە، پىروگراممىلىرىدىمۇ « مۇستەقىللىق كەلىمىسى » گە ئورۇن بەرمەسلىككە مەجبۇرلاندى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي كۈتۈپ تۇرغان بىر بوشلۇق ئېچىلدى، ئۇ بولسىمۇ، « ياكى مۇستەقىللىق، ياكى خىتايغا قارشى تۇرۇپ ئۆلۈش » ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ، غەرپ ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان تەشكىلات، مەركەز ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەردىن يىراقلىشىپ، ئۇدۇل كەلگەن يولغا رادىكاللىق بىلەن مېڭىشنى تاللىۋېلىشىدۇر، ھەتتا بۇ خىل تاللاشقا خىتاي دۆلەت ئىستىخباراتى يوشۇرۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردىكى تالىبان، ئەلقائىدە تېرور ھەرىكەتلىرىگە قېتىلىشىگە يول ئېچىپ بەرمەكتە.

6. ۋەتەن سىرتىغا قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازاتلىقىغا ئۆزلىرىنى پىدا قىلىدىغان بارلىق ئۇيغۇرلار ئىدېولوگىيە جەھەتتىن توغرا ۋە ئۇيغۇرىستاننىڭ مىللى مەنپەئەتىگە پايدىلىق يېتەكلىنىشكە ئىھتىياجلىقتۇر. شۇنىڭدەك، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىغان سۈيقەستلىك توزاقلىرىنى پاش قىلىش، دېموكراتىك غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزتىسيەلىرىنى خەلقىمىزگە قايسى شەكىلدە چۈشەندۈرۈش مەسىلىسى جىددى تەدبىر تەلەپ قىلماقتا.

7. ئۇيغۇرىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىيتىدىن قۇتۇلۇپ تولۇق مۇستەقىل بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە قايسى دۆلەتلەر بىلەن قانداق شەرتلەر ئاستىدا ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرىنى تېپىش………..
يوقۇرقىدەك بىر قاتار مۇھىم سەۋەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، تەشكىللىك، قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىدىغان بىر سىياسى تەشكىلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىقتىن، « ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى » نى قۇرۇپ چىقتۇق.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېتى