قىرغىزىستاندا قەتلى قىلىنغان 12 ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات

uyghuristan.png w=300

شەرقىي تۈركىستان خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قانچە مىڭ يىلدىن بېرى، ئۈزبەكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، مۇڭغۇلىستان  ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دەۋلەتلەردىكى قان-قېرىنداش خەلىقلەر بىلەن ئورتاق بىر جۇغراپىيەدە ياشاپ، بۇ رايوننىڭ ئېتنىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم روللارنى ئېلىپ كەلگەن  خەلىقلەرنىڭ بىرى.ھازىر قېرىنداش خەلىقلەر ياشاۋاتقان، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان بۇ تۇپراقلارنىڭ بۈگۈنكى  ھالىتىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۆھپىللىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

كېيىنكى ئىككى ئەسىردە بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ ئۈزبەك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، مۇڭغۇل  ۋە تاجىك قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزدەكلا تاجاۋۇزچىلارنىڭ مۇستەملىكىسىدە، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق ئاستىدا قان-ياشلىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇرلاندۇق.بىز يوقاردا سانىغان قېرىنداشلىرىمىز 20 يىل ئاۋال ئۆزلىرىنىڭ ھۈرىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار تېخىچە تاجاۋۇزچىلارنىڭ دىنىي، كۇلتۇرال ۋە ئېتنىك قىرغىنى ئاستىدا مىللىي مەۋجۇتلىقىنى، ۋەتىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش مۇجادىلىسىنى بەرمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەققىللىقىنى قولغا ئالغان كۈنلەردە بىز ئۇيغۇرلار يۈرىكىمىز قان-زەرداپ تۇرۇپ، دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلدۇق، دوپپىمىزنى ئاسمانغا ئېتىپ توي ئوينىدۇق.

شەرقىي تۈركىستان كۈنىمىزدە بىر قارماققا خىتايلارنىڭ دەۋلەت دىكتاتۇرسى سەۋەبىدىن 60 يىل ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان، قانچە مىليون كىشى قىرىپ تاشلانغان، مىللىيەت  خاراب بولغان بىر ئەلگە،  يەنە بىر قارماققا  خۇددى ئۈستى ئوچۇق، ھەممە جان سەكرات ئىچىدە ئىڭىراۋاتقان  غايەت زور تۈرمىگە ئوخشاپ قالدى.ھەممە نەرسە كۆرۈڭەنىدەك ئەمەس، سۇنىڭ ئۈستى پارقىراپ كۆرۈڭەندەك قىلغىنى بىلەن، مۇزنىڭ ئاستىدا قارا بۇران ھۆركىرەپ، دەھشەتلىك دولقۇنلار قانچە مىڭ يىللىق مىللىي كىملىكىمىزنى ۋە ئاتا مىراس ۋەتىنىمىزنى  خۇددى ئەجدىرھادەك دەم تارتماقتا.

شەرقىي تۈركىستان (1.828.418 كۇۋادرات كلومېتىر) نى ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان، ھالال ۋە  قانۇنلۇق ۋەتىنىم، دەپ تونۇيدىغان ئۇيغۇر خەلقى،  يات مىللەتنىڭ  تولۇق ئىشغالى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتدىن بېرى، خىتاي دەۋلەت فاشىزىمى تەرىپىدىن مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىۋېتىلىشتىن ئىبارەت ھايات-ماماتلىق تەقدىرىگە دۇچ كەلدى.ئەزەلدىن تىنچلىق، قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىكنى مۇقەددەس كۆرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ خىل مىللىي خاراكتېرى، مىللىتىمىزنىڭ بارغانچە ئاجىزلىشىپ، ئاخىردا يوقۇلۇش گىرداۋىغا كېلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولماقتا.بىز تارىختىن بېرى باشقىلارنىڭ يۈرىشى ئۈچۈن يول ھازىرلىدۇق ئەمما ياتلار يولىمىزغا ئىزچىل قاپقان قۇرۇپ كەلدى.خەلقىمىز ھازىر تاجاۋۇزچى يات مىللەتتىن ھېچقانداق ۋاپا كەلمەيدىغانلىقىنى ئاخىرى چۈشۈنۈپ يېتىپ، بىردىن-بىر توغرا يول مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىۋالدى.

نۇرغۇن كىشىلەر بۈيۈك تۈركىستاندىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئەت بىلەن سۆڭەكتەك، قان بىلەن جاندەك مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەرگىز  تەسەۋۋۇر قىلالامايۋاتىدۇ. دۇنيادا ئىككى سېپىل بار، ھەر ئىككىسى خىتايلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك: بىرى خىتايلار ئەجداتلىرىمىزدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن تاشتىن قوپارغان سەددىچىن سېپىلى، ئىككىنچىسى ئۇيغۇرلار خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىدىن بۈيۈك تۈركىستاننى جۈملىدىن   ئاتا مىراس ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننى قوغداش ئۈچۈن دەريادەك ئاققان قانلىرى ۋە تاغدەك دۆۋلەڭەن ئۇستىخانلىرى ئارقىلىق ئىنشا ئەتكەن ئۇيغۇر سېپىلى.خالىغان ھەرقانداق كىشى بۇ ھادىسىنىڭ ماھايىتىنى ئانچە قىينالمايلا ھېس قىلالايدۇ.ئۇيغۇرلار بۇ جەرياندا  تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئاتا مىراس تۇپراقلارغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىنى توسۇش ۋە ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن  500 قېتىمدىن ئارتۇق ھەر تۈرلۈك قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەركەتلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك يالغۇز ئېلىپ بېرىپ، بۇ مۇقەددەس كۈرەش يولىدا تەقدىرداش خەلىقلەر بىخەۋەر  ھالەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى شەھىد بەردى.بۇ بۈيۈك پىداكارلىقنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە يەنە بىر قېتىم مۆھۈرلەيمىز!

ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز، ئۇ مىللىي جۇمھۇرىيەتلەر بىر ئاخشامدا ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك ئويلىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس،  تارىختىن بېرى بىز تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ھاياتلىق زەنجىرىمىز، مىللىي تەقدىرىمىز ئۆز-ئارا باغلانغان، ئۇزاق مۇساپىلىك ئويلىغاندا بۇندىن كېيىن ھەم شۇنداق بولىدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلىشىدا باشقا نۇرغۇن سەۋەپلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتا دۈشمىنىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان يوقارقىدەك قۇراللىق كۈرەشلىرىنىڭمۇ ئالاھىيدە تەسىرى بولغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك ئەلبەتتە. بەزى قېرىنداش خەلىقلەر خىتاي بىلەن بولغان دەپلۇماتتىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى پەش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىۋاتىدۇ، چەتكە قېقىۋاتىدۇ.خاتىرلەتمەك كېرەككى، خىتايلار ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بەرگەن ھەر پارچە ناننىڭ خېمىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تارىختىن بېرى ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن يات مىللەتلەرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش تەدبىرىنى ئىشقا سېلىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ يات مىللەت دېگىنى دايىم تۈركىي خەلىقلرنى كۆرسۈتەتتى.ئۇلار بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانچە مىڭ يىلدىن بېرى „يېقىندىكىللىرىنى پارچىلاش، ئۇزاقتىكىلىرىنى پۇلغا سېتىۋېلىش، ئىچكىي تەپرىقىچىلىك پەيدا قىلىپ ئۆز-ئارا ئوت بىلەن سۇدەك قىلىۋېتىش“ ئىستراتېگىيسى بىلەن ئىش قىلىپ كەلدى.ئۇلار سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ مۇستەققىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، جىددىي ھەركەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلىقلەرنى ناركوز قىلىپ قەدەممۇ-قەدەم يوقۇتۇش مەقسىدىدە، شاڭخەي ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدىكى  مەدەنىيىتى بىر قەدەر ئارقىدا، ئىقتىسادى نىسبەتەن قالاقراقلىرىنى ئاۋال يېنىغا تارتىپ، خەلقىمىزنىڭ يىلىكىدىن سۇ ئىچمەكتە.

ئورتا ئاسىيادا مۇستەقىل دەۋلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 20 يىلدىن بېرى، خىتاي ۋە بۇ مۇستەققىل دەۋلەتلەر ئارىسىدا  ئۇيغۇر مىللىتىگە ئالاقىدار ئاجايىپ كۆپ تېراگېدىيلىك ھادىسىلەرگە شايىد بولدۇق.ئۆز ۋەتىنىدە كۈن ئېلىش تەس بولغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىن خىتايلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ۋە بەزىللىرى مەڭگۈلۈك تۈرمىلەرگە تاشلاندى.خەلقارا تەشكىلاتلار، خەلقارادىكى كۈچلۈك دېموكراتتىك دەۋلەتلەر، خەلقارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى يوقارقى  مەسەلىلەر ھەققىدە ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش دەۋلەتلەرنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان، ئۇيغۇرلار تالاي قېتىم قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەھۋال ئاستىدا يەنە كىشىنى ئۈزگۈچى ھادىسىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئورتىغا چىقىپ، خەلقارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

بولۇپمۇ بۇ قېتىم خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان زوراۋانلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، 12 ‏نەپەر ئۇيغۇر 23‏-يانۋار قىرغىزىستان چېگراسىغا كىرىپ، شۇ رايوندا ئوۋچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئوۋچىغا يولۇققان. لېكىن، ئوۋچى ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان. ئۇيغۇرلار ئامالسىز ئوۋچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ قىرغىزىستان چېگراسىغا 40 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەندە، قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسىملىرى تىكۇچاردا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلىغان.

بىز بىلىمىز، ئۇيغۇر خەلقى قىرغىز خەلقىنى قېرىنداش، قىرغىزىستاننى گويا ۋەتەنىدەك كۆرىدۇ.ئۇيغۇلار 20 يىلدىن بېرى قىرغىزىستاندا ئىنساننىڭ ھۈرىيىتى، كىشلىك قەدرى-قىممەتلىرى ھۆرمەت قىلىنىدىغان، تولۇق دېمۇكراتتىك، مال ۋە جان كاپالىتىگە ئىگە بىر جەمىيەتنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، قىرغىز ۋەتەنداشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ھازىرغىچە ئۇنداق بىر ساپا يېتىلگىنى يوق! قىرغىزىستاندا ئۇدۇل كەلگەننى بۇلاش، جىسمانىي خەۋەپ-خەتەر پەيدا قىلىش، دەۋلەتنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، شەخسىي ۋە گوروھلارغا ئۇيۇشۇپ، باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ۋە مېلىغا تەھدىت سېلىش بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.ئۇيغۇرلار ئەگەر شىددەت قوللانغان بولسا يوقارقىدەك ئالاھىيدە بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولىشى ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس.ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزىگە خەتەرلىك تەھدىت، دەپ قارىمىغانلارغا قارشى زوراۋانلىق ياكى شىددەت قوللانمايدۇ ھەم ئوت قويمايدۇ.پەرىزىمىزچە سىياسىي پانالانغۇچىلار ھېساپلانغان بۇ ئۇيغۇرلار ھېچكىمگە تەھدىت كەلتۈرمەيتى، بىرگە بولسا شۇ جايدىكى خەلقارا سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئورنىغا باش ئۇراتتى ياكى قىسقا بىر مەزگىلدە ئۈچۈنچى بىر دېموكراتتىك دەۋلەتكە چىقىپ كېتەتتى. بىراق بۇ مەسەلىدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى كىچىككىنىمۇ سەۋرەچانلىق كۆرسەتمەي، خىتايلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن 12 قېرىندىشىمىزنىڭ قېنىنى تۆكتى، بۇ ئەلبەتتە ئۇنتۇلمايدۇ…

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە شۇ چاغدىكى شارائىت مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: „ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككى گۇرۇپپا ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىلدى. ئالاھىدە قىسىم ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار تەسلىم بولماي ئەكسىچە ئالاھىيدە قىسىملارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەم ئوت قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. ئۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن، ئۇلار قېچىپ كەتكەن بولسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ“ دېدى. قىرغىزىستان چېگرا ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مەسۇلى رايىمبەردى دۈشەنبېيىف، 24‏-يانۋار قىرغىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە،ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرىنىمۇ تىرىك قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ: „ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن تىرىك قويۇشىمىز كېرەك؟ ئۇلار بىزنىڭ بىر پۇقرايىمىزنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن تۇرسا“ دەپ جاۋاب بەردى.يىغىندا سابىق قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل ئىساقوف بولسا چېگرا قوغدىغۇچى قىسىملارنى ئاقلاپ. „ چىگرىنى بۇزۇپ ئۆتكەنلەرنى ئۆلتۈرگەن چېگرا قوغدىغۇچىلارنى تەنقىدلەش توغرا ئەمەس. بىراق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى زور خاتالىق. بىز بۇ سەۋەپتىن تېرىتورىيىمىزگە كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يول باشچىسىنى تۇتالمىدۇق“ دېدى.

شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان 12 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پانالانغۇچىنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قىرغىزىستان ئالاھىيدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشى   ۋە بىر كۈن كېيىن يەنى  1-ئاينىڭ 24-كۈنى  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قىرغىزىستاندا قەتلى قىلىنغانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان 12 ئۇيغۇرنى  سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرىشى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى قاتتىق ئەيىپلەنمەكتە.

بۇ نومۇسلۇق قەتلىئاملار يۈز بەرگەندىن بېرى، ھەر تۈرلۈك رەسمىي ۋە سوتسىيال مېدىيەلەردە كىملىكى ئېنىق بولمىغان شەخىسلەر قىرغىزىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسەلىسىنى، ئۇيغۇر بىلەن قىرغىزلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئېتنىك زىددىييەت سۈپىتىدە تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ، قىرغىز خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يىلتىزى مىڭ يىللارغا ئۇزانغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى پالتىلاشقا ئۇرۇنماقتا.بىز بۇ تەتۈر تەشۋىقاتچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ جىنايەتكە قىرغىز خەلقى ئەمەس ئەكسىچە شاڭخەي ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئىش بىرلىكچىللىرى بولغان ھازىرقى ھۆكۈمەتتىكى مىللىي مۇناپىقلار جاۋاپكاردۇر.قىرغىز دەۋلىتى بىلەن قىرغىز خەلقىنىڭ بۇ مەسەلىدە ھېچقانداق گۇنايى يوق! ھەققانىيەتنى ياقىلىغۇچى مەسۇم ئىنسانلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ۋە يۈرەك پارىسى دەپ قارايدىغان قانداش خەلىقلەرنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇنداق مەسەلىلەردە سالماقلىق بىلەن ئىش قىلىشىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ھەر دايىم ئالدىنى ئېلىپ، ئورتاق دۈشمەنلىرىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى مۇمكىنچىلىككە قەدەر تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

لېكىن شۇ مەسەلە ھەققىدىكى مەيدانىمىز ئېنىقكى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىيدە ھەركەت قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، سىياسىي پاناھلانغۇچى  12 ئۇيغۇرنىڭ  بىرىنىمۇ ساق قويماي قىرىپ تاشلىشى  خەلقارا  ئەھدىنامىلەرگە ۋە قېرىنداشلىق ئەنەنىللىرىمىزگە  خىلاپ ئېغىر جىنايى قىلمىشتۇر.شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇشۇ يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ئۇيغۇر قەتلىئامى دىققەت نەزىرىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلمايدۇ ۋە بۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ  ئىنسانلىققا قارشى ئىشلىگەن بۇ جىنايى قىلمىشىنى شىددەت بىلەن ئەيىپلەيمىز.دۇنيانىڭ ھىچقانداق بىر يېرىدە سىياسىي قاچقۇنلارنى، ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنى خورلايدىغان، مېلىغا، جېنىغا قەست قىلىدىغان، قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە مەجبۇرلايدىغان ۋە ياكى ئۇلارنى كوللىكتىپ قىرغىن قىلىشنى ھەقلىق، دەپ قارايدىغان قانۇن ۋە ئەھدىنامە يوق!

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك دايىرىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويغان، 12 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باھانە- سەۋەپلەر، بىر دەۋلەتنىڭ سالاھىيىتىگە قەتتىي ياراشمايدۇ ھەم خەلقارا قانۇنىي ئاساسى يوقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا 24 سائەت ئىچىدە قىرغىزىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن پىدايىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان 12 كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنىشى، بۇ ھادىسىنىڭ يەنە بىر سىرلىق ۋە قاراڭغۇ تەرىپى بولۇپ، خەلقارا تەشكىلاتلار ۋە دېموكراتتىك دەۋلەتلەر بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرسىدا قانداق مۇناسىۋەتلەر بارلىقىنى  تەكشۇرەپ ئېنىقلاش كېرەك. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دەۋلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ قانلىق ۋەقە ئۈستىدىن تولۇق ھوقۇقلۇق، مۇستەققىل ۋە ئوچۇق‏-ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى