تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر(8)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-08-24
kuresh-kosen-shiwetsiye-gezit-305.png

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ھەققىدە شىۋېتسىيە گېزىتلىرىدە چىققان ماقالىلەر (2004-يىل)

RFA/Qutlan

1995 – يىلىدىن باشلاپ كوللېكتىپ سورۇنلاردا ناخشا ئېيتىشى چەكلەنگەن كۈرەش كۆسەن ۋەتەندىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن ئىجادىيەت ئېلىپ بارالماسلىق ھەمدە ئۆز خەلقىنىڭ قۇچىقىدىن سۈنئىي رەۋىشتە ئايرىپ تاشلىنىش ئازابى ئۇنى تىنىمسىز قىينايدۇ.

كۈرەش كۆسەننىڭ ئاىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە قالىدۇ. ۋەتەندە داۋاملىق بېسىم ئىچىدە ياشاپ ئىجادىيەتتىن مەھرۇم بولۇش ياكى چەتئەللەرگە سەپەر قىلىپ ئەركىن دۇنيادا ئۆزىنىڭ پىكىر ھۈررىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللاش ئارىسىدا ئۇزاققىچە قىينىلىدۇ.

شۇ مەزگىلدە كۈرەش كۆسەننىڭ ناخشا ئىجادىيىتى ۋە كىشىلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىگە ياردەم قىلىدۇ. ساقچى ئورۇنلىرىغا كۆپ مىقداردا پۇل خەجلەش ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خالىس ياردىمى بىلەن ئاخىرى مەخپىي تۈردە پاسپورت ئالىدۇ. ئەمما كۈرەش كۆسەننىڭ پاسپورت ئېلىشى خىتاي ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ قويىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا ئۇنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ساقچىخانا تۇتۇپ كېتىدۇ. بىرقانچە كۈنلەرگىچە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان ئاتا – ئانىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشىدۇ.

بىرقانچە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن كۈرەش كۆسەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاخىرى ئۇنىڭ ساقچىخانىغا قامالغانلىقىنى ئۇقىدۇ. سىڭلىسى مۇنەۋۋەر بىر تۇغقىنى بىلەن سايباغ رايونلۇق ساقچىخانىغا بارغاندا ئاكىسىنىڭ بىر سوراق بۆلۈمىدە قولى ئارقىسىدىن باغلىنىپ تورۇسقا ئېسىلغان ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. كۆپ مىقداردا پۇل تۆلەش ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ مال – مۈلكى بىلەن كاپالەت بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنى 10 كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقىدۇ.

بۇ ئىش كۈرەش كۆسەننى كەسكىن قارار بېرىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئۆز خەلقىنىڭ تۇپرىقى ھەم ئۆز خەلقىنىڭ قوينىدا تۇرۇپمۇ ئەركىن ھايات كەچۈرۈش ھەمدە ئەركىن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. كەچ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى دەل – دەرەخلەرنىڭ سارغايغان ياپراقلىرىنى ئۇچۇرۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ جىمجىتلا ۋەتەن تۇپرىقىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى بىلەنمۇ خوشلىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا يات ئەللەرگە قىلغان بۇ سەپىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئاجايىپ زور تەۋەككۈلچىلىك ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ پېتى ۋەتەندىن مەڭگۈگە ئايرىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن نورۋېگىيەدە، 2003-يىل، RFA/قۇتلان
مەرھۇم كۈرەش كۆسەن نورۋېگىيەدە، 2003-يىل، RFA/قۇتلان

كۈرەش كۆسەن باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بېيجىڭ ئارقىلىق جىمجىتلا سەپەر قىلىدۇ. ئۇنىڭ قايسى ئەلگە قانداق يوللار بىلەن كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىلىرىمۇ خەۋەرسىز ئىدى. كۈرەش كۆسەن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا جەمئىيەتتە ئۇنىڭ چەتئەلگە قېچىش سەپىرىدە بېيجىڭدا تۇتۇلغانلىقى، ھەتتا مەڭگۈلۈك قاماققا كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىدۇ. قورقۇنچ ۋە دەككە – دۈككىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈرەش كۆسەننىڭ ئاتا – ئانا ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى ئاخىرى بىر قۇياشلىق بىر سەھەردە تۇيۇقسىزلا يىراقتىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالىدۇ. تېلېفون تۇرۇپكىسىدىن ئالدى بىلەن كۈرەش كۆسەننىڭ تونۇش ئاۋازى ئاندىن مۇڭلۇق ئەرزان ئاۋازى ياڭرايدۇ.

بۇ يىراقتىكى تۈركىيەدىن، مۇڭلۇق ئەرزان ئاۋازى ياڭراپ تۇرغان ئىستانبۇلدىن كەلگەن تېلېفون ئىدى… بۇ ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەننى تەرك ئەتكەن، ئەركىنلىك ئۈچۈن يات ئەللەرگە سەپەر قىلغان كۈرەش كۆسەننىڭ ئاۋازى ئىدى!…

كۈرەش كۆسەننىڭ ساق – سالامەت ھالدا دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدىكى ئەركىن دۇنيادا تۇرغانلىقىنى بىلگەن ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى خۇشاللىقىدىن يىغلىشىپ كېتىدۇ.
http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/kuresh-kosen-08242013225845.html
(داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (5)

  پوۋست: ئاپتورى: سەھەر تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك …

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس ‏مەن …