د ئۇ ق نىڭ توكىيودا چاقىرىلىدىغان ۋەكىللەر يىغىنى توغرىسىدا

مىيونخىن شەھرىدە  د ئۇ ق دائىمى كومىتېت  يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 15– كۈنى يىغىندىن كېيىن مىيونخىندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا قۇرۇلتاينىڭ نۆۋەتتىكى قارارلىرىنى قىسقىچە ئاڭلىتىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرستان خەلق پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ۋە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەتقىقاتچى قەھرىمان غوجامبەردى، د ئۇ ق نىڭ باشقا مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيت مۇھەممەدجان تۈمتۈرك، ئەسقەرجان، باش تەپتىش نۇرمەمەت مۇساباي، باشكاتىپ دۇلقۇن ئەيسا، د ئۇ ق دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېت رەئىسى تۇرغۇنجان ھاجىم، سابىق خەلقئارا شەرقى تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان) مىللى قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، ئۇيغۇر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن رەئىس ئۈمۈت ئاگاھى ۋە تۇرسۇن مۇھەممەت، پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىلەر  ئايرىم، ئايرىم ھالدا د ئۇ ق نىڭ بۇ يىل 14- مايدىن 20 – مايغىچە توكىيودا چاقىرىلىدىغان ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى يىغىنىنىڭ خىتايغا  ئەڭ چوڭ سىياسى زەربە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ 20 يىللىق تارىخى ئۈستىدە بىر قەدەر تەپسىلى توختۇلۇپ، قۇرۇلتاي ھەر تۈرلۈك تاشقى زەربىگە ۋە ئىچكى توسقۇنلۇقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى جەھەتتە خەلقئارالىشىشقا ئۇل سالغانلىقى، ئىچكى جەھەتتە مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ رابىيە قادىر دەۋرىگە يېتىپ كەلگەنلىكى، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر دەۋاسىنى، شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۈمۈت ئاگاھى، تۇرسۇن مۇھەممەت ۋە نۇرمەمەت روزاخۇنلارمۇ  كۆز- قاراشلىرىنى بايان قىلىشتى.
پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى قۇرۇلتاي يىغىنىنىڭ توكىيودا چاقىرىلىشىنىڭ سىياسى قىممىتى ۋە ئەھمىيەتلىرى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق سودا مۇناسىۋەتلىرى خەلقىمىزنىڭ ياپونىيەدىن كۈتكەن ئۈمۈتلىرىنى سۇسلاشتۇرغان ئىدى. د ئۇ ق نىڭ ئالدىمىزدىكى توكىيودا چاقىرىلىدىغان يىغىنى خەلقىمىزگە زور ئۈمۈت بېغىشلىغۇسى. شۇنداقلا  پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز- قۇلاقلىرى خىتاي _ ياپون مەسىلىسىدە بولىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە توكىيودا چاقىرىلىدىغان يىغىنىمىز سەۋەپلىك  شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ سىياسى نوپۇزى يەنە بىر پەللە يوقۇرى كۆتۈرىلىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرى ئېغىر زەربە يەيدۇ. شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ سىتراتېگىيەلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ بىر ئۇسۇلى نۆۋەتتىكى يىغىنىمىزدۇر. شۇڭا  ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىننى قەتئى چاقىرىشىمىز لازىم.
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …