ئۆز- ئارا دېئالوگ

مۇشۇ ئاينىڭ 14 – كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ، د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى، ئەنقەرەدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سېيت مۇھەممەدجان تۈمتۈرك، گېرمانىيەدىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكىدىكى باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەت مۇساباي ۋە باشكاتىپ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق رەھبەرلەر باشچىلىقىدا مىيونخىن شەھرىدە جىددى يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ۋە مۇھاجىر قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مەسىلىلەر، شۇنىڭدەك د ئۇ ق بىلەن ئامما ئارىسىدىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 21 دىن باشلاپ كېچە يېرىمىغىچە « ئاتلاس سىتىي » مېھمان خانىسىنىڭ سۆھبەت زالىدا يىغىن كۈنتەرتىپلىرىنىڭ ئاساسلىق بىرى بولغان « تور بەتلەردىكى مەسىلىلەر » نى ھەل قىلىش بويىچە قەھرىمان غوجامبەردى، سېيت مۇھەممەدجان تۈمتۈرك، ئەسقەرجان، نۇرمەمەت مۇساباي، دولقۇن ئەيسا، ئوسمانجان تۇرسۇن، ئابدۇرەھىمجان، ئالىمجان مەمەت قاتارلىق كىشىلەر جىددى سۆھبەت ئېلىپ باردى. مەنىۋى ئانىمىز رابىيە قادىر خانىم، ئۈمۈت ئاگاھى، نۇرمەمەت روزاخۇن، يۈسۈپ جان ۋە قۇدرەت زاكىرجان قاتارلىق بىر گۇرۇپ ئايرىم ئۈستەلدە باشقا مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
كېيىنكى ھەپتىلەردە « ئازاتلىق » تورىدا يورۇق كۆرىۋاتقان پىكىر، تەكلىپلەر، شۇنىڭدەك كىشىلەرنى رەنجىتىدىغان يازمىلار توغرىسىدا مۇئاۋىن رەئىس سېيت مۇھەممەد جان تۈمتۈرك ئەپەندى ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ۋە قىممەتلىك پىكرلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: _ رەھبىرىمىز رابىيە قادىرخانىم باشچىلىقىدا د ئۇ ق قولغا كەلتۈرىۋاتقان نەتىجىلەردىن دۈشمىنىمىز خىتاي ھېچقاچان غەپلەتتە قالمايدۇ. بىز ھەر قېتىم بىر ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرسەك، دۈشمەن مىڭلارچە ھىلە – مىكىر، تەدبىر چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ يولىمىزنى توسۇشقا، خەلقنى بىزدىن ئايرىپ يېتىم قالدۇرۇشقا كۇچ سەرپ قىلىدۇ. بۇنى بىز تۇرماق ئەڭ ئاددى ساۋات كىشىلىرىمىزمۇ تونۇپ يەتكەن يەردە. بىزگە _ يەنى د ئۇ ق غا ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋە شۇنداقلا د ئۇ ق دىكى رەھبەرلەرگە بەزەن تور بەتلەردە ئزچىل ھاقارەت ياغدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىزمۇ ئۇلارغا كىرىشىپ رەددىيە، جاۋاپ قايتۇرۇشقا باشلىساق، مانا بۇ دەل چوڭ دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدۇر. خىتاي بىزگە قارشى غالچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۆھمەت چاپلىتىپ، ھاقارەتلىتىپ بىزنى، زېھنىمىزنى، ۋاقتىمىزنى، كۇچىمىزنى ئۇپراتماقچى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتۈنىمىزكى، د ئۇ ق نى ۋە رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان « ئازاتلىق » تورىدا مەيلى قانداق مەقسەتتە بولىشىدىن قەتئى نەزەر د ئۇ ق گە ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە كۆلگە چۈشۈرىدىغان يازمىلارنىڭ ئەسلا كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى. بىز باشقا تور ئىگىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۇق، يەنە كۆرۈشىمىز. ئەمما نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشى تېخى ئايدىڭ ئەمەس. بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز « ئازاتلىق » تورىنىڭ ئەڭ ساغلام، مىللەتكە پايدىلىق، دەۋاغا پايدىلىق رەۋشتە داۋاملىشىشىدۇر!
مۇئاۋىن رەئىس سېيت مۇھەممەدجان تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ تەپكلىپ، تەلەپلىرى « ئازاتلىق » تورىغا نىسبەتەن ئەسلىدىنلا نوقتىلىق ۋە پىرىنسىپلىق مەسىلە بولغاچقا تامامەن قوللاپ قۇۋەتلىنىش بىلەن بىرگە كېيىنكى ئۈچ ھەپتىگە يېقىن مەزگىللەردە تورنىڭ ئاممىغا تولۇق ئېچىۋېتىلىشىدىكى مەقسەت قانداقتۇر بەزەنلەرنىڭ گۇمانىدەك « ئازاتلىق تورىنىڭ د ئۇ ق غا قارشى مەيدانى » بولماستىن دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئەينىكىدە كۆرۈشى، كىملەرگە خەلقىمىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە كىملەرنىڭ قانداق ئوبرازغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونىشى، د ئۇ ق نى قايسى شەكىلدە، كىملەر بىلەن قوغداش كېرەك ئىكەنلىكىى… قاتارلىق مۇھىم ۋە جىددى مەسىلىگە دېققەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئىزاھلاندى. شۇنداقلا ئازاتلىق تورىدا يورۇق كۆرگەن تەلەپ پىكىرلەردىن سىرت « د ئۇ ق » نى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى قوپاللىق بىلەن ئەيىپلىگەن، شۇنىڭدەك بەزەن شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ پاش قىلغان، ياكى گۇمانى پەرەزلەر بايان قىلىنغان يازمىلارنىڭ ئانچە بەك كېچىكتۈرۈلمەستىن ئۆچۈرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقى تەكلىتلەندى.
مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجانننىڭ گېرمانىيە ئۇيغۇر مەكتىپى توغرىسىدىكى تەلەپ ۋە كۆز قاراشلىرىغا ئابدۇرەھىمجان قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: مەكتەپنىڭ قۇرۇلتاي ئىشخانىسىدا بولمىغانلىقى ھەرگىزمۇ جامائەتنىڭ تەشكىلى ۋە كوللېكتىپ جەھەتتىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمسەتمەسلىكى كېرەك. بۇ مەكەتپ دەسلىۋىدە سىناق شەكىلدە ئېچىلغان بولۇپ ھازىرغىچە شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇنىمۇ چۈشۈنۈش كېرەككى، بىز خەلقىمىزنىڭ ھەممىسىنى پەقەتلا قۇرۇلتاي ئىشخانىسىغا توپلاشقا چارەسىز. بەزەنلەر بەزەن رەھبەرلەرنى ياقتۇرمىغانلىقتىن بالىلىرىنى قۇرۇلتاي ئىشخانىسىدا ئېچىلغان مەكتەپكە بەرمەيدىغانلىقى، بەزەنلەر پەقەتلا تەشكىلاتتىن يىراق تۇرۇش مەقسىتىدە ۋە بەزەنلەر ۋەتەنگە بېرىش يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بالىلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقى ، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان پەرزەنتلەر ئۇيغۇرلۇقتىن ۋە دىنى ئەقىدىدىن خالى چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى يىللاردىن بېرى دېققىتىمىزدە بولۇپ كەلگەن. گېرمانىيە ئۇيغۇر مەكتىپى يوقۇرقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، كەڭ جامائەتچىلىك نامىغا كۆپچۈلۈكنىڭ ئورتاق قوللىشى بىلەن تەسىس قىلىندى. ئەگەر قۇرۇلتاي ئىشخانىسىدا يەنە بىر مەكتەپ ئېچىلسا ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان پەرزەنتلەرنىڭ تەلىم، تەربىيە ئىشلىرى ھەل قىلىنغان بولىدۇ. ئىككى مەكەپنىڭ دەرسلىكلىرى بىر تۇتاش تەييارلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار بىر تۇتاش تەشكىللىنىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇلسا ھەممىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدۇ.
ئەسقەرجاننىڭ ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى، كىملەر تەرىپىدىن ۋە قاچان قۇرۇلغانلىقى، خىزمەت دائىرىسى توغرىسىدىكى كۆز- قاراشلىرىغا تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنى تولۇق قايىل قىلدى. مۇئاۋىن رەئىس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ۋە باش تەپتىش نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەرمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتى.
سۆھبەت ئاخىرىدىكى خۇلاسدە قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەر كۆپچۈلۈككە ۋاكالىتەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن نورمال ئىكەنلىكى، مۇرەسسە قىلغۇدەك ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز – ئارا تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنۇتۇش، كۇچنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ خىتايغا ۋە خىتاينىڭ قول، چوماقچىلىرىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا تەۋسىيەدە بولۇشتى.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …