ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھىجرەت سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013-09-24

يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدا چەتئەللەرگە، خۇسۇسەن ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش چاقىرىقى ئەۋجىگە چىقماقتا. ھالبۇكى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئافغانىستان ياكى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھېچبىر جامائەت ياكى ھېچبىر تەشكىلات ئۆزلىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغانلارنى قوغداپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان شارائىتقا ئىگە ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم.

سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس تور بېكىتى sjrt.org دا، «ھىجرەت» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
-ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە دەۋەت نۇقتىسى بولۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى مىللىتىم، دىنىم دەپ جان كۆيدۈرىدىغان، بىلىمى ياكى پۇلى بىلەن خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەن. مۇنداق كىشىلەرنىڭ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىپ، ئاندىن ئۇجايلاردا بىر كىشىلىك جېنىنى قوغداشنىڭ ھەلەكچىكىدە تۈگىشىپ كېتىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يوقىتىش ۋە زىياندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھىجرەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمەي بىرەر سىياسىي ئويۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى ئېھتىمال ئىكەن.

ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھىجرەت توغرىلىق ئېيتقانلىرى

ئىسلام ئۆلىمالىرىغا كۆرە، ھىجرەت-دىنىي مەقسەت بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلىش دېگەنلىكتۇر. ئىسلام تارىخىدا ھىجرەت ئىككى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بىرى، ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەككىدىكى باشلىنىش دەۋرى، يەنەر بىرى مەككە ئازاد بولغاندىن كېيىنكى دەۋرىدۇر.

1. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا مەككىدىكى بۇتپەرەس ئەرەبلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانكەشلىكلىرى سەۋەبلىك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئاۋۋال ھەبەشىستانغا، ئاندىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى پەرز بولۇپ بەلگىلەنگەن. ھەتتا ھىجرەتتىن ئايرىلىپ قېلىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە بىرلىكتە بۇ تۇنجى دۆلەتنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىش، كۈچ-قۇدرىتىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىسلامغا قارشى كۈچلەر ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىسلام دەۋىتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىش يولىدا قۇدرەت تېپىشقا زور ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى قاتتىق تەشەببۇس قىلىنغان، ھەتتا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ ھىجرەتنى تەرك ئەتكۈچىلەردىن دوستلۇقنى ۋە ئىسلامىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئۈزۈش ھەققىدە ئايەتلەر چۈشكەن. ھەتتا شۇ ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆز ‏-ئارا ئىگە بولۇش بولمايدۇ» دەپ ئايەت چۈشكەن.

2. ئىسلام دىنى كۈچلىنىپ، مۇسۇلمانلار قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھىجرەتنىڭ ھۆكۈمى ئۆزگەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتا «مەككە ئازاد بولغاندىن كېيىن ھىجرەت يوق، پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە نىيەتلا قالدى» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى جاكارلىدى. «ھىجرەتنىڭ ۋاقتى تۈگىدى، ئەمدى جىھاد بىلەن نىيەت قالدى» دېگەن ھەدىسنى ئۆلىمالار مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ۋاقتى تۈگىدى، ئەمما كۇفرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلىش تا قىيامەتكىچە باقىيدۇر، دەپ شەرھلەيدۇ.

كۇفرى يۇرتى ۋە ئىسلام يۇرتى

ئۆلىمالار يەنە كۇفرى يۇرتى بىلەن ئىسلام يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كۇفرى يۇرتى-ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانلىقى كۇففارلاردىن بولۇپ، مۇتلەق كۇففارلارنىڭ ھاكىمىيىتى يۈرگۈزىلىدىغان دۆلەت. ئەمما ئىسلام يۇرتى-كۆپ سانلىقى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، ئىسلام ئەھكاملىرى كۆپرەك يۈرگۈزىلىدىغان ياكى ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتى بولۇپ، كاپىرلار بېسىۋالغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىگەن دۆلەتتۇر».

ھازىرقى زاماندا ھىجرەتنىڭ ھۆكۈمى

ئۆلىمالارغا كۆرە، كۇفرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغداش يۈزىسىدىن ھىجرەت قىلىشنىڭ ھۆكۈمى بەزىدە پەرز، بەزى ئىختىيارىي بولىدۇ.

1. كۇفرى يۇرتىدا دىنىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايدىغان ۋە زورلۇق بىلەن دىندىن ياندۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغان ئادەم ئۈچۈن كۇفرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلىش پەرزدۇر.

2. دىنىنى ئاشكارا قىلالايدىغان، ئىبادەتلىرىنى ئورۇندىيالايدىغان، ئۆزىنىڭ ئامانلىقى كاپالەتكە ئېلىنغان ئادەمنىڭ كۇفرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلىشى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.

قايىسىبىر دۆلەتتە ۋە قايسىبىر ۋاقىتتا ھىجرەت قىلىشقا زۆرۈرىيەت تېپىلسا، ھىجرەت قىلىشنىڭ يولى ئوچۇق، ھۆكۈمى باقىيدۇر. چۈنكى ئەقىدىنى مۇھاپىزەت قىلىش دىنىمىزدا جان تىكىپ قوغداشقا تېگىشلىك 5 چوڭ قىممەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسىدۇر. بۇ بەش چوڭ قىممەت: دىن، ئەقىل، جان، نومۇس ۋە مال-مۈلۈكتۇر.

ھىجرەت قىلغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان جاي بولۇشى شەرت

ئەمما ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىدىغان جاينىڭ ئۇنىڭغا ھىجرەت قىلىپ كەلگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى بىلەن مال-مۈلكىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت قىلىشى شەرت. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى بىرىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغىنىدا، ئۇلارنى «ھەبەشىستانغا بېرىڭلار، چۈنكى ئۇ جايدا يېنىغا بارغانلار ھەقسىزلىككە ئۇچرىمايدىغان بىر پادىشاھ بار» دەپ بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارقىلىق ئۇجايغا ھىجرەت قىلىپ بارغانلارنىڭ ھەقسىزلىككە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ۋە جېنى بىلەن مال-مۈلكىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەن. ئەگەر پەيغەمبىرىمىزدە بۇ ئىشەنچ بولمىسا ئىدى، ساھابىلىرىنى ئۇجايغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇمىغان بولار ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى مەدىنىلىك ئەنسارلاردىن كاپالەت ئالغان ۋە ئۇلارغا: «سىلەر مېنى ئۆزەڭلارنى قوغدىغاندەك قوغداشقا، مېنىڭ ئائىلەمنى ئۆز ئائىلەڭلارنى قوغدىغاندەك قوغداشقا ۋەدە بېرەلەمسىلەر؟»دېگەن. ئەنسارلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى خۇددى ئۆزلىرىنى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى قوغدىغاندەك قوغدايدىغانلىقىغا چىن ۋەدە بېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان.

دېمەك، ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىپ بارىدىغان جايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇھاجىرلارنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت قىلىشى شەرت. مۇنداق بولمىغاندا، ھىجرەت قىلىشنىڭ شەرتى ھازىرلانمىغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھىجرەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئاتقان بولىدۇ.

https://encrypted-tbn3.gstatic.com/images?q=tbn:ANd9GcSQp4blxlZZ5iZ5MpR2sCU7odnykJbjW3xu6SFJCKxJG-cL40WOHg

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/uyghur-weziyiti-09242013170137.html