تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر(7)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-08-17
kuresh-kusen-shiwetsiye-305.png

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن شىۋېتسىيەدە (2005 – يىلى)

RFA/Qutlan

كۈرەش كۆسەن تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمىكى ئىككىنچى قېتىم تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى بويلاپ ھەرقايسى شەھەر – يېزىلاردا ئويۇن قويىدۇ. ئۇلار ئىلى ۋادىسىغا قەدەم قويۇپ، غۇلجا ناھىيىسىدە ئويۇن قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىدۇ.

غۇلجا ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى كۈرەش كۆسەننى ئىزدەپ كېلىپ ئويۇن قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشكەنلىكىنى، كۈرەش كۆسەن تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئويۇن قويۇشى چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئامالسىز قالغان كۈرەش كۆسەن سەنئەت ئۆمىكىنى باشلاپ ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ئايرىلىپ، بورتالا، جىڭ، شىخۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئويۇن قويىدۇ. بولۇپمۇ بورتالا شەھىرىدىكى مەركىزىي كۇلۇبتا قويۇلغان ئويۇن ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، كۈرەش كۆسەن ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. كۈچلۈك مىللىي ھېسسىيات بىلەن ئوقۇلغان بۇ شېئىر كۇلۇب ئىچىنىلا ئەمەس، بەلكى بورتالا شەھەر مەركىزىنىمۇ لەرزىگە سالىدۇ. چەكسىز ھاياجانغا چۆمگەن تاماشىبىنلار ئۇزاققىچە ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان «ئىمپۇلس» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان سۈرىتى
مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان «ئىمپۇلس» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان سۈرىتى

مۇنەۋۋەر خانىم شۇ قېتىملىق ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە ئاتۇش ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا ئاجايىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. كۈرەش كۆسەن مىللىي ۋىجدانغا ئىگە بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتەن تۇپرىقىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆز خەلقىگە يالقۇنلۇق ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ…

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى بارغانسېرى ئارتىپ ماڭىدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ قايتا ئۆمەك تەشكىللىشى ياكى كوللېكتىپ سورۇنلاردا ناخشا ئېيتىشى چەكلىنىدۇ. تۇرمۇش بېسىمى سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ياش كۈرەش كۆسەننىڭ يەلكىسىدىن باسىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ سەنئەت ئىجادىيىتى ئۈچۈن مەلۇم ئىقتىسادىي ئىمكانىيەت يارىتىش مەقسىتىدە ئۇ سوپۇن ئىشلەش كارخانىسى قۇرماقچى بولىدۇ. ئىچكى خىتايدىن سوپۇن ئىشلەش ماشىنىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خۇنەن ئۆلكىسىگە بارغان كۈرەش كۆسەن چاڭشادا بۇلاڭچىغا ئۇچراپ ھەممە دەسمايىسىدىن ئايرىلىدۇ. قەرز ئېلىپ سوپۇن ئىشلەش كارخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن سۈپەت تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئالالمىغانلىقتىن سوپۇن مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالالماي ئېغىر زىيان تارتىدۇ.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن 1991-يىلى كۇچانىڭ خانىقاتام كەنتىدە
مەرھۇم كۈرەش كۆسەن 1991-يىلى كۇچانىڭ خانىقاتام كەنتىدە

ئۈرۈمچىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىش ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن كېلىۋاتقان شەكىلسىز بېسىم كۈرەش كۆسەننىڭ ياشاش ۋە سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىش مۇمكىنچىلىكلىرىنى بارغانسېرى تارايتىپ بارىدۇ. 1990 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردىن تىجارەت ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى يۈز بېرىدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ كۆز ئالدىدا ھەرۋاقىت تەقىب قىلىنىش ياكى ئىز – دېرەكسىز ھالدا قامىلىش خەۋپى ئەگىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمۇ بۇ خىل بېسىم ئىچىدە يۈرەكئالدى بولىدۇ. قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ قالغان كۈرەش كۆسەن ياكى ۋەتەندە تۇرۇپ خەۋپ – خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ياشاش ياكى چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ مۇھاجىرەتتە ياشاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللاش ئالدىدا ئازابلىنىدۇ.
http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/teklimakan-08172013231516.html
(داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (5)

  پوۋست: ئاپتورى: سەھەر تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك …

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس ‏مەن …