سېلىم چىۋىننىڭ ئۈچ ھەپتىسى (1 – قىسىم)

 

سېلىم چىۋىننىڭ ئۈچ ھەپتىسى

haus-fliege-10203720

(  پوۋېست   )


سۈبھى
(ئىزاھات : بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ  ھەممىسى خىيالى بىر توقۇلمىدىن ئىبارەت. ئەگەر پېرسوناژلارنىڭ خارەكتېرى رېئاللىقتىكى بەزى بىر ئادەملەرنىڭ خارەكتېرىگە ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق )

1 – قىسىم

بۈگۈن سېلىم  چىۋىنغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمما ساقچىلار  ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇ ياشاۋاتقان دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى يىغىپ ، سېلىمنى ئۆلدى،-  دەپ ئېلان قىلدى . ساقچىلارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سېلىم ئىنتايىن ئېغىر  روھى بېسىم  ۋە چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ، كېچىدە جۆيلۈپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ،  ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن يوقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولغا چۈشۈپ كېتىپتۇ مىش . ئۇنىڭ چىرايى بۇزۇلۇپ، بەدىنى پارام پارچا بولۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ جەسىدىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئامالسىز قاپتۇ مىش . ئەمما يېقىن ئەتراپتىن تېپىلغان ئۇنىڭغا  ئائىت كىملىك ، ئاياق ۋە پايپاق قاتارلىق نەرسىلەر ئۆلگەن كىشىنىڭ – سېلىم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەمىش .
لېكىن ، سېلىم  بولسا كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۇياق – بۇياققا ئۇچۇپ يۇرۇپ ، نەق مەيداندا بولىۋاتقان ئىشلار ئۈچۈن تېلىقىپ كۈلمەكتە ئىدى . مەخسۇس سېلىمنىڭ نەزىرسى ئۈچۈن ئېلىنغان بۇ مەرىكە  زالى ئۇيغۇرلار بىلەن لىق تولغان ئىدى . ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تارىخىدا مەيلى توي – تۆكۈن ،  مەيلى نەزىر – چىراققا بولسۇن  بۈگۈنكىدەك كۆپ ئادەم كەلمەيتتى . بۈگۈنكى نەزىرگە ،  ئۇ ھايات ۋاقتىدا : نامايىشقا كۆپ ئادەم ئاچچىقالمىدىڭ ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياخشى تونۇتالمىدىڭ ، كاززاپ،  يالغانچى  –  دەپ ، ئۇنى تىللىغانلارمۇ، ھەممە يەرگە بايراق تاقىۋالدىڭ ،  رەسىمىمنى تورغا چىقىرىپ قويغانلىغىڭ ئۈچۈن ۋەتەنگە بارالمايۋاتىمەن  – دەپ ، ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغانلارمۇ، ئەسلىدە نەغمە – ناۋا پىكنىكنى كۆپ  ئورۇنلاشتۇرغان بولساڭ ، ئۇيغۇرلار بىر يەرگە كەلگەن بولاتتى – دەپ ، ئالايغانلارمۇ، سورۇنلاردا ھاراق قۇيمىدىڭ ، دەردىمىزنى تۆكەلمىدۇق، ئېچىلىپ – سايرىيالمىدۇق-  دەپ ،  ھومايغانلارمۇ ، قىسقىسى مىللەتچى، مۆتىدىل ۋە سىياسەتكە  ئارلاشمايمىز – دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلغان ئىدى . سېلىم چىۋىن ئۆزى تۇرۇشلۇق بۇ دۆلەتتە ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى  . ئۇ  داستىخان ئۈستىدىكى بىر سىركايىنىڭ گىرۋىكىگە قونىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ نەزىرسىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بىرمۇ – بىر كۈزەتمەكتە ئىدى .
: ئەنە ئاۋۇ تۆردە ئولتۇرغان تاقىر باش پروففىسۇر تېخى يېقىندىلا ئوغلىنىڭ تويىنى قىلغان ۋە باغاق يازىدىغانلارغا سېلىم قاتارلىق مىللى بۆلگۈنچىلەرگە  باغاق يېزىلىپ قالمىسۇن – دىگەن ئىدى . ئەمما باغاق يازغىلى كەلگەن ئەمەت ۋە سەمەت قاتارلىقلار – ئاكا ۋۇي ! بۇنداق دېسەڭ زادىلا قاملاشمايدۇ . بۇ دۆلەتتىمۇ ئەمدى خىتاي ئىشلەتكەن مىللى بۆلگۈنچى دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتسەڭ ياراشمامدىكىن – دەپ تۇرىۋالغاچقا ، پروففىسور ئامال يوق – بوپتۇ يازساق يازىلى- دەپ، باغاق يازغان . بىراق،  رەسىم ۋە ۋىدىئوغا تارتىدىغانلارغا جىددى ئاگاھلاندۇرۇش بررىپ ، سېلىمنى رەسىمگە  ۋە فىلىمگە تارتىپ قالماسلىقنى ،  چۈنكى توي رەسىمى ۋە ۋىدىئولارنىڭ ۋەتەنگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇختۇرغان ئىدى . توي كۈنى مەيدىسىگە : شەرقى تۈركىستانغا ھۈررىيەت – دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن ، سۇس ھاۋا رەڭ ئىزنەكنى تاقاپ ، تويغا كەلگەن سېلىم ، بۇ پروففىسور ۋە ئۇنىڭ خانىمىنى شۇنىڭدەك ، سىياسەتكە ئارلاشمايمىز- دەيدىغان بىر توپ  مۆتىدىل  زىيالىلارنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى . تويدىن كېيىن ،  سېلىمنىڭ تويغا ئىزنەك تاقاپ كېلىش ۋەقەسى بۇ زىيالىلار ئارىسىدا كۆپ مۇنازىرە قىلىندى . كۆپىنچىسى بۇنى : بىر مازلىق – دەپ قاراشتى. سېلىم چىۋىن ، بۇ پروففىسور ۋە ئۇنىڭ بارلىق ھەقەمسايىلىرىنىڭ ، ئۆزىنىڭ  نەزىرسىگە داخىل بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەي دۇنيا…….كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ – دەپ،  باش سىلكىدى – ئالتۇن ھەل بېرىلگەن سىركايىنىڭ تاشقى گىرۋىگىدە ئۇيان- بۇيان سېرىلىپ . سېلىم چىۋىننىڭ كۆزى ئۆز شەھرىدە ياشاۋاتقان يەنە بىر ئەڭ قورقۇنچاق زىيالىغا   چۈشتى ۋە ئەقلى ھەيران قالدى . ياپىرىم ،  مېنىڭدەك  بىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە قا دالغان مىقنىڭ نەزىرسىگە كەپسەن  . ھەر ھالدا  زەررىچىلىك بولسىمۇ ئۇيغۇر  روھى باركەن سەندە –  دەپ ئويلىدى. بۇ قورقۇنچاق زىيالىنىڭ ئىسمى  سەمەت شىنجىاڭ – بولۇپ ، ئۇ  تۇنجى قەرەل چتئەلگە ئوقۇشقا چىققان زىيالىلارنىڭ بىرى ئىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللەنگەن نامايىشقا بۇ شەھەردىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار قوزغۇلۇپ چىققاندىمۇ ،  سەمەت شىنجىئاڭ چىقمىغان ئىدى . ئۇ ، نامايىشقا چىقىش ھەققىدە ئۇختۇرۇش قىلىپ تېلىفۇن ئاچقانلارغا – مەن نامايىشقا چىقالمايمەن، چۈنكى مەن  نۇر بەكرىنىڭ ساۋاقدېشى،  5 يىل بىر پارتىدا ئولتۇرغان دېگىنە ئۇكا ، ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە بارسام ،  كام دېگەندە 10 مىڭ كويلۇق جوزا بىلەن مىھمان قىلىدۇ دېگىنە ئۇكا، ئۈرۈمچىدە يەنە ئۇچۇرشۇپ قالساق سەت بولىدۇ. شۇڭا ھازىرچە سىلەر چىقىپ تۇرۇڭلار ئۇكا – قانداق دېدىم، تەشكىلات باشلىقىغا ئېيتىپ قوي ، بىزگە ئوخشاش مۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالى بارلارغا ئېتىبار بەرسە بولىدۇ ئۇكا ، ھەممە ئادەم سىياسەتكە كىرىۋالغىلى بولمايدۇ-دە ئۇكا ، ئۇنداق دېسەم خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭلار يەنە، بىز بار ئادەملەر دېگىنە – دەپ،  تېلىفۇننى قويۇۋەتكەن ئىدى . ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ قېينى ئاتا ۋە قېينى ئانىسى   ۋەتەندىن كەلدى . بۇ شەھەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە باردى . سېلىم ۋە ئايالىمۇ كۆرۈشۈشكە بېرىۋىدى ، سەمەت شىنجىاڭ سېلىمنى بىر چەتكە تارتىپ  ، ئاتا – ئانام ۋەتەنگە كېتىدۇ ، سىياسى گەپ – سۆزلەرنى جىق قىلمىغان بولساڭ – دېدى . سېلىم : بولىدۇ – دېدى ئەمما ، سورۇن باشلىنىشى بىلەن سەمەتنىڭ قېينى ئاتىسى بىلەن قېينى ئانىسى ۋەتەندىكى ناھەقچىلىقلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ،  خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلىدى . بۇ ئەھۋاللاردىن بىردە تاتىرىپ ، بىردە قىزىرىپ ئولتۇرغان سەمەت شىنجىاڭنى سېلىم چاخچاق قىلىپ ئوخشىتىۋەتتى. ئۇنىڭغا سەمەت شىنجىاڭ – دېگەن لەقەم مۇشۇ سورۇندا قويۇلغان ئىدى. شۇ كۈنى سەمەت يەنە كۆپچىلىككە : ھەي باللا ھەي، ئوقۇساڭلارمۇ ئوقۇڭلار ، ئەمما ماستىردىن يوقۇرسىنى ئوقۇماڭلار ، بولمىسا سەمەتتەك نەچچە ك م يىراقتا تۇرۇپ خوجايىنىدىن قورقىدىغان موللام مۈشىكىگە ئوخشاپ قالىسىلەر . ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە ماستەردىن ئېشىپ ئوقۇغان جىگىرى بار ئۇ يغۇرنى  چەتئەلدە كۆرمىدىم – دېدى.  سەمەت شىنجىاڭنىڭ  دىنى ۋە ئۆرۈپ – ئادەتتى ئازراقمۇ بىلىمى يوق ئىدى . بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقنى ، ئەگەر قىلىدىغان بولسا قوينى بىرقانچەيلەن بىرلىشىپ ، بىرلىكتە زاكاس قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ تېلىفۇن قىلسا ، ئۇ ھازىر توڭلاتقۇرمدا لىق گۆش بار- دەپ جاۋاپ بېرەتتى. رەسىمگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە ، ياغلىق چەككەن ئاياللارنى ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋەتكەن بولسىڭىز -دەپ ، بىئارام قىلاتتى.  ئۇ رەسىمگە چۈشۈشنى ۋە رەسىمگە تارتىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيانىڭ رەسىمىنى تارتاتتى. ئەمما بۇ دۆلەتتە تۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شۇ دۆلەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان جەڭگىۋارلار بىلەن يالغاندىن رەسىمگە چۈشكەندەك بولاتتى-دە، ئەتىسى ئۇنى تەھرىرلەپ چىقىرۋېتەتتى. سەمەت شىنجىاڭنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنكى سورۇندا سېلىم سەمەت شىنجىاڭنى چاخچاق قىلىپ سورۇندا قىقاس چۇقان چىقىرۋەتتى. سېلىم سەمەت شىنجىاڭنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ شىنجىاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەكە بالىسى، نۇر بەكرىنىڭ ئەتىۋارلىق مېلى، ھېلى غاججىدە ئۇ سورۇنغا ، ھېلى غۇججىدە بۇ سورۇنغا ئۇچۇپ يۈرىدىغان داستىخان چىۋىنى – دەپ ، ئوخشۇتىۋەتتى . سەمەت شىنجىاڭ بولسا بالىمىزنى چەتئەلدىكى ياخشى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتىمىز بۇمۇ ئىنقىلاپ دىدى.سېلىم ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى بولسا،ۋەتەندىكى دېھقانمۇ ئوقۇتىۋاتىدۇ چەتئەلدە. بالاڭنى  ئوقۇتماي، خىتاي كونسۇلىغا چايچى قىلساڭ بولامتى ۋەيت………….دەپ ئوخشىتىۋەتكەن ئىدى . سەمەت چەتئەلدە ياشاۋاتقىنىغا 20 يىلل بولغان بولسىمۇ ، ئۇ شەرقى تۈركىستان – دېگەن ئىسىمدىن ئۆلگىدەك قورقاتتى. سورۇنلارغا بېرىشقا توغرا كەلسە ئاۋال دوست – بۇرادەرلىرىگە تېلىفۇن قىلىپ،  بايراق بار – يوقلىقىنى سورىغاندىن كېيىن ، بايراق يوق – دېسە باراتتى . لەقەمنى خىزىر قويىدۇ- دە – دەپ،  كىشىلەر ئۇنى  سەمەت شىنجىاڭ- دەپ ، ئاتايدىغان بولۇشتى …….  سېلىم چىۋىن ئالتۇن ھەل بېرىلگەن سىركايىنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇرىېلىپ ھەممە ئادەمنى تاماشا قىلاتتى.
: ئەنە ئاۋۇ يەردە ئولتۇرغان پاينەكۋاش ئاپتۇنۇم رايۇندىكى مەلۇم بىر ئەمەلدارنىڭ كۈي ئوغلى.  ئىسمى جۈرئەت .  دەسلەپكى مەزگىللەردە سېلىم چىۋىن بۇلار تەشكىللىگەن ئاكادېمىكلەر ئولتۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى .  ئەمما ئۇ بۇ ئولتۇرۇشنىمۇ جېدەل بىلەن ئاخىرلاشتۇردى . سېلىم چىۋىن غەرپ مەدەنيىتىگە ئانچە ماسلىشالمىغان ئىدى. ئۇ كۆپۈنچە ئىشلارنى غۇلجا پاسۇندا ، لۈكچەك پەدىسى پۈتتۈرەتتى . غەرپ مەدەنيىتىدىكى يالغاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ سىلىق-  سىپايە ئىبارىلەرنى قوللىنىشتىن ئىبارەت  مەدىنيەت ئەندىزىسى بىلەن سېلىمنىڭ ئاتا بوۋىسىدىن قالغان ئۇيغۇرچە مەدەنيەت توقۇنۇشماقتا ئىدى . ئۇ ، ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار ئولتۇرۇشىغا 4 قېتىم قاتناشتى 1- قېتىملىق ئولتۇرۇش رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىگە ئائىت غەيۋەتلەر بىلەن تولدى . سورۇن ئىچىدىكى بىر ئاكادېمىك رابىيە قادىر خانىمغا غەرپتىكى رەھبەرلىك سەنئىتى – يەنى ئوباما ۋە باشقا غەرپ رەھبەرلىرى بىلەن بىر ئورۇندا قويۇپ ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىك سالاھىيىيتى ۋە قابىليىتىنى مەسخىرە قىلىشقا تىرىشتى . سېلىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، چىداپ ئولتۇرالماي قالدى . ئۇنىڭ ئالقانلىرى قىچىشىپ، كاللىسىدا قانداقتۇر بىر سېزىم ئۇنىڭغا : ئۇر! تازا كېلىشتۈرۈپ  بىرنى سال . بۇرنىدىن قان كەتسۇن-  دەپ ، بۇيرۇق بەرمەكتە ئىدى . بىراق،  سېلىم ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتى ۋە شۇنداق قىلدى . ئەگەر ئوباما شەرقى تۈركىستاندا تۇغۇلغان ۋە شۇ مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسا،  پەقەت ھازىرقى ئوباما بولالمىغان بولاتتى . ئەمما رابىيە قادىر خانىم ئامېركىدا تۇغۇلۇپ ، شۇ مۇھىتتا ئۆسۈپ تەربىيەلەنگەن بولسا ، ئوباما بولالىغان بولاتتى . بۇ ئىنتايىن ئاددى بىر ھايات قانۇنى-  دەپ،  جاۋاپ بەردى ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ .  سېلىم چىۋىننىڭ خارەكتىرى بويىنچە ئېيتقاندا بۇ تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ھېساپلىناتتى.   ئۇنىڭ بۇلار  بىلەن قاتتىق بىر مۇنازىرە قىلغۇسى بار ئىدى . لېكىن ئۇ خەيرىيەت  – دەپ ئۆتكۈزىۋەتتى. 2 -قېتىملىق ئولتۇرۇشتا ناسىر ئىسىملىك بىرسى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ساپاسىغا قارىماي قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ، شۇ ۋەجىدىن چەتئەللەردە ئوقىمىغان ، قارا قوساق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىگىنى شىكايەت قىلدى . سېلىم بۇ قېتىم چىداپ ئولتۇرالماي قالدى – دە : غەرپ دەۋلەتلىرى        ئۇيغۇرلارغا بېرىۋاتقان سىياسى پانالىق – ئادەملەرنىڭ مەدەنيەت ساپاسىنىڭ يوقۇرى – تۆۋەنلىگىگە ئەمەس،  بەلكى ھاياتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ بېرىلىىدىغان  پانالىق . ئەگەر بۇ بىر ئەۋلات ئۇيغۇرلار ئوقۇمىغان بولسا ، كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ بالىلىرى دۇنيادىكى ئىلغار ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.  بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىن كېلىپ سىياسى پانالىق تىلەپ  يەرلىشىۋاتقان خىتايلارنىڭ ساپاسىمۇ ئوخشاشلا تۆۋەن – دېدى سېلىم .

ئنسانلار ئاجىز ۋە ئەڭ ئاجىز نەرسىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئۆزى كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىنلا – بۇ يەردە ھىچنىمە يوق-  دەپ قارايدۇ. ئەمما ئىنسانلار ياشاۋاتقان بۇ بوشلۇقتا ئادەملەرنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش دەرىجىسى يەتمەيدىغان ، يەنە نۇرغۇن مەۋجۈداتلار ياشاۋاتقان بولىشى مۈمكىن . مەسىلەن شەيتان ۋە باشقا بىز كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بىز نەپەس ئېلىۋاتقان بۇ ھاۋا بوشلىقىدا ئادەملەرگە ئوخشاش نەپەس ئېلىۋاتقاندۇت. بەلكىم ئۇلار ئادەملەرنىڭ رەزىللىكىنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئادەم بولۇپ تۆرۈلۈپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھدىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپ ياشاۋاتقاندۇت . بەلكىم ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن چاغلىرىدا ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتتە بارغانچە پۈچەكلىشىپ كېتىۋاتقان جامائەتچىلىك ، روھى خۇنىكلىكلەرنى، چېقىمچىلىق م خائىنلىق ۋە بىر بىرىنى چا پۇتلاشلارنى  كۆرۈپ تەنلىرى جۇغۇلداپ ، سەسكىنىپ – سەسكىنىپ قۇسقىسى كېلىپ كېتىۋاتقاندۇ ر- ھە؟ سېلىم چىۋىنگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئىنسانلارغا ئادەم سۈپىتىدە كۆرۈنمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئادەملەر ئۇنى ئۆلدى – دەپ چۈشەندى . ئەمىليەتتە سېلىم ئۆلمىگەن ۋە ئادەملەر توپى ئارىسىدا بار . پەقەت شەكلى ئۆزگەرگەن ئىدى. سېلىم ئادەملەر توپى ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ،  بىردە ئۇنىڭ ، بىردە بۇنىڭ ئۇ يەر ، بۇ يەرلىرىگە قونۇپ ، ئادەملەرنى گالۋاڭ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن سېلىمنى ئۆلدى-  دەپ قاراپ،  ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە. ھازىرقى ئىلغار تېخنىكىمۇ سېلىمنىڭ چىۋىنگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقالمىغان ئىدى .
سېلىم ئۇيغۇر بولۇشتىن جاق تويغان ئىدى . بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرسى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر بولۇشتىن جاق تويدۇم-  دىۋىدى ، سېلىم ئۇنى ئاشخانىنىڭ كابىنتلىرىغا نىختاپ تۇرۇپ، مانا ئۇيغۇر بولغانغا تويغان بولساڭ – دەپ ، تازا سالغان ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرلۇقتىن تويۇش ھەققىدە كۆپ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ۋە بۇ خىل تويۇش، ئىپپەتلىك ئۇيغۇر ئۈچۈن نۇمۇس – دەپ قارىغان ۋە قوبۇل قىلالمىغان ئىدى . مانا بۈگۈن سېلىم ئۆزى ئۇيغۇرلۇقتىن جاق تويغان  ۋە ئۇيغۇر بولۇپ ياشىغاندىن چىۋىن بولۇپ ياشاشقا رازى بولغان ئىدى . چىۋىن ئادەتتە تۇخۇم بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ پەقەت 25 كۈنلا ياشىيالايدۇ.  ئەمما سېلىم بۇ 25 كۈن جەريانىدا  ئادەملەر توپى ئارىسىدا چىۋىن سىياقىدا تۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ ئۆز ئۆلۈمىگە قانداق  رىئاكسىيە قايتۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆزىتىدۇ . ئۆزى ھايات ۋاقتىدىكى دوستى ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ياقىسىغا ياكى چاپىنىنىڭ پېشىگە قونىۋېلىپ ئۇلارنى 24 سائەت نازارەت قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆز كاللىسىدا ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى چىگىش توقۇناق بولۇپ كەتكەن سىرلارنى يېشەلەيدۇ.  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جەمىيتىدە زەئىپلەشكەن زىيالىلىق ،ئادېمىلىك ۋە ئەركەكلىكنىڭ سەۋەپلىرىنى تېپىپ چىقالايدۇ. خائىن ، مۇناپىقلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇلاقلىرى ئۇيغۇر  روھىيىتىدىكى قورقۇش پىسخىكىسىنىڭ سىرلىرىنى تاپالايدۇ. بۇ سېلىم ئۈچۈن ئادەم بولۇپ 70 يىل ياشىغاندىن مىڭ ئەلا . چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئۆز كاللىسىدىكى نېمە ئۈچۈن – دېگەن سوئاللارغا جاۋاپ تېپپ  ئۆلۈپ كېتىدۇ. چۈنكى نېمە ئۈچۈن  دېگەن  سوئالغا، بۇ ئەرەپ چېچىدەك توقۇناق بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر جەمىيتىدىن جاۋاپ تېپىشنىڭ ئۆزى بىر بەخىت.

سېلىم چىۋىنغا ئايلانغان تۇنجى كۈنىلا ئۆلۈمنىڭ ھەممە ئادەمنى بىر مەركەزگە ئەكىلەلەيدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.  چۈنكى ئۇ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن سىركايىنىڭ گىرۋىكىدە خۇددى مۇز ئۈستىدە كانكى تېيىلىۋاتقان چولپاندەك ئۇ ياق بۇ ياققا ئىرغىپ ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلىمىگە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق كەلگەنلىكىنى ۋە ئوخشاش مەخسەتتە يىغىلالىغانلىقىنى كۆردى.

شۇنداق، ئادەملەرنى مۇنداق 2 نەرسە بىر مەركەزگە ئەكىلەلەيدۇ .  بىرى ئۆلۈم ، يەنە بىرى ئەينى تىلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس بەلكى ئەينى تۇيغۇنى ۋە ئەينى روھنى ئۆرتاقلىشالىغانلار . ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئەينى تۇيغۇنى ئورتاقلىشىش يەنى ۋەتەن مىللەت تۇيغۇسىدا شەخسى مەنپەئەتنى ئارلاشتۇرماي ئورتاقلىشىش ئىنتايىن قىيىن . چۈنكى ھاياتىنى قورقۇش ۋە ئېھتىيات ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇنداق مىللەت  ئىلگىرى باسالمايدۇ ۋە ئارقىغا چامدايدۇ. ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ قورقۇ  ۋە ۋەھىمە ماھىيەتتە سېلىمدەكلەرنىڭ ئۇيغۇرلۇقتىن جاق تويۇپ، چىۋىنگە ئايلىنىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىدى.

ھايات قانچىلىك قىممەتلىك بولسا،  ئۆلۈممۇ ئوخشاش دەرىجىدە قىممەتلىك. ۋەتەن ۋە مىللەت ئىپپىتىنى يۈرىكىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئەركەكلەر ئۆلۈمدىن قاچماس ، بەلكى ئۆلۈم بىلەن ياشار . بۇنداق ئەركەكلەر شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە كۆرۈلۈپ تۇردى. ئۇلار قىممەتلىك ئۆلۈملىرى بىلەن مىللىتى ۋە خەلقىنى ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش دەۋرىگە باشلاپ كىردى. شۇنداق، قەھرىمانلار بىلەن خائىنلار ئوتتۇرسىدىكى پەرققە تارىخ باھا بېرىدۇ . ئەمما ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە سۈكۈت قىلغانلارمۇ خائىنلار جۈملىسىدىندۇر. سېلىم چىۋىنگە ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆلۈمنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى .  چۈنكى ئادەملەر ئۇنى ئۆلدى – دەپ قارىماقتا ئىدى . سېلىمنى ئادەملەر كۆرەلمەيتتى.  لېكىن سېلىم ئادەملەرنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ . سېلىم ئۆزىنى ئۆلدى – دەپ ئويلاۋاتقان ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ، ئۆز ئۆلىمىگە قانداق باھا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىۋېتىپ ، ئانىسى رەھمەتلىكنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئېسىگە كېلىپ قالدى . چوڭ ئائىلىنى باشقۇرۇش ۋە رەتكە سېلىشتا تولا سۆزلەيدىغان دگەن نامغا داخىل بولغان سېلىمنىڭ ئانىسى خۇرشىدەم خانىم ھەردائىم ئۆلۈپ تۇرۇپمۇ مۇشۇلارنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىىنى كۆرگىلى بولسا كاشكى، بۇلار مەن يوق قانداق قىلىدىكىن بىر         كۆرۈپ باقسام – دەيتتى قاخشاپ .

سېلىمنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ-  دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ قولىدىكى سىركايىسى ئىختىيارسىز    يەرگە چۈشۈپ، پارە-پارە بولۇپ كەتتى . ئۇ  ئايرۇپىلان بىلەن دەرھال سېلىم تۇرۇشلۇق دۆلەتكە يېتىپ كەلدى . سېلىم تۇرۇشلۇق دەۋلەتنىڭ باش مىنىستىرى، يېشىل ۋە  دېوكراتىك پارتىيەلەر  لىدىرلىرى  شۇنىڭدەك تىبەت ، موڭغۇل قاتارلىق تەشكىلاتلار سېلىم ئۈچۈن تەزىيە تېلىگىراممىلىرى ئەۋەتتى . سېلىم تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقانى ئەۋەتكەن تېلىگىراممىغا مۇنداق يېزىلغان ئىدى:  مەن سېلىمگە ئەمەس بەلكى سېلىمدەك سەركىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئىچ ئاغرىتىۋاتىمەن، باشىڭىز ئامان بولسۇن . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىن ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن مىننەتسىز بەدەل تۆلەيدىغان سېلىمدەك كۆپ تىللىق ۋە ئېقتىدارلىق بىر يىگىتنى يېتىشتۈرۈپ  چىقىشى بەك مۈشكۈل…..

تېخى يېقىندىلا سېلىمنى بۇ خىتاينىڭ بىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى قۇلىقى بولۇشى مۈمكىن ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇ نېمىشكە ئۇنچىلا ئاكتىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ پىكنىك قىلىدۇ،  ئۇ دۆلەت ، بۇ دۆلەتكە قاترايدۇ، بۇ زادى  پۇلنى نەدىن ئېلىۋاتىدۇ- دەپ ەۇمان قىلغان، ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ رەئىسى ناھايىتى ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلە پ ، سېلىمنى ئۇيغۇر تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان  قەخرىمان – دەپ تەرىپلىدى. ئۇ يەنە سېلىمنىڭ  ئارىمىزدىن ۋاقتسىز كېتىشى ئۇيغۇر مۇستەققىللىق دەۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن  زور يوقۇتۇش – دىدى ۋە ناھايىتى تەسىرلىك ئىبارىلەرنى قوللۇنۇپ مۇراسىمغا كەلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى كۆز ياشلىرىغا بوغۇۋەتتى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان سېلىم چىۋىن قاقاھلاپ كۈلۈپ  : ھەي – دېدى ئۇ ئىچىدە دۇنيا كېچىكىش ۋە گۇمانلار بىلەن تولغان . كۈچى ۋە قۇدرىتى بولمىغان  ، ۋەتىنى ۋە دۆلىتى ۋە ئۆز ئالدىغا بېخەتەرلىك ئىدارە تەشكىلاتلىرى بولمىغان مىللەت گۇمانخور كېلىدۇ. شىلدىر قىلغان شەپىنى تۇيۇپ قالسا ئوغرى كىرگەن ئوخشايدۇ -دەپ گۇمان قىلىدۇ. بۇ يەردىكى گۇناھلار  گۇمانخورغا ئايلانغان مىللەتتە ئەمەس بەلكى ئۇلارنى گۇمانخورغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلاردا. سېلىم بۇ قېتىم يەنە ئۆلۈمنىڭ قارا تۆھمەت ۋە گۇمانلارنى يۇيۇپ تازىلايدىغان رولى بارلىقىنىمۇ تونۇپ يەتتى . ئۇ ۋىڭڭىدە ئۇچۇپ بېرىپ رەئىس سۆزلەۋاتقان مىكرافۇنىنىڭ بېشىغا قونۇپ، جېنىنىڭ بارىچە:  قەدىرلىك ئۇيغۇرلۇرۇم  ! سىلەر بىر كۈچلۈك ئىستىخبارات قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن مۇددەتچە ، بىر بىرىڭلاردىن گۇمان قىلىپ ئۆتىسىلەر – دەپ،  جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنسانلار دۇنياسىغا ئاڭلىتىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى . رابىيە قادىر خانىممۇ قىسقا ۋە مەنىلىك نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى:  ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر جامائائىتى ، مەن ئوڭ قولۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ئۇيغۇر داۋاسى ئوڭ قولىدىن ئايرىلىپ قالدى . بۈگۈن ئۈچۈن خىتاي كۈلمەكتە ئەمما تەڭرىتاغ،  زەرەپشان  قاتتىق مۇسىبەتتە . بىر سېلىم ئۆلسە بىز مىڭ سېلىم بولۇپ ئۇيغۇر داۋاسىنى بىر مىنۇت بىر سىكىنۇتمۇ كېچىكتۈرمەي داۋاملاشتۇرىمىز ! ئامىن………..ئامىن…….زال ئىچىگە لىق تولغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قۇيرىقى زالدىن تاشقىنلاپ كارىدورلارغا تۇتاشقان ئىدى .  ئۇنىڭ كۆزى قارا رەڭلىك ھازىدارلار ياغلىقى چىگىپ،  يوغان قارا  كۆز ئەينەك تاقاپ ، ئوغلى ۋە قىزىنى يېنىغا ئېلىپ قوشاق  قېتىپ يىغلاۋاتقان ئايالى بۈسارەمگە چۈشتى . سېلىم ئادەم ۋاقتىدا ئۇنى ھۇي خۇشتارمەن، ئۇيغۇر دەۋاسىغا دۈم چۈشكەن، ئۆزى مەغرىپتە تۇرۇپ مەشرىققە بىر ئۇيغۇر كەپتۇ دېسە يۈگرەپ بارىدىغان ئاخماق، سەندەك ئاخماقتىن دۇنيادا بىرى بار ئىككىنجىسى يوق 25 يىل خوتۇن بوپتىمەن ساڭا ، بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكىڭنى كۆرمەپتىمەن – دەپ تىللايدىغان، تولا تاپا تەنە قىلىپ سېلىمنىڭ مىڭىسىدىن ئوت چىقىرۋېتىدىغان  خوتۇنى بۈگۈن سېلىم ئۈچۈن يىغلىماقتا ئىدى : .
ۋاي دوستۇم..ۋاي دوستۇم ..ۋاي دوستۇم، ئاقكۆڭۈل مەرت دوستۇم، ئەجەپ ۋاقتىدا كېتىپ قالدىڭغۇ دوستۇم. خەلقىڭنىڭ ساڭا ئېھتىياجى بارتىغۇ دوستۇم، رابىيە قادىرنىڭ يان تايىغىتىڭغۇ دوستۇم، ئۇيغۇر داۋاسى سەنسىز قانداق ماڭىدۇ دوستۇم، تەڭرىتاغلىرى سەن ئۈچۈن يىغلاۋاتىدۇ دوستۇم، ئەمدى تېخى يېڭى ھوئۇسە ئۆي سېتىۋالغانتىڭغۇ دوستۇم، سەرسانچىلىقتا ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ ياشاپ ئەمدى ئائىلەڭ بىلەن جەم بولغان ئىدىڭغۇ دوستۇم….. سېلىم ئايالىنىڭ ئۆزى ھەققىدە بۇنداق قوشاق قېتىپ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تېلىقىپ- كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.  ئۇ غىڭ- غىڭ غىڭىلداپ بىردە ئايالىنىڭ يۈزىگە بىردە ياغلىقىننىڭ ئۇچىغا قونۇپ ئايالىغا چاخچاق قىلىشقا باشلىدى.  لېكىن ئايالى قولى بىلەن سېلىم چىۋىننى  ۋۇش-ۋۇش دەپ قورۇپ قويۇپ يىغىسىنى يىغلاۋەرمەكتە ئىدى. خوتۇن يىغلىماڭلا، مەن ئۈچۈن بۇنچىلىك يىغلايدىغىنىڭلارنى بىلگەن بولسام، چىۋىنغا ئايلانماس ئىكەنمەن، پاخخا خوتۇن دادام بىلىپ ئېپ بېرىپتىكەن جۇما سىلىنى، ئادەم چېغىمدا قەدرىمنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن ، يوقاپ كەتكەندە قاتقان قوشاقلىرىڭلاردىن ئۆرگىلەي ، سېلىم چىۋىن ئۆزى چاخچاق قىلىپ ئۆزى – ۋەت – دەپ كۈلۈپ ، ئۆينى بېشىغا كىيىۋاتقان بولسىمۇ بىراق  ئۇ ئاۋازىنى ئىنسانلارغا ئاڭلىتالمايتتى . سېلىمگە بۇ خوتۇننى دادىسى ئاتۇشتىكى تۇققانلاردىن ئېلىپ بەرگەن ئىدى . ئاتۇشنىڭ ئاياللىرى ھەقىقەتەن قوشاقچى كېلىدۇ ئەلۋەتتە.

سېلىمنىڭمۇ مۇھەببەتلىك ، ئالتۇندەك ياشلىق چاغلىرى بولغان . ئۇ شەرقى تۈركىستان ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا  رەنا ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزنى سۆيگەن ئىدى . ئۇلارنىڭ  شەرقى تۈركىستان ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدا ، قىزىل بىنانىڭ ئارقىسىدىكى گۈزەل سەيلىگاھلاردا،  ئىلى دەرياسى بويلىرىدا، ۋاڭ قادىر باغچىلىرىدا ، شۇنداقلا  ئۈچ دەرۋازىنىڭ تىرەكلى كوچىرلىرىدا ياشلىق ۋە مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇر ئىزنالىرى قالغان. ئۇ رەنا بىلەن يازلىق تەتىلدە غۇلجىنىڭ تۆرەم مەھەللىسىدىكى بىر ساۋاقدېشىنىڭ بۈككىدە ئۈزۈم باراڭلىق قوروسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كەچلىك ئولتۇرۇشقا  داخىل بولغان ئىدى . شۇ كۈنكى ئولتۇرۇشتا گۇئاڭجۇ شەھرىدە تىجارەت قىلىدىغان  پوخۇر كىيىنىۋالغان بىر يىگىت  كېلىپ  رەنانىڭ دوستى گۈلنازنى تانسىغا تارتتى . گۈلناز ئەدەپ بىلەن   ئورنىدىن تۇرۇپ ۋالىسقا پېقىراشقا باشلىدى .
بۇلۇتلار ئاراسىدىن ،
ئاي چىقىپلا كۈلگەندەك .
قەلبىم مېنىڭ يىغلايدۇ
يار يادىمغا يەتكەندە .
ۋالىس مۇزىكىسىغا چېلىنىۋاتقان ئاكاردىيۇن ۋە ئېيتىلىۋاتقان ناخشا غۇلجا شەھرىنىڭ ئۈزۈم باراڭلىق ھويلا- ئاراملىرىدىن ھالقىپ ، تۈن قاراڭغۇلىقىنى يېرىپ ، مەھەللىدىن  – مەھەللىگە سوزۇلماقتا ئىدى . گۈلناز  بىلەن تانسا ئويناۋاتقان، ئاق كۆينەك قارا ئىشتان ، ئاق ئاياق كىيىۋالغان بۇ پوخۇر يىگىت ھاراقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىۋالغانلىقى ئۈچۈن، دەلدەڭشىپ ، تانسىنى داۋاملشتۇرالمايلا قالدى . بۇ ئەھۋالدىن بىئارام  بولغان گۈلناز يىگىتنىڭ قوللىرىنى مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىۋېتىپ ، جايىغا كېلىپ ئولتۇر ىۋالدى . بۇ سەۋەپلىك بىردەمنىڭ ئىچىدىلا سورۇندا جېدەل چىقىشقا باشلىدى . ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سودىگەر يىگىتلەر تىركىشىپ قالدى. گۈلنازنىڭ تانسا ئويناشنى داۋاملاشتۇرماي ئولتۇرىۋېلىشى-  سودىگەر يىگىتلەرنى ياراتمىغانلىق بولارمىش . بۇ ۋەقە سودىگەر يىگىتلەرنىڭ قاتتىق غۇرۇرىغا تېگىپتىمىش .  دەل شۇ چاغدا رەنا دەرھال ئوتتۇرغا سەكرەپ چىقتى- دە ، يوقۇرى ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى –  ئەگەر ھەقىقەتەن غۇرۇرلۇق ئوغۇل بالا بولساڭلار ، ئىچكىرىدىن سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىغا قىلىڭلار بۇ يوغانچىلىقىڭلارنى . قانداق دېگەن گەپ بۇ ! –  رەنانىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ۋە تىترەپ چىقماقتا ئىدى . دەل شۇ چاغدا سېلىم  رەناغا لاپپىدە قىلىپ قارىدى .  ئۇنىڭ نەزىرىدە رەنا خۇددى كىنولاردىكى ئاياللار ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ئاياللاردەك بىلىندى . ئۇنىڭ غەزەپتىن قىزارغان يۈزلىرى ، ئۇزۇن ۋە زىبۇ-  زىننەتسىز بويۇنلىرى ، قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلىگەن چاغدىكى تەبىئى بەدەن گۈزەللىكى سېلىمنىڭ دېققىتىنى چەككەن ئىدى .

سېلىم  رەنا بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ئىدى . ئەمما  ئۇ ، رەنادىن بىر سىنىپ يوقۇرى ئىدى . ئۇ، رەنادىكى بۇ جەڭگىۋارلىقنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئەمەس  .  12 – دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بولغان چاغدا سېلىم نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار توپى ئارىسىدا تۇرۇپ  رەناغا سەپ سالغان ئىدى . ئاپپاق لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا  رەنا، قارا يۇڭ بۆك- شارپا،  پەلەي، ئۇزۇن قارا ، ئىچى پەي پەلتۇ  كېيىۋالغان بولۇپ  ، دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ، ئانا ۋەتىنىمىزدە ئاتوم سىناقلىرى توختىتىلسۇن ، خىتاي ئاققۇنلىرى چىقىپ كەتسۇن – دەپ ، توختىماي شوئار توۋلىغان ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بولۇپ سابىق ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئەمەلدارلىرى – سوڭخەنلىئاڭ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن . ئۇلارغا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان تەكلىپ دوكلاتىنى سۇنغان ئىدى . سېلىمنىڭ نەزىرىدە رەنا ھاكاۋۇر، ئاقساقال بىر قىز ئىدى  . شۇنداق تۇيغۇدا بولغىنىغا قارىماي قانداقتۇر  بىر سېزىم ، بىر ئوت ئۇنى قىينىماقتا ئىدى .
شۇ كۈنكى ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، سېلىم ئۇيان ئۆرۈلۈپ ، بۇيان ئۆرۈلۈپ  زادىلا ئۇخلىيالمىدى.  : بو يوغانچىلىقىڭلارنى ئىچكىرىدىن سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىغا قىلىڭلار……….بۇ ئاۋاز سېلىمنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاش بىلەن بىرلىكتە  رەنا  ئۇنىڭ  كۆز ئالدىدا تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. نېمە دېگەن تەبىئى گۈزەللىك بۇ قىزدىكى .  ۋاي- ۋاي . ئۇ ئۆزى شۇنچىلىك گۈزەلمىدۇر  ۋە ياكى ئۇنىڭدىكى جەڭگىۋارلىق  ئۇنى گۈزەل  قىلىپ كۆرسەتتىمۇ؟ ئەجابا بۇرۇن نېمىشقا بۇ گۈزەللىكنى سەزمىدىم؟ كېيىۋالغىنى ئاددى بىر چىت كۆينەك ھە . شۇ كېچە بەلكىم  رەنا تاتلىق ئۇيقىغا غەرق بولغاندۇ.  ئەمما  ئۇنىڭ سىماسى سېلىمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرغان ئىدى . سېلىم قىزنى قايتا قايتا كۆز ئالدىغا كەلتۈردى . كېيىۋالغىنى ئاددى بىر چىت كۆينەك، ئاددى ھەممە قىزلارنىڭ كېيگىنىدىن ئاددى . قۇلىقىغا تاقىۋالغىنى ئاددى ئاق كۆزلۈك چىچەك ئالتۇن ھالقا . قىزنىڭ ئۇزۇن قول – پاچاقلىرى ۋە بويۇنلىرى ئاددى چىت كۆينىكىدىن كۆتۈرلۈپ تۇرغان كۆكسى….سېلىم ئورنىدىن تۇرۇپ توكنى ياقتى ۋە ھۆيلىغا چىقتى. – سېلىم ، ئوغلۇم نېمە بولدۇڭ ؟ نىمانداق ئۇخلاپ بولالمايسەن بالام . – ياندىكى ئۆيدىن سېلىمنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . –  مەن ئازراق ھاۋا ئالاي دەپ ھويلىغا چىققان  . سەن ئۇخلاۋەر ئاپا -دېدى  ئۇ ئاپىسىغا .
سېلىم شۇ كۈندىن ئېتىبارەن رەناغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى .  لېكىن بۇ ھاكاۋۇر قىزنى قانداق كەلتۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سېلىم ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن پىلان تۈزمەكتە ئىدى . يازلىق تەتىل تۈگەپ ئۈرۈمچىگە قايتىش ئالدىدا ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ، تۇيدۇرماستىن  رەنا بىلەن بىر ماشىنىنىڭ بېلىتىنى ئالدى . ماشىنا گۈزەل تەلكە تاغلىرىدىن قايرىلىپ، سايرام بويىغا كەلگەندە  ئارام ئېلىشقا توختىدى . يازلىق تەتىلدىن قايتقان ئوقۇغۇچى قىز- يىگىتلەر سايرام بويىدا بىر ئاز ئارام ئېلىش ئۈچۈن ماشىنىدىن چۈشۈشتى .  سېلىم بۇ چاغدا رەناغا ئالاھىدە يېقىنچىلىق كۆرسەتتى . – پاھ نېمە دېگەن گۈزەل مەنزىرە  بۇ ھە، كۆپكۆك ئاسمان ، كۆپ كۆك كۆل ، چاقناپ تۇرغان گۈل – گىياھلار ، ساپ ھاۋا . ئەسلىدە بۇ يەرلەر قوغدىلىشقا تېگىشلىك ،  ساياھەت رايۇنلىرى قىلىشقا تېگىشلىك جايلار . خۇدا بۇيرىسا كېلەچەكتە شۇنداق قىلىمىز. رەنا كۆز يەتكۈسىز سايرام كۆلىگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بېقىپ شۇنداق دېدى  . شۇنداق……………شۇنداق  سېلىم قىزغا جاۋاپ بېرىپ  بىرنەرسىلەرنى دېمەكچى بولدىيۇ ئەمما ئاغزى گەپكە قولاشماي قالدى .  ئەرلەر كۆپ ھاللاردا مودا قوغلاشقان ، گۈپۈلدەپ ئەتتىر پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان  ، پوزۇر ئاياللارغا قىزىقىدۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئورۇن بېرىدىغىنى ، قەلب تۆرىدىن ئۆزگىچە ئورۇن بېرىدىغىنى يەنىلا رەناغا ئوخشاش ئاياللار بولىدۇ. ئەرلەر ماھىيەتتە يۇۋاش – يۇمشاق ، ئوشۇق – تۆشۈك  گەپ قىلمايدىغان ، ئۆزىگە لەببەي دەپ تۇرىدىغان ئاياللارنى خالايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە تاللايدىغىنى  ئىسيانكار، چۇقان – سۈرەنچى ، ھەقىقەتچى ئاياللار بولىدۇ. بۇنداق ئاياللارنى ئەرلەر  ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەرلەرنى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغانلار مانا مۇشۇنداق چۇقان – سۈرەنچى ئاياللار بولىدۇ. ئۇ سېلىمنىڭ ياشلىق چاغلىرى ئىدى .ئۇنىڭ چاچلىرى ھازىر خۇددى تۇز بىلەن قارامۇشنى ئارلاشتۇرۇپ قويغاندەك  ئاستا-ئاستا رەڭگىنى ئۆزگەرتمەكتە ئىدى . سېلىم ئادەم بولۇپ ياشىغان ھايات مۇساپىسىدە، قايسۇ قازانلاردا قاينىمىدى دەيسىز؟ قايسۇ گۈزەل نازنىنلارنىڭ ئاپپاق كىرلىك تارتىلغان يوتقانلىرىغا شۇڭغىمىدى دەيسىز؟ ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەننىڭ ئېھتىياجى، يۈرەكنىڭ تەلپۈنىشى ئەمەس ئىدى . ئايالىنىڭ تۇيۇقسىز قوشاق قېتىپ يىغلاشتىن توختاپ قېلىشى سېلىمنىڭ شىرىن خىيالىنى بۆلىۋەتتى.

ئايال تۇيۇقسىز قوشاق قېتىپ يىغلاشتىن توختىدى ۋە بىر مىنۇت ئەتراپىدا جىمىپ كەتتى. سېلىم بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھىس قىلدى ۋە مېنىڭ چىۋىنغا ئايلىنىپ قالغىنىمنى بىلىپ قالغانمىدۇ – دەپ گۇمان قىلدى ئەمما ۋەزىيەت ئۇنداق ئەمەس ئىدى . ئايال ئالدىدىكى ئۈستەلنى قاتتىق بىر ئۇردى- دە ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى : مېنىڭ سېلىمىمنى سەنلەر ئۆلتۈرۈشتۈڭ …………سەن ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈشتۈڭ، كۈرەش كۆسەننىمۇ دېمىگەن گېپىڭ، چاپلىمىغان تۆھمىتىڭ قالماي ئۆلتۈرۈشكەن ئىدىڭ، مېنىڭ ئېرىمنىمۇ سەنلەر ئۆلتۈرۈشتۈڭ…..ئايال تولۇپ تاشقان غەزەپ  – نەپرەت بىلەن ۋاقىراپ سۆزلىمەكتە ئىدى . ئۇ  يۈگرەپ كېلىپ سورۇن ئىچىدە ئولتۇرغان ياش بىر ئايالنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى- دە ،  ئۇنى سۆرەپ ئوتتۇرغا چىقىرىپ  تىللاشقا باشلىدى : ۋۇي دەيۈز ! ۋەتەنگە سالامەت بېرىپ كەلدىڭمۇ؟ خىتاي ئاكاڭ ۋىزا بەرمىسىمۇ مېنىڭ سېلىمىمدىن كۆرگەن ئىدىڭ.  ئەمدى ساڭا توسقۇنلۇق قىلىدىغان سېلىمىم يوق . قېنى خىتاي كونسۇلىدىن دەخلى – تەرۇزسىز ۋىزا ئېلىپ باققىنىڭنى كۆرۈپ باقاي . – بۇ سورۇنغا توپلانغان ئۇيغۇرلار ھاي- ھاي ئۇنداق قىلماڭلار،  سېلىمنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ -دەپ ، بۇ ئىككى ئايالنى ئاجىرتىپ قويدى . سەمەت قارىمنىڭ خەتمە قۇرئان قىلىشى بىلەن سورۇن تىنجىشقا مەجبۇر بولدى. ئاخىرىدا ئامىن ، ئامىن – دېگەن ئۇنلۈك ئاۋازلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سېلىمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئۇزۇن دۇئالار قىلىندى .
ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان ئىدى . بايا سېلىمنىڭ ئايالى ياقىسىغا ئېسىلغان  ھېلىقى ئايالنىڭ ئىسمى يۇلتۇز بولۇپ، سېلىملەر بىلەن بىر  شەھەردە تۇراتتى . ئۆتكەن يىلى بۇ ئايال ۋەتەنگە بېرىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بىرقانچە قېتىم سۇنغان  ۋىزا ئىلتىماسى  رەت قىلىنىپ كەتتى . كېيىن ئايال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمىنىڭ جەمىيەت تور بېتىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، خىتاينىڭ ۋىزا بەرمىگەنلىكىدىكى سەۋەپنى بۇ ئىشتىن كۆردى. بۇندىن بۇرۇن بۇ  خانىم 6-7 ئۇيغۇر بالىلارنى يىغىپ ئۆز ئۆيىدە ئۇيغۇر بالىلار يەسلىسى ئاچقان ئىدى. كېيىن نېمىشقىدۇر  ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى بۇ يەسلىگە ئەكىلىپ بەرمەيدىغان بولدى . بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ يەسلىدىكى بالىلار رەسىمىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتى تور بېتىگە قويۇلغانلىقىدىن بولدى – دەپ ، قارىغان ۋە سېلىملەرنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ  كېلىپ ، جېدەل چىقارغان ئىدى .
– ئالو ، قانداق ئەھۋالىڭلار؟  مۇشۇ سېلىم ئۆلۈپ كەتكەنتى ، شۇڭا سىلەرگە خەۋەر قىلىپ قوياي دېگەنتىم .ھازىر   نەزىرسىگە قاتنىشىۋاتىمىز . تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار!
– قايسۇ سېلىم ؟ – قارشى تەرەپتىن سوئال سورالدى.
ئاۋۇ ھېلىقى سېلىم جوداچۇ ، سېلىم قانمۇ – دەپ قويىدۇ ئۇنى.
– ھەئە،  بىز . ئۇنى سۆزلەپ قېلىپ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپتۇ-  دەپ ئاڭلىغانتۇق .
ھەئە شۇنداق . ساقچىلار ئۇنى ئۆلدى-  دەپ قارار چىقىرىپتۇ. بىچارە كاللىسىدىن كېتىپ قاپتىكەن ئەمەسما . يېرىم كېچىدە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ،  ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن يوقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ساقچىلار جەسىدىنىمۇ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرەلمەپتۇ.
يوغان قوساق ۋە دىقماق كەلگەن بۇ ئادەم يىراقتىن قارىسا خۇددى قوسقىغا بىر خالتا گۈرۈچنى تېڭىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ  تېلىفۇننى قويۇپ كۆپچىلىككە قاراپ، تۈركىيەدىكى مۇئاۋىن باشقاننىڭ سالامى بار ھەممىڭلارغا – دېدى-دە ئاندىن يەنە قول تېلىفۇنىنىڭ نومۇرلىرىنى بېسىشقا باشلىدى  . بۇ كىشى سېلىم تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئوۋچى ئەخمەت ئىدى .
سېلىم چىۋىن ھېچقانداق توسالغۇسىز ھالەتتە گاھ ئۇچۇپ ،  گاھ كىشىلەرنىڭ چاپانلىرىنىڭ پەشلىرىگە قونۇپ ئادەملەرنى بەھوزۇر كۈزەتمەكتە ئىدى . تۇيۇقسىز توختا – توختا ،  بۇ يەرگە بىر قارا چىۋىن كىرىۋاپتۇ –  دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر قانچە كىشى، لۆڭگە ۋە ياغلىقلار بىلەن سېلىم چىۋىننىڭ باش-  كۆزلىرىگە ساۋاشقا باشلىدى . ھەي گۇيلار ، ئادەملىكىمدىمۇ ياشىغىلى قويۇشمىغانتىڭ . ئەمدى چىۋىنگە ئايلىنىپ كەتسەممۇ سەن خەقتىن قۇتۇلالمامدىمەن ئەمدى – دەپ ، بولىشىغا ۋاقىردى سېلىم چىۋىن . بىراق  ئادەملەر ئۇنىڭ بۇ ۋاقىراشلىرىنى ئەسلا ئاڭلىيالمايتتى . سېلىم چىۋىننىڭ بېشى قايغاندەك بولدى- دە،  يەرگە يىقىلدى .
( داۋامى بار )